ئۆگەنمەستىن ئىملانى، قانداق يازدىڭ ئىنشانى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى دەسلەپتە تۈزۈلگەندە مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشنى، يەنى سۆز يىلتىزىنى ئاساس قىلاتتى. ئەمما تىلىمىزدا ئا ئە تاۋۇشلىرىنىڭ تۈرلەنگەندە ئې ئى غا ئاجىزلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولغاچقا نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلەر بۇ قائىدىگە چۈشمىدى، مەسىلەن، ئاتا، ئانا، ئاچا، داپ، ئەمگەك، گەپ دېگەندەك نۇرغۇن سۆزلەر ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندە ئاتاسى، ئاناسى، ئاچاسى، داپى، ئەمگەكى، گەپى دەپ يېزىلماي، ئاتىسى، ئانىسى، ئاچىسى، دېپى، ئەمگىكى، گېپى دەپ يېزىلىۋەردى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا فونىتېكىلىق قائىدە، يەنى ئېغىزدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنىسا شۇنداق يېزىش قائىدىسى قوللىنىلغانىدى. ۋاھالەنكى، مەۋجۇت، كىتاپ، ئەدەپ، نەشىر دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان سۆزلەر مورفولوگىيلىك قائىدىنى ئاساس قىلىمىز دېگەن گەپ بىلەن مەۋجۇد، كىتاب، ئەدەب، نەشر دەپ يېزىلدى. قائىدىلەر بىرلىككە كەلمىدى ياكى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلدى. ئەمدى قارىسام، يېڭى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە ئەدەب، نەشر دېگەن سۆز فونىتېكىلىق قائىدە بويىچە ئەدەپ، نەشىر دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ، ئەمما قالغان بەزى سۆزلەر شۇ پېتى قاپتۇ، ھەتتا شىنجاڭ دەپ يېزىش ئومۇملىشىپ بولغان بۇ سۆزمۇ قائىدىگە چۈشۈرىمىز دېگەن گەپ بىلەن شىنجياڭ دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ، نېمدېگەن قالايمىقانچىلىق بۇ! ھېچقانداق مىللەتتە 30 يىلدا ئۈچ قېتىم ئىملا ئۆزگەرتىدىغان ئىش يوق.
ئەمەلىيەتتە، كۆڭۈل قويساق ئىملالىق خەت يېزىش تەس ئىشمۇ ئەمەس، ئىملا لۇغىتىنىڭ بېشىدىكى 50 بەتكە يېقىن قائىدىلەرنى بىر قۇر ئوقۇۋەتسەك، بىر نەچچە قېتىم مەشق قىلساقلا ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمىز، يىللاپ-يىللاپ خەنزۇچە، چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەن زېھنىمىزنىڭ بىر پۇچۇقىنى مۇشۇ ئىشقا سەرپ قىلساق، ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز. يىغىنچاقلىساق بىر نەچچە چوڭ قائىدە بار:
1) سۆزلەر تۈرلەنگەندە قىسقا سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلىشىدۇ؛ مەسىلەن، جان، جېنى، نان نېنى، سەن، سېنى…دە، دېمەك، يە يېمەك…
2) سۆزلەر تۈرلەنگەندە ئۇزۇن سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ئىمان، ئىمانى، ئىقتىساد، ئىقتىسادى، مېھرىبان، مېھرىبانىم (مېھرىبىنىم ئەمەس)، ئەخلاق، ئەخلاقى، رەنا، رەناسى، دانا، داناسى، دانىشمەن، دانىشمەنى، مۇئەسسەسە، مۇئەسسەسەسى، مەجمۇئە، مەجمۇئەسى، ئەسلىھە، ئەسلىھەسى، مەۋقە، مەۋقەسى، قىتئە، قىتئەسى، قەھۋە، قەھۋەسى، مەنبە، مەنبەسى، مەنپەئەت، مەنپەئەتى، تەۋە، تەۋەلىكىم، تەۋەيىم، تەۋەسى… دېگەندەك.
قىسقا سوزۇق ئا، ئە بىلەن ئوزۇن سوزۇق ئا، ئە نىڭ پەرقى شۇكى، بىرى ئادەتتىكىچە، قىسقا ئېيتىلىدۇ: مەسىلەن، بالا (پەرزەنت)، بالىسى، بالىنى؛ بىرى سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكىلىدۇ، مەسىلەن، بالا (بالا-قازا) بالاسى…دېگەندەك.
3) سۆز ئاخىرىغا ى قوشۇلسا ئۈچىنچى شەخسنى، ىي قوشۇلسا سۈپەتنى بىلدۈرىدۇ: مەسىلەن، ئىقتىسادى (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى)، ئىقتىسادىي (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى). يەنە بىر قائىدە شۇكى، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە ىي قوشۇلىدۇ، مەسىلەن، ئىقتىساد، ئىقتىسادىي، خىيال، خىيالىي، پەخر، پەخرىي، ئومۇم، ئومۇمىي، … دېگەندەك. سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە بولسا ۋى قوشۇلىدۇ: مەسىلەن، مەنە، مەنىۋى، مەھەللە، مەھەللىۋى، دۇنيا، دۇنياۋى، ئەپسانە، ئەپسانىۋى…
4) ئىسىملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ: مەسىلەن، باغ، باغقا (باققا ئەمەس)، تاغ، تاغقا (تاققا ئەمەس)، بەگ، بەگكە (بەككە ئەمەس)؛ ئەدىب، ئەدىبلىك(ئەدىپلىك ئەمەس)، ئەدەبىي، ئەدەبىيلىك(ئەدىبىيلىك ئەمەس)؛ تەقلىد ( تەخلىت ياكى تەقلىت ئەمەس)، تەقلىدى، تەقلىدىي؛ ئەرەب (ئەرەپ ئەمەس)، ئەرەبىي تىل؛ كىتاب (كىتاپ ئەمەس) كىتابىي بىلىم… (ئەگەر تەقلىد، مەۋجۇد، كىتاب… دېگەندەك سۆزلەرنىڭ توغرا ئىملاسىنى يېزىشتا قىينالغاندا شۇ سۆزلەرنى تۈرلەپ باقسىلا يىلتىزىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، تەقلىدىي، مەۋجۇدىيەت، كىتابىيلىق…دەپ تۈرلىگەندە يىلتىزى مەلۇم بولىدۇ ھەم ئىملاسىنى توغرا يازغىلى بولىدۇ).
5) پېئىللار تۈرلەنگەندە، يىلتىزى ساقلىنىپ ماڭىدۇ، خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، مەسىلەن، بول، بولىدۇ، بولماق، بولمىقى (بولمىغى ياكى بۇلمىقى ئەمەس)، بولىدىغان، بولىدىغانلىقى، بولىدىغانلىقىنى، بولمايۋاتقانلىقىنى… قىل، قىلىدۇ، قىلماق، قىلمىقى (قىلمىغى ئەمەس)، قىلىدىغان، قىلىدىغانلىقى، قىلىدىغانلىقىنى، قىلمايۋاتقانلىقىنى… تەگ، تەگدى، تەگمە، تەگكەن (تەككەن ئەمەس)، ئەگ، ئەگدى، ئەگمە، ئەگكەن (ئەككەن ئەمەس)…
6) ھەرىكەتناملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ، مەسىلەن، بولۇش، بولۇشۇم، بولۇشۇڭ، بولۇشى(بولىشىم، بولىشىڭ، بولىشى ئەمەس)، كۆرۈش، كۆرۈشۈم، كۆرۈشۈڭ، كۆرۈشى (كۆرىشىم، كۆرىشىڭ، كۆرىشى ئەمەس).
7) يە بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر تۈرلەنگەندە ى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ياپونىيە، ياپونىيەگە (ياپونىيىگە ئەمەس)، نەزەرىيە، نەزەرىيەسى (نەزەرىيىسى ئەمەس)، پارتىيە، پارتىيەسى (پارتىيىسى ئەمەس)، ئارمىيە، ئارمىيەسى (ئارمىيىسى ئەمەس)، رازىيە، رازىيەگە، رازىيەدىن، سانىيە، سانىيەگە، سانىيەدىن…
8) سۆز بىرىكمىلىرىنى يازغاندا ئۇلارنىڭ ئانالتىك(بۆلۈنمە ھالەتتە) ياكى سىنتېتىك (قوشۇلما ھالەتتە) ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئانالتىك سۆز بىرىكمىلىرى ئايرىپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن، باش پىياز(باشپىياز ئەمەس)، باش قۇر (باشقۇر ئەمەس)؛ ھېچ كىشى (ھېچكىشى ئەمەس)، خۇش پۇراق (خۇشپۇراق ئەمەس)… سىنتېتىك سۆز بىرىكمىلىرى قوشۇپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن: باشباشتاق (باش باشتاق ئەمەس)، ھېچكىم (ھېچ كىم ئەمەس)، ھېچبىر، ھېچقاچان، ھېچقايسى، ھېچقەيەر، ھېچقىسى(يوق)، سەكسەنپۇت، ئاشقازان…
بىزدە ساۋاتسىزلىق ئېغىر بولغاچقا ئىملا ساۋاتسىزلىقىنى توغرا چۈشىنىپ كېتىۋەردۇق، مانا مەن دېگەن زىيالىيلارمۇ ئىملادا چانىدۇ، بالىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق. قۇرۇلما جەھەتتە يېپىشقاق، ئەۋرىشىم، مەنە جەھەتتىن لوگىكىلىقى كۈچلۈك، كۆڭۈلنى ئىپادىلەشكە باي، سۆز بايلىقى ھېچقانداق تىلدىن قېلىشمايدىغان بۇ مۇبارەك تىلىمىز مۇشۇ ئىملا مەسىلىسگە كەلگەندە تېخىچە يارىدار، خاراپ، بىچارە ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ تىلنى قەدىرلەش، ھەقدادىغا يەتكۈزۈش قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس، بۇ تىلنىڭ ھەقىقىي ساھىبىغا ئايلىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى كېرەك، يازمىلىرىمىزدىن تىلىمىزغا، ئىملايىمىزغا قەترە-قەترە مۇھەببەت تېمىشى كېرەك.

“ئۆگەنمەستىن ئىملانى، قانداق يازدىڭ ئىنشانى” ئۈچۈن 4 باھالار

  1. بىغەم  سىما
    بىغەم

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

    ماقالىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم.

    «تۇققان» دېگەن سۆز توغرىمۇ، «تۇغقان» دېگەن سۆز توغرىمۇ؟

    ياقتۇرۇش

    1. ئەرتۈرك  سىما
      ئەرتۈرك

      تۇغقان دەپ يېزىش توغرا، چۈنكى سۆزنىڭ يىلتىزى تۇغ-ماق، بۇنىڭدىن كۆپلىگەن سۆزلەر تۈرلىنىدۇ، مەسىلەن: تۇغدى، بىر تۇغقان (قېرىنداش)، تۇغۇمچان، تۇغماس، تۇغۇلۇپ… دېگەندەك.

      ياقتۇرۇش

  2. ناجلىدا  سىما
    ناجلىدا

    سۆز بىرىكمىلىرىنى يازغاندا ئۇلارنىڭ ئانالتىك(بۆلۈنمە ھالەتتە) ياكى سىنتېتىك (قوشۇلما ھالەتتە) ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئانالتىك سۆز بىرىكمىلىرى ئايرىپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن، باش پىياز(باشپىياز ئەمەس)، باش قۇر (باشقۇر ئەمەس)؛ ھېچ كىشى (ھېچكىشى ئەمەس)، خۇش پۇراق (خۇشپۇراق ئەمەس)… سىنتېتىك سۆز بىرىكمىلىرى قوشۇپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن: باشباشتاق (باش باشتاق ئەمەس)، ھېچكىم (ھېچ كىم ئەمەس)، ھېچبىر، ھېچقاچان، ھېچقايسى، ھېچقەيەر، ھېچقىسى(يوق)، سەكسەنپۇت، ئاشقازان…

    بۇنىڭدىكى «ئانالتىك»، «سىنتېتىك» دېگەنلەرنى تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. رەخمەت.

    ياقتۇرۇش

  3. ئەرتۈرك  سىما
    ئەرتۈرك

    ئانالتىك دېگەن پارچە-پارچە، بۆلۈنمە، يەككە-يەككە… دېگەن مەنىدە، سىنتېتىك دېگەن بىرىكىپ كەتكەن، يېپىشىپ كەتكەن، قوشۇلۇپ كەتكەن دېگەن مەنىدە.

    ياقتۇرۇش

ناجلىدا ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش