يېقىنقى مەزگىللەردە رومانچىلىق (توقۇلما ئەدەبىيات) بىلەن سۈنئىي ئەقىل (AI) ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار باش تېما قىلىنغان خەۋەرلەر كۆپەيدى. «Hachette» نەشرىياتىنىڭ باياناتچىسى سۈنئىي ئەقىلنى ئىشلىتىشنى «ئىجادىيەت پىرىنسىپلىرىغا قىلىنغان ھاقارەت» دەپ تەرىپلىدى. بۇ ناھايىتى كۈچلۈك سۆزلەر.
بەزىلەر ئەنئەنىۋى نەشرىياتچىلارنى ۋە «ئىجادىيەت پىرىنسىپلىرى» دېگەن ئۇقۇمنى كۆزگە ئىلماسلىقى مۇمكىن. ئۇلار سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق يېزىلغان رومانلىرىنى ئۆزلىرى نەشر قىلىپ، ئامازون (Amazon) غا قويۇپ بېرىشنى، شۇ ئارقىلىق ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلار تىزىملىكىنىڭ ئۆزلىرىگە باھا بېرىشىنى، ئەنئەنىۋى نەشرىياتچىلارنىڭ بولسا ئارقىدا قېلىشىنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن.
ئەمما ھەقىقەت شۇكى، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن.
بىر كىتابقا باھا بېرىشنىڭ بىردىنبىر يولى بار، ئۇ بولسىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇش-ياقتۇرماسلىقىدۇر. بىلىشىڭىز كېرەككى، بىر ئەسەرگە سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەر سېزىۋالالايدۇ، بۇ بىز ئادەتتە گۇمانلىنىدىغان ئاددىي ئالامەتلەرگە (مەسىلەن، كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۈچ چېكىت ياكى «بۇ ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق» دېگەندەك جۈملە قۇرۇلمىلىرىغا) مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.
مەن ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرۇشقا ئەستايىدىل قارايدىغان يازغۇچىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان يېزىقچىلىق مەكتىپى —The Novelry نىڭ قۇرغۇچىسى. بىز ئەدەبىي ۋاكالەتچىلەر ئارقىلىق نەشرىيات ساھەسىنى نەشر قىلىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان ئىختىساسلىقلار ۋە قوليازمىلار بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلەپ تۇرىمىز.
توختاملاردا يازغۇچىلاردىن مەزمۇن يارىتىشتا سۈنئىي ئەقىل قوراللىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى دەلىللەش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ئەگەر ئىشلىتىلگەن بولسا، ئۇ مەزمۇننىڭ ئىگىدارلىق قىممىتى بولمايدۇ ۋە ئاپتورلۇق ھوقۇقى (پاتېنتى) غا ئېرىشەلمەيدۇ. بىزنىڭ رولىمىز بۇ ساھەنى سۈنئىي ئەقىل ئىشلىتىلمىگەن ئەسلىي (ئورىگىنال) مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت بولۇپ، بىز بۇنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
بۇ ساھەدىكىلەرگە ئايانكى، سۈنئىي ئەقىل ياراتقان نەرسىلەر ئىنسانلار يازغان توقۇلما ئەسەرلەر بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ. نېمىشقا؟
بىز ئاۋۋال كىشىلىك ئاداۋەت ۋە كۆڭۈل ئاغرىقىنى ساقلايدىغان ئاشۇ ئاجايىپ مەخلۇق — يازغۇچىدىن، ھەمدە ئۇلارنىڭ نېمىشقا ۋە قانداق يازىدىغانلىقىدىن گەپ باشلايلى.
سۈنئىي ئەقىل دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ماشىنىنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى يوق، ئۇ غەزەپلەنمەيدۇ ياكى پۇشايمان قىلمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ بۇ ئاجىزلىقلىرى قەدىمكى دىنىي ئەسەرلەردىن تارتىپ بۈگۈن ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئەسەرلەرگىچە تېما مەنبەسىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلدى. ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى يارىلىرى، نۇقسانلىرى، مەغرۇرلۇقى ۋە گۇناھلىرى دەل ئۇنىڭ ئۆزگىچە تالانتىدۇر. ئەگەر بۇ چىرىكلىك ۋە بۇزۇلۇشلار بولمىسا، سۆزلەيدىغان ھېچنەرسە قالمايدۇ ۋە سۆزلەشنىڭمۇ ھېچقانداق ھاجىتى بولمايدۇ.

يېزىقچىلىقنى ئىنسانىي قىلىدىغان نەرسە نېمە؟ ئازاب-ئوقۇبەت.
بارلىق ئىجادىيەت، ئىدىيەدىن تارتىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىچە ئىنسانىي نۇقسانلىرىمىزغا يىلتىز تارتقان. نۇقسانسىز بىر ئىنسان ھالىتىدە سەنئەت ئەسىرى يارىتىش مۇمكىن ئەمەس. بىز ئورتاق ئاجىزلىقلىرىمىز ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىگە يول تاپىمىز، ئۇلارغا يېقىنلىق يارىتىدىغىنى دەل ئىقرار قىلىشتۇر. ئاپتور ئۆز ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلىغاندا، ئوقۇرمەن ئۆزىنىڭ چۈشىنىلگەنلىكىنى ۋە ياخشى كۆرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
توقۇلما ئەدەبىيات (رومان) پىكىر بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاشكارىلايدۇ، ئۇنىڭدىكى زىددىيەتلەر بولسا ئوقۇرمەننى كىملىك كرىزىسىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، بۇ كرىزىس ھېكايىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ.
رومان بىر شەكىل (ژانېر) سۈپىتىدە خاراكتېردىن كىملىككە قاراپ يۈزلەنگەن مۇساپىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ پەقەت ئۇقۇم جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى بەت بەت سۈرىلىپ، ئىدىيەلەر، سۆزلەر ياكى جۈملىلەر ئادەتتىكى تۈز لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شەكىلدە بىر يەرگە جەم بولغاندا يۈز بېرىدۇ.
سۈنئىي ئەقىل ئازاب چەكمەيدۇ. ئۇ ھېچقانداق نەرسىنى ئارزۇ قىلالمايدىغان بولغاچقا، ئۇ يازغان ھېكايە ۋە تېكىستلەر مەقسەت-نىشانسىز بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئەڭ چوڭقۇر ۋە ئەڭ ھەرىكەتچان سەۋەب كەمچىل بولىدۇ.
شەخسىي ئېھتىياجلىرىمىز
بىر ھېكايە ئىدىيەسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاپتورنىڭ ئۆزىگىمۇ نامەلۇمدۇر. بىز مەلۇم بىر ھېكايىنى يېزىشقا نېمىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىمىزنى تاكى ئۇنى يېزىپ تۈگەتمىگىچە بىلمەيمىز. تەجرىبە ۋە كاللىمىزنى چىرمىۋالغان ئويلارنىڭ يىپ ئۇچىنى تارتىشقا باشلىمىغۇچە، ھېكايە لىنىيەسىنى بىلەلمەيمىز. بىر ئىدىيەنىڭ بولغىنى ياخشى، ئەلۋەتتە، ئەمما ئۇ سىز ئۈچۈن مۇھىم بولمىسا، ئۇنى يورۇقلۇققا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن يازىمىز. ئەگەر ئۇنى ئۆزىڭىز پەيدا قىلمىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيسىز.
ياخشى ھېكايىلەر زاۋۇتتىن چىققان مالدەكلا تەييار ۋە مۇكەممەل يېتىپ كەلمەيدۇ. سىز بەت يۈزىدىكى سىناقلار، ۋاقىت ۋە مېھنەت ئارقىلىق بىر ناچار ئىدىيەنى ياخشى ئىدىيەگە ئايلاندۇرىسىز. ئىدىيەلەر ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. سىز ئىشلەش جەريانىدا ئېتىرازلار (قارشى پىكىرلەر) مۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دەل مۇشۇ قارشى پىكىرلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا ھېكايە تېخىمۇ كۈچكە تولىدۇ. بۇ خىل قەيسەرلىك كۆپىنچە رەھىمسىز شەخسىي ئېھتىياجلار تەرىپىدىن قوزغىتىلىدۇ.
ساختىپەزلىك
بىر توقۇلما ئەسەرنىڭ تېمىسى تىنچلىق ۋە مۇھەببەتكە ئوخشاش قېلىپلىشىپ قالغان تېما ئەمەس. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇ كىتاب ئەخلەتكە ئايلىنىدۇ. توقۇلما ئەسەرنىڭ تېمىسى ئاپتور چوقۇم ئېچىپ تاشلاشنى خالايدىغان بىر ساختىپەزلىكتۇر. ئەركىن ئىجتىمائىي كېلىشىملەرنىڭ «ھەقىقەتلىرى» ئاستىدا، مۇشۇ «ھەقىقەتلەر» يوشۇرۇپ تۇرغان ئادالەتسىزلىكلەر داۋاملىق مەۋجۇت. سىز يازماقچى بولغان نەرسە بەلكىم ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ۋە ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بىر ئىش بولۇشى مۇمكىن. ئەسەر يېزىپ ئەتراپىمىزدىكىلەرنى، بولۇپمۇ يېقىن-يورۇقلىرىمىزنى بىئارام قىلىش جەسۇرلۇق تەلەپ قىلىدۇ. سۈنئىي ئەقىل ئاساسىي ئېقىمدىكى ۋەقەلىكلەرنى تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ. ئەمما ئۇ يەردە كۆرگۈدەك ھېچنەرسە يوق.
پەقەت تىرىك يازغۇچىلا مەست ئادەمدەك تەمتىرەپ، ساختىپەزلىكنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە كىرەلەيدۇ، چۈنكى پەقەت ئىنسانلا كەمسىتىشكە ۋە ئازابقا ئۇچرىغان.
يامان بولۇشنى تاللاش
ھېكايىدە بىرەر يامان ئادەم ياكى بىز كۈلەلەيدىغان بىرى بولمىسا، ئۇ ھېكايە بولمايدۇ. بىز دوستلار ئارىسىدا پاراڭلاشقاندا ياكى چاقچاق قىلىشقاندا ھەر خىل گەپلەرنى قىلىمىز. بەزىلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ، بەزىلىرى چەتتە قالدۇرۇلىدۇ. ئاپتور كىمنىڭ ئىچىدە، كىمنىڭ سىرتتا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئىنسانلار چەتكە قاقىدۇ، ئىنسانلار تاللايدۇ. يامانلىق بولمىسا، ئۇلۇغلۇقمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ بىز نەپرەتلىنىدىغان، ئەمما كىتابقا يېزىلمىغان ئەڭ دەھشەتلىك خاراكتېرلىرى بولمىسا، توقۇلما ئەدەبىياتمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.
سۈنئىي ئەقىل يارىتالايدىغان ھەر قانداق نەرسە بىزنىڭ روھىمىزدىكى سۇ ئاستى دۇنياسى (يوشۇرۇن ئاڭ) ئۈچۈن بىر سۇلياۋ بېلىقتىن ئارتۇق قىممەتكە ئىگە ئەمەس.
شۇڭا مەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رومان يازغۇچىلىرىغا شۇنداق دەيمەن:
بىر ئاپتور سۈپىتىدە، سىز چوقۇم خاتالىق ئۆتكۈزۈشىڭىز كېرەك. ئاندىن ئاشۇ خاتالىق سىزنىڭ ئەسىرىڭىزدە پۇشايمانسىز ھالدا سىزنىڭ بىر قىسمىڭىزغا ئايلىنىپ، ئۆز ئاۋازىڭىزنى ياراتقۇچە قايتا-قايتا خاتالىق ئۆتكۈزۈشىڭىز كېرەك.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەگەر كىتابىڭىزنى يېزىش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل ئىشلەتكەن بولسىڭىز، سىز باشقا مەنبەلەردىن مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن بىر قورال ئىشلەتكەن بولىسىز. بۇ ماتېرىيال سىزنىڭ ئەمەس. سىز ئۇنى ئۆزىڭىز ياراتقان ياكى ئىگە بولغان نەرسە سۈپىتىدە كۆرسىتەلمەيسىز. ئەسەر ۋاكالەتچىلىرى ۋە نەشرىياتچىلار، شۇنداقلا ئۇلارنى تەمىنلەيدىغان «The Novelry»غا ئوخشاش بەزى يېزىقچىلىق مەكتەپلىرى سىزدىن توقۇلما ئەسىرىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى يارىتىشتا باشلىنىش جۈملىسىدىن تارتىپ تاكى ئاخىرقى نۇقتىغىچە سۈنئىي ئەقىل ئىشلەتمىگەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكا ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ قائىدىسى بويىچە، سۈنئىي ئەقىل ياراتقان ئىجادىي ئەسەرلەر ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ يېتەكچىلىككە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، بىزنىڭ سۈنئىي ئەقىل توغرۇلۇق چىقارغان قائىدە-نىزاملىرىمىزنى ئوقۇڭ.
سۆيۈملۈك يازغۇچىلار، سۈنئىي ئەقىلنى يېزىقچىلىق ھاياتىڭىزدىن يىراق تۇتۇڭ. سۈنئىي ئەقىل ھاياتىڭىزدىكى مەمۇرىي ۋە كۈندىلىك ئاۋارىچىلىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، سىزگە ۋاقىت يارىتىپ بەرسۇن. ئۆزىڭىز ئۈچۈن كىتاب يېزىڭ. سېھىر سىزنىڭ قولىڭىزدا، يېزىقچىلىق ماھارىتىدىن ئىبارەت بۇ سېھىرگەرلىك سەنئىتىنى مەشىق قىلىش، ئۆزىڭىزنى تونۇشتىن ئىبارەت ئاشۇ رەھىمسىز مۇساپە بىلەن بىرلەشكەندە، ئوقۇرمەنلەرنى خۇشال قىلىدۇ ھەمدە سىزنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ.

ماقالە ئاپتورى لۇئىس دېن(Louise Dean) The Novelryيېزىقچىلىق مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجراچى ئەمەلدارى. كۆپلىگەن ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن بۇ يازغۇچى لۇئىس كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، يازغۇچى بولۇشتىن ئىلگىرى لوندون، خوڭ كوڭ ۋە نيۇ-يوركتا ئېلانچىلىق ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئۇنىڭ رومانلىرى دۇنيا مىقياسىدا «Simon & Schuster» ۋە پىنگىۋىن نەشرىياتلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2017-يىلى، «The Bookseller» ژۇرنىلى يازغۇچىلارغا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە 90 كۈن ئىچىدە رومان يېزىپ چىقىش جەڭ ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى ئېلان قىلغان ۋە شۇنىڭ بىلەن «The Novelry» مەكتىپى دۇنياغا كەلگەن.

Leave a Reply