ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (7)

سۈكۈت پەردىسى

قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش تەسۋىرىنى  قايتا سىزىپ چىقىش تەس دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئالاھىدە ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ مۇشكۇل. مەسىلەن، بىر سەپىيانسلار گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىم نىياندېرتاللار ئولتۇراقلاشقان بىر ۋادىغا كىرگەندە، كېيىنكى يىللاردا شىددەتلىك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭدىن پەقەت تاشقاتمىغا ئايلانغان بىر قانچە سۆڭەك،  ئەڭ قىزغىن تەكشۈرۈشلەرگىمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرىدىغان بىر قىسىم تاش قورالدىن باشقا ھېچنېمە قالمايدۇ. ئۇلاردىن ئادەم ئاناتومىيەسى، ئۇ ئىنسانلار قوللانغان تېخنىكا، ئوزۇق-تۈلۈك ۋە بەلكىم ئىجتىمائىي تۈزۈملەر ھەققىدە ئۇچۇر ئالالىساقمۇ، قوشنا ساپىيانسلار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىتتىپاق، بۇ ئىتتىپاقنى قوغدىغۇچى روھلار ياكى ئۇنىڭ بەرىكىتىنى قوغداش ئۈچۈن يەرلىك داخانغا مەخپىي تارتۇق قىلىنغان پىل چىشى ھەققىدە ھېچنېمە بىلەلمەيمىز.

 بۇ سۈكۈت پەردىسى ئون مىڭلارچە يىللىق تارىخنى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۇزۇن ئەسىرلەردە ئۇرۇشلار ۋە ئىنقىلابلار، ئەسەبىي دىنىي ھەرىكەتلەر، چوڭقۇر پەلسەپەۋى نەزەرىيلەر، تەڭداشسىز سەنئەت ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ بەلكىم لۇكسېمبۇرگنىڭ يېرىمىچە چوڭلۇقتىكى ئىمپېرىيەنى باشقۇرغان ناپولېئونلىرى، سىمفونىيە ئوركىستىرى بولمىسىمۇ، بامبۇكتىن ياسالغان نەي بىلەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ يىغلىتالايدىغان بېتخوۋېنلىرى، ھەممىگە قادىر خۇداسى بولمىسىمۇ، كىشىلەرگە شۇ جايدىكى بامبۇك دەرىخىنىڭ سىرلىرىنى ئېيتالايدىغان كاتتا پەيغەمبەرلىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرەز. بۇ سۈكۈت پەردىسى شۇنچە قېلىنكى، ئۇلارنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىش ئەمەس، شۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنىمۇ ئېنىق بىلىش قىيىن.

 ئالىملار ئادەتتە پەقەت جاۋاب بېرەلەيدىغان سوئاللارنى سورايدۇ. يېڭى  تەتقىقات قوراللىرىنى كەشىپ قىلماي تۇرۇپ، قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ نېمىگە ئىشەنگەنلىكىنى ياكى قانداق سىياسىي ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلەلمەيمىز. ئەمما جاۋابى يوق سوئاللارنى سوراش ناھايىتى مۇھىم، بولمىسا، «ئۇ دەۋردىكى كىشىلەر ھېچقانداق مۇھىم ئىش  قىلمىغان» دېگەن باھانە بىلەن،  70 مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ 60 مىڭ يىلىنى يوققا چىقىرىۋېتىشكە مايىل بولۇپ قالىمىز.

 ھەقىقەت شۇكى، ئۇلار ناھايىتى مۇھىم ئىشلارنى قىلغان. بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ ئەتراپمىزدىكى دۇنيانىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى كۆپىنچە كىشىلەر ئويلىغاندىنمۇ چوڭ بولغان. سىبىرىيەنىڭ توڭ تۇپرىقىدا، ئاۋسترالىيە چۆللىرىدە ۋە ئامازون ئورمانلىرىدا ساياھەت قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئىنسان ئايىغى تېگىپ باقمىغان «ساپ» مەنزىرىلىك جايغا كەلدىم دەپ ئويلايدۇ. ئەمما بۇ بىر خاتا تۇيغۇ. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر بىزدىن بۇرۇن بۇ يەرلەرگەكەلگەن ۋە ئۇلار ئەڭ قويۇق ئورمانلىقلاردا،  ھەتتا ئەڭ قۇرغاق چۆللەردە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ياراتقان. كېيىنكى بابتا، ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ تۇنجى يېزا ئىگىلىك كەنتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا قانداق قىلىپ يەر شارىمىزنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تولۇق ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىمىز.

ئىزاھاتلار:

* «ئىمكانىيەت دائىرىسى» دېگىنىمىز بىر جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك، تېخنىكىلىق ۋە مەدەنىيەت چەكلىمىلىرى ئاستىدا ئېرىشەلەيدىغان بارلىق ئېتىقاد، ئەمەلىيەت ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قانداق جەمئىيەت ۋە شەخس ئادەتتە ئۆز ئىمكانىيەت دائىرىسىنىڭ پەقەت كىچىك بىر قىسمىنىلا كۆزىتەلەيدۇ.

* قەدىمكى دوناي دەرياسى ۋادىسىدا ئۆلگەن 18 ئادەمنىڭ ھەممىسىنى زوراۋانلىقتىن ئۆلگەن دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، بەزىلىرى يارىلانغان بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا يۇمشاق توقۇلمىلىرى جاراھەتلەنگەن ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدىكى يوقسۇللۇقتىن ئۆلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.

4.كەلكۈن

ئەقىل ئىنقىلابىدىن بۇرۇن، ھەممە خىل ئادەمزات پەقەت ئافرىقا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقلىرىدىلا ياشىغان. ئۇلار ھەقىقەتەن قىسقا سۇ بۆلىكىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ ياكى قولۋاقلارغا ئولتۇرۇپ بەزى ئاراللارغا يېتىپ بارغان. مەسىلەن، ئۇلار 850 مىڭ يىل بۇرۇنلا فلورېس ئارىلىغا يېتىپ بارغان. ئەمما ئۇلارنىڭ كەڭ دېڭىزغا چىقىشقا قۇربى يەتمىگەن ۋە ھېچبىر ئادەمزات ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ياكى ماداگاسقار، يېڭى زېلاندىيە ۋە ھاۋاي قاتارلىق يىراق ئاراللارغا يېتىپ بارالمىغان.

دېڭىز توسۇقى پەقەت ئادەمزاتنىلا ئەمەس، ئاسىيا، ئافرىقادىكى كۆپلىگەن ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ «سىرتقى دۇنيا»غا يېتىپ بارالمايدىغان قىلىپ قويغان. نەتىجىدە، ئاۋسترالىيە ۋە ماداگاسقارغا ئوخشاش يىراق رايونلاردىكى جانلىقلار مىليونلىغان يىل بويى مۇستەقىل شەكىلدە تەرەققىي قىلغان، ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە تەبىئىتىمۇ ئاسىيا-ئافرىقىدىن يىراقراق جايلاردىكى تۇغقانلىرىدىن پەرقلىق بولغان. دۇنيادا بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولغان بىر قانچە ئالاھىدە ئېكولوگىيەلىك سىستېما مەۋجۇت بولۇپ، ھەر بىر سىستېما ئۆزگىچە ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن تەشكىل تاپقان. ھومو ساپىيانس بۇ بىئولوگىيىلىك گۈللىنىشنى ئاياغلاشتۇرغان.

ئەقىل ئىنقىلابىدىن كېيىن، ساپىيانسلار تېخنىكا، تەشكىللىنىش ماھارىتى ۋە ھەتتا ئوي-پىكىرگە ئىگە بولۇپ، ئافرىقا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىن چىقىپ، سىرتقى دۇنياغا يېتىپ بارغان. ئۇلارنىڭ تۇنجى مۇۋەپپەقىيىتى، ئۇلار تەخمىنەن 45 مىڭ يىل بۇرۇن ئاۋسترالىيەنى كۆچمەنلەر دۇنياسىغا ئايلاندۇرغان. مۇتەخەسىسلەر بۇ ئىشنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتە قىينىلىدۇ. ئاۋسترالىيەگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىنسانلار بىر قانچە دېڭىز بۆلىكىدىن ئۆتۈشى كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى دېڭىز بۆلىكىنىڭ كەڭلىكى 100 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇلار يېتىپ بارغاندا، تەخمىنەن بىر كېچىدە ئومۇميۈزلۈك يېڭى بىر ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا ماسلىشىشىغا توغرا كەلگەن.

ئەڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق نەزەرىيە شۇكى، تەخمىنەن 45 مىڭ يىل بۇرۇن، ھىندونېزىيە ئاراللىرىدا ياشايدىغان ساپىيانس (بۇ ئاراللار ئاسىيا قىتئەسىدىن ۋە بىر-بىرىدىن پەقەت تار دەريالار بىلەن ئايرىلغان) تۇنجى دېڭىزچىلىق جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئۇلار دېڭىزدا يۈرەلەيدىغان كېمە ياساشنى ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىپ، ئۇزاق مۇساپىلىك بېلىقچىلىق، سودا ۋە ئېكسپىدىتسىيە بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ ئىشلار ئىنسانلارنىڭ قابىلىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن. دېڭىزغا كىرگەن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن تيۇلېن، دېڭىز كالىسى ۋە دېلفىنلار  مەخسۇس ئورگىنى ۋە سۇ ئۈزىدىغان بەدىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مىڭلىغان، مىليونلىغان يىلنى سەرپ قىلغان. ئەمما ئافرىقا يايلاقلىرىدا ياشايدىغان مايمۇنلارنىڭ نەسىلى بولغان ھىندونېزىيەدىكى ساپىيانسلار ئۆزلىرىگە بېلىق قۇيرۇقى ياكى لەھەڭلەرنىڭ تۇمشۇقىدەك بۇرۇن چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرمايلا تىنچ ئوكيان دېڭىزچىلىرىغا ئايلانغان. ئۇلار كېمە ياساپ، ئۇنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ئىلغار دېڭىزچىلىق ماھارىتىنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئارخېئولوگلار 45 مىڭ يىل بۇرۇنغا تەۋە سال، قېيىق ياكى بېلىقچىلىق يېزىسىنى تاپقان ئەمەس، ئەلۋەتتە (بۇلارنى تېپىش قىيىن، چۈنكى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە قەدىمكى ئىندونېزىيە قىرغاقلىرى 100 مېتىر دېڭىز ئاستىدا قالغان). شۇنداقتىمۇ، بۇ نەزەرىيەنى قوللايدىغان كۈچلۈك ھەم  ۋاسىتىلىق دەلىل مەۋجۇت. مىسال ئالايلۇق، ساپىيانسلار ئاۋسترالىيەگە كۆچمەن بولغاندىن كېيىنكى نەچچە مىڭ يىل ئىچىدە، شىمالدىكى بىر قانچە كىچىك ۋە يىراق ئاراللارنى ئىگىلىگەن. مەسىلەن، بۇكا ۋە مانۇس ئاراللىرى يېقىن قۇرۇقلۇقتىن 200 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى سۇ بىلەن ئايرىلغان. بىرەر ياخشى كېمە ۋە دېڭىزچىلىق ماھارىتى بولماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مانۇسقا يېتىپ بارغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. ئىلگىرى تەكىتلەنگەندەك، بۇ ئاراللارنىڭ بەزىلىرى، مەسىلەن يېڭى ئىرلاندىيە ۋە يېڭى برىتانىيە ئارىسىدا مۇقىم دېڭىز سودا ئالاقىسىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىغا دائىر دەلىل بار.

ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيەگە سەپەر قىلىشى تارىختىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەردىن بىرى بولۇپ، كولومبۇسنىڭ ئامېرىكىغا قىلغان سەپىرى ياكى «ئاۋرورا 11» نىڭ ئايغا قىلغان سەپىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدە مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ، ئادەمزاتنىڭ تۇنجى قېتىم ئاسىيا-ئافرىقا ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىدىن چىقىشى، شۇنداقلا قۇرۇقلۇقتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيەگە ئۆتۈشىدۇر. ئەمما ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئاۋسترالىيەگە- بۇ يېڭى دۇنياغا تۇنجى قەدەم باسقان ئىنسانلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىدۇر. تۇنجى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئاۋسترالىيە قۇملۇقىغا قەدەم قويغان ۋاقىت دەل ھومو ساپىيانسلار بۇ قۇرۇقلۇقتىكى يېمەكلىك زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىققان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق تۈرگە ئايلىنىشقا باشلىغان ۋاقىتتۇر.

بۇ ۋاقىتقىچە، ئىنسانلار بىر قانچە يېڭى ماسلىشىش ۋە پائالىيەت شەكىللىرىنى نامايان قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇھىتقا كۆرسەتكەن تەسىرى ئاز بولغان. ئۇلار بىر قانچە ئىقلىمغا كۆچۈپ، ئۇلارغا ماسلىشىش جەھەتتە ئۇتۇق قازانغان بولسىمۇ، مۇھىتنى ئاساسەن ئۆزگەرتمەي كەلگەن. ئەمما ئاۋسترالىيەگە يېتىپ بارغان كۆچمەنلەر، ياكى توغرىسى «ئاۋسترالىيەنى بويسۇندۇرغۇچىلار»، مۇھىتقا ماسلىشىپلا قالماي، ئۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەسىنى تامامەن ئۆزگەرتىۋەتكەن.

ئاۋسترالىيە قۇملۇقىغا تۇنجى قەدەم قويغان ئىنسانلارنىڭ ئىزلىرىنى  دېڭىز دولقۇنلىرى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ «تاجاۋۇزچىلار» قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەندە، ھېچۋاقىت يوقاتقىلى بولمايدىغان باشقا «ئىز» لارنى قالدۇرغان. ئۇلار ئالغا ئىلگىرىلەپ ماڭغاندا، ئېغىرلىقى 200 كىلوگرام، بويى ئىككى مېتىر كېلىدىغان كېنگۇرۇ، بۈگۈنكى يولۋاستەك چوڭ ھەم ئافرىقىدىكى ئەڭ زور يىرتقۇچىلارنىڭ بىرى بولغان يوغان قورساق شىر قاتارلىق ئاجايىپ-غارايىپ ھايۋانلارغا يولۇققان. چوڭلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خالتا قورساق ئېيقلار دەرەخلەرنى شىلدىرلىتىپ يۈرگەن بولسا،  تۆگە قۇشىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ قۇشلار تۈزلەڭلىكلەردە چېپىپ يۈرگەن. ئەجدىھاغا ئوخشايدىغان كەسلەنچۈكلەر ۋە نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يىلانلار ئۆز ئۇۋىسىغا كىرىپ كەتكەن؛ 2.5 توننا ئېغىرلىقىدىكى گىگانت دىپروتودون[1] ئورمانلاردا ئولتۇرغان. قۇشلار ۋە ھاشاراتتىن باشقا، يوغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى خالتا قورساق ھايۋانلار بولۇپ، ئۇلار كېنگۇرۇغا ئوخشاش، كىچىك، ئاجىز بالىلىرىنى تۇغۇپ، ئاندىن ئۇلارنى قورسىقىدا سۈت بىلەن باققان. خالتا قورساق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى ئۇ چاغدا ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ئىنسانلار بىلمەيتتى، ئەمما ئۇلار ئاۋسترالىيەدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى.   

بىر قانچە مىڭ يىل ئىچىدە، بۇ غايەت چوڭ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يوقاپ كەتكەن. 50 كىلوگرام ياكى ئۇنىڭدىن ئېغىر 24 تۈرنىڭ ئىچىدە، 23 تۈر يوقاپ كەتكەن. شۇنداقلا، كىچىك ھايۋانلارنىڭمۇ كۆپلىرى يوقاپ كەتكەن. ئاۋسترالىيە ئېكولوگىيەسىدىكى يېمەكلىك زەنجىرىنىڭ ھەممىسى بۇزۇلۇپ، قايتا تەشكىللەنگەن. بۇ، مىليونلارچە يىلدىن بۇيان ئاۋسترالىيە ئېكولوگىيەسىدە يۈز بەرگەن ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ھومو ساپىيانسنىڭ گۇناھىمۇ؟


[1]   دىپروتودون—كېنگۇرۇ تۈرىدىكى خالتا قورساق ھايۋانلار.

باھا يېزىش