ئىمپېرىيە غايىلىرى
قەدىمكى رىملىقلار مەغلۇپ بولۇشقا كۆنۈپ كەتكەنىدى. تارىختىكى كۆپلىگەن بۈيۈك ئىمپېرىيەلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا ئوخشاش، ئۇلار جەڭدە تەكرار مەغلۇپ بولسىمۇ، يەنىلا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايتتى. زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ۋە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ئىمپېرىيە ھەقىقىي ئىمپېرىيە ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمالىي ئىبېرىيەدىن كەلگەن خەۋەرنى ھەتتا رىملىقلارمۇ قوبۇل قىلىشتا قىينالدى. يېرىم ئارالنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان كېلتلار ياشايدىغان نۇمانتىيە دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بىر تاغ شەھىرى رىمنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چۆرۈۋېتىشكە جۈرئەت قىلغانىدى. بۇ چاغدا رىم پۈتۈن ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ماكېدونىيە ۋە سەلجۇق ئىمپېرىيەلىرىنى يەڭگەن، گرېتسىيەنىڭ مەغرۇر شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرغان ۋە كارتاگېننى كۈكۈم-تالقان قىلغانىدى. نۇمانتىيەلىكلەرنىڭ ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى ۋە قولايسىز يەر شەكلىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار رىم قوشۇنىنى ئارقا-ئارقىدىن تەسلىم بولۇشقا ياكى شەرمەندىلەرچە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى.
ئاخىرى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 134-يىلى رىمنىڭ سەۋر-تاقىتى تۈگىدى. رىم مەجلىسى رىمنىڭ ئەڭ داڭلىق گېنېرالى ۋە كارتاگېننى يەر بىلەن يەكسان قىلغان سىپىيو ئەمىلىئانۇسنى نۇمانتىيەلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭغا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەردىن تەركىب تاپقان زور قوشۇن بېرىلدى. نۇمانتىيەلىكلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق روھى ۋە ھەربىي ماھارىتىنى ھۆرمەتلەيدىغان سىپىيو، ئەسكەرلىرىنى كېرەكسىز جەڭلەردە ئىسراپ قىلىشنى خالىمىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ نۇمانتىيەنى مۇداپىئە لىنىيەسى بىلەن قورشاپ، شەھەرنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتتى. ئاچارچىلىق ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن، ئوزۇق-تۈلۈك تۈگىدى. نۇمانتىيەلىكلەر ھەممە ئۈمىدنىڭ يوقالغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، شەھەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى؛ رىم خاتىرىلىرىگە كۆرە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى رىم قۇلى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
نۇمانتىيە كېيىنچە ئىسپانىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە جاسارىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. دون كىخوتنىڭ ئاپتورى مىگېل دې سېرۋانتېس شەھەرنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان، ئەمما ئىسپانىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغلۇقىنىڭ غايىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «نۇمانتىيە مۇھاسىرىسى» دېگەن تراگېدىيەنى يازدى. شائىرلار ئۇنىڭ جەسۇر قوغدىغۇچىلىرىغا مەدھىيە ئوقۇدى ۋە رەسسامار مۇھاسىرىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلىرىنى رەسىم تاختىسىغا مۇجەسسەملەشتۈردى. 1882-يىلى، ئۇنىڭ خارابىلىرى دۆلەتلىك ئابىدە دەپ ئېلان قىلىندى ۋە ئىسپان ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ زىيارەتگاھىغا ئايلاندى. 1950-1960-يىللاردا، ئىسپانىيەدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ھەجۋى رەسىم كىتابلىرىدا «خاسىيەتلىك ئادەم»، «ئۆمۈچۈك پالۋان» لار ئەمەس، رىم زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش قىلغان قەدىمكى ئىبېرىيەلىك قەھرىمان ئېل خاباتونىڭ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىناتتى. قەدىمكى نۇمانتىيەلىكلەر بۈگۈنگىچە ئىسپانىيەنىڭ قەھرىمانلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ياشلىرىغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە.
ئەمما ئىسپان ۋەتەنپەرۋەرلىرى نۇمانتىيەلىكلەرنى ئىسپان تىلىدا—سىپىيونىڭ لاتىن تىلىدىن كەلگەن بىر خىل شېئىرىي تىلدا مەدھىيىلەيدۇ. نۇمانتىيەلىكلەر ھازىر ئۆلۈپ يوقالغان كېلت تىلىدا سۆزلىشەتتى. سېرۋانتېس «نۇمانتىيە مۇھاسىرىسى»نى لاتىن يېزىقىدا يازغان بولۇپ، بۇ دراما گرېك-رىم سەنئىتىدىن ئۆرنەك ئالغان. نۇمانتىيەدە تىياتىرخانىلار يوق ئىدى. نۇمانتىيە قەھرىمانلىقىغا ھەيران قالغان ئىسپان ۋەتەنپەرۋەرلىرى ئۆز نۆۋىتىدە رىم كاتولىك چېركاۋىنىڭ سادىق مۇخلىسلىرى بولۇپ – بىرىنچى سۆزگە دىققەت قىلىڭ – بۇ چېركاۋنىڭ باش روھانىيسى (رىم پاپىسى) ھېلىھەم رىمدا ئولتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەڭرىسى لاتىنچە دۇئا ئوقۇلۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوخشاشلا، بۈگۈنكى ئىسپان قانۇنى رىم قانۇنىدىن كەلگەن؛ ئىسپانلارنىڭ سىياسىتىمۇ رىم سىياسىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان؛ ئىسپانلارنىڭ تاماقلىرى ۋە مېمارچىلىقى ئىبېرىيە كېلتلىرىنىڭكىگە قارىغاندا رىم مىراسلىرىغا كۆپرەك قەرزدار. نۇمانتىيەدىن خارابىلەردىن باشقا ھېچنېمە قالمىغان. ھەتتا ئۇنىڭ ھېكايىسىمۇ بىزگە پەقەت رىم تارىخچىلىرىنىڭ يازمىلىرى ئارقىلىقلا يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان ياۋايىلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان رىم ئاممىسىنىڭ زوقىغا ماسلاشتۇرۇلغان. رىمنىڭ نۇمانتىيە ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىسى شۇنچىلىك تولۇق بولدىكى، غالىبلار مەغلۇپلارنىڭ خاتىرىسىنىمۇ ئۆزلەشتۈرۈۋالدى.
بۇ بىز ياقتۇرىدىغان ھېكايىلەر ئەمەس. بىز ئاجىزلارنىڭ يېڭىشىنى ياقتۇرىمىز. ئەمما تارىختا ئادالەت يوق. ئۆتمۈشتىكى كۆپىنچە مەدەنىيەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، رەھىمسىز ئىمپېرىيەلەرنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئولجىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ قوشۇنلار ئۇلارنى ئۇنتۇلۇشقا مەھكۇم قىلغان. ئىمپېرىيەلەرمۇ ئاخىرى يىقىلىدۇ، ئەمما ئۇلار باي ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇشقا مايىل. 21- ئەسىردىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەلۇم بىر ئىمپېرىيەنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

ئىمپېرىيە دېگەن نېمە؟
ئىمپېرىيە ئىككى مۇھىم ئالاھىدىلىككە ئىگە سىياسىي تۈزۈم. بىرىنچىدىن، بۇ نامغا لايىق بولۇش ئۈچۈن، سىز خېلى كۆپ ساندىكى ئوخشىمىغان خەلقلەرنى باشقۇرۇشىڭىز كېرەك، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىي كىملىكى ۋە ئايرىم زېمىنى بولىدۇ. ئۇلار قانچە خەلق بولۇشى كېرەك؟ ئىككى ياكى ئۈچ يېتەرلىك ئەمەس، يىگىرمە ياكى ئوتتۇز كۇپايە. ئىمپېرىيە چېكى مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئىمپېرىيەلەر مۇقىم بولمىغان چېگرالار ۋە زېمىنغا بولغان چەكسىز ئىشتىھا بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ياكى كىملىكىنى ئۆزگەرتمەستىن تېخىمۇ كۆپ مىللەت ۋە زېمىنلارنى يۇتۇۋېلىپ ھەزىم قىلالايدۇ. بۈگۈنكى ئەنگىلىيە دۆلىتىنىڭ ئېنىق چېگرالىرى بار بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە كىملىكىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ بۇ چېگرالاردىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. بىر ئەسىر ئىلگىرى يەر شارىدىكى ھەرقانداق جاي ئەنگىلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالالايتتى.
مەدەنىيەت جەھەتتىكى خىلمۇ-خىللىق ۋە زېمىن جەھەتتىن مۇقىم بولماسلىق ئىمپېرىيەلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرىنىلا ئەمەس، بەلكى تارىختىكى مەركىزىي رولىنىمۇ بەرگەن. بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك تۈپەيلىدىن، ئىمپېرىيەلەر ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋە ئېكولوگىيەلىك رايونلارنى بىر سىياسىي قانات ئاستىغا بىرلەشتۈرەلىگەن، شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت ۋە يەر شارىنىڭ بارغانسېرى چوڭ قىسىملىرىنى بىرلەشتۈرگەن.
شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئىمپېرىيە ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ھۆكۈمەت شەكلى، يەر كۆلىمى ياكى نوپۇس سانى بىلەن ئەمەس، مەدەنىيەت جەھەتتىكى خىلمۇ-خىللىقى ۋە مۇقىم بولمىغان چېگرالىرى بىلەنلا پەرقلىنىدۇ، ئىمپېرىيەنىڭ چوقۇم ھەربىي ئىستىلادىن كېلىپ چىقىشى شەرت ئەمەس. ئافىنا ئىمپېرىيەسى ئىختىيارىي ئىتتىپاق سۈپىتىدە باشلانغان، ھابسبۇرگ ئىمپېرىيەسى بولسا قۇدىلىشىش، يەنى بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك نىكاھ ئىتتىپاقلىرى ئارقىلىق قۇرۇلغان. ئىمپېرىيەنى چوقۇم مۇستەبىت ئىمپېراتور باشقۇرۇشى كېرەك ئەمەس. تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە بولغان ئەنگىلىيە ئىمپېرىيەسى دېموكراتىك ئۇسۇلدا باشقۇرۇلغان. باشقا دېموكراتىك (ياكى ھېچ بولمىغاندا جۇمھۇرىيەتچى) ئىمپېرىيەلەر بۈگۈنكى گوللاندىيە، فرانسىيە، بېلگىيە ۋە ئامېرىكا ئىمپېرىيەلىرىنى، شۇنداقلا قەدىمكى نوۋگورود، رىم، كارتاگېن ۋە ئافىنا ئىمپېرىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆلەممۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئىمپېرىيەلەر كىچىك بولسىمۇ بولىدۇ. ئافىنا ئىمپېرىيەسى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىدىمۇ بۈگۈنكى گرېتسىيەدىن كۆلىمى ۋە نوپۇسى جەھەتتە كىچىك ئىدى. ئازتېك ئىمپېرىيەسى بۈگۈنكى مېكسىكىدىن كىچىك بولسىمۇ، ئۇلار ئىمپېرىيە ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى گرېتسىيە ۋە مېكسىكا ئىمپېرىيە ئەمەس، چۈنكى ئالدىنقىسى تەدرىجىي ھالدا ئونلىغان، ھەتتا يۈزلىگەن سىياسىي گەۋدىلەرنى بويسۇندۇرغان بولسا، كېيىنكىسى ئۇنداق قىلمىغان. ئافىنا ئىلگىرى يۈزدىن ئارتۇق مۇستەقىل شەھەر دۆلەتلىرىنى باشقۇرغان بولسا، ئازتېك ئىمپېرىيەسى (ئەگەر باج-سېلىق خاتىرىلىرىگە ئىشەنسەك) بىر-بىرىدىن پەرقلىق 371 قەبىلە ۋە خەلقلەرنى ئىدارە قىلغان.
بۇنداق خىلمۇ خىل ئىنسانلارنى ئوتتۇراھال زامانىۋى دۆلەتنىڭ زېمىنىغا قانداق پاتقۇزغىلى بولىدۇ؟ بۇ مۇمكىن ئىدى، چۈنكى بۇرۇن دۇنيادا كۆپ ساندا ھەر تۈرلۈك خەلق ياشىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ نوپۇسى بۈگۈنكى خەلقلەرنىڭكىدىن ئاز ۋە ئىگىلىگەن زېمىنى كىچىك ئىدى. بۈگۈن ئىككىلا خەلقنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ئىئوردان دەرياسى ئارىسىدىكى زېمىن، تەۋرات دەۋرىدە ئونلىغان دۆلەت، قەبىلە، كىچىك پادىشاھلىق ۋە شەھەر دۆلەتلەرنى ئاسانلا سىغدۇرغانىدى.
ئىمپېرىيەلەر خىلمۇ خىل ئىنسانلارنىڭ بىراقلا ئازىيىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىدى. ئىمپېرىيە تۈزلىگۈچى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ (مەسىلەن نۇمانتىيەلىكلەرنىڭ) ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنى تەدرىجىي يوق قىلىپ، ئۇلاردىن يېڭى ۋە تېخىمۇ چوڭ گۇرۇپپىلارنى شەكىللەندۈردى.

رەزىل ئىمپېرىيەلەر؟
بىزنىڭ دەۋرىمىزدە، «ئىمپېرىيالىست» سىياسىي سۆزلۈكلەر قامۇسىدا «فاشىست»تىن قالسىلا ئەڭ ئېغىر ھاقارەتلىك سۆز ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئىمپېرىيەلەرگە بولغان تەنقىد ئادەتتە ئىككى شەكىلدە بولىدۇ:
1. ئىمپېرىيەلەر كارغا كەلمەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا، كۆپ ساندىكى بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
2. ھەتتا بۇنى قىلغىلى بولسىمۇ، قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى ئىمپېرىيەلەر ۋەيرانچىلىق ۋە ئېكسپلاتاتسىيەنىڭ رەزىل ماشىنىلىرىدۇر. ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنماسلىقى كېرەك.
تارىخىي نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، بىرىنچى قاراش ئوچۇق-ئاشكارا بىمەنىلىك، ئىككىنچى قاراشتا بولسا ئېغىر مەسىلە بار.
ھەقىقەت شۇكى، ئىمپېرىيە ئاخىرقى 2500 يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئومۇملاشقان ھاكىمىيەت شەكلى بولۇپ كەلگەن. بۇ ئىككى يېرىم مىڭ يىل جەريانىدا كۆپىنچە ئىنسانلار ئىمپېرىيەلەر ئىچىدە ياشىغان. ئىمپېرىيە يەنە ناھايىتى مۇقىم ھۆكۈمەت شەكلىدۇر. كۆپىنچە ئىمپېرىيەلەر ئىسيانلارنى باستۇرۇش ئۇسۇلىنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئاسان تاپقان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇلار پەقەت تاشقى تاجاۋۇز ياكى ھۆكۈمران تەبىقە ئارىسىدىكى بۆلۈنۈش سەۋەبىدىنلا ئاغدۇرۇلغان. ئەكسىچە، بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانلىرىدىن ئازاد قىلىش تارىخى ئانچە ياخشى ئەمەس. كۆپىنچىسى نەچچە ئەسىر بويسۇندۇرۇلغان ھالەتتە قالغان. ئۇلار ئاساسەن غالىب ئىمپېرىيە تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان بولۇپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەتلىرى يوقاپ كەتكەن.
مەسىلەن، مىلادىيە 476-يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيەسى گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ تاجاۋۇزى بىلەن ئاغدۇرۇلغاندا، نۇمانتىيەلىكلەر، ئارۋېرنىلەر، خېلۋېتلار، سامنىتلار، لۇسىتانلار، ئۇمبرىيانلار، ئېترۇسكلار، شۇنداقلا رىملىقلار نەچچە ئەسىر ئىلگىرى بويسۇندۇرغان ۋە ئۇنتۇلغان باشقا خەلقلەر گويا چوڭ بېلىقنىڭ قارنىدا قالغان يۇنۇس پەيغەمبەردەك، بۈيۈك ئىمپېرىيەنىڭ پارچىلانغان جەسىتىدىن چىقمىدى. ئۇلاردىن ھېچقايسىسى قالمىدى. ئۆزلىرىنى شۇ مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرى دەپ تونۇغان، ئۇلارنىڭ تىللىرىدا سۆزلىگەن، ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان ۋە ئەپسانە-رىۋايەتلىرىنى سۆزلەپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك ئەۋلادلىرى ئەمدى رىملىقلاردەك ئويلايدىغان، سۆزلەيدىغان ۋە ئىبادەت قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى.
كۆپىنچە ئەھۋالدا، بىر ئىمپېرىيەنىڭ ۋەيران بولۇشى بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەر ئۈچۈن مۇستەقىللىق دېگەنلىك ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە، يېڭى بىر ئىمپېرىيە كونا ئىمپېرىيە يىقىلغاندا ياكى چېكىنگەندە پەيدا بولغان بوشلۇققا كىرىۋالاتتى. بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا شەرقتە ئەڭ ئېنىق بولغان. بۇ رايوننىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى، يەنى مۇقىم چېگرالارغا ئىگە كۆپلىگەن مۇستەقىل سىياسىي گەۋدىلەر ئارىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئاخىرقى بىر نەچچە مىڭ يىلدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئەھۋالدۇر. ئوتتۇرا شەرقنىڭ بۇنداق ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرگەن ئاخىرقى ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى سەككىزىنچى ئەسىر، يەنى تەخمىنەن 3000 يىل ئىلگىرى ئىدى! مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردىكى يېڭى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ گۈللىنىشىدىن تارتىپ 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە ئىمپېرىيەلىرىنىڭ يىمىرىلىشىغىچە، ئوتتۇرا شەرق خۇددى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىكى تاياقچىغا ئوخشاش، بىر ئىمپېرىيەنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئىمپېرىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەلدى. ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە ئاخىرى بۇ تاياقچىنى قولدىن بېرىپ قويغاندا، ئاسسۇرىيەلىكلەر بويسۇندۇرغان ئارامىلار، ئاممونىتلار، فېنىكىيەلىكلەر، فىلىستىنلىكلەر، موئابىتلار، ئېدومىتلار ۋە باشقا خەلقلەر ئاللىقاچان يوقاپ كەتكەنىدى.
دەرۋەقە، بۈگۈنكى يەھۇدىيلار، ئەرمەنلەر ۋە گرۇزىنلار مەلۇم دەرىجىدە ھەقلىق ھالدا ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. بۇلار پەقەت تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىسپاتلايدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار، ھەتتا بۇ دەۋالارمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىلگەن. مەسىلەن، بۈگۈنكى يەھۇدىيلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئادەتلىرىنىڭ قەدىمكى يەھۇدىي پادىشاھلىقىنىڭ ئەنئەنىلىرىگە قارىغاندا، ئاخىرقى ئىككى مىڭ يىلدا ياشىغان ئىمپېرىيەلەردىن كۆپرەك مىراس ئالغانلىقى ئېنىق. ئەگەر پادىشاھ داۋۇد ھازىرقى ئېرۇسالىمدىكى قاتتىق دىندار يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ قالسا، شەرقىي ياۋروپا كىيىملىرىنى كىيگەن، گېرمان تىلىنىڭ بىر شىۋىسىدە (يىددىش تىلىدا) سۆزلىشىدىغان ۋە بابىل تېكىستىنىڭ (تەلمۇدنىڭ) مەنىسى ھەققىدە تۈگىمەس مۇنازىرە قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرۈپ پۈتۈنلەي گاڭگىراپ قالاتتى. قەدىمكى يەھۇدىيلاردا ئىبادەتخانىلار، تەلمۇد كىتابلىرى، ھەتتا تەۋراتنىڭ يۆگەلمە قەغەز يازمىلىرىمۇ يوق ئىدى.
ئىمپېرىيەنى قۇرۇش ۋە قوغداش ئادەتتە چوڭ كۆلەملىك قەتلىئام يۈرگۈزۈشنى، قالغانلىرىنى بولسا رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشنى تەلەپ قىلاتتى. ئىمپېرىيەنىڭ ئۆلچەملىك قوراللىرى ئۇرۇش، قۇللۇق، سۈرگۈن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. مىلادىيە 83-يىلى رىملىقلار شوتلاندىيەگە تاجاۋۇز قىلغاندا، يەرلىك كالېدونىيە قەبىلىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. رىملىقلار بۇ دۆلەتنى ۋەيران قىلىش بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. رىملىقلارنىڭ تىنچلىق تەكلىپىگە جاۋابەن، قەبىلە باشلىقى كالگاكۇس رىملىقلارنى «دۇنيانىڭ بۇلاڭچىلىرى» دەپ ئاتاپ: «ئۇلار بۇلاڭچىلىق، قىرغىنچىلىق ۋە ئوغرىلىققا ئىمپېرىيە دېگەن يالغان نامنى بېرىدۇ؛ ئۇلار چۆل-باياۋان يارىتىپ، ئۇنى تىنچلىق دەپ ئاتايدۇ» دېگەن.
بىراق بۇ ئىمپېرىيەلەر تارىختا ھېچقانداق قىممەتلىك نەرسە قالدۇرمىغان دېگەنلىك ئەمەس. بارلىق ئىمپېرىيەلەرنى قارىلاش ۋە ئۇلارنىڭ مىراسلىرىنى رەت قىلىش ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى رەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئىمپېرىيە كاتىۋاشلىرى ئىستىلادىن ئالغان پايدىسىنى پەقەت قوشۇن ۋە قەلئەلەرگىلا ئەمەس، يەنە پەلسەپە، سەنئەت، ئادالەت ۋە خەير-ساخاۋەتكىمۇ مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتكەن. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىي نەتىجىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشتىن كەلگەن. رىم ئىمپېرىيالىزمى ئېلىپ كەلگەن پايدا-مەنپەئەت ۋە گۈللىنىش سىسېرو، سېنېكا ۋە بۈيۈك ئاۋگۇستىنغا ئويلىنىش ھەم يېزىش ئۈچۈن بوش ۋاقىت ۋە شارائىت يارىتىپ بەرگەن؛ موغۇللارنىڭ ھىندىستان پۇقرالىرىنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش ئارقىلىق توپلىغان بايلىقى بولمىسا، تاج ماھال (مەقبەرىسى) قۇرۇلالمىغان بولاتتى؛ ھابسبۇرگ ئىمپېرىيەسى سلاۋيان، ۋېنگىر ۋە رۇمىنىيە ئۆلكىلىرىنى باشقۇرۇشتىن كەلگەن پايدىسىنى ھايدىننىڭ مائاشى بىلەن موزارتنىڭ تاپان ھەققىگە تۆلىگەن. ھېچقانداق كالېدونىيەلىك يازغۇچى كالگاكۇسنىڭ نۇتقىنى كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ساقلاپ قالمىغان. بىز بۇنى رىملىق تارىخچى تاسىتۇس ئارقىلىق بىلىمىز. ئەمەلىيەتتە، تاسىتۇس بۇنى ئويدۇرۇپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۆپ ئالىملار تاسىتۇسنىڭ نۇتقىنىلا ئەمەس، كالېدونىيە قەبىلە باشلىقى كالگاكۇسنىڭ شەخسىيىتىنىمۇ ئۆزى ۋە باشقا يۇقىرى تەبىقىلىك رىملىقلارنىڭ ئۆز دۆلىتى ھەققىدىكى پىكرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققانلىقىغا قوشۇلىدۇ.
ھەتتا سەر خىللار مەدەنىيىتى ۋە يۇقىرى سەنئەتتىن ھالقىپ، ئاددىي خەلقلەرنىڭ دۇنياسىغا قارىغاندىمۇ، زامانىۋى مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىمپېرىيە مىراسلىرىنى بايقايمىز. بۈگۈن بىزنىڭ كۆپىنچىمىز ئەجدادلىرىمىزغا قىلىچ كۈچى بىلەن تېڭىلغان ئىمپېرىيە تىللىرىدا سۆزلەيمىز، ئويلايمىز ۋە چۈش كۆرىمىز. شەرقىي ئاسىيادىكى كۆپلىگەن خەلق خەن ئىمپېرىيەسىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدۇ ۋە چۈش كۆرىدۇ. كېلىپ چىقىشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئالياسكانىڭ باررو يېرىم ئارىلىدىن ماگېللان بوغۇزىغىچە بولغان ئىككى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بارلىق ئاھالىلەر دېگۈدەك تۆت ئىمپېرىيە تىلىنىڭ بىرىدە: ئىسپان، پورتۇگال، فرانسۇز ياكى ئىنگلىز تىلىدا ئالاقە قىلىدۇ. ھازىرقى مىسىرلىقلار ئەرەب تىلىدا سۆزلەيدۇ، ئۆزلىرىنى ئەرەب دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا يەتتىنچى ئەسىردە مىسىرنى بويسۇندۇرغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پارتلىغان قايتا-قايتا قوزغىلاڭلارنى تۆمۈر مۇشت بىلەن باستۇرغان ئەرەب ئىمپېرىيەسى بىلەن چىن كۆڭلىدىن باغلىنىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى 10 مىليون زۇلۇ زۇلۇ ئىمپېرىيەسىگە قارشى جەڭ قىلغان ۋە پەقەت قانلىق ھەربىي يۈرۈشلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا قوشۇۋېلىنغان قەبىلىلەردىن كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 19-ئەسىردىكى شان-شەرەپ دەۋرىنى ئەسلەيدۇ.
سىلەرگە ياخشى بولسۇن دەپ…
بىز ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولغان تۇنجى ئىمپېرىيە بۈيۈك سارگوننىڭ ئاككاد ئىمپېرىيەسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 2250-يىلى) ئىدى. سارگون ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتىنى مېسوپوتامىيەدىكى كىچىك شەھەر دۆلىتى كىشنىڭ پادىشاھى بولۇش بىلەن باشلىغان. نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئۇ مېسوپوتامىيەدىكى باشقا شەھەر دۆلەتلىرىنىلا ئەمەس، مېسوپوتامىيەنىڭ سىرتىدىكى كەڭ زېمىنلارنىمۇ بويسۇندۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. سارگون پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرغانلىقى بىلەن ماختاندى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى پارس قولتۇقىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلغان بولۇپ، بۈگۈنكى ئىراق ۋە سۇرىيەنىڭ كۆپ قىسمى، شۇنداقلا ھازىرقى ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئاككاد ئىمپېرىيەسى سارگوننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇزۇن داۋاملاشمىدى، ئەمما سارگون ھەممە پادىشاھ ئېلىشنى خالايدىغان ئىمپېرىيە تونىنى قالدۇرۇپ كەتتى. كېيىنكى 1700 يىل ئىچىدە، ئاسسۇرىيە، بابىل ۋە ھىتىت پادىشاھلىرى سارگوننى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭمۇ پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرغانلىقى بىلەن ماختاندى. ئاندىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 550-يىلى پارس شاھى كوروش تېخىمۇ چوڭ ماختىنىش بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.

خەرىتە: ئاككا ئىمپېرىيەسى ۋە پارس ئىمپېرىيەسى
ئاسسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەر زامان ئاسسۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرى بولۇپ قالدى. ھەتتا ئۇلار پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇنى ئاسسۇرىيەنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى ۋە ئۇلار بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، كوروش پەقەت پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرۇشنىلا ئەمەس، بەلكى بۇنى بارلىق خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلدى. پارسلار «بىز سىلەرنى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن بويسۇندۇرۇۋاتىمىز» دېدى. كوروش ئۆزى بويسۇندۇرغان خەلقلەرنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشىنى ۋە پارسلارنىڭ قول ئاستىدا بولغانلىقىدىن بەختلىك ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
كوروشنىڭ ئاخمىنىيە ئىمپېرىيەسى ئاسارەتكە ئېلىنغان مىللەتنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان يېڭىلىق خاراكتېرلىك تىرىشچانلىقىنىڭ ئەڭ داڭلىق مىسالى، بابىلدىكى يەھۇدىي سۈرگۈنلىرىنى ۋەتىنىگە قايتىپ، ئىبادەتخانىسىنى قايتا قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشى ئىدى. ئۇ ھەتتا ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم تەكلىپ قىلدى. كوروش ئۆزىنى يەھۇدىيلارنى باشقۇرۇۋاتقان پارس پادىشاھى دەپ قارىمىدى، ئۇ يەنە يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى ئىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ پاراۋانلىقىغا مەسئۇل ئىدى.
پۈتۈن دۇنيانى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقۇرۇش دەۋاسى ھەيران قالارلىق ئىدى. تەدرىجىي تەرەققىيات باشقا سۈت ئەمگۈچىلەرگە ئوخشاش ھومو ساپىيانسنى يات، ئۆچمەن مەخلۇق قىلىپ يېتىلدۈرگەن. ساپىيانسلار غەيرىي ئىختىيارىي ھالدا ئىنسانىيەتنى «بىز» ۋە «ئۇلار» دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىدۇ. بىز سىز ۋە ماڭا ئوخشاش تىلىمىز، دىنىمىز، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ئوخشاش كىشىلەر. بىز بىر-بىرىمىزگە مەسئۇل، ئەمما ئۇلارغا مەسئۇل ئەمەس. بىز ھەمىشە ئۇلاردىن پەرقلىق ۋە ئۇلارغا ھېچنېمە قەرزدار ئەمەس. بىز ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى زېمىنىمىزدا كۆرۈشنى خالىمايمىز ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىدا نېمە بولۇۋاتقانلىقىغا قىلچە كۆڭۈل بۆلمەيمىز. ئۇلار ئىنسانغا ئوخشىمايدۇ. سۇداندىكى دىنكا خەلقىنىڭ تىلىدا، «دىنكا» پەقەتلا «ئىنسانلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دىنكا بولمىغانلار ئىنسان ئەمەس. دىنكالارنىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرى نۇئېرلار. نۇئېر تىلىدا «نۇئېر» دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئۇ «ئەسلى ئىنسانلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. سۇدان چۆللىرىدىن مىڭلىغان كىلومېتىر يىراقتا، ئالياسكا ۋە شەرقىي سىبىرىيەنىڭ مۇز تۇپراقلىرىدا يۇپىكلار ياشايدۇ. يۇپىك تىلىدا «يۇپىك» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئۇ «ھەقىقىي ئىنسانلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ ئەكسىچە، كوروشتىن باشلاپ ئىمپېرىيە غايىسى ئومۇميۈزلۈك ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇشقا مايىل بولغان. گەرچە بۇ ئىدىيە كۆپ ھاللاردا ھۆكۈمرانلار بىلەن ھۆكۈم قىلىنغۇچىلار ئارىسىدىكى ئىرق ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاساسىي بىرلىكىنى، ھەر جاينى ۋە ۋاقىتنى باشقۇرىدىغان بىر تۈركۈم پىرىنسىپلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمدە بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان. ئىنسانلار بىر چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى دەپ قارالغان: ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى ئۆز بالىلىرىنى بېقىش مەسئۇلىيىتى بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلغان.
بۇ يېڭى ئىمپېرىيە غايىسى كوروش ۋە پارسلاردىن بۈيۈك ئىسكەندەرگە، ئۇنىڭدىن خېللىنىزم پادىشاھلىرى، رىم ئىمپېراتورلىرى، مۇسۇلمان خەلىپىلىرى، ھىندىستان خانلىرى ۋە ئاخىرىدا سوۋېت رەھبەرلىرى بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىغىچە داۋاملاشقان.
خىتايدىكى ئەنئەنىۋى سىياسىي نەزەرىيە بويىچە، ئاسمان (تيەن) يەر يۈزىدىكى بارلىق قانۇنىي ھوقۇقنىڭ مەنبەسى. ئاسمان ئەڭ لاياقەتلىك شەخس ياكى ئائىلىنى تاللاپ، ئۇلارغا «ئاسمان يارلىقى»نى بېرىدۇ. ئاندىن بۇ شەخس ياكى ئائىلە «ئاسماننىڭ تېگى»دىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
بىرلىككە كەلگەن خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ تۇنجى ئىمپېراتورى چىن شىخۇاڭ: «ئالتە يۆنىلىشنىڭ ھەممىسى ئىمپېراتورغا تەۋە… ئىنسان قەدەم باسقان يەرنىڭ ھەممىسىدە ئىمپېراتورنىڭ پۇقراسى بولمىغان بىرمۇ كىشى يوق… ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى كالا-ئاتلارغىمۇ يېتىپ بارىدۇ. پايدا كۆرمىگەن بىرمۇ كىشى يوق. ھەر ئادەم ئۆز ئۆيىدە بىخەتەر» دەپ ماختانغان.
خىتاينىڭ سىياسىي تەپەككۇرىدا ۋە تارىخىي خاتىرىسىدە، ئىمپېرىيە دەۋرلىرى تەرتىپ ۋە ئادالەتنىڭ ئالتۇن دەۋرى دەپ قارالغان. ئادىل دۇنيا ئايرىم-ئايرىم دۆلەتلەردىن تەركىب تاپىدۇ دەيدىغان زامانىۋى غەرب قارىشىنىڭ ئەكسىچە، خىتايدا سىياسىي پارچىلىنىش دەۋرلىرى قالايمىقانچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ قاراڭغۇ دەۋرلىرى دەپ قارالغان. بۇ چۈشەنچە خىتاي تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ھەر قېتىم بىر ئىمپېرىيە يىمىرىلگەندە، يېتەكچى سىياسىي نەزەرىيە (ئىمپېرىيە غايىسى) بەگ غوجاملارنى كىچىك مۇستەقىل بەگلىكلەرگە قانائەت قىلماي، ئىمپېرىيەنى قايتا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۈندىگەن. بۇ ئۇرۇنۇشلار بالدۇر-كېيىن بولسۇن، دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

Leave a Reply