ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(42)

Five hikers celebrating together on a rocky mountain peak at sunset

19.ئۇلار بەختلىك ياشىدى

كېيىنكى 500 يىل ھەيران قالارلىق ئىنقىلابلارغا گۇۋاھ بولدى. يەر شارى بىرلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت  ۋە تارىخىي ئاتموسفېرادا بىرلەشتى. ئىقتىساد تېز ئۆسۈپ، ئىنسانىيەت بۈگۈن ئىلگىرى چۆچەكلەردىلا بولىدىغان بايلىققا ئېرىشتى. پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابى ئىنسانىيەتكە پەۋقۇلئاددە كۈچ ۋە چەكسىز ئېنېرگىيە بەردى. ئىجتىمائىي تەرتىپ پۈتۈنلەي ئۆزگەردى، سىياسەت، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىنسان پىسخولوگىيەسىمۇ ئۆزگەردى.

ئەمما بىز تېخىمۇ بەختلىكمۇ؟ ئىنسانىيەت كېيىنكى بەش ئەسىردە توپلىغان بايلىق يېڭى خۇشاللىققا ئايلاندىمۇ؟ تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ بايقىلىشى بىزگە تۈگىمەس بەخت-سائادەت ئامبارلىرىنى ئاچتىمۇ؟ تېخىمۇ ئارقىغا قايتىپ، ئەقىل ئىنقىلابىدىن كېيىنكى 70 مىڭ يىللىق داۋالغۇشلۇق دەۋر دۇنيانى ياشاشقا تېخىمۇ ياخشى جاي قىلدىمۇ؟ ئايدىكى شامالسىز يەردە ئىز قالدۇرغان مەرھۇم نېيل ئارمسترونگ، 30 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئوۋچى-غەنىمەتچىدىن بەختلىكمىدى؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، يېزا ئىگىلىك، شەھەرلەر، يېزىق، پۇل، ئىمپېرىيەلەر، پەن-تېخنىكا ۋە سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟

تارىخچىلار بۇنداق سوئاللارنى كام سورايدۇ. ئۇلار ئۇرۇك ۋە بابىلنىڭ پۇقرالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئوۋچى ئەجدادلىرىدىن بەختلىكمىدى، ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى مىسىرلىقلارنى تۇرمۇشىدىن تېخىمۇ مەمنۇن قىلدىمۇ، ياكى ئافرىقىدىكى ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرىنىڭ يىمىرىلىشى سان-ساناقسىز مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ بەختىگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى دېگەندەك سوئاللارنى سورىمايدۇ. ئەمما بۇلار تارىخقا قويۇلىدىغان ئەڭ مۇھىم سوئاللاردۇر.

نۆۋەتتىكى كۆپىنچە ئىدىيەلەر ۋە سىياسىي پروگراممىلار ئىنسان بەختىنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى توغرىسىدىكى ناھايىتى ئاجىز ئىدىيەلەرگە ئاساسلانغان. مىللەتچىلەر ئۆزىمىزنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى بەلگىلەش بەختىمىز ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارايدۇ. كوممۇنىستلار پرولېتارىيات دىكتاتۇرلۇقى ئاستىدا ھەممە كىشى بەختلىك بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىدۇ. كاپىتالىستلار پەقەت ئەركىن بازارلا ئىقتىسادىي ئۆسۈش ۋە ماددىي باياشاتلىقنى يارىتىش ھەمدە كىشىلەرگە ئۆزىگە تايىنىش ۋە تەشەببۇسكارلىقنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئەڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بەختىگە كاپالەتكە قىلالايدۇ دەپ تۇرۇۋالىدۇ.

جىددىي تەتقىقات بۇ پەرەزلەرنى ئىنكار قىلسا نېمە بولار؟ ئەگەر ئىقتىسادىي ئۆسۈش ۋە ئۆزىگە تايىنىش كىشىلەرنى بەختلىك قىلمىسا، كاپىتالىزمنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئەگەر چوڭ ئىمپېرىيە پۇقرالىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن بەختلىك ئىكەنلىكى، مەسىلەن، ئۆز ۋاقتىدا فرانسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشىغان ئالجىرىيەلىكلەرنىڭ بۈگۈن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى كۈنلىرىدىن بەختلىك بولغانلىقى مەلۇم بولۇپ قالسىچۇ؟ بۇ، مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇش جەريانى ۋە ئۆزىنىڭ مىللىي تەقدىرىنى بەلگىلەشنىڭ قىممىتى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرەزىي ئىمكانىيەتلەر، چۈنكى ھازىرغىچە تارىخچىلار بۇ سوئاللارنى قويۇشتىن ساقلىنىپ كەلدى. ئۇلار ھەممە نەرسىنىڭ تارىخىنى – سىياسەت، جەمئىيەت، ئىقتىساد، جىنسىيەت، كېسەللىكلەر، جىنسىي مۇناسىۋەت، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلدى. ئەمما بۇلارنىڭ ئىنسان بەختىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى ئاز توختالدى.

گەرچە ئاز ساندىكى كىشىلەر بەختنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىنى تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، ھەر بىر ئالىم ۋە ئاددىي پۇقرانىڭ بۇ ھەقتە مەلۇم چۈشەنچىسى بار. بىر ئورتاق كۆز قاراش شۇكى، ئىنسان قابىلىيەتلىرى تارىخ داۋامىدا ئۆسۈپ كەلگەن. ئىنسانلار ئادەتتە ئۆز قابىلىيەتلىرىنى قىيىنچىلىقلارنى يېنىكلىتىش ۋە ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، بىز ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەجدادلىرىمىزدىن بەختلىك بولۇشىمىز، ئۇلار تاش دەۋرىدىكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەردىن بەختلىك بولۇشى كېرەك.

ئەمما بۇ تەرەققىيپەرۋەر چۈشەندۈرۈش ئىشەنچلىك ئەمەس. كۆرگىنىمىزدەك، يېڭى قابىلىيەتلەر، ھەرىكەتلەر ۋە ماھارەتلەر مۇقەررەر ھالدا ياخشىراق تۇرمۇشنى بارلىققا كەلتۈرمەيدۇ. ئىنسانلار يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدا يېزا ئىگىلىكنى ئۆگەنگەندە، ئۇلارنىڭ مۇھىتنى شەكىللەندۈرۈش كوللېكتىپ كۈچى ئاشتى، ئەمما نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ كۈنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.

دېھقانلار ئوۋچى-غەنىمەتچىلەردىن  قاتتىقراق ئىشلەپ، تۈرى ئاز ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن يېمەكلىككە ئېرىشتى، ئۇلار كېسەل ۋە ئېكسپلاتاتسىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىدى. شۇنىڭدەك، ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرى كېڭىيىش ئارقىلىق يېڭى سودا يوللىرىنى ئېچىپ، ئىدىيەلەر، تېخنولوگىيەلەر ۋە ئاشلىقلارنى ئالماشتۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ كوللېكتىپ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ئەمما بۇ مىليونلىغان ئافرىقىلىقلار، يەرلىك ئامېرىكىلىقلار ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ يەرلىك قەبىلىلىرى ئۈچۈن ياخشى خەۋەر ئەمەس ئىدى.

كۈچنى خاتا ئىشلىتىشتىن ئىسپاتلانغان ئىنسانىي مايىللىققا نەزەر سالغاندا، كىشىلەرنىڭ تەسىرى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە بەختلىك بولىدۇ دەپ ئىشىنىش ساددىلىق بولىدۇ. بۇ كۆز قاراشنى بەزىلەر ئىنكار قىلىپ، پۈتۈنلەي قارشى پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ئۇلار ئىنسان قابىلىيەتلىرى بىلەن بەخت ئارىسىدا تەتۈر مۇناسىۋەت بولىدۇ، كۈچ-قۇدرەت ھەممىنى بۇزىدۇ دەيدۇ. ئىنسانىيەت قانچە كۆپ كۈچكە ئىگە بولغانسېرى، ھەقىقىي ئېھتىياجلىرىمىزغا ماس كەلمەيدىغان سوغۇق، ماشىنىلاشقان دۇنيا ياراتتى.

تەدرىجىي تەرەققىيات زېھنىمىز ۋە تېنىمىزنى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ماسلاشتۇرغانىدى. ئاۋۋال يېزا ئىگىلىككە، كېيىن سانائەتكە ئۆتۈش بىزنى تەبىئىي بولمىغان تۇرمۇشتا ياشاشقا مەھكۇم قىلدى. بۇ تۇرمۇش بىزنىڭ تۇغما مايىللىقىمىز ۋە بىۋاسىتە تۇيغۇلىرىمىزنى تولۇق ئىپادىلىيەلمەيدۇ، شۇڭا چوڭقۇر ئارزۇلىرىمىزنى قاندۇرالمايدۇ. شەھەرلىك ئوتتۇرا سىنىپنىڭ راھەت تۇرمۇشىدىكى ھېچقانداق نەرسە ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ماموت ئوۋىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىدىن كېيىنكى ۋەھشىي ھاياجان ۋە ساپ خۇشاللىقىغا يېتەلمەيدۇ. ھەر بىر يېڭى ئىختىرا بىزنى باغۇ ئېرەم (جەننەت) باغچىسىدىن يەنە بىر قەدەم يىراقلاشتۇرىدۇ.

ئەمما ھەر بىر ئىختىرانىڭ كەينىدىن پالاكەت كېلىدۇ دەپ چىڭ تۇرۇش تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەرلىكىگە بولغان ئىشەنچتەك دوگماتىك. بەلكىم بىز ئىچىمىزدىكى ئوۋچى-غەنىمەتچى بىلەن ئالاقىمىزنى ئۈزگەن بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەمما تەرەققىياتنىڭ ھەممىسى يامان ئەمەس. مەسىلەن، كېيىنكى ئىككى ئەسىردە زامانىۋى تېببىي پەن بالىلار ئۆلۈم نىسبىتىنى 33 پىرسەنتتىن 5 پىرسەنتتىن تۆۋەنگە چۈشۈردى. بۇنىڭ پەقەت ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن بولغان بالىلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە دوستلىرىنىڭ بەختىگە زور تۆھپە قوشقانلىقىغا كىم گۇمان قىلالايدۇ؟

تېخىمۇ نازۇك پوزىتسىيە ئوتتۇرا يولنى تۇتىدۇ. پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىغىچە كۈچ بىلەن بەخت ئارىسىدا ئېنىق مۇناسىۋەت يوق ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى دېھقانلار ھەقىقەتەنمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوۋچى-غەنىمەتچى ئەجدادلىرىدىن بەختسىزرەك بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كېيىنكى بىر نەچچە ئەسىردە ئىنسانلار ئۆز قابىلىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئەقىل بىلەن ئىشلىتىشنى ئۆگەندى. زامانىۋى تېببىي پەننىڭ غەلىبىلىرى پەقەت بىر مىسال. باشقا مىسلىسىز نەتىجىلەر، زوراۋانلىقنىڭ بىراقلا تۆۋەنلىشى، خەلقئارالىق ئۇرۇشلارنىڭ ئاساسەن يوقىلىشى ۋە چوڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىقنىڭ ئاساسەن ئاياغلىشىشى قاتارلىقلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

ئەمما بۇمۇ بىر ئاددىيلاشتۇرۇش. بىرىنچىدىن، بۇ ئۈمىدۋار باھا ناھايىتى ئاز يىللىق مىساللارغا ئاساسلانغان. كۆپچىلىك ئىنسانلار زامانىۋى تېببىي پەننىڭ نەتىجىلىرىدىن 1850-يىلدىن بۇرۇن بەھرىمەن بولالمىدى، بالىلار ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ كەسكىن تۆۋەنلىشى 20-ئەسىرنىڭ ھادىسىسى. چوڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ قىسمىنى ئازابلىدى. كوممۇنىست خىتاينىڭ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» دەۋرىدە (1958-1961)، ئاز دېگەندە 40 مىليون ئىنسان ئاچلىقتىن ئۆلدى. خەلقئارالىق ئۇرۇشلار پەقەت 1945-يىلدىن كېيىن، ئاساسلىقى يادرو قورالى تەھدىتى سەۋەبىدىن ئازايدى.

شۇڭا، گەرچە كېيىنكى بىر نەچچە ئون يىل ئىنسانىيەت ئۈچۈن مىسلىسىز ئالتۇن دەۋر بولغان بولسىمۇ، بۇنىڭ تارىخ ئېقىمىدىكى ئاساسىي ئۆزگىرىشنى ياكى ۋاقىتلىق ياخشى پۇرسەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىش بەك بالدۇر. زامانىۋىلىقنى باھالىغاندا، 21-ئەسىردىكى غەرب ئوتتۇرا قاتلام سىنىپىنىڭ كۆز قارىشىنى قوللىنىش بەك ئاسان. ئەمما بىز 19-ئەسىردىكى ۋېلش كۆمۈر كان ئىشچىلىرى، خىتايدىكى ئەپيۇنكەشلەر ياكى تاسمانىيەدىكى يەرلىك قەبىلىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ترۇگانى (تاسمانىيەدىكى ئاخىرقى يەرلىك ئادەم) نىڭ مۇھىملىقى ياۋروپالىق خومېر سىمپسوندىن تۆۋەن ئەمەس.

ئىككىنچىدىن، كېيىنكى يېرىم ئەسىردىكى قىسقا ئالتۇن دەۋرمۇ كەلگۈسىدىكى پاجىئەنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان بولۇشى مۇمكىن. كېيىنكى بىر نەچچە ئون يىلدا، بىز پىلانېتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ھەر خىل يېڭى ئۇسۇللار بىلەن بۇزۇپ كەلدۇق، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدىغاندەك قىلىدۇ. نۇرغۇن دەلىللەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ھېچنېمىگە قارىماي ئىستېمال قىلىش دولقۇنىدا كېتىۋاتقان بىز، كېيىنكى ئىنسانلانىڭ گۈللىنىشىگە كېرەكلىك مەنبەرلەرنى ۋەيران قىلىۋاتىمىز.

ئاخىرىدا، ئەگەر بىز باشقا بارلىق ھايۋانلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلساقلا، زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ مىسلىسىز نەتىجىلىرى بىلەن ماختىنالايمىز. بىزنى كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتىن قوغدايدىغان ماددىي بايلىقنىڭ كۆپ قىسمى تەجرىبىخانا مايمۇنلىرى، سۈت كالىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى توخۇلارنىڭ بەدىلىگە توپلانغان. كېيىنكى ئىككى ئەسىردە نەچچە ئون مىليارد ھايۋان يەر شارى تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان رەھىمسىز سانائەت ئېكسپلاتاتسىيەسىگە دۇچار بولدى. ئەگەر بىز ھايۋانلارنى قوغداش پائالىيەتچىلىرىنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنىلا قوبۇل قىلساقمۇ، زامانىۋى سانائەت يېزا ئىگىلىكى تارىختىكى ئەڭ چوڭ جىنايەت بولۇشى مۇمكىن. دۇنياۋى بەختنى باھالىغاندا، پەقەت يۇقىرى تەبىقىنىڭ، ياۋروپالىقلارنىڭ ياكى ئەرلەرنىڭلا بەختىنى ھېسابلاش خاتا. بەلكىم پەقەت ئىنسانلارنىڭلا بەختىنى ئويلاشمۇ خاتادۇر.

بەختنى ئۆلچەش

Medieval village blending into modern city skyline

ھازىرغىچە بىز بەختنى ساغلاملىق، يېمەك-ئىچمەك ۋە بايلىققا ئوخشاش ماددىي ئامىللارنىڭ مەھسۇلاتى دەپ مۇھاكىمە قىلدۇق. ئەگەر كىشىلەر تېخىمۇ باي ۋە ساغلام بولسا، ئۇلار چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك بولۇشى كېرەك. ئەمما بۇ راستىنلا شۇنداقمۇ؟ پەيلاسوپلار، روھانىيلار ۋە شائىرلار مىڭ يىللاردىن بۇيان بەختنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي ۋە روھىي ئامىللارنىڭ بەختىمىزگە ماددىي شارائىتلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن. بەلكىم زامانىۋى، باياشات جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بايلىقىغا قارىماي، ياتلىشىش ۋە مەنىسىزلىكتىن قاتتىق ئازابلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا بىزنىڭ ئانچە باي بولمىغان ئەجدادلىرىمىز جەمئىيەت، دىن ۋە تەبىئەت بىلەن بولغان باغلىنىشتىن كۆپ قانائەت تاپقان بولۇشى مۇمكىن

يېقىنقى ئون يىللاردا، پىسخولوگلار ۋە بىئولوگلار كىشىلەرنى ھەقىقەتەن نېمىنىڭ بەختلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلمىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىشنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ پۇل، ئائىلە، ئىرسىيەت ياكى پەزىلەتمۇ؟ تۇنجى قەدەمدە نېمىنى ئۆلچەپ نېمىنى ئېنىقلايمىز؟ بەختنىڭ ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ئېنىقلىمىسى «مەنىۋى تۇرمۇش». بۇ كۆز قاراش بويىچە، بەخت مەن ھېس قىلىدىغان، ھۇزۇرلىنىدىغان، كۈنلىرىمدىن ئۇزاققىچە قانائەت ھاسىل قىلىدىغان بىر تۇيغۇ. ئەگەر بۇ سۇبيېكتىپ تۇيغۇ بولسا، ئۇنى سىرتتىن قانداق ئۆلچىگىلى بولىدۇ؟ پەرەز قىلىشچە، بىز كىشىلەردىن ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى سوراش ئارقىلىق بۇنى قىلالايمىز. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى باھالىماقچى بولغان پىسخولوگلار ياكى بىئولوگلار ئۇلارغا سوئال-جااۋب جەدۋىلى بېرىپ، نەتىجىلەرنى ھېسابلايدۇ.

بۇ راي سىناش جەدۋىلى سوئال سورالغۇچىلاردىن «مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ھالىمدىن مەمنۇن»، «مەن ھاياتنىڭ بۈيۈك ھەدىيە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن»، «مەن كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قارايمەن» ۋە «ياشىماق قالتىس ئىشتۇر» دېگەندەك بايانلارغا نۆلدىن ئونغىچە قوشۇلۇش دەرىجىسىنى بەلگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. تەتقىقاتچى ئاندىن بارلىق جاۋابلارنى قوشۇپ، سوئال سورالغۇچىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش دەرىجىسىنى ھېسابلايدۇ.

بۇنداق سوئال-جاۋاب جەدۋىلى بەخت تۇيغۇسىنى ھەر خىل ئوبيېكتىپ ئامىللار بىلەن باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بىر تەتقىقاتچى يىللىق كىرىمى 100 مىڭ دوللار بولغان مىڭ كىشى بىلەن 50 مىڭ دوللار تاپىدىغان مىڭ كىشىنى سېلىشتۇرۇشى مۇمكىن. ئەگەر تەتقىقاتچى بىرىنچى گۇرۇپپىنىڭ ئوتتۇرىچە مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسى 8.7، كېيىنكىسىنىڭ پەقەت 7.3 ئىكەنلىكىنى بايقىسا، بايلىق بىلەن مەنىۋى تۇرمۇش ئارىسىدا ئىجابىي مۇناسىۋەت بار دەپ خۇلاسە چىقىرالايدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، پۇل بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. ئوخشاش ئۇسۇلنى «دېموكراتىيەدە ياشاۋاتقان كىشىلەر دىكتاتورلۇقتا ياشاۋاتقانلارغا قارىغاندا بەختلىكمۇ-ئەمەسمۇ»، «توي قىلغانلار بويتاقلارغا، ئاجراشقانلارغا ياكى تۇل قالغانلارغا قارىغاندا بەختلىكمۇ-ئەمەسمۇ» دېگەندەك تەكشۈرۈشلەرگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

بۇ تارىخچىلار ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ، ئۇلار ئۆتمۈشتىكى بايلىق، سىياسىي ئەركىنلىك ۋە ئاجرىشىش نىسبەتلىرىنى تەكشۈرەلەيدۇ. ئەگەر كىشىلەر دېموكراتىيەدە بەختلىكرەك بولسا ۋە نىكاھلانغانلار ئاجراشقانلارغا قارىغاندا بەختلىكرەك بولسا، تارىخچى يېقىنقى ئون يىللاردىكى دېموكراتىيەلىشىش جەريانىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بەختىگە تۆھپە قوشقانلىقىنى، ئەمما ئۆسۈۋاتقان ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ بولسا تەتۈر يۆنىلىشنى كۆرسەتكەنلىكىنى دەلىللىيەلەيدۇ.

بىر قىزىقارلىق خۇلاسە شۇكى، پۇل ھەقىقەتەنمۇ بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما پەقەت مەلۇم چەككىچە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئاز. ئىقتىسادىي جەھەتتىن تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن، كۆپرەك پۇل كۆپرەك بەخت دېگەنلىك. ئەگەر سىز يىلدا 12 مىڭ دوللار تاپىدىغان ئامېرىكىلىق يالغۇز ئانا بولۇپ، لاتارىيەدىن تەلىيىڭىز كېلىپ 500 مىڭ دوللار ئۇتۇۋالسىڭىز، سىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىڭىزدا مۇھىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك يۈكسىلىش بولۇشى مۇمكىن. بالىلىرىڭىزنى قەرزگە پېتىپ قالماي ئوزۇقلاندۇرالايسىز ۋە كىيىندۈرەلەيسىز. ئەگەر سىز يىلدا 250 مىڭ دوللار تاپىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولۇپ، لاتارىيەدىن 1 مىليون دوللار ئۇتۇۋالسىڭىز ياكى شىركىتىڭىز تۇيۇقسىز مائاشىڭىزنى ئىككى ھەسسە ئۆستۈرسە، سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز پەقەت بىر نەچچە ھەپتىگە سوزۇلۇشى مۇمكىن.

يەنە بىر قىزىقارلىق بايقاش شۇكى، كېسەللىك قىسقا مۇددەتتە بەخت تۇيغۇسىى تۆۋەنلىتىدۇ، ئەمما كىشىنىڭ ئەھۋالى داۋاملىق ناچارلىشىۋاتقان، كېسىلى ئۇنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقاندا، ئۇ كېسەل ئۇزۇن مۇددەتلىك ئازاب مەنبەسى بولىدۇ. دىيابېت كېسىلى قاتارلىق ئۇزاق مۇددەتلىك كېسەللىك بىلەن دىئاگنوز قويۇلغان كىشىلەر ئادەتتە بىر مەزگىل چۈشكۈنلۈككە پاتىدۇ، ئەمما ئەگەر كېسەللىك ئېغىرلاشمىسا، ئۇلار يېڭى ئەھۋالغا كۆنۈپ، ساغلام كىشىلەرگە ئوخشاش دەرىجىدە بەختلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئائىلە ۋە جەمئىيەت پۇل بىلەن ساغلاملىققا قارىغاندا بەختىمىزگە تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسىتىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. كۈچلۈك ئائىلىسى بار ۋە مۇناسىۋەتلىرى زىچ باغلانغان، ئۆزلىرىنى قوللايدىغان جەمئىيەتتە ياشايدىغان كىشىلەر، ئائىلىسى پاراكەندە ۋە جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمى بولۇش پۇرسىتىنى تاپالمىغان (ياكى ئىزدىمىگەن) كىشىلەرگە قارىغاندا خېلىلا بەختلىك.

ئەڭ مۇھىم بايقاش شۇكى، بەخت ھەقىقەتەن بايلىق، ساغلاملىق، ھەتتا جەمئىيەتنىڭ ئوبيېكتىپ شەرتلىرىگە باغلىق ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇ ئوبيېكتىپ شارائىتلار بىلەن سۇبيېكتىپ ئۈمىدلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باغلىق. ئەگەر سىز كالا ھارۋىسى خالاپ، كالا ھارۋىسىغا ئېرىشسىڭىز، قانائەتلىنىسىز. ئەگەر يېڭى فېررارى خالاپ، پەقەت ئىككىنچى قول فىئات ئالسىڭىز، ئۆزىڭىزنى مەھرۇم قالغاندەك ھېس قىلىسىز. شۇڭا لاتارىيەدە ئۇتۇش، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىگە، مېيىپ قىلغۇچى ماشىنا ۋەقەسى بىلەن ئوخشاش تەسىرنى كۆرسىتىدۇ. ئەھۋال ياخشىلانغاندا ئۈمىد كۈچىيىدۇ، ھەتتا شارائىتىمىزنىڭ تېزلا ياخشىلىنىشمۇ بىزنى قانائەتسىز قالدۇرۇشى مۇمكىن. ئەھۋال ناچارلاشقاندا، ئۈمىد ئازلايدۇ ، نەتىجىدە ھەتتا ئېغىر كېسەللىكمۇ سىزنى بۇرۇنقىدەك بەختلىك قالدۇرۇشى مۇمكىن.

سىز بەلكىم بۇنى بايقاش ئۈچۈن پىسخولوگلار ۋە ئۇلارنىڭ سسوئاللىرىغا ئېھتىياجىمىز يوق دېيىشىڭىز مۇمكىن. پەيغەمبەرلەر، شائىرلار ۋە پەيلاسوپلار مىڭلىغان يىللار بۇرۇنلا بار نەرسىدىن رازى بولۇشنىڭ، خالىغان نەرسىدىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىشتىن كۆپ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنداقتىمۇ، نۇرغۇن سانلار ۋە دىئاگراممىلار بىلەن كۈچەيتىلگەن زامانىۋى تەتقىقاتنىڭ قەدىمكىلەر يەتكەن خۇلاسىگە يېتىشى ياخشى ئەھۋال.

ئىنسان ئۈمىدلىرىنىڭ ھالقىلىق مۇھىملىقى بەخت تارىخىنى چۈشىنىشتە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە. ئەگەر بەخت پەقەت بايلىق، ساغلاملىق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردەك ئوبيېكتىپ شارائىتلارغىلا باغلىق بولسا، ئۇنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش نىسبەتەن ئاسان بولاتتى. بەختنىڭ سۇبيېكتىپ ئۈمىدلەرگە باغلىق ئىكەنلىكى تارىخچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ. زامانىمىزدا نېرۋىنى تىنچلاندۇرغۇچى ۋە ئاغرىق پەسەيتكۈچ دورىلىرىمىز، ئۈسكۈنە-ئەسۋابلىرىمىز بار، ئەمما راھەت ۋە ھۇزۇرغا بولغان ئۈمىدىمىز، قولايسىزلىق ۋە بىئاراملىققا بولغان چىداملىقىمىز شۇ دەرىجىدە ئاشتىكى، ئەجدادلىرىمىزغا قارىغاندا بىزلەر تېخىمۇ كۆپ ئازاب چېكىۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن.

بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلىش تەس. مەسىلە بىزنىڭ پىسخىكىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن مەنتىقىلىق خاتالىقتا. بىز باشقىلارنىڭ ھازىر قانچىلىك بەختلىك ئىكەنلىكىنى ياكى ئۆتمۈشتىكى كىشىلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماقچى بولغاندا، ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلىمىز. ئەمما بۇ ئۇسۇل ئىشلىمەيدۇ، چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئۈمىدلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ ماددىي شارائىتلىرىغا باغلاپ قويىدۇ. زامانىۋى ھەم باياشات جەمئىيەتلەردە ھەر كۈنى مۇنچىغا چۈشۈپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئادەتتىكى ئىش. ئوتتۇرا ئەسىردىكى دېھقانلار ئايلاپ يۇيۇنماي يۈرگەن ۋە كىيىملىرىنى ئاساسەن ئالماشتۇرمىغان. بۇنداق كىرلىشىپ، بەدبۇي پۇراپ ياشاش بىزگە يىرگىنچلىك تۇيۇلىدۇ. ئەمما ئوتتۇرا ئەسىردىكى دېھقانلار بۇنىڭدىن ئانچە رەنجىمىگەندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىت يۇيۇلمىغان كۆينەكنىڭ سېزىمى ۋە پۇرىقىغا كۆنۈپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ كىيگۈدەك كىيىمى بولسىمۇ، لېكىن ئالماشتۇرۇشنى بەك خالاپ كەتمىگەن،  ئۇلاردا خالىغان نەرسىسى بار ئىدى. شۇڭا، ھېچ بولمىغاندا كىيىم-كېچەك جەھەتتە، ئۇلار قانائەتلەنگەن.

ئويلاپ باقسىڭىز، بۇ ئۇنچە ھەيران قالارلىق ئەمەس.  بىزنىڭ شىمپانزې تۇغقانلىرىمىزمۇ كەمدىن كەم يۇيۇنىدۇ ۋە ھېچقاچان كىيىملىرىنى ئالماشتۇرمايدۇ. ئۆي ھايۋانلىرىمىز بولغان ئىت ۋە مۈشۈكلەرنىڭ مۇنچىغا چۈشمەيدىغانلىقى ياكى يۇڭلىرىنى ھەر كۈنى ئالماشتۇرمايدىغانلىقىدىن يىرگەنمەيمىز. بىز يەنىلا ئۇلارنى سىلايمىز، قۇچاقلايمىز ۋە سۆيىمىز. باياشات جەمئىيەتتىكى كىچىك بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇنچىغا چۈشۈشنى ياقتۇرمايدۇ، قارىماققا جەلىپكار كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىسى كېرەك بولىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئۈمىدلەرگە باغلىق.

ئەگەر بەخت ئۈمىدلەر بىلەن بەلگىلەنسە، جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىككى تۈۋرۈكى بولغان ئاممىۋى ئاخبارات ۋە ئېلان ساھەسى دۇنيانىڭ قانائەت زاپىسىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەستىن تۈگىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز 5000 يىل بۇرۇن كىچىك بىر يېزىدا 18 يېشىڭىزدا بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى چىرايلىق دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ئىدى، چۈنكى يېزىڭىزدا پەقەت 50 ئەر كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يا قېرى، تاتۇق،  قورۇق ياكى كىچىك بالىلار ئىدى. ئەمما بۈگۈن بىر ئۆسمۈر بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى يېتەرسىز ھېس قىلىش ئېھتىماللىقىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى. مەكتەپتىكى باشقا بالىلار سەت بولسىمۇ، سىز ئۆزىڭىزنى ئۇلار بىلەن ئەمەس، تېلېۋىزور، فېيسبۇك ۋە ئېلان تاختىلىرىدا كۈن بويى كۆرۈنىدىغان كىنو چولپانلىرى، تەنتەربىيە چولپانلىرى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللار بىلەن سېلىشتۇرىسىز.

ئىلگىرىكى دەۋرلەردە گۈزەللىك ئۆلچىمىنى ئەتراپىڭىزدىكى بىر ئوچۇم كىشىلەرلا بەلگىلەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، تاراتقۇلار ۋە مودا ساھەسى بىزنى پۈتۈنلەي رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گۈزەللىك ئۆلچىمىگە دۇچار قىلماقتا. ئۇلار يەر شارىدىكى ئەڭ كېلىشكەن ۋە چىرايلىق كىشىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ئاندىن ئۇلارنى توختىماي كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بىزنىڭ ئۆز تاشقى قىياپىتىمىزدىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ نارازى بولۇشىمىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

شۇڭا، ئۈچىنچى دۇنيا نارازىلىقى پەقەت نامراتلىق، كېسەللىك، پاراكەندىچىلىك ۋە سىياسىي زۇلۇمدىنلا ئەمەس، بەلكى بىرىنچى دۇنيا ئۆلچەملىرىگە دۇچ كېلىشتىنمۇ قوزغالغان بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتىكى بىر مىسىرلىق كىشى ھوسنى مۇبارەك دەۋرىدە رامسېس II ياكى كلېئوپاترا دەۋرىگە قارىغاندا ئاچارچىلىق، ۋابا ياكى زوراۋانلىقتىن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى كۆپ تۆۋەن ئىدى. مىسىرلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ماددىي شارائىتى ھېچقاچان بۇنداق ياخشى بولۇپ باقمىغان. سىز ئۇلارنى 2011-يىلى كوچىلاردا ئۇسسۇل ئويناپ، بەختى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇلار غەزەپ بىلەن مۇبارەكنى ئاغدۇرۇشقا قوزغالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى پىرئەۋنلار دەۋرىدىكى ئەجدادلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئوباما باشقۇرۇۋاتقان ئامېرىكىدىكى زامانداشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇۋاتاتتى.

ئەگەر ئەھۋال شۇنداق بولسا، ھەتتا ئۆلمەسلىكمۇ نارازىلىققا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. پەن-تېخنىكا بارلىق كېسەللەرگە داۋا، قېرىشقا قارشى ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋە كىشىلەرنى مەڭگۈ ياش ساقلايدىغان يېڭى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقتى دەپ پەرەز قىلايلى. ئەمما نەتىجە بەلكىم مىسلىسىز غەزەپ ۋە ئەندىشە يۇقۇمى بولىدۇ.

يېڭى مۆجىزە، داۋالاشلارنى كۆتۈرەلمەيدىغانلار (كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى) غەزەپتىن ئۆزلىرىنى تۇتالمايدۇ. تارىخ بويى، نامرات ۋە ئېزىلگەنلەر ئۆزلىرىنى ھېچ بولمىغاندا ئۆلۈم ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ؛ باي ۋە كۈچلۈكلەرمۇ ئۆلىدۇ دېگەن ئوي بىلەن تەسەللى تاپقان. نامراتلار ئۆزىنىڭ ھامان ئۆلىدىغانلىقىنى ئويلىسا بىئارام بولمايدۇ، ھالبۇكى بايلار مەڭگۈ ياش ۋە گۈزەل تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

يېڭىچە داۋالاش چىقىملىرىنى كۆتۈرەلەيدىغان ئاز سانلىقلارمۇ بەك خۇشال بولۇپ كېتەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەندىشە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بولىدۇ. يېڭىچە داۋالاشلار ئۆمۈرنى ۋە ياشلىقنى ئۇزارتالىسىمۇ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلمەيدۇ. مەن ۋە يېقىنلىرىم مەڭگۈ ياشىيالمايمىز، ئەمما بىزنى يۈك ماشىنىسى سوقۇۋەتمىسە ياكى تېررورچىلار پارتلىتىۋەتمىسە بولاتتى-دە! بۇنى ئويلاش نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق! ئۇ ھالدا، جاسارىتى تېخى ئۆلمىگەن كىشىلەرمۇ ئەڭ كىچىك خەتەرگە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ خوتۇن-بالىلىرى ياكى يېقىن دوستىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابى چىدىغۇسىز بولىدۇ.

ھورموندىكى بەخت

ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى مەنىۋى ھايات رازىمەنلىكى سىناق سوئالىنى تارقىتىپ، نەتىجىلەرنى بايلىق ۋە سىياسىي ئەركىنلىك قاتارلىق ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئامىللار بىلەن باغلايدۇ. بىئولوگلار ئوخشاش سوئالنامىلەرنى ئىشلىتىدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ جاۋابلىرىنى بىئوخىمىيەلىك ۋە گېنېتىكىلىق ئامىللار بىلەن باغلايدۇ. ئۇلارنىڭ بايقاشلىرى ھەيران قالارلىق.

بىئولوگلار بىزنىڭ روھىي ۋە ھېسسىي دۇنيايىمىزنى نەچچە مىليون يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن بىئوخىمىيەلىك مېخانىزملار باشقۇرىدۇ دەپ قارايدۇ. باشقا پۈتۈن روھىي ھالەتلەرگە ئوخشاش، بىزنىڭ مەنىۋى بايلىقىمىز مائاش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ياكى سىياسىي ھوقۇقلارغا ئوخشاش تاشقى ئۆلچەملەر بىلەن ئەمەس، بەلكى سېروتونىن، دوپامىن ۋە ئوكسىتوسىن قاتارلىق مۇرەككەپ نېرۋا، نېيرون، سىناپس ۋە ھەر خىل بىئوخىمىيەلىك ماددىلار سىستېمىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

Digital glowing brain with interconnected light particles and cosmic background

لاتارىيەدە ئۇتۇش، ئۆي سېتىۋېلىش، تۇرمۇشتا راۋاج تېپىش، ھەتتا ھەقىقىي مۇھەببەتنى تېپىشمۇ ھېچكىمنى بەختلىك قىلالمايدۇ. كىشىلەرنى بەختلىك قىلىدىغان بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ بەدەندىكى يېقىملىق سېزىملار. لاتارىيەدە ئۇتقان ياكى يېڭى مۇھەببەتنى تېپىپ خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتكەن كىشى ئەمەلىيەتتە پۇل ياكى سۆيگۈچىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقىنى يوق. ئۇ قان تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان ھەر خىل ھورمونلارغا ۋە مېڭىسىدە چاقناۋاتقان ئېلېكتر سىگناللىرىنىڭ ئېقىمىغا ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ.

يەر يۈزىدە جەننەت يارىتىش ئۈمىدىگە كېلىۋاتقان بىر كېلىشمەسلىك شۇكى، ۋۇجۇدىمىزدىكى بىئوخىمىيەلىك سىستېما بەخت دەرىجىسىنى نىسبەتەن تۇراقلىق ساقلاشقا پروگراممىلانغاندەك قىلىدۇ. بەخت ئۈچۈن تەبىئىي تاللاش يوق، بەختلىك يالغۇز ياشىغۇچىنىڭ گېن لىنىيەسى يوقىلىدۇ، ئەنسىز ياشىغان ئاتا-ئانىنىڭ گېنلىرى كېيىنكى ئەۋلادقا ئۆتىدۇ. بەخت ۋە بەختسىزلىك پەقەت ھايات قېلىپ كۆپىيىشنى رىغبەتلەندۈرۈش ياكى ئۇنىى توسۇش ئۈچۈنلا رول ئوينايدۇ. شۇڭا، تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ بىزنى بەك بەختلىك ياكى بەك بەختسىز بولماسلىق قېلىپىغا سېلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۇ بىزنىڭ ۋاقىتلىق يېقىملىق سېزىملەردىن ھۇزۇرلىنىشىمىزغا يول قويىدۇ، ئەمما بۇلار مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ. ھۇزۇرلار پەسىيىپ، يېقىمسىز سېزىملەرگە ئورۇن بېرىدۇ.

مەسىلەن، تەدرىجىي تەرەققىيات ئەركەكلەرگە تۇغۇمچان ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئارقىلىق گېنلىرىنى تارقاتسۇن دەپ يېقىملىق سېزىملەرنى ھەدىيە قىلغان. ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت بۇنداق ھۇزۇر بىلەن بىللە كەلمىگەن بولسا، بۇ ئىشقا ئاز ساندىكى ئەركەكلەرلا كۆڭۈل بۆلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىيات بۇ يېقىملىق سېزىملەرنىڭ تېزلا پەسىيىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. ئەگەر يۇقىرى پەللىدىكى جىنسىي ھاياجان مەڭگۈ داۋاملاشقان بولسا، بەك بەختلىك ئەركەكلەر تاماق يېيىشكىمۇ رايى بارماي ئاچلىقتىن ئۆلەتتى-دە، باشقا ئاياللارنى ئىزدەش جاپاسى تارتمايتتى.

Abstract radiant sunrise with embracing silhouettes

بەزى ئالىملار ئىنسان بىئوخىمىيەسىنى ھاۋا ئىسسىق، سوغۇق ياكى قار- بورانلىق بولسۇن، تېمپېراتۇرىنى تۇراقلىق ساقلايدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسىغا ئوخشىتىدۇ. ۋەقەلەر تېمپېراتۇرىنى ۋاقىتلىق ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن، ئەمما ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسى تېمپېراتۇرىنى دائىم بەلگىلەنگەن نۇقتىغا قايتۇرىدۇ.

بەزى ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىلىرى 25 سېلسىيە گرادۇسقا تەڭشەلگەن. باشقىلىرى 20 گرادۇسقا تەڭشەلگەن. ئىنسانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى تەڭشەش سىستېمىلىرىمۇ ئادەملەرگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. بىردىن ئونغىچە بولغان ئۆلچەمدە، بەزى كىشىلەر كەيپىياتىنىڭ ئالتە بىلەن ئون ئارىسىدا ئۆزگىرىشىگە يول قويىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى سەككىزدە تۇراقلىشىدىغان خۇشخۇي ھورمونلىرى بىلەن تۇغۇلىدۇ. بۇنداق كىشى يات، چوڭ شەھەردە ياشىسىمۇ، بازاردا بارلىق پۇلىنى يوقاتسىمۇ، دىيابېت كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلسىمۇ يەنىلا خۇشال ياشايدۇ. بەزى كىشىلەر ئۈچ بىلەن يەتتە ئارىسىدا ئۆزگىرىدىغان ۋە بەشتە تۇراقلىشىدىغان چۈشكۈنلۈك ھورمونى بىلەن لەنەتلەنگەن بولىدۇ. بۇنداق بەختسىز كىشى جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسىمۇ، لاتارىيەدە مىليون دوللارنى ئۇتسىمۇ ۋە تەنھەرىكەتچىلەردەك ساغلام بولسىمۇ يەنىلا چۈشكۈن ھالەتتە قالىدۇ. دەرۋەقە، ھەتتا بىزنىڭ غەمكىن دوستىمىز ئەتىگەندە 50 مىليون دوللار ئۇتسا، چۈشتە SPID ۋە راك كېسىلىگە داۋا تاپسا، چۈشتىن كېيىن ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا تىنچلىق ئورناتسا، ئاندىن كەچتە يىللار بۇرۇن يوقاپ كەتكەن بالىسى بىلەن قايتا ئۇچراشسىمۇ،  ئۇ يەنىلا يەتتىنچى دەرىجىلىك بەختتىن يۇقىرى بەختنى ھېس قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ مېڭىسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇشاللىق ئۈچۈن يارىتىلمىغان.

بىر دەقىقە ئائىلىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزنى ئويلاڭ. سىز قانداقلا بولسۇن دائىم خۇشال يۈرىدىغان بەزى كىشىلەرنى بىلىسىز. شۇنداقلا توققۇزى تەل تۇرۇپ، ھەمىشە نارازى بولىدىغانلار بار. ئەگەر خىزمەت ئورنىمىزنى ئۆزگەرتسەك، توي قىلساق، رومان يېزىشنى تاماملىساق، يېڭى ماشىنا ئالساق ياكى ئۆي قەرزىنى تۆلەپ بولساق، دۇنيانىڭ چوققىسىدا بولىمىز دەپ ئىشىنىمىز. بىراق، بىز ئارزۇ قىلغان نەرسىگە ئېرىشكەندە تېخىمۇ بەختلىك بولۇپ كەتمەيمىز. ماشىنا سېتىۋېلىش ۋە رومان يېزىش بىزنىڭ ھورمونلىرىمىزنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۇلار بىزنى بىر دەقىقە خۇش قىلىپ، ئاندىن تېزلا بەلگىلەنگەن نۇقتىسىغا قايتىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پىسخولوگىيەلىك ۋە سوتسىئولوگىيەلىك بايقاشلار، مەسىلەن، توي قىلغانلارنىڭ بويتاقلاردىن بەختلىك ئىكەنلىكى قانداق بىلىنىدۇ؟ بىرىنچىدىن، بۇ بايقاشلاردىكى سەۋەب-نەتىجە يۆنىلىشى بەزى تەتقىقاتچىلار ئويلىغاندىن ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. توي قىلغانلارنىڭ بويتاقلار ۋە ئاجراشقانلاردىن بەختلىك ئىكەنلىكى راست، ئەمما بۇ توينىڭ بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئىنسانلار بەختلىك بولىمىز دەپ توي قىلىشى مۇمكىن. ياكى تېخىمۇ توغرىسى، سېروتونىن، دوپامىن ۋە ئوكسىتوسىن قاتارلىق ھورمونلار تويغا سەۋەب بولۇپ ئۇنى ساقلاپ قالىدۇ. خۇشاللىق ھورمونى بىلەن تۇغۇلغانلار ئادەتتە بەختلىك ۋە رازى. بۇنداقلار جەلپكار ئىنسانلار بولۇپ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ توي قىلىش پۇرسىتى كۆپرەك. ئۇلارنىڭ ئاجرىشىش ئېھتىماللىقىمۇ تۆۋەن، چۈنكى بەختلىك ۋە رازىمەن ئىنسان بىلەن ياشاش چۈشكۈن ۋە نارازى بولغان بىرى بىلەن ياشاشتىن كۆپ ئاسان. نەتىجىدە، توي قىلغانلارنىڭ بويتاقلاردىن بەختلىك ئىكەنلىكى راست، ئەمما بىئوخىمىيەسى (ھورمونلىرى) تۈپەيلىدىن غەمكىنلىككە مايىل قىز-يىگىت بىرلەشسە مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ بەختلىك بولۇپ كەتمەيدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، كۆپىنچە بىئولوگلار مۇتەئەسسىپ ئەمەس. ئۇلار بەختنىڭ ئاساسەن بىئوخىمىيە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى قوللايدۇ، ئەمما پىسخولوگىيەلىك ۋە سوتسىئولوگىيەلىك ئامىللارنىڭمۇ رول ئوينايدىغانلىقىغا قوشۇلىدۇ. بىزنىڭ روھىي ھاۋانى تەڭشەش سىستېمىمىز ئالدىن بەلگىلەنگەن چېگرا ئىچىدە قىسمەن بولسىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. يۇقىرى ۋە تۆۋەن ھېسسىي چېگرالاردىن ھالقىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، ئەمما توي قىلىش ۋە ئاجرىشىش ئىككى چېگرا ئارىسىدىكى رايوندا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بەشىنچى دەرىجىلىك (ئوتتۇراھال) بەخت ھورمونى بىلەن تۇغۇلغانلار كوچىلاردا زوق-شوخ بىلەن ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ. ئەمما بەختلىك نىكاھ ئۇنىڭ پات-پات يەتتىنچى دەرىجىدىن ھۇزۇرلىنىشىغا ۋە ئۈچىنچى دەرىجىدىكى ئۈمىدسىزلىكتىن ساقلىنىشىغا ئىمكان بېرىشى كېرەك.

ئەگەر ھورمونلارنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى تەسىرىنى قوبۇل قىلساق، تارىخ بۇ يەردە ئانچە چوڭ رول ئوينىمىغاندەك كۆرۈنىدۇ، چۈنكى كۆپىنچە تارىخىي ۋەقەلەر بىزنىڭ بىئوخىمىيەمىزگە تەسىر كۆرسەتمىگەن. تارىخ سېروتونىننىڭ ئاجرىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان تاشقى قوزغاتقۇچلارنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئەمما كېيىنكى سېروتونىن دەرىجىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۇڭا كىشىلەرنى تېخىمۇ بەختلىك قىلالمايدۇ.

ئوتتۇرا ئەسىردىكى فرانسۇز دېھقىنى بىلەن زامانىۋى پارىژ بانكىرىنى سېلىشتۇرۇڭ. دېھقان چوشقا قوتىنىغا قاراپ تۇرىدىغان، ئىسسىتىلمىغان لاي كەپىدە ياشايدۇ، بانكىر بولسا بىنانىڭ ئەڭ ئۈست قەۋىتىدە، باغچىغا قاراپ تۇرىدىغان، ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن ئۆيدە ياشايدۇ. تەبىئىي سېزىمىمىز بويىچە، بىز بانكىرنى دېھقاندىن كۆپ بەختلىك دەپ ئويلايمىز. ھالبۇكى، لاي كەپىلەر، بىنا ئۆيلەر، باغچىلار بىزنىڭ كەيپىياتىمىزنى ھەقىقەتەن بەلگىلىمەيدۇ. سېروتونىن شۇنداق قىلىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى دېھقان ئۆزىنىڭ لاي تېمىنى سېلىپ بولغاندا، ئۇنىڭ مېڭە نېيرونلىرى سېروتونىن ئاجرىتىپ، ئۇنى X دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن بولسا، 2014-يىلى بانكىر ئۆزىنىڭ ئاجايىپ بىنا ئۆيىگە ئاخىرقى پۇلنى تۆلىگەندە، مېڭە نېيرونلىرى ئوخشاش مىقداردىكى سېروتونىننى ئاجرىتىپ، ئۇنى ئوخشاش X دەرىجىسىگە كۆتۈردى. بىنا ئۆينىڭ لاي كەپىدىن كۆپ قۇلاي ئىكەنلىكىنى مېڭىدىكى ھورمونلار ئايرىپ بولالمايدۇ. مېڭىگە مۇھىم بولغان بىردىنبىر نەرسە سېروتونىن دەرىجىسىنىڭ X ئىكەنلىكىدۇر. نەتىجىدە بانكىر ئۆزىنىڭ نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى بوۋىسى، نامرات ئوتتۇرا ئەسىر دېھقىنىدىن بەختلىكرەك بولمايدۇ.

بۇ پەقەت شەخسىي ھاياتقىلا ئەمەس، بەلكى چوڭ كوللېكتىپ ۋەقەلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، فرانسۇز ئىنقىلابىنى ئالايلى. ئىنقىلابچىلار ئالدىراش ئىدى: ئۇلار پادىشاھنى ئۆلتۈردى، يەرلەرنى دېھقانلارغا بەردى، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى جاكارلىدى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلدى ۋە پۈتۈن ياۋروپا بىلەن ئۇرۇش قىلدى. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى فرانسۇزلارنىڭ بىئوخىمىيەسىنى ئۆزگەرتمىدى. نەتىجىدە، ئىنقىلاب ئېلىپ كەلگەن بارلىق سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىدىئولوگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرگە قارىماي، ئۇنىڭ فرانسۇزلارنىڭ بەختىگە بولغان تەسىرى چوڭ بولمىدى. گېنېتىكىلىق تاللاشتا خۇشاللىق ھورمونىغا ئېرىشكەنلەر ئىنقىلابتىن بۇرۇنمۇ، كېيىنمۇ ئوخشاشلا بەختلىك بولدى. چۈشكۈنلۈك ھورمونىغا ئىگە بولغانلار روبېسپيېر ۋە ناپولېئوندىن قاقشاپلا قالماي، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى لۇئىس XVI ۋە مارىيە ئانتوئانېتتادىنمۇ قاقشاپلا ئۆتۈپ كەتتى.

ئۇنداقتا، فرانسۇز ئىنقىلابىنىڭ نېمە پايدىسى بولدى؟ ئەگەر كىشىلەر تېخىمۇ بەختلىك بولۇپ كەتمىگەن بولسا، بۇنچە مالىمانچىلىق، قورقۇنچ، ئۇرۇش ۋە قان تۆكۈشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار ئىدى؟ بىئولوگلار ھەرگىز باستىلنى ھۇجۇم قىلمىغان بولاتتى. كىشىلەر مەلۇم سىياسىي ئىنقىلاب ياكى  ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئۆزلىرىنى بەختلىك قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىئوخىمىيەسى ئۇلارنى قايتا-قايتا ئالدايدۇ.

پەقەت بىرلا تارىخىي تەرەققىيات ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈن بىز ئاخىرى بەخت ئاچقۇچلىرىنىڭ بىئوخىمىيەلىك سىستېمىمىزنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى چۈشەنسەك، سىياسەت، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە ئىدىئولوگىيەلەرگە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى توختىتىپ، بىزنى ھەقىقەتەن بەختلىك قىلالايدىغان بىردىنبىر نەرسىگە دىققەت قىلالايمىز: بىئوخىمىيەمىزنى (ھورمونىمىزنى) كونترول قىلىش.

ئەگەر بىز مېڭە خىمىيەسىنى چۈشىنىش ۋە مۇۋاپىق داۋالاشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مىليارد-مىليارد دوللارنى خەجلىسەك، ئىنقىلاب قىلماي تۇرۇپمۇ كىشىلەرنى بۇرۇنقىدىن كۆپ بەختلىك قىلالايمىز. مەسىلەن، پروزاك دېگەن نەرسە تۈزۈملەرنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ئەمما سېروتونىن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرنى چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

Six people sitting around a wooden table in a garden, drinking tea and talking

بىئو-خىمىيەنىڭ (ھورموننىڭ) كۈچىنى ئىپادىلەشتە زامانىمىزدىكى مۇنۇ مەشھۇر شۇئاردىن ياخشىراق سۆز يوق: «بەخت ئىچىڭىزدىن باشلىنىدۇ». پۇل، ھوقۇق، ئىجتىمائىي ئورۇن، ھۆسن تۈزەش، چىرايلىق ئۆيلەر، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى سىزگە بەخت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك بەخت پەقەت سېروتونىن، دوپامىن ۋە ئوكسىتوسىندىن كېلىدۇ.

ئالدوس خاكسلېينىڭ 1932-يىلى ئىقتىسادىي كىرزىس يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە نەشر قىلىنغان «قايىل قىلارلىق يېڭى دۇنيا» ناملىق دىستوپىيە (غايىۋى جەمئىيەتكە قارشى) رومانىدا بەخت ئەڭ يۇقىرى قىممەت، روھىي ساغلاملىق دورىلىرى بولسا سىياسەتنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە ساقچى ۋە سايلامنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ھەر كۈنى، ھەر بىر كىشى «سوما» دەپ ئاتىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمدارلىقى ۋە نەتىجىلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەي ئۇلارنى بەختلىك قىلىدىغان سۈنئىي دورىدىن بىر قوشۇق ئىچىدۇ. پۈتۈن يەر شارىنى باشقۇرىدىغان دۇنيا دۆلىتى ھېچقاچان ئۇرۇش، ئىنقىلاب، ئىش تاشلاش ياكى نامايىشلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق كىشىلەر ھازىرقى شارائىتلىرىدىن ئىنتايىن رازى. خاكسلېينىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى جورج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق ئەسىرىدىنمۇ بەكرەك بىئارام قىلىدۇ. خاكسلېينىڭ دۇنياسى كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەرگە قورقۇنچلۇق تۇيۇلىدۇ، ئەمما نېمىشقا ئۇنداق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش تەس. ھەممە كىشى ھەر ۋاقىت بەختلىك، بۇنىڭ نېمە خاتالىقى بولسۇن؟

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading