تۈرمە تاملىرى
سىز كىشىلەرنى خرىستىئانلىق، دېموكراتىيە ياكى كاپىتالىزمغا ئوخشاش تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپكە قانداق ئىشەندۈرىسىز؟ بىرىنچىدىن، سىز تەرتىپنىڭ تەسەۋۋۇردا ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايسىز. سىز جەمئىيەتنى ساقلاپ تۇرغان تەرتىپنىڭ ئۇلۇغ ئىلاھلار ياكى تەبىئەت قانۇنلىرى ياراتقان ئوبيېكتىپ رېئاللىق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرىسىز. كىشىلەر باراۋەر ئەمەس، چۈنكى خاممۇرابى شۇنداق دېگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېنلىل ۋە ماردۇك شۇنداق بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن. كىشىلەر باراۋەر، چۈنكى توماس جېففېرسون شۇنداق دېگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇلارنى شۇنداق ياراتقانلىقى ئۈچۈن. ئەركىن بازار ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي سىستېما، چۈنكى ئادەم سىمىس شۇنداق دېگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇلار ئۆزگەرمەس تەبىئەت قانۇنلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن.
سىز يەنە كىشىلەرنى تولۇق تەربىيىلەيسىز. ئۇلار تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، سىز ئۇلارغا تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپنىڭ پرىنسىپلىرىنى توختىماي ئەسلىتىپ تۇرىسىز، بۇ پرىنسىپلار ھەر نەرسىگە- ھېكايە-چۆچەكلەر، دراما، رەسىم، ناخشا، ئەدەپ-ئەخلاق، سىياسىي تەشۋىقات، مېمارچىلىق، تاماق تەييارلاش ئۇسۇللىرى ۋە باشقا مودا نەرسىلەرگە سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن، بۈگۈن كىشىلەر باراۋەرلىككە ئىشىنىدۇ، شۇڭا باي بالىلارنىڭ ئەسلىدە ئىشچىلار كىيىدىغان پادىچىلار شىمى كىيىشى مودا بولۇپ قالغان. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە كىشىلەر سىنىپىي پەرقلەرگە ئىشەنگەن، شۇڭا ھېچقانداق ياش ئاقسۆڭەك دېھقاننىڭ كۆڭلىكىنى كىيمىگەن. ئۇ چاغدا «جانابلىرى» ياكى «خانىم» دەپ خىتاب قىلىنىش ئاقسۆڭەكلەرگىلا خاس نادىر ئىمتىياز بولۇپ، ئۇ ئىمتىيازلارمۇ كۆپ ھاللاردا قان تۆكۈپ جەڭ قىلىش بەدىلىگە سېتىۋېلىنغان. بۈگۈن بارلىق سىپايە خەتلەر، قوبۇل قىلغۇچىنىڭ كىملىكىدىن قەتئىينەزەر، «ھۆرمەتلىك جانابلىرى ياكى خانىم» دەپ باشلىنىدۇ.
ئادەمىيەتشۇناسلىق (فىلولوگىيە) ۋە باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپنىڭ تۇرمۇشنى قانداق گۈزەللەشتۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە بەكرەك كۈچ سەرپ قىلىدۇ. بىز پەقەت كۈچىمىز يەتكەن دائىرىدە ئۇ ھەقتە يۈزەكى توختىلالايمىز. كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تەشكىللەيدىغان تەرتىپنىڭ پەقەت تەسەۋۋۇردىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان ئۈچ ئاساسلىق ئامىل بار:
بىرىنچىسى، تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپ ماددىي دۇنياغا سىڭىپ كەتكەن. تەسەۋۋۇردىكىبىرىن تەرتىپ پەقەت زېھنىمىزدىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇ ئەتراپىمىزدىكى ماددىي رېئاللىقتا ئويدۇرۇلغان، ھەتتا تاشقا ئويۇلۇپ مۇقىملاشتۇرۇلغان. بۈگۈنكى غەربلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەخسنىڭ كۈچىگە ئىشىنىدۇ. ئۇلار ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئالدىغا بىر شەخس ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ باشقىلارنىڭ ئۇ توغرىسىدىكى پىكرىگە باغلىق ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدۇ. ھەر بىرىمىزنىڭ ئىچىدە ھاياتىمىزغا قىممەت ۋە مەنە بېرىدىغان پارلاق نۇر بار. زامانىۋى غەرب مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئەگەر ساۋاقداشلىرى ئۇلارنى مەسخىرە قىلسا، پەرۋا قىلماسلىقنى، باشقىلار ئەمەس، پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
زامانىۋى مېمارچىلىقتا، بۇ ئەپسانە تەسەۋۋۇردىن چىقىپ تاش-خىش بىلەن شەكىللىنىدۇ. كۆڭۈلدىكىدەك زامانىۋى ئۆي نۇرغۇن كىچىك ھۇجرىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇ ھەر بىر بالىغا ئايرىم تۇرىدىغان بوشلۇق ۋە مۇستەقىللىق تەمىنلەيدۇ. بۇ شەخسىي ئۆينىڭ چوقۇم ئىشىكى بولىدۇ، كۆپ ئائىلىلەردە بالىنىڭ ئىشىكنى يېپىشى، ھەتتا قۇلۇپلىۋېلىشى نورمال ئەھۋال دەپ قارىلىدۇ. ھەتتا ئاتا-ئانىلارمۇ ئىشىكنى چەكمەي ۋە رۇخسەت سورىماي كىرەلمەيدۇ. ئۆي بالىنىڭ خاھىشى بويىچە بېزىلىدۇ، تامدا روك مۇزىكىسى چولپانلىرىنىڭ رەسىملىرى، پولدا كىر پايپاقلار بولىدۇ. مۇشۇنداق بوشلۇقتا چوڭ بولغان كىشى ئۆزىنى «شەخس» دەپ تەسەۋۋۇر قىلماي تۇرالمايدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي قىممىتى سىرتتىن ئەمەس، ئىچىدىن كېلىدۇ.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاقسۆڭەكلەر شەخسنىڭ كۈچىگە ئىشەنمەيتتى. بىر كىشىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇ توغرۇلۇق نېمە دېگەنلىكى بىلەن بەلگىلىنەتتى. مەسخىرە قىلىنىش ئېغىر ھاقارەت ئىدى. ئاقسۆڭەكلەر بالىلىرىغا ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي ياخشى نام-ئابرۇيىنى قوغداشنى ئۆگىتەتتى. زامانىۋى شەخسىيەت ئېڭىغا ئوخشاش، ئوتتۇرا ئەسىر قىممەت سىستېمىسىمۇ تەسەۋۋۇردىن چىقىپ ئوتتۇرا ئەسىر قەلئەلىرىنىڭ تېشىدا نامايان بولغان. قەلئەدە بالىلارغا (ياكى باشقىلارغا) خاس ھۇجرىلار ناھايىتى ئاز بولاتتى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى بارون ئوغلىنىڭ قەلئەنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە، تاملىرىغا شىر يۈرەك رىچارد ۋە پادىشاھ ئارتۇرنىڭ رەسىملىرى چاپلانغان، ئاتا-ئانىسى ئاچالمايدىغان قۇلۇپلۇق ئىشىك بېكىتىلگەن شەخسىي ئۆيى يوق ئىدى. ئۇ چوڭ زالدا باشقا ياشلار بىلەن بىللە ئۇخلايتتى. ئۇ ھەمىشە باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا بولاتتى ۋە باشقىلارنىڭ نېمىنى كۆرۈپ، نېمە دەيدىغانلىقىنى ئويلىشى كېرەك ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا چوڭ بولغان كىشى تەبىئىي ھالدا بىر ئادەمنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنىڭ ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇ توغرۇلۇق نېمە دېگەنلىكى بىلەن بەلگىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خۇلاسىگە كېلەتتى.
ئىككىنچىسى، تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپ بىزنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر ئۆز ھاياتىنى باشقۇرىدىغان تەرتىپنىڭ تەسەۋۋۇردا ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەم ئالدىن مەۋجۇت بولغان تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپ قوينىدا تۇغۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئارزۇلىرى ئۇ تۇغۇلغاندىن باشلاپلا يېەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئەپسانىلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ شەخسىي ئارزۇلىرى تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇھاپىزەتچىسىگە ئايلىنىدۇ.
مەسىلەن، ھازىرقى غەربلىكلەرنىڭ ئەڭ قەدىرلەيدىغان ئارزۇلىرى نەچچە يۈز يىلدىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن رومانتىزم، مىللەتچىلىك، كاپىتالىزم ۋە ئادەمىيەتچىلىك ئەپسانىلىرى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن. دوستلار مەسلىھەت بەرگەندە كۆپىنچە بىر-بىرىگە «قەلبىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سال» دەيدۇ. ئەمما قەلب ئادەتتە يېتەكچى ئورۇندىكى ئەپسانىلەردىن كۆرسەتمە ئالىدىغان قوش تەرەپلىك جاسۇستۇر، «قەلبىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سال» دېگەن تەۋسىيەمۇ 19-ئەسىرنىڭ رومانتىك ئەپسانىلىرى بىلەن 20-ئەسىردىكى ئىستېمالچىلىق ئەپسانىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق كاللىمىزغا سىڭدۈرۈلگەن تەۋسىيەدۇر. مەسىلەن، كوكا-كولا شىركىتى كوكا-كولا ساغلاملىق ئىچىملىكى (Diet Coke) نى پۈتۈن دۇنياغا تەشۋىق قىلغاندا «كوكا-كولا ساغلاملىق ئىچىملىكىنى ئىچىپ، كەيپىڭنى سۈر» دېگەن شۇئار بىلەن تەشۋىق قىلغان.
ھەتتا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ شەخسىي ئارزۇلىرى دەپ قارايدىغان نەرسىلەرمۇ ئادەتتە تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپ تەرىپىدىن پروگراممىلانغان. مەسىلەن، چەت ئەلگە ساياھەتكە بېرىش ئارزۇسىنى ئالايلى. بۇنىڭدا تەبىئىي ياكى ئېنىق بولغان ھېچقانداق نەرسە يوق. بىر شىمپانزا ئاتامانى ئۆز كۈچىنى قوشنا شىمپانزا گۇرۇپپىسىنىڭ تېررىتورىيەسىگە ساياھەتكە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى ھەرگىز ئويلىمايدۇ. قەدىمكى مىسىر كاتتىلىرى ئۆز بايلىقلىرىنى پىرامىدا قۇرۇشقا ۋە جەسەتلىرىنى موميا قىلىشقا سەرپ قىلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بابىلغا سودىغا بېرىشنى ياكى فىنىكىيەگە چاڭغا تېيىلىش ساياھىتىگە بېرىشنى ئويلىمىغان. بۈگۈنكى كىشىلەر چەت ئەل ساياھىتىگە كۆپ پۇل خەجلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار رومانتىك ئىستېمالچىلىق ئەپسانىلىرىگە ھەقىقىي ئىشىنىدۇ.
رومانتىزم بىزگە يوشۇرۇن كۈچىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن مۇمكىنقەدەر كۆپ خىل تەجرىبىگە ئىگە بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى، ھەر خىل كەيپىياتقا ھازىر بولۇشىمىز ، ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى سىناپ كۆرۈشىمىز، ھەر خىل تائاملارنى تېتىشىمىز، ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى مۇزىكىلاردىن زوقلىنىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇلارنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يوللىرىدىن بىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇش، تونۇش مۇھىتنى تاشلاپ، يىراق يۇرتلارغا ساياھەتكە بېرىش بولۇپ، ئۇ يەردە باشقا كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتى، پۇراقلىرى، تەملىرى ۋە ئادەتلىرىنى «تەجرىبە» قىلغىلى بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بىز بۈگۈن «يېڭى كەچمىشلەر كۆزۈمنى ئېچىپ، ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى» دېگەن رومانتىك ئەپسانىلەرنى قايتا-قايتا ئاڭلايمىز.
ئىستېمالچىلىق بىزگە بەختلىك بولۇش ئۈچۈن مۇمكىنقەدەر كۆپ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئىستېمال قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەگەر بىز بىرەر نەرسىنىڭ كەم ياكى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلساق، ئۇنداقتا بىز چوقۇم بىرەر مەھسۇلات (ماشىنا، يېڭى كىيىم-كېچەك، ئورگانىك يېمەكلىك) ياكى مۇلازىمەت (ئۆي تازىلاش، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن مەسلىھەت سوراش، يوگا دەرسى) سېتىۋېلىشىمىز كېرەك. ھەر بىر تېلېۋىزور ئېلانى مەلۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ئىستېمال قىلىشنىڭ تۇرمۇشنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدىكى كىچىك ئەپسانىدۇر.
خىلمۇخىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان رومانتىزم ئىستېمالچىلىق بىلەن مۇكەممەل ماسلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ «نىكاھى»دىن ھەددى-ھېسابسىز «تەجرىبە بازىرى»نى تۇغۇلدى، زامانىۋى ساياھەتچىلىك ئەنە شۇ ئاساسقا قۇرۇلدى. ساياھەتچىلىك شىركەتلىرى ئايروپىلان بېلىتى ۋە مېھمانخانا ياتىقى ساتمايدۇ. ئۇلار تەجرىبىلەرنى ساتىدۇ. پارىژ بىر شەھەر ئەمەس، ھىندىستانمۇ بىر دۆلەت ئەمەس – ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى تەجرىبە، ئۇلارنى ئىستېمال قىلغاندا نەزەر دائىرىمىز كېڭىيىدۇ، يوشۇرۇن كۈچىمىز جارى بولىدۇ، بىز تېخىمۇ بەختلىك بولىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىر مىليونېر بىلەن ئايالىنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەندە، ئۇ ئايالىنى پارىژغا قىممەت باھالىق ساياھەتكە ئاپىرىدۇ. بۇ ساياھەت مەلۇم مۇستەقىل ئارزۇنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى رومانتىك ئىستېمالچىلىق ئەپسانىلىرىگە بولغان قىزغىن ئېتىقادنىڭ ئىپادىسى. قەدىمكى مىسىردىكى بىر باي ئادەم خوتۇنى بىلەن سوقۇشۇپ قالسا، بابىلغا ساياھەتكە ئاپىرىپ ھەل قىلىشنى ھەرگىز خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولاتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ ئايالى ھەمىشە ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ھەشەمەتلىك قەبرىنى ياساپ بەرگەن بولاتتى.
كۆپلىگەن مەدەنىيەتلەردىكى ئىنسانلار قەدىمكى مىسىر كاتتىلىرىغا ئوخشاش، ئۆمرىنى پىرامىدا قۇرۇشقا بېغىشلىغان. پەقەت ئۇ پىرامىدىلارنىڭ نامى، شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىلا مەدەنىيەتلەرگە قاراپ ھەر خىل بولغان. مەسىلەن، ئۇنىڭ بەزىلىرى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە ھەمىشە يېشىل تۇرىدىغان چىملىقى بار شەھەر ئەتراپىدىكى ئۆيلەرگە ئوخشاش ياسالغان بولۇشى، بەزىلىرى كىشى ھەۋەس قىلغۇدەك پارلاق مەنزىرىسى بار بىنا ئۈستى ئۆيلىرىگە ئوخشاش ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. بىزلەرگە پىرامىدا سېلىش ئارزۇسى ئاتا قىلغان ئەپسانىلەرگە گۇمان بىلەن قارىغۇچىلار يوق دېيەرلىك.

گىزا بۈيۈك پىرامىداسى، قەدىمكى مىسىردىكى بايلار پۇل چىقىرىپ سالدۇرغان.
ئۈچىنچىسى، تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپ ئۆزئارالىق سۇبيېكتىپ بولىدۇ. مەن ھەتتا بىر ئىنسانغا خاس بولمىغان تىرىشچانلىق بىلەن شەخسىي ئارزۇلىرىمنى تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپنىڭ تۇتقۇنلۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان تەقدىردىمۇ، مەن پەقەت بىرلا ئادەم. تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەن مىليونلىغان ناتونۇش كىشىلەرنى مەن بىلەن ھەمكارلىشىشقا قايىل قىلىشىم كېرەك. چۈنكى تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپ مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىلا مەۋجۇت بولغان سۇبيېكتىپ تەرتىپ ئەمەس، ئۇ مىڭلىغان، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق تەسەۋۋۇرىدا مەۋجۇت بولغان سۇبيېكتىپ تەرتىپتۇر.
بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىز «ئوبيېكتىپ»، «سۇبيېكتىپ» ۋە «ئۆزئارالىق سۇبيېكتىپ» ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.
ئوبيېكتىپ ھادىسە ئىنسان ئېڭى ۋە ئىنسان ئېتىقادلىرىدىن مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ. مەسىلەن، رادىئاكتىپلىق ھادىسە بىر ئەپسانە ئەمەس. رادىئاكتىپلىق رادىئاتسىيە كىشىلەر ئۇنى بايقاشتىن بۇرۇنلا يۈز بەرگەن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ خەتەرلىك. رادىئاكتىپلىقنى بايقىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان مارىيە كۇرى رادىئاكتىپ ماتېرىياللارنى ئۇزۇن يىللار تەتقىق قىلغان مەزگىلدە ئۇلارنىڭ ئىنسان بەدىنىگە زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ رادىئاكتىپلىق تەسىرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا رادىئاكتىپ ماتېرىياللار بىلەن ھەددىدىن زىيادە ئۇچرىشىشتىن كېلىپ چىققان كەم قانلىق كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتتى.
سۇبيېكتىپ ھادىسە بولسا مەلۇم بىر شەخسنىڭ ئېڭى ۋە ئېتىقادىغا باغلىق ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ. ئەگەر ئۇ شەخس ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتسە، ئۇ يوقىلىدۇ ياكى ئۆزگىرىدۇ. نۇرغۇن بالىلار دۇنيانىڭ باشقا بىر يېرىدە ئۆزى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ باقمىغان بىر خىيالىي دوستىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىدۇ. خىيالىي دوست پەقەت بالىنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭىدىلا مەۋجۇت بولىدۇ، بالا چوڭ بولۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەي قالغاندا، خىيالىي دوست يوقاپ كېتىدۇ.
ئۆزئارا سۇبيېكتىپلىق نۇرغۇن شەخسنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭىنى باغلايدىغان ئالاقە تورى ئىچىدە مەۋجۇت بولىدىغان نەرسىدۇر. ئەگەر مەلۇم بىر شەخس ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتسە ياكى ئۆلۈپ كەتسە، بۇنىڭ كارى چاغلىق. ھالبۇكى، ئەگەر توردىكى كۆپىنچە كىشىلەر ئۆلۈپ كەتسە ياكى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتسە، ئۆزئارالىق سۇبيېكتىپ ھادىسە ئۆزگىرىدۇ ياكى يوقىلىدۇ. ئۆزئارالىق سۇبيېكتىپ ھادىسىلەر خائىنلارچە ئالدامچىلىق ياكى ئەھمىيەتسىز ئويۇنمۇ ئەمەس. ئۇلار رادىئاكتىپلىققا ئوخشاش فىزىكىلىق ھادىسىلەردىن پەرقلىق شەكىلدە مەۋجۇت، ئەمما ئۇلارنىڭ دۇنياغا بولغان تەسىرى يەنىلا ناھايىتى زور بولۇشى مۇمكىن. تارىختىكى ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنىڭ كۆپىنچىسى، مەسىلەن قانۇن، پۇل، ئىلاھلار، دۆلەتلەر ئۆزئارالىق سۇبيېكتىپ ھېسابلىنىدۇ.
مەسىلەن، پېگوت پېگوت شىركىتى باش ئىجرائىيە مۇدىرىنىڭ خىيالىي دوستى ئەمەس. شىركەت مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق تەسەۋۋۇرىدا مەۋجۇت. باش ئىجرائىيە مۇدىرى شىركەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىدۇ، چۈنكى دىرېكتورلار كېڭىشىمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شىركەتنىڭ ئادۋوكاتلىرى، يېقىن ئەتراپتىكى ئىشخانىلارنىڭ كاتىپلىرى، بانكىدىكى كاسىرلار، پاي بازىرىدىكى ۋاسىتىچىلار ۋە فرانسىيەدىن ئاۋسترالىيەگىچە بولغان ماشىنا سودىگەرلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئەگەر باش ئىجرائىيە مۇدىرىنىڭ ئۆزى پېگوتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەي قالسا، ئۇ دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا يوللىنىدۇ ۋە باشقا بىرى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش، دوللار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى نەچچە مىليارد ئىنساننىڭ ئورتاق تەسەۋۋۇرىدا مەۋجۇت، ھېچقانداق شەخس ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالالمايدۇ. ئەگەر مەن بىر كىشى دوللارغا، كىشىلىك ھوقۇققا ياكى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئىشەنمەي قالسام، بۇنىڭ كارى چاغلىق. تەسەۋۋۇردىكى بۇ تەرتىپلەر ئۆزئارالىق سۇبيېكتىپ، شۇڭا ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نەچچە مىليارد ئىنساننىڭ ئېڭىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، بۇ ئاسان ئەمەس. بۇنداق چوڭ كۆلەملىك ئۆزگىرىشنى پەقەت سىياسىي پارتىيە، ئىدىيەۋى ھەرىكەت ياكى دىنىي مەزھەپكە ئوخشاش مۇرەككەپ تەشكىلاتنىڭ ياردىمى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق مۇرەككەپ تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن ناتونۇش كىشىلەرنى بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قايىل قىلىش زۆرۈر. ئۇ پەقەت ئاشۇ ناتونۇش كىشىلەر مەلۇم ئورتاق ئەپسانىلەرگە ئىشەنگەندىلا يۈز بېرىدۇ. دېمەك، مەۋجۇت تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن باشقا بىر تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپكە ئىشىنىشىمىز كېرەك.
مەسىلەن، پېگوت شىركىتىنى پارچىلاش ئۈچۈن، فرانسىيە قانۇن سىستېمىسىغا ئوخشاش تېخىمۇ كۈچلۈك نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز كېرەك. فرانسىيە قانۇن سىستېمىسىنى پارچىلاش ئۈچۈن فرانسىيە دۆلىتىگە ئوخشاش تېخىمۇ كۈچلۈك نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇنىمۇ پارچىلىماقچى بولساق، ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز كېرەك.
تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپتىن چىقىش يولى يوق. بىز تۈرمە تاملىرىمىزنى چېقىپ ئەركىنلىككە قاراپ يۈگۈرگىنىمىزدە، ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ چوڭ تۈرمىنىڭ تېخىمۇ كەڭ مەشىق مەيدانىغا قاراپ يۈگۈرۈۋاتقان بولىمىز.

باھا يېزىش