ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(21)




ئەمەلىي نۇقتىدىن قارىغاندا، دۇنياۋى بىرلىككە كېلىش جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ئۆتكەن بىر قانچە ئەسىردە، ئىمپېرىيەلەر كېڭىيىپ، سودا-سېتىق كۈچەيگەن مەزگىلدە يۈز بەردى. ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئوكيانىيە خەلقلىرى ئارىسىدا بارغانسېرى مۇستەھكەم باغلىنىشلار شەكىللەندى. شۇنداق قىلىپ مېكسىكىنىڭ قىزىل مۇچلىرى ھىندىستان تائاملىرىغا كىردى، ئىسپانىيەنىڭ كالىلىرى ئارگېنتىنادا ئوتلاشقا باشلىدى. ئەمما ئىدىيەۋى نۇقتىدىن قارىغاندا، تېخىمۇ مۇھىم ئۆزگىرىش مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى مىڭ يىلدا، دۇنياۋى تەرتىپ ئىدىيەسى يىلتىز تارتقان چاغدا يۈز بەردى. بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن، تارىخ ئاللىقاچان دۇنياۋى بىرلىك يۆنىلىشىدە ئاستا ھەرىكەتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرىدىغان دۇنياۋى تەرتىپ ئىدىيەسى كۆپىنچە كىشىلەرگە يەنىلا يات ئىدى.

سىئۇكس قەبىلە باشلىقلىرى (1905-يىل). سىئۇكس ياكى باشقا چوڭ تۈزلەڭلىك قەبىلىلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدا 1492-يىلدىن بۇرۇن ئات يوق ئىدى.

ھومو ساپىيانس كىشىلەرنى «بىز» ۋە «ئۇلار» دەپ ئايرىشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان. «بىز» دېگىنىمىز كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى گۇرۇپپا، «ئۇلار» بولسا باشقا ھەممە كىشى ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ھېچقانداق ئىجتىمائىي ھايۋان ئۆزى تەۋە بولغان تۈرنىڭ مەنپەئەتى تەرىپىدىن يېتەكلەنمەيدۇ. ھېچقانداق شىمپەنزە شىمپەنزە تۈرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىمايدۇ، ھېچقانداق قۇلۇلە دۇنياۋى قۇلۇلە جەمئىيىتى ئۈچۈن مۈڭگۈزىنى كۆتۈرمەيدۇ، ھېچقانداق ئەركەك شىر بارلىق شىرلارنىڭ پادىشاھى بولۇشقا ئۇرۇنمايدۇ، ھېچقانداق ھەرە ئۇۋىسىنىڭ كىرىش تۆشۈكىدە «دۇنيادىكى ئىشچى ھەرىلەر، بىرلىشىڭلار!» دېگەن شوئار تېپىلمايدۇ.

 ئەمما ئەقىل ئىنقىلابىدىن باشلاپ، ھومو ساپىيانس بۇ جەھەتتە بارغانسېرى ئالاھىدە بولۇپ قالدى. كىشىلەر «قېرىنداش» ياكى «دوست» دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان بارلىق ناتونۇش كىشىلەر بىلەن مۇنتىزىم ھەمكارلىشىشقا باشلىدى. بىراق بۇ قېرىنداشلىق ئومۇميۈزلۈك ئەمەس ئىدى. يېقىن جىلغىدا ياكى تاغ تىزمىسىنىڭ نېرىسىدا يەنىلا «ئۇلار»نى ھېس قىلغىلى بولاتتى. تۇنجى پىرئەۋن مېنېس مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىلى مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە، مىسىرلىقلارغا مىسىرنىڭ چېگراسى بارلىقى ۋە چېگرانىڭ نېرىسىدا «ياۋايىلار» يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقى ئېنىق ئىدى. ياۋايىلار يات ئىدى، تەھدىت سالاتتى ۋە پەقەت مىسىرلىقلار خالايدىغان يەر ياكى تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولغان ئەھۋالدىلا كىشىنى قىزىقتۇرالايتتى. كىشىلەر ياراتقان تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىنسانىيەتنىڭ خېلى زور قىسمىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانىدى. 

 مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى مىڭ يىلدا ئۈچ پوتېنسىيال (يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە) ئومۇمىي تەرتىپ پەيدا بولدى. بۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تۇنجى قېتىم پۈتۈن دۇنيا ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بىر تۈركۈم قانۇنلار بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان يەككە بىرلىك سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلالايتتى. ھەممە كىشى، ھېچ بولمىغاندا پوتېنسىيال جەھەتتە «بىز» ئىدى، «ئۇلار» ئەمدى يوق ئىدى. دۇنيادا بارلىققا كەلگەن تۇنجى ئومۇمىي تەرتىپ ئىقتىسادىي تەرتىپ بولۇپ، ئۇ پۇل تەرتىپى ئىدى؛ ئىككىنچى ئومۇمىي تەرتىپ سىياسىي تەرتىپ بولۇپ، ئۇ ئىمپېرىيە تەرتىپى ئىدى؛ ئۈچىنچى ئومۇمىي تەرتىپ دىنىي تەرتىپ بولۇپ، ئۇ بۇددىزم، خرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام دىنى قاتارلىق چوڭ دىنلارنىڭ تەرتىپى ئىدى.

 سودىگەرلەر، جاھانگىرلار ۋە پەيغەمبەرلەر «بىز ۋە ئۇلار» دېگەن ئىككىلىك تەدرىجىي تەرەققىيات بۆلۈنۈشىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ پوتېنسىيال بىرلىكىنى كۆرەلىگەن تۇنجى كىشىلەر ئىدى. سودىگەرلەر ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا بىر بازار، بارلىق ئىنسانلار خېرىدارلار ئىدى. ئۇلار ھەممە يەردە، ھەممە كىشىگە ئۈنۈمى بولىدىغان ئىقتىسادىي تەرتىپ ئورنىتىشقا ئۇرۇندى. جاھانگىرلار ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا بىر ئىمپېرىيە، بارلىق ئىنسانلار پۇقرالار ئىدى. پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادا بىرلا ھەقىقەت بار بولۇپ، بارلىق ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەر ئىدى. ئۇلارمۇ ھەممە يەردە، ھەممە كىشىگە ئۈنۈمى بولىدىغان تەرتىپ ئورنىتىشقا تىرىشتى.

 ئۆتكەن ئۈچ مىڭ يىل جەريانىدا، كىشىلەر بۇ دۇنياۋى غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دادىل سىناقلارنى قىلدى. كېيىنكى ئۈچ بابتا پۇل، ئىمپېرىيەلەر ۋە ئۇنىۋېرسال دىنلارنىڭ قانداق تارقىلىپ، بۈگۈنكى بىرلىككە كەلگەن دۇنيانىڭ ئاساسىنى قانداق سالغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز بۇنى تارىختىكى ئەڭ چوڭ جاھانگىرنىڭ ھېكايىسى بىلەن باشلايمىز. بۇ جاھانگىر ئىنتايىن كەڭ قورساق ۋە ماسلىشىشچان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى سادىق مۇرىتلارغا ئايلاندۇرغان. بۇ جاھانگىر پۇلدۇر. ئوخشاش تەڭرىگە ئىشەنمەيدىغان ياكى ئوخشاش پادىشاھقا بويسۇنمايدىغان كىشىلەر ئوخشاش پۇلنى ئىشلىتىشكە تولىمۇ رازى. ئوساما بىن لادىن ئامېرىكا مەدەنىيىتى، ئامېرىكا دىنى ۋە ئامېرىكا سىياسىتىدىن شۇنچە نەپرەتلەنسىمۇ، ئامېرىكا دوللىرىنى بەك ياخشى كۆرەتتى. پۇل قانداقلارچە تەڭرىلەر ۋە پادىشاھلار مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغان يەردە غەلىبە قىلالىدى؟

پۇلنىڭ پۇرىقى

1519-يىلى خېرنان كورتېس ۋە ئۇنىڭ ئىستىلاچىلىرى شۇ ۋاقىتقىچە ئايرىم دۇنيا بولۇپ كەلگەن مېكسىكاغا تاجاۋۇز قىلدى. ئۆزلىرىنى ئازتېكلار دەپ ئاتىغان يەرلىك خەلق، كەلگۈندىلەرنىڭ مەلۇم بىر سېرىق مېتالغا ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار بۇ ھەقتە توختىماي سۆزلەيتتى. يەرلىكلەر ئالتۇننى ياخشى بىلەتتى – ئۇ چىرايلىق ۋە ئىشلەشكە ئاسان بولغاچقا، ئۇنى زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ھەيكەللەر ياساشقا ئىشلىتەتتى، بەزىدە كېپەك ئالتۇننى مال ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىناتتى. ئەمما بىر ئازتېك بىرەر نەرسە سېتىۋالماقچى بولسا، ئادەتتە كاكائو (قەھۋە) ئۇرۇقى ياكى رەخت توپلىرى بىلەن تۆلەيتتى. شۇڭا ئىسپانلارنىڭ ئالتۇنغا بولغان ھېرىسمەنلىكى چۈشىنىكسىز تۇيۇلاتتى: يېيىشكە، ئىچىشكە ياكى توقۇشقا بولمايدىغان، قورال-ياراغ ياكى ئەسۋاب ياساشقا بەك يۇمشاق كېلىدىغان بۇ مېتال نېمىگە شۇنچە ئەتىۋارلىق بولۇپ قالدى؟ يەرلىكلەر ئىستىلاچى ئىسپانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالتۇنغا شۇنچە ھېرىس ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «چۈنكى مەن ۋە ھەمراھلىرىم پەقەت ئالتۇن بىلەنلا داۋالىغىلى بولىدىغان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئىسپانلار كېلىپ چىققان ئاسىيا-ئافرىقا دۇنياسىدا، ئالتۇنغا بولغان ھېرىسمەنلىك ھەقىقەتەن بىر ۋابادەك تارقالغانىدى. ھەتتا ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلەرمۇ ھېچنېمىگە پايدىسىز ئۇ سېرىق مېتالغا ھېرىس ئىدى. مېكسىكىنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇن، كورتېس ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئەجدادلىرى ئىبېرىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمان پادىشاھلىقلىرىغا قارشى قانلىق دىنىي ئۇرۇش قوزغىغانىدى. ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مىڭلىغان- يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈردى، ئېتىزلار ۋە باغلارنى ۋەيران قىلدى، گۈللەنگەن شەھەرلەرنى كۈكۈم-تالقان قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەيسا ياكى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى ئۈچۈن ئىدى.

خرىستىئانلار ئاستا-ئاستا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنسېرى، ئۇلار مەسچىتلەرنى چېقىپ چېركاۋلارنى سېلىش بىلەنلا ئەمەس، يەنە كرېست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ۋە كاپىرلارغا قارشى كۈرەشتە ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن خۇداغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلگەن يېڭى ئالتۇن-كۈمۈش تەڭگىلەرنى چىقىرىش بىلەنمۇ بەلگىلىدى. ئەمما يېڭى پۇللار بىلەن بىر ۋاقىتتا، غالىبلار باشقىچە ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان «مىللارېس» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل تەڭگە باستى. خرىستىئان فاتىھلار باسقان بۇ تۆت چاسا تەڭگىلەرگە «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دېگەن ئەرەبچە خەت يېزىلغانىدى. ھەتتا مېلگۇئېل ۋە ئاگدېنىڭ كاتولىك ئېپىسكوپلىرىمۇ بۇ مەشھۇر مۇسۇلمان تەڭگىلىرىنىڭ تەقلىدلىرىنى چىقاردى ۋە خۇدادىن قورقىدىغان خرىستىئانلار بۇلارنى خۇشاللىق بىلەن ئىشلەتتى.

تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ كەڭچىلىك كۆپەيدى. شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمان سودىگەرلەر فلورېنتسىيە فلورىنى، ۋېنېتسىيە دۇكاتى ۋە نېئاپول گىگلىئاتوسى قاتارلىق خرىستىئان تەڭگىلىرىنى ئىشلىتىپ سودا قىلدى. ھەتتا كاپىر خرىستىئانلارغا قارشى جىھاد چاقىرىقى قىلغان مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارمۇ ئەيسا ۋە ئۇنىڭ پاك ئانىسىنىڭ نامى يېزىلغان تەڭگىلەر بىلەن باج-سېلىق يىغىشتىن خۇشال ئىدى.

باھاسى قانچە پۇل؟

ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ پۇلى يوق ئىدى. ھەر بىر گۇرۇپپا گۆشتىن تارتىپ دورىغىچە، كەشتىن تارتىپ سېھىرگەرلىككىچە ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ھەممە نەرسىنى دېگۈدەك ئۆزى ئوۋلايتتى، يىغاتتى ۋە ياسايتتى. گۇرۇپپا ئەزالىرى ئوخشىمىغان ئىشلارغا ماھىر بولسىمۇ، ئۇلار ساخاۋەت ۋە مەجبۇرىيەتكە تولغان ئىقتىسادى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ماللىرى ۋە مۇلازىمىتىدىن  تەڭ بەھرىمەن بولاتتى. ھەقسىز بېرىلگەن گۆش ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، مەسىلەن ھەقسىز داۋالاش ياردىمى بېرىش دېگەندەك ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. گۇرۇپپا ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەقىل ئىدى؛ يەرلىك جايدىن تاپقىلى بولمايدىغان دېڭىز قۇلۇلىسى، بوياق، تاغ ئەينىكى قاتارلىق ئاز ساندىكى نەرسىلەرنىلا ياتلاردىن ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ ئادەتتە ئاددىي مال ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قىلىناتتى: «بىز سىلەرگە چىرايلىق دېڭىز قۇلۇلىسى بېرىمىز، سىلەر بىزگە سۈپەتلىك چاقماق تېشى بېرىسىلەر».

يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىنمۇ بۇنىڭدا ئانچە ئۆزگىرىش بولمىدى. كۆپچىلىك يەنىلا كىچىك، يېقىن جامائەلەردە ياشايتتى. خۇددى ئوۋچى-غەنىمەتچى گۇرۇپپىسىغا ئوخشاش، ھەر بىر يېزا ئۆز-ئۆزىنى قامدىيالايدىغان ئىقتىسادىي بىرلىك بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا ياخشىلىق ۋە مەجبۇرىيەتلەر ھەمدە سىرتتىكىلەر بىلەن ئازراق مال ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تىرىكچىلىكىنى ساقلايتتى.  ئۇ يېزىدىكىلەر ئاياغ تىكىشكە ماھىر بولسا، بۇ يېزىدىكىلەر داۋالاشقا ماھىر بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا يېزىلىقلار يالاڭ ئاياغ قالغاندا ياكى ئاغرىپ قالغاندا كىمگە بېرىشنى بىلەتتى. ئەمما يېزىلار كىچىك ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى چەكلىك بولغاچقا، ئۇ يەردە پۈتۈن كۈن ئىشلەيدىغان موزدوزلار ۋە دوختۇرلار بولماسلىقى مۇمكىن.

شەھەرلەر ۋە پادىشاھلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى يېڭى كەسىپ پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بەردى. ئاھالىسى زىچ شەھەرلەر موزدوز ۋە دوختۇرلارغىلا ئەمەس، ياغاچچىلار، روھانىيلار، ئەسكەرلەر ۋە ئادۋوكاتلارغىمۇ پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئېسىل شاراب، زەيتۇن يېغى ياكى ساپال بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭق چىقارغان يېزىلار ئاساسەن شۇ مەھسۇلاتنىلا ئىشلەپچىقىرىپ، باشقا ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى باشقا جايلاردىن ئېلىشنىڭ، يەنى مال  ئالماشتۇرۇشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ ناھايىتى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىدى. ھاۋا ۋە تۇپراق پەرقلىق بولغاچقا، ئۈزۈم تېلى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان تۇپراق ۋە ھاۋاسى بار جايدىن تېخىمۇ تەملىك شارابنى سېتىۋالالايدىغان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئۆز ئۆيىڭىزدىكى ئادەتتىكى شارابنى ئىچىسىز؟ ئەگەر ھويلىڭىزدىكى لايدىن پۇختا ۋە چىرايلىق قاچا-قۇچا ياسىغىلى بولسا، باشقىلار بىلەن مال ئالماشتۇرالايسىز. يەنە كېلىپ، كەسپىي ھاراق سودىگىرى ۋە كۇلالچىلار، دوختۇر ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ماھارىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، ھەممەيلەننىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئەمما كەسىپلىشىش بىر مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى: كەسىپ ئەھلى ئارىسىدىكى مال ئالماشتۇرۇشنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟

كۆپ ساندىكى ناتونۇشلار ھەمكارلاشماقچى بولغاندا، ياخشىلىق ۋە مەجبۇرىيەت ئىقتىسادى كارغا كەلمەي قالىدۇ. ھەدىڭىز ياكى قوشنىڭىزغا ھەقسىز ياردەم بېرىش باشقا، ياخشىلىقنى قايتۇرماسلىقى مۇمكىن بولغان ياتلارغا غەمخورلۇق قىلىش پۈتۈنلەي باشقا ئىش. بۇنىڭدا كىشىلەر مال ئالماشتۇرۇشقىلا تايىنالايدۇ. ئەمما بۇمۇ پەقەت چەكلىك دائىرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئالماشتۇرغاندىلا ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئۇ مۇرەككەپ ئىقتىسادنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ.

مال ئالماشتۇرۇشنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، سىزنىڭ تاغلىق رايوندا شۇ ئۆلكىدىكى ئەڭ تەملىك، ئەڭ چۈرۈك ئالمىلارنى يېتىشتۈرىدىغان بىر ئالمىلىق بېغىڭىز بار دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. سىز باغدا شۇنچە قاتتىق ئىشلەيسىزكى، ئاياغلىرىڭىز يىرتىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئېشىكىڭىزنى ھارۋىغا قېتىپ دەريا بويىدىكى بازارغا يول ئالىسىز. قوشنىڭىز سىزگە بازارنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بىر موزدوزنىڭ ئۆزىگە تۆت پەسىل چىداپ كەلگەن ناھايىتى پۇختا بىر جۈپ ئۆتۈك تىكىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. سىز موزدوزنىڭ دۇكىنىنى تېپىپ، ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك ئاياغقا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئالمىلىرىڭىزدىن بېرىشنى تەكلىپ قىلىسىز . موزدوز قانچە ئالما سورىسا بولار؟ دەپ ئىككىلىنىپ قالىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى نەچچە ئون خېرىدار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئالما خالتىلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، يەنە بەزىلىرى بۇغداي، ئۆچكە ياكى رەخت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇلارنىڭ سۈپىتى ئوخشىمايدۇ. يەنە بەزىلىرى پادىشاھقا ئىلتىماسنامە يېزىش ياكى بەل ئاغرىقىنى داۋالاش ماھارىتىنى تەكلىپ قىلىدۇ. موزدوز ئاخىرقى قېتىم ئاياغنى ئالمىغا ئالماشتۇرغىلى ئۈچ ئاي بولدى، ئۇ چاغدا ئۈچ خالتا ئالما سورىغانمىدى، تۆت خالتىمۇ؟ ئويلاپ باقسا، ئۇ چاغدىكى ئالمىلار تاغ جىلغىسىدا ئۆسكەن ئاچچىق ئالمىلار بولۇپ، ئالىي سۈپەتلىك تاغ ئالمىلىرى ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ، ئۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش كىچىك ئايالچە ئاياغ ئۈچۈن ئىدى. بۇ كىشى ئەرلەرنىڭ ئۆتۈكىنى سوراۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېقىنقى ھەپتىلەردە شەھەر ئەتراپىدىكى پادىلارغا كېسەل يۇقۇپ، كۆپ قىسمى قىرىلىپ كەتتى، تېرە تېپىش قىيىنلىشىۋاتىدۇ. كۆنچىلەر ئوخشاش مىقداردىكى تېرىگە ئىككى ھەسسە كۆپ تەييار ئاياغ تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇنى نەزەردە تۇتۇش كېرەكمۇ؟

مال ئالماشتۇرۇش ئىقتىسادىدا، موزدوز بىلەن باغۋەن ھەر كۈنى ئونلىغان مال-مۈلۈكنىڭ نىسپىي باھاسىنى قايتا ئۆگىنىشى كېرەك. ئەگەر بازاردا 100 تۈرلۈك مالنىڭ سودىسى قىلىنىۋاتقان بولسا، ئالغۇچى-ساتقۇچىلار 4,950 تۈرلۈك مال ئالماشتۇرۇش قىممىتى (پېرىۋوت نىسبىتى) نى بىلىشى كېرەك؛ ئەگەر 1,000 تۈرلۈك  مال-مۈلۈكنىڭ سودىسى قىلىنىۋاتقان بولسا، ئالغۇچى-ساتقۇچىلار 499,500 تۈرلۈك مال ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى بىلىشى كېرەك! بۇنى قانداق ھېسابلايسىز؟

تېخىمۇ يامىنى، قانچە ئالمىغا بىر جۈپ ئاياغ تەڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلىيالىغان تەقدىردىمۇ، مال ئالماشتۇرۇش ھەمىشە مۇمكىن بولۇۋەرمەيدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا، سودا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قارشى تەرەپتە بار نەرسىنى خالىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر موزدوز ئالمىنى ياقتۇرمىسا ۋە شۇ پەيتتە ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغىنى خوتۇنىنى تالاق قىلىش بولسا قانداق بولىدۇ؟ ئۇ چاغدا، دېھقان ئالمىنى ياقتۇرىدىغان بىر ئادۋوكات تېپىپ ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىم تۈزەلەيدۇ. ئەمما ئادۋوكاتنىڭ ئالمىسى يېتەرلىك بولۇپ، چاچ ياساشقا ئېھتىياجى چۈشكەن بولسا قانداق بولىدۇ؟

بەزى جەمئىيەتلەر دېھقانلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن مەھسۇلاتلارنى يىغىپ، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىدىغان مال ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ داڭلىق تەجرىبىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى. «ھەر كىم قابىلىيىتىگە قاراپ ئىشلەپ، ئېھتىياجىغا قاراپ ئالىدۇ» دېگەن شوئار ئەمەلىيەتتە «ھەر كىم قانچىلىك ئاز ئىشلىيەلىسە شۇنچىلىك ئاز ئىشلەپ، قانچىلىك كۆپ ئالالىسا شۇنچىلىك كۆپ ئالىدۇ» دېگەنگە ئايلاندى. باشقا زامانلاردا تېخىمۇ مۆتىدىل ۋە تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر قىلىندى، مەسىلەن ئىنكا ئىمپېرىيەسىدە. ئەمما كۆپىنچە جەمئىيەتلەر كۆپ ساندىكى كەسىپ ئەھلىنى بىر-بىرىگە باغلاشنىڭ تېخىمۇ ئاسان يولىنى تاپتى – ئۇلار پۇلنى ئىجاد قىلدى.

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading