تۈنۈگۈن بىر خەۋەر كۆرۈپ قالدىم، نەنجىڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى دوتسېنت ما شاۋخەي قاتارلىق 22 ئادەمنى «توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن سوتلاپ، 3 يىل ئەتراپىدا قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىپتۇ. 53 كە كىرىپ قالغان ما شاۋخەي نەنجىڭ شەھىرىدىكى مەلۇم سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ، باشقىلىرى شۇ شەھەردىكى «خوتۇن ئالماشتۇرۇش كۇلۇبى»نىڭ ئەزالىرى ئىكەن. ئۇلار 2007-يىلى 7-ئايدىن 2009-يىلى 8-ئايغىچە توردا ئالاقىلىشىپ، 35 قېتىم يىغىلىپ، «خوتۇن ئالماشتۇرۇش ئويۇنى» ئوينىغان، 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى بىر مېھمانخانىدا قولغا چۈشۈپ، 2010 يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە مەخپىي سوتلانغان. سوتلاش جەريانىدا ما شاۋخەيدىن باشقا 21 ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئالغان، بىراق ما شاۋخەي گۇناھىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلماي: ” قانۇنلۇق نىكاھ قايناق سۇغا ئوخشايدۇ، ئىچمەي بولمايدۇ؛ ئەمما خوتۇن ئالماشتۇرۇش ياخشى ھاراققا ئوخشايدۇ، خالىغانلار ئىچىدۇ، خالىمىغانلار ئىچمەيدۇ“ دەپ تۇرۇۋالغان. بۇ قىلمىشقا قارىتا سوت مەھكىمىسىدىكلەرمۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ خېلى تالاش-تارتىش قىلىشقان. ئاخىرىدا ئەنئەنىۋى تەرەپدارلار غالىپ كېلىپ جىنايەتچىلەرنى قانۇنىي جازاغا تارتقان، ما شاۋخەي گۇناھىنى تونۇماي جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا باشقىلاردىن ئېغىرراق كېسىلگەن. بۇلار «توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى» ماددىسى تۈزۈلگەن 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئادەملەر ئىكەن. ما شاۋخەي ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قېرى، ئەڭ ئابرۇيلۇقى بولۇپ، بۇ ئىشقا باش بولۇپ چېتىلىپ قالغاچقا جەمئىيەتتە كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىغان. بەزىلەر ” ما شاۋخەي بىر لۈكچەك، جازاسى يېنىك بولۇپ قاپتۇ، ئۇلار جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىغىلا ئەمەس، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇنغىمۇ خىلاپلىق قىلدى“ دېيىشسە، بەزىلەر ” ما شاۋخەي 20 يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن قانۇن ماددىسىغا ئاساسەن جازاغا ھۆكۈم قىلىندى، ئەمما ھازىرقى جۇڭگولۇقلارنىڭ جىنسىيەت قارىشى 20 يىل بۇرۇنقىسىغا ئوخشىمايدۇ “ دېيىشكەن. مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس لى يىنخې (ئايال) 20 يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن شۇ ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: ” قانۇنلۇق جىنسىي قىلمىش مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك پرىنسىپقا تايىنىشى كېرەك: بىرىنچىدىن، قورامىغا يەتكەنلەر ئۆز رازىلىقى بىلەن قىلغان بولۇش؛ ئىككىنچىدىن، شەخسىي سورۇنلاردا قىلغان بولۇش؛ ئۈچىنچىدىن، باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتمىغان بولۇش “.
بۇ ئىشلاردىن مەلۇمكى، جۇڭگو جەمئىيىتىدە ھەممە نېمە ئىسلاھ قىلىنىۋاتىدۇ، ھەممە نېمە ئۆزگىرىۋاتىدۇ. «ئىدىيىنى ئازات قىلايلى» دېگەن شوئار 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە ئادەمنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ما شاۋخەي دېگەن پروفېسسورنىڭ جاھىللىقىدىن ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ نەقەدەر «ئىلغار»، كاللىسىنىڭ نەقەدەر «ئوچۇق»لۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ يۈز-ئابرۇيىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقماي، مەخپىي ئېچىلغان سوتتىمۇ داۋراڭ سېلىپ جىنسىي ئەركىنلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغان، ھەتتا ئۇنى گۇناھسىز دەپ ھېسابلىغان. بۇلارنىڭ قارىشىچە، ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ئۆزگەردى، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ھەممە ئىش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى، خەققە زىيان يەتكۈزمەي نېمە ئىش قىلسا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى. مانا بۇ ئوڭنىمۇ تەتۈرنىمۇ توغرا چۈشىنىدىغان ماڭقۇرتلۇق.
ئېھتىمال باشقا يەردىمۇ نەنجىڭدىكىگە ئوخشاش «خوتۇن ئالماشتۇرۇش كۇلۇبى» ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن باشقا ناشايان ئىشلار تولا، پەقەت ئۇنىڭ قانۇن تورىغا ئىلىنىپ قالمىغان يېرىلا بار. بۇ خۇددى جۇڭگودا لەكمىڭ-لەكمىڭ پارىخورلار پارازىتلاردەك لۆمۈلدىشىپ يۈرسىمۇ، شۇنىڭ ئىچىدە دومىلە باسقان بىر-ئىككىسىنىڭ قارماققا ئىلىنىپ قالغىنىدەكلا ئىش.
ھەممە يېڭىلىق غەربتىن، بولۇپمۇ ئامېرىكا دېگەن جاھانگىردىن كىرىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، خوتۇن ئالماشتۇرۇشمۇ شۇ يەردە بارلىققا كەلگەن، تور ئالاقىسى بۇنىڭغا تېخىمۇ ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن، «خوتۇن ئالماشتۇرۇش كۇلۇبى غەرب ئەللىرىدە مودىغا ئايلىنىپ، شىركەتلەرگىچە تەرەققىي قىلىپ، چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان، تاپقان پايدىسى ئاكسىيە بازىرىغا كىرگەن. بۇ قىلمىشنى ياۋروپا، ياپونىيە بىلەن كورىيە، ئاندىن جۇڭگو رەسمى قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ياۋروپادا جىنسىي ئىشلار ئوچۇق، قانۇنلۇق دەيدىكەن، ياپونىيە بىلەن كورىيەمۇ قارىماققا ئۇلاردىن قېلىشمايدۇ، چۈنكى قانۇن شۇلارنىڭ قانۇنىغا تەقلىد قىلىنغان. ياۋروپالىقلار تانسا، شامپان ھارىقى، شىرىن ئاي ساياھىتى دېگەندەك رومانتىكىلىقلارنى باشلاپ بېرىۋىدى، ئۆزىنى قالاق ھېس قىلغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ ياۋروپالىقلار ئەرمەك ئىت بېقىۋىدى، ياپون، كورىيان، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى دورىدى، ھەتتا جۇڭگولۇقلار ئۇلاردىن ئاشۇرۇۋەتتى. خوتۇن ئالماشتۇرۇشمۇ شۇ ئاساستا، شۇ تەقلىدتە ئەيدىز كېسىلىدەك ياكى چوشقا زۇكىمىدەك يامراپ كەتسە نېمە دېگۈلۈك؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تور دېگەن بۇ نەرسە شەھۋانىيلىقنىڭ، جىنسىي ۋابانىڭ تاراپ كېتىشىگە كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بەردى. ھەددى-ھېسابسىز سېرىق تور بېكەتلىرى ئادەملەرنى گەندىدە ئۆسكەن كەندىرنىڭ پۇرىقىدەك غىدىقلايدۇ، خۇمار قىلىدۇ، ھەتتا پاھىشىۋازلىققا دۈم چۈشىدىغان قىلىۋېتىدۇ. فوتو سۈرەتلىك، ۋىدىيولۇق شەھۋانىي ئالاقە ناتونۇش ئەر-ئاياللارنى بىر-بىرىگە ئۆمۈچۈك تورىدەك باغلايدۇ. بۇلار ئەركىنلىك بايرىقى ئاستىدىكى غەيرى مەدەنىيەتنىڭ، جۈملىدىن ئاتالمىش“تور مەدەنىيىتى“نىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ھۆكۈمەت ئۆتكەن يىلدىن بۇيان تور شەھۋانىيلىقىغا زەربە بېرىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، سېرىق تور بېكەتلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتالمىدى، قارىغاندا بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئىدىيۋى چاتاقنى ئوڭشىمىغىچە ئەخلاق ئوڭشالمايدۇ. يۇمشاق دېتالنى ياخشىلىمىغىچە قاتتىق دېتال بۇزۇلۇپ تۇرىۋېرىدۇ.
تورنى شەھۋانىيلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان پروفېسسورنىڭ جىنسىي ئەركىنلىك شوئارىغا ئاۋاز قوشىدىغانلار كۆپ بولسا ئۇنىڭغا يېڭى قانۇن تۈزۈش كېرەكمۇ؟ بۇ ئەمدى جەمئىيەتشۇناسلار، قانۇنشۇناسلار، سىياسىئونلار ئويلىشىدىغان مەسىلە. جۇڭگودىكى قانۇن-تۈزۈم سىياسەتنىڭ، ئەنئەنىۋى كۆز قاراشنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، يېڭى ئىدىيە ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ؛ مەسىلەن، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى «پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى يولغا قويۇلغىلى 30 يىل بولدى، دەۋر ئۆزگەردى، ئۇنىڭغا ئەمدى قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك » دەپ پىكىر بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق قانۇن لايىھىسى تۈزۈلمىدى. قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قانۇن دۆلەتكە، خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە شۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ (مەن ئەجەپ «قانۇن ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دەپ ئاڭلاپتىكەنمەن) ئاۋامنىڭ ئىدىيىسى، ئەقىل-پاراسىتى، ئىرادىسى قانۇندا ئىپادىلىنىدۇ ۋە قانۇن ئارقىلىق بىرلىككە كېلىدۇ؛ كىشىلەر بۇنىڭغا بويسۇنۇپ ياشايدۇ. ھالبۇكى، ناچار ئىدىيە ھەر ئادەمنىڭ شەخسىيىتىدە يوشۇرۇن قالىۋېرىدۇ، ئالۋاستىدەك مۆكۈنۈپ ياتىدۇ، پەيتى كەلگەندە ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ. كىمكى ما شاۋخەيدەك ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئالۋاستىنى قويۇپ بېرىدىكەن، كۆپچىلىك ھېمايە قىلىۋاتقان قانۇنغا قارشى چىققان بولىدۇ-دە، جازاغا تارتىلىدۇ. بۇ يەردىكى قانۇن ئەمەلىيەتتە ئەنئەنىۋى قاراشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ ھەم ئۇنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ما شاۋخەينى قوللىغۇچىلار ۋە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار ئاساسەن يېڭى دەۋرنىڭ ئىسيانكار ياشلىرى، ئىدىيىسى غەربكە مايىل زىيالىيلار بولۇپ، ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇلار ما شاۋخەينى ئاقلايمىز دەپمۇ ئاقلاپ بولالمايدۇ، كۆز قاراشلىرى شەخسىي كۆز قاراشلار سۈپىتىدە قالىدۇ، قانۇنغا ئايلىنالمايدۇ، ئۇنىڭغا يەنە بىر دەۋرلىك ئىدىيىۋى ئىسلاھات كېرەك.
شەك-شۈبھىسىزكى، ما شاۋخەينىڭ جاھىللىقى، ئىسيانكارلىقى ئۇنىڭ ھاياتى، كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسى، قىممەت قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئىككى خوتۇندىن ئاجراشقانىكەن . قانۇن ئۇنىڭ ئۆتمۈشى، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى تەكشۈرۈپ ئولتۇراتتىمۇ؟ قانۇن بىر ئادەمنىڭ يامان ئىدىيىسىنى، خىيالىنى باشقۇرالمايدۇ، پەقەت شۇ ئىدىيىسى ھەرىكەتكە ئايلانغاندا ئاندىن تاناۋىنى تارتىدۇ. ئۇنىڭ«ماڭا ئۇۋال بولدى، مەن گۇناھ قىلمىدىم» دەپ ئۆكتە قوپۇشى بىزگە شۇ نەرسىنى چۈشەندۈرىدۇ: ئىدىيە ئىش-ھەرىكەتنىڭ قوماندانى، ئىدىيىدىن چاتاق چىقسا ھەممىدىن چاتاق چىقىدۇ.
90 -يىللاردا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا بىزدىمۇ شۇنداق ئىسيانكارلىق، كەيپ-ساپاغا ھەۋەسلىنىش، يېڭىلىقلارغا زوقلىنىش، تانسىغا كىرىش، «ئويناپ بېقىش، كۆرۈپ بېقىش، تېتىپ بېقىش، پۇراپ بېقىش، سىلاپ بېقىش…“ ھەۋەسلىرى جۇش ئۇرۇپ قاينايتتى. بىر ياتاقتىكى 8 تازنىڭ ئىدىيىسى ئاساسەن بىر ، توۋلايدىغان مۇقامىمىز ئوخشاش ئىدى. شۇ يىللاردا زور بېسىم بىلەن خەنزۇچە ئۆگىنىۋاتقاچقا خەنزۇچە گېزىت-ژۇرناللارنى كۆرۈپ قوياتتۇق، بىر چاغدا ھازىرقى «ئامانلىق»ژۇرنىلىغا ئوخشايدىغان بىر ژۇرنال ياتاقتا پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر دېلو بايان قىلىناتتى: بىر ھايۋان ئۆز قىزىغا كۆپ نۆۋەت باسقۇنچىلىق قىلىدۇ، ئانا-بالا بۇ ئىشقا چىداپ تۇرالماي سوتقا ئەرز سۇنىدۇ، ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ سوراق قىلسا «بۇ قىز مېنىڭ قىزىم ئەمەس، خوتۇنۇم مەن بىلەن توي قىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىنلا بويىدا قالغان، مەن بۇ خوتۇندىن ۋە ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئاشنىسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم» دەيدۇ. مەن بۇنى كۆرۈپ « ئادەمنىڭ ھايۋان بولمىقى ئۆيدىن تالاغا چىققاندەكلا شۇنداق ئاسانكەن» دېسەم، بىر ساۋاقدىشىم قوپۇپ « ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم، پاسكىنا خوتۇندىن ئۆچۈمنى ئالاتتىم» دېدى. ئۇنىڭ بۇ ئەشەددىي، زەھەرلىك ئىدىيىسى نەدىن كەلدى؟ ئۇققىلى بولمايتتى، ئىشقىلىپ بۇ ئىدىيە ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ يېرىدىن ئورۇن ئالغانىدى.
جەمئىيەتكە چىققاندا «كىشىگە يامانلىق قىلماي نېمە ئىش قىلساڭ قىل“ دەيدىغان ئىدىيە ھۆكۈم سۈردى. ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدىن باشلاپ بىزنى مەلۇم بىر ئىدىيە باشلاپ ماڭاتتى، كېيىن خىزمەتكە چىقىپ، ئائىلە قۇرۇپ بالىلىق بولغاندا ئىدىيىمىز ئۆزگەردى، خۇسۇسەن مەن ئېتىقادىمنى توغرىلاپ، ئەخلاقىمنى قەدىر ئەھۋال قوغداپ ماڭدىم، ئېزىپ كەتسەممۇ گۇناھىمدىن تۆۋە قىلغۇدەك ئاڭغا ئىگە بولدۇم. بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان، ئىچى كۈچلۈك بالا ئىدى، خىزمەتكە چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئىزدەپ بارغىنىمدا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇۋېلىپ ماڭا “ مەن ھامان بىر كۈنى ئۆلۈۋالىمەن“ دېگەنىدى، مەن ئېرەنشىمىگەنىدىم، ئاقىۋەت راست ئۆلۈۋالدى، بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، ھەسرەتلەندىم، ئېچىندىم، ئويلاندىم: «ئۇ بۇنداق ياشىغىچە ئۆلۈپلا قۇتۇلاي دەپ ئۆلۈۋالدى، ئىدىيسىدىن ئېغىر دەرىجىدە چاتاق چىقىپ ئۆلۈۋالدى، ئۆلىۋېلىش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى زادى قويۇۋەتمىگەچكە ئۆلۈۋالدى، زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالسا قىيامەتتىمۇ زەھەر يۇتۇپ ئازابلىنىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، ياكى بىلسىمۇ چىن دىلىدىن ئىشەنمىگەچكە ئۆلۈۋالدى؛ مۇھەببەتتىن، خوتۇندىن، باشلىقتىن، دوستلىرىدىن ۋاپا كەلمىگەچكە ئۆلۈۋالدى… شۇنچە يىل ئوقۇپ ئېرىشكىنى زەھەر يۇتۇپ ئۆلۈۋېلىش بولدى… ». ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان شائىرلارنىڭ «ئۆلىۋېلىش بىر سەنئەت، ئۆلىۋېلىش ئىنساننىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى ئاخىرقى قېتىم جاكارلىشى، ئۆلىۋېلىش ئۆزىدىن ھالقىغان ئىنساننىڭ بۈيۈك غالىبىيىتى…›› دېگەندەك جۆيلىمىلىرىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، بۇ ساۋاقدىشىممۇ شۇنداق «زەھەر»نى كاللىسىغا سىڭدۈرۈۋالغان بولغىيمىدى؟ ئۇ زەھەردىن مۇجۇپ ئاغرىۋاتقان قورسىقىنى تۇتۇپ كوچىدا ئۈچ سائەت مېڭىپ يىقىلىپ قاپتۇ، كىشىلەر ئۇنى ئاق چېكىدىغان بىرىكەن، ياكى مەست ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ، باشقىلار ئەتە نېمە يەپ، نېمە ئىشلارنى قىلارمەن دەپ پىلان سوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئۇ ئۆز ئىدىيىسى، نىشانىنى بويلاپ بارىدىغان يېرىگە بېرىپ بولغانىدى. ئۇ بارچە ئىچكى سىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى، بىزگە قالغىنى شۇ: ئىدىيە ئىنسانغا قوماندان، بىر ئەشەددىي ئىدىيە بىر ئادەمنى، بىر مىللەتنى ھالاك قىلالايدۇ.
ئادەم ئىدىيىۋى مەخلۇق، ئوغرىنىڭمۇ، توغرىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىدىيىسى، تايىنىدىغان ئاساسى، دەيدىغان گېپى، چالىدىغان دېپى بار. چوڭ-چوڭ ئىدىيىۋى ئېقىملاردىن تارتىپ ئادەتتىكى كۆز قاراشلارغىچە بارلىق ئىدىيە مەقسەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىمىز، بىراق بۇ ئىدىيىلەرنىڭ بىزنى نەگە باشلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئانچە دىققەت قىلمايمىز. ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇ ھامان بىز بىلەن بىللە، ئىدىيە ھاياتلىق سەپىرىمىزدىكى يول باشلىغۇچى، ئىدىيە بەزىدە سەپەر نېنى، بەزىدە ھەر خىل ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرىدىغان قورالىمىز. ئىدىيە بىلەن ئىرادە، ھەرىكەت دائىم بىللە كېلىدۇ، ئىدىيىگە ياخشى-يامان نەرسىلەر ئاسان ئارىلىشىپ قالىدۇ. ناچار ئىدىيە گويا بەدەندىكى باكتېرىيىگە، كومپيۇتېرغا كىرىۋالغان جاھىل ۋىرۇسقا ئوخشايدۇ؛ ئۆز-ئۆزىنى توختىماي يېڭىلاپ، يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىپ، يوچۇق تاپسىلا كىرىۋېلىپ ئۆز-ئۆزىنى كۆپەيتىپ، توختىماي بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ؛ بۇنىڭغا سەل قاراپ قالساق ئېغىر زىيانغا ئۇچرايمىز، بۇ زىياننى مۆلچەرلىيەلمەيمىز. شۇڭا ياخشى ئىدىيىنى ئەقىل بىلەن تاللاپ، بۇزۇق ئىدىيىدىن تېزراق ۋاز كېچىشىمىز كېرەك.
دۇنيا شۇنداق نەرسىكى، كۆز ئالدىدىكى نەرسىلەرگە ئالدىنىدىغان، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان ئىنساننىڭ ئىدىيىسىنى ماددا بىلەن توشقۇزىۋېتىدۇ. نەپسانىيەت شۇنداق يامان نەرسىكى ئىدىيىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، مېڭىنى يۇيىدۇ. «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى يېقىندا مەيدانغا كەلگەن ئىش ئەمەس، بەلكى ئىدىيىلەر توقۇنۇشى يۈز بېرىشكە باشلىغاندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەرىكەت. يىراقنى قويۇپ يېقىندىكى ئىشلارنى ئويلىساق، بىزدىن ئىلگىرىكىلەر قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئورنىغا «تاللانما ئەسەرلەر» نى ئوقۇغان، ھەدىس يادلاشنىڭ ئورنىغا داھىيلارنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى يادلىغان؛ ئىدىيىۋى كۈرەش ئەۋجىگە چىققاندا قانلار تۆكۈلگەن. ئېغىزىدىن كېتىپ قالغان، شۇ سەۋەبتىن ئىدىيسىدە مەسىلە بار دەپ قارالغان ئەكسىيەتچىلەر ئېغىر جازالانغان. ھازىرمۇ «ئىدىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك» دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت. دېمەك، ئىدىيىدىن چاتاق چىقسا بولمايدۇ.
«قانغۇدەك ياشاپ ئۆلۈش» ئىدىيىسىدە ياشىساقمۇ ياشايمىز، ھەقىقەت ئىزدەپ ياشىساقمۇ ياشايمىز، گەپ بىزنىڭ تاللىشىمىزدا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە پۈتۈن ۋۇجۇد تۈزۈلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن ۋۇجۇد بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر“. بۇ يەردىكى قەلب ئىمان-ئېتىقاد، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىدىيە دېمەكتۇر؛ ئەگەر ئىدىيە توغرا بولمىسا ئىماندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، گۇناھكار بولىمىز. ئەگەر ئېتىقادىمىز توغرا بولسا ئىش-ھەرىكىتىمىزمۇ توغرا بولىدۇ، ساغلام ياشايمىز، ساۋاب تاپىمىز، ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈنمۇ تەييارلىق قىلىۋالغان بولىمىز. ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەمدە ئىمان كەم بولىدۇ، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ساۋابتىن ئوزۇق ئېلىۋېلىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، تەييارلىقسىز سەپەرگە چىقىدۇ، يېرىم يولدا تېڭىرقايدۇ، ئازاب دەشتلىرىدە قىينىلىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىدىيە بىزگە قوماندان، ئاللاھ ھىدايەت قىلغاننى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ھېدايەت تاپقۇچىلار ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشى، ئىمان-ئېتىقادىنى ۋە توغرا ئىدىيىسىنى قەدىرلىشى،« بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن بىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن» دەپ ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.

ئۇزدىل ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش