ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (14)

زىيادە ئەس-خاتىرە

تەدرىجىي تەرەققىيات ئىنسانلارنى پۇتبول ئوينىيالايدىغان قىلىپ چىقمىغان. دەرۋەقە، ئۇ تەپكىلى پۇت، خاتا ھەرىكەت قىلغىلى جەينەك ۋە تىللاشقىلى ئېغىز بەرگەن، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە پەقەت ئۆزىمىز جازا توپ تېپىشىنى مەشىق قىلىش ئىمكانىيىتىنىلا بەرگەن. چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەكتەپ ھويلىسىدا ئۇچراتقان ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىللە توپ تېپىش ئۈچۈن، بىز ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئون نەپەر كوماندا ئەزاسى بىلەن ماسلىشىپلا قالماي، يەنە قارشى تەرەپتىكى ئون بىر نەپەر توپچىنىڭمۇ ئوخشاش قائىدە بويىچە ئوينايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. باشقا ھايۋانلار ئۆز قائىدىسى بويىچە ياتلارغا ھۇجۇم قىلغاندا ئاساسەن تەبىئىي ئىستەكلىرى  بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ؛ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۈچۈكلەرنىڭ قوپال ئويۇن قائىدىلىرى ئۇلارنىڭ گېنلىرىغا سىڭدۈرۈلگەن. ئەمما ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول گېنى يوق. شۇنداقتىمۇ ئۇلار پۈتۈنلەي ناتونۇش بالىلار بىلەن توپ مۇسابىقىسى ئوينىيالايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى پۇتبول ھەققىدە ئوخشاش چۈشەنچىلەرنى ئۆگەنگەن. ئۇ چۈشەنچىلەر پۈتۈنلەي خىيالىي، ئەمما ئۇنى ھەممەيلەن ئورتاقلاشساق، ھەممىمىز پۇتبول ئوينىيالايمىز.

 بۇ چوڭراق كۆلەمدە پادىشاھلىقلار، چېركاۋلار ۋە سودا تورلىرىغىمۇ ماس كېلىدۇ، پەقەت مۇھىم بىر پەرق بار. پۇتبول قائىدىلىرى نىسبەتەن ئاددىي ۋە قىسقا، خۇددى ئوۋچى-غەنىمەتچى گۇرۇپپىسى ياكى كىچىك يېزىدىكى ھەمكارلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قائىدىلەرگە ئوخشاش. ھەر بىر پۇتبولچى ئۇلارنى ئاسانلا ئېسىدە ساقلىيالايدۇ ھەمدە ناخشا، رەسىم ۋە سودا تىزىملىكلىرىنى ئېسىدە تۇتۇش ئۈچۈن كاللىسىدا يەنە ئورۇن قالدۇرالايدۇ. ئەمما يىگىرمە ئىككى ئەمەس، بەلكى مىڭلىغان، ھەتتا مىليونلىغان ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەمكارلىق سىستېمىلىرى زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ھەر قانداق بىر ئىنسان مېڭىسىنىڭ سىغدۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

 چۈمۈلە ۋە ھەرىلەرگە ئوخشاش باشقا تۈرلەردە كۆرۈلگەن چوڭ جەمئىيەتلەر مۇقىم ھەم مۇستەھكەم، چۈنكى ئۇلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى گېن گۇرۇپپىسىغا كودلانغان. مەسىلەن، بىر چىشى ھەرە قۇرتى قانداق ئوزۇقلاندۇرۇلۇشىغا قاراپ، خانىش ياكى ئىشچى بولۇپ چوڭ بولالايدۇ. ئۇنىڭ DNA سى ھاياتتا قايسى رولنى ئۆتەيدىغانلىقىغا قاراپ زۆرۈر بولغان ھەرىكەتلەرنى پروگراممىلايدۇ. ھەرە كۆنىكى ناھايىتى مۇرەككەپ ئىجتىمائىي قۇرۇلما بولۇپ، يىغقۇچى، باققۇچى ۋە تازىلىغۇچىغا ئوخشاش كۆپ خىل ئىشچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلار ئادۋوكات ھەرىلەرنى بايقىيالمىدى. ھەرىلەرگە ئادۋوكات كېرەك ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆنەك ئاساسىي قانۇنىنى ئۇنتۇپ قېلىش ياكى بۇزۇش خەۋپى يوق. خانىش ھەرە تازىلىغۇچى ھەرىلەرنىڭ ئوزۇقىنى ئالداپ ئېلىۋالمايدۇ، ئۇلارمۇ يۇقىرى مائاش تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلىمايدۇ.

ئەمما ئىنسانلار بۇنداق ئىشلارنى داۋاملىق قىلىپ تۇرىدۇ. ساپىيانس ئىجتىمائىي تەرتىپى تەسەۋۋۇر قىلىنغان بولغاچقا، ئىنسانلار ئۇنى ماڭغۇزۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىم ئۇچۇرلارنى پەقەت DNA نۇسخىلىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىقلا ساقلاپ قالالمايدۇ. قانۇن، ئۆرپ-ئادەت، ئىجرائات ۋە ئەخلاق قائىدىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاڭلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك، بولمىسا ئىجتىمائىي تەرتىپ تېزلا يىمىرىلىپ كېتىدۇ.

پادىشاھلىقلار زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى ھاسىل قىلىدۇ. قانۇنلاردىن سىرت، پادىشاھلىقلار سودا-سېتىق ۋە باج-سېلىقنىڭ ھېسابىنى، ھەربىي تەمىنات ۋە سودا كېمىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى، بايرام ۋە غەلىبىلەرنىڭ كالېندارلىرىنى تۇتۇشى كېرەك. مىليونلىغان يىللار جەريانىدا كىشىلەر ئۇچۇرلارنى پەقەت بىرلا جايدا – مېڭىلىرىدە ساقلىغان. بەختكە قارشى، ئىنسان مېڭىسى پادىشاھلىق كۆلىمىدىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئۈچۈن ياخشى ساقلاش ئۈسكۈنىسى ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچ ئاساسلىق سەۋەبى بار:

بىرىنچىسى، ئۇنىڭ سىغىمى چەكلىك. دەرۋەقە، بەزى كىشىلەرنىڭ ھەيران قالارلىق ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بار، قەدىمكى زامانلاردا پۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ يەر شەكلى ۋە پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ماددىلىرىنى ئېسىدە ساقلىيالايدىغان مۇتەخەسىسلەر بولغان. شۇنداقتىمۇ، ئەڭ ماھىر ئەستە ساقلىغۇچىلارمۇ ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان بىر چەك بار. بىر ئادۋوكات ماسساچۇسېتس شتاتىنىڭ بارلىق قانۇن ماددىلىرىنى يادلىۋالالىشى مۇمكىن، ئەمما سالېم جادۇگەرلىك سوتىدىن[1] تارتىپ بۇ شىتاتتا يۈز بەرگەن بارلىق دەۋا-دەستۇر ئىشلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى يادلىيالمايدۇ.

ئىككىنچىسى، ئىنسانلار ئۆلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مېڭىسىمۇ بىللە ئۆلىدۇ. مېڭىدە ساقلانغان ھەرقانداق ئۇچۇر بىر ئەسىردىن ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئۆچۈرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە، خاتىرىلەرنى بىر مېڭىدىن يەنە بىر مېڭىغا يەتكۈزۈش مۇمكىن، ئەمما بىر قانچە قېتىملىق يەتكۈزۈشتىن كېيىن، ئۇچۇرلار بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ ياكى يوقىلىدۇ.

ئۈچىنچىسى ۋە ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئىنسان مېڭىسى پەقەت مەلۇم خىلدىكى ئۇچۇرلارنىلا ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ماسلاشقان. قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ھايات قېلىش ئۈچۈن مىڭلىغان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان تۈرلىرىنىڭ شەكلى، سۈپىتى ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئۇلار كۈزدە قارىغاي دەرىخى ئاستىدا ئۆسكەن قورۇق سېرىق موگونىڭ زەھەرلىك بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ئەمما قىشتا دۇپ دەرىخى ئاستىدا ئۆسكەن ئوخشاش كۆرۈنۈشتىكى موگونىڭ ئاشقازان ئاغرىقىغا داۋا بولىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر يەنە نەچچە ئون گۇرۇپپا ئەزاسىنىڭ پىكىرى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئەگەر لۇسى (قىز) جوننىڭ ئاۋارە قىلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولسا، جوننىڭ ئۆتكەن ھەپتە مارى بىلەن جېدەللىشىپ قالغانلىقىنى، شۇڭا مارىنىڭ بۇ ئىشتا ياردەم بېرىشكە تەييار تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىدە تۇتۇشى مۇھىم ئىدى.

يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىن تېخىمۇ مۇرەككەپ جەمئىيەتلەر پەيدا بولغاندا، پۈتۈنلەي يېڭى خىلدىكى ئۇچۇر-سانلار مۇھىم بولۇپ قالدى. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر چوڭ مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولمىغان. ھېچبىر ئوۋچى-غەنىمەتچى ئورمانلىقتىكى ھەر تۈپ دەرەختىكى مېۋىلەرنىڭ سانىنى ئەستە تۇتۇشقا موھتاج ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئىنسان مېڭىسى سانلارنى ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ماسلاشمىغان. ئەمما چوڭ پادىشاھلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، سانلىق مەلۇماتلار تولىمۇ مۇھىم ئىدى. قانۇن چىقىرىش ۋە قوغدىغۇچى ئىلاھلار ھەققىدە ھېكايىلەرنى ئېيتىش يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. باج-سېلىقمۇ يىغىش كېرەك ئىدى. يۈز مىڭلىغان كىشىلەردىن باج يىغىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ كىرىمى ۋە مۈلكى، تۆلەنگەن تۆلەملەر، قەرزلەر ۋە جەرىمانىلەر، باجدا ئېتىۋار قىلىش ياكى ئۇنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى توپلاش زۆرۈر ئىدى. يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار مىليونلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ھاسىل قىلدى، ئۇلارنى ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ئىدى. بۇ ئىقتىدار بولمىسا، دۆلەت ئۆزىنىڭ قانداق ئىقتىسادىي مەنبەلىرى بارلىقىنى ھەمدە قايسى مەنبەلەرنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى بىلەلمەيتتى. بۇ سانلارنى ئەستە تۇتۇش، خاتىرىلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر بولغاندا، كۆپىنچە ئىنسان مېڭىسى ھېرىپ كېتەتتى ياكى ئۇخلاپ قالاتتى.

بۇ مېڭە چەكلىمىسى ئىنسانىي جەمئىيەتلەرنىڭ چوڭلۇقى ۋە مۇرەككەپلىكىنى قاتتىق چەكلىدى. مەلۇم بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ۋە مۈلۈكنىڭ سانى مەلۇم چەكتىن ئاشقاندا، زور مىقداردىكى ماتېماتىكىلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر بولدى. ئىنسان مېڭىسى بۇنى قىلالمىغاچقا، سىستېما يىمىرىلىپ كەتتى. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىنكى مىڭلىغان يىللار جەريانىدا، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تورى نىسبەتەن كىچىك ۋە ئاددىي پېتى قالدى.

بۇ مەسىلىنى تۇنجى بولۇپ ھەل قىلغانلار قەدىمكى سۇمېرلار بولۇپ، ئۇلار جەنۇبىي مېسوپوتامىيەدە ياشىغان. ئۇ يەردە، كۈچلۈك قۇياش نۇرى مۇنبەت سېغىز تۇپراققا چۈشۈپ تۇراتتى، ئېتىزلار مول ھوسۇل بېرەتتى،  شەھەر-بازارلار گۈللەنگەنىدى. ئاھالە سانى كۆپەيگەنسېرى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارمۇ كۆپەيدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3500-3000 يىللار ئارىسىدا، كىملىكى نامەلۇم سۇمېر ئالىملىرى مېڭىنىڭ سىرتىدا ئۇچۇرلارنى ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى ئىجاد قىلدى. بۇ سىستېما چوڭ مىقداردىكى ماتېماتىكىلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماسلاشتۇرۇلغان ئىدى. سۇمېرلار شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنى ئىنسان مېڭىسىنىڭ چەكلىمىسىدىن ئازاد قىلدى، نەتىجىدە شەھەرلەر، پادىشاھلىقلار ۋە ئىمپېرىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول ئاچتى. سۇمېرلار ئىجاد قىلغان بۇ ماتېماتىكىلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى «يېزىق» دەپ ئاتالدى.

كۇشىمنىڭ ئىمزاسى

يېزىق ماددىي بەلگىلەر ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ساقلاش ئۇسۇلىدۇر. سۇمېر يېزىق سىستېمىسى لاي تاختايلارغا بېسىلغان ئىككى خىل بەلگىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بىر خىل بەلگىلەر سانلارنى ئىپادىلەيتتى. 1، 10، 60، 600، 3600 ۋە 36000 نى ئىپادىلەيدىغان بەلگىلەر بار ئىدى (سۇمېرلار 6 لىق ۋە 10 لۇق سان سىستېمىسىنىڭ بىرىكمىسىنى ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ 6 لىق سىستېمىسى بىزگە بىر كۈننىڭ 24 سائەتكە ۋە چەمبەرنىڭ 360 گرادۇسقا بۆلۈنۈشى قاتارلىق مۇھىم مىراسلارنى قالدۇردى). يەنە بىر خىل بەلگىلەر ئارقىلىق كىشىلەر، ھايۋانلار، مال-مۈلۈك، زېمىنلار، چېسلالارنى ئىپادىلەيتتى. سۇمېرلار ئىككى خىل بەلگىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەرقانداق ئىنسان مېڭىسى ئەستە تۇتالايدىغان ياكى  DNA زەنجىرى كودلىيالايدىغاندىن كۆپ مەلۇماتنى ساقلىيالايدىغان بولدى.

بۇ دەسلەپكى باسقۇچتا، يېزىق پەقەت پاكىت ۋە سانلارنى خاتىرىلەش بىلەن چەكلەنگەنىدى. سۇمېرلارنىڭ ئۇلۇغ رومانى، ئەگەر مەۋجۇت بولغان تەقدىردە، ھېچقاچان لاي تاختايلارغا يېزىلمىغان. يېزىش كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلاتتى ۋە ئوقۇرمەنلەر ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، ھېچكىم ئۇنى زۆرۈر خاتىرىلەردىن باشقا نەرسىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىغان.

ئەگەر بىز 5000 يىل ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تۇنجى ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئىزدىسەك، ئۈمىدسىزلىنىپ قالىمىز. ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان ئەڭ قەدىمكى ئۇچۇرلار مۇنداق: «29،086 مىقدار ئارپا، 37 ئاي، كۇشىم». بۇ جۈملىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈلۈشى: «جەمئىي 29،086 مىقداردىكى ئارپا 37 ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇۋېلىندى. ئىمزا، كۇشىم».

مىلادىدىن بۇرۇنقى 3400-3000 يىللارغا ئائىت لاي تاختا، ئۇنىڭغا ئۇرۇك شەھىرىنىڭ مەمۇرىي ھۆججىتى يېزىلغان. «كۇشىم» بەلكىم ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي خادىملىرىنىڭ ئورتاق ئۇنۋانى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر كۇشىم ھەقىقەتەن بىر كىشىنىڭ ئىسمى بولسا، ئۇ تارىختا تۇنجى بولۇپ ئۆز ئىسمى بىلەن ئىمزا قويغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ! ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن، نىياندېرتاللار دەۋرىدە قوللىنىلغان ئىسىم «ناتۇئانس» گۆبەكلى تەپەدىكى چاۋېت غارىدا بايقالغان، بۇلار يېڭى بايقاشلار. بىز گۆبەكلى تەپە قۇرۇلۇشىنى سالغۇچىلارنىڭ بۇ جاينى ئەسلىدە نېمە دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. يېزىقنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن، بىز تارىخنى قەھرىمانلارنىڭ ئاڭلىغانلىرىدىن ئاڭلاپ كەلدۇق. كۇشىمنىڭ قوشنىسى ئۇنى چاقىرغاندا بەلكىم ھەقىقەتەن «كۇشىم!» دەپ چاقىرغان بولۇشى مۇمكىن. تارىختا بىرىنچى بولۇپ ئۆز ئىسمى بىلەن قويۇلغان ئىمزا بىر پەيغەمبەرگە، شائىرغا ياكى ئۇلۇغ جاھانگىرگە ئەمەس، بەلكى بىر بوغالتىرغا تەۋە.     

ئەپسۇسكى، تارىختىكى تۇنجى يازما تېكىستلەردە ھېچقانداق پەلسەپىۋى چۈشەنچە، شېئىر، رىۋايەت، قانۇن، ھەتتا پادىشاھلارنىڭ غەلىبىلىرىمۇ يېزىلمىغان. ئۇلار پەقەت باج تاپشۇرۇش، قەرز يىغىش ۋە مۈلۈك ئىگىدارچىلىقىنى خاتىرىلىگەن ئاددىي ئىقتىسادىي ھۆججەتلەردۇر.

قەدىمكى دەۋردىن ساقلىنىپ قالغان يەنە بىر خىل تېكىست- شاگىرت يازغۇچىلارنىڭ مەشىق ئەمەلىيىتى سۈپىتىدە قايتا-قايتا كۆچۈرگەن سۆز تىزىملىكى تېخىمۇ زېرىكىشلىك؛ ئىچى پۇشقان بىر ئوقۇغۇچى سېتىش ھۆججىتىنى كۆچۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنى يازماقچى بولسىمۇ، ئۇنداق قىلالمىغان بولاتتى. دەسلەپكى سۇمېر يېزىقى تولۇق يېزىق ئەمەس، قىسمەن يېزىق ئىدى.

تولۇق يېزىق ئېغىز تىلىنى ئاساسەن تولۇق ئىپادىلىيەلەيدىغان بەلگىلەر سىستېمىسىدۇر. شۇڭا ئۇ كىشىلەر ئېيتالايدىغان ھەممە نەرسىنى، جۈملىدىن شېئىرىيەتنىمۇ ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئەكسىچە، قىسمەن يېزىق پەقەت چەكلىك پائالىيەت دائىرىسىگە تەۋە مەلۇم تۈردىكى ئۇچۇرلارنىلا ئىپادىلىيەلەيدىغان بەلگىلەر سىستېمىسىدۇر.


بەزى يازمىلار ئېغىز تىلىنىڭ تولۇق دائىرىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىسىمۇ، ئېغىز تىلىدىن ھالقىغان نەرسىلەرنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. سۇمېر يېزىقى بىلەن سانلىق يېزىقلارنى شېئىر يېزىشقا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇلار ئارقىلىق باج ھېساباتىنى ئۈنۈملۈك خاتىرىلەپ قويغىلى بولىدۇ.

لاتىن يېزىقى، قەدىمكى مىسىر ھىيروگلىف يېزىقى ۋە برايل يېزىقى تولۇق يېزىقلاردۇر. سىز بۇلارنى باج خاتىرىسى، مۇھەببەت شېئىرلىرى، تارىخ كىتابلىرى، تاماق رېتسېپلىرى ۋە تىجارەت قانۇنلىرىنى يېزىش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيسىز. ئەمما دەسلەپكى سۇمېر يېزىقى بۈگۈنكى ماتېماتىكا بەلگىلىرى ۋە مۇزىكا نوتىلىرىغا ئوخشاش قىسمەن يېزىقلاردۇر. سىز ماتېماتىكا يېزىقىنى ھېسابلاش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيسىز، ئەمما ئۇنى مۇھەببەت شېئىرلىرىنى يېزىش ئۈچۈن ئىشلىتەلمەيسىز.

سۇمېرلارنىڭ يېزىقىنىڭ شېئىر يېزىشقا ماس كەلمىگەنلىكى ئۇلارنى بىئارام قىلمىدى. ئۇلار بۇ يېزىقنى ئېغىز تىلىنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېغىز تىلى يېتەرسىز بولغان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان. كولۇمبىيە دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ئاندىيان تاغلىرىدا ياشىغۇچىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئوخشاش بەزى مەدەنىيەتلەر تارىخ بويى پەقەت قىسمەن يېزىقنىلا ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ يېزىقنىڭ چەكلىمىلىكى ئۇلارنى بىئارام قىلمىغان ۋە تولۇق يېزىققا مۇھتاجلىق ھېس قىلمىغان.

ئاندىيان يېزىقى سۇمېر يېزىقىدىن تامامەن پەرقلىق ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ شۇنچىلىك پەرقلىق ئىدىكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى يېزىق دەپمۇ قارىمايتتى. ئۇ لاي تاختايلارغا ياكى قەغەزگە يېزىلماستىن، «كىپۇ» دەپ ئاتالغان رەڭلىك تانىلارغا تۈگۈچ تۈگۈش ئارقىلىق يېزىلاتتى. ھەر بىر كىپۇس يۇڭ ياكى پاختىدىن ياسالغان ھەر خىل رەڭدىكى نۇرغۇن تانىلاردىن تەركىب تاپقان. ھەر بىر تانىغا ھەر خىل ئورۇنلاردا بىر قانچە تۈگۈچ تۈگۈلەتتى. بىر كىپۇستا يۈزلىگەن تانا ۋە مىڭلىغان تۈگۈچ بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ھەر خىل رەڭدىكى تانىلارغا ھەر خىل تۈگۈچلەرنى تۈگۈش ئارقىلىق، باج يىغىش ۋە مۈلۈك ئىگىدارچىلىقىغا ئوخشاش كۆپ مىقداردىكى ماتېماتىكىلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەش مۇمكىن ئىدى.

ئىنكا ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن ئىسپانلار قول يازما بىلەن خاتىرىلىگەن كىپۇ تۇتۇۋالغان بىر ئەر.  

يۈزلىگەن، بەلكىم مىڭلىغان يىللار داۋامىدا، كىپۇلار شەھەرلەر، پادىشاھلىقلار ۋە ئىمپېرىيەلەرنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇلار ئىنكا ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. بۇ ئىمپېرىيە بۈگۈنكى پېرۇ، ئېكۋادور، بولىۋىيە، چىلى، ئارگېنتىنا ۋە كولومبىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 10-12 مىليون كىشىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.  كىپۇلار بولغاچقا، ئىنكالار كۆپ مىقداردىكى مەلۇماتلارنى ساقلاپ بىر تەرەپ قىلالىغان، بۇنىڭسىز ئۇلار بۇنداق چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ مۇرەككەپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ساقلاپ تۇرالمىغان بولاتتى.

ئەمەلىيەتتە، كىپۇلار شۇنچىلىك ئۈنۈملۈك ۋە توغرا ئىدىكى، ئىسپانلار جەنۇبىي ئامېرىكىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى يىللىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئىمپېرىيەسىنى باشقۇرۇشتا كىپۇلارنى ئىشلەتكەن. مەسىلە شۇكى، ئىسپانلار ئۆزلىرى كىپۇلارنى خاتىرىلەش ۋە ئوقۇشنى بىلمەيتتى، شۇڭا ئۇلار يەرلىك مۇتەخەسسىسلەرگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان. قىتئەنىڭ يېڭى ھۆكۈمرانلىرى بۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئاجىز ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى، يەرلىك كىپۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۆز خوجايىنلىرىنى ئاسانلا ئالدىيالايدىغانلىقىنى ۋە ئازدۇرالايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. شۇڭا ئىسپانىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن، كىپۇلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭى ئىمپېرىيەنىڭ ھۆججەتلىرى پۈتۈنلەي لاتىن يېزىقى ۋە رەقەملىرى بىلەن خاتىرىلەنگەن. ئىسپانلار ئىشغالىيىتىدىن كېيىن ناھايىتى ئاز كىپۇ ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، كىپۇ ئوقۇش سەنئىتى يوقالغانلىقى ئۈچۈن، قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.


[1]  سالېم جادۇگەرلىك سوتى جادۇگەرلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ئەيبلەش سوتى بولۇپ ، 1692-يىلدىن 1693-يىلغىچە ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسى ماسساچۇستېستا ئېچىلغان؛ 200 كىشى جادۇگەرلىك، جىنكەشلىك بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيبلەنگەن، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى باشقا مۇستەملىكە رايونلىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان، 19 كىشى (14 ئايال، 5 ئەر) دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. -ت  

باھا يېزىش