ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (11)

  1. پرامىدا ياساش

يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى تارىختىكى ئەڭ مۇنازىرىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بەزىلەر ئۇنى ئىنسانىيەتنى گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات يولىغا باشلىغان دېسە، بەزىلەر ئۇنى ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە باشلىغان دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىنقىلاپ ھومو ساپىيانىسنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىنى تەرك ئېتىپ، نەپسانىيەتچىلىككە ۋە ياتلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى. يول قايسى يۆنىلىشكە ئېلىپ بارسۇن، ئەمدى قايتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يېزا ئىگىلىكى نوپۇسنىڭ بىراقلا كۆپىيىشىگە يول ئاچقان بولۇپ، مۇرەككەپ قاتلامغا ئىگە ھېچقانداق يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتى ئوۋچىلىق ۋە تېرىمچىلىققا قايتسا ئۆزىنى ساقلاپ قالالمايتتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 10،000-يىللار ئەتراپىدا، ئىنسانلار يېزا ئىگىلىك دەۋرىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن، يەر يۈزىدە تەخمىنەن 5-8 مىليون كۆچمەن ئوۋچى-غەنىمەتچى ياشايتتى. مىلادى 1-ئەسىرىگە كەلگەندە، پەقەت 1-2 مىليون ئوۋچى-غەنىمەتچى (ئاساسەن ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ئافرىقىدا) قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى دۇنيادىكى 250 مىليون دېھقانغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز ئىدى.

كۆپ ساندىكى دېھقانلار دائىمىي ماكانلاردا ياشىغان؛ پەقەت ئاز ساندىكىلىرىلا كۆچمەن پادىچىلار ئىدى. ئولتۇراقلىشىش كۆپ ساندىكى خەلقلەرنىڭ ماكانلىشىش دائىرىسىنىڭ بىراقلا تارىيىشىغا سەۋەب بولدى. قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئادەتتە نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز كىۋادرات كىلومېتىر زېمىندا ياشايتتى. «ئۆي» پۈتۈن تېررىتورىيە بولۇپ، ئۇ تاغلار، ئېقىنلار، ئورمانلار، ۋە ئوچۇق ئاسماننىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئەكسىچە، دېھقانلار كۆپىنچە كۈنلىرىنى كىچىك ئېتىز ياكى مېۋىلىكتە ئىشلەپ ئۆتكۈزەتتى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ياغاچ، تاش ياكى لايدىن ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە ئون مېتىردىن ئاشمايدىغان تار بىر قۇرۇلۇشقا – ئۆيگە مەركەزلەشكەنىدى . دېھقانلارنىڭ بۇنداق ئۆيلەرگە چىن كۆڭلىدىن باغلىنىپ قېلىشى يېزا ئىگىلىك ئىنقىلاۋىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ تەسىر پىسخىك جەھەتتىنلا ئەمەس، ئۆي قۇرۇلۇشىدىمۇ ئىپادىلەنگەن. شۇنىڭدىن ئىېتىبارەن، مېنىڭ ئۆيۈم دەيدىغان مېھىر-مۇھەببەت بىلەن باشقىلاردىن قوشنا بولۇپ ئايرىلىش، ئۆزىنى مەركەز قىلغان مەخلۇقلارنىڭ پىسخىك بەلگىسى بولۇپ قالغان.

يېڭى يېزا ئىگىلىك رايونلىرى قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭكىدىن كۆپ كىچىك بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ سۈنئىي ئىدى. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئوت ئىشلىتىشتىن باشقا، ئۆزلىرى كەزگەن يەرلەردە ئانچە كۆپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمىغان. ئەكسىچە، دېھقانلار ئەتراپتىكى يەر-زېمىندىن جاپالىق ھالدا بۆلۈپ تاشلىغان سۈنئىي ئىنسان ئاراللىرىدا ياشىغان. ئۇلار ئورمانلارنى كېسىپ قانال قازغان، ئېتىزلارنى ئاچقان، ئۆي سالغان، يەر ھەيدىگەن ۋە مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەن. بۇنىڭدىن بەرپا قىلىنغان سۈنئىي ياشاش مۇھىتى پەقەت ئىنسانلار ۋە «ئۇلارنىڭ» زىرائەت-ھايۋانلىرى ئۈچۈنلا ھازىرلانغان بولۇپ، كۆپىنچىسى تام ۋە چىتلار بىلەن توسۇلغان.

تارىخنىڭ كۆپ يىللىرىدا، ئىنسانلار بەرپا قىلغان بۇ قورۇقلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئەتراپىنى بويسۇندۇرۇلمىغان تەبىئەت قورشاپ تۇراتتى. يەر شارى يۈزىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 510 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ 155 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىسى قۇرۇقلۇقتۇر. مىلادى 1400-يىلىغىچە، كۆپ ساندىكى دېھقانلار زىرائەت ۋە ھايۋانلىرى بىلەن بىرلىكتە پەقەت 11 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىگە، يەنى يەر شارىنىڭ 2 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن رايونغا توپلانغان. باشقا جايلار بەك سوغۇق، بەك ئىسسىق، بەك قۇرغاق، بەك نەم ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېزا ئىگىلىكىگە ماس كەلمەيتتى.

كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سۈنئىي ئاراللىرىنى تاشلاپ كېتىشتە قىينالدى. ئۇلار ئېغىر زىيان تارتىش خەۋپى تۈپەيلىدىن ئۆيلىرى، ئېتىزلىرى ۋە ئامبارلىرىنى تاشلاپ كېتەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى-يۆتكەش قىيىن بولغان ۋە ئۇلارنى چەكلەپ قويىدىغان بۇيۇملارنى توپلىدى. قەدىمكى دېھقانلار بىزگە ئىنتايىن نامرات كۆرۈنسىمۇ، تىپىك بىر دېھقان ئائىلىنىڭ پۈتۈن بىر ئوۋچى-غەنىمەتچى قەبىلىسىدىنمۇ كۆپ تۇرمۇش ئەشيالىرى بار ئىدى.

كەلگۈسىنىڭ كېلىشى

يېزا ئىگىلىك ماكانى قىسقارغان بولسىمۇ، يېزا ئىگىلىك ۋاقتى كېڭەيدى. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئادەتتە كېلەر ھەپتە ياكى كېلەر ئاينى ئويلاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلمايتتى. دېھقانلار بولسا خىيالىدا يىللار ۋە ئون يىللار كېيىنكى كەلگۈسىگە قاراپ پىلان تۈزەتتى.

ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر كەلگۈسىگە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيتتى، چۈنكى ئۇلار كۈنلۈك تۇرمۇشتا ياشاپ، ئوزۇق-تۈلۈك ساقلاش ياكى نەرسە-كېرەك توپلاشتا قىينىلاتتى. ئەلۋەتتە، ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە كەلگۈسىنى ئالدىن ئويلىغان. چاۋېت، لاسكو ۋە ئالتامىرا ئۆڭكۈر رەسىملىرىنى سىزغۇچىلار جەزمەن بۇلارنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قېلىشىنى كۆزدە تۇتقان. ئىجتىمائىي ئىتتىپاقلار ۋە سىياسىي رىقابەتلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلار ئىدى. ياخشىلىقنى قايتۇرۇش ياكى خاتالىقتىن ئىنتىقام ئېلىش كۆپ ھاللاردا يىللارغا سوزۇلاتتى.

يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى كەلگۈسىنى بۇرۇنقىدىن كۆپ مۇھىم قىلدى. دېھقانلار ھەمىشە كەلگۈسىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلىشى كېرەك ئىدى. يېزا ئىگىلىكى پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىگە ئاساسلانغان بولۇپ، ئۇزۇن ئايلىق تېرىقچىلىق ۋە قىسقا ھوسۇل يىغىش مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. مول ھوسۇل يىغىلغاندىن كېيىنكى كېچىدە دېھقانلار خالىغانچە تەبرىكلىسىمۇ، بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنە تاڭ سەھەردە ئېتىزغا چىقاتتى. گەرچە بۈگۈن، كېلەر ھەپتە ۋە كېلەر ئايغا يېتەرلىك ئوزۇق بولسىمۇ، ئۇلار كېلەر يىل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللارنى ئويلىشى كېرەك ئىدى.

كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئەندىشە پەقەت پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىگىلا ئەمەس، يەنە يېزا ئىگىلىكنىڭ مۇقىمسىزلىقىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. كۆپىنچە يېزىلار چەكلىك تۈردىكى كۆندۈرۈلگەن ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنى ئۆستۈرۈش بىلەن جان باققاچقا، قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن ۋە ئاپەتلەرگە دۇچ كېلەتتى. دېھقانلار زاپاس ئاشلىق توپلاش ئۈچۈن ئادەتتە قورساققا يەيدىغان نورمىدىن كۆپرەك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇر ئىدى. ئامباردا ئاشلىق، گەمىدە نەچچە قاپاق زەيتۇن يېغى، ئاشخانىدا پىشلاق ۋە تورۇسقا ئېسىلغان كولباسا بولمىسا، ئېغىر يىللاردا ئاچ قالاتتى. بۇنداق يىللار بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن،  ھامان كېلەتتى.

يېزا ئىگىلىك ئىنقىلاۋى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، كەلگۈسىگە بولغان شۇ خىل ئەندىشىلەر ئىنسانلارنىڭ ئاڭ-ئىدىيە سەھنىسىدە مۇھىم رول ئويناشقا باشلىدى. دېھقانلار يامغۇرغا تايىنىپ يەرلىرىنى سۇغىراتتى، شۇڭا يامغۇر پەسلى يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئوپۇققا قارايتتى،  شاماللارنى پۇرايتتى، قاراپ-قاراپ كۆزلىرى تېلىپ كېتەتتى، ئۇ بۇلۇتمۇ؟ ۋاقتىدا يامغۇر ياغامدۇ؟ يېتەرلىك ياغامدۇ؟ بوران-چاپقۇنلار ئېتىزدىكى ئۇرۇقلارنى ئۇچۇرتۇپ، ھويلىدىكى ئاسلانلارنى سوقۇۋېتەرمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېفرات، ھىندى ۋە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى دېھقانلار ئوخشاشلا دەريا سۈيىنىڭ كۆتۈرلۈپ-پەسىيىشىگە دىققەت قىلاتتى. ئۇلار دەريا سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە مۇھتاج ئىدى، شۇندىلا ئېرىق-ئۆستەڭلىرىگە سۇ چىقاتتى،  مۇنبەت ئېتىزلىرىغا سۇ باشلىيالايتتى. ئەمما دەريا سۈيى بەك كۆتۈرۈلۈپ كەتسە ياكى بىمەھەل ۋاقىتتا تاشقىن يۈز بەرسە، ئېتىزلىرىنى سۇ بېسىپ كېتىپ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئوخشاشلا سۇ ئاپىتى يۈز بېرەتتى.

دېھقانلارنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلىشىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار ئىدى، شۇنداقلا ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلايتتى. ئۇلار يېڭىدىن ئېتىز ئېچىپ، يېڭىدىن ئېرىق چېپىپ، تېخىمۇ كۆپ زىرائەت تېرىسا بولاتتى. تۇرمۇش غېمى بېسىۋالغان ئۇ دېھقانلار گويا ياز كۈنى ئوزۇقلۇق توپلاشقان چىققان چۈمۈلىلەردەك تىنىپ تاپماي ئىشلەيتتى، چىلىق-چىلىق تەر تۆكۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ زەيتۇن يېغى تارتىپ يېيىشى ئۈچۈن زەيتۇن دەرەخلىرى تىكەتتى. شۇ كۈنى يېيىشكە تەشنا بولغان ئوزۇق-تۈلۈكىنى قىشلىق ياكى كېلەر يىللىق ئوزۇقى ئۈچۈن ساقلاپ قوياتتى.

يېزا ئىگىلىكىنىڭ بېسىمى ئىنسانلارغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تارىختىكى چوڭ سىياسىي ھاكىمىيەتلەر ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئاساسىنى تىكلىدى. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئىشچان دېھقانلار تا بۈگۈنگىگە ئۆز ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلمىدى، ئۆزلىرى كۈتكەن ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە بولالمىدى. دۇنيانىڭ ھەممە جايىدا ھۆكۈمدارلار بىلەن يۇقىرى قاتلام سەر خىللىرى پەيدا بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئېشىنچا ئوزۇق-تۈلۈكىگە تايىنىپ ياشىدى، دېھقانلارغا پەقەت تۇرمۇشىنى ئاران قامدىغۇدەك ئىمكان بەردى.

بۇ ئارتۇق ئاشلىقلار سىياسەت، ئۇرۇشلار، سەنئەت ۋە پەلسەپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا زېمىن ھازىرلىدى. ئوردىلار، قەلئەلەر، ئابىدىلەر ۋە ئىبادەتخانىلار قۇرۇلدى. زامانىۋى دەۋرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىنسانلارنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ھەر كۈنى پىشانىسىدىن تەر تۆكۈپ يەر ھەيدەيدىغان دېھقانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارتۇق ئىشلەپچىقارغان ئاشلىقى تارىخ كىتابلىرىدا خاتىرىلەنگەن ئاز بىر قىسىم كاتتىلارنى- پادىشاھلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئەسكەرلەر، روھانىيلار، سەنئەتكارلار ۋە مۇتەپەككۇرلارنى ئوزۇقلاندۇردى. تارىخ دېگىنىمىز ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر قىلغان ئىشلار بولۇپ، قالغانلارنىڭ ھەممىسى يەر ھەيدەش ۋە سۇ توشۇش بىلەن مەشغۇل ئىدى.

باھا يېزىش