ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (10)

ئىلاھىي ئارىلىشىش

يۇقىرىقى ئەھۋال يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىنى بىر خاتالىشىش دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ تامامەن مۇمكىن. تارىخ تېخىمۇ ئەخمىقانە خاتالىقلار بىلەن تولغان. ئەمما يەنە بىر ئېھتىماللىق بار. بەلكىم بۇ ئۆزگىرىشنى ئېلىپ كەلگىنى راھەت تۇرمۇشنى قوغلىشىش ئەمەس. ساپىيانسنىڭ بەلكىم باشقا ئارزۇلىرى بار ئىدى ۋە ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇشنى خالىغان.

ئالىملار ئادەتتە تارىخىي تەرەققىياتلارنى ئىقتىساد ۋە نوپۇس ئامىللىرىغا باغلاشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەقلىيەتچى ۋە ماتېماتىكىلىق مېتودلىرىغا ماس كېلىدۇ. زامانىۋى تارىخ مەسىلىسىدە، ئالىملار ئىدېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەتتەك مەنىۋى ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ. يېزىقلىق دەلىللەر ئۇلارنى شۇنىڭغا مەجبۇرلايدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئوزۇق-تۈلۈك كەملىكى ياكى نوپۇس كۆپىيىش بېسىملىرىدىن كېلىپ چىقمىغان، بۇنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ھۆججەت، خەت-چەك ۋە ئەسلىمىلەر بار. ئەمما بىزدە ناتۇفىيە مەدەنىيىتىگە ئائىت ھېچقانداق ھۆججەت يوق، شۇڭا قەدىمكى دەۋرلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ماتېرىيالىزم ئۈستۈنلۈككە ئىگە. يېزىقسىز خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىي زۆرۈرىيەتتىن ئەمەس، ئېتىقادتىن ئىلھاملانغانلىقىنى ئىسپاتلاش قىيىن.

شۇنداقتىمۇ، بەزى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋاللاردا، تەلىيىمىزگە يارىشا يېتەرلىك يىپ ئۇچلىرىنى تېپىۋالىمىز. 1995-يىلى ئارخېئولوگلار تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى گۆبەكلى تېپە دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئورۇننى قېزىشقا باشلىدى. ئەڭ قەدىمكى قاتلامدا ئۇلار يېزا، ئۆي ياكى كۈندۈلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ھېچقانداق ئىزىنى تاپالمىدى. ئەمما ئۇلار ھەيۋەتلىك نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن غايەت چوڭ تۈۋرۈك قۇرۇلمىلىرىنى تاپتى. ھەر بىر تاش تۈۋرۈك يەتتە توننىغىچە ئېغىرلىقتا بولۇپ، بەش مېتىر ئېگىزلىككە يېتەتتى. ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر تاش كانىدا ئۇلار يېرىم ئويۇلغان، ئەللىك توننا ئېغىرلىقتىكى بىر تۈۋرۈكنى تاپتى. ئۇلار يەنە جەمئىي 10 غا يېقىن خاتىرە تېشى بايقىغان بولۇپ، ئەڭ چوڭى ئوتتۇز مېتىرغا يېقىن كەڭلىكتە ئىدى.

گۆبەكلى تەپەدىكى خاتىرە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىزلىرى
ئوڭ تەرەپتىكىسى نەقىشلىرى كۆركەم تاش تۈۋرۈك

ئارخېئولوگلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بۇنداق خاتىرە تاش قۇرۇلۇشلىرى بىلەن تونۇش، ئەڭ تونۇلغىنى ئەنگىلىيەدىكى گىگانت تاش قۇرۇلمىسى. ئەمما ئۇلار گۆبەكلى تېپەنى تەتقىق قىلغاندا، ھەيران قالارلىق بىر پاكىتنى بايقىدى. گىگانت تاش قۇرۇلمىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2500-يىلغا تەۋە بولۇپ، تەرەققىي قىلغان يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. گۆبەكلى تېپەدىكى خاتىرە تاش مىلادىدىن بۇرۇنقى 9500-يىلغا تەۋە بولۇپ، بارلىق دەلىللەر ئۇلارنىڭ ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر تەرىپىدىن ياسالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئارخېئولوگىيە ساھەسى دەسلەپتە بۇ بايقاشلارغا ئىشىنىشتە قىينالدى، ئەمما بىر قاتار سىناقلار بۇ خاتىرە تاش ۋە ئۇنى ياسىغۇچىلار تارىخىنىڭ يېزا ئىگىلىكتىن بۇرۇنقى جەمئىيەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەستىقلىدى. قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى كىشىلەر بۇرۇن ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئاجايىپ بولۇپ چىقتى.

پادىچىنىڭ كۆز قارىشىدىن ئەمەس، پادىنىڭ كۆز قارىشىدىن قارىغاندا، كۆپ ساندىكى كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلار ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى دەھشەتلىك بىر پاجىئە بولغان دېگەن تەسىراتتىن قېچىش تەس. ئۇلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان. نەسلى تۈگەش گىردابىدا تۇرۇۋاتقان ئاز ساندىكى ياۋا كەركىدان، لەززەتلىك گۆش ئۈچۈن سەمرىتىلىپ، كىچىككىنە قەپەستە قىسقا ئۆمۈر كەچۈرىدىغان موزايغا قارىغاندا ھاياتىدىن بەكرەك رازى بولۇشى مۇمكىن. بۇ كەركىدان يەنە ئۆز تۈرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىلىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ رازى. موزاي تۈرىنىڭ سان جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ شەخسىي ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە تەسەللى بولالمايدۇ.

تەدرىجىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن شەخسىي ئازاب-ئوقۇبەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زىددىيەت بەلكىم بىز يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن ئالالايدىغان ئەڭ مۇھىم ساۋاق بولۇشى مۇمكىن. بۇغداي ۋە قوناققا ئوخشاش زىرائەتلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغان چېغىمىزدىلا تەدرىجىي تەرەققىيات كۆز قارىشى توغرا چىقىشى مۇمكىن. بىراق كالا، قوي ۋە ھومو ساپىيانسلارغا ئوخشاش مۇرەككەپ سېزىم ۋە ھېس-تۇيغۇ دۇنياسىغا ئىگە ھايۋانلار مەسىلىسىدە، بىز تەدرىجىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ قانداق قىلىپ شەخسىي تەجرىبىگە ئايلانغانلىقىنى ئويلىشىمىز كېرەك. كېيىنكى بابلاردا بىز ئىنسان تۈرىمىزنىڭ كوللېكتىپ كۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ۋە كۆرۈنۈشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ قانداق قىلىپ كۆپلىگەن شەخسىي ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىلەن بىللە مېڭىپ كەلگەنلىكىنى قايتا-قايتا كۆرىمىز.
نېمە ئۈچۈن ئوۋچى-غەنىمەتچى جەمئىيەت بۇنداق قۇرۇلۇشنى قىلىدۇ؟ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ جانغا ئەسقاتىدىغان يېرى يوق ئىدى. ئۇلار ماموت سويىدىغان ئۆي ياكى يامغۇردىن دالدىلىنىدىغان، شىرلاردىن يوشۇرۇنىدىغان جاي ئەمەس ئىدى. ئۇ بىزنى ئارخېئولوگلار چۈشىنىشتە قىينىلىدىغان سىرلىق مەدەنىي مەقسەت ئۈچۈن قۇرۇلغان دېگەن پىكىرگە ئېلىپ بارىدۇ. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئۇنى زور مىقداردا كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان. گۆبەكلى تېپەنى ھەر خىل گۇرۇپپا ۋە قەبىلىلەرگە تەۋە مىڭلىغان ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئۇزۇن مەزگىل ھەمكارلاشقاندىلا قۇرۇپ چىقالايتتى. پەقەت مۇرەككەپ دىنىي ياكى ئىدېئولوگىيەلىك سىستېمىلا بۇنداق تىرىشچانلارغا مەدەت بېرەلەيتتى.

گۆبەكلى تېپە يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر سىرنى ساقلاپ كەلگەن. كۆپ يىللاردىن بېرى، گېنشۇناسلار بۇغداينىڭ قانداق سورتلاشتۇرۇلغانلىق مەنبەسىنى ئىزدەۋاتاتتى. يېقىنقى بايقاشلار ئەڭ ئاز دېگەندە بىر سورتلۇق بۇغداي تۈرى، يەنى ئېينكورن بۇغدىيىنىڭ قاراجاداغ تاغلىرى – گۆبەكلى تېپەدىن ئوتتۇز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسەتتى.

بۇنىڭ تاسادىپىيلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. گۆبەكلى تېپە مەدەنىيەت مەركىزى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپتە بۇغداينى بويسۇندۇرۇشى ۋە بۇغداينىڭ ئىنسانىيەتنى بويسۇندۇرۇشى بىلەن مەلۇم مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. خاتىرە قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلغان ۋە ئىشلەتكەن كىشىلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن، ناھايىتى كۆپ مىقداردا ئوزۇق-تۈلۈك كېرەك بولغان. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ ياۋا بۇغداي يىغىشتىن بۇغداي تېرىشقا ئۆتۈشى، نورمال ئوزۇق-تۈلۈك تەمىناتىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى قوللاش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. ئەنئەنىۋى تەسەۋۋۇردا، تەۋەككۇلچىلەر ئاۋۋال يېزا قۇرغان، يېزا گۈللەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىبادەتخانا قۇرغان. ئەمما گۆبەكلى تېپە ئىبادەتخانىنىڭ ئاۋۋال قۇرۇلغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭ ئەتراپىدا يېزىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىنقىلابنىڭ قۇربانلىرى

ئىنسانلار بىلەن دانلىق زىرائەتلەر ئارىسىدىكى فائۇستيان سودا كېلىشىمى بىزنىڭ تۈرىمىز تۈزگەن بىردىنبىر كېلىشىم ئەمەس ئىدى. يەنە بىر كېلىشىم قوي، ئۆچكە، چوشقا ۋە توخۇلارغا ئوخشاش ھايۋانلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە تۈزۈلدى. ياۋا قويلارنى ئوۋلايدىغان كۆچمەن گۇرۇپپىلار ئاستا-ئاستا ئوۋ پادىلىرىنىڭ تەركىۋىنى ئۆزگەرتتى. بۇ جەريان ئېھتىمال تاللاپ ئوۋلاش بىلەن باشلانغان. ئىنسانلار پەقەت چوڭ قوچقارلار ۋە قېرى ياكى كېسەل قويلارنى ئوۋلاشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئۆگەندى. يەرلىك پادىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاينىشىنى ساقلاش ئۈچۈن تۆللەش قابىلىيىتى بار چىشى قويلار ۋە قوزىلارنى ئايىدى .ئىككىنچى قەدەمدە ئۇلار پادىنى يىرتقۇچلاردىن ئاكتىپ قوغدىغان، شىر، بۆرە ۋە ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلغۇچى ئىنسانلارنى قوغلىغان بولۇشى مۇمكىن. كېيىنكى قەدەمدە ئۇلار پادىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن، ئۇلارنى تار جىلغىغا قامىغان بولۇشى مۇمكىن. ئاخىرىدا، ئۇلار قويلارنى ئۆز ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ دىققەت بىلەن تاللاشقا باشلىدى. ئەڭ يامان قوچقارلار، يەنى ئادەملەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئەڭ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر ئاۋۋال سويۇلدى. ئەڭ ئورۇق ۋە ئەڭ قاچقاق چىشى قويلارمۇ شۇنداق بولدى. (پادىچىلار پادىدىن يىراقلاپ كېتىدىغان قاچاق قويلارنى ياقتۇرمايدۇ.) شۇنداق قىلىپ قويلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تېخىمۇ سېمىز، رايىش ۋە ئاز قاچىدىغان بولۇپ كەتتى. مانا! مەريەم كىچىك قوزىغا ئىگە بولدى ۋە مەريەم نەگە بارسا قوزا شۇ يەرگە ئەگىشىدىغان بولدى.

ياكى ئوۋچىلار قوزىنى تۇتۇپ «بېقىۋالغان»، مول پەسىلدە ئۇنى سەمرىتىپ، قەھەتچىلىك پەسلىدە سويغان بولۇشى مۇمكىن. مەلۇم مەزگىلدە ئۇلار كۆپرەك قوزا بېقىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يوغىناپ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەڭ يامان، باشباشتاق قوزىلار بىرىنچى بولۇپ سويۇلدى. ئەڭ مۇلايىم، جەلپ قىلارلىق قوزىلار ئۇزۇنراق ياشاپ كۆپىيىشكە قويۇپ بېرىلدى. نەتىجىدە ئۆي ھايۋىنى بولغان، بويسۇنۇشچان قوي پادىسى شەكىللەندى.

كۆندۈرۈلگەن ئۆي ھايۋانلىرىدىن  قوي، توخۇ، ئېشەك ۋە باشقا ھايۋانلار ئىنسانلارنى يېمەكلىك (گۆش، سۈت، تۇخۇم)، خام ماتېرىيال (تېرە، يۇڭ) ۋە كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بۇرۇن ئادەم كۈچى بىلەن قىلىنغان يۈك توشۇش، يەر ھەيدەش، ئۇن تارتىش ۋە باشقا ئىشلار بارغانسېرى ھايۋانلارغا يۈكلەندى. كۆپىنچە يېزا ئىگىلىك جەمئىيەتلىرىدە كىشىلەر زىرائەت تېرىشقا مەركەزلەشتى؛ چارۋا بېقىش ئىككىنچى تۈردىكى ئىشلار ئىدى. ئەمما بەزى جايلاردا ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ ئۇلاردىن پايدىلىنىدىغان بىر خىل جەمئىيەت- چارۋىچى قەبىلىلەر پەيدا بولدى.

ئىنسانلار دۇنياغا تارقالغانسېرى، ئۇلارنىڭ ئۆي ھايۋانلىرىمۇ تارقالدى. ئون مىڭ يىل ئىلگىرى، ئاسىيا، ئافرىقىنىڭ بەزى رايونلىرىدا بىر نەچچە مىليون ئەتراپىدا قوي، كالا، ئۆچكە، توڭگۇز ۋە توخۇلار ياشايتتى. بۈگۈن دۇنيادا تەخمىنەن بىر مىليارد قوي، بىر مىليارد چوشقا، بىر مىلياردتىن ئارتۇق كالا ۋە 25 مىلياردتىن ئارتۇق توخۇ بار. ئۇلار پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. ئۆي توخۇسى ئەڭ كەڭ تارقالغان قۇش. ھومو ساپىيانسلاردىن كېيىن، ئۆي كالىسى، چوشقا ۋە قويلار دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردۇر.  تار مەنىدىكى تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يەنى DNA نۇسخىلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىگەندە، يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى توخۇ، كالا، چوشقا ۋە قويلارغا بەخت ئېلىپ كەلگەن.

ئەمما تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تولۇق ئۆلچىمى ئەمەس. ئۇ ھەممە نەرسىنى ھايات قېلىش ۋە كۆپىيىش مىزانى بىلەن باھالايدۇ، شەخسنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە بەخت-سائادىتىگە پەرۋا قىلمايدۇ. ئۆي توخۇلىرى ۋە كالىلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار تارىختىن بېرى ئېزىلگەن ئەڭ بەختسىز مەخلۇقلار قاتارىدىندۇر. ھايۋانلارنى ئۆي ھايۋىنى قىلىش بىر قاتار رەھىمسىز ئۇسۇللارغا تايانغان بولۇپ، ئەسىرلەر ئۆتكەنسېرى تېخىمۇ رەھىمسىزلەشتى.

ياۋا توخۇلارنىڭ تەبىئىي ئۆمرى 7 يىلدىن 12 يىلغىچە، كالىلارنىڭكى 20 يىلدىن 25 يىلغىچە. كۆپىنچە توخۇ ۋە كالىلار تەبىئەتتە ئەركىن ياشىغان بولسا، ئۇ ياشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسىمۇ، يەنىلا خېلى كۆپ يىل ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە ئىدى. يەنە كېلىپ، كۆپ ساندىكى ئۆي توخۇلىرى ۋە كالىلار بىر قانچە ھەپتىدىن بىر قانچە ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا سويۇلىدۇ، چۈنكى بۇ ئىقتىسادىي نۇقتىدىن ھەمىشە ئەڭ مۇۋاپىق سويۇش يېشى بولۇپ كەلگەن. (ئەگەر خوراز ئۈچ ئايدىلا ئەڭ يۇقىرى ئېغىرلىقىغا يەتكەن بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئۈچ يىل بېقىش كېرەك؟)

تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇلار، سۈت كالىلىرى ۋە يۈك تارتىدىغان ھايۋانلار بەزىدە كۆپ يىل ياشاشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلار تەبىئىي تەلەپ-ئارزۇلىرىغا پۈتۈنلەي يات بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بويسۇندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، بۇقىلارنى قامچا تۇتقان مايمۇننىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا ھارۋا ۋە ساپان تارتىشتىن كۆرە، باشقا بۇقا ۋە كالىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا كەڭ دالىلاردا ئەركىن يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

بۇقا، ئات، ئېشەك ۋە تۆگىلەرنى گەپ ئاڭلايدىغان يۈك ھايۋانلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەبىئىي ئىستەكلىرى ۋە ئىجتىمائىي باغلىنىشلىرى بۇزۇلۇشى، ئۇلارنىڭ غالجىرلىقى ۋە جىنسىي ئىقتىدارى تىزگىنلىنىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكى چەكلىنىشى كېرەك ئىدى. دېھقانلار ھايۋانلارنى قوتان ۋە قەپەسلەرگە سولاش، يۈگەن ۋە ئارغامچىلار بىلەن باغلاش، قامچا ۋە تاياقلار بىلەن ساۋاش ياكى مېيىپ قىلىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى تەرەققىي قىلدۇردى. قولغا كۆندۈرۈش جەريانى ھەمىشە ئەركەك ھايۋانلارنى پىچىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىنسانلار ئەركەك ھايۋانلارنىڭ شاشلىقىنى چەكلەپ، پادىنىڭ كۆپىيىشىنى مەقسەتلىك كونترول قىلالىدى.

يېڭى گىۋىنىيەدىكى نۇرغۇن جەمئىيەتلەردە، بىر كىشىنىڭ بايلىقى ئادەتتە ئۇنىڭ قانچە چوشقىسى بارلىقى بىلەن بەلگىلەنگەن. شىمالىي يېڭى گىۋىنىيەدىكى دېھقانلار چوشقىلارنىڭ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھەر بىر چوشقىنىڭ بۇرنىنىڭ بىر قىسمىنى كېسىۋېتىدۇ. بۇ چوشقا بىر نېمىنى پۇراشقا ئۇرۇنغان ھامان بۇرنى ئېچىشىدۇ. چوشقىلار پۇراش ئارقىلىق يېمەكلىك تاپالمايدىغان ياكى يولىنىمۇ تاپالمايدىغان بولغاچقا، بۇ مېيىپلەشتۈرۈش ئۇلارنى خوجايىنلىرىغا پۈتۈنلەي تايىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ. يېڭى گىۋىنىيەنىڭ يەنە بىر رايونىدا، چوشقىلارنىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋېتىش ئادەتكە ئايلانغان، شۇنداق قىلغاندا چوشقىلار نەگە مېڭىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرەلمەيدۇ.

سۈت سانائىتىنىڭ ھايۋانلارنى ئۆز ئىرادىسىگە مەجبۇرلايدىغان ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرى بار. كالا، ئۆچكە ۋە قويلار پەقەت موزاي، ئوغلاق ۋە قوزا تۇغقاندىن كېيىن، بالىلىرى ئېمىۋاتقان مەزگىلدىلا سۈت چىقىرىدۇ. ھايۋان سۈتىنىڭ داۋاملىق تەمىنلىنىشىنى ساقلاش ئۈچۈن، دېھقانلار  ئېمىدىغان موزاي، ئوغلاق ياكى قوزىلارغا ئىگە بولۇشى كېرەك، ئەمما ئۇلارنىڭ سۈتنى تامامەن ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. تارىختىكى ئەڭ ئومۇمىي ئۇسۇل موزاي ۋە ئوغلاقلارنى تۇغۇلغاندىن كېيىنلا سويۇۋېتىش، ئانىسىنىڭ سۈتىنى سېغىۋېلىش، ئاندىن ئۇنى قايتا بوغاز قىلىش ئىدى. بۇ ھازىرمۇ ناھايىتى كەڭ تارقالغان ئۇسۇل. زامانىۋى سۈت فېرمىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە سۈت كالىسى ئادەتتە سويۇلۇشتىن بۇرۇن بەش يىل ياشايدۇ. بۇ بەش يىل ئىچىدە ئۇ دائىم دېگۈدەك بوغاز بولىدۇ، ھەمدە ئەڭ كۆپ سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ساقلاش ئۈچۈن تۇغۇتتىن كېيىنكى 60-120 كۈن ئىچىدە قايتا بوغاز قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ موزايلىرى تۇغۇلغاندىن كېيىن دەرھال ئايرىۋېتىلىدۇ. چىشىلىرى كېيىنكى ئەۋلاد سۈت كالىلىرى بولۇشقا تەربىيىلىنىدۇ، ئەركەكلىرى بولسا قۇشخانىلارغا تاپشۇرۇلىدۇ.

يەنە بىر ئۇسۇل موزاي ۋە ئوغلاقلارنى ئانىلىرىنىڭ يېنىدا تۇتۇش، ئەمما ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ بەك كۆپ سۈت ئېمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇنى قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي يولى ئوغلاق ياكى موزاينىڭ ئېمىشىگە يول قويۇش، ئەمما سۈت ئاققاندا ئۇنى قوغلىۋېتىش. بۇ ئۇسۇل ئادەتتە ئوغلاق ۋە ئانىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. بەزى پادىچى قەبىلىلەر ئوغلاق ياكى موزاينى ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى يەپ، ئاندىن تېرىسىنى تولدۇرۇپ، ئانىسىغا كۆرسىتەتتى، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئانىسىنىڭ سۈتىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولاتتى. سۇداندىكى نۇئېر قەبىلىسى ھەتتا تۈكلۈك قونچاق موزايغا ئانىسىنىڭ سۈيدۈكىنى چېچىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا جانلىق پۇراق بېرەتتى. نۇئېرلارنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى موزاينىڭ ئاغزىغا تىكەنلىك چەمبەر سېلىش ئىدى، تىكەنلەر ئانىسىنىڭ ئەمچىكىگە سانجىلىپ، موزاينىڭ ئېمىشىگە قارشىلىق قىلىشىغا سەۋەب بولاتتى. سەھرايى كەبىردىكى تۇئارېگ تۆگە باققۇچىلىرى بوتىلاقلارنىڭ كۆپ سۈت ئېمىۋېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇرنى ۋە ئۈستۈنكى كالپۇكىنىڭ بىر يېرىنى تېشىۋېتەتتى ياكى كېسىۋېتەتتى، شۇنداق قىلسا ئۇلارنىڭ سۈت ئېمىشى قىيىن بولاتتى.

بارلىق يېزا ئىگىلىك جەمئىيەتلىرى ئۆز چارۋىلىرىغا بۇنداق رەھىمسىز بولغان ئەمەس. كۆندۈرۈلگەن بەزى ھايۋانلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولغان. يۇڭ ئۈچۈن بېقىلغان قويلار، ئۆي ئىتلىرى ۋە مۈشۈكلەر، ئۇرۇش ئاتلىرى ۋە چاپقۇر ئاتلار كۆپىنچە قۇلايلىق شارائىتلاردىن بەھرىمەن بولاتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىم ئىمپېراتورى كالىگۇلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېتى ئىنسىتاتۇسنى كونسۇللۇققا تەيىنلەشنى پىلانلىغان. تارىختىن بېرى پادىچىلار ۋە دېھقانلار خۇددى نۇرغۇن قۇلدارلار ئۆز قۇللىرىغا كۆيۈنگەن ۋە كۆڭۈل بۆلگىنىگە ئوخشاش، ئۆز ھايۋانلىرىغا كۆيۈنگەن ۋە ئۇلارنى ياخشى ئاسرىغان. پادىشاھلار ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى پادىچىغا ئوخشىتىشى، خەلقىگە كۆرسەتكەن غەمخورلۇقىنى پادىچىنىڭ پادىسىغا كۆرسەتكەن غەمخورلۇقىغا ئوخشىتىشى تاسادىپىي ئەمەس ئىدى.


سانائەتلەشكەن قۇشخانىلاردىكى موزايلار. ئۇلار تۇغۇلۇپلا ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ، ئۆز جۇغىدىنمۇ كىچىك تار  قوتانغا سولىنىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە پەقەت تۆت ئايدەك ئۆمۈر كۆرىدۇ. ئۇلار مۇسكۇللىرىنىڭ يوغىناپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قوتاندىن چىقىرىلمايدۇ، باشقا موزايلار بىلەن ئويناشقا، ھەتتا بىر قەدەم مېڭىشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ مۇسكۇللىرىنىڭ يوغىناپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر، مۇسكۇللىرى قاتمىسا گۆشلىرى تېخىمۇ يۇمشاق، مەززىلىك بولىدۇ. موزايلار تۇنجى قېتىم قۇشخانىغا بېرىش يولىدىلا مۇسكۇللىرىنى نامايەن قىلالايدۇ ھەم باشقا موزايلار بىلەن ئۇچرىشالايدۇ. تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كالىلار تارىختىن بېرى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلىنىپ قالغان تۈرلەردىن بىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالغان ھايۋانلاردىن بىرى.  

پادىچىنىڭ كۆز قارىشىدىن ئەمەس، پادىنىڭ كۆز قارىشىدىن قارىغاندا، كۆپ ساندىكى كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلار ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى دەھشەتلىك بىر پاجىئە بولغان دېگەن تەسىراتتىن قېچىش تەس. ئۇلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان. نەسلى تۈگەش گىردابىدا تۇرۇۋاتقان ئاز ساندىكى ياۋا كەركىدان، لەززەتلىك گۆش ئۈچۈن سەمرىتىلىپ، كىچىككىنە قەپەستە قىسقا ئۆمۈر كەچۈرىدىغان موزايغا قارىغاندا ھاياتىدىن بەكرەك رازى بولۇشى مۇمكىن. بۇ كەركىدان يەنە ئۆز تۈرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىلىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ رازى. موزاي تۈرىنىڭ سان جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ شەخسىي ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە تەسەللى بولالمايدۇ.

تەدرىجىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن شەخسىي ئازاب-ئوقۇبەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زىددىيەت بەلكىم بىز يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن ئالالايدىغان ئەڭ مۇھىم ساۋاق بولۇشى مۇمكىن. بۇغداي ۋە قوناققا ئوخشاش زىرائەتلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغان چېغىمىزدىلا تەدرىجىي تەرەققىيات كۆز قارىشى توغرا چىقىشى مۇمكىن. بىراق كالا، قوي ۋە ھومو ساپىيانسلارغا ئوخشاش مۇرەككەپ سېزىم ۋە ھېس-تۇيغۇ دۇنياسىغا ئىگە ھايۋانلار مەسىلىسىدە، بىز تەدرىجىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ قانداق قىلىپ شەخسىي تەجرىبىگە ئايلانغانلىقىنى ئويلىشىمىز كېرەك. كېيىنكى بابلاردا بىز ئىنسان تۈرىمىزنىڭ كوللېكتىپ كۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ۋە كۆرۈنۈشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ قانداق قىلىپ كۆپلىگەن شەخسىي ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىلەن بىللە مېڭىپ كەلگەنلىكىنى قايتا-قايتا كۆرىمىز.

باھا يېزىش