تارىختا ئادالەت يوق
يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىنكى نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخىنى چۈشىنىش بىر سوئالغا باغلىق: ئىنسانلار بۇنداق ئالاقە تورىنى ساقلاپ قېلىشقا زۆرۈر بولغان بىئولوگىيىلىك ئىستەكلەردىن مەھرۇم قالغان تۇرۇقلۇق، قانداق قىلىپ كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق ھاسىل قىلالىدى؟ قىسقىچە جاۋاب شۇكى، ئىنسانلار تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپلەرنى ياراتتى ۋە يېزىقلارنى ئىجاد قىلدى. بۇ ئىككى ئىجادىيەت بىزنىڭ بىئولوگىيىلىك مىراسىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇردى.
ئەمما، بۇ ئالاقە تورىنىڭ ھەممەيلەنگە بەخت ئېلىپ كېلەلىشى ناتايىن ئىدى. بۇ تورنى تۇتۇپ تۇرغان خىيالىي تەرتىپلەرنى ھەق ۋە ئادىل دېگىلى بولمايتتى. ئۇلار كىشىلەرنى توقۇپ چىقىرىلغان گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ھەرخىل دەرىجىگە ئورۇنلاشتۇردى. يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئىمتىياز ۋە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولدى، تۆۋەن قاتلامدىكىلەر كەمسىتىش ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىدى. مەسىلەن، خاممۇرابى قانۇنى ئالىي تەبىقە، پۇقرالار ۋە قۇللاردىن تەركىب تاپقان دەرىجىلىك تۈزۈم بەلگىلىدى. ئالىي تەبىقىدىكىلەر ھاياتتىكى بارلىق ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشتى. پۇقرالارغا ئاشقان-تاشقىنى تەگدى. قۇللار شىكايەت قىلسا تاياق يېدى.
1776-يىلى ئامېرىكىلىقلار تەسىس قىلغان تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپمۇ، بارلىق ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، يەنىلا بىر خىل دەرىجىلىك تۈزۈم ئورناتتى. ئۇ ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدا دەرىجە پەرقى ياراتقان بولۇپ، ئەرلەر يۇقىرى ئىمتىيازغا ئېرىشكەن بولسا، ئاياللار ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى. ئۇ تۈزۈم يەنە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغۇچى ئاقلار بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنسان دەپ قارالغان قارا تەنلىكلەر ۋە يەرلىك خەلقلەر (ئىندىئانلار) ئوتتۇرىسىدا پەرق ياراتتى. نەتىجىدە ئەرلەرمۇ تەڭ ھوقۇققا ئېرىشەلمىدى. مۇستەقىللىق خىتابنامىسىغا ئىمزا قويغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇلدارلار ئىدى. ئۇلار خىتابنامىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىنمۇ قۇللىرىنى ئازاد قىلمىدى ھەم ئۆزلىرىنى ساختىپەز دەپمۇ قارىمىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ قارا تەنلىكلەر بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق ئىدى.
ئامېرىكانىڭ تۈزۈمى يەنە باي بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى دەرىجىلىك پەرقنىمۇ مۇقەددەسلەشتۈردى. ئۇ چاغدىكى كۆپىنچە ئامېرىكىلىقلار باي ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇل-مېلى ۋە كارخانىلىرىنى پەرزەنتلىرىگە قالدۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان تەڭسىزلىككە ئانچە پەرۋا قىلمايتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، باراۋەرلىك پەقەت ئوخشاش قانۇنلارنىڭ باي-نامراتلارغا تەڭ قوللىنىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئىشسىزلىق ياردىمى، ئورتاق مائارىپ ياكى ساغلاملىق كاپالىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئەركىنلىكنىڭ مەنىسىمۇ بۈگۈنكىدىن پەرقلىق بولۇپ، 1776-يىلدىكى ئەركىنلىك ئۇقۇمى، ھوقۇقسىزلارنىڭ (بولۇپمۇ قارا تەنلىكلەر، يەرلىك خەلقلەر ياكى خۇدا ساقلىسۇن، ئاياللارنىڭ) ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيتتى؛ ئۇ پەقەت دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن باشقا ۋاقىتلاردا پۇقرالارنىڭ شەخسىي مۈلكىنى مۇسادىرە قىلالمايدىغانلىقى ياكى ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بۇيرۇيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. شۇنداق قىلىپ ئامېرىكانىڭ تۈزۈمى بەزىلەر خۇدا بەلگىلىگەن، يەنە بەزىلەر تەبىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى دەپ قارىغان بايلىق دەرىجىلىنىشىنى قوللىدى؛ تەبىئەت تۆھپىكارلىقنى بايلىق بىلەن مۇكاپاتلاپ، ھۇرۇنلۇقنى جازالايدۇ دەپ جاكارلىدى.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق پەرقلەر – ھۆر كىشىلەر بىلەن قۇللار، ئاقلار بىلەن قارىلار، بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر – ھەممىسى ئويدۇرمىغا ئاساسلانغان. (ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى دەرىجە تۈزۈمى كېيىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.) شۇنداقتىمۇ، تارىخنىڭ پولاتتەك قانۇنى شۇكى، ھەر قانداق خىيالىي دەرىجە تۈزۈمى ئۆزىنىڭ ئويدۇرما مەنبەسىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنى تەبىئىي ۋە مۇقەررەر دەپ دەۋا قىلىدۇ. مەسىلەن، ھۆر كىشىلەر بىلەن قۇللار ئوتتۇرىسىدىكى دەرىجە تۈزۈمىنى تەبىئىي ۋە توغرا دەپ قارىغان نۇرغۇن كىشىلەر قۇللۇقنىڭ ئىنسان ئىجادىيىتى ئەمەسلىكىنى دەلىللەشكە تىرىشقان. خاممۇرابى بۇنى ئىلاھلار بەلگىلىگەن دەپ قارىغان. ئارىستوتېل قۇللارنىڭ «قۇللۇق تەبىئىتى»، ھۆر كىشىلەرنىڭ «ھۆرلۈك تەبىئىتى» بار. ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى پەقەت تۇغما تەبىئىتىنىڭ ئىپادىسى خالاس، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان.
ئىرقىي ئۈستۈنلۈك تەرەپدارلىرىدىن ئىرقىي دەرىجە تۈزۈمى توغرىسىدا سورىسىڭىز، ئىرقلار ئوتتۇرىسىدىكى بىئولوگىيىلىك پەرقلەر ھەققىدە ساختا ئىلىم لېكسىيەسىنى ئاڭلايسىز. ئۇنىڭدىن ياۋروپا ئىرقىدىكىلەرنىڭ قېنىدا ياكى گېنىدا ئۇلارنى تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ ئەقىللىق، ئەخلاقلىق ۋە تىرىشچان قىلىدىغان بىر نەرسە بارلىقىنى ئاڭلىشىڭىز مۇمكىن. جاھىل بىر كاپىتالىستتىن بايلىق دەرىجىسى توغرىسىدا سورىسىڭىز، بۇنىڭ ئىقتىدار پەرقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلايسىز. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بايلارنىڭ كۆپرەك پۇلى بار، چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ قابىلىيەتلىك ۋە تىرىشچان. شۇڭا بايلارنىڭ ياخشى ساغلاملىق كاپالىتى، ياخشى مائارىپ ۋە ياخشى ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشىگە ھېچكىم بىر نېمە دېمەسلىكى كېرەك. بايلار ھەر قانداق ئىمتىيازغا ئېرىشىشكە تولۇق ھەقلىق.

ئىرقىي ئايرىمىچىلىق دەۋرىدە، جەنۇبى ئافرىقا دېڭىز ساھىلىغا قويۇلغان، ساھىلنىڭ پەقەت ئاق تەنلىكلەرگىلا ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بەلگە. تېرىسى قارا كىشىلەرگە قارىغاندا تېرىسى ئاق كىشىلەر قۇياش نۇرىدا تېخىمۇ تېز كۆيىدۇ. ئەمما جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دېڭىز بويلىرىنىڭ بۆلۈنۈشىدە ھېچقانداق بىئولوگىيىلىك مەنتىق يوق ئىدى. تېرىسى ئاق كىشىلەرگە ئايرىلغان دېڭىز بويلىرىدا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى ئاز ئەمەس ئىدى.
ئىجتىمائىي قاتلام سىستېمىسىغا ئىشىنىدىغان ھىندىلار كائىنات كۈچلىرى بىر تەبىقىنى يەنە بىر تەبىقىدىن ئۈستۈن قىلغان دەپ ئىشىنىدۇ. ھىندىلارنىڭ داڭلىق يارىتىلىش ئەپسانىسىگە كۆرە، ئىلاھلار دۇنيانى دەسلەپكى مەۋجۇدات پۇرۇسانىڭ بەدىنىدىن ياراتقان: قۇياش ئۇنىڭ كۆزىدىن، ئاي ئۇنىڭ مېڭىسىدىن، براھمانلار (روھانىيلار) ئۇنىڭ ئاغزىدىن، كشاترىيالار (جەڭچىلەر) ئۇنىڭ قوللىرىدىن، ۋايشيالار (دېھقانلار ۋە سودىگەرلەر) ئۇنىڭ يوتىلىرىدىن، شۇدرالار (خىزمەتچىلەر) ئۇنىڭ پۇتلىرىدىن يارىتىلغان. بۇ چۈشەنچىگە كۆرە، بىراھمانلار بىلەن شۇدرالار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي پەرق قۇياش بىلەن ئاي ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئوخشاش تەبىئىي ھەم مەڭگۈلۈك. قەدىمكى خىتايلارنىڭ قارىشىچە، ئىلاھە نۇۋا تۇپراقىن ئادەمنى ياراتقاندا ئېسىلزادىلەرنى سېرىق تۇپراقتىن، پۇقرالارنى قوڭۇر لايدىن ياراتقان.
بىراق، بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزچە، بۇ دەرىجە تۈزۈملىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسان خىيالىنىڭ مەھسۇلاتى. براھمانلار ۋە شۇدرالار ھېچقاچان ئىلاھلار تەرىپىدىن دەسلەپكى مەۋجۇداتنىڭ ھەرخىل ئەزالىرىدىن يارىتىلمىغان. ئەكسىچە، ئىككى تەبىقە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تەخمىنەن 3000 يىل بۇرۇن شىمالىي ھىندىستاندا ئىنسانلار ئىجاد قىلغان قانۇن ۋە پرىنسىپلار تەرىپىدىن يارىتىلغان. ئارىستوتېلنىڭ دېگىنىنىڭ ئەكسىچە، قۇللار بىلەن ھۆر كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مەلۇم بىئولوگىيىلىك پەرق يوق. ئىنسان قانۇنلىرى ۋە پرىنسىپلىرى بەزى كىشىلەرنى قۇلغا، بەزىلىرىنى خوجايىنغا ئايلاندۇرغان.
كۆپىنچە كىشىلەر ئۆز جەمئىيىتىدىكى دەرىجە تۈزۈمىنى تەبىئىي ۋە ئادىل، باشقا جەمئىيەتلەرنىڭكىنى ساختا ۋە كۈلكىلىك ئۆلچەملەرگە ئاساسلانغان دەپ دەۋا قىلىدۇ. بۈگۈنكى غەربلىكلەر ئىرقىي دەرىجە تۈزۈمىنى مەسخىرە قىلىشقا ئۆگىتىلگەن. ئۇلار قارا تەنلىكلەرنىڭ ئاقلار رايونىدا ياشىشىنى، ئاقلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇشىنى ياكى ئاقلارنىڭ دوختۇرخانىلىرىدا داۋالىنىشىنى چەكلەيدىغان قانۇنلاردىن چۆچۈيدۇ. ئەمما باي-نامراتلارنىڭ دەرىجىلىنىشىنى، يەنى بايلارنىڭ ھەشەمەتلىك رايونلاردا ئايرىم ياشىشىنى، داڭلىق مەكتەپلەردە ئايرىم ئوقۇشىنى، شارائىتى ياخشى مەركەزلەردە داۋالىنىشىنى بەلگىلەيدىغان تۈزۈم نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ۋە ياۋروپالىقلارغا پۈتۈنلەي مۇۋاپىق تۇيۇلىدۇ.
ئەپسۇسكى، مۇرەككەپ جەمئىيەتلەر تەسەۋۋۇردىكى دەرىجە تۈزۈمى ۋە ناھەق كەمسىتىشكە مۇھتاجدەك كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە، بارلىق دەرىجە تۈزۈمى ئەخلاقىي تەرەپتىن ئوخشاپ كەتمەيدۇ، بەزى جەمئىيەتلەر باشقا جەمئىيەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچرىغان، بىراق ئالىملار كەمسىتىشنى پۈتۈنلەي يوقاتقان چوڭ جەمئىيەتنى بىلمەيدۇ. كىشىلەر نوپۇسنى تەسەۋۋۇردىكى تۈرلەر بويىچە يۇقىرى تەبىقە، پۇقرا ۋە قۇل؛ ئاقلار ۋە قارىلار؛ ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئاددىي پۇقرالار؛ بىراھمانلار ۋە شۇدرالار؛ بايلار ۋە كەمبەغەللەر دەپ ئايرىشنى داۋام قىلدى. بۇ كاتاگورىيەلەر بەزى ئىنسانلارنى قانۇن، سىياسەت ۋە مەرتىۋە جەھەتتىن باشقىلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ باشقا مىليونلىغان ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشىدى.
دەرىجە تۈزۈمى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلار پۈتۈنلەي ناتونۇش كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇشقا ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلماي تۇرۇپ، قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىشىگە ئىمكان بېرىدۇ. جورج بېرنارد شاۋنىڭ «گۈل ساتقۇچى قىز» ناملىق ئەسىرىدە، ھېنرى ھىگنىس ئېلىزا دۇلىتېل بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن تونۇشۇشقا موھتاج ئەمەس. ئۇنىڭ سۆزلىشىنى ئاڭلاشلا ئۇنىڭ تۆۋەن تەبىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بېرىدۇ. بۈگۈن گۈل دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان ئېلىزا ھەر كۈنى دۇكانغا كىرىدىغان ئونلىغان كىشىلەرگە قىزىلگۈل ۋە گۈلسۆسەر سېتىشقا قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك. ئۇ ھەر بىر خېرىدارنىڭ زوقى ۋە يانچۇقىنىڭ توملۇقىنى تەپسىلىي سۈرۈشتە قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ ئىجتىمائىي بەلگىلەرنى – كىشىنىڭ كىيىنىشى، يېشى ۋە سىياسىي جەھەتتىن توغرا بولمىسىمۇ تېرىسىنىڭ رەڭگىگە قارايدۇ.
ئەلۋەتتە، تەبىئىي قابىلىيەتتىكى پەرقلەرمۇ ئىجتىمائىي پەرقلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە رول ئوينايدۇ. ئەمما بۇنداق قابىلىيەت ۋە خاراكتېر پەرقلىرى ئادەتتە خىيالىي دەرىجىلىنىشلەر ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. بۇ، ئىككى مۇھىم يول بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئالدى بىلەن، كۆپلىگەن قابىلىيەتلەر ئۇنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھتاج. ئادەم مەلۇم تالانت بىلەن تۇغۇلغان بولسىمۇ، بۇ تالانت تەربىيىلەنمىسە، چېنىقتۇرۇلمىسا ۋە مەشىق قىلدۇرۇلمىسا، ئادەتتە يوشۇرۇن پېتى قالىدۇ.
ھاررى پوتتېر ياخشى بىر مىسال. داڭلىق سېھىرگەر ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، نادان ماگگىللار تەرىپىدىن چوڭ قىلىنغان ھاررى، ھوگۋارتسقا سېھىر ئىلمىدە ھېچقانداق تەجرىبىسى يوق ھالدا كېلىدۇ. ئۇ يەتتە كىتابنى ئوقۇپ چىقىپ، ئۆز كۈچى ۋە ئالاھىدە قابىلىيەتلىرىنى تولۇق چۈشىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ھەر خىل تەبىقىلەرگە تەۋە كىشىلەر ئوخشاش قابىلىيەتلەرنى يېتىلدۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئوخشىمىغان قائىدىلەر بويىچە رول ئويناشقا مەجبۇر بولغاچقا، ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. بىرىتانىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندىستاندا، چېقىلىشقا بولمايدىغان كىشىلەردىن بىرى براھمان، بىرى ئىرلاندىيىلىك كاتولىك، يەنە بىرى ئەنگلىيىلىك پروتېستانت ئىدى؛ ئۇلار قانداقتۇر بىر يول بىلەن ئوخشاش تىجارەت قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، باي بولۇش پۇرسىتى ئوخشاش بولمايتتى. ئىقتىسادىي ئويۇن قانۇنىي چەكلىمىلەر بىلەن ھۆكۈمەتسىز كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىدا ئىدى.
ناچار دەۋرىيلىك (گىرداپ)
بارلىق جەمئىيەتلەر تەسەۋۋۇردىكى دەرىجە تۈزۈمىگە ئاساسلانغان بولسىمۇ، ئوخشاش دەرىجە تۈزۈمىگە ئاساسلانمىغان. بۇ پەرقلەرنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ھىندىستان جەمئىيىتى كىشىلەرنى تەبىقە تۈزۈمىگە، ئوسمانلى جەمئىيىتى دىنغا، ئامېرىكا جەمئىيىتى بولسا ئىرققا ئاساسەن بۆلگەن؟ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، دەرىجە تۈزۈمى تاسادىپىي تارىخىي شارائىتلار نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، ئاندىن ھەرخىل گۇرۇپپىلار ئۇنىڭدىن مەنپەئەتدار بولغاچقا، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ساقلىنىپ تەرەققىي قىلغان.
مەسىلەن، نۇرغۇن ئالىملارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ھىندى تەبىقە سىستېمىسى تەخمىنەن 3000 يىل بۇرۇن ھىندى-ئارىيان خەلقلىرى ھىندىستان يېرىم ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ، يەرلىك خەلقنى بويسۇندۇرغاندا شەكىللەنگەن. تاجاۋۇزچىلار قاتلاملاشقان جەمئىيەت قۇرۇپ، ئۆزلىرى ئەلۋەتتە يېتەكچى ئورۇنلارنى (روھانىيلار ۋە جەڭچىلەر) ئىگىلىگەن، يەرلىكلەرنى خىزمەتچى ۋە قۇل قىلىپ ياشاتقان. سانى ئاز بولغان تاجاۋۇزچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن. بۇ خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلار خەلقنى تەبىقىلەرگە بۆلگەن، ھەر بىر تەبىقە مەلۇم كەسىپ ياكى جەمئىيەتتىكى مەلۇم رولنى ئۆتەشكە مەجبۇر قىلىنغان. تەبىقىلەر ئارىسىدىكى پەرقلەر پەقەت قانۇنىي بولۇپلا قالماستىن، دىنىي ئەقىدە ۋە ئەمەلىيەتنىڭمۇ ئاجرالماس قىسمىغا ئايلانغان.
ھۆكۈمرانلار تەبىقە سىستېمىسىنىڭ تاسادىپىي تارىخىي تەرەققىيات ئەمەسلىكىنى، بەلكى مەڭگۈلۈك دۇنيانىڭ رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. پاكلىق ۋە ناپاكلىق چۈشەنچىلىرى ھىندۇ دىنىنىڭ مۇھىم ئېلېمېنتلىرى بولۇپ، ئۇلار ئىجتىمائىي پىرامىدانى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان. تەقۋادار ھىندىلارغا باشقا تەبىقە ئەزالىرى بىلەن ئالاقە قىلىش پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئەمەس، پۈتۈن جەمئىيەتنى بۇلغايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىش كېرەك دەپ ئۆگىتىلگەن. بۇنداق ئىدىيىلەر پەقەت ھىندىلارغىلا خاس ئەمەس. تارىخ بويىچە بارلىق جەمئىيەتلەردە، پاكلىق ۋە ناپاكلىق چۈشەنچىلىرى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بۆلۈنۈشلەرنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىغان ۋە نۇرغۇن ھۆكۈمران سىنىپلار ئۆز ئىمتىيازلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلانغان. ناپاكلىق قورقۇنچى روھانىيلار ۋە شاھزادىلەرنىڭ ئويدۇرمىسى ئەمەس. ئۇ ئېھتىمال ئىنسانلارنىڭ كېسەل يۇقتۇرغۇچىلار، كېسەل كىشىلەر ۋە ئۆلۈكلەرگە قارىتا تەبىئىي نەپرەت تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدىغان بىئولوگىيەلىك ھايات قېلىش مېخانىزمىدىن كېلىپ چىققان.
ھىندى تەبىقە سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پاكلىق قانۇنلىرى ھىندىستان مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى. ھىندى-ئارىيان تاجاۋۇزچىلىقى ئۇنتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، ھىندىستانلىقلار تەبىقە سىستېمىسىغا ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇردى ۋە تەبىقىلەرنىڭ ئارىلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بۇلغىنىشتىن نەپرەتلەندى. تەبىقىلەر ئۆزگىرىشتىن خالىي ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، چوڭ تەبىقىلەر تارماق تەبىقىلەرگە بۆلۈندى. ئاخىرىدا ئەسلىدىكى تۆت تەبىقە «جاتى» (تۇغۇلۇش) دەپ ئاتالغان 3000 گە يېقىن گۇرۇپپىغا ئايلاندى؛ بىراق تەبىقىلەرنىڭ كۆپىيىشى سىستېمىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىنى ئۆزگەرتمىدى. بۇ پرىنسىپقا ئاساسەن، ھەر بىر ئادەم مەلۇم بىر دەرىجىدە تۇغۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قائىدىلىرىنى بۇزۇش شەخس ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنى بۇلغايدۇ. ئادەمنىڭ جاتىسى (تۇغۇلۇشى) ئۇنىڭ كەسپىنى، يېيەلەيدىغان يېمەكلىكلىرىنى، تۇرار جايىنى ۋە نىكاھلىنالايدىغان جۈپتىلىرىنى بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە بىر ئادەم پەقەت ئۆز تەبىقىسى ئىچىدىلا ئۆيلىنەلەيدۇ ۋە پەرزەنتلىرى شۇ ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.
يېڭى كەسىپ ياكى يېڭى گۇرۇپپا پەيدا بولغاندا، ئۇلار ھىندى جەمئىيىتىدە قانۇنلۇق ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم تەبىقە سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك ئىدى. تەبىقە سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنالمىغان گۇرۇپپىلار جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلغانلار بولۇپ، ئۇلار ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىمۇ تۇرالمايتتى. ئۇلار «تېگىشكە بولمايدىغانلار» دەپ ئاتالغان بولۇپ، باشقا كىشىلەردىن ئايرىم ياشاشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئەخلەت دۆۋىلىرىدىن قالدۇق نەرسىلەرنى تېرىش دېگەندەك خار ھەم يىرگىنىشلىك ئىشلار بىلەن جان باققان.
بۈگۈنكى ھىندىستاندا، دېموكراتىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق پەرقلەرنى يوقىتىش ۋە تەبىقىلەر ئارىلىشىشىنىڭ ھېچقانداق بۇلغىنىش كەلتۈرمەيدىغانلىقىغا ھىندىلارنى قايىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، نىكاھ ۋە خىزمەت مەسىلىلىرى يەنىلا تەبىقە سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ.

Leave a Reply