ئەگەر خۇدانىڭ بارلىقىنى ئىلمىي تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولمىسا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش ئۈچۈن نېمىگە تايىنىش كېرەك؟
گېرمانىيە پەيلاسوپى كانت (1724—1804) نىڭ قارىشىچە، ئىنسان ئەقلى ھەممە نەرسىنى بىلەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئەقىلنى ئىككى ساھە بويىچە باھالايدۇ: نەزەرىيەۋى ئەقىل ۋە ئەمەلىي ئەقىل. نەزەرىيەۋى ئەقىل تەجرىبە ئارقىلىق دەلىللىگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ؛ ئەمەلىي ئەقىل بولسا ئەخلاق، ئەركىنلىك ۋە ھاياتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. چۈنكى ئىنسان پەقەتلا ئويلايدىغان بىر مەۋجۇتلۇق بولماستىن، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارار چىقىرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ۋە قىممەت يارىتىدىغان بىر مەۋجۇتلۇقتۇر.
كانت ئىنسانلارنىڭ يوقلۇقتىن بىر نەرسە يارىتالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت خۇداغىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئىنسان زېھنى مۇتلەق يوقلۇقنىمۇ تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ. دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئەمەلىي ئەقىل ئىشقا كىرىشىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ھاياتىنى ئاساسلاش ئۈچۈن پەقەت كۆرۈنۈپ تۇرغان دۇنيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ؛ بەلكى ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە ياخشىلىق مۇمكىن بولىدىغان گۈزەل دۇنيا، مەنىدارلىق ئىزدەيدۇ.
شۇڭلاشقا، كانتنىڭ چۈشەنچىسىدىكى خۇدا ئەنئەنىۋى دىنلار دەۋاتقان خۇدا ئەمەستۇر. خۇدا نەزەرىيەۋى ئەقىل ئىسپاتلىيالايدىغان بىر ئوبيېكت (نەرسە) ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئەقىلنىڭ ئەخلاقىي زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن قوبۇل قىلغان ئالدىنقى شەرتىدۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، خۇدانىڭ بارلىقى بىلىمگە، تەجرىبىگە ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىي ھاياتنىڭ مەنىسىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىياجىغا ئاساسلىنىدۇ.
كانتنىڭ چىقارغان خۇلاسىسى ھەيران قالارلىقتۇر: خۇدانىڭ بارلىقى نەزەرىيە ھەم ئىلىم-پەن (ماددىغا تايانغان تەجرىبىچىلىك) جەھەتتىن ئىسپاتلىنالمايدۇ؛ ئەمما ئىنساننىڭ ئەخلاقىي دۇنياسىنىڭ مەنىلىك بولالىشى ئۈچۈن خۇدانىڭ مەۋجۇت بولۇشى زۆرۈردۇر. چۈنكى ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى تېگىشلىك بولغان مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىد، ئىنساننىڭ ئەخلاقىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئاساسلىق تىرەكلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭلاشقا كانتقا كۆرە .خۇدا بىلىمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئەخلاق ۋە ئېتىقادنىڭ تايانچ نۇقتىسىدۇر
بۇ نۇقتىئىنەزەر پەلسەپە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرىنى يىغىنچاقلاپ بېرىدۇ: بىلىم تۈگىگەن يەردە ئېتىقاد ۋە ئەخلاق باشلىنىدۇ.
خۇدانىڭ بارلىقى ئىلىم-پەن، تەجرىبە نۇقتىسىدىن ئىسپاتلانمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئۈچۈن يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك سەۋەبلىرىمىز بار. كانىت ۋە ئۇنىڭ يولىنى تۇتقان نۇرغۇن پەيلاسوپلارنىڭ قارىشىچە، ئىسپاتنىڭ بولماسلىقى ئېتىقادنى تېخىمۇ قىممەتلىك، تېخىمۇ مەنىلىك ۋە تېخىمۇ ئىنسانىي قىلىدۇ.
كانت ئىنسانلارنىڭ خۇداغا ئىشىنىشىنى ئەخلاقىي ئىزچىللىق ۋە «ئەڭ يۇقىرى ياخشىلىق» بىلەن باغلايدۇ. كانىت ئۈچۈن خۇدا ھەرگىز بىلىمنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ئەمەس، بەلكى ئەخلاقلىق ياشاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئالدىنقى شەرت.
دۇنيادا ھەمىشە پەزىلەتلىك، ياخشى كىشىلەرنىڭ بەختلىك بولالمايدىغانلىقىنى، يامانلارنىڭ بولسا دائىم راھەت-پاراغەت ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ئۆلۈم بىلەن ھەممە نەرسە تۈگەيدىغان ۋە ئادالەت ئورنىتىلمايدىغان بولسا، ئەخلاق كۈرىشى ئاخىرقى ھېسابتا مەنىسىز بىر تىرىشچانلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ.
كانتنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىي ئەقىل ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن بەخت-سائادەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتمەيدۇ، ئىككىسىنىڭ بىرلىشىپ «مۇتلەق ياخشىلىق»نى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ماسلىشىشنى تەمىنلىيەلەيدىغان بىردىنبىر كۈچ بولسا قادىرى مۇتلەق خۇدادۇر، يەنى ئادىل ۋە مۇتلەق بولغان بىر ياراتقۇچىدۇر. شۇڭلاشقا، ئەخلاقلىق ياشاش ئىرادىسى خۇدانىڭ بارلىقىغا بولغان ئەمەلىي ئېتىقادنى زۆرۈر قىلىدۇ.
مەۋجۇدىيەتچى پەيلاسوپ كىكېگارد (Kierkegaard) نىڭ قارىشىچە، خۇدانىڭ ئىسپاتلىنالماسلىقى بىر كەمچىلىك ئەمەس، بەلكى ئېتىقادنىڭ جەۋھىرىدۇر.
ئەگەر خۇدانىڭ بارلىقى ماتېماتىكىلىق بىر ئېنىقلىق بىلەن ئىسپاتلىنالىغان بولسا، ئېتىقاد دېگەن نەرسە قالمايتتى؛ بەلكى ئۇ پەقەت بىلىمگە ئايلىنىپ قالاتتى (خۇددى ئىككىنى ئىككىگە قوشسا تۆت بولىدۇ دېگەندەك).
كىكېگارد ئۈچۈن ئېتىقاد — ئوبيېكتىپ ئېنىقسىزلىققا قارىماي، سۇبيېكتىپ بىر ئىشتىياق بىلەن باغلىنىشتۇر. ئىسپات بولمىغان يەردە ئىنسان مەۋجۇدىيەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن، ھاياتىغا ئاخىرقى بىر مەنا بېغىشلاش ئۈچۈن ئاڭلىق بىر تاللاش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تاللاش ئىنساننى ھاياتقا باغلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك سەۋەبتۇر.
پراگماتىزمنىڭ (ئەمەلىيەتچىلىكنىڭ) باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋىليام جامېس (William James) ئۆزىنىڭ «ئىشىنىش ئىرادىسى» (The Will to Believe) ناملىق ئەسىرىدە، ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىسپاتلار يېتەرسىز بولغان ئەھۋالدا ئېتىقادنىڭ قانداق ئەمەلىي نەتىجىلىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
بەزى سوئاللار (مەسىلەن، خۇدانىڭ بار-يوقلۇقى) نەزەرىيە جەھەتتىن ئېنىقسىز قالىدۇ، چۈنكى ئۇنى تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلاشقا ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ۋە كۈچى يەتمەيدۇ. ئەمما ھايات ياشاۋاتقاندا بۇ مەسىلىدە بىتەرەپ تۇرالمايمىز، بەلكى ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ئوتتۇرىسىدا بىر تاللاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرمىز.
جامېسنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خۇداغا ئىشىنىش شەخسنىڭ ھاياتىغا ئۈمىد، خاتىرجەملىك، ئەخلاقىي كۈچ ۋە روھىي چىدامچانلىق قوشىدىغان بولسا، بۇ ئېتىقاد شۇ كىشى ئۈچۈن توغرا ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر. ئىسپاتنىڭ يوقلۇقى ئېتىقادنىڭ ھاياتنى گۈزەللەشتۈرىدىغان ئەمەلىي كۈچىنى يوقىتالمايدۇ.
بلايس پاسكال (Blaise Pascal) خۇدانىڭ بارلىقىنى ئەقىل بىلەن بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەمما مەسىلىگە بىر ئېھتىماللىق ۋە خەتەرنى كونترول قىلىش نۇقتىسىدىن يېقىنلىشىدۇ:
ئەگەر ئىشىنىپ توغرا قىلسىڭىز، چەكسىز غەنىمەتكە ئېرىشىسىز (جەننەت/ئەبەدىي خاتىرجەملىك).
ئىشىنىپ خاتالاشسىڭىز، خۇدا يوق بولغان تەقدىردىمۇ ھېچنېمىنى يوقاتمايسىز (پەقەت ئادەتتىكى بىر پانىي ھاياتنى ياشىغان بولىسىز)
ئەگەر ئىشەنمەي خاتالاشسىڭىز، يەنى خۇدا ھەقىقەتەن بار بولۇپ قالسا، ئېغىر يوقىتىشقا ئۇچرايسىز، بەلكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئازابلارغا قالىسىز.
پاسكالنىڭ قارىشىچە، ئىسپات بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئىنساندەك بىر ئەقىللىق بارلىق ئۈچۈن ئىشىنىشنى تاللاش ئەڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق «تەۋەككۈلچىلىك»تۇر.
خۇلاسە قىلغاندا، ئەگەر خۇدانىڭ بارلىقى تولۇق ئىسپاتلانغان بولسا، ئەركىن ئىرادە ۋە ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت زور دەرىجىدە يوقالغان بولاتتى؛ چۈنكى ئىنسان جازادىن قورققانلىقى ياكى مۇكاپاتتىن ئېنىق كۆزى يەتكەنلىكى ئۈچۈنلا «ياخشى» بولۇشقا مەجبۇر بولاتتى.
خۇدانىڭ بارلىقىنىڭ ئىسپاتلىنالماسلىقى ئىنساننى بىلىمنىڭ قۇلى بولۇشتىن چىقىرىپ، ئۇنى قىممەت قاراشلار، ئەخلاق ۋە ئەركىن تاللاشنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىسپات بولمىغان يەردە ئىشىنىش ئۈچۈن قالغان ئەڭ چوڭ سەۋەب — ئىنساننىڭ ئۆز ھاياتىغا، ئەخلاقىغا ۋە كائىناتقا مەنا بېغىشلاش ئىرادىسىدۇر.

جاۋاب يېزىش