ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(40)

Factories emitting thick smoke over green and yellow farmland during sunset

18. دائىملىق ئىنقىلاب

سانائەت ئىنقىلابى ئېنېرگىيەنى ئايلاندۇرۇش ۋە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئاچتى، ئىنسانلارنى ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا بېقىنىشتىن ئاساسەن ئازاد قىلدى. ئىنسانلار ئورمانلارنى كېسىپ، ساز-پاتقاقلارنى قۇرۇتۇپ، دەريالارنى توسۇپ، تۈزلەڭلىكلەرنى سۇ ئاستىدا قالدۇرۇپ، ئون مىڭلىغان كىلومېتىر تۆمۈر يول ئىزلىرىنى سېلىپ، ئاسمان-پەلەك بىنالارغا تولغان شەھەرلەرنى قۇردى. دۇنيا ھومو ساپىيانسنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلغاندىن تارتىپ، ياشاش مۇھىتلىرى ۋەيران قىلىندى ۋە تۈرلەر يوقالدى. بىزنىڭ بۇرۇنقى يېشىل ۋە كۆك پىلانېتىمىز بېتون ۋە پىلاستىك سودا مەركىزىگە ئايلىنىۋاتىدۇ.

بۈگۈن، يەر شارىنىڭ قۇرۇقلۇقلىرىدا تەخمىنەن 7 مىليارد ساپىيانس ياشايدۇ. ئەگەر سىز بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى چوڭ تارازىغا قويسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن 300 مىليون توننا بولىدۇ. ئەگەر سىز كالا، چوشقا، قوي ۋە توخۇ قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى تېخىمۇ چوڭ تارازىغا قويسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 700 مىليون توننىغا يېتىدۇ. ئەكسىچە، ھايات قالغان بارلىق چوڭ ھايۋانلارنىڭ (كىرپىدىن تارتىپ پېنگۋىن، پىل ۋە كىتلارغىچە ) ئومۇمىي ئېغىرلىقى 100 مىليون توننىدىن ئاز. بىزنىڭ بالىلار كىتابلىرىمىز، سىمۋوللىرىمىز ۋە تېلېۋىزور ئېكرانلىرىمىز ھېلىھەم زىراپە، بۆرە ۋە شىمپانزېلار بىلەن تولغان، ئەمما رېئال دۇنيادا ئۇلاردىن ناھايىتى ئاز قالدى. دۇنيادا 1.5 مىليارد كالىغا سېلىشتۇرغاندا پەقەت 80,000 زىراپە بار؛ 400 مىليون ئۆي ئىتىغا سېلىشتۇرغاندا پەقەت 200,000 بۆرە بار؛ نەچچە مىليارد ئىنسانغا سېلىشتۇرغاندا پەقەت 250,000 شىمپانزې بار. ئىنسانلار ھەقىقەتەن دۇنيانى ئىگىلىۋالدى.

ئېكولوگىيەلىك بۇزۇلۇش بىلەن تەبىئىي مەنبەنىڭ يېتىشمەسلىكى مەسىلىسى ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقى بابتا كۆرگىنىمىزدەك، ئىنسانلارغا تەۋە مەنبەلەر داۋاملىق كۆپەيمەكتە ۋە شۇنداق داۋاملىشىشى مۇمكىن. شۇڭا مەنبە يېتىشمەسلىكى ھەققىدىكى قىيامەت بېشارەتلىرى مۇۋاپىق بولماسلىقى مۇمكىن. ئەكسىچە، ئېكولوگىيەلىك بۇزۇلۇش خەۋپى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىدۇر. كەلگۈسىدە ساپىيانسلار يېڭى ماتېرىياللار ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كونترول قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەبىئىي ياشاش مۇھىتىنىڭ قالدۇقلىرىنى ۋەيران قىلىپ، باشقا تۈرلەرنى يوقىلىشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى ھومو ساپىيانسنىڭ ھايات قېلىشىنىمۇ خەۋپكە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، ئوكيانلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە كەڭ كۆلەملىك بۇلغىنىش قاتارلىقلار يەر شارىنى ئىنسانلارمۇ ياشىيالمايدىغان ماكان قىلىۋېتىشى مۇمكىن، شۇڭا كەلگۈسىدە ئىنسانلار بىلەن ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئىي ئاپەتلەر ئارىسىدا مۇسابىقە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئىنسانلار بارلىق كۈچىنى تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە كۆڭۈل خاھىشىغا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەندە، تېخىمۇ كۆپ كۈتۈلمىگەن ۋە خەتەرلىك يان تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇلارنى پەقەت ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا تېخىمۇ كەسكىن مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىقلا كونترول قىلغىلى بولىدۇ، بۇ تېخىمۇ ئېغىر قالايمىقانچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

نۇرغۇنلىرى بۇ جەرياننى تەبىئەتنىڭ ۋەيران قىلىنىشى دەپ ئاتايدۇ. ئەمما بۇ ھەقىقەتەن ۋەيران قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىش. تەبىئەتنى ۋەيران قىلغىلى بولمايدۇ. 65 مىليون يىل ئىلگىرى، بىر ئاستېروئىد دىنوزاۋرلارنى يوقاتقان، ئەمما شۇنداق قىلىش ئارقىلىق سۈت ئەمگۈچىلەرگە يول ئاچقان. بۈگۈن، ئىنسانىيەت نۇرغۇن تۈرلەرنى يوقىلىشقا ئېلىپ بارماقتا ۋە ھەتتا ئۆزىنىمۇ يوق قىلىۋېتىشى مۇمكىن. ئەمما باشقا ئورگانىزملار خېلى ياخشى ئەھۋالدا. مەسىلەن، چاشقان ۋە قوڭغۇزلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى دەۋرىنى كەچۈرمەكتە. بۇ چىداملىق مەخلۇقلار يادرو ئۇرۇشىنىڭ تۈتەك خارابىلىرى ئاستىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ، DNAلىرىنى تارقىتىشقا تەييار ۋە قادىر بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم 65 مىليون يىلدىن كېيىن، ئەقىللىق چاشقانلار بىز بۈگۈن دىنوزاۋرلارنى يوقاتقان ئاستېروئىدقا رەھمەت ئېيتقاندەك، ئىنسانىيەت ئېلىپ كەلگەن ۋەيرانچىلىققا مىننەتدارلىق بىلەن قارىشى مۇمكىن.

شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ يوقىلىشىمىز ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلارغا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. سانائەت ئىنقىلابىدىن بېرى دۇنيا نوپۇسى بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپەيدى. 1700-يىلى دۇنيادا تەخمىنەن 700 مىليون ئىنسان بار ئىدى. 1800-يىلى بىز 950 مىليون ئىدۇق. 1900-يىلىغا كەلگەندە سانىمىز دېگۈدەك ئىككى ھەسسە كۆپىيىپ 1.6 مىلياردقا يەتتى. 2000-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان تۆت ھەسسە كۆپىيىپ 6 مىلياردقا يەتتى. بۈگۈن 7 مىلياردقا يېقىن ساپىيانس بار.

زامانىۋى دەۋر

بۇ ساپىيانسلار تەبىئەتنىڭ تەسىرىگە بارغانسېرى تاقابىل تۇرالايدىغان بولسىمۇ، ئۇلار زامانىۋى سانائەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا تېخىمۇ بېقىندى بولۇپ قالدى. سانائەت ئىنقىلابى ئىجتىمائىي ئىنژېنېرلىقتىكى بىر يۈرۈش تەجرىبىلەرگە، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىنسان پىسخىكىسىدىكى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانسىز ئۆزگىرىشلەرگە يول ئاچتى. كۆپلىگەن مىساللاردىن بىرى شۇكى، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك رىتىملىرى سانائەتنىڭ بىرخىل ۋە ئېنىق جەدۋىلى بىلەن ئالماشتۇرۇلدى.

زامانىۋى دەۋر» (1936-يىلى) ناملىق فىلىمدىن كۆرۈنۈش. 1936-يىلى ئىشلەنگەن بۇ كىلاسسىك فىلىم 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى بۈيۈك ئىقتىسادىي كىرزىس ۋە سانائەتلىشىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى جەمئىيەت رېئاللىقىنى يۇمۇرىستىك، ئەمما ئېچىنىشلىق ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ بەرگەن.سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى چارلى چاپلىننىڭ غايەت زور چىشلىق چاقلار ئارىسىغا قىسىلىپ قېلىشى — سانائەتلىشىش جەريانىدا ئىنسانلارنىڭ ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ، يوغان بىر ماشىنىنىڭ كىچىككىنە بىر زاپچىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىڭ كۈچلۈك سىمۋولى. قۇراشتۇرۇش لىنىيەسى ئىشچىلارنى توختىماي، خۇددى ماشىنىدەك ئىشلەشكە مەجبۇرلايدىغان سىستېما. بۇفىلىم دەل شۇ كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە ياتلىقىنى تەنقىد قىلىدۇ.


ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك تەبىئىي ۋاقىت ۋە ئورگانىك ئۆسۈش دەۋرلىرىگە تايىناتتى. كۆپىنچە جەمئىيەتلەر ئېنىق ۋاقىت ئۆلچەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس ئىدى ھەمدە بۇنىڭغا بەك قىزىقمايتتى. دۇنيا سائەت ۋە ۋاقىت جەدۋەللىرىسىز، پەقەت قۇياشنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش دەۋرلىرىگە بويسۇنۇپ ئىش-پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇراتتى. مۇئەييەن ئىش كۈنى يوق بولۇپ، بارلىق كۈندىلىك ئىشلار پەسىلگە قاراپ كەسكىن ئۆزگىرەتتى. كىشىلەر قۇياشنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، شۇنداقلا يامغۇر پەسلى بىلەن ھوسۇل ۋاقتىنىڭ بەلگىلىرىنى ئەنسىزلىك بىلەن كۆزىتەتتى، ئەمما ئۇلار سائەتنى بىلمەيتتى ۋە يىلنىمۇ ئانچە كۆزگە ئىلمايتتى. ئەگەر تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن بىر ۋاقىت ساياھەتچىسى ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر يېزىغا كېلىپ، يولدا ئۆتكۈچىدىن «بۇ قايسى يىل؟» دەپ سورىسا، يېزىلىق كىشى ساياھەتچىنىڭ كۈلكىلىك كىيىمىگە ھەيران قالغاندەك، بۇ سوئالغىمۇ گاڭگىراپ قالاتتى.

ئوتتۇرا ئەسىردىكى دېھقانلار ۋە موزدوزلارنىڭ ئەكسىچە، زامانىۋى سانائەت قۇياش ياكى پەسىلگە ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇ ئېنىقلىق ۋە بىرخىللىقنى مۇقەددەس بىلىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كارخانىدا بىر موزدوز بىر جۈپ ئاياغنى  چەمىدىن پاشنىسىغىچە ياسايتتى. ئەگەر ئۇ موزدوز ئىشقا كېچىكىپ كەلسە، باشقىلارنىڭ ئىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيتتى. ھالبۇكى، زامانىۋى ئاياغ زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، بىر ئىشچى پەقەت ئاياغنىڭ كىچىك بىر قىسمىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ماشىنىنى باشقۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ كېيىنكى ماشىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئەگەر 5-نومۇرلۇق ماشىنىنى باشقۇرىدىغان ئىشچى ئۇخلاپ قالسا، باشقا بارلىق ماشىنىلارنىڭ توختاپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنداق پالاكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەممەيلەن ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. ھەر بىر ئىشچى دەل ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشقا كېلىدۇ. ھەممەيلەن ئاچ بولسۇن-بولمىسۇن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بىرلىكتە دەم ئالىدۇ. نۆۋەتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىشارەت ئاۋازى چىققاندا –(ئۇلار ئۆز ئىشىنى تاماملىغان ياكى تاماملىمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر) ھەممەيلەن ئۆيگە قايتىدۇ.

سانائەت ئىنقىلابى ۋاقىت جەدۋىلى ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى  بارلىق ئىنسانىي پائالىيەتلەرنىڭ قېلىپىغا ئاساسەن ئايلاندۇرۇپ بولدى. زاۋۇتلار ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىگە سالغاندىن كېيىنلا، مەكتەپلەرمۇ ئېنىق ۋاقىت جەدۋەللىرىنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن دوختۇرخانىلار، ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى ۋە ئوزۇق-تۈلۈك دۇكانلىرى ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ھەتتا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە ماشىنىلار بولمىغان جايلاردىمۇ، ۋاقىت جەدۋىلى پادىشاھقا ئايلاندى. ئەگەر زاۋۇتتىكى نۆۋەت چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە تۈگىسە، يەرلىك مەيخانا سائەت 5:02دە ئىشىكىنى ئېچىشى كېرەك.

تۇنجى تىجارىي پويىز مۇلازىمىتى 1830-يىلى لىۋېرپول بىلەن مانچېستېر ئارىسىدا باشلاندى. ئون يىلدىن كېيىن، تۇنجى پويىز ۋاقىت جەدۋىلى چىقىرىلدى. پويىزلار كونا ھارۋىلاردىن كۆپ تېز بولغاچقا، يەرلىك سائەتلەردىكى غەلىتە پەرقلەر ئېغىر بىئاراملىق پەيدا قىلدى. 1847-يىلى، بىرىتانىيە پويىز شىركەتلىرى بىرلىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق پويىز ۋاقىت جەدۋەللىرىنىڭ لىۋېرپول، مانچېستېر ياكى گلازگونىڭ يەرلىك ۋاقىتلىرىغا ئەمەس، گرىنۋىچ رەسەتخانىسىنىڭ ۋاقتىغا ماسلاشتۇرۇلىدىغانلىقىغا كېلىشتى. بارغانسېرى كۆپ ئورگانلار پويىز شىركەتلىرىنىڭ يولىنى تۇتتى. ئاخىرىدا، 1880-يىلى، بىرىتانىيە ھۆكۈمىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن قەدەمنى بېسىپ، بىرىتانىيەدىكى بارلىق ۋاقىت جەدۋەللىرىنىڭ گرىنۋىچ ۋاقتىغا ئەگىشىشى كېرەكلىكىنى قانۇنلاشتۇردى. تارىختا تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت دۆلەت ۋاقتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاھالىسىنى يەرلىك ۋاقىت ياكى كۈن چىقىش-پېتىش دەۋرلىرى بويىچە ئەمەس، سۈنئىي سائەت بويىچە ياشاشقا مەجبۇرلىدى.

ۋاقىت جەدۋىلى سىستېمىسىنىڭ تارقىلىشىدىكى مۇھىم ھالقا ئاممىۋى قاتناش ئىدى. ئەگەر ئىشچىلار سائەت 08:00دە ئىش باشلىشى كېرەك بولسا، پويىز ياكى ئاپتوبۇس زاۋۇت دەرۋازىسىغا 07:55تە يېتىپ كېلىشى كېرەك. بىر نەچچە مىنۇتلۇق كېچىكىش ئىشلەپچىقىرىشنى تۆۋەنلىتىپ، ھەتتا تەلەيسىز كېچىككۈچىلەرنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. 1784-يىلى بىرىتانىيەدە ئېلان قىلىنغان ۋاقىت جەدۋىلى بىر ھارۋا مۇلازىمىتى بىلەن باشلاندى. ئۇنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى پەقەت يولغا چىقىش ۋاقتىنىلا بەلگىلىگەن بولۇپ، يېتىپ بېرىش ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن. ئۇ چاغدا، بىرىتانىيەدىكى ھەر بىر شەھەر ۋە يېزىنىڭ ئۆز يەرلىك ۋاقتى بار بولۇپ، لوندون ۋاقتىدىن يېرىم سائەتكىچە پەرقلىنەتتى. لوندوندا سائەت 12:00 بولغاندا، لىۋېرپولدا بەلكىم 12:20، كانتېربۇرىدا 11:50 بولاتتى. تېلېفون، رادىئو، تېلېۋىزور ياكى تېز پويىزلار بولمىغان ئەھۋالدا بۇنى كىم بىلەتتى ۋە بۇنىڭغا كىم پەرۋا قىلاتتى؟

Rusty mechanical clock gears and springs on an antique world map
s

بۇ كىچىك باشلىنىش سېكۇنتنىڭ كىچىك پارچىلىرىغىچە ماسلاشتۇرۇلغان دۇنياۋى ۋاقىت جەدۋەللىرى تورىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تارقىتىش ۋاسىتىلىرى (ئاۋۋال رادىئو، ئاندىن تېلېۋىزور) ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئۇلار ۋاقىت جەدۋەللىرى دۇنياسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىجراچىلىرى ۋە تەشۋىقاتچىلىرىغا ئايلاندى. رادىئو ئىستانسىلىرى تارقاتقان دەسلەپكى نەرسىلەرنىڭ بىرى ۋاقىت سىگناللىرى بولۇپ، بۇ يىراقتىكى يېزىلار ۋە دېڭىزدىكى كېمىلەرنىڭ سائەتلىرىنى توغرىلىشىغا ئىمكان بەردى. كېيىنچە، رادىئو ئىستانسىلىرى ھەر سائەتتە خەۋەر تارقىتىش ئادىتىنى قوبۇل قىلدى. ھازىر، ھەر بىر خەۋەر تارقىتىشتىكى تۇنجى تېما ( ھەتتا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىدىنمۇ مۇھىم ) ۋاقىتتۇر. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، BBC خەۋەرلىرى نازىلار ئىشغال قىلغان ياۋروپاغا تارقىتىلدى. ھەر بىر خەۋەر پروگراممىسى بىگ بېننىڭ سائەت قوڭغۇرىقىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشى بىلەن باشلىناتتى: ئەركىنلىكنىڭ سېھرىي ئاۋازى. ئەقىللىق گېرمان فىزىكلىرى تارقىتىلغان داڭ-دۇڭ ئاۋازلىرىدىكى كىچىك پەرقلەرگە ئاساسەن لوندوننىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلىنى تاپتى. بۇ ئۇچۇر لۇفتۋاففېغا ناھايىتى قىممەتلىك ياردەم بەردى. بىرىتانىيە مەخپىي مۇلازىمىتى بۇنى بايقىغاندا، ئۇلار بىۋاسىتە تارقىتىشنى داڭلىق سائەتنىڭ ئۈن-سىن خاتىرىسى بىلەن ئالماشتۇردى.

ۋاقىت جەدۋىلى تورىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئەرزان ئەمما ئېنىق كۆچمە سائەتلەر ھەممە يەردە كۆرۈلىدىغان بولدى. ئاسسۇرىيە، ساسانىي ياكى ئىنكا شەھەرلىرىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر نەچچە قۇياش سائىتى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ياۋروپا ئوتتۇرا ئەسىر شەھەرلىرىدە ئادەتتە بىرلا سائەت بولۇپ، شەھەر مەيدانىدىكى ئېگىز مۇنارنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان ئۇ مېخانىك سائەت ناھايىتى خاتا ئىدى، ئەمما شەھەردە ئۇنىڭغا زىت كېلىدىغان باشقا سائەتلەر بولمىغاچقا، بۇنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى. بۈگۈن، بىر باي ئائىلىدە ئادەتتە پۈتۈن بىر ئوتتۇرا ئەسىر دۆلىتىدىكىدىن كۆپ سائەت بار. سىز قول سائىتىڭىزگە قاراپ، ئاندروئىدىڭىزغا نەزەر سېلىپ، كارىۋىتىڭىز يېنىدىكى قوڭغۇراقلىق سائەتكە تىكىلىپ، ئاشخانا تېمىدىكى سائەتكە قاراپ، مىكروۋولنىغا تىكىلىپ، تېلېۋىزور ياكى DVD نى كۆرۈپ، ياكى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ۋەزىپە ئىستونىغا كۆز قىرىڭىزنى تاشلاپ ۋاقىتنى بىلەلەيسىز. ۋاقىتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىلمەسلىك ئۈچۈن ئاڭلىق تىرىشچانلىق قىلىشىڭىز كېرەك.

نورمال بىر ئادەم بۇ سائەتلەرگە كۈنىگە ئون نەچچە قېتىم قارايدۇ، چۈنكى بىز قىلىدىغان ھەممە ئىش ۋاقتىدا قىلىنىشى كېرەك. قوڭغۇراقلىق سائەت بىزنى ئەتىگەن سائەت 7دە ئويغىتىدۇ، توڭلاتقان گىردىمىزنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا 50 سېكۇنت ئىسسىتىمىز، ئېلېكتىر چىش چوتكىسى سىگنال بەرگىچە ئۈچ مىنۇت چىش چوتكىلايمىز، 07:40 دا پويىزىغا ئۈلگۈرۈپ ئىشقا بارىمىز، تەنتەربىيە زالىدىكى يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا قوڭغۇراق يېرىم سائەت توشقانلىقىنى جاكارلىغۇچە يۈگۈرىمىز، كەچ سائەت 7دە ياخشى كۆرىدىغان پروگراممىمىزنى كۆرۈش ئۈچۈن تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرىمىز، ھەر سېكۇنتى 1,000 دوللارغا پۈتىدىغان ئېلانلار بىلەن ئالدىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئۈزۈلىمىز، ئاخىرىدا بارلىق غەم-قايغۇمىزنى ھازىر ئۆلچەملىك 50 مىنۇتلۇق داۋالاش سائىتىدە بىزنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىمىزنى چەكلەيدىغان ئۈسكۈنىگە چاتىمىز.

سانائەت ئىنقىلابى ئىنسانلار جەمئىيىتىدە نەچچە ئون چوڭ ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سانائەت ۋاقتىغا ماسلىشىش ئۇلارنىڭ بىرى خالاس. باشقا مۇھىم مىساللار شەھەرلىشىش، دېھقانلارنىڭ يوقىلىشى، سانائەت پرولېتارىياتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئاددىي پۇقرالارنىڭ كۈچىيىشى، دېموكراتىيەلىشىش، ياشلار مەدەنىيىتى ۋە ئاتىلىق تۈزۈمنىڭ (ئەرلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ) پارچىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۇنداقتىمۇ، بۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەر ئىنسانىيەتكە كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي ئىنقىلاب: ئائىلە ۋە يەرلىك جامائەتنىڭ يىمىرىلىشى ئۇلارنىڭ دۆلەت ۋە بازار بىلەن ئالمىشىشى ئالدىدا ھېچقانچە ئىش ئەمەس. بىلىشىمىزچە، ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىن تارتىپ، بىر مىليون يىلدىن ئارتۇق، ئىنسانلار كىچىك، يېقىن جامائەتلەردە ياشىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇق-تۇغقان ئىدى. ئەقىل ئىنقىلابى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى بۇنى ئۆزگەرتمىدى. ئۇلار ئائىلىلەر ۋە جامائەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قەبىلىلەر، شەھەرلەر، پادىشاھلىقلار ۋە ئىمپېرىيەلەرنى قۇردى، ئەمما ئائىلىلەر ۋە جامائەتلەر بارلىق ئىنسان جەمئىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش بىرلىكى بولۇپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، سانائەت ئىنقىلابى ئىككى ئەسىردىن ئازراق ۋاقىت ئىچىدە بۇ قۇرۇلۇش بىرلىكلىرىنى ئاتومغا پارچىلىۋەتتى. ئائىلىلەر بىلەن جامائەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ۋەزىپىلىرى دۆلەت ۋە بازارلارغا تاپشۇرۇلدى.

ئائىلە ۋە جامائەتنىڭ يىمىرىلىشى

سانائەت ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى، كۆپىنچە ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۈچ قەدىمىي قېلىپ ئىچىدە داۋاملاشتى: ئاساسىي ئائىلە، كەڭ ئائىلە ۋە يەرلىك يېقىن جامائەت. كۆپىنچە كىشىلەر ئائىلىۋى كەسىپتە، مەسىلەن، ئائىلە يېزا ئىگىلىكى ياكى ئائىلە كارخانىسىدا، يا بولمىسا قوشنىلىرىنىڭ ئائىلە كەسىپلىرىدە ئىشلەيتتى. ئائىلە يەنە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، ساقلىق-ساغلاملىق سىستېمىسى، مائارىپ سىستېمىسى، قۇرۇلۇش سانائىتى، كەسىپلەر ئۇيۇشمىسى، پېنسىيە فوندى، كاپالەت شىركىتى، رادىئو، تېلېۋىزور، گېزىت، بانكا ۋە ھەتتا ساقچى ئىدى.

بىر كىشى كېسەل بولۇپ قالسا، ئائىلە ئۇنىڭغا قارايتتى. بىر كىشى قېرىغاندا، ئائىلە ئۇنى قوللايتتى، ئۇنىڭ بالىلىرى ئۇنىڭ پېنسىيە فوندى ئىدى. بىر كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئائىلە بويىچە يېتىملەرگە قارايتتى. بىر كىشى ئۆي سالماقچى بولسا، ئائىلە ياردەم قىلاتتى. بىر كىشى تىجارەت باشلىماقچى بولسا، ئائىلە زۆرۈر پۇلنى يىغاتتى. بىر كىشى توي قىلماقچى بولسا، ئائىلە تاللايتتى ياكى ھېچ بولمىغاندا نامزاتنى تەكشۈرەتتى. قوشنا بىلەن توقۇنۇش چىقسا، ئائىلە ئارىلىشاتتى. ئەگەر بىر كىشىنىڭ كېسىلى ئائىلىنىڭ باشقۇرالايدىغىنىدىن ئېغىر بولسا، ياكى يېڭى تىجارەت بەك چوڭ مەبلەغ تەلەپ قىلسا، ياكى مەھەللە ماجىراسى زوراۋانلىق دەرىجىسىگە يەتسە، يەرلىك جامائەت ياردەمگە كېلەتتى.

جامائەت يەرلىك ئەنئەنىلەر ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئاساسىدا ياردەم بېرەتتى، بۇ كۆپىنچە ئەركىن بازارنىڭ تەلەپ-تەمىنلەش قانۇنلىرىدىن كۆپ پەرقلىنەتتى. كونا ئۇسلۇبتىكى ئوتتۇرا ئەسىر جامائىتىدە، قوشنام موھتاج بولغاندا، مەن ئۇنىڭ ئۆيىنى سېلىشقا ۋە قويلىرىنى بېقىشقا ياردەم قىلاتتىم، بۇنىڭدىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايتتىم. مەن موھتاج بولغاندا، قوشنام ياخشىلىقنى قايتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىك ھۆكۈمران بىزنى قەلئەسىنى سېلىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن ئىدى، بىزگە بىر تىيىنمۇ تۆلىمەيتتى. بۇنىڭ بەدىلىگە، بىز ئۇنىڭ بىزنى قاراقچىلار ۋە ياۋايىلاردىن قوغدىشىغا ئىشىنەتتۇق. يېزا تۇرمۇشىدا نۇرغۇن ئالماشتۇرۇشلار بولسىمۇ، ئاز تۆلەم بولاتتى. ئەلۋەتتە بەزى بازارلار بار ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ رولى چەكلىك ئىدى. سىز دورا-دەرمەكلەر، رەخت ۋە قوراللارنى سېتىۋالالايتتىڭىز، ئادۋوكات ۋە دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتەلەيتتىڭىز. ئەمما كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ 10 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغان قىسمى پۇل بىلەن سېتىۋېلىناتتى. كۆپىنچە ئىنسانىي ئېھتىياجلار ئائىلە ۋە جامائەت تەرىپىدىن ھەل قىلىناتتى.

يەنە ئۇرۇش قىلىش، يول سېلىش ۋە ئوردا قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلايدىغان پادىشاھلىقلار ۋە ئىمپېرىيەلەر بار ئىدى. بۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن پادىشاھلار باج يىغاتتى ۋە بەزىدە ئەسكەرلەر بىلەن ئىشچىلارنى تەشكىللەيتتى. شۇنداقتىمۇ، ئاز ساندىكى ئىشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇلار ئائىلىلەر ۋە جامائەتلەرنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا ئارىلاشمايتتى. ھەتتا ئۇلار ئارىلاشماقچى بولسىمۇ، كۆپىنچە پادىشاھلار بۇنى قىلالمايتتى. ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىدا نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ساقچىلار، ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە دوختۇرلارنى بېقىشقا يېتەرلىك ئاشلىق يوق ئىدى. نەتىجىدە، كۆپىنچە ھۆكۈمرانلار ئومۇمىي خەلق پاراۋانلىق سىستېمىسى، ساقلىقنى ساقلاش ياكى مائارىپ سىستېمىسى قۇرمىدى. ئۇلار بۇنداق ئىشلارنى ئائىلىلەر ۋە جامائەتلەرنىڭ قولىغا قويۇپ بەردى. ھەتتا ھۆكۈمرانلار دېھقانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تېخىمۇ چوڭقۇر ئارىلاشماقچى بولغان ئاز ساندىكى ئەھۋاللاردىمۇ (مەسىلەن، جۇڭگودىكى چىن ئىمپېرىيەسىدە)، ئۇلار بۇنى ئائىلە باشلىقلىرى ۋە جامائەت ئاقساقاللىرىنى ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق قىلدى.

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، قاتناش ۋە ئالاقە قىيىنچىلىقلىرى يىراق جامائەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى شۇنچە قىيىنلاشتۇردىكى، نۇرغۇن پادىشاھلىقلار ھەتتا ئەڭ ئاساسىي پادىشاھلىق ھوقۇقلىرىنى – مەسىلەن، باج ۋە زوراۋانلىق – جامائەتلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تاللىدى. مەسىلەن، ئوسمان ئىمپېرىيەسى چوڭ ئىمپېرىيە ساقچى كۈچى قۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئائىلە ئۆچ ئېلىشلىرىنىڭ ئادالەت يۈرگۈزۈشىگە يول قويدى. ئەگەر تاغامنىڭ ئوغلى بىرىنى ئۆلتۈرسە، قۇربان بولغۇچىنىڭ ئاكىسى قانۇنلۇق ئىنتىقام ئېلىش يۈزىسىدىن مېنى ئۆلتۈرەلەيتتى. ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ياكى ھەتتا ئۆلكىلىك پاشامۇ، زوراۋانلىق قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان چەك ئىچىدە تۇرغان مۇددەتچە، بۇنداق توقۇنۇشلارغا ئارىلاشمايتتى.

خىتاي مىڭ ئىمپېرىيەسىدە (1368-1644)، نوپۇس باۋجيا سىستېمىسى بويىچە تەشكىللەنگەن. ئون ئائىلە بىر جيانى شەكىللەندۈرەتتى، ۋە ئون جيا بىر باۋنى تەشكىل قىلاتتى. بىر باۋنىڭ ئەزاسى جىنايەت سادىر قىلسا، باشقا باۋ ئەزالىرى، بولۇپمۇ باۋ ئاقساقاللىرى جازالىنىشى مۇمكىن ئىدى. باجمۇ باۋغا سېلىناتتى، ۋە ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى باھالاش ۋە ئۇلار تۆلىشى كېرەك بولغان باج مىقدارىنى بەلگىلەش دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەمەس، باۋ ئاقساقاللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىدى. ئىمپېرىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ سىستېمىنىڭ چوڭ پايدىسى بار ئىدى. ھەر بىر ئائىلىنىڭ كىرىم-چىقىمىنى نازارەت قىلىدىغان مىڭلىغان كىرىم ئەمەلدارلىرى ۋە باج يىغقۇچىلارنى ساقلاشنىڭ ئورنىغا، بۇ ۋەزىپىلەر جامائەت ئاقساقاللىرىغا قالدۇرۇلدى. ئاقساقاللار ھەر بىر يېزىلىقنىڭ قانچىلىك بايلىقى بارلىقىنى بىلەتتى ۋە ئۇلار ئادەتتە ئىمپېرىيە ئارمىيەسىنى ئارىلاشتۇرماي باج تۆلەشنى يۈرگۈزەلەيتتى.

نۇرغۇن پادىشاھلىقلار ۋە ئىمپېرىيەلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە باج يىغىدىغان تۈرلۈك يوللىرى بار ئىدى. پادىشاھ بولسا دۆلەت مۇداپىئە پۇلى توپلايدىغان ئەڭ چوڭ خوجايىن بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە قوشنا جايلاردىكى قارا گوروھ ۋە يەرلىك قاراقچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن باشقا ئىش قىلمايتتى.

ئائىلە ۋە جامائەت قوينىدىكى ھايات كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشتىن يىراق ئىدى. ئائىلىلەر ۋە جامائەتلەر ئۆز ئەزالىرىنى زامانىۋى دۆلەتلەر ۋە بازارلاردىن كەم بولمىغان دەرىجىدە رەھىمسىزلەرچە بېسىمغا ئۇچرىتالايتتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆپىنچە جىددىيلىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن تولغان ئىدى، ئەمما كىشىلەرنىڭ باشقا تاللىشى يوق ئىدى. 1750-يىللار ئەتراپىدا ئائىلىسى ۋە جامائىتىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشى ئۆلگەنگە باراۋەر ئىدى. ئۇنىڭ خىزمىتى، مائارىپى، داۋالىنىشى ۋە قىيىنچىلىقىغا ھېچكىم ياردەم بەرمەيتتى. ھېچكىم ئۇنىڭغا پۇل قەرز بەرمەيتتى ياكى ئۇ باشقا بىر يەردە ئىش تاپسا ھېچكىم ئۇنى قوغدىمايتتى. ساقچى، مەمۇر ياكى مەجبۇرىي مائارىپ ئورۇنلىرى ئۇنىڭغا خىزمەت قىلمايتتى. بۇنداق كىشى ھايات قېلىش ئۈچۈن، دەرھال باشقا بىر ئائىلە ياكى جامائەت تېپىشى كېرەك ئىدى. ئۆيدىن قېچىپ كەتكەن ئوغۇل-قىزلار تەلىيى ئوڭ كەلسە يېڭى بىر ئائىلىدە خىزمەتكار بولالايتتى. يامان كۈنگە قالسا، بارىدىغان يېرى ئارمىيە ياكى پاھىشىخانا ئىدى.

بۇنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى ئىككى ئەسىردە تېزلا ئۆزگەردى. سانائەت ئىنقىلابى بازارغا زور يېڭى كۈچلەرنى بەردى، دۆلەتنى يېڭى ئالاقە ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلىدى،  ئاندىن كاتىپلار، ئوقۇتقۇچىلار، ساقچىلار ۋە مەمۇرلاردىن تەركىب تاپقان بىر قوشۇننى ھۆكۈمەتنىڭ ئىختىيارىغا بەردى. دەسلەپتە بازار ۋە دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ يولىنى سىرتتىن كېلىدىغان، ئارىلىشىشنى ياقتۇرمايدىغان ئەنئەنىۋى ئائىلىلەر ۋە جامائەتلەر توسۇۋالغانلىقىنى بايقىدى. ئاتا-ئانىلار ۋە جامائەت ئاقساقاللىرى ياش ئەۋلادلارنىڭ مىللىي مائارىپ سىستېمىلىرى تەرىپىدىن تەربىيەلىنىشىگە، ئارمىيەگە ئەسكەرلىككە ئېلىنىشىغا ياكى جەمەتىنىڭ تايىنى يوق شەھەر ئاققۇنلىرىغا ئايلىنىشىغا قارشى تۇردى.

A village with traditional houses merging into a modern city skyline with tall glass skyscrapers

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، دۆلەتلەر ۋە بازارلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقان كۈچىنى ئائىلە ۋە جامائەتنىڭ ئەنئەنىۋى رىشتىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئىشلەتتى. دۆلەت ئۆزىنىڭ ساقچىلىرىنى ئائىلە ئىچىدىكى ماجرا ۋە ئۆچ ئېلىشلارنى توختىتىشقا،  ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە سوت قارارلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا ئەۋەتتى. بازار ئۆزىنىڭ ساتقۇچىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ كەلگەن يەرلىك ئەنئەنىلەرنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنى داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تىجارىي مودىلار بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئائىلە ۋە جامائەتنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي سۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار بەشىنچى قوشۇننىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىدى.

دۆلەت ۋە بازار كىشىلەرگە رەت قىلغىلى بولمايدىغان تەكلىپ بىلەن يېقىنلىشىپ، «مۇستەقىل شەخسكە ئايلىنىڭلار. ئاتا-ئاناڭلاردىن رۇخسەت سورىماي، خالىغان كىشىڭلار بىلەن توي قىلىڭلار. جامائەت ئاقساقاللىرى قوشۇلمىسىمۇ، ئۆزۈڭلارغا ماس كەلگەن خىزمەتنى قىلىڭلار. ھەر ھەپتە ئائىلە زىياپىتىگە بارالمىساڭلارمۇ، خالىغان يەردە ياشاڭلار. سىلەر ئەمدى ئائىلەڭلار ياكى جامائىتىڭلارغا بېقىنمايسىلەر. بىز، دۆلەت ۋە بازار، سىلەرگە قارايمىز. بىز يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، مائارىپ، ساغلاملىق، پاراۋانلىق ۋە خىزمەت بىلەن تەمىنلەيمىز. بىز سىلەرگە تۇرمۇش كاپالىتى، خاتىرجەملىك ۋە پېنسىيە پۇلى بېرىمىز»دېدى.

رومانتىك ئەدەبىيات كۆپ ھاللاردا بىرەر شەخسنى دۆلەت ۋە بازارغا قارشى كۈرەشكە چۈشكەن بىرى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ، ئەمما بۇ ھال ھەقىقەتتىن بەكلا يىراقلاپ كەتكەن. دۆلەت ۋە بازار شەخسنىڭ ئاتا-ئانىسى، شەخس پەقەت ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەنلا ھايات قالالايدۇ. بازار بىزنى خىزمەت، تۇرمۇش كاپالىتى ۋە پېنسىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىر كەسىپ ئۆگەنمەكچى بولساق، ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپلىرى بىزگە ئۆگىتىدۇ. تىجارەت باشلىماقچى بولساق، بانكا بىزگە پۇل قەرز بېرىدۇ. ئۆي سالماقچى بولساق، قۇرۇلۇش شىركىتى سالىدۇ ۋە بانكا بىزگە مۇددەتلىك قەرز بېرىدۇ، بەزى ئەھۋاللاردا دۆلەت تەرىپىدىن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ ياكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. زوراۋانلىق يۈز بەرسە، ساقچى بىزنى قوغدايدۇ. بىر نەچچە كۈن كېسەل بولۇپ قالساق، ساغلاملىق سۇغۇرتىمىز بىلەن داۋالىنىمىز. بىر نەچچە ئاي ئىشقا چىقالمىساق، ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم قىلىدۇ. كېچە-كۈندۈز كۈتۈنۈشكە موھتاج بولساق، سىستېراغا پۇل بېرىپ باقتۇرالايمىز، ئادەتتە دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىن كەلگەن، بىزگە ئۆز بالىلىرىمىزدىن ئۆتە كۆيۈنۈپ قارايدىغان ياتلار بار. ئىمكانىيىتىمىز بولسا، ئارامبەخىش يىللىرىمىزنى ياشانغانلار ئۆيىدە ئۆتكۈزەلەيمىز. باج ئىدارىسى بىزنى شەخس سۈپىتىدە كۆرىدۇ ۋە قوشنىلارنىڭ بېجىنى تۆلىشىمىزنى كۈتمەيدۇ. سوتمۇ بىزنى شەخس سۈپىتىدە كۆرىدۇ ۋە تۇغقانلىرىمىزنىڭ جىنايەتلىرى ئۈچۈن بىزنى جازالىمايدۇ.

پەقەت چوڭ ئەرلەرلا ئەمەس، ئايال ۋە بالىلارمۇ شەخس سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىدۇ. تارىخنىڭ كۆپ قىسمىدا، ئايالللار كۆپىنچە ئائىلە ياكى جامائەتنىڭ مۈلكى سۈپىتىدە كۆرۈلەتتى. زامانىۋى دۆلەتلەر بولسا، ئاياللارنى ئائىلە ۋە جامائەتتىن مۇستەقىل ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي ھوقۇقلارغا ئىگە شەخسلەر سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ئۇلار ئۆز بانكا ھېساباتلىرىنى تۇتالايدۇ، كىم بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلالايدۇ، ھەتتا ئاجرىشىش ياكى يالغۇز ياشاشنى تاللىيالايدۇ.

بىراق شەخسنىڭ ئازاد بولۇشى بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. كۆپىنچىمىز ھازىر كۈچلۈك ئائىلىلەر ۋە جامائەتلەر يوقىلىپ كەتتى دەپ ھەسرەت چېكىمىز، شۇنداقلا دۆلەت ۋە بازارنىڭ ھاياتىمىزغا سىڭىپ كىرگەن كۈچىدىن ياتسىنىش ۋە تەھدىت ھېس قىلىمىز. يات شەخسلەردىن تەركىب تاپقان دۆلەت ۋە بازارلار، كۈچلۈك ئائىلىلەر ۋە جامائەتلەردىن تەركىب تاپقان دۆلەت ۋە بازارلارغا قارىغاندا ئۆز ئەزالىرىنىڭ ھاياتىغا تېخىمۇ ئاسان ئارىلىشالايدۇ. ئېگىز بىنادىكى قوشنىلار ھەتتا تازىلىق ئىشچىسىغا قانچىلىك مائاش تۆلەيمىز دېگەن مەسىلىدە كېلىشەلمىگەن يەردە، ئۇلارنىڭ دۆلەتكە قارشى تۇرالىشىنى قانداقمۇ كۈتەلەيمىز؟

دۆلەتلەر، بازارلار ۋە شەخسلەر ئارىسىدىكى كېلىشىم راھەتسىز بىر كېلىشىم. دۆلەت ۋە بازار ئۆزئارا ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا كېلىشەلمەيدۇ.  شەخسلەر بولسا ھەر ئىككىلىسىنىڭ بەك كۆپ تەلەپ قىلىپ، بەك ئاز تەمىنلەيدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا شەخسلەر بازارلار تەرىپىدىن ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنىدۇ، دۆلەتلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئارمىيە ۋە ساقچى كۈچلىرىنى شەخسلەرنى قوغداشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئىشلىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ كېلىشىمنىڭ (قانچىلىك مۇكەممەل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) كارغا كېلىشى ھەيران قالارلىق ئىش. چۈنكى ئۇ سانسىزلىغان ئەۋلادلارنىڭ ئىنسانىي ئادەت ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزىدۇ. نەچچە مىليون يىللىق تەرەققىيات بىزنى جامائەت ئەزالىرى سۈپىتىدە ياشاش ۋە ئويلاشقا لايىھىلىگەن. پەقەت ئىككى ئەسىر ئىچىدىلا بىز يات شەخسلەرگە ئايلاندۇق. مەدەنىيەتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىگە بۇنىڭدىن ياخشىراق گۇۋاھلىق بېرىدىغان نەرسە يوق.

ئاساسىي ئائىلە زامانىۋى مەنزىرىدىن پۈتۈنلەي غايىب بولۇپ كەتمىدى. دۆلەت ۋە بازارلار ئائىلىدىن ئۇنىڭ كۆپىنچە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي رولىنى ئېلىپ كەتكەندە، ئۇنىڭغا بەزى مۇھىم ھېسسىي ۋەزىپىلەرنى قالدۇردى. زامانىۋى ئائىلە يەنىلا دۆلەت ۋە بازار (ھازىرغىچە) تەمىنلىيەلمەيدىغان يېقىن ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇشى كېرەك. شۇنداقتىمۇ، بۇ يەردىمۇ ئائىلە كۈچىيىۋاتقان ئارىلىشىشلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

بازار كىشىلەرنىڭ رومانتىك ۋە جىنسىي ھاياتىنى بارغانسېرى كۆپتۈرمەكتە. ئەنئەنىۋى جەھەتتە ئائىلە ئەر-ئايالنى بىر ئۆيگە جەم قىلغان بولسا، بۈگۈن بازار بىزنىڭ رومانتىك ۋە جىنسىي ئىستەكلىرىمىزنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنى يۇقىرى باھادا قاندۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ. ئىلگىرى توي قىلغۇچىلار ئائىلە مېھمانخانىسىدا كۆرۈشەتتى، پۇلمۇ بىر دادىنىڭ قولىدىن يەنە بىر دادىنىڭ قولىغا ئۆتەتتى. بۈگۈن ئۇچرىشىشلار قاۋاقخانا ياكى قەھۋەخانىلاردا قىلىنىدۇ، پۇل بولسا ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ قولىدىن تىجارەتچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ پۇل مودا لايىھىلىگۈچىلەر، تەنتەربىيە زاللىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، پەرھىز مۇتەخەسسىسلىرى، گۈزەللىك ساھەسىدىكىلەر ۋە چىراي ئوڭشايدىغان دوختۇرلارنىڭ بانكا ھېساباتلىرىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇلار بازارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىگە مۇمكىنقەدەر ئۇيغۇن كۆرۈنۈشتە قەھۋەخانىغا بېرىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ.

دۆلەت ۋە بازار يەنە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ جىددىي نازارەت قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى دۆلەت مائارىپىغا ئەۋەتىشكە مەجبۇر. بالىلىرىغا ئالاھىدە رەھىمسىز ياكى زوراۋان مۇئامىلە قىلغان ئاتا-ئانىلار دۆلەت تەرىپىدىن چەكلىنىشى مۇمكىن. زۆرۈر بولغاندا، دۆلەت ھەتتا ئاتا-ئانىلارنى تۈرمىگە تاشلىشى ياكى بالىلارنى باققۇچى ئائىلىلەرگە يۆتكىشى مۇمكىن.

تېخى يېقىنقى دەۋرگىچە، دۆلەت ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇرۇش ياكى ھاقارەتلىشىنى توسۇشى كېرەك دېگەن تەكلىپ كۈلكىلىك ۋە ئەمەلگە ئاشمايدىغان پىكىر دەپ رەت قىلىناتتى. كۆپىنچە جەمئىيەتلەردە ئاتا-ئانىنىڭ ھوقۇقى مۇقەددەس ئىدى. ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش ئەڭ مۇقەددەس قىممەت قاراشلاردىن ئىدى، ئاتا-ئانىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش، بالىلارنى قۇللۇققا سېتىش ۋە قىزلارنى ئۆزلىرىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ ئەرلەرگە ياتلىق قىلىش دېگەندەك ھەر قانداق ئىشنى قىلالايتتى.

بۈگۈن، ئاتا-ئانا ھوقۇقى تولۇق چېكىنىش ھالىتىدە. ياشلار بارغانسېرى چوڭلارغا بويسۇنۇشتىن كەچۈرۈم قىلىنماقتا، ئاتا-ئانىلار بولسا بالىسىنىڭ ھاياتىدا خاتا كەتكەن ھەر قانداق ئىشىغا جاۋابكار. ستالىن دەۋرىدە ھۆكمى ئالدىن بېكىتىلگەن جىنايەتچىنىڭ ئاقلىنىش ئېھتىمالى بولمىغىنىدەك، بۈگۈنكى ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بالىلار مەسىلىسىدە سوت زالىدا ئاقلىنىش ئېھتىماللىقى يوق.

تەسەۋۋۇردىكى جامائەتلەر

يادرولۇق ئائىلىگە ئوخشاش، جامائەتمۇ بۇ دۇنيايىمىزدىن ئىنسانىي ھېس-تۇيغۇلاردىن چەتنىگەن ھالدا پۈتۈنلەي يوقاپ كېتەلمەيدۇ. بۈگۈنكى بازار ۋە دۆلەتلەر بۇرۇن جامائەتلەر تەمىنلىگەن ماددىي ئېھتىياجلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تەمىنلەيدۇ، ئەمما ئۇلار يەنە قەبىلىۋى باغلىنىشلارنىمۇ تەمىنلىشى كېرەك.

بازارلار ۋە دۆلەتلەر بۇنى مىليونلىغان ناتونۇش كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دۆلەت ھەم تىجارەت ئېھتىياجلىرىغا ماسلاشتۇرۇلغان «تەسەۋۋۇردىكى جامائەتلەر»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇجامائەت بىر-بىرىنى ھەقىقىي تونۇمايدىغان، ئەمما تونۇيدۇ دەپ خىيال قىلىنىدىغان كىشىلەر توپىدۇر. بۇنداق جامائەتلەر يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن  ئەمەس. پادىشاھلىقلار، ئىمپېرىيەلەر ۋە چېركاۋلار مىڭ يىللار داۋامىدا خىيالىي جامائەتلەر سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. قەدىمكى خىتايدا، نەچچە ئون مىليون كىشى ئۆزلىرىنى ئىمپېراتورنى دادا دەپ قارايدىغان چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى دەپ قارىغان. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە، مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى ئىسلام جامائىتىدىكى قېرىنداشلار (ئۈممەت) دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان.

بىراق تارىخ بويىچە، بۇنداق خىيالىي جامائەتلەر بىر-بىرىنى ياخشى تونۇيدىغان بىر قانچە ئون كىشىلىك يېقىن جامائەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. يېقىن جامائەتلەر ئەزالىرىنىڭ ھېسسىي ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان ۋە ھەر كىمنىڭ ھايات قېلىشى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن مۇھىم بولغان. كېيىنكى ئىككى ئەسىردە، يېقىن جامائەتلەر ئاجىزلاپ، خىيالىي جامائەتلەر ھېسسىي بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا باشلىدى.

تەسەۋۋۇردىكى جامائەتلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىكى ئىككى ئەڭ مۇھىم مىسال مىللەت ۋە ئىستېمالچى ئامما. مىللەت دۆلەتنىڭ خىيالىي جامائىتى. ئىستېمالچى ئامما بولسا بازارنىڭ خىيالىي جامائىتى. ئىككىلىسى خىيالىي جامائەت، چۈنكى بازاردىكى بارلىق خېرىدارلارنىڭ ياكى بىر مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ بۇرۇنقى يېزىلاردىكىدەك بىر-بىرىنى تونۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھېچقانداق گېرمانىيەلىك گېرمانىيە مىللىتىنىڭ باشقا 80 مىليون ئەزاسىنى، ياكى ياۋروپا ئورتاق بازىرىدىكى (كېيىن ياۋروپا جامائىتى ۋە ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئايلانغان) 500 مىليون خېرىدارنى شەخسەن تونۇيالمايدۇ.

ئىستېمالچىلىق ۋە مىللەتچىلىك مىليونلىغان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ بىز بىلەن ئوخشاش جامائەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئورتاق ئۆتمۈشىمىز، ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز ۋە ئورتاق كەلگۈسىمىز بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ يالغان ئەمەس، بۇ خىيال. پۇل، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلارغا ئوخشاش، مىللەتلەر ۋە ئىستېمالچى ئامما سۇبيېكتىپ مۇناسىۋەت جەھەتتە رېئاللىقتۇر. ئۇلار پەقەت بىزنىڭ كوللېكتىپ خىيالىمىزدىلا مەۋجۇت، ئەمما ئۇلارنىڭ كۈچى ناھايىتى زور. مىليونلىغان گېرمانىيەلىكلەر گېرمانىيە مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنگەن، گېرمانىيە مىللىي سىمۋوللىرىنى كۆرگەندە ھاياجانلانغان، گېرمانىيە مىللىي ئەپسانىلىرىنى سۆزلىگەن ۋە گېرمانىيە مىللىتى ئۈچۈن پۇل، ۋاقىت ۋە جان پىدا قىلىشقا تەييار تۇرغان ۋاقىتتا، گېرمانىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.

مىللەت ئۆزىنىڭ خىيالىي خاراكتېرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. كۆپىنچە مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي ۋە مەڭگۈلۈك بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى، قەدىمكى دەۋرلەردە ۋەتەن تۇپرىقى بىلەن خەلق قېنىنىڭ ئارىلىشىشىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ئەمما بۇنداق دەۋالار ئادەتتە مۇبالىغە قىلىنغان. مىللەتلەر يىراق ئۆتمۈشتە مەۋجۇت بولغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتى بۈگۈنكىدەك چوڭ ئەمەس ئىدى، چۈنكى دۆلەتنىڭ ئەھمىيىتى كىچىك ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى نۇرېنبېرگ شەھىرىنىڭ پۇقرالىرىدىن كۆپىنچىسى گېرمانىيە مىللىتىگە سادىقلىق ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئىنسانلار ئۆزىنىڭ كۆپىنچە ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدىغان ئائىلىسى ۋە يەرلىك جامائىتىگە تېخىمۇ سادىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ قانچىلىك مۇھىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا ھايات قالغان. نۆۋەتتىكى مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن تەرەققىي قىلغان.

Medieval town square with mosque, cathedral, market stalls, and religious symbols monument

ئوتتۇرا شەرق بۇنىڭغا نۇرغۇن مىساللارنى تەمىنلەيدۇ. سۇرىيە، لىۋان، ئىئوردانىيە ۋە ئىراق مىللەتلىرى يەرلىك تارىخ، جۇغراپىيە ۋە ئىقتىسادقا پەرۋا قىلمىغان فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە دىپلوماتلىرى قۇمغا سىزغان تەرتىپسىز چېگرالارنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ دىپلوماتلار 1918-يىلى كۇردىستان، باغداد ۋە بەسرە خەلقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن «ئىراقلىق» بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. كىمنىڭ سۇرىيەلىك ۋە كىمنىڭ لىۋانلىق بولىدىغانلىقىنى ئاساسەن فرانسىيەلىكلەر بەلگىلىدى. ساددام ھۈسەيىن بىلەن ھافىز ئەسەد ئەنگىلىيە، فرانسىيە تىكلەپ بەرگەن «مىللىي دۆلەت» ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئىراق ۋە سۇرىيە مىللەتلىرى ھەققىدىكى دەبدەبىلىك نۇتۇقلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ ئىدى.

شۇنىسى ئېنىقكى، مىللەتلەرنى يوقتىن بار قىلغىلى بولمايدۇ. ئىراق ياكى سۇرىيەنى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقانلار ئۇ يەرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى ۋە مەدەنىي مىراسلىرىدىن پايدىلاندى؛ بۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز يىللار ۋە مىڭ يىللار بۇرۇنقى مىراسلار ئىدى. سەددام ھۈسەيىن ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ۋە بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ مىراسىنى ئۆزلەشتۈردى، ھەتتا ئۆزىنىڭ زەربىدار قوراللىق قىسىملىرىدىن بىرىنى ھاممۇرابى دىۋىزىيەسى دەپ ئاتىدى. بىراق بۇ ئىراق مىللىتىنى قەدىمىي مىللەتكە ئايلاندۇرمايدۇ. ئەگەر مەن ئىككى ئايدىن بېرى ئاشخانامدا تۇرغان ئۇن، ياغ ۋە شېكەردىن بىر پىرەنىك ياسىسام، بۇ، پىرەنىكنىڭ ئىككى ئايلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

يېقىنقى ئون يىللاردا، مىللىي جامائەتلەر بارغانسېرى بىر-بىرىنى يېقىندىن تونۇمايدىغان، ئەمما ئوخشاش ئىستېمال ئادەتلىرى ۋە قىزىقىشلارنى ئورتاقلىشىدىغان، شۇڭا ئۆزلىرىنى ئوخشاش ئىستېمالچى ئاممىنىڭ بىر قىسمى دەپ ھېس قىلىدىغان بولدى. بۇ ناھايىتى غەلىتە ئاڭلىنىدۇ، ئەمما بۇنداق مىساللار كۆپ. مەسىلەن، ناخشىچى مادونناانىڭ مەستانىلىرى بىر ئىستېمالچى ئاممىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە سودا قىلىش ئادىتى بويىچە ئېنىقلىما بېرىدۇ. ئۇلار مادوننانىڭ ناخشا كېچىلىكى بېلەتلىرى، CD لىرى، پلاكاتلىرى، كۆينەكلىرى ۋە تېلېفون ئاۋازلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەيدۇ. مانچېستېر يۇنايتېد مەستانىلىرى، گۆشسىز غىزالانغۇچىلار ۋە مۇھىت قوغدىغۇچىلار يەنە بىر تۈردىكى ئىستېمالچىلار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئاساسەن نېمىنى ئىستېمال قىلىدىغانلىقى بىلەن ئېنىقلىنىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ ئۇل تېشىدۇر. گېرمانىيەلىك بىر گۆشسىز غىزالانغۇچى گېرمانىيەلىك گۆشخور كىشىگە قارىغاندا فرانسىيەلىك گۆشسىز غىزالانغۇچى بىلەن توي قىلىشنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن.

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading