ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (6)

سۆزلەيدىغان روھلار

قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ روھىي ۋە ئەقلىي ھاياتى ھەققىدە نېمە دېسەك بولىدۇ؟ ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىرىنى بەزى سانلىق مەلۇمات ۋە ئوبىيېكتىپ ئامىللارغا تايىنىپ تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن كۈندە قانچە كالورىيەگە مۇھتاج ئىكەنلىكى، بىر كىلوگرام ياڭاقتىن قانچە كالورىيە ئېلىنىدىغانلىقى ۋە بىر كۋادرات كىلومېتىر ئورماندىن قانچە ياڭاق يىغىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ھېسابلىيالايمىز. بۇ مەلۇماتلارغا تايىنىپ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىدە ياڭاقنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز.

ئەمما ئۇلار ياڭاقنى مېزىلىك تاماق دەپ قارىغانمۇ ياكى ئادەتتىكى بىر ئوزۇقلۇق دەپلا قارىغانمۇ؟ ئۇلار ياڭاق دەرەخلىرىدە روھلار بار دەپ ئېتىقاد قىلغانمۇ؟ ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى گۈزەل دەپ باھالىغانمۇ؟ ئەگەر بىر ئوۋچى-توپلىغۇچى يىگىت بىر ئوۋچى-توپلىغۇچى قىزنى رومانتىكىلىق بىر جايغا ئېلىپ بارماقچى بولسا، ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ سايىسى ئۇلار ئۈچۈن يېتەرلىك بولغانمۇ؟ ئوي-خىيال، ئېتىقاد ۋە ھېسسىيات دۇنياسى چۈشەنمەك ئەڭ قىيىن دۇنيادۇر.

كۆپچىلىك ئالىملار قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئارىسىدا ئانىمېستىك (ھەممە نەرسىدە رۇھ بار دەپ قارايدىغان) ئېتىقادلارنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىغا قوشۇلىدۇ. ئانىمىزم (لاتىنچىدا «ئانىما» دېگەن سۆز رۇھنى بىلدۈرىدۇ) ئېتىقادى «ھەر بىر جايدا، ھەر بىر ھايۋاندا، ھەر بىر ئۆسۈملۈك ۋە تەبىئەت ھادىسلىرىدە ئاڭ-سەزگۈ بار، ئۇلار كىشىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشەلەيدۇ» دەپ قارايدۇ. ئانىمېستلار تاغ چوققىسىدىكى قىيا تاشنىڭ ئىرادىسى ۋە ئېھتىياجلىرى بار دەپ ئېتىقاد قىلىشى مۇمكىن. بۇ قىيا تاش ئادەملەرنىڭ بەزى ئىشلىرىدىن خاپا بولۇشى، بەزى ئىشلىرىدىن خۇشال بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يەنە ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى ياكى ئۇلاردىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئادەملەر بولسا، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ قىيا تاشقا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇنى يۇمشاتماقچى ياكى قورقۇتماقچى بولۇشى مۇمكىن. بۇ قىيا تاشلا ئەمەس، تاغنىڭ تۈۋىدىكى بامبۇكلار، ئۇنىڭ ئاستىدا ئېقىۋاتقان دەريا، ئورماننىڭ بوش يېرىدىكى بۇلاق، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۆسۈپ تۇرغان ئوت-چۆپلەر، بۇلاققا ئېلىپ بارىدىغان يول ۋە بۇلاقتىن سۇ ئىچىدىغان چاشقانلار، بۆرىلەر ۋە قاغىلارمۇ جانلىق مەۋجۇداتلاردۇر. ئانىمېست دۇنياسىدا نەرسىلەر ۋە تىرىك مەخلۇقلارلا جانلىق بولۇپ قالماي، كۆرۈنمەس مەۋجۇداتلار، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھلىرى، بىز بۈگۈن «ئىبلىس» ياكى «پەرىشتە» دەپ ئاتايدىغان رۇھلارغا ئوخشاش ياخشى-يامان ئەرۋاھلارنىڭ ھەممىسى جانلىقتۇر. 

ئانىمىستلار (ھەممە نەرسىدە رۇھ بار دەپ قارىغۇچىلار)  ئىنسانلار بىلەن باشقا جانلىق-مەۋجۇداتلار ئارىسىدا ھېچقانداق پەردە يوق دەپ ئىشىنىدۇ. ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى گەپ-سۆز، ناخشا- ئۇسسۇل ۋە مۇراسىم ئارقىلىق بىۋاستە ئالاقىلەشكەن بولۇشى مۇمكىن؛ بىر ئوۋچى كىيىك توپىغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشىنى سورىشى مۇمكىن. ئەگەر ئوۋلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئوۋچى ئۆلگەن ھايۋاندىن كەچۈرۈم سورىشى مۇمكىن. بىرەرسى كېسەل بولسا، داخانلار كېسەللىككە سەۋەب بولغان روھ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى تىنچلاندۇرۇشقا ياكى قورقۇتۇپ قاچۇرۇشقا تىرىشىشى مۇمكىن. زۆرۈر بولغاندا، داخانلار باشقا روھلاردىن ياردەم سورىشى مۇمكىن. بۇ ئالاقىلىشىشلارنىڭ ھەممىسىگە خاس بولغان نەرسە شۇكى، ئۇلار مۇراجىئەت قىلىۋاتقان مەۋجۇداتلار يېقىن ئەتراپتىكى مەۋجۇداتلار بولۇپ، ئۇلار ھەممىگە قادىر خۇدا ئەمەس، بەلكى بىر كىيىك، بىر دەرىخ، بىر ئېقىن سۇ ياكى بىر جىن ئىدى.

ئىنسانلار بىلەن باشقا جانلىق-مەۋجۇداتلار ئارىسىدا پەردە بولمىغاندەك، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا دەرىجە پەرقىمۇ يوق ئىدى. ئىنسانلاردىن باشقا مەۋجۇداتلار ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولمىغان، ياكى ئۇلار ھەممە ئىشقا قادىر ھەم دۇنيانى خالىغانچە باشقۇرالايدىغان تەڭرىلەرمۇ بولمىغان. دۇنيا ئىنسانلار ياكى باشقا توپ-توپ مەۋجۇداتلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەتراپىدا چۆگىلىمىگەن.

ئانىمىزم بىر دىنىي ئېتىقاد ئەمەس، بەلكى مىڭلىغان دىنلار، مەزھەپلەر ۋە ئېتىقادلار ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئومۇمىي نام. ئانىمىستلارنى «ئانىمىست» قىلغان نەرسە ئۇلارنىڭ دۇنياغا ۋە ئىنساننىڭ ئۇنىڭدىكى ئورنىغا بولغان ئورتاق چۈشەنچىسىدۇر.  قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئانىمىست بولۇشى مۇمكىن دېيىش، قەدىمكى دېھقانلارنىڭ تولىسى دىندار دېگەنگەن ئوخشايدۇ. تېيىزىم (دىندارلىق) (گرېكچە «theos» دېگەن سۆز «تەڭرى» نى بىلدۈرىدۇ) تەڭرىلەر دەپ ئاتىلىدىغان سىرلىق كۈچلەر بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى يۇقىرى-تۆۋەنلىك مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان كۆز قاراشتۇر. قەدىمكى دېھقانچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دىندارلىققا مايىل ئىكەنلىكى ھەقىقەت، ئەمما ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرى بىزگە نامەلۇم. دىندارلىق دائىرىسىگە  18-ئەسىردىكى پولشا يەھۇدى رابىيلىرى، 17-ئەسىردىكى ماسساچۇسېتسنىڭ جىن چاپلىشىپ قالغانلارنى ئوتقا ياققۇچى پىروتېستانتلىرى، 15-ئەسىردىكى مېكسىكانىڭ ئازتېك روھانىيلىرى، 12-ئەسىردىكى ئىراننىڭ ئىسلاھاتچى سوپىلىرى، 10-ئەسىردىكى ۋايكىڭ[1] جەڭچىلىرى، 2-ئەسىردىكى رىم قوشۇنى ۋە 1-ئەسىردىكى خىتاي مەمۇرلىرىنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئېتىقاد-ئەمەللىرىنى بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇق دەپ قارىغان. ئانىمىست ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ  ئېتىقاد-ئەمەللىرى ئارىسىدىكى پەرقمۇ چوڭ بولغان. ئۇلارنىڭ دىنىي ھاياتى بەلكىم قىزغىن، مۇنازىرە، ئىسلاھات ۋە ئىنقىلابلار بىلەن داۋاملىشىپ كەلگەن.

بىراق ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش مۇشۇنچىلىك بولسا بولار.  قەدىمكى روھىيەت ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرىش كىشىنى قالايمىقان پەرەزگە باشلاپ بارىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى ئىچكىرىلەپ دەلىللەيدىغان پاكىتلار يوق، بار بولغان ئازغىنە دەلىللەر — بىر قانچە قەدىمكى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ئۆڭكۈر رەسىملىرى بولۇپ، ئۇلارنىمۇ خىلمۇ خىل تەبىرلەش مۇمكىن. تاش قورال دەۋرىدىكى دىنلارغا باققاندا،  قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى بىلىمىز دەپ دەۋا قىلغۇچى ئالىملارنىڭ نەزەرىيەلىرى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ.

 دەپنە بۇيۇملىرى، ئۆڭكۈر رەسىملىرى ۋە سۆڭەكتىن ياسالغان ھەيكەلچاقلارغا قاراپ، ئاساسسسىز نەزەرىيلەرنى پەيدا قىلىشنىڭ ئورنىغا، قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرى ھەققىدە مۈجمەل تەسىراتىمىز بارلىقىنى ئوچۇق ئېيتقىنىمىز ياخشى. ئۇلارنىڭ ئانىمىست بولغانلىقىنى پەرەز قىلىمىز، ئەمما بۇ بىزگە ناھايىتى ئاز ئۇچۇر بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ قايسى روھلارغا دۇئا قىلغانلىقىنى، قايسى بايراملارنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ياكى قايسى پەرھىزلەرگە ئەمەل قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ قايسى ھېكايىلەرنى بايان قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ بىزنىڭ ئىنسانلار تارىخى ھەققىدىكى بىلىمىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ بوشلۇقىدۇر.

قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ھاياتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز يوق دېيەرلىك. يۇقىرىدا دېيىلگەنگە ئوخشاش، ئالىملار ھەتتا شەخسىي مۈلۈكچىلىك، يادرولۇق ئائىلە ۋە بىرخوتۇنلۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئوخشاش ئاساسىي مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ بىر پىكىرگە كېلەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا ئىگە بولغانلىق ئېھتىمالى چوڭ. بەزىلىرى ئەڭ ئوسال شىمپانزا  گۇرۇپپىسىدەك باشلىق-پۇقرا تۈزۈمى ئورنىتىپ، سوقۇش ۋە زوراۋانلىق ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن، بەزىلىرى بولسا بونوبولار گۇرۇپپىسىدەك خاتىرجەم، تىنچ ۋە ئەيش-ئىشرەتلىك ياشىغان بولۇشى مۇمكىن.

15 -20 مىڭ يىل بۇرۇنقى تارىخقا ئائىت لاسكاۋكۇس (Lascaoux) غارى قىيا تاش رەسىملىرى، بىز ئۇنىڭدىن نېمىنى كۆرەلەيمىز؟ رەسىملەر نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، رەسىمدە قۇشنىڭ بېشى ۋە زەكىرى قايىم بولغان بىر ئەر بار، ئۇنى ياۋا كالا ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئۇنىڭ ئاستىدا يەنە بىر قۇش بولۇپ، ئۇ قۇش بەلكىم ئەرنىڭ روھىغا سىمۋول قىلىنغان، ئەر ئۆلگەندە روھى قۇش بولۇپ، ئۇنىڭ تېنىدىن ئۇچۇپ چىققان.  ئۇ ھالدا بۇ رەسىم ئادەتتىكى ئوۋچىلىق قازاسىنى ئەمەس، بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغا كۆچۈش ھېكايىسىنى سۆزلەيدۇ. ئەمما بۇ پەرەزلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە قانچىلىك ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. ئۇ پەقەت رەڭ ئىزى  سىنىقى بولۇپ، ھازىرقى ئالىملارنىڭ ئالدىن بېكىتىۋالغان قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ ئېتىقادى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز.    

1955-يىلى روسىيەنىڭ سۇنگىر دېگەن جايىدا، ئارخېئولوگلار ماموت ئوۋلاش مەدەنىيىتىگە تەۋە 30 مىڭ يىللىق بىر قەبرىستاننى بايقىغان. بىر قەبرىدە، ئۇلار 3 مىڭغا يېقىن ماموت چىشىدىن ياسالغان سەدەپ بىلەن قاپلانغان 50 ياشلىق بىر ئەرنىڭ ئىسكېلىتىنى بايقىغان. بۇ ئىسكېلىتنىڭ بېشىدا تۈلكە چىشى بىلەن زىننەتلەنگەن بىر قالپاق بار ئىكەن، قوللىرىدا بولسا 25 دانە ماموت چىشى بىلەيزۇك تاقالغانىكەن. شۇ جايدىكى باشقا قەبرىلەردە مۇنداق مول دەپنە بۇيۇملىرى تېپىلمىغان. ئالىملار بۇنىڭدىن مۇنداق نەتىجە چىقارغان:

سۇنگىردىكى ماموت ئوۋچىلىرى دەرىجە-قاتلاملىق بىر جەمئىيەتتە ياشىغان،  دەپنە قىلىنغان بۇ ئادەم مەلۇم قەبىلىنىڭ ياكى بىر قانچە كىچىك قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان چوڭ ئۇلۇسنىڭ داھىيسى،  بىر گۇرۇپپىنى تەشكىل قىلغان نەچچە ئون ئادەمنىڭ بۇ قەدەر كۆپ دەپنە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشى تەس.

ئارخېئولوگلار ئاندىن تېخىمۇ قىزىقارلىق بىر قەبرىنى بايقىغان. بۇ قەبرىدە باشلىرى بىر-بىرىگە قارىتىپ كۆمۈلگەن ئىككى ئادەم سۆڭىكى بار ئىدى. بىرى 12 ياكى 13 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالىغا، يەنە بىرى 9 ياكى 10 ياشلاردىكى بىر قىز بالىغا تەۋە ئىدى. ئوغۇل بالا ماموت چىشىدىن ياسالغان 5 مىڭ سەدەپ بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بېشىدا تۈلكە چىشى قاپلانغان بىر قالپاق، بېلىدە 250 تۈلكە چىشى بىلەن زىننەتلەنگەن بىر بەلباغ  بار ئىكەن (بۇنچە كۆپ تۈلكە چىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 60 تۈلكىنىڭ چىشىنى چىقىرىش كېرەك). قىز بالا بولسا 5 مىڭ 250 ماموت چىشى بىلەن زىننەتلەنگەن. ئىككى بالا ھەيكەللەر ۋە ماموت چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملار بىلەن تەڭ دەپنە قىلىنغان. بىر ماھىر ھۈنەرۋەننىڭ بىر ماموت چىشىدىن سەدەپ تەييارلاشقا تەخمىنەن 45 مىنۇت ۋاقتى كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. باشقا بۇيۇملارنى ھېسابلىمىغاندا، بۇ ئىككى بالىنى قاپلىغان 10 مىڭ ماموت چىشى سەدەپلىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن تەخمىنەن 7 مىڭ 500 سائەت، يەنى بىر ئۇستىنىڭ ئۈچ يىللىق ئەمگىكى سەرپ بولغان!

بۇنىڭدىن 9000 يىللار بۇرۇن ئارگېنتېنادىكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر بىر غاردا قالدۇرۇپ كەتكەن قول ئىزلىرى. ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن شۇ ئادەملەرنىڭ قوللىرى گويا قىيا تاشتىن بىزگە سوزۇلغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ دۇنيادا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ تەسىرلىك ئىزلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە مەنە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. 

بۇنداق ياشتىكى سۇنگىر بالىلىرىنىڭ ئۆزىنى رەھبەر ياكى ماموت ئوۋچى سۈپىتىدە ئىسپاتلىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەشەمەتلىك دەپنە قىلىنىشىنى پەقەت مەدەنىيەت ئېتىقادى ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. بىر نەزەرىيەگە كۆرە،  بۇ بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئېسىلزادىلىكىنى ئاتا-ئانىسىدىن مىراس ئالغان. ئۇلار جەمەت رۇھى ئۇلۇغلىنىدىغان ياكى ئۆرپ-ئادەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان جەمئىيەتتىكى رەھبەر-داھىيلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر نەزەرىيەگە كۆرە، بۇ بالىلار تۇغۇلغان ۋاقتىدىلا، بۇرۇن ئۆلگەن روھلارنىڭ قايتىدىن دۇنياغا كېلىشى دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچى نەزەرىيەگە كۆرە، بۇ بالىلارنىڭ بۇنداق دەپنە قىلىنىشى ئۇلارنىڭ  ئېسىلزادىلىك دەرىجىسىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قانداق ۋاپات بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئۇلار قەبىلە رەھبىرىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا قۇربان قىلىنغان،  ئاندىن زور تەنتەنىلەر بىلەن دەپنە قىلىنغان.   

يۇقىرىقىلارنىڭ قايسىسى توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، 30 مىڭ يىل بۇرۇنقى ساپىيانسلار بىزنىڭ DNA كۈچىمىز ھەمدە باشقا ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىجتىمائىي-سىياسىي قائىدىلەرنى يارىتالىغان بولۇپ، سۇنگىر بالىلىرى بۇنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ ياخشى دەلىللەردىن بىرىدۇر.

تىنچلىق ياكى ئۇرۇش؟

ئاخىرىدا، ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر جەمئىيىتىدە ئۇرۇشنىڭ رولى توغرىسىدىكى قىيىن سوئال تۇغۇلىدۇ. بەزى ئالىملار قەدىمىي ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر جەمئىيىتىنى تىنچلىق جەننىتى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ۋە ئۇرۇش بىلەن زوراۋانلىقنىڭ پەقەت كىشىلەر شەخسىي مۈلۈك توپلاشقا باشلىغان يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى بىلەن باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. باشقا ئالىملار بولسا، قەدىمىي ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر جەمئىيىتى ناھايىتى قەبىھ ۋە زوراۋان بىر جەمئىيەت بولغان دەيدۇ. بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ ھەممىسى قۇرۇق پاراڭ، ئۇلار پەقەت ئازغىنە ئارخىئولوگىيەلىك ئىزلار بىلەن بۈگۈنكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنى كۆزىتىشتىن كەلگەن پىكىرلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ قويغان، خالاس.

ئانتروپولوگىيەلىك دەلىللەر قىزىقارلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. بۈگۈنكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئاساسەن ئارتۇكا ياكى كالىھارىدەك خىلۋەت، ئەمما ياشاشقا ماس كەلمەيدىغان رايونلاردا ياشايدۇ، بۇ يەردە ئاھالىنىڭ زىچلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا باشقا كىشىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى چەكلىك. ئۇنىڭدىن باشقا، كېيىنكى نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان، ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر تەدرىجىي ھالدا زامانىۋى دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىردى، بۇنىڭ بىلەن زور كۆلەمدىكى توقۇنۇشلار يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. ياۋروپالىق ئالىملار ئاھالىسى نىسبەتەن كۆپ ۋە زىچ بولغان ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئاھالىسىنى ئىككى قېتىم كۆرەلىدى. ئۇلاردىن بىرى،  19-ئەسىردىكى شىمالىي ئامېرىكانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر؛ يەنە بىرى،  19-ئەسىر بىلەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى شىمالىي ئاۋسترالىيەنىڭ ئوۋچى-توپلىغۇچىلىرى. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھىندىئانلار بىلەن ۋە ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك قەبىلىلەردە كەڭ كۆلەملىك قوراللىق  توقۇنۇشلار كۆرۈلگەن. ئەمما دائىم شۇنداق بولغانمۇ ياكى بۇنى ياۋروپا ئىمپېرىيالىزىمى كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ، بۇ مۇنازىرە قىلىدىغان بىر مەسىلە. 

ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار ناھايىتى ئاز ۋە ئۇلارغا چۈشەنچە بېرىش تەس. تۈمەن مىڭ يىللار بۇرۇن بولغان ھەر قانداق ئۇرۇش قانداق ئىز قالدۇرۇشى مۇمكىن؟ ئۇ دەۋردە مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە سېپىل-قورغانلار، توپ-زەمبىرەكلەر، ھەتتا قېلىچ ۋە قالقانلارمۇ يوق ئىدى. بىر قەدىمىي نەيزە ئۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن بولۇشىمۇ، ئوۋچىلىققا ئىشلىتىلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. تاشقاتمىغا ئايلانغان ئادەم ئىسكېلىتلىرىنى چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ تەس. سۆڭەكتىكى بىر سۇنۇق ئۇرۇشتىكى يارىدارلىقنى ياكى بىر قازانى كۆرسىتىشى مۇمكىن. قەدىمىي ئىسكېلىتلاردا سۇنۇقلار ۋە كېسىك ئىزلىرىنىڭ بولماسلىقى ئۇنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچراپ  ئۆلۈپ كەتمىگەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. ئۇ، سۆڭەكلەردە ئىز قالدۇرمايدىغان يۇمشاق توقۇلمىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئارقىلىقمۇ ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنى دېيىش مۇھىمكى، كونا سانائەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى ئۇرۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى چېپىلىپ ياكى ئېتىلىپ ئەمەس، ئاچلىق، سوغۇق ۋە كېسەللىكتىن ئۆلگەن. تەسەۋۋۇر قىلىڭ، 30 مىڭ يىل بۇرۇن بىر قەبىلە ئۆزىنىڭ قوشنىسىنى ئۇرۇشتا مەغلۇب قىلىپ، ئۇلارنى ئوزۇق توپلاش رايونلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان دەيلى. ھەل قىلغۇچ جەڭدە يېڭىلگەن قەبىلىدىن ئون ئادەم ئۆلگەن بولسا،  كېيىنكى يىلدا بۇ قەبىلىدىن يۈز ئادەم ئاچلىق، سوغۇق ۋە كېسەللىكتىن ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى بايقىغان ئارخېئولوگلار ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تەبىئىي ئاپەتنىڭ قۇربانى بولغان دەپ ئاسانلا خۇلاسە چىقىرىشى مۇمكىن. بىز ئۇلارنى رەھىمسىز ئۇرۇشنىڭ قۇربانى دېيەلەيمىزمۇ؟

 بۇلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا، ھازىرقى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلارغا نەزەر سالايلى. پورتۇگالىيەدە يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى دەۋرگە تەۋە 400 ئىسكېلىت تەكشۈرۈلدى. ئۇلاردىن پەقەت ئىككىسىدىلا زوراۋانلىق ئىزلىرى بايقالدى. ئىسرائىلىيەدىمۇ شۇ دەۋرگە ئائىت 400 ئىسكېلىت تەكشۈرۈلگەندە، بىر باش سۆڭىكىدە يېرىق بايقالغان بولۇپ، بۇمۇ زوراۋانلىقنىڭ ئىزى بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى دوناي دەرياسى[1]  ۋادىسىدا تېپىلغان، يېزا ئىگىلىك دەۋرىدىن بۇرۇنقى 400 ئىسكېلىت تەكشۈرۈلگەندە ، 18 ئىسكېلىتتا زوراۋانلىق ئىزى بايقالغان. 400 ئىسكېلىتتىن 18 ئىسكېلىت شۇنداق چىقسا، كۆپ ئەمەس دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما بۇ ناھايىتى يۇقىرى نىسبەت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇ 18 ئادەمنىڭ ھەممىسى راستىنلا زوراۋانلىققا ئۇچراپ ئۆلگەن بولسا، دېمەك بۇ ۋادىدا ئۆلگەنلەرنىڭ 4.5 پىرسەنتى زوراۋانلىققا ئۇچراپ ئۆلگەن بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇرۇش ۋە جىنايەتنى بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلىغاندا، دۇنيادا زوراۋانلىققا ئۇچراپ ئۆلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن 1.5 پىرسەنتكە بارىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق ئۇرۇشلار ۋە ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقلار يۈز بەرگەن 20-ئەسىردە،  زوراۋانلىققا ئۇچراپ  ئۆلگەنلەر 5 پىرسەنتكە يەتكەن. ئەگەر بۇنى ئوتتۇرىچە نىسبەت دېسەك، ئۇ ھالدا دوناي دەرياسى ۋادىسىدا  20-ئەسىردىكىگە ئوخشاش زوراۋانلىقلار يۈز بەرگەن.

دوناي دەرياسى ۋادىسىدىكى بۇ ئېچىنىشلىق بايقاشلار باشقا رايونلاردىكى شۇ خىل بايقاشلار بىلەن بىردەك. سۇداندىكى جابىل ساھابادا 12 مىڭ يىللىق بىر قەبرىستان بايقىلىپ، ئۇنىڭدىن 59 ئىسكېلىت تېپىلغان. 24 ئىسكېلىتتا ئوق ۋە نەيزە ئۇچلىرى بايقالغان بولۇپ، ئۇلار بارلىق ئۆلۈكلەرنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. بىر ئايالنىڭ ئىسكېلىتىدا 12 يارا ئىزى بايقالغان. باۋارىيەدىكى ئوفنەت غارىدا، ئارخېئولوگلار 38 ئوۋچى-غەنىمەتچىنىڭ ئىسكېلىتىنى بايقىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، ئىككى لەھەتكە تاشلانغان. بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ ئىسكېلىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭ يېرىم ئىسكېلىتتا،  كالتەك ۋە پىچاق بىلەن يارىلانغان ئىزلار بار. ياش قورامىغا يەتكەن ئەرلەرگە تەۋە بىر قىسىم ئىسكېلىتتا  زوراۋانلىق ئىزلىرى بايقالغان. ئېھتىمال بۇ ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئوفنەت غارىدا قەتلىئامغا ئۇچرىغان.

ئىسرائىلىيە ۋە پورتۇگالىيەدىن تېپىلغان ھەم تىنچ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىسكېلىتلار، ياكى جابىل ساھابا ۋە ئوفنەتتە قەتلىئامغا ئۇچراپ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىسكېلىتلارنىڭ قايسىسى قەدىمىي ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ دۇنياسىغا بەكرەك ۋەكىللىك قىلالايدۇ؟ جاۋاب شۇكى، ھەر ئىككىسى ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر  خىلمۇخىل دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈملەردە  ياشىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن بولسا، زوراۋانلىق نىسبىتىدىكى پەرقنىمۇ شۇنداق كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەزى رايونلار بەزى دەۋرلەردە تىنچ-ئامان ئۆتكەن بولسا، بەزى رايونلار  قاتتىق توقۇنۇش تۈپەيلىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئارخېئولوگىيەلىك دەلىللەر قەدىمىي ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئارىسىدىكى زوراۋانلىقنىڭ بىر تەرەپلىمە ئەمەس، بەلكى ئورۇن ۋە مەھەللىۋى شارائىت، بايلىق ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەرگە باغلىق بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


[1]دوناي دەرياسى ياۋروپادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا بولۇپ،  بۈگۈنكى ئاۋسترىيە، گېرمانىيەنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 


[1] ۋايكىڭلار—بۈگۈنكى ئىسكاندىنوۋىيە ئارىلى، يەنى شىۋىتسىيە، نورۋېگىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشايدىغانلارنىڭ ئەجداتلىرى، ئۇلار قارام، باتۇر خەلق بولۇپ، پاگانىزم (ھەممە نەرسىدە روھ بار دەيدىغان) ئېتىقادىدىكى خەلق ئىدى، كېيىن خرسىتىيانلاشتۇرۇلغان.

باھا يېزىش