ئۇلارنىڭ گۇناھى بار دەپ قارالدى
بەزى ئالىملار ئادەمزات تۈرلىرىنى گۇناھسىز دەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كۆپ ھاللاردا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئارتىپ قويىدۇ (بۇ ئەھۋالدا كىلىمات ئۆزگىرىشى دائىم بالاغا قالىدۇ). ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ھومو ساپىيانسنى پۈتۈنلەي گۇناھسىز دېگىلى بولمايدۇ. كىلىماتنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئۈچ دەلىل بار. بۇ دەلىللەر ئادەمزاتنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى گىگانت ھايۋان تۈرلىرىنى يوقىتىشقا قاتناشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بىرىنچىسى، ئاۋسترالىيەنىڭ كىلىماتى 45 مىڭ يىل بۇرۇن ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزگىرىش چوڭ بولمىغان. كىلىماتتىكى ئۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۆزىلا چوڭ تۈرلەرنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېيىشنىڭ ئۆزى قىيىن. بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئىشنى كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن چۈشەندۈرۈش ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەر شارىنىڭ كىلىماتى ھەر دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. تارىختىكى ھەر بىر ۋەقە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە بولغان.
بولۇپمۇ، يەر شارىمىز كۆپ قېتىم سوۋۇش ۋە ئىسسىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئاخىرقى بىر مىليون يىل ئىچىدە ھەر 100 مىڭ يىلدا بىر قېتىم مۇز دەۋرى كۆرۈلگەن. ئاخىرقى مۇز دەۋرى 75 مىڭ يىلدىن 15 مىڭ يىلغىچە داۋام قىلغان. بۇ مۇز دەۋرىدە سوغۇق ئالاھىدە قاتتىق بولۇپ كەتمىگەن، سوغۇق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ۋاقىتلاردىن بىرى 70 مىڭ يىل بۇرۇن، يەنە بىرى 20 مىڭ يىل بۇرۇن. گىگانت دىپروتودون ئاۋسترالىيەدە 1 مىليون 500 مىڭ يىلدىن بۇرۇن كۆرۈلگەن. ئۇ ئاز دېگەندە ئون قېتىملىق مۇز دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 70 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئاخىرقى مۇز دەۋرىنىڭ ئەڭ قاتتىق سوغۇق دەۋرىدىنمۇ ئامان قالغان. ئەمما ئۇ 45 مىڭ يىل بۇرۇن نىمە ئۈچۈن يوقاپ كەتكەن؟ ئەگەر دىپروتودون بۇ ۋاقىتتا يوقاپ كەتكەن بىردىنبىر چوڭ ھايۋان بولغان بولسا، بۇنى بىر تەساددىپىيلىق دەپ قاراشقا بولاتتى. ئەمما ئاۋسترالىيەدىكى گىگانت ھايۋان تۈرلىرىنىڭ 90 پىرسەنتى دىپروتودون بىلەن بىر ۋاقىتتا يوقاپ كەتكەن. بۇ دەلىل مەلۇم دەرىجىدە ۋاسىتىلىك دەلىل بولسىمۇ، ئادەمزاتنىڭ ئاۋسترالىيەگە يېتىپ بارغان ۋاقتى بىلەن بۇ ھايۋانلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىشىنى تەساددىپىيلىق دېيىش قىيىن.
ئىككىنچىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى كۆپ ھاللاردا قۇرۇقلۇقتىكى ھايۋانلارغا تەسىر قىلغاندەك، دېڭىزدىكى ھايۋانلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمما 45 مىڭ يىل بۇرۇن دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ كۆپلەپ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل يوق. ئادەمزاتنىڭ تەسىرىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى گىگانت ھايۋان تۈرلىرىنى يوقىتىپ، دېڭىز ھايۋانلىرىغا ئانچە تەگمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئاسان. **ھومو ساپىيانس** بۇ ۋاقىتتا يېڭى دېڭىز سەپىرىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەسىرى ئاساسلىقى قۇرۇقلۇققا قارىتىلغانىدى.
ئۈچىنچىسى، ئاۋسترالىيەدىكى گىگانت ھايۋان تۈرلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئوخشاش ۋەقەلەر كىيىنكى مىڭ يىللاردا، ئادەمزاتى باشقا جايلارغا كۆچۈپ بارغان ۋاقتىدا قايتا-قايتا كۆرۈلگەن. بۇ ئەھۋالدا ھومو ساپىيانسنىڭ گۇناھى ئىسپاتلانغان. مەسىلەن، يېڭى زېلاندىيەدىكى گىگانت ھايۋان تۈرلىرى 45 مىڭ يىل بۇرۇن كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، ئادەمزاتنىڭ ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىشى بىلەنلا چوڭ كۆلەمدە قۇرۇپ كەتكەن. ماۋرىلەر- يېڭى زېلاندىيەنىڭ تۇنجى ساپىيانس مۇستەملىكىچىلىرى تەخمىنەن 800 يىل بۇرۇن يېتىپ بارغان بولۇپ، بىر-ئىككى يۈز يىل ئىچىدە ئۇ يەردىكى گىگانت ھايۋان تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى، شۇنداقلا ئاتمىش پىرسەنت قۇش تۈرى يوقاپ كەتكەن.
شۇنىڭغا ئوخشاشلا، **ۋرانگېل ئارىلى** (سىبىرىيە قىرغىغىدىن 200 كىلومېتىر شىمالدا) دەك جايلاردا ماموت (ياۋا پىل) تۈرلىرىنىڭ ئاخىرقى قېتىم يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم. ماموتلار مىليونلىغان يىللاردىن بۇيان شىمالىي يېرىم شارنىڭ كۆپ جايلىرىدا ياشىغان بولۇپ، **ھومو ساپىيانس**نىڭ ياۋرو-ئاسىياغا، ئارقىدىن شىمالىي ئامېرىكىغا تارقىلىشى بىلەنلا ماموتلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن. 10 مىڭ يىل بۇرۇن دۇنيادا، يىراق شىمالىي ئاراللاردىن باشقا ھېچ قانداق جايدا ماموت تۈرى قالمىغان. ۋرانگېل ئارىلىدىكى ماموتلار يەنە نەچچە مىڭ يىل جان ساقلىغان بولسىمۇ، 4 مىڭ يىل بۇرۇن، ئادەمزاتى ئۇ ئارالغا يېتىپ بارغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.
ئاۋسترالىيەدىكى گىگانت ھايۋان تۈرلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىرلا قېتىملىق ۋەقە بولغان بولسا، بىز ئادەمزاتنى گۇناھسىز دەپ قارىساق بولاتتى. ئەمما تارىخىي ئىزلار ھومو ساپىيانسنى گويا « تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئىكولوگىيە قاتىلى» دەك كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
ئاۋسترالىيەدىكى كۆچمەنلەر تاش قورال دەۋرى تېخنىكىسى بىلەن قانداق قىلىپ بۇنداق ئەڭ چوڭ ئىكولوگىيەلىك بالايى ئاپەتنى پەيدا قىلالىغان؟
بۇنىڭ ئۈچ خىل چۈشەندۈرۈشى بار:
1. چوڭ ھايۋانلارنىڭ، يەنى ئاۋسترالىيەدە ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىشى ئاستا بولىدۇ.
ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان چوڭ ھايۋانلارنىڭ ھامىلىدارلىق مۇددىتى ئۇزۇن، ھەر قېتىم ئازلا تۇغۇپ، ئوتتۇرىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئارام ئالىدۇ. شۇڭا، ئادەمزات ھەر ئىككى-ئۈچ ئايدا بىر قېتىم بىر گىگانت ھايۋاننى ئوۋلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تۇغۇلۇش نىسبىتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، نەچچە مىڭ يىل ئىچىدە دىپروتودونلار ئازلاپ ئاخىرقى دىپروتودون قالىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئۆلۈشى بىلەن تەڭ بارلىق دىپروتون تۈرى يوقىلىپ كېتىدۇ.
دىپروتودونلار ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ باشقا يوغان ھايۋانلىرى گەرچە چوڭ بولسىمۇ، ئۇلارنى ئوۋلاش ئانچە قىيىن بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار ئىككى پۇتلۇق ھۇجۇمچىلاردىن پۈتۈنلەي غاپىل قالغان. ھەر خىل ئىنسان تۈرلىرى ئافرىقا-ئاسىيادا 2 مىليون يىل داۋامىدا ئوۋچىلىق قىلىپ تەرەققىي قىلغان. ئۇلار ئوۋچىلىق ماھارىتىنى ئاستا-ئاستا يېتىلدۈرۈپ، تەخمىنەن 400,000 يىل بۇرۇن چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا باشلىغان.
ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى چوڭ ھايۋانلار ئىنسانلاردىن ساقلىنىشنى ئۆگەنگەن، شۇڭا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن چوڭ يىرتقۇچ-ھومو ساپىيانىس ئافرىقا-ئاسىيا سەھنىسىگە چىققاندا، چوڭ ھايۋانلار ئۇنىڭغا ئوخشاش مەخلۇقلاردىن يىراق تۇرۇشنى ئاللىقاچان بىلگەن. ئەمما، ئاۋسترالىيەدىكى يوغان ھايۋانلارنىڭ ئۇلاردىن قېچىشنى ئۆگىنىشىگە ۋاقتى بولمىدى.
ئىنسانلار ئالاھىدە خەتەرلىك كۆرۈنمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇن، ئۆتكۈر چىشلىرى ياكى مۇسكۇللۇق، چەبدەس بەدەنلىرى يوق ئىدى. شۇڭا يەر يۈزىدىكى ئەڭ چوڭ خالتىلىق ھايۋان بولغان دىپروتودون تۇنجى قېتىم بۇ ئاجىز كۆرۈنگەن مايمۇنغا كۆزى چۈشكەندە، ئۇنىڭغا بىر قاراپلا قويۇپ، يەنە يوپۇرماق چايناشنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ ھايۋانلار ئىنسانلاردىن قورقۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇنداق قىلىشتىن بۇرۇنلا يوقاپ كەتكەن.
2. ساپىيانسلار ئاۋسترالىيە قىتئەسىگە بارغاندا ئاللىقاچان تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان بولغانىدى. ئۇلار يات مۇھىتقا ماسلىشىش، تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كەڭ ۋە قويۇق ئورمانلارغا قەستەن ئوت قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوۋچىلىق قىلىشىغا قولايلىق بولغان ۋە ئېھتىياجلىرىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن بولغان يايلاقلارنى ئاچقان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار قىسقىغىنچە نەچچە مىڭ يىلدا ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن.
ئۆسۈملۈكلەردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر ئوتخور ھايۋانلارغا ۋە ئۇلارنى يەيدىغان گۆشخور ھايۋانلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. پەقەت ئېۋكالىپت يوپۇرماقلىرى بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغان خالتىلىق ئېيىقلار يېڭى رايونلارغا خۇشاللىق بىلەن تارقالغان. باشقا ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. ئاۋسترالىيە ئوزۇقلۇق زەنجىرلىرى بۇزۇلۇپ، ئەڭ ئاجىز ھالقىلار يوقىلىپ كەتكەن.
3. ئوۋچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئاۋسترالىيەدىكى چوڭ ھايۋانلارنىڭ يوقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان، ئەمما ئىقلىمنىڭ رولىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. تەخمىنەن 45,000 يىل بۇرۇن ئاۋسترالىيەدە يۈز بەرگەن ئىقلىم ئۆزگىرىشلىرى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇپ، ئۇنى بەكلا ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن. نورمال ئەھۋالدا، ئىلگىرىمۇ كۆرۈلگىنىدەك سىستېما بۇرۇنقىدەك ئەسلىگە كېلەلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق، دەل مۇشۇ مۇھىم پەيتتە ئىنسانلار مەيدانغا چىقىپ، نازۇك ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى ھالاكەتكە ئىتتەرگەن. ئىقلىم ئۆزگىرىشى بىلەن ئىنسان ئوۋچىلىقىنىڭ بىرلىشىشى چوڭ ھايۋانلارغا ئەجەللىك زەربە بولغان، ئۇلار ھەر تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. بۇنداق كۆپ خىل تەھدىتلەرگە قارشى ھايۋانلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك بولىدىغان جان ساقلاش ئۇسۇلىنى تېپىش تەس بولغان.
يېتەرلىك دەلىل بولمىغاچقا، بۇ ئۈچ خىل ئېھتىماللىقنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما شۇنى ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمىزكى، ئەگەر ھومو ساپىيېنس ئاۋسترالىيەگە بارمىغان بولسا، خالتىلىق شىرلار، دىپروتودونلار ۋە يوغان كېنگۇرۇلار ھازىرمۇ شۇ يەردە ياشاۋاتقان بولاتتى.
چوڭ ھايۋانلارنىڭ يوقىلىشى
ئاۋسترالىيە گىگانت ھايۋان تۈرلىرىنىڭ يوقاپ كىتىشى ھومو ساپىيانسنىڭ يەر شارىمىزغا قالدۇرغان تۇنجى مۇھىم ئىزى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ چوڭ بىر ئىكولوگىيەلىك ئاپەت ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن. ھومو ساپىيانس غەربىي يېرىم شارغا يېتىپ بارغان تۇنجى ۋە يىگانە ئادەمزات تۈرى بولۇپ، ئۇلار تەخمىنەن 16 مىڭ يىل بۇرۇن، يەنى بىزنىڭ زامانىمىزدىن بۇرۇن 14 مىڭ يىللاردا، ئۇ قۇرۇقلۇققا يېتىپ بارغان. تۇنجى ئامېرىكىلىقلار قۇرۇقلۇق ئارقىلىق سەپەر قىلغان، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا دېڭىز سۈيى ئىگىزلىكى تۆۋەن بولۇپ، شەرقىي شىمالى سىبىرىيە بىلەن غەربىي شىمالى ئالىياسكا ئارىسىدا بىر قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى مەۋجۇت ئىدى. ئەمما بۇ سەپەر ئاسان بولمىغان، يەنى بۇ سەپەر ئاۋسترالىيەگە قىلغان دېڭىز سەپىرىدىنمۇ قىيىن بولغان. شىمالىي قۇتۇپتىن ئۆتۈش ئۈچۈن، ھومو ساپىيانس ئاۋۋال سىبىرىيەنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى قۇتۇب سوغۇقىغا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى. بۇ جايلاردا قىش پەسىللىرىدە قۇياش پۈتۈنلەي كۆرۈنمەيتتى، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 50 گرادۇسقا چۈشۈپ كېتەتتى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق ئادەمزات تۈرى شىمالىي سىبىرىيەگە ئوخشاش جايلارغا بارالمىغان؛ ھەتتا سوغۇق ئىقلىمغا ماسلىشىپ قالغان نىياندېرتاللارمۇ جەنۇبتىكى ئىللىقراق رايونلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. ھومو ساپىيانسنىڭ بەدىنى شىمالىي قۇتۇب رايونلىرىدا ئەمەس، ئافرىقا يايلاقلىرىدا ياشاشقا ماسلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلغان. سوغۇق ئىقلىمغا كۆچكەن ساپىيانس ئوۋچى-غەنىمەتچىلىرى قوپال يىڭنىلەرنىڭ ياردىمىدە، قاردا كىيىدىغان ئۆتۈك ۋە يۇڭ-تېرىدىن ئىشلەنگەن، ئىسسىق ساقلايدىغان كىيىملەرنى تىكىشنى ئۆگەنگەن. ئۇلار يېڭى قوراللار ۋە تاكتىكىلىق ئوۋچىلىق ئۇسۇللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىمالدىكى ماموتلار ۋە باشقا چوڭ ھايۋانلارنى ئىز قوغلاپ، ئوۋلاپ ئۆلتۈرۈشنى باشلىغان. ساپىيانسلار قىشلىق كىيىملىرى ۋە ئوۋچىلىق ئۇسۇللىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قەھرىتان سوغۇق رايونلارغا تېخىمۇ چوڭ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن كىرىشكە باشلىغان. ئۇلار شىمالغا يۆتكىلىپ بارغانسېرى، كىيىملىرى، ئوۋچىلىق ئىقتىدارلىرى ۋە باشقا تىرىكچىلىك ماھارەتلىرى تېخىمۇ يۈكسەلگەن.
ئەمما ئۇلار نېمىشقا ئۆزىنى قىينىغان؟ نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى سىبىرىيەگە «سۈرگۈن» قىلغان؟ بەلكىم، بەزى گۇرۇپپىلار ئۇرۇش، نوپۇس بېسىمى ياكى تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن شىمالغا سۈرۈلگەن. باشقىلىرى بولسا، ياخشى سەۋەبلەر، مەسىلەن، ھايۋان ئاقسىلى (ھايۋان گۆشى) نىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن شىمالغا ماڭغان بولۇشى مۇمكىن. شىمالىي قۇتۇپ زېمىنلىرى شىمال بۇغىسى ۋە ماموتلارغا ئوخشاش جۇغى چوڭ، گۆش-قېنى تولۇق ھايۋانلارغا تولغان ئىدى. ھەر بىر ماموت كۆپ مىقداردىكى گۆشنىڭ مەنبەسى(سوغۇق تېمپىراتۇردا گۆشنى ساقلاش يېيىشكىمۇ بولىدۇ) بولۇپلا قالماي، مەززىلىك ماي، ئىسسىق تېرە ۋە قىممەتلىك پىل سۆڭى بىلەن تەمىنلەيتتى. سۇنگىردىن تېپىلغان نەرسىلەر كۆرسەتكەندەك، ماموت ئوۋچىلىرى قار-مۇزلۇق شىمالدا جېنىنى ساقلاپلا قالماي، بەلكى بارغانسېرى گۈللەپ ياشىغان. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ قەبىلىلەر ماموت، ماستودون، كىچىك پىل ۋە شىمال بۇغىسى قاتارلىق ھايۋانلارنى قوغلاپ، كەڭ رايونلارغا تارقالغان. بۇنىڭدىن 14 مىڭ يىل بۇرۇن، ئۇلار ھايۋان قوغلاپ يۈرۈپ شەرقىي شىمالىي سىبىرىيەدىن ئالىياسكا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۇ زاماندا يېڭى بىر دۇنيا ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ماموت ۋە ئادەمزات ئۈچۈن، ئالىياسكا پەقەت سىبىرىيەنىڭ يىراققا سوزۇلغان قىسمى ئىدى.
ئەڭ دەسلەپتە قاتمۇ قات مۇزلۇقلار ئالىيەسكادىن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ باشقا زېمىنلىرىغا بارىدىغان يولنى توسۇپ قويغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا پەقەت بىر قانچە يالغۇز تەۋەككۈلچىلەر جەنۇبتىكى زېمىنلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مىلادىيەدىن 12 مىڭ يىل بۇرۇن، يەر شارىدىكى مۇزلار ئېرىپ، تېخىمۇ ئاسان ئۆتۈش يولى ئېچىلغان. ئىنسانلار بۇ يېڭى يولدىن پايدىلىنىپ، كۆپ ساندا جەنۇبقا يۆتكىلىپ، پۈتۈن قۇرۇقلۇققا تارقالغان. ئەسلىدە شىمالىي قۇتۇب رايونىدا چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا ماسلىشىپ كەتكەن بۇ ئادەمزات تۈرى، ھەر خىل كىلىمات ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا تېزلا ماسلىشىپ كەتكەن. سىبىرىيەلىكلەرنىڭ نەسىللىرى شەرقىي ئامېرىكىنىڭ قېلىن ئورمانلىرى، مىسسىسىپپى دېلتىسىدىكى سازلىقلار، مېكسىكىنىڭ قۇملۇقلىرى ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىغا ماكانلاشقان. بەزىلىرى ئامازون دەرياسى ۋادىسىدا، بەزىلىرى ئاندىيان تاغ جىلغىسى ياكى ئارگېنتىنانىڭ كەڭ كەتكەن پامپاس يايلاقلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر-ئىككى مىڭ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن! مىلادىيەدىن 10 مىڭ يىل بۇرۇن، ئىنسانلار ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي نۇقتىسى بولغان تېرادېل فۇئېگو ئارىلىغا يېتىپ كەتكەن. ئىنسانلارنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىنى بويلاپ تېز سۈرئەتتە كۆچۈشى ھومو ساپىيانسنىڭ تەڭداشسىز ئىجادكارلىقى ۋە ھېچكىمگە ئوخشىمىغان ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا ھېچقانداق ھايۋان بۇنداق تېز سۈرئەتتە، بۇنداق چوڭ ۋە ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدىغان مۇھىتلارغا كۆچەلمىگەن ۋە ھەممە مۇھىتتا ئاساسەن بىرلا خىل گېن بىلەن ياشىيالمىغان .
ئامېرىكا قىتئەسىدە ماكانلىشىش ھېچقانداق ئۇرۇش-تالاشسىز بولغان ئەمەس، ئۇنىڭغا كۆپلىگەن قۇربانلار بېرىلگەن. 14 مىڭ يىل بۇرۇن ئامېرىكىدىكى ھايۋاناتلار بۈگۈنكىدىن مول ئىدى. تۇنجى ئامېرىكالىقلار ئالىياسكادىن شىمالىي ئامېرىكىنىڭ تۇپرىقىغا كىرگەندە، ماموت ۋە ماستودونلار، ئېيىقتەك چوڭ ھايۋانلار، ئات، تۆگە، غايەت چوڭ شىر ۋە بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرگە نامەلۇم بولغان نەچچە ئون تۈرلۈك يوغان ھايۋانلار، مەسىلەن، چىشلىرى ئۇزۇن قورقۇنچلۇق مۈشۈكلەر، ئېغىرلىقى 8 توننا ، ئېگىزلىكى 6 مېتىر كېلىدىغان گىگانىت ھايۋانلارغا دۇچ كەلگەن. جەنۇبىي ئامېرىكا تېخىمۇ غەلىتە چوڭ ھايۋانات، ھاشارات ۋە قۇشلار بىلەن تولغان ئىدى. ئامېرىكا قىتئەسى غايەت زور تەدرىجىي تەرەققىيات تەجرىبىخانىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئاسىيا بىلەن ئافرىقادا يوق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بۇ زېمىندا تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن.
ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس. ساپىيانس بۇ زېمىنغا يېتىپ كېلىپ ئىككى مىڭ يىلدىن كېيىن، بۇ ئۆزگىچە تۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسى يوقاپ كەتكەن. ھازىرقى ھېسابلارغا ئاساسلانغاندا، شۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىمالىي ئامېرىكادىلا 47 چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋاندىن 34 تۈرى، جەنۇبىي ئامېرىكادا بولسا 60 ھايۋاندىن 50 تۈرى يوقالغان. 30 مىليون يىلدىن ئارتۇق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇزۇن چىشلىق مۈشۈكلەر، باشقا گىگانت ھايۋانلار، چوڭ شىرلار، يەرلىك ئاتلار ۋە تۆگىلەر، غايەت چوڭ چاشقانلار ۋە ماموتلارمۇ يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مىڭلىغان كىچىك سۈت ئەمگۈچىلەر، ھاشاراتلار، قۇشلار ۋە ھەتتا پارازىت تۈرلىرىمۇ يوقاپ كەتكەن (مەسىلەن، ماموتلارنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن، ئۇلارغا خاس بولغان ماموت پارازىتلىرىمۇ يوقالغان).

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، پالىئونتولوگلار (قەدىمكى ھايۋانلارنى تەتقىق قىلغۇچىلار) ۋە ھايۋانشۇناسلىق ئارخىئولوگلىرى (ھايۋانلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرىنى ئىزدەپ تەتقىق قىلغۇچىلار) ئامېرىكا تۈزلەڭلىكى ۋە تاغ جىلغىلىرىدا قەدىمىي تۆگىلەرنىڭ تاشقاتما سۆڭەكلىرى ھەمدە چوڭ ھايۋانلارنىڭ قېتىپ قالغان تېزەكلىرىنى ئىزدەش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇلار ئىزدەيدىغىنىنى تاپقاندا، بۇ قىممەتلىك قالدۇقلار نېپىز ساندۇقلارغا ئورالغان ھالدا لابوراتورىيەگە كەلتۈرۈلۈپ، ھەر بىر سۆڭەك ۋە ھەر بىر كوپرولىت (قېتىپ قالغان قەدىمىي تېزەكنىڭ تېخنىكىلىق ئاتىلىشى) ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىنىپ، تارىخىي دەۋرى بېكىتىلگەن.
قايتا-قايتا تەتقىقاتلار بىر خىل نەتىجە بەرگەن: ئەڭ يېڭى تېزەك ۋە تۆگە سۆڭىكى ئادەمزاتنىڭ ئامېرىكىغا كۆچۈپ كىرگەن مەزگىلىگە، يەنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى تەخمىنەن 12 مىڭ يىلدىن 9 مىڭ يىلغىچە بولغان دەۋرگە توغرا كەلگەن. پەقەت بىرلا رايوندا، يەنى بىر قانچە كارىب دېڭىزى ئارىلىدا، ئالىملار تېخىمۇ يېڭى تېزەكلەرنى بايقىغان. مەسىلەن، كۇبا ۋە گىسپانىئولا ئاراللىرىدا، مىلادىيەدىن بۇرۇن 5 مىڭ يىللارغا تەۋە چوڭ ھايۋان تېزىكى بايقالغان. بۇ، دەل تۇنجى ئادەمزاتنىڭ كارىب دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، بۇ چوڭ ئاراللارغا ماكانلاشقان ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ.
يەنە بەزى ئالىملار ھومو ساپىيانسنى ئاقلاپ، بۇنى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە باغلىماقچى بولىدۇ. (ئۇلار شۇنى پەرەز قىلغان بولۇشى كېرەككى، كارىب دېڭىزى ئاراللىرىدىكى كىلىمات قانداقدۇر بىر سەۋەبتىن 7 مىڭ يىل بويى ئۆزگەرمەي تۇرغان بولسىمۇ، غەربىي يېرىم شارنىڭ باشقا جايلىرى ئىسسىپ كەتكەن.) ئەمما ئامېرىكىدا، تېزەكلەرنى تاشلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ. بىز گۇناھكارمىز، ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشى بىزگە ياردەم قىلغان، ئەمما بىز ئىنسانلارنىڭ تەسىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.
نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كېمىسى
ئەگەر ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىدىكى ئومۇمىي يوقىلىشلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ھومو ساپىيانسنىڭ ئافرىقا، ئاسىياغا تارقىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن كىچىك دائىرىدىكى يوقىلىشلارنى، مەسىلەن، باشقا ئادەم تۈرلىرىنىڭ يوقىلىشىنى ۋە ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ كۇبا قاتارلىق يىراق ئاراللارغا جايلىشىشى بىلەن يۈز بەرگەن يوقىلىشلارنى قوشۇپ ھېسابلايدىغان بولساق، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان خۇلاسە شۇكى، ساپىيانسنىڭ تۇنجى زېمىن ئىگىلەش دولقۇنى ھايۋانلار دۇنياسىغا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ تېز ئېكولوگىيەلىك يوقىتىش بولغان. ئەڭ ئېغىر يوقىتىشقا ئۇچرىغانلىرى تۈكلۈك گىگانت ھايۋانلار بولغان. ئەقىل ئىنقىلابى مەزگىلىدە، يەر شارىدا 50 كىلوگرامدىن ئېغىر بولغان 200 تۈرلۈك چوڭ قۇرۇقلۇق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار بار ئىدى. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ئۇلاردىن پەقەت 100 تۈرىلا قالغان. ھومو ساپىيانس چاقماق تېشى، يېزىق، ياكى تۆمۈر قوراللارنى ئىجاد قىلىشتىن بۇرۇنلا، يەر شارىدىكى چوڭ ھايۋانلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى يوق قىلىپ بولغان.
يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇ ئېكولوگىيەلىك تراگېدىيە كىچىك كۆلەمدە قايتا-قايتا كۆرۈلدى. ئاراللاردىكى ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلار شۇ خىل ئېچىنىشلىق ھېكايىلەرنى قايتا-قايتا سۆزلەپ بەردى. تراگېدىيەنىڭ بىرىنجى سەھنىسىدە، ئادەمزاتنىڭ ئىزلىرى يوق، خىلمۇ خىل چوڭ ھايۋانلار بىلەن تولغان بىر دۇنيا بار. ئىككىنجى سەھنىسىدە، ساپىيانسنىڭ ئىزلىرى كۆرۈنىدۇ، بۇنى ئادەم سۆڭىكى، ئۇچلۇق تاش ياكى ساپال بۇيۇملار ئىسپاتلايدۇ. ئۈچىنجى سەھنىدە، ئەر-ئاياللار مەركىزىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، چوڭ ھايۋانلار ۋە كىچىك ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىسى يوقاپ كەتكەن بولىدۇ.

ئىككى چوڭ كالاڭپاي ھايۋان بىلەن ئۇلارنىڭ كەينىدىكى ئىككى ئارمادىلو (قۇرت-قوڭغۇز تۇتۇپ يەيدىغان قۇرۇقلۇق ھايۋىنى) نىڭ قىياسەن سىزىلىشى. ھازىر يوقاپ كەتكەن بۇ غايەت چوڭ ھايۋانلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىردىن ئېشىپ، ئېغىرلىقى 2 توننىغا يەتكەن. بەزى گىگانت ھايۋانلارنىڭ ئىگىزلىكى 6 مېتىرغا، ئېغىرلىقى 8 توننىغا يەتكەن.
ئافرىقا قۇرۇقلۇقىنىڭ 400 كىلومېتىر شەرقىدىكى چوڭ ماداغاسقار ئارىلى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر. نەچچە مىليون يىل دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەن بۇ ئارالدا ئۆزگىچە ھايۋانلار توپى شەكىللەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە پىل قۇشلىرى بولۇپ، ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇش ئىدى، ئەمما ئۇچالمايتتى؛ ئېگىزلىكى 3 مېتىر، ئېغىرلىقى يېرىم توننا كېلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پىرىماتلار (مايمۇن تۈرلىرى) دىن غايەت چوڭ تۈلكىسىمان مايمۇنلار بار ئىدى. پىل قۇشلىرى ۋە تۈلكىسىمان مايمۇنلار، ماداغاسقارنىڭ باشقا چوڭ ھايۋانلىرى بىلەن بىرلىكتە، 1500 يىل بۇرۇن يوقاپ كەتكەن. بۇ دەل تۇنجى تۈركۈمدىكى ئادەمزاتنىڭ ئۇ ئارالغا قەدەم قويغان ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ.
تىنچ ئوكياندىكى نەسىل قۇرۇتۇش ھەرىكىتى مىلادىيەدىن بۇرۇن تەخمىنەن 1500 يىللاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، پولىنېزىيە دېھقانلىرى سولومون ئاراللىرى، فىجى ۋە يېڭى كالېدونىيە ئاراللىرىغا جايلىشىپ، يۈزلىگەن قۇش، ھاشارات، قۇرت ۋە باشقا يەرلىك تۈرلەرنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ھالدا ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكەن. بۇ يوقىتىش دولقۇنى ئاستا-ئاستا شەرق، جەنۇب ۋە شىمالغا يۆتكىلىپ، تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەن؛ نەتىجىدە ساموا ۋە تونگا (مىلادىيەدىن بۇرۇن 1200 يىللار)، ماركىز ئاراللىرى (مىلادىيە 1-يىل)، پاسخا بايرىمى ئاراللىرى، كوك ئاراللىرى ۋە ھاۋاي (مىلادىيە 500-يىل)، ئاخىرىدا يېڭى زېلاندىيە (مىلادىيە 1200-يىل) دىكى ئۆزگىچە ھايۋان تۈرلىرى يوق قىلىنغان.
شۇنىڭغا ئوخشاش ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىق ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكيان، شىمالىي مۇز ئوكيان ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مىڭلىغان ئاراللارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش كۆرۈلگەن. ئەڭ كىچىك ئاراللاردىمۇ، قۇش، ھاشارات ۋە قۇرتلارنىڭ نەچچە ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئىزى بايقالغان، ئەمما تۇنجى يېزا ئىگىلىك ئىنسانلىرى كەلگەندە ئۇلار يوقاپ كەتكەن. پەقەت ئەڭ يىراق ئاراللارلا ئادەمزاتنىڭ دىققەت-نەزەرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان، بۇ ئاراللار ئۆز ھايۋان تۈرلىرىنى ساقلاپ قالغان. مەسىلەن، گالاپاغوس ئاراللىرى ئىنسانلار 19-ئەسىرگە قەدەم قويغانغا قەدەر، ئۆزگىچە ھايۋان تۈرلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. بۇ ئارالدا غايەت چوڭ تاشپاقىلار بار بولۇپ، قەدىمكى گىگانت كېنگىرۇلارغا ئوخشاش، ئۇلارمۇ ئادەمزاتتىن قورقمىغان.
بىرىنچى قېتىملىق يوقىتىش دولقۇنى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ كېڭىيىشى بىلەن باشلانغان بولسا، ئىككىنچى قېتىملىق دولقۇن دېھقانلارنىڭ كېڭىيىشى بىلەن داۋاملاشقان. بۇلار بىزگە ئۈچىنچى قېتىملىق يوقىتىش دولقۇنى، يەنى سانائەت ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىق ھەققىدە پىكىر بېرىدۇ. ئاتا-بوۋىلىرىمىز تەبىئەت بىلەن دوست بولۇپ ئۆتكەن، ئۇلار تەبىئەتنى ئاسرايتتى دېگەندەك گەپلەرگە ئىشەنمەڭ. سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇنلا، ھومو ساپىيانس كۆپلىگەن ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان تۈرلىرىنى تۈپتىن يوقىتىشتا بارلىق مەخلۇقلار ئىچىدە رېكورىت ياراتقان. بىز ئۆزىمىزنى بىئولوگىيە تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشىي مەخلۇقلار دەپ گۇمان قىلساق بولىدۇ.
ئەگەر كۆپ ئادەملەر بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق يوقىتىش دولقۇنى ھەققىدە بىر نەرسە بىلگەن بولسا، ئۆزلىرى قاتناشىۋاتقان ئۈچىنچى قېتىملىق يوقىتىش دولقۇنىغا بۇنداق بىپەرۋا قارىماس ئىدى. ئەگەر بىز قايسى تۈرلەرنى يوق قىلىۋەتكەنلىكىمىزنى بىلگەن بولساق، ھازىر ساق قالغان تۈرلەرنى قوغداشتا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيىتىمىز بارلىقىنى ھېس قىلغان بولاتتۇق. بۇ، دېڭىز-ئوكيانلاردىكى چوڭ ھايۋانلار ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم. قۇرۇقلۇقتىكى ھەمراھلىرىغا باققاندا، چوڭ دېڭىز ھايۋانلىرى ئەقىل ئىنقىلابى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە نىسبەتەن ئاز ئۇچرىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر سانائەت زەھەرلىنىشى ۋە دېڭىز بايلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ ئارتۇقچە پايدىلىنىشى نەتىجىسىدە يوقىلىش گىردابىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال داۋاملاشسا، كىتلار، لەھەڭلەر، تۇنا بېلىقلىرى ۋە دېلفىنلارمۇ خۇددى چوڭ كېنگىرولار، ماموتلار ۋە باشقا گىگانت ھايۋانلارغا ئوخشاش يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ ھالدا، يەر شارىدىكى بارلىق چوڭ مەخلۇقلار ئىچىدە، ئىنسانلارنىڭ بالايى ئاپەت كەلكۈنىدىن تىرىك قالىدىغانلىرى پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ۋە نۇھ پايغەمبەرنىڭ كېمىسىدىكى ئۆي ھايۋانلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ.

باھا يېزىش