مىسىر قەبرە تاشلىرىغا سىزىلغان تام رەسىملىرى، بۇنىڭ تارىخىنى 3500 يىللاردىن بۇرۇن دېيىشكە بولىدۇ. رەسىمدە تىپىك دېھقانچىلىق كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتكەن.
ئىككىنچى قىسم
يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى
- تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق
ئىنسانلار 2مىليون 500 مىڭ يىل بويىچە ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىپ، ئۆزلىرى باقمىسىمۇ ئۆسۈپ، كۆپىيىدىغان ھايۋانلارنى ئوۋلاپ جېنىنى بېقىپ كەلدى. ھومو ئېرىكتۇس، ھومو ئېرىگاستېر ۋە نېئاندېرتاللار ياۋا ئەنجۈرلەرنى توپلاپ، ياۋا قويلارنى ئوۋلاپ ياشاپ كەلگەن بولۇپ، ئەنجۈر دەرەخلىرىنى نەگە تىكىش، قويلارنى قايسى يايلاقتا بېقىش ياكى قايسى تېكىنى قايسى ساغلىق ئۆچكىگە سېلىپ ئۇرۇقلاندۇرۇش دېگەنلەرنى ئويلىمايتتى. ھومو ساپىيانس شەرقىي ئافرىقىدىن ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا ۋە ئاسىياغا، ئاندىن ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىغا تارقالغان. ئەمما قەيەرگە بارمىسۇن، ئۇلار ياۋا مېۋىلەرنى توپلاش ۋە ئوۋچىلىق ئارقىلىق تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەگەر بۇنداق تۇرمۇش شەكلى سىزگە جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، دىنىي ئېتىقاد ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگە باي بىر جەمئىيەت ئاتا قىلسا ھەم ئۇنى قوللاپ بەرسە، باشقا ئىش قىلىشنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ؟
بۇ ئەھۋال تەخمىنەن 10 مىڭ يىل بۇرۇن تامامەن ئۆزگەردى. ساپىيانس ۋاقتى ۋە كۈچىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىر قانچە ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكنى بېقىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە يەرگە ئۇرۇق چاچتى، زىرائەتلەرگە سۇ قۇيۇپ، ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يوقىتىپ، قويلارنى ئەڭ ياخشى ئوتلاققا ئېلىپ باردى. ئۇلار بۇ ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ مېۋە، ئاشلىق ۋە گۆشكە ئىگە بولىمىز دەپ قىلىشتى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىدىكى بۈيۈك بىر ئىنقىلاپ- يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى ئىدى.
يېزا ئىگىلىك دەۋرىگە ئۆتۈش مىلادىيەدىن بۇرۇن تەخمىنەن 9500–8500 يىللاردا شەرقىي جەنۇبىي تۈركىيە، غەربىي ئىران ۋە لېۋەنت (بۈگۈنكى لىۋان)دىكى تاغلىق رايونلاردىن باشلانغان. بۇ ئۆزگىرىش جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن چەكلىك رايونلاردا تەدرىجىي يۈز بەرگەن. بۇغداي بىلەن قوي مىلادىيەدىن 9000 يىل بۇرۇن كۆندۈرۈلگەن؛ نوقۇت-پۇرچاقلار تەخمىنەن 8000 يىل بۇرۇن، زەيتۇن دەرەخلىرى 5000 يىل بۇرۇن، ئاتلار 4000 يىل بۇرۇن، ئۈزۈم دەرىخى 3500 يىل بۇرۇن كۆندۈرۈلگەن. بەزى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر، مەسىلەن تۆگە ۋە مۇقاتىل مېۋىسى تېخىمۇ كېيىن كۆندۈرۈلگەن. ئەمما مىلادىيەدىن بۇرۇن 3500 يىللارغا كەلگەندە، ئاساسلىق كۆندۈرۈش دولقۇنى ئاخىرلاشقان. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە ئىلغار تېخنىكىلىرىمىز بولغان ھالەتتىمۇ، ئىنسانلارنى 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق كالورىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر شۇ مەزگىلدە كۆندۈرۈلگەن بۇغداي، گۈرۈچ، قوناق، ياڭيۇ، سۆك ۋە ئارپىدىن ئىبارەت. ئاخىرقى 2000 يىلدا ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولغۇدەك ھېچقانداق ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋان كۆندۈرۈلمىگەن. ئەگەر بىزنىڭ ئەقلىمىز قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ ئەقلى بولسا، بىزنىڭ تائاملىرىمىز قەدىمكى دېھقانلارنىڭ تائاملىرىدۇر.
دەسلەپكى دەۋردە ئالىملار يېزا ئىگىلىكنى بىر نۇقتىدىن – ئوتتۇرا شەرقتىن باشلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان دەپ قارىشاتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئالىملار يېزا ئىگىلىكنىڭ پەقەت ئوتتۇرا شەرقتىكى دېھقانلارنىڭ ئۆز ئىنقىلابىنى باشقا جايلارغا ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھالدا، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا پەيدا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىنسانلار گۈرۈچ بىلەن پۇرچاق تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئۆزلىرى مۇستەقىل ئۆگەنگەن بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىنسانلارنىڭ بۇغداي ۋە نوقۇت يېتىشتۈرگەنلىكىدىن تامامەن خەۋەرسىز ئىدى؛ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىنسانلار ياڭيۇ تېرىشنى ۋە تۆگە بېقىشنى ئۆزلىرى ئۆگەنگەن بولۇپ، مېكسىكا ياكى لىۋاندا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى. خىتايدىكى دەسلەپكى دېھقان ئىنقىلابچىلار شال بىلەن سۆك تېرىشنى ۋە چوشقا بېقىشنى باشلىغان؛ شىمالى ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى باغۋەنلىرى پاكار دەرەخلەر ئارىسىدا يېگىلى بولىدىغان قاپاق ئىزدەشتىن زېرىكىپ، ئۆزلىرى بىۋاسىتە كاۋا ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان. يېڭى گىۋىنىيەلىكلەر شېكەر قومۇشى بىلەن بانان يېتىشتۈرۈشنى ئۆگەنگەن، غەربىي ئافرىقىدىكى دەسلەپكى دېھقانلار بولسا ئۆز ھاجەتلىرىگە ماسلىشىدىغان ئافرىقا گۈرۈچى، سۆك، قوناق ۋە بۇغداي تېرىغان. يېزا ئىگىلىك ئەنە شۇ دەسلەپكى نۇقتىلاردىن پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان. مىلادىيە 1-ئەسىرىگە كەلگەندە، دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىدا ئىنسانلار يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۆتكەن.
يېزا ئىگىلىك ئىنقىلاۋى نېمىشقا ئوتتۇرا شەرق، خىتاي ۋە مەركىزى ئامېرىكىدا يۈز بېرىپ، ئاۋسترالىيە، ئالياسكا ۋە جەنۇبى ئافرىقىدا يۈز بەرمىگەن؟ سەۋەبى ئاددىي: ئۇ جايدىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان تۈرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۆندۈرگىلى بولمايدۇ. ئىنسانلار تەملىك يەر مەدىكىنى قېزىش ياكى يۇڭلۈك ماموتلارنى ئوۋلاشنى بىلگەن بولسىمۇ، بۇ تۈرلەرنى بويسۇندۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، تەملىك يەر مەدىكىنى قانداق يېتىشتۈرۈشنى بىلگىلى بولمايتتى، ماموتلار بولسا خەتەرلىك ئىدى. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوۋلىغان، توپلىغان مىڭلىغان تۈرلەر ئىچىدە پەقەت ئازغىنە تۈرلەرلا يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىققا ماس كەلگەن. بۇ تۈرلەر پەقەت ئايرىم جايلاردا ياشايدىغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىمۇ شۇ جايلاردا يۈز بەرگەن.
ئالىملار بىر ۋاقىتلاردا يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور ئىلگىرىلەش دەپ ئاتىغان ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ئۆز مېڭىسىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلغانلىق ھېكايىسىنى بايان قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تەرەققىيات نەتىجىسىدە ئىنسانلار بارغانسىرى ئەقىللىق بولۇپ، تەبىئەتنىڭ سىرىنى ئېچىپ، قويلارنى كۆندۈرۈپ، بۇغداي ئۆستۈرۈشنى ئۆگەنگەن. بۇ تەرەققىيات يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ ئېغىر، خەتەرلىك ۋە قوپال ياشاش ئۇسۇلىنى تەرك ئېتىپ، مۇقىم بىر جايغا ئولتۇراقلىشىپ دېھقانلارنىڭ خاتىرجەم، باياشات تۇرمۇشىنى باشلىغان.

يېزا ئىگىلىك ئىنقىلاۋىنىڭ باشلانغان جايى ۋە تارىخى، بۇ سانلىق مەلۇماتلار يەنىلا تالاش-تارتىش ئۈستىدە، يەنە كېلىپ ئەڭ يېڭى ئارخىئولوگىيەلىك بايقاشلارغا ئەگىشىپ بۇ خەرىتىمۇ يېڭىلىنىپ بارماقتا.
بۇ ھېكايە فانتازىيەدۇر. زاماننىڭ ئۆتۈش بىلەن ئىنسانلارنىڭ بارغانسىرى ئاقىللىق بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل يوق. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كۆپ بۇرۇن بىلگەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىگى ئوۋ ئوۋلاش ۋە ياۋا مېۋە توپلاش ھەققىدىكى بىلىمگە تايانغان. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ يېڭى دەۋرىنى باشلىمىغان، بەلكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قىيىن ۋە غورىگۈل قىلىپ قويغان. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئۆز ۋاقتىنى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تېخىمۇ چاغ ئۆتكۈزگەن، ئاچلىق ۋە كېسەللىك خەۋپىگە ناھايىتى ئاز دۇچ كەلگەن. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى ئىنسانىيەتنىڭ قولىدىكى ئاشلىق مىقدارىنى كۆپەيتكەن، ئەمما بۇ ئاشلىق ياخشى ئوزۇققا ئايلانمىغان ياكى ئۇلارغا ئارامبەخش ۋاقىت ئاتا قىلمىغان. ئەكسىچە، بۇ ئاشلىق نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ۋە ئايرىم ساندىكى يۇقىرى قاتلامنىڭ راھەتلىنىشىگە تۈرتكە بولغان. ئوتتۇراھال بىر دېھقان ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر ئىشلىگەن ۋە ناچار ئوزۇقلانغان. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق بولغان.
بۇنىڭغا كىم جاۋابكار؟ پادىشاھلارمۇ، روھانىيلارمۇ، سودىگەرلەرمۇ بۇنىڭغا جاۋابكار ئەمەس. جاۋابكارلار پەقەت بىر قانچە ئۆسۈملۈك تۈرى، بۇغداي، گۈرۈچ ۋە ياڭيۇ قاتارلىقلار. ھومو ساپىيانس بۇ ئۆسۈملۈكلەرنى ئەمەس، بۇ ئۆسۈملۈكلەر ھومو ساپىيانسنى ئۆزگەرتىپ ئۆزلىرىگە ماسلاشتۇرغان. بۇغداينىڭ نۇقتىسىدىن قاراپ، يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىنى بىر ئاز ئويلاپ بېقىڭ. 10 مىڭ يىل بۇرۇن، بۇغداي پەقەت ئوتتۇرا شەرقتىكى كىچىك بىر رايوندا ئۆسىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر تۈرى ئىدى. كېيىن ئۇ بىر قانچە مىڭ يىل ئىچىدىلا، دۇنيا بويىچە ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈككە ئايلىنىپ قالغان. نەسىل قالدۇرۇش ۋە كۆپىيىشنى ئاساس قىلغان تەدرىجىي تەرەققىيات ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، بۇغداي يەر شارى تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 10 مىڭ يىل بۇرۇن، شىمالىي ئامېرىكانىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدە بىر تۈپ بۇغداي ئۆسمىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردە نەچچە يۈز كىلومېتىر يۈرۈپمۇ، بۇغدايدىن باشقا ئۆسۈملۈكلەرگە ئۇچرىماسلىقىڭىز مۇمكىن. دۇنيا بويىچە ھازىر بۇغدايلىق كۆلىمى 2 مىليون 250 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئەنگىلىيەنىڭ يەر كۆلىمىدىن تەخمىنەن ئون ھەسسە چوڭ چىقىدۇ. ئادەتتىكى كىچىككىنە بىر ئۆسۈملۈك بۈگۈن قانداقلارچە ھەممە جايغا تارالغان ئۆسۈملۈككە ئايلاندى؟
بۇغداي ھومو ساپىيانستىن پايدىلىنىپ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۇ مايمۇنسىمان ئىنسان ئون مىڭ يىل بۇرۇنغىچە ئوۋچىلىق قىلىپ، ئوزۇق-تۈلۈك يىغىپ، ناھايىتى راھەت تۇرمۇش كەچۈرگەنىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن كۈچىنى بۇغداينى تېرىشقا سەرپ قىلىشقا باشلىغان. پەقەت بىر قانچە مىڭ يىل ئىچىدە، دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدىكى كىشىلەر ئەتىگەندىن كەچكىچە بۇغدايغا قاراش بىلەن ئالدىراش بولغان. بۇ ئىش ئاسان بولمىغان، بۇغداي ئۇلارنىڭ ئالاھىدە پەرۋىش قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇغداي تاشلىق ۋە قۇمساڭغۇ يەرلەرنى ياقتۇرمىغاچقا، ساپىيانسلار تاشلارنى ئېلىپ تاشلاپ، يەر ئېچىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپ، ئومۇرتقىسىنى بۇزۇپ قويغان. بۇغداي باشقا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن يەر، سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تالىشىدىغان بولغاچقا، ساپىيانس ئەرلەر ۋە ئاياللار قىززىق ئاپتاپتا دۈمچىيىپ، بۇغدايلىقتىكى ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ئوتاش بىلەن ئاۋارە بولغان. بۇغدايغا كېسەل تېگەتتى، شۇڭا ساپىيانسلار زىيانداش قۇرت ۋە بۇغداينىڭ سولىشىپ قۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.
بۇغداي توشقاندىن تارتىپ چېكەتكىلەرگىچە زىيانداش جانلىقلارغا قارشى ئۆزىنى قوغدىيالمىغاچقا، ساپىيانس دېھقانلار بۇغداينى داۋاملىق قوغدىغان.
بۇغداي سۇ تەلەپ قىلاتتى، شۇڭا ئىنسانلار بۇغداينى سۇغىرىش ئۈچۈن بۇلاق ۋە دەريا-ئۆستەڭلەردىن سۇ باشلىغان. بۇغداينى ئوغۇتلاش ئۈچۈن، ئىنسانلار ھايۋانلارنىڭ قىغ-گەندىلىرىنى يىغىپ، يەرگە چېچىشقا مەجبۇر بولغان.
ھومو ساپىيانسنىڭ بەدىنى بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن تەرەققىي قىلمىغانىدى. ئۇلارنىڭ بەدىنى يەردىكى تاشلارنى تازىلاش ياكى سۇ توشۇشقا ئەمەس، ئالما دەرىخىگە يامىشىش ۋە قېچىپ كەتكەن بۆكەننى قوغلاشقا ماسلىشىپ كەتكەنىدى. ساپىيانسنىڭ ئومۇرتقىسى، بوينى، تىزى ۋە تېقىملىرى دېھقانچىلىقنىڭ بەدىلىنى تۆلىدى. قەدىمكى ئىسكېلىتلارنى تەتقىق قىلىشتىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، يېزا ئىگىلىك دەۋرىگە ئۆتۈشتىن كېيىن ئىنسانلاردا بەل تەخسىسى پولتىيىپ قېلىش، بوغۇم ياللۇغى ۋە چۇقۇق كېسىلى قاتارلىق كۆپلىگەن كېسەللەر كېلىپ چىققان.
بۇنىڭدىن باشقا، يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى ئىنسانلارنىڭ ۋاقىتىنى شۇنچىلىك كۆپ ئالغانكى، ئۇلار بۇغدايلىقلىرى يېنىدا مۇقىم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ھال ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن. دېمەك، بىز بۇغداينى بويسۇندۇرمىدۇق، بۇغداي بىزنى بويسۇندۇردى.[1]
بۇغداي قانداق قىلىپ ئىنسانلارنى ياخشى تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، ناچار تۇرمۇشتا ياشاشقا قايىل قىلدى؟ ئۇنىڭ مۇكاپاتى نېمە بولدى؟ ئۇ ئىنسانلارنى ياخشى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىمىدى. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىنسانلار ھەر خىل يېمەكلىك بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان مايمۇنسىمان مەخلۇقلار. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن بۇرۇن، دانلىق زىرائەتلەر ئىنسان يېمەكلىكىنىڭ كىچىك بىر قىسمىنىلا تەشكىل قىلاتتى. دانلىق زىرائەتلەرگە ئاساسلانغان يېمەكلىكتە مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىن كەم بولىدۇ، ئۇلارنى ھەزىم قىلىش تەس بولۇپلا قالماي، چىشىڭىز ۋە چىش مىلىڭىزگە ناھايىتى زىيانلىق.
بۇغداي كىشىلەرگە ئىقتىسادىي كاپالەتمۇ بەرمىدى. دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن بىخەتەر دېگىلى بولمايتتى. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ھايات قېلىش ئۈچۈن نەچچە ئون تۈرلۈك ئوزۇقلۇققا تايىناتتى، شۇڭا ئوزۇق-تۈلۈك ساقلىۋالمىسىمۇ قىيىن يىللارنى باشتىن كەچۈرەلەيتتى؛ ئەگەر بىر تۈرنىڭ مىقدارى ئازايسا، باشقا تۈرلەرنى كۆپرەك ئوۋلايتتى. يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە، يېزا ئىگىلىك جەمئىيەتلىرى كالورىيە ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاز ساندا ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئۆسۈملۈكلەردىن قامداپ كەلدى. نۇرغۇن رايونلاردا، ئۇلار پەقەت بۇغداي، ياڭيۇ ياكى گۈرۈچتەك بىرلا ئاساسلىق زىرائەتكە تايىناتتى. ئەگەر يامغۇر ياغمىسا، چېكەتكە توپى كەلسە ياكى بىرەر زەھەرلىك زەمبۇرۇغ بۇ ئاساسلىق زىرائەتنى بۇلغىۋەتسە، مىڭلىغان-مىليونلىغان دېھقانلار ئۆلەتتى.

يېڭى گىۋىنىيەدىكى ئىككى يېزا قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ (1960). بۇ كۆرۈنۈش يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىنكى نەچچە مىڭ يىلدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان كۈرەشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن.
بۇغداي ئىنسانلارنى زوراۋانلىقتىن قوغدىيالمىدى. دەسلەپكى دېھقانلار ئوۋچى ئەجدادلىرىدەك يامان، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ زوراۋان ئىدى. دېھقانلار تېخىمۇ كۆپ مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇش تېرىقچىلىق قىلىشقا، تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يەرگە موھتاج ئىدى. بىر يايلاقنىڭ بۇلاڭچى قوشنىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىشى توقچىلىق بىلەن ئاچارچىلىق ئارىسىدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى، بۇنىڭدا مۇرەسسە قىلىش ئىمكانىيتى يوق دېيەرلىك ئىدى. كۈچلۈك رەقىب تەھدىت سالغاندا، ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئادەتتە كۆچۈپ كېتەلەيتتى. بۇ تەس ۋە خەتەرلىك بولسىمۇ، مۇمكىن ئىدى. كۈچلۈك دۈشمەن بىر يېزىغا تەھدىت سالغاندا، ئۇ يەردىن چېكىنىش ئېتىزلار، ئۆيلەر ۋە ئامبارلاردىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئىدى. بۇ ھال قاچقۇنلارنى كۆپ ئەھۋاللاردا ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلاتتى. شۇڭا دېھقانلار ئۆز يېرىدە مەھكەم تۇرۇپ، ئاخىرغىچە جەڭ قىلىشقا مايىل ئىدى.
نۇرغۇن ئانتروپولوگىيىلىك ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، يېزا قەبىلىسىدىن چوڭ سىياسىي قۇرۇلما بولمىغان ئاددىي يېزا ئىگىلىك جەمئىيەتلىرىدە، ئىنسانىي زوراۋانلىق پۈتۈن ئۆلۈملەرنىڭ 15 پىرسەنتىنى، ئەرلەر ئۆلۈمىنىڭ 25 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. ھازىرقى يېڭى گۋىنېيەدىكى دانى قەبىلىسىدە زوراۋانلىق ئەرلەر ئۆلۈمىنىڭ 30 پىرسەنتىنى، ئېنگا قەبىلىسىدە 35 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئېكۋادوردا، ۋائورانى قەبىلىسىدىكى چوڭلارنىڭ تەخمىنەن 50 پىرسەنتى باشقا ئىنسانلارنىڭ قولىدا زوراۋانلىق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن!
شەھەر، پادىشاھلىق ۋە دۆلەتلەردەك چوڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، ئىنسانىي زوراۋانلىق كونترول قىلىندى. ئەمما بۇنداق چوڭ ۋە ئۈنۈملۈك سىياسىي قۇرۇلمىلارنى قۇرۇشقا نەچچە مىڭ يىل كەتتى.
يېزا تۇرمۇشى شۈبھىسىزكى دەسلەپكى دېھقانلارغا يىرتقۇچ ھايۋانلار، يامغۇر ۋە سوغۇقتىن قوغدىنىشتەك بەزى نەق پايدىلارنى ئېلىپ كەلدى. ئەمما ئوتتۇرا ھال كىشىلەر ئۈچۈن، زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ بولدى. بۈگۈنكى باياشات جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ بۇنى چۈشىنىشى تەس. بىز باياشاتلىق ۋە بىخەتەرلىكتىن بەھرىمەن بولغاچقا، شۇنداقلا بىزنىڭ باياشاتلىقىمىز ۋە بىخەتەرلىكىمىز يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى سالغان ئاساسقا قۇرۇلغاچقا، يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىنى ئاجايىپ ئىلگىرىلەش دەپ پەرەز قىلىمىز. ئەمما مىڭلىغان يىللىق تارىخنى بۈگۈنكى نۇقتىدىن باھالاش خاتا. كۆپرەك ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر نۇقتا شۇكى، مىلادىيە 1-ئەسىردىكى خىتايدا ئۈچ ياشلىق بىر قىز دادىسىنىڭ زىرائەتلىرى ھوسۇل بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاچ قېلىپ ئۆلگەن بولسا، ئۇ «مەن ئوزۇقلانماسلىقتىن ئۆلۈۋاتىمەن» دېيىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ «2000 يىلدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ يەيدىغان نەرسىلىرى كۆپ بولىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك چوڭ ئۆيلەردە ياشايدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشىم ھەقلىق» دەمدۇ؟
ئۇنداقتا بۇغداي دېھقانلارغا، جۈملىدىن ئاچلىقتىن قىينالغان شۇ خىتاي قىزغا نېمە بەردى؟ ئۇ ھېچكىمگە بىر نەرسە بەرمىدى. ئەمما ئۇ ھومو ساپىيانس تۈرىگە بىر نەرسە تەقدىم قىلدى. بۇغداي تېرىش ھەر بىر مو يەردە تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا، شۇ ئارقىلىق ھومو ساپىيانسنىڭ تېز كۆپىيىشىگە ئىمكان ياراتتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 13000-يىلى، كىشىلەر ياۋا مېۋىلەرنى توپلاپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ ئۆزىنى بېقىۋاتقاندا، پەلەستىندىكى يېرىخو بوستانلىقى ئەڭ كۆپ بولغاندا ساغلام ۋە ياخشى ئوزۇقلانغان 100 كىشىلىك كۆچمەن گۇرۇپپىنى باقالايتتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 8500-يىلى، بۇغداي ئېتىزلىرى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئورنىنى ئالغاندا، ئۇ بوستانلىق كېسەللىك ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئازابىنى تارتقان 1000 كىشىلىك چوڭ، ئەمما قىستاڭ يېزىنى باقالايدىغان بولغان.
تەرەققىياتنىڭ ئۆلچىمى ئاچلىق ياكى ئاغرىق ئەمەس، بەلكى DNA زەنجىرىنىڭ كۆپەيگەن نۇسخىلىرىدۇر. بىر شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيىتى خىزمەتچىلەرنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى بانكا ھېسابىدىكى دوللار سانى بىلەن ئۆلچەنگەندەك، بىر تۈرنىڭ تەكامۇللۇق مۇۋەپپەقىيىتىمۇ ئۇنىڭ DNA نۇسخىلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەگەر DNA نۇسخىسى قالمىسا، پۇلسىز قالغان شىركەت ۋەيران بولغاندەك، بۇ تۈرمۇ يوقىلىدۇ. ئەگەر بىر تۈر كۆپ DNA نۇسخىسىغا ئىگە بولسا، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، 1000 نۇسخا ھەمىشە 100 نۇسخىدىن ياخشى. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى شۇنچە ناچار شارائىتتا تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۈپ ماھىيىتىدۇر.
ئەمما ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن تەدرىجىي تەرەققىياتنى ھېسابلاشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن ساغلام ئەقىللىق بىر ئادەم ھومو ساپىيانس گېنىنىڭ نۇسخا سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدۇ؟ ھېچكىم بۇ كېلىشىمگە قوشۇلمىغان، يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى ئەمەلىيەتتە بىر تۇزاق ئىدى.
باياشاتلىق تۇزىقى
يېزا ئىگىلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى يۈزلىگەن-مىڭلىغان يىللارغا سوزۇلغان تەدرىجىي جەريان ئىدى. موگو ۋە ياڭاق يىغىپ، بۆكەن ۋە توشقان ئوۋلايدىغان ھومو ساپىيانس گۇرۇپپىسى تۇيۇقسىزلا يېزا-قىشلاقلارغا مەڭگۈلۈك ئورۇنلىشىپ، يەر ھەيدەپ، بۇغداي تېرىپ، دەريادىن سۇ باشلاپ ياشاپ كەتمىگەن. بۇ ئۆزگىرىش باسقۇچلار بويىچە، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق يۈز بەرگەن.
ھومو ساپىيانس تەخمىنەن 70 مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرا شەرققە يېتىپ كەلگەن. كېيىنكى 50 مىڭ يىل جەريانىدا، ئەجدادلىرىمىز يېزا ئىگىلىكسىز گۈللەپ ياشىغان. رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى ئىنسان نوپۇسىنى بېقىشقا يېتەرلىك ئىدى. مولچىلىق ۋاقىتلاردا ئىنسانلار كۆپرەك بالىلىق بولسا، قىيىن ۋاقىتلاردا ئازراق بالا تاپقان. ئىنسانلاردا، نۇرغۇن سۈت ئەمگۈچىلەردىكىگە ئوخشاش، كۆپىيىشنى كونترول قىلىدىغان ھورمونلۇق ۋە گېنېتىكىلىق مېخانىزملار بار. ياخشى ۋاقىتلاردا قىزلار بالاغەتكە بالدۇر يېتىدۇ ۋە ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقى سەل يۇقىرى بولىدۇ. يامان ۋاقىتلاردا بالاغەتكە يېتىش كېچىكىدۇ ۋە تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ.
بۇ تەبىئىي نوپۇس كونتروللىرىغا مەدەنىيەت مېخانىزملىرىمۇ قوشۇلغان. ئاستا ماڭىدىغان ۋە كۆپ دىققەت تەلەپ قىلىدىغان بوۋاقلار بىلەن كىچىك بالىلار كۆچمەن ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرگە يۈك ئىدى. كىشىلەر بالىلىرىنىڭ ئارىلىقىنى ئۈچ-تۆت يىل قىلىشقا تىرىشقان. ئاياللار بۇنى بالىلىرىنى كېچە-كۈندۈز ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئېمىتىش ئارقىلىق قىلغان (توختىماي ئېمىتىش ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ). باشقا ئۇسۇللار تولۇق ياكى قىسمەن جىنسىي پەرھىز (بەلكىم مەدەنىيەت پەرھىزلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن)، بالا چۈشۈرۈش ۋە بەزىدە بوۋاقنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ ئۇزۇن مىڭ يىللار جەريانىدا كىشىلەر بەزىدە بۇغداي دانلىرىنى يېگەن، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىنىڭ ئاز بىر قىسمى ئىدى. تەخمىنەن 18 مىڭ يىل بۇرۇن، ئاخىرقى مۇز دەۋرىدە كىلىمات ئىسسىشقا باشلىدى. تېمپېراتۇرا كۆتۈرۈلگەنسېرى، يامغۇرمۇ كۆپەيدى. يېڭى ئىقلىم ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇغداي ۋە باشقا دانلىق زىرائەتلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولدى. بۇغدايلارنىڭ كۆپىيىپ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ بۇغداي يېيىشكە باشلىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇغداي تېرىشنى داۋاملىق كېڭەيتتى. ياۋا دانلارنى سورۇش، تارتىش ۋە ئۇنلىرىنى پىشۇرماي يېيىش مۇمكىن بولمىغاچقا، بۇ دانلارنى يىغقان ئىنسانلار ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق چېدىرگاھلىرىغا ئېلىپ باردى. بۇغداي دانلىرى كىچىك ۋە كۆپ بولغاچقا، بەزىلىرى چېدىرگاھقا بارىدىغان يولدا چۈشۈپ قېلىپ يوقالدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، كىشىلەر دائىم ماڭىدىغان يوللار بويىدا ۋە چېدىرگاھلار ئەتراپىدا تېخىمۇ كۆپ بۇغداي ئۆسۈشكە باشلىدى.
ئىنسانلار ئورمانلىقلار ۋە چاتقاللارنى كۆيدۈرگەندە، بۇمۇ بۇغدايغا پايدىلىق بولدى. ئوت دەرەخ ۋە چاتقاللارنى تازىلاپ، بۇغداي ۋە باشقا ئوت-چۆپلەرنىڭ قۇياش نۇرى، سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى مونوپول قىلىشىغا يول قويدى. بۇغداي ئالاھىدە مول ئۆسكەن، ئوۋ ھەم باشقا يېمەكلىك مەنبەلىرى مول بولغان جايلاردا، ئىنسان گۇرۇپپىلىرى ئاستا-ئاستا كۆچمەن تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، پەسىللىك، ھەتتا دائىمىي چېدىرگاھلاردا تۇرۇشقا باشلىدى.
دەسلەپتە ئۇلار ھوسۇل مەزگىلىدە تۆت ھەپتە چېدىر تىكىپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن. بىر ئەۋلاد ئۆتكەندىن كېيىن، بۇغداي كۆپلەپ تارقالغاچقا، ھوسۇل چېدىرگاھى بەش ھەپتىگە، ئاندىن ئالتە ھەپتىگە سوزۇلۇپ، ئاخىرى دائىم تۇرىدىغان يېزىغا ئايلانغان. بۇنداق ئولتۇراق جايلارنىڭ ئىزلىرى پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقتە، بولۇپمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 12،500-يىللاردىن 9500-يىللارغىچە ناتۇفىيە مەدەنىيىتى گۈللەنگەن لېۋانت (بۈگۈنكى لىۋان) رايونىدا بايقالغان. ناتۇفىيەلىكلەر ئونلىغان ياۋايى تۈرلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئىدى، ئەمما ئۇلار دائىمىي يېزىلاردا ياشاپ، كۆپ ۋاقتىنى ياۋا زىرائەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا سەرپ قىلغان. ئۇلار تاش ئۆيلەر ۋە ئامبارلار سېلىپ، ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاشلىق ساقلىغان. ئۇلار ياۋا بۇغداينى ئورۇش ئۈچۈن تاش ئورغاق، ئۇنى تارتىش ئۈچۈن تاش سوقا ۋە ھاۋانچىلارغا ئوخشاش يېڭى قوراللارنى ئىجاد قىلغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 9500-يىلدىن كېيىنكى يىللاردا، ناتۇفىيەلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئاشلىق زىرائەتلەرنى يىغىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇردى، شۇنداقلا ئۇلارنى بارغانسېرى مۇرەككەپ ئۇسۇللار بىلەن ئاشلىق ئۆستۈرۈشكە باشلىدى. ھوسۇل يىغقاندا، ئۇلار كېلەر مەۋسۈمدە تېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ قويۇشقا دىققەت قىلدى. ئۇلار دانلارنى يەرگە چېچىشنىڭ ئورنىغا يەرگە كۆمۈش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەتمەن چېپىشقا ۋە يەر ھەيدەشكە باشلىدى. ئاندىن ئۇلار ئېتىزلارنى ئوتاش، مايسىلارنى پارازىتلاردىن قوغداش، سۇغۇرۇش ۋە ئوغۇتلاشنىمۇ باشلىدى. دانلىق زىرائەت ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنغانسېرى، ياۋا مېۋىلەرنى توپلاش ۋە ئوۋ ئوۋلاشقا ۋاقتى بولمىدى، شۇنداق قىلىپ ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئاخىر دېھقانلارغا ئايلاندى.
ياۋا بۇغداي يىغىدىغان ئايال بىلەن ئۆي بۇغدىيى تېرىيدىغان ئايالنى ئايرىيدىغان ئېنىق بىر باسقۇچ بولمىغاچقا، يېزا ئىگىلىك دەۋرىگە ئۆتۈشنىڭ ھەل قىلغۇچ نۇقتىسىنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكىنى دېيىش تەس. ئەمما مىلادىدىن بۇرۇنقى 8500-يىلغا كەلگەندە، ئوتتۇرا شەرق رايونى يېرىخو بوستانلىقىدىكى دائىم تۇرۇشلۇق يېزىلارغا ئوخشايدىغان يېزىلار بىلەن تولغانىدى. بۇ يېزىلارنىڭ ئاھالىلىرى ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۆندۈرۈلگەن بىر قانچە ئۆي ھايۋىنىنى بېقىشقا سەرپ قىلاتتى.
دائىم تۇرۇشلۇق يېزىلارغا كۆچۈش ۋە ئوزۇق-تۈلۈك تەمىناتىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، نوپۇسمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. كۆچمەن تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىش ئاياللارنىڭ ھەر يىلى بىر بالا تۇغۇشىغا ئىمكان ياراتتى. بوۋاقلار بالدۇر ئەمچەكتىن ئايرىلدى، ئۇلارنى بۇلماق ۋە سۇيۇق ئاش بىلەن بېقىشقا بولاتتى. ئېتىزلاردا قوشۇمچە ئەمگەك كۈچى بەكمۇ زۆرۈر ئىدى. ئارتۇق نوپۇس ئېشىنچا ئاشلىقنى تېزلا تۈگەتكەچكە، تېخىمۇ كۆپ يەر تېرىش كېرەك بولدى. كىشىلەر كېسەللىك كۆپ تارقىلىدىغان يېزىلاردا ياشاشقا باشلىغاندا، بالىلار بۇلماق ناننى كۆپ يەپ، ئانا سۈتىنى ئاز ئىچكەندە، ھەر بىر بالا تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرى بىلەن بۇلماق ئۈچۈن رىقابەتلەشكەندە، بالىلاردىكى ئۆلۈم نىسبىتى ئۆرلىدى. كۆپىنچە يېزا ئىگىلىك جەمئىيەتلىرىدە، ھەر ئۈچ بالىنىڭ ئاز دېگەندە بىرى يىگىرمە ياشقا يەتمەي تۇرۇپلا ئۆلەتتى. شۇنداقتىمۇ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئۆلۈش نىسبىتىدىن يەنىلا ئېشىپ كەتتى؛ ئىنسانلار تېخىمۇ كۆپ بالا تۇغۇشنى داۋاملاشتۇردى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، «بۇغداي سودىسى» بارغانسېرى كۆپەيدى. بالىلار توپ-توپ بولۇپ ئۆلدى، چوڭلار ماڭلاي تەرى تۆكۈپ نان يېدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 8500-يىلدىكى يېرىخو بوستانلىقىدا ئوتتۇراھال ياشىغان ئىنسانلار، مىلادىدىن بۇرۇنقى 9500-يىل ياكى 13000-يىلدىكى يېرىخودا ئوتتۇراھال ياشىغان ئىنسانلارغا قارىغاندا قىيىنراق تۇرمۇش كەچۈردى. ئەمما ھېچكىم نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىدى. ھەر بىر ئەۋلاد ئالدىنقى ئەۋلادتەك ياشاشنى داۋاملاشتۇردى، پەقەت ئىش قىلىش ئۇسۇللىرىدا ئازراق ئىسلاھاتلارنى قىلدى. ئەمما تۇرمۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بىر قاتار ئىسلاھاتلار ئەكسىچە دېھقانلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈك بولۇپ قالدى.
نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار بۇنداق مۇھىم مەسىلىدە چوتنى خاتا سوقتى؟ بۇنىڭ سەۋەبى تارىختىكى ئىنسانلارنىڭ خاتا ھېساب-كىتاب قىلىشىدىكى سەۋەب بىلەن ئوخشاش. كىشىلەر ئۆز قارارلىرىنىڭ تولۇق ئاقىۋىتىنى چۈشىنەلمىدى. ئۇلار ئىش ئۈستىگە ئىش قوشۇشنى قارار قىلغاندا، مەسىلەن، ئۇرۇقلارنى يەرگە چېچىشنىڭ ئورنىغا يەرنى يۇمشىتىپ ئۇرۇق كۆمگەندە «شۇنداق، بىز يەرگە قاتتىق ئىشلىسەك، ھوسۇل شۇنچە مول بولىدۇ! قەھەتچىلىك بولۇشتىن ئەنسىرىمەيمىز. بالىلىرىمىز ھەرگىز ئاچ قورساق ئۇخلىمايدۇ» دەپ ئويلىدى. بۇ مەنتىقىلىق ئىدى. قاتتىق ئىشلىسىڭىز، ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشىسىز. پىلان مانا مۇشۇنداق ئىدى.
پىلاننىڭ بىرىنچى قىسمى راۋان ماڭدى. كىشىلەر ھەقىقەتەن تېخىمۇ قاتتىق ئىشلىدى. ئەمما ئۇلار بالىلار سانىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى، ئېشىنچا بۇغداينىڭ تېخىمۇ كۆپ بالىلار ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرەلمىدى. دەسلەپكى دېھقانلار بالىلارغا بۇلماقنى كۆپ، ئانا سۈتىنى ئاز بېرىشنىڭ ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى، دائىم تۇرۇشلۇق يېزىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئۇۋىسى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمىدى. ئۇلار يەنە بىر خىل ئوزۇق مەنبەسىگە بولغان تايىنىشنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنى قۇرغاقچىلىقنىڭ ۋەيران قىلىشىغا تېخىمۇ دۇچار قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرەلمىدى. دېھقانلار يەنە مول-ھوسۇللۇق يىللاردا لىق تولغان ئامبارلىرىنىڭ ئوغرىلار ۋە دۈشمەنلەرنى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن سېپىل سېلىشقا ۋە قاراۋۇللۇق قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرەلمىدى.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار پىلانلىرى ئاقمىغاندا يېزا ئىگىلىكتىن ۋاز كەچمىدى؟ بۇنىڭ قىسمەن سەۋەبلىرىدىن بىرى، كىچىك ئۆزگىرىشلەر توپلىنىپ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن نەچچە ئەۋلاد ۋاقىت كەتتى ۋە شۇ چاغدا ھېچكىم ئىلگىرى باشقىچە ياشىغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى. يەنە بىر سەۋەب بولسا، نوپۇس كۆپىيىپ ئىنسانلار ئەسلىدىكى ياشاش يولىغا قايتالمايدىغان بولۇپ قالدى. يەر ھەيدەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش بىر يېزىنىڭ نوپۇسىنى يۈزدىن ئىككى يۈزگە كۆپەيتكەن تەقدىردە، ئون كىشى چىقىپ «باشقىلار ئۆتمۈشتىكى باي دەۋرىگە قايتسۇن» دەپ ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە رازى بولارمىدى؟ قايتىش يولى يوق ئىدى. ھەممىسى تۇزاققا چۈشۈپ بولغانىدى.
راھەت تۇرمۇشقا ئىنتىلىش نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇ بۈگۈنمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. قانچە ستۇدېنت ئوقۇش پۈتتۈرگەندە يۇقىرى مائاشلىق شىركەتلەردە جاپالىق خىزمەتلەرنى قوبۇل قىلىپ، قاتتىق ئىشلەپ پۇل تېپىپ، 35 ياشقا كىرگەندە پېنسىيەگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشلىرىنى قوغلىشىش ئۈچۈن قەسەم قىلىدۇ؟ ئەمما شۇ ياشقا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئۆي قەرزلىرى، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىلىرى بولىدۇ، ئەگەر ئۆيى شەھەر ئەتراپىدا بولسا ئۇنىڭغا ئاز دېگەندە ئىككى ماشىنا كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئىچىدىغان ياخشى ئۈزۈم ھارىقى بولمىسا، پۇل خەجلەپ چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلالمىسا تۇرمۇشىنىڭ قىممىتى يوقتەك تۇيۇلىدۇ. ئاندىن ئۇلار نېمە ئىش قىلىدۇ، ئەجدادلىرىنىڭ يولىغا قايتامدۇ؟ ياق، ئۇلار تىرىشچانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ قۇللۇقتا ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

تارىخنىڭ پولاتتەك قانۇنىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، قىممەتلىك بۇيۇملار كۆپ ھاللاردا زۆرۈر نەرسىلەرگە ئايلىنىدۇ ۋە ئۇ يېڭى مەجبۇرىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىشىلەر بىرەر ھەشەمەتكە كۆنۈپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنى نورمال دەپ قارايدۇ-دە، ئۇنىڭغا تايىنىشقا باشلايدۇ. ئاخىرىدا ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغان ھالغا كېلىدۇ. ئۆز زامانىمىزدىن يەنە بىر تونۇش مىسالنى ئالايلى. ئۆتكەن بىر قانچە ئون يىلدا، بىز تۇرمۇشنى تېخىمۇ راھەت قىلىمىز دەپ، ۋاقىت تېجەيدىغان كىرئالغۇ، چاڭ سۈمۈرگۈچ، قاچا-قۇچا يۇيۇش ماشىنىسى، تېلېفون، يانفون، كومپيۇتېر قاتارلىق نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەرنى ئىجاد قىلدۇق. ئىلگىرى بىر پارچە خەت يېزىش، كونۋېرتقا سېلىش، ماركا چاپلاش ۋە پوچتىخانىغا ئاپىرىش خېلى كۆپ ۋاقىت ئالاتتى. جاۋاب كېلىشكە كۈنلەر، ھەپتىلەر، بەلكىم ئايلار كېتەتتى. ھازىر مەن بىر ئېلخەت يېزىپ، ئۇنى يەر شارىنىڭ ئۇ چېتىگە ئەۋەتەلەيمەن ۋە (ئەگەر قوبۇل قىلغۇچى تورغا ئۇلانغان بولسا) بىر مىنۇتتىن كېيىن جاۋاب ئالالايمەن. مەن شۇنچە كۆپ ئاۋارىچىلىك ۋە ۋاقىتنى تېجىدىم، ئەمما مەن تېخىمۇ راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتامدىمەن؟
ئەپسۇسكى، ياق. پوچتا خېتى دەۋرىدە، كىشىلەر ئادەتتە پەقەت دەيدىغان مۇھىم گەپلىرى بولغاندىلا خەت يازاتتى. كاللىسىغا كەلگەن بىرىنچى نەرسىنى يېزىشنىڭ ئورنىغا، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ۋە قانداق ئىپادىلەشنى ئەستايىدىل ئويلايتتى. ئۇلار ئوخشاشلا ئويلىنىپ يېزىلغان جاۋاب كۈتەتتى. كۆپىنچە كىشىلەر ئايدا بىر نەچچە پارچىدىن ئارتۇق خەت يازمايتتى ھەم جاۋاب ئالمايتتى. شۇنداقلا دەرھال جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولمايتتى. بۈگۈن مەن ھەر كۈنى ئونلىغان ئېلخەت ئالىمەن، ھەممىسى تېز جاۋاب كۈتىدۇ. بىز ۋاقىت تېجەۋاتىمىز دەپ ئويلىغان ئىدۇق؛ ئەمما ئەكسىچە تۇرمۇشنىڭ ئايلانما يولىنى ئىلگىرىكىدىن ئون ھەسسە تېزلىتىپ، كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ بىئارام ۋە جىددىي قىلىۋەتتۇق.
نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن بەزى ئىنسان گۇرۇپپىلىرى يېزا ئىگىلىكنى رەت قىلىپ، باياشاتلىق تۇزىقىدىن قۇتۇلغاندەك، بۈگۈنمۇ ئېلخەت ھېسابى ئېچىشنى رەت قىلىدىغان يېڭىلىق دۈشمەنلىرى ھەممە جايدا مەۋجۇت. ئەمما يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى ئۈچۈن مەلۇم رايوندىكى گۇرۇپپىلارنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بىر گۇرۇپپا قاتناشسىمۇ بولاتتى. مەيلى ئوتتۇرا شەرق ياكى ئوتتۇرا ئامېرىكىدا بولسۇن، بىر گۇرۇپپا ئولتۇراقلىشىپ يەر ھەيدەشكە باشلىغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك قارشى تۇرغۇسىز ئىگىلىككە ئايلاندى. يېزا ئىگىلىك نوپۇسنىڭ تېز كۆپىيىشىگە شارائىت ھازىرلىغاچقا، دېھقانلار ئادەتتە سان جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنى يېڭەلەيتتى. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر يا قېچىپ، ئوۋچىلىق رايونلىرىنى ئېتىز ۋە يايلاقلارغا تاشلاپ بېرىشى، ياكى ئۆزلىرى ساپاننىڭ سېپىنى تۇتۇشى كېرەك ئىدى. قايسى يولنى تاللىسۇن، كونا تۇرمۇش مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم ئىدى.
باياشاتلىق تۇزىقى ھېكايىسى بىزگە مۇھىم بىر ساۋاق بېرىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ راھەت تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى غايەت زور ئىسلاھات كۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھېچكىم كۆز ئالدىغا كەلتۈرمىگەن ياكى خالىمىغان شەكىلدە دۇنيانى ئۆزگەرتتى. ھېچكىم يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىنى پىلانلىمىغان ياكى ئىنسانلارنىڭ ئاشلىققا تايىنىشىنى قوغلاشمىغان. ئۇ ئاساسەن بىر نەچچە ئادەمنىڭ قارنىنى تويغۇزۇش ۋە بىر ئاز بولسىمۇ بىخەتەرلىككە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان كىچىك قارارلاردىن كەلگەن بولۇپ، ھەممىسى يىغىلىپ كېلىپ، ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنى پىژغىرىن ئىسسىقتا سۇ توشۇشقا مەجبۇرلاشتەك ئاقىۋەتكە مۇپتىلا قىلغان.
[1] كۆندۈرۈش، بويسۇندۇرۇش، ئۆيلەشتۈرۈش مەنىسىدىكى domesticate دېگەن سۆز لاتىنچىدىكى domes (ئۆي) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئۆيدە ياشايدىغنى كىم؟ بۇغداي ئەمەس، بەلكى ساپىيانس.
-ئاپتوردىن

باھا يېزىش