ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (12)

تەسەۋۋۇر قىلىنغان تەرتىپ

دېھقانلارنىڭ ئارتۇق ئىشلەپچىقارغان ئاشلىقلىرى ۋە يېڭى قاتناش تېخنىكىسى، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئالدى بىلەن چوڭ يېزىلارغا، ئاندىن بازارلارغا، ئاخىرىدا شەھەرلەرگە توپلىنىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى پادىشاھلىقلار ۋە سودا تورلىرى بىلەن تۇتاشتى.

ئەمما بۇ يېڭى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئېشىنچا ئاشلىق ۋە ياخشىلانغان قاتناش يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. بىر ئادەم بىر بازاردا مىڭ ئادەمنى ياكى بىر پادىشاھلىقتىكى مىليون ئادەمنى باقالىسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەر-سۇلارنى قانداق بۆلۈشۈش، نىزا-ماجىرالارنى قانداق ھەل قىلىش، قۇرغاقچىلىق ياكى ئۇرۇش ۋاقتىدا قانداق ھەرىكەت قىلىش دېگەندەك مەسىلىلەردە بىرلىككە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلالمايتتى. ئەگەر كېلىشىم بولمىسا، ئامبارلار لىق تولغان تەقدىردىمۇ ماجىرا كېڭىيەتتى. تارىختىكى كۆپىنچە ئۇرۇشلار ۋە ئىنقىلابلار ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقمىغان. فرانسىيە ئىنقىلابىغا ئاچ قالغان دېھقانلار ئەمەس، باي ئادۋوكاتلار يېتەكچىلىك قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردە، ئوتتۇرا دېڭىزدىن كەلگەن بايلىقلار رىملىقلارنى ئەجدادلىرىنىڭ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن دەرىجىدە بېيىتقان چاغدا، رىم جۇمھۇرىيىتى كۈچلىنىپ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. ئەمما دەل شۇ ئەڭ باياشات مەزگىلدە، رىم سىياسىي تۈزۈمى ئەجەللىك ئىچكى ئۇرۇشلاردا پارچىلانغان. 1991-يىلى يۇگوسلاۋىيە بارلىق پۇقرالىرىنى باققۇدەك يېتەرلىك بايلىققا ئىگە تۇرۇقلۇق، يەنىلا قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىق، قان تۆكۈشلەر تۈپەيلدىن پارچىلانغان.

بۇنداق پاجىئەلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، ئىنسانلار نەچچە مىليون يىل داۋامىدا نەچچە ئونلىغان كىشىلىك كىچىك گۇرۇپپىلاردا تەرەققىي قىلغان. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن شەھەرلەر، پادىشاھلىقلار ۋە ئىمپېرىيەلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگىچە بولغان بىر نەچچە مىڭ يىل، ئىنسانلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت ئەمەس ئىدى.

ئىنسانلارنىڭ بۇنداق ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى كەم بولسىمۇ، ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر دەۋرىدە كۆپلىگەن ناتونۇش ئىنسانلار ئورتاق ئەپسانىلەر سەۋەبىدىن ھەمكارلىشالىغان. ھالبۇكى، بۇ ھەمكارلىق تارقاق ۋە چەكلىك ئىدى. ھەر بىر ساپىيانس گۇرۇپپىسى ئۆز تۇرمۇشىنى مۇستەقىل باشقۇرۇپ، كۆپىنچە ئېھتىياجلىرىنى ئۆزى قامدايتتى. 20 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان، يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ۋەقەلەردىن خەۋىرى يوق بىر جەمئىيەتشۇناس، ئەپسانىلەرنىڭ تەسىر دائىرىسى ناھايىتى چەكلىك دەپ خۇلاسىلىشى مۇمكىن. ئەجدادلار روھى ۋە قەبىلە توتېملىرى ھەققىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر 500 كىشىنىڭ قۇلۇلە قېپى ئالماشتۇرۇشىغا، مەلۇم بايراملارنى تەبرىكلىشىگە ۋە نېئاندېرتال گۇرۇپپىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىرلىشىشىگە سەۋەب بولالىسىمۇ ، ئۇنىڭدىن ئارتۇقىغا قادىر ئەمەس ئىدى. ئۇ قەدىمكى جەمئىيەتشۇناس بەلكى ئەپسانىنى بىر-بىرىگە ناتونۇش مىليونلىغان ئادەمنى ھەر كۈنى ھەمكارلاشتۇرالمايدۇ دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. 

مىلادىدىن بۇرۇنقى 8500-يىللاردا، ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان چوڭراق جايلار يېرىخو بوستانلىقى قاتارلىق نەچچە يۈز كىشىلىك يېزىلار ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 7000-يىلى ئاناتولىيەدىكى چاتالخۆيۈك شەھىرىدە 5000-10000 كىشى ياشايتتى. بۇ بەلكىم شۇ چاغدىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئولتۇراق جاي بولۇشى مۇمكىن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ۋە 4-ئەسىردە، مۇنبەت تۈزلەڭلىكتە ئون مىڭلىغان ئاھالىسى بار شەھەرلەر پەيدا بولدى، بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئەتراپتىكى نۇرغۇن يېزىلارنى باشقۇراتتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3100-يىلى تۆۋەنكى نىل ۋادىسى تۇنجى مىسىر پادىشاھلىقىغا بىرلەشتۈرۈلدى. مىسىر پىرئەۋنلىرى نەچچە كىۋادرات كىلومېتىر زېمىن ۋە يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنى ئىدارە قىلاتتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2250-يىلى سارگون بۈيۈك تۇنجى ئىمپېرىيە – ئاككاد ئىمپېرىيەسىنى قۇردى. بۇ ئىمپېرىيە بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇقرا ۋە 5400 كىشىلىك مۇقىم قوشۇنغا ئىگە ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000-500 يىللار ئارىسىدا، ئوتتۇرا شەرقتە كېيىنكى ئاسسۇر ئىمپېرىيەسى، بابىل ئىمپېرىيەسى ۋە پارس ئىمپېرىيەسى قاتارلىق تۇنجى چوڭ ئىمپېرىيەلەر پەيدا بولدى: ئۇلار مىليونلىغان پۇقرالارنى باشقۇرۇپ، ئون مىڭلىغان ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلاتتى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى چىن سۇلالىسى خىتاينى بىرلىككە كەلتۈردى، ئۇنىڭدىن كېيىنلا رىم ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنى بىرلەشتۈردى. 40 مىليون خىتاي پۇقراسىدىن يىغىلغان باج-سېلىق يۈز مىڭلىغان ئەسكەردىن تەركىب تاپقان مۇنتىزىم قوشۇن ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلدارنى ئىشلىتىدىغان خان ئوردىسىنى تەمىنلىدى. رىم ئىمپېرىيەسى كۈچەيگەن ۋاقىتتا، 100 مىليوندەك پۇقرادىن باج-سېلىق يىغاتتى. بۇ كىرىم 250-500 مىڭ كىشىلىك قوشۇن، 1500 يىلدىن كېيىنمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان يول-قاتناش تورى ۋە بۈگۈنگىچە تاماشا كۆرسىتىدىغان تىياتىرخانا ۋە يۇمىلاق تىياتىرخانىلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ ئەلۋەتتە كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ، ئەمما بىز قەدىمكى مىسىر ياكى رىم ئىمپېرىيەسىدىكى «كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق تورى» ھەققىدە گۈزەل خىياللارغا بېرىلىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. «ھەمكارلىق» دېگەن سۆز  خەير-ساخاۋەت دېگەندەك يېقىملىق ئاڭلانسىمۇ، كۆپ ھاللاردا  ئۇ ئىختىيارىي بولمايدۇ ياكى بەك باراۋەر بولۇپ كەتمەيدۇ. كۆپىنچە ھەمكارلىق تورلىرى كىشىگە زۇلۇم قىلىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ. دېھقانلار كېڭەيگەن ھەمكارلىق تورىنىڭ بەدىلىنى قىممەتلىك ئېشىنچا ئاشلىقلىرى بىلەن ئۆتىگەن، ئىمپېرىيە باجگىرى بىرلا قەلەم سىلكىش بىلەن، دېھقانلارنىڭ پۈتۈن يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنى سۈپۈرۈپ كەتكەندە، ئۇلار ئۈمىدسىزلىككە چۆمگەن. رىمنىڭ داڭلىق يۇمىلاق تىياتىرخانىلىرىنى كۆپىنچە قۇللار قۇرغان بولۇپ، باي ۋە بىكار تەلەپ رىملىقلار باشقا قۇللارنىڭ رەھىمسىز گلادىئاتورلۇق جەڭلىرىنى كۆرەتتى. ھەتتا تۈرمىلەر ۋە جازا لاگېرلىرىدىمۇ ھەمكارلىق تورى قۇرۇلغان بولۇپ، مىڭلىغان ناتونۇش ئادەملەر قانداقتۇر ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلالىغانلىقى ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولالىغان.

قەدىمكى مېسوپوتامىيە شەھەرلىرىدىن تارتىپ چىن ۋە رىم ئىمپېرىيەلىرىگىچە، بۇ ھەمكارلىق تورى تامامەن «تەسەۋۋۇر قىلىنغان تەرتىپ» ئىدى. ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرغان نىزام-ئادەتلەر ئىنسانلارنىڭ تۇغما ئىستەكلىرىگە ياكى شەخسىي تونۇشلۇققا ئەمەس، ئورتاق ئەپسانىلەرگە ئىشىنىشكە ئاساسلانغان.

ئەپسانە-رىۋايەتلەر قانداق قىلىپ پۈتۈن ئىمپېرىيەلەرنى ساقلاپ تۇرالايدۇ؟ بىز ئالدىنقى بابلاردا پېگوت ئەپسانىسىنى مۇھاكىمە قىلغانىدۇق. ئەمدى تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر ئىككى ئەپسانىنى كۆرۈپ چىقايلى: بۇنىڭ بىرى، مىلادىدىن بۇرۇن 1776-يىلدىكى يۈز مىڭلىغان قەدىمكى بابىللىقلارنىڭ ھەمكارلىق قوللانمىسى بولغان خاممۇرابى قانۇنى؛ يەنە بىرى، مىلادىيە 1776-يىلدىكى بۈگۈنمۇ يۈز مىليونلىغان ئامېرىكىلىقنىڭ ھەمكارلىق قوللانمىسى بولۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى.

ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى، 1776-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىمزالانغان

مىلادىدىن بۇرۇنقى 1776-يىلى بابىل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئىدى. بابىل ئىمپېرىيەسى ئۆز ۋاقتىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇقراسى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مېسوپوتامىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى، يەنى ھازىرقى ئىراقنىڭ كۆپ قىسمىنى، ھازىرقى سۇرىيە ۋە ئىراننىڭ بىر قىسمىنى باشقۇراتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ مەشھۇر بابىل پادىشاھى خاممۇرابى ئىدى. ئۇنىڭ شۆھرىتى ئاساسەن ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تاش پۈتۈك – خاممۇرابى قانۇنىدىن كەلگەن. ئۇ بىر يۈرۈش قانۇن ۋە سوت قارارلىرىنىڭ توپلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى خاممۇرابىنى ئادىل پادىشاھنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ كۆرسىتىش، بابىل ئىمپېرىيەسى بويىچە تېخىمۇ بىرلىككە كەلگەن قانۇن سىستېمىسىغا ئاساس بولۇش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئادالەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ئادىل پادىشاھنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىش ئىدى.

كېيىنكى ئەۋلادلار بۇنىڭغا دىققەت قىلدى. قەدىمكى مېسوپوتامىيەنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملىرى ۋە بيۇروكراتىك كاتتىلىرى بۇ تېكىستنى مۇقەددەسلەشتۈردى، خاممۇرابى ئۆلۈپ، ئۇنىڭ ئىمپېرىيەسى خارابىلىققا ئايلانغاندىن كېيىنمۇ كاتىپ شاگىرتلار ئۇنى كۆچۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى. شۇڭا خاممۇرابى قانۇنى قەدىمكى مېسوپوتامىيەلىكلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپ ئىدىيەسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياخشى مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خاممۇرابى قانۇنىنىڭ بېشىدا، مېسوپوتامىيە ئىبادەتخانىسىنىڭ ئانۇ، ئېنلىل ۋە ماردۇك قاتارلىق باش ئىلاھلىرىنىڭ خاممۇرابىنى «زېمىندا ئادالەتنى ھاكىم قىلىش، رەزىللىك ۋە يامانلىقنى يوقىتىش، كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى ئېزىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن تەيىنلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئاندىن «ئەگەر مۇنداق ئىش يۈز بەرسە، مۇنداق ھۆكۈم قىلىنىدۇ» دېگەن قېلىپتا 300 گە يېقىن ھۆكۈم تىزىپ چىقىلغان. مەسىلەن، 196-199 ۋە 209-214-ھۆكۈملەردە مۇنداق دېيىلگەن:

196. ئەگەر يۇقىرى تەبىقىلىق كىشى باشقا بىر يۇقىرى تەبىقىلىق كىشىنىڭ كۆزىنى كور قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ كۆزى كور قىلىنسۇن.

197. ئەگەر ئۇ باشقا بىر يۇقىرى تەبىقىلىق كىشىنىڭ سۆڭىكىنى سۇندۇرۇۋەتسە، ئۇنىڭ سۆڭىكى سۇندۇرۇلسۇن.

198. ئەگەر ئۇ پۇقرانىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىۋەتسە ياكى سۆڭىكىنى سۇندۇرۇۋەتسە، 60 سەر كۈمۈش تۆلىسۇن.

199. ئەگەر ئۇ يۇقىرى تەبىقىلىق كىشىنىڭ قۇلىنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىۋەتسە ياكى سۆڭىكىنى سۇندۇرۇۋەتسە، قۇلنىڭ قىممىتىنىڭ يېرىمىنى كۈمۈش بىلەن تۆلىسۇن.

209. ئەگەر يۇقىرى تەبىقىلىك كىشى يۇقىرى تەبىقىلىق ئايالنى ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋەتسە، ھامىلىسى ئۈچۈن 10 سەر كۈمۈش تۆلىسۇن.

210.  ئەگەر شۇ ئايال ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ قىزى ئۆلتۈرۈلسۇن.

211. ئەگەر ئۇ پۇقرا تەبىقىسىدىكى ئايالنى ئۇرۇپ ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋەتسە، 5 سەر كۈمۈش تۆلىسۇن.

212. ئەگەر شۇ ئايال ئۆلۈپ كەتسە، 30 سەر كۈمۈش تۆلىسۇن.

213. ئەگەر ئۇ يۇقىرى تەبىقىلىق كىشىنىڭ دېدىكىنى ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋەتسە، 2 سەر كۈمۈش تۆلىسۇن.

214. ئەگەر شۇ دېدەك ئۆلۈپ كەتسە، 20 سەر كۈمۈش تۆلىسۇن.

ھۆكۈملەرنى تىزىپ بولغاندىن كېيىن، خاممۇرابى يەنە مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ:

«بۇلار قابىل پادىشاھ خاممۇرابى بەلگىلىگەن ئادىل قارارلار بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىننى ھەقىقەت يولى ۋە توغرا تۇرمۇش يولىغا باشلىدىم… مەن خاممۇرابى، ئېسىل پادىشاھ. مەن ئىلاھ ئېنلىل ماڭا ئامانەت قىلغان ۋە ئىلاھ ماردۇك ماڭا ئىنسانىيەتكە پادىچىلىق قىل دەپ تاپشۇرغان ۋەزىپىگە بىپەرۋالىق قىلمىدىم».

خاممۇرابى قانۇنى پۈتۈلگەن تاش ئابىدە، تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1776-يىلىغا تەۋە

خاممۇرابى قانۇنى بابىل جەمئىيىتىنىڭ تەرتىپى ئىلاھلار بەلگىلىگەن ئۇنىۋېرسال ۋە مەڭگۈلۈك ئادالەت پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان دەپ جاكارلايدۇ. دەرىجە پرىنسىپى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. قانۇنغا كۆرە، كىشىلەر ئىككى جىنس ۋە ئۈچ تەبىقىگە: يۇقىرى تەبىقىلىكلەر، پۇقرالار ۋە قۇللارغا بۆلۈنگەن. ھەر بىر جىنس ۋە تەبىقىنىڭ ئەزالىرىنىڭ قىممىتى ئوخشاش ئەمەس. پۇقرا ئايالنىڭ جېنى 30 سەر كۈمۈشكە، دېدەكنىڭ جېنى 20 سەر كۈمۈشكە، ئەمما پۇقرا ئەرنىڭ كۆزى 60 سەر كۈمۈشكە توختىغان.

قانۇن يەنە ئائىلە ئىچىدىكى قاتتىق دەرىجە پەرقىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇنىڭغا كۆرە، بالىلار مۇستەقىل شەخسلەر ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىسىنىڭ مۈلكى. شۇڭا، ئەگەر بىر يۇقىرى تەبىقىلىق كىشى يەنە بىر يۇقىرى تەبىقىلىق كىشىنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرۈۋەتسە، قاتىلنىڭ قىزى جازا سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىزگە قاتىل جازاغا تارتىلماي، ئۇنىڭ گۇناھسىز قىزىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما خاممۇرابى ۋە بابىللىقلارغا بۇ مۇتلەق ئادىل كۆرۈنگەن. خاممۇرابى قانۇنى مۇنداق بىر ئالدىنقى شەرتكە ئاساسلانغان، ئۇ بولسىمۇ ئەگەر پادىشاھنىڭ پۇقرالىرى دەرىجە تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھەرىكەت قىلسا، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشالايدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ جەمئىيىتى ھەر بىر پۇقرا ئۈچۈن يېتەرلىك ئاشلىق-يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇلارنى ئادىل تەقسىملەيدۇ، پۇقرالارنى دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدايدۇ؛ شۇنداقلا زېمىنىنى كېڭەيتىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئېرىشتۈرىدۇ.     

خاممۇرابىنىڭ ۋاپاتىدىن 3500 يىل كېيىن، شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىنىڭ ئاھالىسى ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ ئۆزلىرىگە ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى فىلادېلفىيە شەھىرىگە يىغىلدى، 1776-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى مۇستەملىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەنگلىيە پادىشاھلىقىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى جاكارلىدى. ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى خۇددى خاممۇرابىنىڭكىگە ئوخشاش ئىلاھىي كۈچتىن ئىلھام ئالغان ئۇنىۋېرسال ۋە مەڭگۈلۈك ئادالەت پرىنسىپلىرىنى جاكارلىدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ تەڭرىسى بەلگىلىگەن ئەڭ مۇھىم پرىنسىپ بابىل ئىلاھلىرىنىڭكىدىن بىر ئاز پەرقلىق ئىدى. ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى مۇنداق دەيدۇ:

«بىزنىڭچە بۇ ھەقىقەت ئۆزلۈكىدىن ئايانكى، بارلىق ئىنسانلار باراۋەر يارىتىلغان، ئۇلار ياراتقۇچى ئاتا قىلغان تارتىۋېلىنمايدىغان ھوقۇقلارغا ئىگە، بۇ ھوقۇقلار ياشاش ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەخت-سائادەتكە ئىنتىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

خاممۇرابى قانۇنىغا ئوخشاشلا، ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىمۇ ئەگەر ئىنسانلار ئىلاھىي پرىنسىپقا كۆرە ئىش قىلسا، مىليونلىغان ئىنسانلار ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، ئادىل ۋە گۈللەنگەن بىر جەمئىيەتتە خاتىرجەم، تىنچ ياشىيالايدۇ دەپ ۋەدە قىلىدۇ. ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى خاممۇرابى قانۇنىغا ئوخشاشلا شۇ دەۋر ۋە ماكاندىن قالغان مۇھىم ھۆججەت بولۇپلا قالماي، كېيىنكى ئەۋلادلا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان، 200 يىلدىن بۇيان ئامېرىكادىكى مەكتەپ بالىلىرى يادلايدىغان، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىدىغان قانۇنغا ئايلاندى.

بۇ ئىككى قانۇن بىزنى زىددىيەتكە سېلىپ قويىدۇ. خاممۇرابى قانۇن بىلەن ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق ۋە مەڭگۈلۈك ئادالەت پرىنسىپىنى بايان قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئەمما ئامېرىكالىقلارغا كۆرە ھەممە ئادەم باراۋەر، قەدىمكى بابىللىقلارغا كۆرە ھەممە ئادەم باراۋەر ئەمەس. ئامېرىكالىقلار ئۆزىنىڭكىنى توغرا، خاممۇرابىنىڭ ئىدىيەسىنى خاتا دەيدۇ. خاممۇرابىمۇ تەبىئىي ھالدا بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ،  ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەيدۇ، ئامېرىكالىقلار خاتالاشتى دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى خاتالاشقان. خاممۇرابى بىلەن ئامېرىكا دۆلىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئومۇمىي ۋە ئۆزگەرمەس ئادالەت پرىنسىپى (مەسىلەن باراۋەرلىك ياكى دەرىجە تۈزۈمى) تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان جەمئىيەتنى ئويلاپ چىققان. ھالبۇكى بۇنداق ئومۇمىي پرىنسىپ پەقەت ھومو ساپىيانسلارنىڭ مول تەسەۋۋۇرىدا، ئۇلار ئىجاد قىلغان ۋە بىر-بىرىگە ئېيتقان ئەپسانە-رىۋايەتلەردىلا مەۋجۇت ئىدى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئاقمايتتى.          

كىشىلەرنىڭ «يۇقىرى تەبىقىلىكلەر» ۋە «پۇقرالار» دەپ بۆلۈنۈشى خىيالنىڭ مەھسۇلى دېگەننى قوبۇل قىلىش ئاسان. ئەمما بارلىق ئىنسانلار باراۋەر دېگەن ئىدىيەمۇ بىر ئەپسانە. بارلىق ئىنسانلار قايسى مەنىدە بىر-بىرىگە باراۋەر؟ ئىنسان تەسەۋۋۇرىنىڭ سىرتىدا، بىز ھەقىقەتەن باراۋەر بولغان بىرەر ئوبيېكتىپ رېئاللىق بارمۇ؟ بارلىق ئىنسانلار بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن بىر-بىرىگە باراۋەرمۇ؟ ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدىكى ئەڭ داڭلىق جۈملىنى بىئولوگىيەلىك ئاتالغۇلارغا سېلىپ تەرجىمە قىلىپ باقايلى:

«بىزنىڭچە بۇ ھەقىقەت ئۆزلۈكىدىن ئايانكى، بارلىق ئىنسانلار باراۋەر يارىتىلغان، ئۇلار ياراتقۇچى ئاتا قىلغان تارتىۋېلىنمايدىغان ھوقۇقلارغا ئىگە، بۇ ھوقۇقلار ياشاش ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەخت-سائادەتكە ئىنتىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

بىئولوگىيە ئىلمىگە كۆرە، ئىنسانلار «يارىتىلغان» ئەمەس. ئۇلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان. ئۇلار «باراۋەر» ھالەتتە تەرەققىي قىلمىغان. باراۋەرلىك ئىدىيەسى يارىتىلىش ئىدىيەسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئامېرىكىلىقلار باراۋەرلىك ئىدىيەسىنى خرىستىئان دىنىدىن ئالغان. خرىستىئانلار «ھەر بىر ئىنسان ئىلاھىي روھقا ئىگە ۋە بارلىق روھلار خۇدا ئالدىدا باراۋەر» دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەگەر بىز خۇدا، يارىتىلىش ۋە روھ توغرىسىدىكى خرىستىئان ئەپسانىلىرىگە ئىشەنمىسەك، بارلىق ئىنسانلارنىڭ «باراۋەر» بولۇشى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

تەدرىجىي تەرەققىيات باراۋەرلىككە ئەمەس، پەرقلەرگە ئاساسلانغان. ھەر بىر ئىنسان ئوخشىمىغان گېن كودىغا ئىگە ۋە تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئوخشىمىغان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن ئوخشىمىغان سۈپەت تەرەققىياتى، ئاندىن ئوخشىمىغان ياشاش پۇرسىتى مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭا «باراۋەر يارىتىلغان» دېگەننى «پەرقلىق تەرەققىي قىلغان» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك.

بىئولوگىيە ئىلمىگە كۆرە، ئىنسانلار ھېچقاچان يارىتىلمىغاندەك، ئۇلارغا بىرەر نەرسە «ئاتا قىلىدىغان» بىر «ياراتقۇچى»مۇ يوق. پەقەت مەلۇم شەخسنى دۇنياغا كەلتۈرىدىغان مەقسەتسىز تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىلا بار. «ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان» دېگەننى پەقەت «تۇغۇلغان» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك.

شۇنىڭدەك، بىئولوگىيەدە ھوقۇق دېگەن نەرسە يوق. پەقەت ئورگانلار، ئىقتىدارلار ۋە ئالاھىدىلىكلەرلا بار. قۇشلار ئۇچۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، قانىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇچىدۇ. بۇ ئورگانلار، ئىقتىدارلار ۋە ئالاھىدىلىكلەرنىڭ «تارتىۋېلىنمايدىغان» بولۇشىمۇ ناتايىن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇتاتسىيەگە (تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشكە) ئۇچراپ تۇرىدۇ ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. تۆگىقۇش ئۇچۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بىر قۇش. شۇڭا «تارتىۋېلىنمايدىغان ھوقۇقلار» دېگەننى «ئۆزگىرىشچان ئالاھىدىلىكلەر» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك.

ئىنسانلاردا تەرەققىي قىلغان ئالاھىدىلىكلەر نېمە؟ «ياشاش ئىقتىدارى» چوقۇم بار. ئەمما «ئەركىنلىك»چۇ؟ بىئولوگىيەدە بۇنداق نەرسە يوق. ئەركىنلىك خۇددى ھوقۇق، باراۋەرلىك  ۋە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىگە ئوخشاشلا، ئىنسانلار ئويدۇرۇپ چىققان ۋە پەقەت ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىلا مەۋجۇت بولغان نەرسە. بىئولوگىيەلىك نۇقتىدىن قارىغاندا، دېموكراتىك جەمئىيەتتىكى ئىنسانلار ئەركىن، دىكتاتورلۇق ئاستىدىكى ئىنسانلار ئەركىن ئەمەس دېيىش ئاقمايدۇ. «بەخت-سائادەت»چۇ؟ ھازىرغىچە بىئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار بەخت-سائادەتنىڭ ئېنىق چۈشەندۈرۈلۈشى ياكى ئۇنى ئوبيېكتىپ ئۆلچەش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالمىدى. كۆپىنچە بىئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار پەقەت ئېنىقراق چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆلچەش مۇمكىن بولغان ھۇزۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا «ياشاش، ئەركىنلىك ۋە بەخت-سائادەتكە ئىنتىلىش» دېگەننى «ھايات ۋە ھۇزۇرغا ئىنتىلىش» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك.

مانا بۇ ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدىكى جۈملىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئاتالغۇلار بويىچە تەرجىمە قىلىنىشى:

«بىزنىڭچە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئايانكى، بارلىق ئىنسانلار ئوخشىمىغان تەرەققىي قىلغان، ئۇلار مەلۇم ئۆزگىرىشچان ئالاھىدىلىكلەر بىلەن تۇغۇلغان، بۇلارنىڭ قاتارىدا ھايات ۋە ھۇزۇرغا ئىنتىلىش بار».

باراۋەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سەۋەبلەردىن تېرىكىپ: «بىز كىشىلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن باراۋەر ئەمەسلىكىنى بىلىمىز! ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ ماھىيەتتە باراۋەر ئىكەنلىكىىمىزگە ئىشەنسەك، بۇ بىزنى مۇقىم ۋە گۈللەنگەن جەمئىيەت قۇرۇشقا قادىر قىلىدۇ» دېيىشى مۇمكىن. مەن بۇنىڭغا قارشى ئەمەس. مەن دەل «تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپ» دېگەندە مۇشۇنى كۆرسىتىمەن. بىز مەلۇم بىر تەرتىپكە ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ ھەقىقەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ئىشىنىش بىزنى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشقا ۋە تېخىمۇ ياخشى جەمئىيەت قۇرۇشقا قادىر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىشىنىمىز. تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپلەر رەزىل سۇيىقەست ياكى قۇرۇق خىيالەت ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇلار كۆپ ساندىكى ئىنسانلارنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشىنىڭ بىردىنبىر يولى. ئەمما شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، خاممۇرابى ئۆزىنىڭ دەرىجە پرىنسىپىنى ئوخشاش مەنتىقە بىلەن قوغداپ: «مەن يۇقىرى تەبىقىلىكلەر، پۇقرالار ۋە قۇللارنىڭ ماھىيەتتە ئوخشاش ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ پەرقلىق ئىنسانلار ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەك، بۇ بىزنى مۇقىم ۋە گۈللەنگەن جەمئىيەت قۇرۇشقا قادىر قىلىدۇ» دېيىشى مۇمكىن.

ھەقىقىي ئىشەنگۈچىلەر

يۇقىرىقى ئابزاسلارنى ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرالماي قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچىمىز بۈگۈن مۇشۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەربىيىلەنگەن. خاممۇرابى قانۇنىنىڭ ئەپسانە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش ئاسان، ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنىڭمۇ ئەپسانە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاشنى خالىمايمىز. ئەگەر كىشىلەر كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پەقەت تەسەۋۋۇردىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالسا، جەمئىيىتىمىزنىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپى يوقمۇ؟ ۋولتېر خۇدا ھەققىدە: «خۇدا يوق، ئەمما بۇنى خىزمەتكارىمغا ئېيتماڭلار، بولمىسا ئۇ مېنى كېچىدە ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن» دېگەن. خاممۇرابىمۇ ئۆزىنىڭ دەرىجە پرىنسىپى ھەققىدە، توماس جېففېرسونمۇ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئاشۇنداق گەپنى قىلىشى مۇمكىن. ئۆمۈچۈك، سىرتلان ۋە شىمپانزىلارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى بولمىغىنىدەك، ھومو ساپىيانسنىڭمۇ تەبىئىي ھوقۇقى يوق، ئەمما بۇنى خىزمەتكارلىرىمىزغا ئېيتماڭلار، بولمىسا ئۇلار بىزنى كېچىدە ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

بۇنداق قورقۇنچلار ئورۇنلۇق. تەبىئىي تەرتىپ مۇقىم تەرتىپتۇر. كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمەي قالسىمۇ، ئەتە يەر تارتىش كۈچىنىڭ توختاپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوق. ئەكسىچە، تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپ ھەمىشە ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەپسانىلەرگە تايىنىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمەي قالسا ئەپسانىلەر يوقىلىپ كېتىدۇ. تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپنى قوغداش ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈر. بۇ كۈچلەرنىڭ بەزىلىرى زوراۋانلىق ۋە مەجبۇرلاش شەكلىدە بولىدۇ. قوشۇنلار، ساقچىلار، سوتلار ۋە تۈرمىلەر كىشىلەرنى تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپكە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ئىشلەيدۇ. قەدىمكى بابىللىق بىرى قوشنىسىنىڭ كۆزىنى كور قىلسا، «كۆزگە كۆز» قانۇنىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەتتە زوراۋانلىق قوللىنىش زۆرۈر بولغان. 1860-يىلى، ئامېرىكىلىق پۇقرالارنىڭ كۆپ قىسمى ئافرىقىلىق قۇللارنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكى، شۇڭا ئەركىنلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە خۇلاسىگە كەلگەندە، جەنۇبىي شتاتلارنى بۇنىڭغا قوشۇلدۇرۇش ئۈچۈن قانلىق ئىچكى ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كەلگەن.

بىراق، تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپنى پەقەت زوراۋانلىق بىلەنلا ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا يەنە بەزى ھەقىقىي ئىشەنگۈچىلەر كېرەك. شاھزادە تالىيران ئۆزىنىڭ خامىلىيوندەك ئۆزگىرىشچان سىياسىي ھاياتىنى 16-لۇئىس دەۋرىدە باشلاپ، كېيىن ئىنقىلابقا ۋە ناپولېئون ھۆكۈمەتلىرىگە خىزمەت قىلغان؛ ساداقىتىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ، پادىشاھلىققا خىزمەت قىلىش كۈنلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئۇ نەچچە ئون يىللىق ھۆكۈمەت تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ: «سىز مىلتىق نەيزىسى بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇش بەك بىئەپ» دېگەن. بىر پوپ كۆپ ھاللاردا يۈز ئەسكەرنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ قولاي ۋە ئۈنۈملۈك قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىلتىق نەيزىسى قانچىلىك ئۈنۈملۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى بىر كىم تۇتۇشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن ئەسكەرلەر، تۈرمە باشقۇرغۇچىلار، سوتچىلار ۋە ساقچىلار ئۆزلىرى ئىشەنمەيدىغان تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك؟ بارلىق ئىنسانىي كوللېكتىپ پائالىيەتلەر ئىچىدە، تەشكىللەش ئەڭ قىيىن بولغىنى زوراۋانلىقتۇر. بىر ئىجتىمائىي تەرتىپنى ھەربىي كۈچ بىلەن ساقلىغىلى بولىدۇ دېسەك، ئۇ ھالدا مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: ھەربىي تەرتىپنى نېمە ساقلايدۇ؟ قوشۇننى پەقەت مەجبۇرلاش بىلەنلا تەشكىللەش مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ كەم دېگەندە، بەزى قوماندانلار ۋە ئەسكەرلەر مەيلى ئۇ خۇدا، شەرەپ، ۋەتەن، ئەرلىك ياكى پۇل بولسۇن، بىر نەرسىگە ھەقىقىي ئىشىنىشى كېرەك.

تېخىمۇ قىزىقارلىق مەسىلە جەمئىيەت پىرامىدسىنىڭ چوققىسىدا تۇرغانلارغا مۇناسىۋەتلىك. نېمە ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرى ئىشەنمەيدىغان تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپنى يۈرگۈزۈشنى خالايدۇ؟ جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي قاراش شۇكى، يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەر شەخسىيەتچى ھەم نەپسانىيەتچى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ھېچنېمىگە ئىشەنمەيدىغان تەركى دۇنياچىنىڭ نەپسانىيەتچى بولۇشى ناتايىن. ھومو ساپىيانسنىڭ ئوبيېكتىپ بىئولوگىيەلىك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ نەرسە كەتمەيدۇ. بۇ ئېھتىياجلار قاندۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپرەك پۇلنى پىرامىدا قۇرۇشقا، دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىشقا، سايلام تەشۋىقاتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە، ئۆزى ياقتۇرىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاشقا ياكى پاي بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشقا خەجلىگىلى بولىدۇ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تەركى دۇنياچى پۈتۈنلەي مەنىسىز دەپ قارايدىغان پائالىيەتلەردۇر. تەركى دۇنيا ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى گرېك پەيلاسوپى دىئوگېنېس بىر تۇڭنىڭ ئىچىدە ياشىغان. بىر قېتىم ئۇ ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغاندا، بۈيۈك ئىسكەندەر ئۇنى يوقلاپ كېلىپ، سېنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلەمدىمەن دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ھەئە، سەن قۇياشنى توسۇۋالماي نېرىراق تۇرساڭ، مەن ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بەرگەن بولىسەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

مانا بۇ تەركى دۇنياچىلارنىڭ ئىمپېرىيە قۇرمايدىغانلىقىنىڭ ۋە تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپنىڭ پەقەت نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمى، بولۇپمۇ سەر خىللار ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشەنگەندىلا ساقلىنىپ قالالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئەگەر ئېپسكوپلار ۋە روھانىيلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەيساغا ئىشەنمىگەن بولسا، خرىستىيانلىق 2000 يىل داۋاملاشمىغان بولاتتى. ئەگەر پرېزىدېنتلار ۋە كونگرېس ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى كىشىلىك ھوقۇققا ئىشەنمىگەن بولسا، ئامېرىكا دېموكراتىيەسى 250 يىل داۋاملاشمىغان بولاتتى. ئەگەر مەبلەغچىلەر ۋە بانكىرلارنىڭ كۆپ قىسمى كاپىتالىزمغا ئىشەنمىگەن بولسا، زامانىۋى ئىقتىسادىي سىستېما بىر كۈنمۇ داۋاملاشمىغان بولاتتى.

باھا يېزىش