ھاياتنىڭ مەنىسى
خاكسلېينىڭ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان دۇنياسى بەختنى ھۇزۇرغا تەڭ دەپ قارايدىغان بىئولوگىيەلىك پەرەزگە ئاساسلانغان. بەختلىك بولۇش پەقەت يېقىملىق جىسمانىي سېزىملەرنى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ بىئوخىمىيەمىز بۇ سېزىملەرنىڭ مىقدارى ۋە داۋاملىشىش ۋاقتىنى چەكلىگەچكە، كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى دەرىجىلىك بەختنى ھېس قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۇلارنىڭ بىئوخىمىيەلىك سىستېمىسىنى كونترول قىلىشتۇر.
ئەمما بەختنىڭ بۇ خىل ئېنىقلىمىسىغا بەزى ئالىملار قارشى پىكىردە. نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى دانىيېل كاھنېمان ئېلىپ بارغان مەشھۇر تەتقىقاتتا، كىشىلەردىن نورمال بىر خىزمەت كۈنىنى ئەسلەپ، ھەر بىر ۋەقەنى باھالاپ، قايسى پەيتلەردە ھۇزۇرلانغان ياكى ياقتۇرمىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشنى سورىغان. ئۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ھاياتقا بولغان قارىشىدا پارادوكس بارلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، بالا تەربىيىلەشنى ئېلىپ كۆرەيلى. كاھنېمان خۇشاللىق ۋە جاپالىق پەيتلەرنى سانىغاندا، بالا چوڭ قىلىش ناھايىتى يېقىمسىز ئىش بولۇپ چىققان. بۇ ئاساسەن زاكا ئالماشتۇرۇش، قاچا-قۇچا يۇيۇش ۋە بالىنىڭ مىجەزى يوق چاغدا ئۇنىڭغا قاراشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ. شۇنداقتىمۇ كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق بەخت مەنبەسى دەپ جاكارلايدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ؟
بۇ بىر ئېھتىماللىق. يەنە بىر ئېھتىماللىق، بۇ بايقاشلار بەختنىڭ پەقەت كۆڭۈللۈك ۋاقىتلارنىڭ كۆڭۈلسىز ۋاقىتلاردىن كۆپ بولۇشىلا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە، بەخت دېگىنىمىز بىراۋنىڭ ئۆز ھاياتىنى مەنىلىك ۋە قىممەتلىك دەپ قارىشىدىن ئىبارەت. بەختتە مۇھىم تونۇش ۋە ئەخلاقىي ئامىللار بار. قىممەت قاراشلىرىمىز ئۆزىمىزگە «كىچىك دىكتاتورغا قۇل بولغان بىچارە» ياكى «يېڭى ھاياتنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن پەرۋىش قىلغۇچى» دەپ باھا بېرىشىمىزگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. نىتشې ئېيتقاندەك، ئەگەر سىزدە ياشاشنىڭ سەۋەبى بولسا، ھەر قانداق قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيسىز. مەنىلىك ياشاۋاتقان ئادەم قىيىنچىلىق ئىچىدىمۇ قانائەت تاپالايدۇ، مەنىسىز ياشاۋاتقان ئادەم ھەر قانچە راھەت كۆرسىمۇ خۇشاللىق تاپالمايدۇ.
بارلىق مەدەنىيەت ۋە دەۋرلەردىكى كىشىلەر ئوخشاش تىپتىكى ھۇزۇر ۋە ئازابلارنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ھايات تەجرىبىلىرىگە بەرگەن باھاسى پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا، بەختنىڭ تارىخى بىئولوگلار تەسەۋۋۇر قىلغاندىن كۆپ مۇرەككەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خۇلاسە زامانىۋىلىقنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ. ھاياتنى مىنۇت بويىچە باھالىغاندا، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى جەزمەن قىيىن ئىدى. بىراق، ئۇلار ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىش ۋەدىسىگە ئىشەنگەچكە، ئاخىرەتتە تولۇق ۋە مەنىسىز يوقىلىشنى كۈتىدىغان زامانىۋى دىنسىز كىشىلەرگە قارىغاندا ئۆز ھاياتىنى تېخىمۇ مەنىلىك ۋە قىممەتلىك دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. «سىز ھاياتىڭىزدىن ئومۇمەن رازىمۇ؟» دېگەن سوئالغا، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كىشىلەر مەنىۋى تۇرمۇشىغا دائىر بەرگەن جاۋابىدا يۇقىرى نومۇر ئالغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەجدادلىرىمىز ئاخىرەت ھەققىدىكى كوللېكتىپ خام خىياللاردىن ھاياتنىڭ مەنىسىنى تاپقانلىقى ئۈچۈن بەختلىكمىدى؟ شۇنداق. ھېچكىم ئۇلارنىڭ خىياللىرىنى بۇزمىغان بولسا، نېمىشقا بولمىسۇن؟ پەن نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىنسان ھاياتىنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق. ئىنسانلار مەقسەتسىز ۋە نىشانسىز ئىشلەيدىغان قارىغۇلارچە تەرەققىيات جەريانىنىڭ نەتىجىسى. بىزنىڭ ھەرىكەتلىرىمىز قانداقتۇر ئىلاھىي كائىنات پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، ئەگەر يەر شارى ئەتە ئەتىگەندە پارتلاپ كەتسە، كائىنات يەنىلا ئادەتتىكىدەك داۋاملىشىۋېرىدۇ. ھازىرغىچە بىلىشىمىزچە، ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسى يوقالسا ھېچنېمە كەم بولمايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۆز ھاياتىغا بېرىدىغان ھەر قانداق مەنە پەقەت خام خىيالدۇر. ئوتتۇرا ئەسىردىكى كىشىلەر ھاياتىدىن تاپقان ئاخىرەتلىك مەنىلەر زامانىۋى كىشىلەر تاپقان ھۇمانىزم، مىللەتچىلىك ۋە كاپىتالىزم ئىدىيەلىرىدىن قېلىشمايدۇ. ئۆز ھاياتىنى ئىنسانىيەتنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن مەنىلىك دەيدىغان ئالىم، ۋەتىنىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن ھاياتىنىڭ مەنىلىك ئىكەنلىكىنى جاكارلايدىغان ئەسكەر ۋە يېڭى شىركەت قۇرۇشتىن مەنە تاپقان تىجارەتچى ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي كىتابلارنى ئوقۇشتىن، ئەھلى سەلىپ يۈرۈشىگە قاتنىشىشتىن ياكى يېڭى چېركاۋ سېلىشتىن مەنە تاپقان زامانداشلىرىدىن قېلىشمايدۇ.
شۇڭا بەخت دېگىنىمىز بەلكىم كىشىلەرنىڭ شەخسىي قىممەت قارىشى ۋە خام خىياللىرىنى جەمئىيەتتە كەڭ تارقالغان كوللېكتىپ خام خىياللار بىلەن ماسلاشتۇرۇشىدىن ئىبارەت. مەن ئۆزۈمنىڭ شەخسىي بايانىمنى ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ بايانلىرى بىلەن ماسلاشتۇرالىسام، ھاياتىمنىڭ مەنىلىك ئىكەنلىكىگە ئۆزۈمنى ئىشەندۈرەلەيمەن ۋە شۇ ئىشەنچتىن بەخت تاپالايمەن.
بۇ خېلىلا چۈشكۈن خۇلاسە. بەخت راستتىنلا ئۆز-ئۆزىنى ئالداشقا باغلىقمۇ؟
ئۆزۈڭنى تونۇ
ئەگەر بەخت يېقىملىق تۇيغۇلارنى ھېس قىلىشقا ئاساسلانغان بولسا، تېخىمۇ بەختلىك بولۇش ئۈچۈن بىئوخىمىيەلىك سىستېمىمىزنى قايتا لايىھەلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بەخت ھاياتنىڭ مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا ئاساسلانغان بولسا، تېخىمۇ بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى بىر تاللاش بارمۇ؟

يۇقىرىقى ئىككى كۆز قاراش بەختنىڭ مەلۇم خىل سۇبيېكتىپ سېزىم (مەيلى ھۇزۇر ياكى مەنە بولسۇن) ئىكەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ بەختىنى باھالاش ئۈچۈن پەقەت ئۇلاردىن قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى سوراش كېرەكلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. كۆپچىلىكىمىزگە بۇ مەنتىقىلىق تۇيۇلىدۇ، چۈنكى دەۋرىمىزنىڭ ھۆكۈمران دىنى لىبېرالىزمدۇر. لىبېرالىزم شەخسلەرنىڭ سۇبيېكتىپ تۇيغۇلىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرىدۇ. ئۇ بۇ تۇيغۇلارنى ئەڭ يۇقىرى ھوقۇق مەنبەسى دەپ قارايدۇ. نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان، نېمىنىڭ گۈزەل، نېمىنىڭ سەت ئىكەنلىكى، نېمىنىڭ بولۇشى، نېمىنىڭ بولماسلىقى كېرەكلىكى ھەر بىرىمىزنىڭ ھېس-تۇيغۇسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.
ھۆكۈمدارنى سايلىغۇچىلار لىبېرال سىياسەتنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ ۋە ھۆكۈمدارنىڭ (غوجا ئاكىنىڭ) بىزگە نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىنىڭ ھاجىتى يوق دېگەن ئىدىيەنى ياقلايدۇ. لىبېرال ئىقتىساد خېرىدار دائىم ھەقلىق دېگەن ئىدىيەگە ئاساسلانغان. لىبېرال سەنئەت گۈزەللىك كۆرگۈچىنىڭ كۆزىدە دەپ جاكارلايدۇ. لىبېرال مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئۆگىتىلىدۇ. ئېلان-داۋراڭلار بىزنى «پەقەت بۇنى قىلىڭ!» دەپ ئۈندەيدۇ. ھەرىكەت فىلىملىرى، سەھنە دراممىلىرى، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، رومانلار ۋە پوپ ناخشىلار بىزگە داۋاملىق: «ئۆزۈڭگە سادىق بول»، «ئۆزۈڭگە قۇلاق سال»، «قەلبىڭگە ئەگەش» دەپ تەلىم بېرىدۇ. جېن-جاك روسسو بۇ كۆز قاراشنى ئەڭ كلاسسىك ھالدا ئىپادىلىگەن: «مەن ياخشى دەپ ھېس قىلغان نەرسە ياخشى. مەن يامان دەپ ھېس قىلغان نەرسە يامان.»
كىچىكىدىن تارتىپ بۇنداق شوئارلار بىلەن ئوزۇقلانغان كىشىلەر بەختنىڭ سۇبيېكتىپ تۇيغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە مايىل. ئەمما بۇ كۆز قاراش پەقەت لىبېرالىزمغىلا خاس. تارىختىكى كۆپىنچە دىن ۋە ئىدىئولوگىيەلەر ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىشلارنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ئۈچۈن ئوبيېكتىپ ئۆلچەملەر بار دەپ جاكارلىغان. ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇسى ۋە تاللاشلىرىغا گۇمان بىلەن قارىغان. دېلفىدىكى ئاپوللو ئىبادەتخانىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا زىيارەتچىلەر «ئۆزۈڭنى تونۇ!» دېگەن يېزىق بىلەن قارشى ئېلىنغان. بۇنىڭ مەنىسى ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ھەقىقىي بەختنىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن دېگەنلىكتۇر. فرويد بەلكىم بۇنىڭغا قوشۇلغان بولاتتى.
خرىستىئان ئىلاھىيەتچىلىرىمۇ شۇنداق. مۇقەددەس پاۋلۇس ۋە مۇقەددەس ئاۋگۇستىن كىشىلەردىن سورىسا، كۆپىنچىسى خۇداغا دۇئا قىلىشتىن كۆرە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. بۇ جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بەختنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟ پاۋلۇس ۋە ئاۋگۇستىننىڭ قارىشىچە، ياق. بۇ پەقەت ئىنسان تەبىئىتىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ شەيتان تەرىپىدىن ئاسانلا ئازدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. خرىستىئانلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كۆپچىلىك كىشىلەر خىرئىن خۇمارلىرىغا ئوخشايدۇ. بىر پىسخولوگنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئىستېمال قىلغۇچىلار ئارىسىدا بەخت توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. ئۇ ئۇلاردىن سوراپ، ھەممىسىنىڭ پەقەت زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەتكەندىلا بەختلىك بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ چاغدا پىسخولوگ «خىروئىن بەختنىڭ ئاچقۇچى» دەپ ماقالە ئېلان قىلامدۇ؟
ھېس-تۇيغۇغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ دېگەن ئىدىيە پەقەت خرىستىئان دىنى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ھېچ بولمىغاندا ھېس-تۇيغۇنىڭ قىممىتى مەسىلىسىدە، ھەتتا دارۋىن بىلەن داۋكىنسمۇ مۇقەددەس پاۋلۇس ۋە مۇقەددەس ئاۋگۇستىن بىلەن ئورتاق تونۇشقا كېلىشى مۇمكىن. شەخسىيەتچى گېن نەزەرىيەسىگە ئاساسەن، تەبىئىي تاللىنىش كىشىلەرنى، باشقا جانلىقلارغا ئوخشاش، ئۆزلىرى ئۈچۈن يامان بولسىمۇ، گېنلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى تاللاشقا مەجبۇرلايدۇ. كۆپىنچە ئەرلەر تىنچ-خاتىرجەم ياشاپ ھۇزۇر سۈرۈشنىڭ ئورنىغا پۈتۈن ھاياتىنى جاپا تارتىش، غەم قىلىش، رىقابەتلىشىش ۋە كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ DNA سى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچى مەقسەتلىرى ئۈچۈن مەجبۇرلايدۇ. DNA بولسا شەيتانغا ئوخشاش، ئۆتكۈنچى ھۇزۇرلارنى كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ۋە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.
شۇڭا كۆپىنچە دىن ۋە پەلسەپەلەر بەخت مەسىلىسىدە لىبېرالىزمدىن تامامەن پەرقلىق يول تۇتقان. بۇ نۇقتىدا، بۇددىزمنىڭ پوزىتسىيەسى قىزىقارلىق. بۇددىزم بەخت مەسىلىسىگە باشقا ھەر قانداق ئېتىقادتىن بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن. 2500 يىل داۋامىدا، بۇددىستلار بەختنىڭ ماھىيىتى ۋە سەۋەبلىرىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان، شۇڭا ئىلمىي جەمئىيەت ئارىسىدا ئۇلارنىڭ پەلسەپىسى ۋە مېدىتاتسىيە (كاللىنى تىنچلاندۇرۇش مەشىقى) ئۇسۇللىرىغا بولغان قىزىقىش كۈچەيمەكتە.
بۇددىزم بىئولوگىيەنىڭ بەختكە بولغان ئاساسىي چۈشەنچىسىنى، يەنى بەختنىڭ تاشقى دۇنيادىكى ۋەقەلەردىن ئەمەس، بەلكى كىشىنىڭ بەدىنى ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان جەريانلاردىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ.
بىراق، ئوخشاش چۈشەنچىدىن باشلاپ، بۇددىزم تامامەن باشقىچە خۇلاسىگە كېلىدۇ.
بۇددىزمغا كۆرە، كۆپىنچە كىشىلەر بەختنى يېقىملىق تۇيغۇ، ئازابنى يېقىمسىز تۇيغۇ (ئازاب) بىلەن باغلايدۇ. نەتىجىدە كىشىلەر ئۆز سېزىملىرىگە بەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ھۇزۇرلارنى ئىزدەپ، ئازابتىن قېچىشقا تىرىشىدۇ. پۇتىمىزنى قاشلاشتىن تارتىپ، ئورۇندۇقتا سەل مىدىرلاشقىچە، ياكى دۇنيا ئۇرۇشلىرىنى قىلىشقىچە، بىز پەقەت يېقىملىق سېزىملەرگە ئېرىشىشكە تىرىشىۋاتىمىز.

بۇددىزمغا كۆرە، مەسىلە شۇكى، بىزنىڭ سېزىملىرىمىز ئوكياندىكى دولقۇنلارغا ئوخشاش ھەر دەقىقىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئۆتكۈنچى تىترەشلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس. بەش مىنۇت ئىلگىرى ئۆزەمنى خۇشال ۋە ئۈمىدۋار ھېس قىلغان بولسام، ھازىر بۇ سېزىملەر يوقاپ، غەمكىن ۋە ئۈمىدسىز ھالغا كېلىشىم مۇمكىن. شۇڭا ئەگەر مەن يېقىملىق نەرسىلەرنى ھېس قىلماقچى بولسام، داۋاملىق ئۇلارنىڭ كويىغا كىرىشىم، يېقىمسىز سېزىملەرنى قوغلىۋېتىشىم كېرەك. ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانساممۇ، دەرھال قايتا باشلىشىم كېرەك، جاپالىرىم ئۈچۈن ھېچقانداق داۋاملىق مۇكاپات ئالالمايمەن.
بۇنداق ئۆتكۈنچى مۇكاپاتلارغا ئېرىشىش نېمىشقا شۇنچە مۇھىم؟ پەيدا بولۇپلا يوقاپ كېتىدىغان بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىشقا شۇنچە قاتتىق كۈرەش قىلىمىز؟ بۇددىزمغا كۆرە، ئازابنىڭ يىلتىزى ئاغرىق، غەم-قايغۇ ياكى مەنىسىزلىك تۇيغۇسى ئەمەس. ئەكسىچە، ئازابنىڭ ھەقىقىي يىلتىزى بىزنى داۋاملىق جىددىيلىك، بىئاراملىق ۋە نارازىلىق ھالىتىدە تۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان، ئاخىرلاشمايدىغان ۋە مەنىسىز ئۆتكۈنچى سېزىملەرنى قوغلىشىشتۇر. بۇ قوغلىشىش تۈپەيلىدىن، نەپسىمىز ھېچقاچان قانائەتلەنمەيدۇ. ھەتتا ھۇزۇر ھېس قىلغاندىمۇ، بۇ تۇيغۇنىڭ تېزلا يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمىز-دە، ئۇنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىنى ئارزۇ قىلىپ، خاتىرجەم بولالمايمىز.
كىشىلەر ئۇنداق ياكى مۇنداق ئۆتكۈنچى ھۇزۇرنى ھېس قىلغاندا ئەمەس، بەلكى بارلىق ھېس-تۇيغۇنىڭ ۋاقىتلىق بولۇشتەك تەبىئىتىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى قوغلىشىشنى توختاتقاندا ئازابتىن قۇتۇلىدۇ. بۇ بۇددىزم مېدىتاتسىيە ئۇسۇللىرىنىڭ مەقسىتىدۇر. مېدىتاتسىيەدە، سىز زېھنىڭىز ۋە بەدىنىڭىزنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ، بارلىق ھېس-تۇيغۇڭىزنىڭ توختىماي پەيدا بولۇپ يوقىلىشىغا گۇۋاھ بولۇشىڭىز كېرەك. ھەر خىل تۇيغۇ-ھېسسىياتلار – خۇشاللىق، غەزەپ، زېرىكىش، شەھۋەت – داۋاملىق پەيدا بولۇپ يوقىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما مەلۇم تۇيغۇلارنى قوغلىشىشنى توختاتقىنىڭىزدا، ئۇلارنى نېمە بولسا شۇ پېتى قوبۇل قىلالايسىز. نېمە بولۇشى مۇمكىن ئىدى دەپ خىيال قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھازىرقى پەيتتە ياشايسىز.
نەتىجىدە كېلىپ چىققان خاتىرجەملىك شۇنچىلىك چوڭقۇركى، يېقىملىق تۇيغۇلارنى قوغلىشىپ ھاياتىنى ئۆتكۈزگەنلەر بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. بۇ خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئون يىللاپ دېڭىز بويىدا تۇرۇپ، «ياخشى» دولقۇنلارنى قۇچاقلاپ ئۇلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقىنىغا، شۇنداقلا «يامان» دولقۇنلارنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن ئىتتىرىۋەتكىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇ كىشى بۇ مەنىسىز ھەرىكەت بىلەن كېچە-كۈندۈز ئۆزىنى قىرغاققا تۇرىدۇ. ئاخىرى، ئۇ قۇمدا ئولتۇرۇپ دولقۇنلارنىڭ خالىغانچە كېلىپ-كېتىشىگە يول قويىدۇ. نەقەدەر تىنچ-خاتىرجەم!
بۇ ئىدىيە زامانىۋى لىبېرال مەدەنىيەتكە شۇنچىلىك ياتكى، غەرب يېڭى دەۋر ھەرىكەتلىرى بۇددىزمنىڭ چۈشەنچىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلارنى لىبېرال ئاتالغۇلارغا تەرجىمە قىلىپ، مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. يېڭى دەۋر مەزھەپلىرى دائىم مۇنداق دەيدۇ: «بەخت تاشقى شارائىتلارغا باغلىق ئەمەس. ئۇ پەقەت بىزنىڭ ئىچكى سېزىملىرىمىزگە باغلىق. كىشىلەر بايلىق ۋە ئورۇن-مەرتىۋە قاتارلىق تاشقى نەتىجىلەرنى قوغلاشنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىچكى سېزىملىرى بىلەن باغلىنىشى كېرەك.» ياكى قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «بەخت ئىچىڭىزدىن باشلىنىدۇ.» بۇ دەل بىئولوگلارنىڭ دېگىنى، ئەمما بۇددىزىم بۇنداق دېمەيدۇ.
بۇددا دىنى زامانىۋى بىئولوگىيە ۋە يېڭى دەۋر ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاش، بەختنىڭ تاشقى شارائىتلارغا باغلىق ئەمەسلىكىگە قوشۇلدى. بىراق ئۇنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ۋە چوڭقۇر چۈشەنچىسى شۇكى، ھەقىقىي بەخت بىزنىڭ ئىچكى سېزىملىرىمىزگىمۇ باغلىق ئەمەس. دەرۋەقە، سېزىملىرىمىزگە قانچە كۆپ ئەھمىيەت بەرسەك، ئۇلارنى شۇنچە كۆپ قوغلىشىمىز، ۋە شۇنچە كۆپ ئازاب چېكىمىز. بۇددانىڭ تەۋسىيەسى پەقەت تاشقى نەتىجىلەرنى قوغلاشنىلا ئەمەس، بەلكى ئىچكى سېزىملەرنى قوغلاشنىمۇ توختىتىش ئىدى.

يىغىنچاقلىغاندا، مەنىۋى بەخت راي سىناشلىرى پاراۋانلىقىمىزنى ھېس-تۇيغۇلىرىمىز بىلەن، بەخت قوغلىشىشنى بولسا مەلۇم ھېسسىي ھالەتلەرنى قوغلىشىش بىلەن باغلايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇددىزمغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەنئەنىۋى پەلسەپە ۋە دىنلار ئۈچۈن، بەختنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىڭىز ھەققىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش، كىم ياكى نېمە ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشىنىشتۇر. كۆپىنچە كىشىلەر خاتا ھالدا ئۆزلىرىنى سېزىملىرى، پىكىرلىرى، ياقتۇرۇش ۋە ياقتۇرماسلىقلىرى بىلەن تەڭلەشتۈرىدۇ. غەزەپلەنگەندە، ئۇلار «مەن غەزەپلىنىۋاتىمەن. بۇ مېنىڭ غەزىپىم» دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ھاياتىنى بەزى سېزىملەردىن قېچىش ۋە باشقىلىرىنى قوغلىشىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ھېس-تۇيغۇدىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى ۋە مەلۇم تۇيغۇنى توختىماي قوغلىشىشنىڭ ئۇلارنى بەختسىزلىككە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتمەيدۇ.
ئەگەر بۇ راست بولسا، بەخت تارىخى ھەققىدىكى بارلىق چۈشەنچىمىز خاتا بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئۈمىدلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە يېقىملىق سېزىملەردىن ھۇزۇرلىنىشى ئانچە مۇھىم ئەمەستۇر. ئاساسىي مەسىلە كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش-بىلمەسلىكىدۇر. بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقىقەتنى قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ياكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى دېھقانلاردىن ياخشىراق چۈشىنىدىغانلىقىغا قانداق دەلىلىمىز بار؟
ئالىملار بەخت تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى پەقەت بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا باشلىدى، بىز تېخى دەسلەپكى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز ۋە مۇۋاپىق تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئىزدەۋاتىمىز. ئېنىق خۇلاسە چىقىرىپ، تېخى ئەمدىلا باشلانغان بۇ مۇنازىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تېخى بەك بالدۇر. مۇھىم بولغىنى، مۇمكىن قەدەر ھەر خىل ئۇسۇللارنى بىلىش ۋە توغرا سوئاللارنى سوراشتۇر.
كۆپىنچە تارىخ كىتابلىرى بۈيۈك مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدىيەلىرى، جەڭچىلەرنىڭ باتۇرلۇقى، مۇقەددەس كىشىلەرنىڭ خەير-ساخاۋىتى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيىتىگە مەركەزلىشىدۇ. ئۇلار ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە بۇزۇلۇشى، ئىمپېرىيەلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە يىمىرىلىشى، تېخنولوگىيەلەرنىڭ بايقىلىشى ۋە تارقىلىشى ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇمات بېرىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ شەخسلەرنىڭ بەختى ۋە ئازابىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە ھېچنېمە دېمەيدۇ. بۇ تارىخنى چۈشىنىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بوشلۇق. بۇنى تولدۇرۇشنى باشلىشىمىز كېرەك.
بىر-بىرىگە زىت ئەھۋال شۇكى، مەنىۋى بەخت ھەققىدىكى پىسخولوگىيەلىك تەتقىقاتلار كىشىلەرنىڭ ئۆز بەختىگە توغرا دىئاگنوز قويالايدىغانلىقىغا تايانسا، پىسخىك داۋالاشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ھەقىقەتەن بىلمەيدىغانلىقى ۋە بەزىدە ئۆزىنى ۋەيران قىلىدىغان خۇلقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كەسپىي ياردەمگە موھتاج بولىدىغانلىقىدۇر.

Leave a Reply