ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(17)

ئامېرىكىدىكى ئىرقىي ساپلىق

ئوخشاش ناچار دەۋرىيلىنىش زامانىۋى ئامېرىكىدىكى ئىرقىي تۈزۈمنى داۋاملاشتۇردى. 16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە، ياۋروپالىق ئىستىلاچىلار ئامېرىكىدىكى كانلار ۋە يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىدا ئىشقا سېلىش ئۈچۈن مىليونلىغان ئافرىقىلىق قۇللارنى ئىمپورت قىلدى. ئۇلار ياۋروپا ياكى شەرقىي ئاسىيادىن ئەمەس، بەلكى ئافرىقىدىن قۇل ئىمپورت قىلىشنى تاللىدى. بۇنىڭ ئۈچ سەۋەبى بار ئىدى. بىرىنچىدىن، ئافرىقا يېقىنراق بولغاچقا، سېنگالدىن قۇل ئىمپورت قىلىش ۋيېتنامدىن ئىمپورت قىلىشقا قارىغاندا ئەرزانراق ئىدى.

ئىككىنچىدىن، ئافرىقىدا ئاللىقاچان تەرەققىي قىلغان قۇل سودىسى (ئاساسەن ئوتتۇرا شەرققە قۇل ئېكسپورت قىلىش) مەۋجۇت ئىدى. ياۋروپادا بولسا قۇللۇق ناھايىتى ئاز ئىدى. مەۋجۇت بازاردىن قۇل سېتىۋېلىش يېڭى بازار قۇرۇشتىن كۆپ ئاسان ئىدى.

ئۈچىنچىدىن ۋە ئەڭ مۇھىمى، ۋىرجىنىيە، ھايتى ۋە برازىلىيەدەك جايلاردىكى ئامېرىكا قورۇقلىرىدا ئافرىقىدىن كەلگەن بەزگەك ۋە سېرىق قىزىتما كېسەللىكلىرى تارقالغان ئىدى. ئافرىقىلىقلار ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بۇ كېسەللەرگە قىسمەن گېنېتىكىلىق ئىممۇنىتېت ھاسىل قىلغان بولسا، ياۋروپالىقلار پۈتۈنلەي مۇداپىئەسىز بولۇپ، توپ-توپ ھالدا ئۆلەتتى. شۇڭا قورۇق خوجايىنىنىڭ ياۋروپالىق قۇلغا ياكى توختاملىق ئىشچىغا ئەمەس، ئافرىقىلىق قۇلغا پۇل خەجلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىدى. تەتۈر تاناسىپ ھالدا، (ئىممۇنىتېت جەھەتتىكى) گېنېتىكىلىق ئۈستۈنلۈك ئىجتىمائىي قاتلامدىكى تۆۋەنلىككە ئايلاندى: ئافرىقىلىقلار دەل تروپىك ئىقلىمغا ياۋروپالىقلاردىن بەكرەك ماسلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ياۋروپالىق خوجايىنلارنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ قالدى!

بىراق كىشىلەر مەلۇم بىر ئىرق ياكى كېلىپ چىقىشىدىن قۇل بولغانلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ساقلاپ قالىمىز دېيىشنى ياقتۇرمايدۇ. ھىندىستاندىكى ئارىيان ئىستىلاچىلارغا ئوخشاش، ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىك ياۋروپالىقلارمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە تەقۋادار، ئادىل ۋە ئەمەلىيەتچىل كۆرۈنۈشنى خالايتتى. دىنىي ۋە ئىلمىي ئەپسانىلەر بۇ بۆلۈنۈشنى ئاقلاش ئۈچۈن قوللىنىلدى. دىنشۇناسلار ئافرىقىلىقلارنىڭ نۇھنىڭ ئوغلى ھامدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، دادىسىنىڭ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى «قۇل بولۇشى كېرەك» دەپ قارغىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىئولوگلار قارا تەنلىكلەرنى «ئاق تەنلىكلەردىن ئەقلىي جەھەتتە تۆۋەن ۋە ئەخلاقىي تۇيغۇسى ئاجىز» دەپ جاكارلىدى. دوختۇرلار بولسا «قارا تەنلىكلەر مەينەتچىلىكتە ياشاپ كېسەل تارقىتىدۇ، يەنى ئۇلار بۇلغىنىش مەنبەسى» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ئەپسانىلەر ئامېرىكا مەدەنىيىتىدە، ئومۇمەن غەرب مەدەنىيىتىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. قۇللۇقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شارائىتلار يوقالغاندىن كېيىنمۇ، بۇ تەسىرلەر داۋاملىشىۋەردى. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسى قۇللۇقنى چەكلەپ، ئاتلانتىك ئوكيان قۇل سودىسىنى توختاتتى. كېيىنكى ئون يىللاردا قۇللۇق ئامېرىكا قىتئەسىدە ئاستا-ئاستا چەكلەندى. دىققەتكە سازاۋەر يېرى شۇكى، بۇ تارىختا قۇللۇق جەمئىيەتلەر ئۆز ئىختىيارى بىلەن قۇللۇقنى بىكار قىلغان تۇنجى ۋە بىردىنبىر ۋەقە ئىدى. ئەمما قۇللار ئازاد قىلىنغان بولسىمۇ، قۇللۇقنى ئاقلايدىغان ئىرقچىلىق ئەپسانىلىرى داۋاملاشتى. ئىرقلارنىڭ ئايرىلىشى ئىرقچىلىق قانۇنلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئادەتلەر ئارقىلىق ساقلاندى.

نەتىجىدە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بىر-بىرىنى كۈچەيتىدىغان ناچار دەۋرىيلىك شەكىللەندى. مەسىلەن، ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىنكى جەنۇبىي ئامېرىكىنى ئالايلى. 1865-يىلى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن 13-ماددىسىدا قۇللۇق چەكلەندى، 14-ماددىسىدا بولسا پۇقرالىق سالاھىيەت بىلەن قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك تەشەببۇسلىرى ئىرق ئاساسىدا رەت قىلىنماسلىقى كېرەك دەپ بەلگىلەندى. بىراق ئىككى ئەسىرلىك قۇللۇق سەۋەبىدىن، قارا تەنلىك ئائىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاق تەنلىك ئائىلىلەرگە قارىغاندا بەكلا نامرات ۋە ساۋاتسىز ئىدى. شۇڭا 1865-يىلى ئالابامادا تۇغۇلغان قارا تەنلىك بىر كىشىنىڭ ياخشى مائارىپ ۋە يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتكە ئېرىشىش پۇرسىتى ئاق تەنلىك قوشنىلىرىغا قارىغاندا كۆپ تۆۋەن ئىدى. ئۇنىڭ 1880-1890-يىللاردا تۇغۇلغان بالىلىرىمۇ ئوخشاشلا نامرات ياشاشقا باشلىدى، ئۇلارمۇ ساۋاتسىز، نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان ئىدى.

ئەمما ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مەسىلىنىڭ پەقەت بىر تەرىپىدۇر. ئالابامادا يەنە ياخشى ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم قالغان نۇرغۇن نامرات ئاق تەنلىكلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ باي ئاق تەنلىك قېرىنداشلىرى بىلەن كۆپ ئۇچرىشالمايتتى. بۇنىڭدىن سىرت، سانائەت ئىنقىلابى ۋە كۆچمەنلىك دولقۇنلىرى ئامېرىكىنى ناھايىتى ئۆزگىرىشچان جەمئىيەتكە ئايلاندۇردى، نامراتلىق تېزلا باياشاتلىققا ئايلىنالايتتى. ئەگەر پۇل ھەممىدىن مۇھىم بولىدىغان بولسا، ئىرقلار ئارىسىدىكى كەسكىن بۆلۈنۈش ئاجىزلىشىشى، بولۇپمۇ ئارىلاش نىكاھ ئارقىلىق ئۇ پەرقلەر كۆپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى.

ئەمما ئۇنداق بولمىدى. 1865-يىلىغا كەلگەندە، ئاق تەنلىكلەر، شۇنداقلا نۇرغۇن قارا تەنلىكلەرمۇ قارا تەنلىكلەرنىڭ ئاق تەنلىكلەرگە قارىغاندا ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن، زوراۋان، جىنسىي جەھەتتە بۇزۇق، ھۇرۇن ئىكەنلىكىنى ۋە پاكىزلىققا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى ئومۇمىي رېئاللىق دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇلار زوراۋانلىق، ئوغرىلىق، باسقۇنچىلىق ۋە كېسەللىكنىڭ – يەنى بۇلغىنىشنىڭ مەنبەسى دەپ قارالدى. 1895-يىلى ئالابامالىق بىر قارا تەنلىك مۆجىزە بىلەن ياخشى مائارىپقا ئېرىشكەن، بانكا كاسسىرىغا ئوخشاش ئىناۋەتلىك خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقى شۇ سەۋىيەدىكى ئاق تەنلىك نامزاتقا قارىغاندا كۆپ تۆۋەن ئىدى. قارا تەنلىكلەرنى تەبىئىتىدىن ئىشەنچسىز، ھۇرۇن ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن دەپ كەمسىتىش ئۇلارغا قىلىنغان سۇيىقەست قىلدى.

سىز بەلكىم كىشىلەرنىڭ بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ رېئاللىق ئەمەس، ئەپسانە ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىدىغانلىقىنى، قارا تەنلىكلەرنىڭ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۆزلىرىنىڭ ئاق تەنلىكلەردەك ئىقتىدارلىق، قانۇنغا بويسۇنىدىغان ۋە پاكىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىغانلىقىنى ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ ئەكسىچە بولدى،  بۇ خاتا چۈشەنچىلەر ۋاقىت ئۆتكەنسېرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بارلىق ياخشى خىزمەتلەر ئاق تەنلىكلەرنىڭ قولىدا بولغاچقا، قارا تەنلىكلەرنىڭ ھەقىقەتەن تۆۋەن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش تېخىمۇ ئاسانلاشتى. «قاراڭلار!» دەيتتى ئادەتتىكى ئاق تەنلىك پۇقرا، «قارا تەنلىكلەر نەچچە ئەۋلادتىن بېرى ئەركىن، ئەمما ھېچقانداق قارا تەنلىك پروفېسسور، ئادۋوكات، دوختۇر ياكى ھەتتا بانكا كاسسىرىمۇ يوق دېيەرلىك. بۇ ئۇلارنىڭ راستىنلا دۆت ۋە ھۇرۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟».  بۇ ناچار دەۋرىيلىككە قاپسىلىپ قالغان قارا تەنلىكلەر ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن ئاق ياقىلىقلارنىڭ خىزمەتلىرىگە ئېلىنمايتتى، ئاق ياقىلىقلار قىلىۋاتقان خىزمەتلەردە قارا تەنلىكلەرنىڭ ئاز بولۇشى ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىگە ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىلەتتى.

ناچار دەۋرىيلىك بۇ يەردە توختاپ قالمىدى. قارا تەنلىكلەرگە قارشى ئەيىبلەشلەر كۈچەيگەنسېرى، بۇلار ئىرقىي تەرتىپنى قوغداشقا قارىتىلغان «جىم كروۋ» قانۇن-نىزاملىرىدىكى بىر سىستېمىسىغا ئايلاندى. قارا تەنلىكلەرنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى، ئاق تەنلىكلەر مەكتىپىدە ئوقۇشى، ئاق تەنلىكلەر دۇكىنىدا سودا قىلىشى، ئاق تەنلىكلەر رېستورانىدا تاماق يېيىشى، ئاق تەنلىكلەر مېھمانخانىسىدا قونۇشى چەكلەندى. ئۇنىڭ باھانىسى قارا تەنلىكلەرنىڭ پاسكىنا، ھۇرۇن ۋە ئەسكى ئىكەنلىكى، شۇڭا ئاق تەنلىكلەرنى ئۇلاردىن قوغداش كېرەكلىكى ئىدى. ئاق تەنلىكلەر كېسەل يۇقۇپ قېلىشتىن قورقۇپ قارا تەنلىكلەر بىلەن بىر مېھمانخانىدا قونۇشنى ياكى بىر رېستوراندا تاماق يېيىشنى خالىمايتتى. ئۇلار زوراۋانلىق ۋە يامان تەسىرلەردىن قورقۇپ بالىلىرىنىڭ قارا تەنلىك بالىلار بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇشىنى خالىمايتتى. قارا تەنلىكلەرنى نادان ۋە ئەخلاقسىز دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىنى خالىمايتتى. بۇ قورقۇنچلار قارا تەنلىكلەرنىڭ ھەقىقەتەن ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردا تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغانلىقىنى ۋە جىنايەت نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى «ئىسپاتلىغان» ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن كۈچەيتىلدى (بۇ تەتقىقاتلار بۇ «پاكىتلار»نىڭ قارا تەنلىكلەرگە قىلىنغان كەمسىتىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى).

تەسەددىپىي تارىخىي ۋەقەلىك

ئاقلارنىڭ قارىلارنى كونترول قىلىشى

ئىرقىي كەمسىتىش قانۇنى

قارىلاردىكى نامراتلىق ۋە مائارىپ تەربىيەسىنىڭ

كەملىكى      

مەدەنىيەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراش

ناچار دەۋرىيلىك: تەساددىپىي مەيدانغا كەلگەن تارىخىي ھادىسىنىڭ قاتمال ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ئايلىنىشى

-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئىلگىرىكى فېدراتسىيە شتاتلىرىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكىدىنمۇ ئېغىرلاشقان ئىدى. 1958-يىلى مىسسىسىپى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىلتىماس قىلغان كلېننون كىڭ ئىسىملىك قارا تەنلىك ئوقۇغۇچى مەجبۇرىي ھالدا روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا ياتقۇزۇلدى. سوتچى بىر قارا تەنلىكنىڭ مىسسىسىپى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىمەن دەپ ئويلىشىنى ساراڭلىق دەپ ھۆكۈم قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكىلەر (ۋە نۇرغۇن شىمالدىكىلەر) ئۈچۈن قارا تەنلىك ئەرلەر بىلەن ئاق تەنلىك ئاياللار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە نىكاھتىنمۇ يىرگىنچلىك نەرسە يوق ئىدى. ئىرقلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئەڭ چوڭ پەرھىزگە ئايلاندى، ھەرقانداق بۇزۇقچىلىق ياكى بۇزۇقچىلىققا چېتىلغانلىق شۈبھىسى ئاشكارە جازاغا تارتىشقا ھەم دەرھال ئىجرا قىلىشقا لايىق دەپ قارالدى. ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەخپىي جەمئىيەت كۇ كلۇكس كلان (Ku Klux Klan) بۇنداق قەستلەشلەرنى كۆپ قېتىم ئېلىپ باردى. ئۇلار ھىندى براھمانلارغا پاكلىق قانۇنلىرى ھەققىدە بىر نەرسە ئۆگىتەلەيتتى.

 ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، ئىرقچىلىق تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ساھەلىرىگە تارقالدى. ئامېرىكا گۈزەللىك مەدەنىيىتى ئاق تەنلىكلەرنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمى ئاساسىدا قۇرۇلدى. ئاق تەنلىك ئىرقنىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكلىرى- مەسىلەن ئاق تەن، تەكشى ۋە تۈز چاچ، ئۇچلۇق ۋە قاڭشارلىق بۇرۇن- گۈزەل دەپ قارالدى. قارا تەنلىكلەرنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى – قارا تەن، قارا ۋە قويۇق چاچ، پاناق بۇرۇن – سەت دەپ قارالدى. بۇ ئالدىن پەرەز قىلىشلار تەسەۋۋۇردىكى دەرىجە تۈزۈمىنى ئىنسان ئېڭىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلىمىغا سىڭدۈردى.

 بۇنداق ناچار دەۋرىيلىك نەچچە يۈز يىل، ھەتتا نەچچە مىڭ يىللار داۋاملىشىپ، تاسادىپىي تارىخىي ۋەقەدىن كېلىپ چىققان خىيالىي دەرىجە تۈزۈمىنى ئەبەدىيلەشتۈرىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، ناھەق كەمسىتىش كۆپ ھاللاردا ياخشىلانماي تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ. پۇل بايلارغا. نامراتلىق نامراتلارغا، نادانلىق نادانلارغا، مەرىپەت بولسا مائارىپقا مەنسۇپ بولۇپ قالىۋېرىدۇ. تارىختا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىمالى چوڭ بولسا، تارىختا ئالاھىدە ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ يەنە ھوقۇق تۇتۇش ئېھتىمالى چوڭ بولىدۇ.

ئىجتىمائىي-سىياسىي دەرىجە تۈزۈملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەنتىقىلىق ياكى بىئولوگىيەلىك ئاساسى يوق، ئۇلار پەقەت ئەپسانىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئىبارەت. تارىخنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئەنە شۇ. ئەگەر قارا تەنلىك، ئاق تەنلىك، براھمان ۋە شۇدرا دەپ ئايرىش بىئولوگىيەلىك رېئاللىققا ئاساسلانغان بولسا – يەنى براھمانلارنىڭ مېڭىسى راستىنلا شۇدرالارنىڭكىدىن ياخشى بولسا – جەمئىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىئولوگىيە يېتەرلىك بولاتتى. ھومو ساپىيانسنىڭ ھەرخىل گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدىكى بىئولوگىيەلىك پەرقلەر ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز بولغاچقا، بىئولوگىيە ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ ياكى ئامېرىكىدىكى ئىرقىي ھەرىكەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ. بىز بۇ ھادىسىلەرنى پەقەت تەسەۋۋۇرنى رەھىمسىز ( ۋە ناھايىتى رېئال) ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارغا ئايلاندۇرغان ۋەقەلەر، شارائىتلار ۋە كۈچ مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىقلا چۈشىنەلەيمىز.

ئەر ۋە ئايال

 ھەرخىل جەمئىيەتلەر ھەرخىل خىيالىي ئىجتىمائىي قاتلامنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىرق زامانىۋى ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، ئەمما ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىدى. تەبىقىلەر ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندىستاندا ھايات-ماماتلىق مەسىلە بولسا، بۈگۈنكى ياۋروپادا ئۇ ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. ئەمما جىنس ئاساسىدىكى دەرىجە تۈزۈمى بىزگە مەلۇم بولغان بارلىق جەمئىيەتلەردە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇردى، ئىنسانلار ھەممە يەردە ئۆزلىرىنى ئەر ۋە ئايال دەپ ئايرىدى. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، ھەممە يەردە دېگۈدەك ئەرلەر ياخشىراق مۇئامىلىگە ئېرىشتى.

 ئەڭ قەدىمكى خىتايچە تېكىستلەرنىڭ بەزىلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 1200-يىلغا تەۋە بولغان، پال ئېچىشتا قوللىنىلغان چىغىناق-تاغاق يېزىقلىرىدا يېزىلغان. ئۇنىڭ بىرىگە: «خاۋ خېنىمنىڭ تۇغۇتى ئوڭۇشلۇق بولامدۇ؟» دېگەن سوئال ئويۇلغان. ئاندىن ئۇنىڭغا: «بالا دىڭ كۈنى[1] تۇغۇلسا، بەختلىك؛ گېڭ كۈنى[2] تۇغۇلسا، ئىنتايىن ياخشى» دەپ جاۋاب بېرىلگەن. ئەمما خاۋ خېنىم جىيايىن كۈنى[3] تۇغماقچى ئىدى. تېكىست: «ئۈچ ھەپتە بىر كۈندىن كېيىن، جيايىن كۈنى بالا تۇغۇلدى. ئەپسۇس، ئۇ قىز بالا ئىكەن» دېگەن غەمكىن بايان بىلەن ئاخىرلاشقان. 3000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، كوممۇنىستىك خىتاي «بىر بالىلىق بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويغاندا، نۇرغۇن خىتاي ئائىلىلىرى يەنىلا قىز بالا تۇغۇلۇشىنى بەختسىزلىك دەپ قارىدى. ئاتا-ئانىلار بەزىدە ئوغۇل بالىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان قىز بالىلارنى تاشلىۋېتەتتى ياكى ئۆلتۈرۈۋېتەتتى.

 نۇرغۇن جەمئىيەتلەردە ئاياللار پەقەت ئەرلەرنىڭ، كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ دادىسى، ئېرى ياكى ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ مۈلكى بولۇپ، نۇرغۇن قانۇنلاردا باسقۇنچىلىق جىنايىتى مۈلۈككە زىيان يەتكۈزۈش دەپ قارىلاتتى، يەنى بۇ يەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئايال ئەمەس، بەلكى ئۇنى مۈلۈك قىلغان ئەر ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، قانۇنىي چارە مۈلۈكنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى يۆتكەش ئىدى،  باسقۇنچىلىق قىلغۇچى ئەر ئۇ ئايالنىڭ دادىسى ياكى ئاكىسىغا تويلۇق بېرەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇنىڭ مۈلكىگە ئايلىناتتى. ئىنجىلدا: «ئەگەر بىر ئەر يۈزى ئېچىلمىغان قىزنى كۆرۈپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسا، ئاندىن ئۇلار تۇتۇلۇپ قالسا، ئۇ ئەر قىزنىڭ دادىسىغا ئەللىك سەر كۈمۈش تۆلىسۇن، ئاندىن قىز ئۇنىڭ ئايالى بولسۇن» (قانۇن شەرھى 22:28-29) دەپ بەلگىلەنگەن. قەدىمكى يەھۇدىيلار بۇنى ئورۇنلۇق تەدبىر دەپ قارىغان.

قايناق كوچىدىن تېپىۋالغان تەڭگىنى تېپىۋېلىش ئوغرىلىق دەپ قارالمىغاندەك. ھېچقانداق ئەرگە تەۋە بولمىغان ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلىشمۇ جىنايەت دەپ قارالمايتتى، ئەگەر ئەر ئۆز ئايالىغا باسقۇنچىلىق قىلسا، ئۇ ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، بىر ئەر ئۆز ئايالىغا باسقۇنچىلىق قىلسا بولىدۇ دېگەن گەپمۇ ئۆز-ئۆزىگە زىت ئىدى، چۈنكى ئەر بولۇش دېگەنلىك ئۆز ئايالىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنى تولۇق كونترول قىلىش دېگەنلىك ئىدى. بىر ئەرنى ئۆز ئايالىغا «باسقۇنچىلىق قىلدى» دېيىش خۇددى بىر ئادەم ئۆز ھەميانىنى ئوغرىلىدى دېگەندەك مەنتىقىسىز گەپ ئىدى. بۇنداق چۈشەنچە قەدىمكى ئوتتۇرا شەرقتىلا بولغان ئەمەس. 2006-يىلىغىچە، 53 دۆلەتتە ئەر ئۆز ئايالىغا باسقۇنچىلىق قىلسا سوتلانمايتتى. ھەتتا گېرمانىيەدىمۇ نىكاھ ئىچىدىكى زوراۋانلىق پەقەت 1997-يىلى قانۇنغا كىرگۈزۈلدى.

 ئەر ۋە ئايالغا ئايرىش ھىندىستاندىكى تەبىقە سىستېمىسى ياكى ئامېرىكىدىكى ئىرق سىستېمىسىغا ئوخشاش خىيالنىڭ مەھسۇلاتىمۇ، ياكى چوڭقۇر بىئولوگىيەلىك يىلتىزى بولغان تەبىئىي ئايرىشمۇ؟ ئەگەر ئۇ راستىنلا تەبىئىي ئايرىش بولسا، ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئىزاھاتى بارمۇ؟

 ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت، قانۇن ۋە سىياسىي جەھەتتىكى پەرقلەرنىڭ بەزىلىرى جىنسلار ئارىسىدىكى ئوچۇق بىئولوگىيەلىك پەرقلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بالا تۇغۇش ھەمىشە ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ كەلگەن، چۈنكى ئەرلەرنىڭ بالىياتقۇسى يوق. ئەمما مۇشۇ ئاساستا، ھەر بىر جەمئىيەت بىئولوگىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق مەدەنىي كۆز قاراش ۋە ئىجتىمائىي ئادەتلەرنى پەيدا قىلدى. جەمئىيەتلەر نۇرغۇن ئالاھىدىكلەرنى ئەرلىك ۋە ئاياللىق خۇسۇسىيەتلەرگە باغلايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئاساسى يوق.

 مەسىلەن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردىكى دېموكراتىك ئافېنادا، بالىياتقۇسى بار شەخس مۇستەقىل قانۇنىي ساپاغا ئىگە ئەمەس ئىدى،  خەلق يىغىنلىرىغا قاتنىشىشقا ياكى سوتچى بولۇشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى. ئاز ساندىكىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇنداق شەخس ياخشى مائارىپتىن بەھرىمەن بولالمايتتى، سودا-تىجارەت ياكى پەلسەپە مۇنازىرىلىرىگە قاتنىشالمايتتى. ئافېنانىڭ سىياسىي رەھبەرلىرى، چوڭ پەيلاسوپلىرى، ناتىقلىرى، سەنئەتكارلىرى ياكى سودىگەرلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ بالىياتقۇسى يوق ئىدى. بالىياتقۇسى بولۇش بىر ئادەمنى بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن ئاشۇ كەسىپلەرگە لاياقەتسىز قىلامدۇ؟ قەدىمكى ئافېنالىقلار شۇنداق دەپ ئويلىغان. بۈگۈنكى ئافېنالىقلار بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. بۈگۈنكى ئافېنادا ئاياللار سايلامغا قاتنىشىدۇ، ئەمەلدارلىققا سايلىنىدۇ، نۇتۇق سۆزلەيدۇ، زىبۇ-زىننەتتىن تارتىپ بىنا ۋە يۇمشاق دېتالغىچە ھەممىنى لايىھىلەيدۇ، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بارىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسى بۇ ئىشلارنى ئەرلەردەك مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. دەرۋەقە، ئۇلار سىياسەت ۋە سودا-تىجارەتتە يەنىلا ئاز سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. گرېتسىيە پارلامېنتىنىڭ پەقەت 12 پىرسەنتىنى ئاياللار تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ سىياسەتكە قاتنىشىشىدا قانۇنىي توسالغۇ يوق، بۈگۈنكى گرېكلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال كىشىنىڭ ئەمەلدار بولۇشىنى ناھايىتى نورمال دەپ قارايدۇ.

بۈگۈنكى گرېكلارنىڭ تولىسى ئاياللارنى جىنسىي جەھەتتىن جەلپ قىلىش ۋە ئۇلار بىلەنلا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئەرلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇنى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ئەمەس، بەلكى بىئولوگىيەلىك رېئاللىق، قارشى جىنسلىق ئىككى ئادەم ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تەبىئىي، ئوخشاش جىنسلىق ئىككى ئادەم ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تەبىئىي ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەبىئەت دۇنياسى ئەرلەرنىڭ بىر-بىرىنى جىنسىي جەھەتتىن جەلپ قىلىش-قىلماسلىقىغا پەرۋا قىلمايدۇ. پەقەت مەلۇم مەدەنىيەتنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاتا-ئانىلار ئۆز ئوغلىنىڭ قوشنا يىگىت بىلەن مۇناسىۋەت قىلغىنىنى بىلىپ قالسا ئالەمنى مالەم قىلىدۇ. ئۇلارنى غەزەبلەندۈرگەن نەرسە بىئولوگىيەلىك ئېھتىياج ئەمەس.

كۆپلىگەن مەدەنىيەتلەر ئوخشاش جىنسلىقلار مۇناسىۋىتىنى قانۇنلۇق دەپلا قالماي، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا ئىگە دەپمۇ قارىغان، قەدىمكى گرېتسىيە بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى. «ئىلىيادا»دا تېتىسنىڭ ئوغلى ئاچىللېس بىلەن پاتروكلۇسنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارشى تۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ماكېدونىيە خانىشى ئولىمپىياس قەدىمكى زاماندىكى ئەڭ سەپرا، كۈچلۈك ئاياللارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەتتا ئۆز ئېرى پادىشاھ فىلىپنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرگەن. ئەمما ئوغلى بۈيۈك ئىسكەندەر ئۆزىنىڭ سۆيگۈنى ھېفېستىئوننى ئۆيگە تاماققا ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ جىدەل چىقارمىغان.

بىئولوگىيە جەھەتتە بېكىتىلگەن نەرسىلەرنى كىشىلەر پەقەت بىئولوگىيەلىك ئەپسانىلەر ئارقىلىق ئاقلىماقچى بولغان نەرسىلەردىن قانداق پەرقلەندۈرەلەيمىز؟ ياخشى بىر ئۆلچەم بار، ئۇ بولسىمۇ «بىئولوگىيە يول قويىدۇ، مەدەنىيەت بولسا چەكلەيدۇ». بىئولوگىيە ناھايىتى كەڭ ئىمكانىيەتلەرگە يول قويىدۇ. مەدەنىيەت بولسا بەزى ئىمكانىيەتلەرنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا ئىمكانىيەتلەرنى چەكلەيدۇ.

بىئولوگىيە ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇشىغا يول قويىدۇ، بەزى مەدەنىيەتلەر ئاياللارنى بۇ ئىمكانىيەتنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ؛ بىئولوگىيە ئەرلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىغا يول قويىدۇ، بەزى مەدەنىيەتلەر بولسا ئۇلارنى بۇ ئىمكانىيەتنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىن چەكلەيدۇ.

مەدەنىيەت پەقەت تەبىئىي بولمىغان نەرسىلەرنىلا چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دۇنيادا تەبىئىي بولمىغان ھېچقانداق نەرسە يوق. مۇمكىن بولغان ھەرقانداق نەرسە تەبىئىيدۇر. تەبىئىي بولمىغان، تەبىئەت قانۇنلىرىغا خىلاپ بولغان ھەرىكەت مەۋجۇت بولالمايدۇ، شۇڭا ئۇنى چەكلەشنىڭ ھاجىتى يوق. ھېچقانداق مەدەنىيەت ئەرلەرنىڭ فوتوسىنتېز قىلىشىنى، ئاياللارنىڭ يورۇقلۇق تېزلىكىدىن تېز يۈگۈرۈشىنى، ياكى مەنپىي زەررىچىلەرنىڭ ئۆزئارا تارتىش كۈچىنى چەكلەيمەن دەپ ئاۋارە بولمىغان.

ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ «تەبىئىي» ۋە «تەبىئىي ئەمەس» دېگەن چۈشەنچىلىرىمىز بىئولوگىيەدىن ئەمەس، خرىستىيان دىنىدىن كەلگەن. «تەبىئىي»نىڭ ئىلاھىي مەنىسى «تەبىئەتنى ياراتقان خۇدانىڭ نىيىتىگە ئۇيغۇن» دېگەنلىكتۇر. خرىستىئان ئىلاھىيەتچىلىرى: «خۇدا ئىنسان بەدىنىنى ياراتقاندا، ھەر بىر ئەزا ۋە ئورگاننىڭ مەلۇم مەقسەتكە خىزمەت قىلىشىنى كۆزدە تۇتقان. ئەگەر بىز ئەزالىرىمىزنى خۇدا كۆزدە تۇتقان مەقسەتتە ئىشلەتسەك، ئۇ تەبىئىي بولىدۇ.  ئەگەر خۇدانىڭ نىيىتىدىن چەتنەپ كەتسەك، ئۇ تەبىئىي بولمايدۇ» دېگەن.

ئەمما تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى يوق. ئورگانلار مەلۇم مەقسەت بىلەن تەرەققىي قىلمىغان، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىمۇ داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئىنسان بەدىنىدە نەچچە يۈز مىليون يىل بۇرۇن تۇنجى قېتىم پەيدا بولغاندىكى پروتوتىپىنىڭ ۋەزىپىسىنىلا ئۆتەيدىغان بىرمۇ ئورگان يوق. ئورگانلار مەلۇم بىر ۋەزىپىنى ئۆتەش ئۈچۈن تەرەققىي قىلىدۇ، ئەمما بىر قېتىم مەۋجۇت بولغاندىن كېيىن، باشقا ئىشلىتىلىشلەرگىمۇ ماسلاشتۇرۇلالايدۇ. مەسىلەن ئېغىزنى ئالساق، ئۇ دەسلەپكى كۆپ ھۈجەيرىلىك ئورگانىزملار ئۆز بەدىنىگە ئوزۇقلۇق ئېلىش يولىغا موھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن پەيدا بولغان. بىز ئېغىزىمىزنى يەنىلا شۇ مەقسەتتە ئىشلىتىمىز، ئەمما بىز ئۇنى سۆيۈش، سۆزلەش ۋە ئەگەر رامبو بولساق، قول بومبىسىنىڭ يىپىنى تارتىۋېتىشكىمۇ ئىشلىتىمىز. 600 مىليون يىل بۇرۇنقى قۇرۇتقا ئوخشاش ئەجدادلىرىمىز ئېغىزلىرىنى بۇ ئىشلارغا ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۇ ئىشلار تەبىئىي بولماي قالامدۇ؟

شۇنىڭغا ئوخشاش، قاناتلار ئۇچۇش قانۇنىيەتلىرى بىلەن  بىللە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالمىغان. ئۇلار باشقا مەقسەتكە خىزمەت قىلغان ئورگانلاردىن تەرەققىي قىلغان. بىر نەزەرىيەگە كۆرە، ھاشارەتلەرنىڭ قاناتلىرى مىليونلىغان يىل بۇرۇن ئۇچالمايدىغان قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ تومپىيىپ چىققان قىسمىدىن تەرەققىي قىلغان. ھۇررەك قوڭغۇزلارنىڭ جۇغى ياداڭ قوڭغۇزلارنىڭكىدىن چوڭراق بولغان، بۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قۇياش نۇرى ئېلىپ، ئىسسىقراق تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. تەدرىجىي تەرەققىيات جەرياندا، بۇ «قۇياش نۇرلۇق ئىسسىتقۇچلار» تېخىمۇ چوڭايغان. ئەڭ كۆپ قۇياش نۇرى سىڭدۈرۈشكە پايدىلىق بولغان قۇرۇلما – يۈز كۆلىمى كەڭرەك، ئېغىرلىقى ئازراق بولغان قانات – قۇرت-قوڭغۇزلار سەكرەپ-يۈگۈرگەندە تاسادىپىي ھالدا ئۇلارنىڭ بىرئاز كۆتۈرۈلۈشىگىمۇ ياردەم بەرگەن.

چوڭراق چىقىنتىلىرى (قاناتلىرى) بارلار تېخىمۇ يىراققا سەكرەپ ئاتلىيالايتتى. بەزىلىرى ئۇنى پەرۋاز قىلىشقا ئىشلىتىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن قاناتلارنىڭ قۇرت-قوڭغۇزلارنى ھاۋادا ئۇچۇرتۇشىنىڭ تۇنجى قەدىمى بېسىلدى. كېلەر قېتىم بىر پاشا قۇلىقىڭىزدا ۋىڭىلدىغاندا، ئۇنى تەبىئىي ھەرىكەت قىلمايۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەڭ. ئەگەر ئۇ ھۇشىنى بىلىپ، خۇدا بەرگەن نەرسىگە رازى بولغان بولسا، قاناتلىرىنى پەقەت كۈنتاختا سۈپىتىدە ئىشلەتكەن بولاتتى.

جىنسىي ئەزالىرىمىز ۋە جىنسىي ھەرىكەتلىرىمىزمۇ خىل كۆپ ۋەزىپىگە ماسلاشتۇرۇلغان. جىنسىيەت دەسلەپتە كۆپىيىش ۋە جۈپلىشىش مۇراسىملىرى ئۈچۈن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بولغۇسى جۈپتىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى باھالاشنىڭ بىر ئۇسۇلى ئىدى. ئەمما نۇرغۇن ھايۋانلار ھازىر جىنسىي ئەزا بىلەن ھەرىكەتنى كۆپىيىش بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىجتىمائىي مەقسەتلەردە ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، شىمپانزېلار جىنسىيەتنى سىياسىي ئىتتىپاقداشلىقنى مۇستەھكەملەش، يېقىنلىق ئورنىتىش ۋە توقۇنۇشنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بۇ تەبىئىي ئەمەسمۇ؟


[1]  دىڭ كۈنى— خىتاينىڭ قەدىمكى كالېندارى بويىچە ئون دەۋرى بەلگىسىدىن بىرى بولۇپ،  ئاخىرقى ياز ئايلىرىدىكى كۈننى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قۇياش كالېندارى بويىچە بۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، 2011-يىلدىكى دىڭ كۈنى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بولغان.  

[2]  گېڭ كۈنى— بۇمۇ خىتايدىكى بۇرج، يەنى ئون دەۋرى بەلگىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر ئون كۈندە بىر گېڭ كۈنى كېلىدۇ. بۇمۇ قۇياش كالېندارى بويىچە ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، بۇ يىلدىكى گېڭ كۈنى كېلەر يىلى گېڭ كۈنى بولماي قېلىشى مۇمكىن.

[3] جيايىن كۈنى— خىتاينىڭ قەدىمكى ئېتىقادىكى قۇتلۇق كۈنلەر بولۇپ، يىلدا 8 كۈن قۇتلۇق كۈن بولىدۇ، بۇ كۈندە تۇغۇلغان بالا ئەقىللىق بولىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئاز كېسەل بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.  

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading