
ھازىر سۈنئىي ئەقىل ئەپلىرى ئىتنىڭ تۈكىدەك كۆپىىيىپ كەتتى، نېمىلا ئىزدىسەڭ تېپىلىدۇ، سوئالىڭغا جاۋاب ئىزدەمسەن، ماقالە يازامسەن، رومان يازامسەن، سۈرەت پەيدا قىلامسەن، ۋىدىيو ئىشلەمسەن، پاي چېكى ئوينامسەن، تىل تەرجىمىسى قىلامسەن، ئاۋازغا ئالامسەن، ئاۋاز بېرەمسەن، ئىشقىلىپ نېمىلا قىلساڭ سۈنئىي ئەقىل تەييار، ئەمما ئۇلارنى پۇل تۆلەپ ئىشلىتىش شەرت. ھەقسىزلىرى كارغا يارىمايدۇ. مەن بىر قانچىسىگە پۇل تۆلەپ ماقالە يازدۇرۇپ باقتىم، بولىدىكەن. رومان يېزىشتا نېمە بىڭسى باركىن، كۆرۈپ باقاي دەپ چەت جىپىتىنى قوللىنىپ باقتىم. ئالدى بىلەن ماڭا ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر رومان ياز دېدىم.
ئۇ مۇنداق بىر لايىھەنى چىقىرىپ بەردى:
خاراكتېر تەرەققىياتى: پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىنى يارىتىش، بۇ ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، ھەرىكەت نىشانى ۋە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىنىڭ ئۇلارنىڭ قارارى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ھېسابقا ئېلىش كېرەك.
ۋەقەلىك قۇرۇلمىسى: ۋەقەلىك قۇرۇلمىسىنى تۈزۈپ چىقىش، بۇ ۋەقەلىكنىڭ باشلىنىش سەۋەبى، ۋەقەلىك راۋاجى، ۋەقەلىك ئەۋجى، ۋەقەلىك ئەۋجىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى ۋە ئاخىرقى نەتىجە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا تارىخىي ۋە زامانىۋى ئىشلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ رومانغا قانداق شەكىل بېرىدىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك.
تېما: تېمىدا كىملىك، ماسلىشىش كۈچى، مەدەنىي مىراس، ئىجتىمائىي ئادالەت قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېمىلاغا ئېنىقلىما بېرىش كېرەك. يەنى بۇ ئامىللار پىرسۇناژلارنىڭ كەچمىشى ئارقىلىق قانداق ئىپادىلىنىشى كېرەك دېگەنلەرنى ئويلىشىش كېرەك.
ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن كوچىلاپ تېخىمۇ تەپسىلىي بىر نەرسە يېزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ يۇقىرىقى نۇقتىلارغا ئاساسەن، «يىپەك يولىدىكى تەھدىت» ناملىق بىر روماننىڭ قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەپ بەردى:
پىرسوناژلار
ئامىنە (باش قەھرىمان)
ئارقا كۆرۈنۈشى: ئامىنە قەشقەرلىك 28 ياشلىق قىز، ئۇ بىر ھۈنەرۋەن ئائىلىدە چوڭ بولغان، مومىسىدىن يىپەك توقۇمىچىلىقىنى ئۆگەنگەن. ئۇ يەرلىك بىر مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بۇ تىلنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇشقا ئۆزىنى بېغىشلايدۇ.
ھەرىكەت نىشانى: ئامىنە ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداشنى، سىياسەت ۋە زامانىۋىيلىق بېسىمى ئاستىدا قالغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇ سىياسىي بېسىم ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان بىر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.
دۇچ كەلگەن مۈشكۈلاتلار: ئامىنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقان بېسىمى ۋە چەكلىمىلىرىگە دۇچ كېلىدۇ. ئۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتتىق بېسىمغا ئۇچرايدۇ. ئۇ ئۆز يۇرتىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي بېسىملار بىلەن تىركىشىدۇ.
كامىل (سەلبىي قەھرىمان)
ئارقا كۆرۈنۈشى: كامىل ئامىنەنىڭ بالىلىقتىكى دوستى، ھازىر بولسا ئۈرۈمچىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى. ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتا ئاكتىپ بولغان كامىل، ھۆكۈمەتتە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا كۆۋرۈك بولۇش يولىنى تاللايدۇ.
ھەرىكەت نىشانى: كامىل ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى زامانىۋىلىققا ماسلىشىشى كېرەك، شۇندىلا ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ سايىسىدە ساقلىنىپ قالالايدۇ، ئائىلىۋى مەدەنىيەتمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلالايدۇ دەپ قارايدۇ.
دۇچ كەلگەن مۈشكۈلاتلار: كامىل ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەنسەپكە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۆز مىللىتى ۋە ئېتىقادىغا ئاسىيلىق قىلىۋاتقىنىدىن ئازابلىنىدۇ.
فاتىمە (ئامىنەنىڭ مومىسى)
ئارقا كۆرۈنۈشى: فاتىمە 20-ئەسىردىكى سىياسىي بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن، كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن موماي. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ناخشىلىرى، مەشرەپ-مۇقاملىرىنى ياخشى ئېيتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى پىششىق بىلىدۇ.
ھەرىكەت نىشانى: فاتىمەنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيى ياش ئەۋلادلارنىڭ مەيلى ناخشا-مۇزىكا، مەيلى ھۈنەر-سەنئەت بولسۇن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈشتۇر. ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدۇ.
دۇچ كەلگەن مۈشكۈلاتلار: فاتىمەگە قېرىلىق يەتكەچكە، روھى ۋە جىسمانيي جەھەتتىن بەك ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۆز تەجرىبىسى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى نەۋرىسى ئامىنەگە قالدۇرۇپ كېتىشكە تىرىشىدۇ.
قادىر (مۇھەببەت لىنىيەسى)
ئارقا كۆرۈنۈشى: قادىر چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر يىگىت. ئۇ ناھايىتى غايىلىك بىر مۇخبىر بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلار ئۇچرىغان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ھەرىكەت نىشانى: قادىر ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلەش ئارقىلىق دۇنياغا بۇ مىللەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىشنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈمىد قىلىدۇ.
دۇچ كەلگەن مۈشكۈلاتلار: قادىرنىڭ سۆزلىرى ۋە يازغانلىرى تەكشۈرۈلىدۇ. ئۆزى بولسا نازارەت قىلىنىش ۋە تۇتۇلۇش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ.
ۋەقەلىك قۇرۇلمىسى
ۋەقەلىكنىڭ باشلىنىشى
ئامىنە بالىلىقتىدىكى دوستى كامىلدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالىدۇ. خەتتە كامىل ئۇنىڭغا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىدۇ. بۇ خەت فاتىمەدە جەمئىيەتتە ئويناۋاتقان رولى، ئۆزىنى قوغداش ياكى ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدە قايتا ئويلىنىش پەيدا قىلىدۇ.
ۋەقەلىكنىڭ راۋاجى
ئامىنەنىڭ مەكتىپى تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ، ئۇ سىياسىي بېسىمنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. فاتىمە موماينىڭ سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىدۇ، ئەمما موماينىڭ ئۆتمۈش ئەسلىمىلىرى ۋە ئېيتقان ناخشىلىرى ئامىنەدە روھىي كۈچ ۋە ئىرادە پەيدا قىلىدۇ. ئامىنە ئۆز يۇرتىدا قېلىش ياكى باشقا بىخەتەر جايغا كېتىش ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىدۇ.
چەتئەلدىن قايتقان قادىر يىپيېڭى بىر ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتى ۋە كۈرەش قىلىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇ دائىم كامىلدەك ئادەملەرنىڭ پوپوزا قىلىشغا ئۇچرايدۇ. كامىلنىڭ ئېقىمىدىكىلەر «ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن قارشىلىق بىزگە بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ قارايدۇ.
ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئامىنەنىڭ تۇرمۇشى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى كۈچىيىدۇ، ئامىنەنىڭ بىر قانچە دوستى تۇتۇپ كېتىلىدۇ.
ۋەقەلىكنىڭ ئەۋجى
ئامىنە ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ياكى باشقا جايغا كېتىپ پاناھلىنىش ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىپ، ئاخىر ئۆز يۇرتىدا قېلىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ مەخپىي ھالدا بىر قېتىملىق ياشلار يىغىلىشى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىراسلىرى يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بۇ مەزگىلدە، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ۋەقەلىك ئەۋجىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى
ياشلار يىغىلىشى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ، ئامىنە، قادىر ۋە ئۇلارنىڭ بەزى دوستلىرى قولغا ئېلىنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمى بولغان كامىل بۇنىڭدىن ئازابلىنىدۇ. ئامىنە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇ گاڭگىراپ قالىدۇ، ئۆزىنى جىنايەتكاردەك ھېس قىلىدۇ. ئۇ دۆلەتكە ساداقەت كۆرسىتىش ياكى ئۆز خەلقىنى قوغداش ئوتتۇرىسىدا جىددىي تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ.
يېشىم
ۋەقەلىك ئامىنەنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئەمما ئامىنەنىڭ روھى يەنىلا ئۈستۈن بولۇپ، ئىرادىسىنى يوقاتمايدۇ. كامىل ھۆكۈمەتكە ئەمدى ئىشلەپ بولالمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۆز خەلقى ئالدىدا جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ۋەقەلىكنىڭ ئاخىرقى سەھنىسىدە، ئامىنە تۈرمىدىكى ياش مەھبۇسلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە تەلىم بېرىدۇ. گەرچە ئۇ قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىسىمۇ، ئۆز مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ.
باش تېما
كىملىك
سىياسىي بېسىمغا ئۇچراۋاتقان، مەدەنىيىتى يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەدەنىيەتنى قانداق قوغداپ قېلىۋاتقانلىقى. كىملىك بىلەن كوللېكتىپ مەدەنىيەت قوبۇللۇقى ئوتتۇرىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەت ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا بۇ مەدەنىيەتنىڭ خاسلىقىنى قانداق قوغداپ قېلىۋاتقانلىقى. ئامىنەنىڭ ھېكايىسى بىر شەخس بىلەن سىرتقى بېسىم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى ھەمدە بۇ كۈرەشتە كىشىنىڭ ئۆز كىملىكىنى قانداق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
قەيسەرلىك
ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە زۇلۇم ئاستىدا ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى. ئامىنە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەر قانداق مۈشكۈلاتقا بەش ئەگمەسلىك ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش روھىنى نامايەن قىلىدۇ.
فاتىمە گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ، ياش ئەۋلادلىرىغا ئۆز مەدەنىيىتىنى مىراس قالدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
مەدەنىيەت مىراسى
تىل، مۇزىكا، ھۈنەر-سەنئەت، ھېكايە ۋە ئەسلىمە ئارقىلىق بولسۇن، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى. روماندا ئاغزاكى بايان قىلىنغان تارىخىي ھېكايە، قىسسە ياكى سەنئەت ئەسىرىنىڭ مەدەنىيەتنى قوغداشتىكى مۇھىملىقى تەكىتلىنىدۇ.
ئىجتىمائىي ئادالەت
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىشى، بولۇپمۇ پىكىر ئەركىنلىكى، ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە باستۇرۇشقا ئۇچرىشى. روماندا خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەدەنىيەتنى قوغداش كۈرىشى تەسۋىرلىنىدۇ، شۇنداقلا ئادالەتنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
مەدەنىيەت ئامىللىرى
تىل ۋە مۇزىكا
روماندا ئۇيغۇر تىلى دىيالوگى قوللىنىلىدۇ، بولۇپمۇ ھالقىلىق يەرلەردە ئۇيغۇرچە ئىدىيوملار ۋە خاس سۆز-ئىبارىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مەدەنىيەت كىملىكى كۈچەيتىلىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى روماندا مۇھىم رول ئوينايدۇ، بولۇپمۇ فاتىمە موماينىڭ ناخشىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھېسسىياتىنى مىراس قالدۇرۇش ۋاسىتىسىغا ئايلىنىدۇ.
گۈزەل تائاملار
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىدىن لەغمەن، كاۋاب، مانتا قاتارلىقلار روماندا پات-پات ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بۇ خىل لەززەتلىك تائاملار ئائىلىۋى ئولتۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر قىسمىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەكس ئېتىشى ھېسابلىنىدۇ.
سەنئەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى
ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەك، ئەتلەس توقۇمىچىلىقى ۋە باشقا ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئىتى رومان ۋەقەلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئامىنەنىڭ ئائىلىۋى تىجارىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرغىچە قانداق ساقلىنىپ قالغانلىقىنىڭ يوشۇرۇن سىمۋولى قىلىنىدۇ.
دىن
ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەۋاتقان شارائىتتا بۇ تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. پىرسۇناژلارنىڭ مەنىۋى ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
خۇلاسە: بۇ تېزىس، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە قانداق كىرزىسلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرىدىغان رومان يېزىش ئۈچۈن سىزگە دەسلەپكى قۇرۇلما تەمىنلەپ بېرىدۇ. پىرسوناژ، ۋەقەلىك، باش تېما ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى بىرلىشىپ كەتكەن بۇ روماندا مەدەنىيەت كىملىكى، قەيسەر روھ ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

مېنىڭ تەسىراتىم:
بۇ ئوقەت يۇقىرىقى تېزىسنى نەدىن يىغىشتۇرۇپ تۈزۈپ بەردى، ئۇچۇرلارنى نەدىن ئالدى، بىلمەيمەن، ئەمما مېنى ھەيرەتكە سالدى. مەن ئىلگىرى رومان يېزىپ باققان، ئەمما بۇنداق تېزىس تۈزۈپ باققان ئەمەس. تۈركىيەدە ئەدەبىيات ماگېستېرلىقى ئوقۇغاندا، رومان تەھلىلى ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن، بۇ تېزىس ماڭا شۇ نەزەرىيىنى ئەسلەتتى. ئەلۋەتتە، مەن بۇ تېزىستىن پايدىلىنىپ رومان يازمايمەن، سۈنئىي ئەقىلدىن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ، بۇنىڭغا ئاساسەن ماڭا ئۈچ يۈز بەتلىك بىر رومان يېزىپ بەر دېمەيمەن، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۇنداق ئىقتىدارى بار-يوقلۇقىنىمۇ بىلمەيمەن، چۈنكى مەن سۈنئىي ئەقىلنىڭ سېھىرلىك دۇنياسىغا ئەمدى قەدەم قويغان بىر ئۆگەنگۈچى.
ھازىرچە ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى، سۈنئىي ئەقىل بىلەن رومان قۇرۇلمىسىنى تۈزگىلى، ھەتتا يازدۇرغىلى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا فرانز كافكا، لېۋ تولىستوي، دوستويىۋىسكى، ئورخان پامۇك دېگەندەك مەشھۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يازدۇرغىلى بولمايدۇ، ئەمما سۈنئىي ئەقىل تەرەققىي قىلىپ مۇشۇنداق ماڭسا، ئۇنىڭغىمۇ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. سۈنئىي ئەقىل ئۇنى ياراتقان ئادەملەرنىڭ ئەقلىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كېلەلەمدۇ، ئەگەر بىر ماشىنا ئادەمنىڭ مېڭىسىگە ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسى، ھەتتا ھېسسىيات-تۇيغۇلىرىنى قاچىلاپ، ماڭا ئەڭ نادىر، تەسىرلىك بىر رومان يېزىپ بەر دېسە ئۇ مەشھۇرلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئەسەرلەرنى يازالامدۇ؟ بۇلار كەلگۈسى ھەققىدىكى پەرەزلەر، بۇ ھەقتە خىلمۇ خىل كۆزقاراش، تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت. سۈنئىي ئەقىل كەلگۈسىدە ئىنسانغا ياردەمچى بولامدۇ ياكى تەھدىت بولامدۇ دېگەن مەسىلىمۇ مەۋجۇت تېخى، بۇلار تامامەن ئىنسانلارنىڭ ئەقلى، ۋىجدانى ۋە پاراسىتىگە قالغان مەسىلىلەردۇر. ئىنسان تۈزەلسە دۇنيا تۈزىلىدۇ، ئىنسان بۇزۇلسا دۇنيا بۇزۇلىدۇ. مەسىلە بۇ قەدەر ئېنىق.
مەن پايدىلىنىپ كۆرگەن سۈنئىي ئەقىل ئەپلىرى ئۇيغۇر تىلىنى بەك تونۇپ كەتمىدى، چۈنكى «قازاندا نېمە بولسا شۇ چىقىدۇ» دېگەندەك، ئۇيغۇر تىلىنى سۈنئىي ئەقىلگە تونۇتۇش ۋە تىلىمىزغا ئائىت مەنبەلەرنى ئۇنىڭغا قېتىش ئارقىدا قالدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەممىگە ئايان. مۇستەقىل دۆلەتلەردىن تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان بۇ جەھەتتە خېلىلا ئالدىدا ئىكەن. ئۆزبېكچە بىلەن ئۇيغۇر تىلى بەكلا يېقىن تىللاردىن بولسىمۇ، يېزىقنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇش، يېزىش ۋە تەرجىمىدە ئاز بولسىمۇ پەرقلەر كۆرۈلىدىكەن.
يىغىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئەپلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە نېمە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە سىناپ بېقىشىمدىن ئالغان تەسىراتىم شۇ بولدىكى، سۈنئىي ئەقىل رومان، پوۋېست، ھېكايە دېگەندەك چوڭراق ھەجىملىك ئەسەرنىڭ تېمىسى ۋە مېخانىك قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە بىزگە دەسلەپكى لايىھە سۇنۇپ بېرەلەيدىكەن. ئەمما رەسمىي يېزىشقا كىرگەندە ئىجادىيەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىكەن. شېئىر ياز دېسە بىر يەرلەردىن قوراشتۇرۇپ يېزىپ بېرەلەيدىكەن، قەلەمدىن سىياھ تامغاندەك قۇرلارنى چىقىرىپ بېرەلەيدىكەن، ئەمما يۈرەكتىن چىققان ھەقىقىي ھېسسىياتلارنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىكەن، ئۇنىڭغا يەنىلا تىرىك ئادەمنىڭ قەلبى، تالانتى كېرەك بولىدىكەن.







