ئون ئۈچ يىل بۇرۇن، بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىدىن بىر تۈركچە كىتاب تاپشۇرۇۋالدىم. ئاپتورى ئەلىف شەفەق، كىتابنىڭ ئىسمى «ئىشق». كىتاب ماۋزۇسىغا قاراپلا بۇ ئىشق-مۇھەببەت ھەققىدىكى رومان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. نەشرىياتتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رومان 2010-يىل تۈركىيەدە داڭ چىقىرىۋەتكەن ئەسەر بولۇپ، تۈركىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەنىكەن. تۈركىيەدىكى زىيالىيلىرىمىزدىن بىرسى بۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ ئەۋەتىپتۇ. 2008-يىل مىللەتلەر نەشرىياتى ئورخان پامۇكنىڭ مەن تەرجىمە قىلغان «يېڭى ھايات» رومانىنى نەشىر قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ ماڭا ئىشىنىپ تاپشۇرغان بۇ ۋەزىپىسىنى ئاۋۋال بۇ روماننى ئوقۇپ باھالاشتىن باشلىدىم.
«بۇ كىتابنى مۇھەببەتكە سىرداش، سەۋرچان دوستلارغا بېغىشلايمەن» دەپ سۆزىنى باشلايدۇ ئاپتور، «ئىشىق-مۇھەببەتنى تولۇق سۈپەتلەپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيادۇر، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا، مەركىزىدە ياشايسەن ياكى سىرتىدا، ھەسرىتىدە ياشايسەن…».
مەن ئادەتتە بىر ئەسەرنى ئوقۇسام باشلىنىشتىكى بىر نەچچە جۈملە ياكى ئابزاستىنلا ئاپتورنىڭ دىتىنى، ئەسەرنىڭ قىممىتىنى، ۋەزنىنى دەڭسەيمەن. ناخشىچىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىساممۇ ئاۋازىنى چىقارغاندىن باشلاپ ئۇنىڭ مۇڭىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بايقاپ بولىمەن. روماننى ئوقۇشقا باشلىغاندىكى تەسىراتىم ياخشى بولدى، كېيىنمۇ بۇ تۇيغۇمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم. روماننىڭ بېشىدا ئامېرىكىلىق بىر ئايالنىڭ ھاياتىنى توساتتىن ئۆزگەرتىۋەتكەن بىر مۇھەببەت ھەققىدە يىپ ئۇچى بېرىلگەنىدى. ئېللا ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ ھاياتى ئەسلىدە ماشىنا ئادەمنىڭ ھاياتىغا ئوخشايتتى، تۇرمۇشى بىر خىل رېتىمدا ئۆتەتتى. كېيىن مۇھەببەتنىڭ تەسىرىدە توساتتىن ھاياتىدا بۇرۇلۇش ياسايدۇ. ھاياتىدا بۇرۇلۇش پەيدا قىلىش ئەرزىيدىغان ئىش ئىدى، ئەگەر ئۇ بىرەر ئەسەردە يېزىلسا كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان تېما بولاتتى.
ئۇنىۋېرسىتېتتا ئەدەبىيات ئوقۇغان ئېللا 40 ياشتىن ئۆتكەندە بىر نەشرىياتتا ياردەمچى مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ، قولىغا «ئىشق شەرىئىتى» ناملىق بىر ئەسەر كېلىدۇ. مەسئۇل مۇھەررىر ئۇنىڭغا بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ تەقرىز يېزىشقا بۇيرۇيدۇ. نېمىدېگەن ئوخشاشلىق، شۇ ئاندا مەنمۇ بۇ روماننى ئوقۇپ قىممىتىنى باھالاۋاتاتتىم. دېمەك، «ئىشق» رومانىنىڭ ئىچىدە «ئىشىق شەرىئىتى» ناملىق يەنە بىر رومان بار ئىدى. «ئىشق شەرىئىتى»نىڭ ئاپتورى گوللاندىيەلىك سىرلىق بىر شەخس بولۇپ، رومان بىلەن قوشۇپ مۇنداق خەت ئەۋەتىدۇ: « ھۆرمەتلىك تەھرىر، بۇ خەتنى سىزگە ئامېستىردامدىن يېزىۋاتىمەن. ئەسىرىمدىكى ھېكايە ئاناتولىيىدە، 13-ئەسىردىكى كونيادا يۈز بەرگەن. ئەمما كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام بۇ ھېكايە زامان، ماكان ۋە مەدەنىيەت پەرقىدىن خالىيدۇر، دۇنياۋىدۇر. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى، ئەڭ مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى رۇمى بىلەن تۈرلۈك ئاجايىباتلار ئىگىسى، جاسارەتلىك دەرۋىش شەمسىدىن تەبرىزى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭداشسىز دوستلۇق تېما قىلىنغان بۇ تارىخىي، مىستىك روماننى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىڭىز دەپ ئويلايمەن. شۇ ئۈمىد-تىلەكلىرىم بىلەن <ئىشق شەرىئىتى>نى نەشرىياتىڭلارغا يوللىدىم».
دېمەك، غەربلىك بىر شەخس شەرقلىق سوپىلاردىن جالالىدىن رۇمى بىلەن شەمس تەبرىزى ھەققىدە رومان يېزىپ ئامېرىكىدا نەشىر قىلىشنى ئۈمىد قىلغانىدى. سوپىزم ۋە سوپىلار ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغان ئېللا باشتا بۇ روماننى ۋەزىپە ئورنىدا ئوقۇيدۇ، ئاستا ئوقۇيدۇ، ئەمما بارغانچە قىزىقىپ قالىدۇ. شەرق مەدەنىيىتى ۋە ئىسلامدىن يىراقلىقىمۇ ئۇنىڭغا بۇ روماننى چۈشىنىشتە ئانچە قىينچىلىق تۇغدۇرمايدۇ، چۈنكى بۇ پەلسەپىۋى ئەسەر ئەمەس، بەلكى تارىختا ئۆتكەن سوپىلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرى، دوستلۇقى، دۇنيا قارىشى، دىنىي چۈشەنچىسى، پىكىر-ھېسسىياتى ناھايىتى جانلىق ۋە ئۆزگىچە تەسۋىرلەنگەن ئەدەبىي ئەسەر ئىدى. دەرۋەقە «ئىشق شەرىئىتى»نى ئوقۇش جەريانىدا مەنمۇ جالالىدىن رۇمى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىن، مەسىلەن سوۋېت يازغۇچىسى رادىي فىش يازغان «جالالىدىن رۇمى» ناملىق روماندىن ئالالمىغان ھۇزۇرنى ھېس قىلدىم. جالالىدىن رۇمى بىلەن شەمس تەبرىزىنىڭ دوستلۇقىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى، بۇ دىلكەشلىك ۋە سىرداشلىقنىڭ رۇمىنىڭ ھاياتىغا نەقەدەر چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆردۈم. 2004-يىل مەن جالالىدىن رۇمىنىڭ مەسنىۋى ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ «مۇنبەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھېكايىلەردىكى ھېكمەت ۋە چوڭقۇرلۇق مېنى خېلى كۈنلەرگىچە مەستخۇش قىلغانىدى. ئۇ ھېكايىلەرنى ئوقۇپ شەھۋەتلىك خىياللاردىن ھېكمەتلىك خىياللارغا، پۈچەك ھاياتتىن مەنىلىك ھاياتقا ئۆتكەندەك بولغانىدىم. نامازنى بۇرۇن ئالۋاڭنى گالۋاڭ قىلغاندەك ئوقۇغان بولسام، ئەمدى ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىپ، رۇمىنىڭ تەبىرى بويىچە بولغاندا «نەپسىمنى قوينى بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلاپ» خۇشۇ-ھۇزۇر ئىچىدە ئوقۇيدىغان بولغانىدىم.
«ئىشق شەرىئىتى» ئېللاغا سوپىزمنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، ماڭا شەمس تەبرىزى بىلەن جالالىدىن رۇمىنى قايتا تونۇتماقتا ئىدى. روماندىكى ۋەقەلىكلەرگە ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈرۈۋېتىلگەن «قىرىق نىزام» شەمسنىڭ دىن ۋە دۇنيا قارىشى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئىشق شەرىئىتىنىڭ شەرھىسى دېيىشكىمۇ بولاتتى. روماندىكى شەمس ئاجايىپ جەسۇر سوپىلاردىن بىرى بولۇپ، ئاللاھقا چىن كۆڭۈلدىن باغلىنىشنى ئىشق دەپ ئاتايدۇ، ئاللاھنىڭ ئادەم ۋە ئالەمدىكى مۆجىزاتلىرى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشنى مۇھىم ئىبادەت ھېسابلايدۇ. بارغانلا يېرىدە، دىندىن دۇنيالىق مەنپەئەت ئىزدەيدىغان مۇتئەسسىپ دىندارلار، تەكەببۇر ھۆكۈمدارلارنىڭ دەككىسىنى بېرىدۇ. قورقۇنچاقلىق، ئاچكۆزلۈك، يالغانچىلىق، ساختىپەزلىكتىن ئۆلگۈدەك نەپرەتلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرىدە بۇ ئىللەتلەر ھەقىقىي ئىمان، ئىخلاس بىلەن ئەسلا سىغىشالمايدۇ. روماندا يەنە تىلەمچى ھەسەن، ھاراقكەش سۇلايمان، پاھىشە چۆل گۈلى قاتارلىق شەخسلەر ھېكايە سۆزلەيدۇ. شەمس تەبرىزى «ياراتقۇچىنى ياخشى كۆرسەڭ يارالغۇچىغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىل» ھېكىمىتى بويىچە بۇ ئىنسانلارغا كۆيۈنىدۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىدۇ.
ئامېرىكىدا دىندىن خالىي ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەن، پەقەت بېشىغا كۈن چۈشكەندە خۇدانى ئەسلەپ قويىدىغان ياكى دىننى قانداقتۇر بىر مۇراسىم ۋە بايرام بىلەن باغلاپ چۈشىنىدىغانلاردىن بىرى بولغان ئېللا، بۇ روماندا بولۇۋاتقان ئىشلار ۋە سۆزلىنىۋاتقان ھېكمەتلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. شەمس تەبرىزى ۋە جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىلاھىي ئىشققا مەركەزلەشكەن دوستلۇقى، ئاللاھ ھەققىدىكى چوڭقۇر تەپەككۇرلىرى، دىندىن ھاياتلىق ھەقىقىتى ئىزدەش جاپاسى ۋە بۇ مەنىۋىيەت سەپىرىدىكى شادلىقى ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلايدۇ، ئىدىيىسىنى يېڭىلايدۇ، تۇرمۇشىغا مەنە ئېلىپ كېلىدۇ. نەق مۇشۇ نۇقتىدا غەرب بىلەن شەرق، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ئۇچرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر شادلىقنىڭ بىر قايغۇسى، ھەر ھەقىقەتنىڭ بىر دۈشمىنى بولغىنىدەك، جالالىدىن رۇمى بىلەن شەمس تەبرىزىنىڭ رۇھداشلىق سەپىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. دىننى دۇنيالىق مەنپەئەتنىڭ قۇربانى قىلىۋەتكەن جاھىل كۈچلەر شەمس تەبرىزىنى كونياغا پاتۇرمايدۇ، كېيىن ھەتتا بۇ دۇنياغىمۇ پاتۇرمايدۇ.
ئېللا بۇ روماندىكى ئاجايىپ شەخس شەمس تەبرىزىنى ئۇنتۇيالمايدۇ، ئۇنىڭ سىماسى كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ، ھېكمەتلىك سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. ئۆز تۇرمۇشىغا نەزەر سېلىپ، ماددىي جەھەتتە باياشات ئۆتۈۋاتقان بىلەن مەنىۋىي تۇرمۇشىنىڭ قۇرغاق، پۈچەك، ھەتتا مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. روماننىڭ ئاپتورى بىلەن خەت يېزىشىدۇ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭمۇ قانداقتۇر شەمس تەبرىزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ھەيران قالىدۇ، ھاياجانلىنىدۇ. تۇرمۇشى ئۆزگىرىدۇ، تۇيۇقسىز بىر كۈنى قارار قىلىپلا ئۆيىدىن ئايرىلىدۇ. دېمەك، بۇ روماندا يېزىلغىنى ئادەتتىكى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن ھالقىغان كەڭ مۇھەببەت، روماننىڭ ئىسمىدا بىلدۈرۈلگەن «ئىشق» بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھەببەت، يەنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىشق-مۇھەببەت ئىدى.
«ئىشق شەرىئىتى»دە تەكىتلەنگەن، ئېللانىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن ئىدىيە «ھاياتقا مۇھەببەت بىلەن قاراش» بولۇپ، ئىلاھىي ئىشق ھەر ئىنساننىڭ قەلبىدە شەمستەك (قۇياشتەك) نۇر چېچىشى كېرەك. شەرقلىقلەرنىڭ تەپەككۇرىدا كۆڭۈل مۇھىم، يار مۇھىم، كىلاسسىك نەزمىلەردىكى «يار» ئۇقۇمىمۇ ئىلاھىي ئىشقنىڭ مەجازىي شەكىلدە ئىپادىلىنىشىدۇر. ئىسلام ئېتىقادى بويىچە چۈشەنگەندىمۇ ئاللاھ ھەر ئىنساننىڭ قەلبىدە مەۋجۇت. شەمسنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئاللاھ ئاسماندىن ساڭا چەكچىيىپ قاراپ تۇرمايدۇ، بەلكى ئۇ ساڭا شاخ تومۇرىڭدىنمۇ يېقىن. رۇھىڭنىڭ سىرىنى پەقەت ئۇ بىلىدۇ، جېنىڭنىڭ قارارگاھىنى پەقەت ئۇ بىلىدۇ. ئىنسانغا قۇلاقنى، كۆزنى بەرگەن ئاللاھ كۆڭۈلنىمۇ بەرگەن. كۆڭۈلدە مۇھەببەت بولسا ئۇ كۆڭۈل جەننەتكە ئايلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئۆزەڭنى سۆيىسەن، ئاندىن باشقىلارنى سۆيىسەن، جەمئىيەتنى سۆيىسەن، تەبىئەتنى سۆيىسەن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ ھېچ بولمىسا ئۆزەڭ بىلەن ھەم باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتىسەن، جەمئىيەت ۋە تەبىئەتكە دۈشمەن بولمايسەن. ئىسلام تىنچلىق دىنىدۇر، خاتىرجەملىك دىنىدۇر. نەپرەت ئەمەس، مۇھەببەت بار يەردىلا تىنچلىق، خاتىرجەملىك بولىدۇ.
ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، دىلىمىزغا ئىمان سالغان ئاللاھنىڭ بۇ دىلنى، يەنى قەلبنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى دائىم ئۇنتۇپ قالىمىز. ھەممە نەرسە گويا ئۆزىمىزدە باشلىنىپ ئۆزىمىزدە ئاياغلىشىدىغاندەك ھېس قىلىمىز. «مەن، مەن» دەپلا ئۆتىمىز، ئۆزلۈك تەپەككۇرىمىزدىن ئەسلا چىقالمايمىز. ھالبۇكى رۇھىمىزغا بۇ «مەن»لىك ئېڭىنى ئاتا قىلغۇچىمۇ ئاللاھتۇر، چۈنكى ئىنساندا بۇ ئاڭ بولمىغىنىدا بۇ دۇنيالىق مەسئۇلىيەت دېگەن نەرسىمۇ بولمايدۇ. تۇرمۇشتىكى مۇھەببەتمۇ ئىلاھىي نېمەت بولغان كۆڭۈلنىڭ ئىشىدۇر، كۆڭۈلنى بىز باشقۇرۇۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بىز ئەمەس. قەلبىمىزدە ئاللاھ بار دېسەكمۇ، «ئاسماندا چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان ئاللاھ» تەسەۋۋۇرىنى يوق دېيەلمەيمىز. «ئاللاھتىن قورق!» دېگەن بۇيرۇق كۆڭلىمىزنىڭ بىر يېرىنى غەش قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئاللاھنى ياخشى كۆر، چۈنكى ئۇمۇ سېنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن نىدا كۆڭلىمىزنى يورۇتۇپ، ئىمانىمىزغا كۈچ بېغىشلايدۇ. ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت قانداق گۈزەل نېمەت بولسا، بۇ مۇھەببەتتىن ھالقىغان شۈكۈر-قانائەت ۋە بۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئاللاھ سۆيگۈسىمۇ شۇنچە ئېسىل نېمەتتۇر. بۇ سۆيگۈدە مۇرادىغا يېتەلىگەنلەرنىڭ دىلى ئارام تاپىدۇ، مۇرادىغا يېتەلمىگەنلەر بولسا ئۇنىڭ تېشىدا قېلىپ ھەسرەت چېكىدۇ ياكى نەپرەت قۇسىدىغان يىرگىنىشلىك ئىنسانلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
يىللاردىن بېرى تۇرمۇش بېسىمى ئاستىدا پالاقلاپ، جىددىيلىشىپ ئۆتكەن ئېللا «ئىشق شەرىئىتى»نى ئوقۇپ مۇھەببەتنى چۈشەنگەندىن كېيىن ھەقىقىي خاتىرجەملىكنى ھېس قىلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببەت دېگەن نەرسىنى ھەر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە رىزىق قىلىپ بېرىۋەتكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن نېسىۋىسىنى ئېلىپ خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ياشايدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى ياكى ئۇنىڭغا سەل قارايدىغانلىقىنى، ئەمما كۆڭلىدە ھامان بىر بوشلۇق بولىدىغانلىقىنى، بۇ خىل مەھرۇمىيەتتىن ئىزتىراپ چېكىدىغانلىقىنى، يەنى ئۇنىڭ ھەسرىتىدە ياشايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
بۇ روماننى ئوقۇپ بولغاندا مېنىڭمۇ ئىشق-مۇھەببەت ھەققىدىكى قاراشلىرىم چوڭقۇرلاشتى. شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ روماندا تەسۋىرلەنگەن ئىشق ۋە مۇھەببەتنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسى بىزدىمۇ بار ئىدى، چۈنكى ئۇ تەسەۋۋۇپ ئارقىلىق ئېتىقادىمىزغا ۋە ئەدەبىياتىمىزغا ئاللىبۇرۇن كىرىپ بولغانىدى. «ئىشقى يوق ئېشەك، دەردى يوق كېسەك»دېگەندەك ماقال-تەمسىللىرىمىز بار ئىدى. ھالبۇكى بۇ تېمىنى رومان قىلىپ يېزىش، يازغاندىمۇ سەنئەت ۋە بىلىم قىممىتى بار رومان قىلىپ يېزىش بۈگۈنگىچە ئەمەلگە ئاشمىدى. كۆپىنچە رومانلىرىمىزدا ۋەقەلىككىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ، روماندىكى تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقى ۋە بىلىم قىممىتىگە سەل قارىلىپ كەلدى. «ئىشق» رومانى بىزگە تەسەۋۋۇپ ھەققىدە بىلىم بېرىدۇ، ئەمما ھېچكىمنى سوپى ئىشان بولۇشقا قىزىقتۇرمايدۇ. ئۇ پەقەت جالالىدىن رۇمى بىلەن شەمس تەبرىزىنىڭ تەسەۋۋۇپ تارىخىدىكى مەشھۇر دوستلۇقىنى رومان سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن بىر ئەسەردۇر. روماندىكى ئۆزگىچە قۇرۇلما، مەنىدار تىل، دەل جايىغا كەلتۈرۈلگەن تەسۋىرلەرگە قاراپ روماننى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەنغۇ، ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلغاندا تارىخ بىلەن رىياللىقنى كىرىشتۈرۈپ، ئوبرازلارنى مونتاژ شەكلىدە ئالماشتۇرۇپ، ھەر بىرسىگە ئايرىم ئاۋاز بېرىپ رەڭگارەڭ، سترولۇق بىر شەكىلدە ئىپادىلىسىمۇ بولىدىكەنغۇ دەپ ئويلىدىم. ئاندىن يازغۇچى ئەلىف شەپەققە قىزىقىپ قالدىم. ئۇنىڭغا ئائىت بەزى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىدىم. ئۇ دىپلوماتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئانىنىڭ قىزى بولۇپ، ئانىسىغا ئەگىشىپ كۆپ دۆلەتلەردە ياشىغان، تۈركىيەدە سىياسەت ئىلمىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان، ئون نەچچە يىل سوپىزمنى تەتقىق قىلغان. ئۇ ئىنگىلىز تىلىنى پۇختا ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ روماننىمۇ ئاۋۋال «مۇھەببەتنىڭ قىرىق نىزامى» (The Forty Rules of Love) دېگەن نام بىلەن ئىنگىلىزچە يېزىپ، ئاندىن باشقا بىر مەسلەكدىشى بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان.
بۇ روماننى ئوقۇپ نەچچە كۈنگىچە تەسىرلىنىپ يۈردۈم ۋە نەشرىياتتىكىلەرگە ئۇنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، ئېسىل باھالارنى بېرىپ، دەرھال تەرجىمە قىلىشنى باشلايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. تەرجىمىگە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى، ئەمما نەشرىياتتىكىلەر ئەلىف شەفەقتىن نەشىر ھوقۇقىنى ئالالماي 5 يىل سوزۇلۇپ كەتتى؛ ئەڭ ئاخىردا بېيجىڭدىكى بىر ۋاسىتىچى شىركەت ئارقىلىق 5000 دوللار پۇل تۆلەپ نەشىر ھوقۇقىنى ئالغان بولدى. 2017-يىل كىتابنىڭ تەھرىرلىك ۋە بەت ياساش ئىشلىرى ئاياغلىشىپ، سىناق نۇسخىسىمۇ چىقىپ بولغاندا نەشر قىلىنمىدى. «تۈركىيە مېلى» بولغانلىقى، دىنغا ئائىت گەپلەر بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلەندى. بۇ كىتابلا ئەمەس، باشقا نۇرغۇن كىتابلار، رومانلار شۇ يىلدىن باشلاپ نەشر قىلىنىشتىن توختىدى، نەشر قىلىنغان كىتابلارمۇ قەغەز زاۋۇتلىرىغا يوللاندى ياكى كۆيدۈرۈلۈپ يوق قىلىندى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇرلار ياشىغانلىقى يەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى يوقالمايدۇ ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ پارلاق دەۋرىنى يارىتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە يازغۇچى، تەرجىمانلىرىمىزنىڭ غەيرىتى، ئۆز مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن باغلاپ چۈشىنىدىغان قېرىداشلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
كىتابنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش