ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(15)

بېيروكراتلىقنىڭ مۆجىزىلىرى

مېسوپوتامىيەلىكلەر ئاخىرى زېرىكىشلىك ماتېماتىكىلىق مەلۇماتلاردىن باشقا نەرسىلەرنىمۇ يېزىشنى خالايدىغان بولدى. مىلادتىن بۇرۇنقى 3000-يىلدىن 2500-يىلغىچە، سۇمېر يېزىقىغا تېخىمۇ كۆپ بەلگىلەر قوشۇلۇپ، ئاستا-ئاستا بىز بۈگۈن مىخ يېزىقى دەپ ئاتايدىغان تولۇق يېزىققا ئايلاندى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2500-يىلغا كەلگەندە، پادىشاھلار پەرمان چىقىرىش، روھانىيلار ۋەھىيلەرنى خاتىرىلەش، ئاددىي پۇقرالار بولسا شەخسىي خەت يېزىش ئۈچۈن مىخ يېزىقىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى. تەخمىنەن ئوخشاش دەۋردە، مىسىرلىقلار ھىيروگلىف دەپ ئاتالغان يەنە بىر تولۇق يېزىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. باشقا تولۇق يېزىقلار خىتايدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 1200-يىلى،  ئوتتۇرا ئامېرىكىدا بولسا مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000-500 يىللار ئارىسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

بۇ دەسلەپكى مەركەزلەردىن تولۇق يېزىقلار كەڭ تارقىلىپ، ھەر خىل يېڭى شەكىللەر ۋە يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى. كىشىلەر شېئىر، تارىخ كىتابلىرى، رومانلار، دراما، پالچىلىق ۋە تاماق رېتسېپلىرىنى يېزىشقا باشلىدى. بىراق، يېزىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى يەنىلا كۆپ مىقداردىكى ماتېماتىكىلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش بولۇپ، بۇ ۋەزىپە قىسمەن يېزىقنىڭ ئىمتىيازى بولۇپ قالدى. ئىبرانىيچە تەۋرات، گرېكچە «ئىلىئادا»، ھىندىچە «ماھابھاراتا» ۋە بۇددا نوملىرىنىڭ ھەممىسى دەسلەپتە ئاغزاكى ئەسەرلەر سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئېغىزدىن-ئېغىزغا يەتكۈزۈلگەن، ھەتتا يېزىق ئىجاد قىلىنمىغان بولسىمۇ ئۇلار داۋاملاشقان بولاتتى. ئەمما باج خاتىرىلىرى ۋە مۇرەككەپ مەمۇرىي سىستېمىلار قىسمەن يېزىق بىلەن بىللە تۇغۇلغان بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر تۇتاش بوۋاقلاردەك بىر-بىرىگە باغلىنىپ كەلمەكتە.  كومپيۇتېرنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە جەدۋەللىرىدىكى سىرلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئويلاپ بېقىڭ.

تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەر يېزىلغانسېرى، بولۇپمۇ مەمۇرىي ئارخىپلار زور دەرىجىدە كۆپەيگەنسېرى، يېڭى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. كىشىنىڭ مېڭىسىدە ساقلانغان ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تېپىش ئاسان . مېنىڭ مېڭەم مىلياردلىغان ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن ئىتالىيەنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمىنى ھەش-پەش دېگۈچە ئەسلىيەلەيمەن، ئاندىن 2001-يىل 11-سېنتەبىر نېمە قىلغانلىقىمنى ئەسلىيەلەيمەن، ئاندىن ئۆيۈمدىن ئېرۇسالىمدىكى ئىبرانىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارىدىغان يولنى ئەسلىيەلەيمەن. مېڭىنىڭ بۇنى قانداق بېجىرىدىغانلىقى تېخىچە بىر سىر، ئەمما بىز ماشىنا ئاچقۇچىمىزنى قەيەرگە قويغانلىقىمىزنى ئەسلەشكە تىرىشقان ۋاقتىمىزدىن باشقا چاغلاردا، مېڭىنىڭ ئەسلەش سىستېمىسىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

ئەمما كىپۇس تانىلىرى ياكى لاي تاختايلاردا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى قانداق تېپىپ ئېلىش كېرەك؟ ئەگەر سىزدە ئون ياكى يۈز تاختاي بولسا، بۇ مەسىلە ئەمەس. ئەمما خاممۇرابىنىڭ زامانداشلىرىدىن بىرى، مارى پادىشاھى زىمرىلىمغا ئوخشاش مىڭلىغان تاختايلارنى توپلىغان بولسىڭىزچۇ؟

مىلادىدىن بۇرۇنقى 1776-يىلنى بىر دەقىقە تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. مارى پادىشاھلىقىدىكى ئىككى پۇقرا بىر بۇغداي ئېتىزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى تالىشىۋاتىدۇ. ياقۇپ بۇ ئېتىزنى ئوتتۇز يىل بۇرۇن ئەسەتتىن سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەسەت بولسا ئەمەلىيەتتە ئېتىزنى ياقۇپقا ئوتتۇز يىللىق مۇددەت بىلەن ئىجارىگە بەرگەنلىكىنى، ھازىر مۇددەت توشقاچقا، ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار ۋارقىراپ-جارقىراپ، بىر-بىرىنى ئىتتىرىشكە باشلايدۇ، ئاندىن پادىشاھلىقنىڭ بارلىق كۆچمەس مۈلۈكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە سېتىش توختاملىرى ساقلىنىدىغان ئارخىپخانىغا بېرىپ تالاش-تارتىشنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئارخىپخانىغا يېتىپ كەلگەندە، ئارخىپلار بىر ئەمەلداردىن يەنە بىر ئەمەلدارغا يوللىنىدۇ. ئۇلار بىر قانچە قېتىم چاي ئىچىش تەنەپپۇسىنى كۈتىدۇ، ئەتە كېلىشكە بۇيرۇلىدۇ ۋە ئاخىرى غودۇڭشىغان بىر كاتىپ ئۇلارنى باشلاپ، مۇناسىۋەتلىك لاي تاختىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. كاتىپ بىر ئىشىكنى ئېچىپ، ئۇلارنى پولدىن تاۋانغىچە مىڭلىغان لاي تاختايلار تىزىلغان چوڭ بىر زالغا باشلاپ كىرىدۇ. كاتىپنىڭ چىرايى تۈرۈك بولۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۇ ئوتتۇز يىل بۇرۇن يېزىلغان، تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان بۇغداي ئېتىزىنىڭ ھۆججىتىنى قانداقمۇ تاپسۇن؟ ھەتتا تاپقان تەقدىردىمۇ، ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى ھۆججەتنىڭ مەزكۇر ئېتىزغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ھۆججەت ئىكەنلىكىنى قانداق تەكشۈرۈپ جەزملەشتۈرەلەيدۇ؟ ئەگەر تاپالمىسا، بۇ ئەسەتنىڭ ئېتىزنى ھېچقاچان ساتمىغانلىقى ياكى ئىجارىگە بەرمىگەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟ يا بولمىسا ھۆججەتنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ياكى ئارخىپقا يامغۇر چۈشۈپ چىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتەمدۇ؟

ئېنىقكى، بىر ھۆججەتنى لايغا ئويۇپ يېزىش سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك، توغرا ۋە قولايلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كاتالوگ تۇرغۇزۇشتەك رەتلەش ئۇسۇللىرى، كۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشتەك كۆپەيتىش ئۇسۇللىرى، كومپيۇتېر ئالگورىزملىرىغا ئوخشاش تېز ۋە توغرا ئىزدەش ئۇسۇللىرى ۋە بۇ قوراللارنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان مۇتەئەسسىپ (ئەمما ئۈمىد قىلىمىزكى، ئوچۇق-يورۇق) كۇتۇپخانىچىلار كېرەك.

بۇنداق ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىش يېزىق ئىجاد قىلىشتىنمۇ كۆپ قىيىن بولۇپ چىقتى. نۇرغۇن يېزىق سىستېمىلىرى ۋاقىت ۋە ماكان جەھەتتىن بىر-بىرىدىن يىراق مەدەنىيەتلەردە مۇستەقىل ھالدا تەرەققىي قىلدى. ئارخېئولوگلار ھەر ئون يىلدا يەنە بىر قانچە ئۇنتۇلغان يېزىقلارنى بايقاپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا سۇمېرلارنىڭ لايغا ئويغان يېزىقلىرىدىنمۇ قەدىمىي بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قىزىقارلىق نەرسىلەر بولۇپلا قالدى، چۈنكى ئۇلارنى ئىجاد قىلغانلار سانلىق مەلۇماتلارنى كاتالوگلاش ۋە ئىزدەپ تېپىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلالمىدى. سۇمېر، پىرئەۋن مىسىرى، قەدىمكى خىتاي ۋە ئىنكا ئىمپېرىيەسىنى پەرقلەندۈرگەن نەرسە، ئۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ يېزىق خاتىرىلىرىنى ئارخىپلاش، كاتالوگلاش ۋە ئىزدەپ تېپىشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدۇر.

ئۇلار يەنە مىرزا، كاتىپ، كۇتۇپخانىچى ۋە ھېسابچىلار ئۈچۈن مەكتەپلەرگە مەبلەغ سالدى. بۈگۈنكى ئارخېئولوگلار بايقىغان قەدىمكى مېسوپوتامىيەدىكى بىر مەكتەپتىكى يېزىق مەشىقى بىزگە 4000 يىل بۇرۇنقى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىغا نەزەر تاشلاش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ:

«مەن كىرىپ ئولتۇردۇم، ئوقۇتقۇچۇم تاختامنى ئوقۇدى. ئۇ: ‹بىر نەرسە كەم!› دېدى ۋە مېنى قامچىلىدى. مەسئۇللاردىن بىرى: ‹نېمىشقا مېنىڭ رۇخسىتىمسىز گەپ قىلىسەن؟› دېدى ۋە مېنى قامچىلىدى. تەرتىپ مەسئۇلى: ‹نېمىشقا مېنىڭ رۇخسىتىمسىز ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ؟› دېدى ۋە مېنى قامچىلىدى. دەرۋازىۋەن: ‹نېمىشقا مېنىڭ رۇخسىتىمسىز چىقىپ كېتىسەن؟› دېدى ۋە مېنى قامچىلىدى. پىۋا كۈپىنىڭ مەسئۇلى: ‹نېمىشقا مېنىڭ رۇخسىتىمسىز ئالدىڭ؟› دېدى ۋە مېنى قامچىلىدى. سۇمېر ئوقۇتقۇچىسى: ‹نېمىشقا ئاككاد تىلىدا سۆزلىدىڭ؟› دېدى ۋە مېنى قامچىلىدى. ئوقۇتقۇچۇم: ‹خېتىڭ ياخشى ئەمەس!› دېدى ۋە مېنى قامچىلىدى».

قەدىمكى مىرزىلار پەقەت ئوقۇش ۋە يېزىشنىلا ئەمەس، بەلكى كاتالوگ، لۇغەت، كالېندار، فورما ۋە جەدۋەللەرنى ئىشلىتىشنىمۇ ئۆگەندى. ئۇلار مېڭىدىكىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئۇچۇرلارنى كاتالوگلاش، ئىزدەپ تېپىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەندى ھەم ئۆزلەشتۈردى. مېڭىدە، بارلىق سانلىق مەلۇماتلار ئەركىن باغلىنىشتا بولىدۇ. مەن جۈپتۈم بىلەن يېڭى ئۆيىمىزنىڭ قەرزى ئۈچۈن ئىمزا قويۇشقا بارغاندا، بىز بىللە ياشىغان تۇنجى جاي ئېسىمگە كېلىدۇ، ئۇ ماڭا نيۇ ئورلېئاندىكى شىرىن ئاي سەپىرىمىزنى ئەسلىتىدۇ، ئاندىن ئۇ ماڭا تىمساھلارنى ئەسلىتىدۇ، تىمساھلار ئەجدىھالارنى ئەسلىتىدۇ، تىمساھلار «نىبېلونگېن ئۈزۈكى»[1]نى ئەسلىتىدۇ، ئاندىن تۇيۇقسىز، گاڭگىراپ قالغان بانكا خادىمىغا ئىختىيارسىز سىگفرىد مۇزىكىسىنى[2] غىڭشىپ قويىمەن. مەمۇرىي ئىشلاردا، نەرسىلەر چوقۇم ئايرىم تۇرۇشى كېرەك. ئۆي قەرزلىرى ئۈچۈن بىر تارتما، نىكاھ گۇۋاھنامىلىرى ئۈچۈن يەنە بىر تارتما، باج خاتىرىلىرى ئۈچۈن ئۈچىنچى تارتما، دەۋا-دەستۇرلار ئۈچۈن تۆتىنچى تارتما بولۇشى كېرەك. بولمىسا، بىر نەرسىنى قانداق تاپقىلى بولسۇن؟ ۋاگنېرنىڭ مۇزىكىلىق درامىلىرىغا ئوخشاش بىردىن ئارتۇق تارتمىغا تەۋە نەرسىلەر ئادەمگە باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدۇ ( ئۇ نەرسىلەرنى «مۇزىكا»غا قويامدىم، «تىياتىر»غا قويامدىم، ياكى يېڭى بىر كاتېگورىيە ئىجاد قىلامدىم؟)،  شۇڭا كىشىلەر ھەر زامان تارتمىلارنى قوشىدۇ، چىقىرىۋېتىدۇ ھەم قايتا رەتلەپ تۇرىدۇ.

بۇنداق تارتما سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئىنسانلاردەك ئويلاشنى توختىتىپ، كاتىپ ۋە ھېسابچىلاردەك ئويلاشقا قايتا پروگراممىلىنىشى كېرەك. قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ھەممەيلەن بىلگەندەك، كاتىپ ۋە ھېسابچىلار ئىنسانىي بولمىغان ئۇسۇلدا، يەنى ھۆججەت تارتمىلىرىدەك رەتلىك ئۇسۇلدا ئويلايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بۇ ئۇسۇلدا ئويلىمىسا، تارتمىلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ ۋە ھۆكۈمەت، شىركەت ياكى تەشكىلاتى تەلەپ قىلغان مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. يېزىقنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن ئەڭ مۇھىم تەسىرى دەل مۇشۇ: ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئويلاش ۋە دۇنيا قاراش ئۇسۇلىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتكەن؛ ئەركىن باغلىنىش ۋە بىر پۈتۈن ئىدىيەنى بۆلەكلەرگە ئايرىشقا ۋە بېيرۇكراتلىققا يول قويغان.

سانلارنىڭ تىلى

ئەسىرلەر ئۆتكەنسېرى، مەمۇرىي سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ئويلاش ئۇسۇلىدىن تېخىمۇ پەرقلەندى ۋە تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ كەتتى. مىلادىيە 9-ئەسىردىن بۇرۇن، ماتېماتىكىلىق مەلۇماتلارنى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۈنۈم بىلەن ساقلايدىغان ھەم بىر تەرەپ قىلالايدىغان يېڭى بىر قىسمەن يېزىق ئىجاد قىلىنغاندا، ھالقىلىق بىر قەدەم بېسىلدى. بۇ قىسمەن يېزىق 0 دىن 9 غىچە بولغان سانلارنى ئىپادىلەيدىغان ئون بەلگىدىن تەركىب تاپقانىدى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ بەلگىلەر گەرچە دەسلەپتە ھىندىستانلىقلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بولسىمۇ، «ئەرەب رەقەملىرى» دەپ ئاتىلىدۇ (تېخىمۇ قىزىق يېرى، بۈگۈنكى ئەرەبلەر غەربلىكلەرنىڭىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق كۆرۈنىدىغان رەقەملەرنى ئىشلىتىدۇ). لېكىن ئەرەبلەر بۇنىڭ شەرىپىگە ئېرىشتى، چۈنكى ئۇلار ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندا بۇ سانلىق سىستېمىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندى، ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئوتتۇرا شەرق ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقاتتى. كېيىنچە ئەرەب رەقەملىرىگە باشقا بەلگىلەر (مەسىلەن، قوشۇش، ئېلىش ۋە كۆپەيتىش بەلگىلىرى) قوشۇلغاندا، زامانىۋى ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنىڭ ئاساسى شەكىللەندى.

گەرچە بۇ يېزىق سىستېمىسى يەنىلا قىسمەن يېزىق بولسىمۇ، ئۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمران تىلىغا ئايلاندى. دۆلەت، شىركەت، تەشكىلات ۋە مۇئەسسەسەلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، مەيلى ئۇلار ئەرەبچە، ھىندىچە، ئىنگلىزچە ياكى نورۋېگچە سۆزلىسۇن،  سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ماتېماتىكىلىق يېزىقنى ئىشلىتىدۇ. ماتېماتىكىلىق يېزىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان ھەر قانداق ئۇچۇر ئەقىل يەتمەس تېزلىك ۋە ئۈنۈم بىلەن ساقلىنىدۇ، تارقىلىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

شۇڭا، ھۆكۈمەت، تەشكىلات ۋە شىركەتلەرنىڭ قارارلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان كىشى چوقۇم سانلار بىلەن سۆزلەشنى ئۆگىنىشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر ھەتتا «نامراتلىق»، «بەخت» ، «سەمىمىيلىك» دېگەندەك چۈشەنچىلەرنىمۇ سانلارغا ( «نامراتلىق سىزىقى»، «سۇبيېكتىپ پاراۋانلىق سەۋىيەسى»، «كرېدىت دەرىجىسى») ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. فىزىكا ۋە ئىنژېنېرلىققا ئوخشاش بىلىم ساھەلىرى ئېغىز تىلى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاساسەن ئۈزۈپ، پەقەت ماتېماتىكىلىق يېزىق بىلەنلا داۋاملاشماقتا.

نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن، ماسسىنىڭ يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدىكى تېزلىنىشىنى ھېسابلايدىغان تەڭلىمىنى كۆرگەندە، كۆپىنچە ئادەتتىكى كىشىلەر خۇددى تېز كېلىۋاتقان ماشىنىنىڭ چىرىغىغا دۇچ كەلگەن بۆكەندەك، قورقۇپ قېتىپلا قالىدۇ. بۇ ئىنكاس تامامەن نورمال بولۇپ، ئەقىل ياكى قىزىقىشنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاز ساندىكى ئىستىسنالارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىنسان مېڭىسى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە كۋانت مېخانىكىسىغا ئوخشاش چۈشەنچىلەرنى ئويلاپ چۈشىنىشكە ئاجىز. شۇنداق بولسىمۇ، فىزىكلار ئەنئەنىۋى ئىنسانىي ئويلاش ئۇسۇلىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، سىرتقى سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭىچە ئويلاشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئويلاش جەريانىدىكى مۇھىم قىسىملار مېڭىدە ئەمەس، بەلكى كومپيۇتېرلار ياكى سىنىپتىكى دوسكىلاردا يۈز بېرىدۇ.

يېقىندا، ماتېماتىكىلىق يېزىق تېخىمۇ ئىنقىلابىي بىر يېزىق سىستېمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ پەقەت 0 ۋە 1 دىن ئىبارەت ئىككى خىل بەلگىدىن تۈزۈلگەن كومپيۇتېرلىق ئىككىلىك يېزىقتۇر. مەن ھازىر كۇنۇپكا تاختىسىدا يېزىۋاتقان سۆزلەر كومپيۇتېرىمدا 0 ۋە 1 نىڭ ھەرخىل بىرىكمىلىرى ئارقىلىق يېزىلماقتا.

يېزىق دەسلەپتە ئىنسان ئېڭىنىڭ خىزمەتچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، بارغانسېرى ئۇنىڭ خوجايىنىغا ئايلانماقتا. كومپيۇتېرلىرىمىز ھومو ساپىيانسنىڭ قانداق سۆزلەيدىغانلىقى، ھېس قىلىدىغانلىقى ۋە چۈش كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشتە قىينىلىدۇ. شۇڭا بىز ھومو ساپىيانسقا كومپيۇتېرلار چۈشىنەلەيدىغان سانلار تىلىدا سۆزلەشنى، ھېس قىلىشنى ۋە چۈش كۆرۈشنى ئۆگىتىۋاتىمىز.

بۇ ھېكايە تېخى ئاخىرلاشمىدى. سۈنئىي ئەقىل ساھەسى پەقەت كومپيۇتېرلارنىڭ ئىككىلىك يېزىقىغا ئاساسلانغان يېڭى بىر خىل ئەقىل يارىتىشقا تىرىشماقتا. «خاككېرلار ئىمپېرىيىسى» ۋە «ئاخىرلاشتۇرغۇچى»غا ئوخشاش ئىلمىي-فانتازىيە كىنولىرى ئىككىلىك يېزىق ئىنسانىيەتنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چۆرۈپ تاشلايدىغان كۈننى تەسۋىرلەيدۇ. ئىنسانلار ئۆزلىرىگە ئاسىيلىق قىلغان يېزىقنى قايتا كونترول قىلماقچى بولغاندا، ئۇ يېزىق ئىنسان ئىرقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.

ئىزاھات: ئاكاد تىلى ئېغىز تىلىغا ئايلانغاندىن كېيىنمۇ، سۇمېر تىلى يەنىلا ھۆكۈمەت تىلى بولۇشنى داۋام قىلغان، شۇ سەۋەبتىن ئۇ يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تىل بولۇپ قالغان. شۇڭا ئۇ دەۋردە مەسئۇلىيەتچان كاتىپلارنىڭ ھەممىسى سۇمېر تىلىدا سۆزلىشى كېرەك ئىدى.   


[1]نىبېلونگېن ئۈزۈكى گېرمانلارنىڭ مۇزىكىلىق درامىسى بولۇپ، مۇزىكىسىنى رىچارد ۋاگنېر (1848-1874) ئىشلىگەن.  

[2]  رىچارد ۋاگنېرنىڭ بىر مۇزىكىسى.

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading