ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(4)

گېن گۇرۇپپىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش

سۆزلەرنىڭ خىيالدىكى رېئاللىقنى يارىتىش كۈچى ناتونۇش ئىنسانلارنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشىنى ساقلاشتىنمۇ ھالقىپ كەتتى. كۆپ سانلىق جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىقى ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە تايانغانلىقتىن، باشقىچە ھېكايىلەرنى بايان قىلىش، يەنى ئۇ ھېكايىلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرىنىمۇ ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئىدى. ئەپسانە-رىۋايەتلەر شارائىتلار پىشىپ يېتىلگەندە تېزلا ئۆزگىرەلەيدۇ. 1789-يىل فرانسىيە ئاھالىسى بىر كېچىدىلا پادىشاھنىڭ ئىلاھىي كۈچىگە ئىشىنىشنى تاشلاپ، ھوقۇقنىڭ خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىغانىدى. دېمەككى، بىلىم دەۋرىدىن باشلاپ ھومو ساپىيانسلار ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزگىرىش، يېڭىلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە گېنېتىك تەرەققىيات جەريانىدىكى توسقۇنلۇقلاردىن ھالقىپ، مەدەنىيەتتە تېز تەرەققىي قىلىشنىڭ يولىنى ئاچتى. بۇ يولدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلگەن ھومو ساپىيانسلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىش جەھەتتە باشقا ئىنسان ۋە ھايۋان تۈرلىرىنى ئارقىدا قويدى.

توپلىشىپ ياشايدىغان باشقا ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ گېنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.   DNA مۇتلەق بەلگىلىگۈچى ئەمەس، ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ئۆز نۆۋىتىدە مۇھىتنىڭ تەسىرى ۋە شۇ ھايۋاننىڭ ئۆزىگە خاس قىلىقلىرى تەرىپىدىنمۇ شەكىللىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىر تۈردىكى ھايۋانلار مۇئەييەن مۇھىتتا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشقا مايىل كېلىدۇ ھەمدە گېنېتىك بىر مۇتاسيون (تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش) يۈز بەرمەي تۇرۇپ،  ئۆز توپىدىكى ھەرىكەتلىرىدە ئېنىق بىر ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلمەيدۇ. مەسىلەن، شىمپانزىلار باش ئەركەك شىمپانزا تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، دەرىجە-قاتلاملارغا ئايرىلغان گۇرۇپپىلار ئىچىدە ياشاشقا مايىل كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بولغان ۋىجىك شىمپانزىلار بولسا چىشى شىمپانزىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان باراۋەر گۇرۇپپىلار ھالىتىدە ياشايدۇ؛ چىشى شىمپانزىلار ۋىجىك شىمپانزىلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، «ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ئىنقىلاۋى» قوزغىمايدۇ. ئەركەك شىمپانزىلار بولسا قانۇنلۇق بىر مەجلىستە توپلىنىپ، باش ئەركەك شىمپانزىنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق شىمپانزىلارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر ئىكەنلىكىنى جاكارلىمايدۇ. بۇنداق پەۋقۇلئاددە ھەرىكەتلەر پەقەت شىمپانزىلارنىڭ DNA سى ئۆزگەرگەندە ئاندىن مەيدانغا كېلىدۇ. 

ئىپتىدائىي ئىنسانلارمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دەۋر بۆلگۈچ ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى. بىلىشىمىزچە، جەمئىيەتتىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەر يېڭى تېخنىكىلارنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، يېڭى مۇھىتقا ماكانلىشىش، مەدەنىيەتتىكى ئەۋزەللىكلەردىن بەكرەك، گېنېتىك مۇتاسيونلار ۋە مۇھىتنىڭ بېسىمى بىلەن بولدى. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارنىڭ بۇ قەدەمنى بېسىشى يۈز مىڭلارچە يىل داۋاملاشتى. ئىككى مىليون يىل ئاۋۋال گېنېتىك مۇتاسيونلار ھومو ئېرېكتوس دەپ ئاتالغان يېڭى بىر ئىنسان تۈرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ساقلىدى. بۇ تۈرنىڭ مەيدانغا كېلىشى يېڭى تاش قورال تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن زامانداش بولۇپ، بۇ دەل،  ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە بىلىنمەكتە. ھومو ئېرېكتوس باشقا گېنېتىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمىگەنلىكتىن، ساق 2 مىليون يىل تاش قوراللار دەۋرىدە قالدى! 

بۇنىڭ ئەكسىچە، بىلىم دەۋرىدىن بۇيان ساپىيانسلار تېز تەرەققىي قىلدى، ھېچقانداق گېنېتىك ئۆزگىرىش ياكى مۇھىت ئۆزگىرىشىگە تايانماي تۇرۇپ، يېڭى ھەرىكەتلىرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇردى. كاتولىك پوپلار، بۇددىست راھىبلار، چېركاۋ مۇرىتلىرى ۋە خىتاي ئاغۋاتلارغا ئوخشاش ئەۋلادسىزلارنى بۇنىڭ باش مىساللىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنداقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ تۈپ پرىنسىپلىرىغا خىلاپ. چۈنكى باشقىلارنى كونترول قىلىۋالىدىغان بۇ شەخسلەر بالا تېپىشنى قەستەن رەت قىلغان. شىمپانزىلارنىڭ باش ئەركەكلىرى پۈتۈن كۈچ-مادارىنى چىشى شىمپانزىلار بىلەن جۈپلىشىشكە سەرپ قىلىپ، مايمۇن بالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا ئاتىدارچىلىق قىلسا، كاتولىك ئەركەكلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ۋە بالا تېپىشتىن قاچىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ياكى خوتۇنىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە سوغۇق قارىشى دېگەندە تەبىئىي سەۋەب ئەمەس، شۇنداقلا غەلىتە بىر گېنېتىك مۇتاسيوندىن ئوتتۇرىغا چىققان سەۋەب ئەمەس. كاتولىك چېركاۋلىرى ئەسىرلەر بويى بىر پوپتىن يەنە بىر پوپقا ئۆتكەن «بويتاقلىق گېنى» ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئىنجىل قىسسەلىرى ۋە كاتولىك چېركاۋىنىڭ ھوقۇقىغا دائىر ھېكايىلەرنىڭ داۋاملىق سۆزلىنىشى ئارقىلىق ساقلىنىپ قالدى. 

باشقىچە ئېيتقاندا، ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەت قېلىپلىرى ئون مىڭلارچە يىل مۇقىم قالغان بولسا، ساپىيانسلار جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى ۋە باشقا كۆپلىگەن ھەرىكەت-ئادەتلىرىنى ئون ياكى يىگىرمە يىلدا ئۆزگەرتەلەيتتى. 1900-يىلدا تۇغۇلۇپ يۈز ياشقىچەياشىغان بىر بېرلىنلىق ئادەمنى ئالايلى، ئۇ بالىلىق دەۋرىنى ۋىليام II نىڭ ئىمپېراتورلۇقى دەۋرىدە، ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرىنى ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى ۋە ناتسىستلارنىڭ 3-ئىمپېراتولۇقى دەۋرىدە ئۆتكۈزگەن بولسا، ئاخىرقى ئۆمرىنى دېموكراتىك گېرمانىيە ۋە بىرلەشكەن گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈپ ئۆلگەن بولىدۇ.  گەرچە ئۇنىڭ DNA سى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان جەمئىيەتتە ياشىغان بولىدۇ. 

ساپىيانسنىڭ مۇۋەپپەقىيەت سىرى دەل مۇشۇ. بىر نياندېرتال بىر ساپىيانس بىلەن بىرگە بىر ئۇرۇشسا، ساپىيانسنى يېڭىۋالىدۇ. ئەمما يۈزلەرچە ساپىيانسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇشتا نىياندېرتاللارنىڭ ھېچقانداق يېڭىۋېلىش پۇرسىتى يوقتۇر. نىياندېرتاللار بىر شىرنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىر-بىرىگە دەپ بېرەلىسىمۇ، قەبىلە ئەرۋاھلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمەيتتى. ھېكايە توقۇش ئىقتىدارى بولمىغان نىياندېرتاللار چوڭ گۇرۇپپا، چوڭ جەمئىيەت ھالىتىدە ھەمكارلىشالمايتتى، دائىملىق جاپا-مۇشەققەت ۋە توسقۇنلۇقلار ئالدىدا كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلالمايتتى. 

بىز نىياندېرتالنىڭ كاللىسىغا كىرىپ چىقالمىساقمۇ، ئۇلارنىڭ ساپىيانس رەقىبلىرىگە باققاندا بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە قولىمىزدا ئىسپاتلار بار. ياۋروپاغا ماكانلاشقان ساپىيانسلارنىڭ 30 مىڭ يىللىق تارىخىنى تەتقىق قىلغان ئاخىئولوگلار ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىن كېلىپ قالغان قۇلۇلە قاپلىرىنى تاپتى. بۇ قۇلۇلە قاپلىرى ساپىيانسلار ئارىسىدىكى ئۇزۇن يوللۇق تىجارەتنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىغا تارقالغانىدى. نىياندېرتاللار ماكانلاشقان جايلاردا سودا-تىجارەتنىڭ بۇنداق دەلىللىرى يوق. ھەر قەبىلە ئۆز قوراللىرىنى يەرلىك مەھسۇلاتتىن ئىشلەيتتى. 

ۋاتكاننىڭ كاتولىك پاپىسى گەرچە گېن ۋە مۇھىت جەھەتتىن بىرەر سەۋەب بولمىسىمۇ،  جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ھەم بالىلىق بولۇشتىن قاچىدۇ.  

جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىن بىر مىسال ئالساق، يېڭى گىۋىنىيەنىڭ شىمالىدىكى يېڭى ئىرلاندىيە ئارىلىدا ياشايدىغان ساپىيانسلار ۋولقاندىن پەيدا بولغان، «ئوبسىدىيەن» دەپ ئاتىلىدىغان تاغ ئەينىكىنى قوللىنىپ، ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ئۆتكۈر قوراللارنى ياسىغان. ئادەتتە يېڭى ئىرلاندىيەدە ۋولقان تاغ ئەينىكى كانلىرى يوق ئىدى. تەجرىبىخانىدىكى سىناقلار، بۇ ئارالدا ئىشلىتىلگەن تاغ ئەينىكىنىڭ 400 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى يېڭى بىرىتانىيە ناملىق بىر ئارالدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. دېمەك،  بۇ ئارالدا ياشىغان بىر قىسىم ساپىيانسلار ئاراللار ئارىسىدىكى ئۇزاق مۇساپىلەرگە قارىماي، سودا-تىجارەت قىلالىغان دېڭىزچىلار بولۇشى مۇمكىن.

سودا-تىجارەت ھېچقانداق خىيال-تەسەۋۋۇرنى كېرەك قىلمايدىغان ئەمەلىي بىر پائالىيەت دەپ قارىلىشى مۇمكىن، ئەمما ساپىيانسلاردىن باشقا ھېچقانداق ھايۋان تىجارەت قىلمىغان. ساپىيانسلارنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تىجارەت تورى تامامەن تەسەۋۋۇر ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئىشەنچ بولمىسا تىجارەتمۇ بولمايدۇ، شۇڭا ياتلارغا ئىشىنىش بەك تەس. بۈگۈنكى خەلقئار سودا تورى دوللارغا، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسىغا ۋە شىركەتلەرنىڭ داڭلىق ماركىلىرىغا بولغان ئىشەنچىمىز سايىسىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. قەبىلىدىكى ئىككى ئادەم سودا قىلماقچى بولسا، ئورتاق بىر تەڭرىگە، ئەپسانىۋى بىر ئاتىغا ياكى توتېم قىلغان بىر ھايۋانغا تايىنىش ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشەنچ ساقلايدۇ. 

ئەگەر بۇنداق تەسەۋۋۇرلارغا ئىشىنىدىغان ئىپتىدائى ساپىيانسلار ئوبسىدىيەن ۋە قۇلۇلە قېپى تىجارىتى قىلغان بولسا، ئۇلارنى ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرغان، شۇ ئارقىلىق نىياندېرتاللار ۋە باشقا ئىپتىدائىي ئىنسان تۈرلىرىگە باققاندا تېخىمۇ كۆپ ۋە كەڭ ئۇچۇر تورى بەرپا قىلغان دېيەلەيمىز.

ئوۋچىلىق ماھارەتلىرىمۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكتۇر. نىياندېرتاللار ئاساسەن يالغۇز ۋە كىچىك گۇرۇپپا بولۇپ ئوۋچىلىق قىلاتتى. توپ-توپ بولۇپ ئوۋچىلىق قىلىدىغان ساپىيانسلار بولسا كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش ئۇسۇللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانىدى. ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىدىن بىرى، ھايۋانلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ، ئۇلارنى تار بىر بوغازغا ھەيدەپ ئاپىرىپ، بىراقلا ئۆلتۈرۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئىدى. ئەگەر پىلانلىرى ئوڭۇشلۇق بولسا، ئۇلار بىر قېتىمدىلا نەچچە توننا گۆش، ياغ، تېرىلەرگە ئىگە بولالايتتى، ئاندىن گۆشلەرنى بىر قېتىملىق چوڭ زىياپەتتە يەيتتى ياكى قۇرۇتۇپ ئىسلاپ، كېيىنكى ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن ساقلايتتى. ئارخىئولوگلار ھەر يىلى توپ-توپ ھايۋانلار ئوخشاش ئۇسۇلدا بوغۇزلانغان چېدىرلارنى بايقىدى، بەزى ماكانلاردا  ھەتتا ئادەملەر ياسىغان توزاقلار، چىت-توساقلار بار ئىدى. 

ئەنئەنىۋى ئوۋچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ساپىيانسلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى قۇشخانىلارغا ئايلىنىشىدىن نىياندېرتاللارنىڭ بىزار بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر بۇ سەۋەبتىن، ئىككى تۈر ئارىسىدا قاتتىق ئۇرۇش-جېدەل چىققان بولسا، نىياندېرتاللارنىڭ تەلىيى قاچاتتى. ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە ھەمكارلىشىدىغان ئەللىك نىياندېرتال ئادىمىنىڭ ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىققا مايىل بەش يۈز ساپىيانسقا يېڭىلىدىغانلىقى ئېنىق. يەنە كېلىپ، ساپىيانسلار تۇنجى قېتىمدا يېڭىلغان تەقدىردىمۇ، تېزدىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ غەلىبە قىلالىغۇدەك تاكتىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرەلەيتتى.

بىلىمنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدا نېمىلەر يۈز بەردى؟

  يېڭى ئىقتىدار     كەڭ دائىرىلىك نەتىجىلىرى
ھومو ساپىيانسنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر (بىلىم) تارقىتىش ئىقتىدارى             مۇرەككەپ پائالىيەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى. مەسىلەن، شىرلاردىن يىراق تۇرۇپ، ياۋا كالا ئوۋلاش دېگەندەك. 
ھومو ساپىيانىسنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر تارقىتىش ئىقتىدارى       150 كىشىگە قەدەر يەتكەن تېخىمۇ چوڭ ۋە ئىناق گۇرۇپپىلار
   قەبىلە رۇھلىرى، مىللەتلەر، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركتلىرى ۋە رېئاللىقا مەۋجۇت بولمىغان ئىنسان ھەقلىرى دېگەندەك مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر تارقىتىش ئىقتىدارى        a. نۇرغۇن ناتونوشلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق.  b. ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىشى

تارىخ ۋە بىئولوگىيە

ساپىيانسلار ئىجاد قىلغان خىيالىي رىئاللىقنىڭ كۆپ خىللىقى ھەمدە بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغان ئادەتلەرنىڭ كۆپلۈكى بىز «كۈلتۈر» دەپ ئاتايدىغان نەرسىنىڭ دەسلەپكى تەركىپلىرىدۇر. كۈلتۈرلەر مەيدانغا كەلگەندىن بۇيان توختىماي ئۆزگىرىپ، تەرەققىي قىلىپ كەلگەن بولۇپ، تارىخ دېگەن نەرسىمۇ تىنىمسىز ئۆزگىرىشلەردىن بارلىققا كېلىدۇ. 

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا، بىلىمنىڭ تەرەققىياتى تارىخنىڭ بىئولوگىيەدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان كۈنگە توغرا كېلىدۇ. بارلىق ئىنسان تۈرلىرىنىڭ بىلىم ئىنقىلابىغا قەدەر قىلغان-ئەتكەنلىرى بىئولوگىيەگە، مۇنداقچە ئېيتقاندا تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىتتۇر («تارىختىن بۇرۇنقى» دېگەن ئاتالغۇدىن ساقلىنىشقا تىرىشىمەن، چۈنكى بۇ ئاتالغۇ خاتا ھالدا، بىلىم ئىنقىلاۋىدىن بۇرۇنمۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر كاتىگورىيە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قالىدۇ). بىلىم ئىنقىلاۋىدىن بۇيان، تارىخىي بايانلار بىئولوگىيەلىك نەزەرىيەلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ھومو ساپىيانسنىڭ تەرەققىياتىنى بايان قىلىشتا بىز قوللىنىۋاتقان ئاساسلىق قورال ھالىتىگە كەلدى. ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ياكى جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ تەرەققىياتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن گېنلار، ھورمونلار ياكى ئورگانىزملارنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنى بايان قىلىش يېتەرلىك بولمايدۇ؛ پىكىرلەر، خىياللار ۋە تەسەۋۋۇرلارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىنىمۇ ھېسابقا ئېلىشىمىز كېرەك. 

بۇ، ھومو ساپىيانسلار ئىنسان كۈلتۈرىنىڭ بىئولوگىيەلىك قانۇنلىرىدىن مۇستەسنا دېگەنلىك ئەمەس، بىز ھازىرمۇ ھايۋان ھېسابلىنىمىز؛ تېنىمىز، ھېسسىياتىمىز ۋە بىلىش ئىقتىدارىمىز ھازىمۇ DNA رىمىز تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلمەكتە. نىياندېرتاللار ياكى شىمپانزىلارنىڭ بەدىنى نېمىدىن تۈزۈلگەن بولسا، بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ بەدىنىمۇ شۇنىڭدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھېس-تۇيغۇ ۋە ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزەتكىنىمىزدىمۇ، باشقا مايمۇنلار بىلەن بولغان پەرقىمىزنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. 

يەنە بىر جەھەتتىن، شەخس ياكى ئائىلە سەۋىيىسىدىكى پەرقلەرگە قاراش خاتادۇر. بىرگە بىر، ياكى ئونغا ئون نىسبەتتە سېلىشتۇرغاندىمۇ، شىمپانزىلار بىلەن بىز كىشىنى بىئارام قىلغۇدەك دەرىجىدە ئوخشايمىز. ئوتتۇرىدىكى پەرق پەقەت ئادەم سانى 150تىن ئاشقان گۇرۇپپىلاردا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مىڭ بىلەن ئىككى مىڭ ئارىسىدىكى كىشىلەر سانىغا يەتكەندە شەكىللىنىدىغان پەرقلەر تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. مىڭلارچە شىمپانزىنى ئىستانبۇلنىڭ كاپالى چارشىسىغا، ئاتاتۈرك ئولىمپېك سارىيىغا، ئەنقەرەدىكى مەجلىس بىناسىغا ياكى مەككىدىكى مەسجىدى ھەرەمگە توپلاشقا تىرىشسىڭىز، چوڭ قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ساپىيانسلار بۇنداق يەرلەرگە مىڭلارچە كىشىلىك جامائەت ھالىتىدە تەرتىپلىك توپلىنىدۇ، شۇنداقلا بىر شەخس ئۆز ئالدىغا قۇرالمايدىغان تىجارەت تورى، كوللېكتىپ بايراملار، سىياسىي تەشكىلاتلار دېگەندەك ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. شىمپانزىلار بىلەن ئارىمىزدىكى تۈپ پەرق شەخسلەرنى، ئائىلىلەرنى ۋە گۇرۇپپىلارنى بىرلەشتۈرىدىغان سېھىرلىك يىلىمدۇر. بۇ يىلىم بىزنى ئىجادكار ئۇستىلار ھالىغا ئېلىپ كەلگەندۇر. 

ئەلۋەتتە، بىزگە قورال ياساپ ئىشلىتىش دېگەندەك باشقا ئىقتىدارلارمۇ كېرەك. ئەمما قورال ياساش ئىقتىدارى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىسە، چوڭ رول ئوينىيالمايدۇ. 30 مىڭ يىل ئاۋۋال ئۇچى چاقماق تېشىدىن ياسالغان كالتەكلىرىمىز بولغان بولسا، بۈگۈن قانداقسىگە قىتئەلەر ئارا يادرو ئوقبېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان راكېتالىرىمىز مەۋجۇت بولالايدۇ؟ 30 مىڭ يىللىق فىزىئولوگىيەلىك تەرەققىياتىمىزدا، قورال-سايمان ياساش قابىلىيىتىمىزدە ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. قەدىمكى بىر ئوۋچى ئىنسانغا سېلىشتۇرغاندا، ئالبېرت ئېينىشتىيىننىڭ قول ئىشلىتىش ماھارىتىنى تۆۋەن دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىزنىڭ  باشقا ئىنسانلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىمىز ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. ئۇچى چاقماق تېشىدىن ياسالغان كالتەك بىرلا كىشى تەرىپىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ياسىلىپ پۈتەتتى ھەمدە ئۇ كىشى بىر قانچە دوستىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە ياردىمىغا مۇھتاج ئىدى. ھالبۇكى، يادرو ئوقبېشى بولسا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن توپلانغان كىشىلەر،     ئۇران ئىشلەپچىقىرىدىغان كان ئىشچىلىرىدىن تارتىپ، ئاتوم زەررىچىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان تەسىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىر تالاي ماتېماتېكىلىق فورمۇلالارنى ئىشلەيدىغان نەزەرىيىۋى فىزىكىچىلارغا قەدەر مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 

بىلىم ئىنقىلاۋىدىن كېيىنكى بىئولوگىيە بىلەن تارىخنىڭ مۇناسىۋىتىنى خۇلاسىلىسەك: 

1.بىئولوگىيە ھومو ساپىيانىسنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى كۆرسىتىپ بەرسە، بارلىق تارىخ بىئولوگىيە دائىرىسىدە مەيدانغا كېلىدۇ. 

2.ئەمما بۇ بىئولوگىيەلىك دائىرە پەۋقۇلئاددە كەڭ بولۇپ، ساپىيانسلارنى ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ساپىيانىسلار تەسەۋۋۇرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ  تېخىمۇ مۇرەككەپ ئويۇنلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ھەمدە كېيىنكى ئەۋلادلىرى بۇ ئويۇننى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. 

3.نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، ساپىيانسلارنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى بايان قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بىئولوگىيەلىك دائىرە بىلەن چەكلىنىپ قالساق، دۇنيا پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى خەۋەر قىلىۋاتقان بىر مۇخبىرنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا پۇتبۇل مەيدانىنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ قويۇپلا، پۇتبۇلچىلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى دېمىگىنىگە ئوخشاش ئىش بولىدۇ. 

تاش دەۋرىدىكى ئەجدادلىرىمىز تارىختا قانداق ئويۇنلارنى ئوينىدى؟ ھازىرچە شۇ بىلىمىزكى، 30 مىڭ ئاۋۋال ستادىل شىرىنى ياسىغان ئىنسانلار بىزگە ئوخشاش جىسمانىي، مەنىۋى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى. ئۇلار ئەتىگەندە قوپقاندا نېمە قىلاتتى؟ ناشتىلىقىدا ۋە چۈشلۈك تامىقىدا نېمە يەيتتى؟ جەمئىيەت تۈزۈلمىسى قانداق ئىدى؟ بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق ئائىلە ۋە جەمەتنى ئاساس قىلغان ئائىلىلىرى بارمىدى؟ قائىدە-يوسۇنلىرى، ئەخلاق ئادەتلىرى، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ۋە دىنىي مۇراسىملىرى بارمىدى؟ ئۆزئارا ئۇرۇش قىلارمىدى؟ كېيىنكى بابلاردا ئالدى پەردىنى قايرىۋېتىپ، بىلىم ئىنقىلاۋىنى تېرىقچىلىق ئىنقىلاۋىدىن ئايرىغان مىڭ يىللاردىكى ھاياتنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىمىز. 

باھا يېزىش