ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (2)

يېمەكلىك پىشۇرالايدىغان ھايۋان

ئىنسانلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى قەدەم باسقۇچلىرىدىن بىرى ئوتتىن پايدىلىنىشنى بايقاش بولدى. بەزى ئىنسان تۈرلىرى 800 يىلدىن بېرى ئوتتىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى؛ تەخمىنەن 300 مىڭ يىل ئاۋۋال ھومو ئېرېكتوس، نىياندېرتاللار ۋە ھومو ساپىيانسنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ھەر كۈنى ئوتتىن پايدىلىناتتى. ئىنسانلار نىھايەت ئىشەنچلىك بىر يورۇقلۇق ۋە ئىسسىنىش مەنبەسىگە، شۇنداقلا ئەتراپىدا خىرىس قىلىپ يۈرگەن شىرلارغا قارشى جان ئالغۇچ قورالغا ئېرىشكەنىدى. ئىنسانلار بۇ قورالنى مەلۇم مەزگىل قوشنىلىرىغا قارشى قوللانغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئوتتىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندا، ئۇ قويۇق چاتقاللارنى ئوۋ ھايۋانلىرىغا تولغان ئاجايىپ بىر دالىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن. ئوت ئۆچكەندىن كېيىن، تاش قورال دەۋرى سودىگەرلىرى تېخىچە ئىس-تۈتەك ئۆرلەپ تۇرغان ھايۋان جەسەتلىرى ئارىسىدا ئايلىنىپ، ئىسلانغان ھايۋانلارنى، قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى، يىلتىزلارنى توپلىيالايتتى.

ئەمما ئوتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى يېمەكلىك پىشۇرۇش ئىدى. ئىنسانلار ئادەتتە بۇغداي، گۈرۈچ، ياڭيو قاتارلىق ئاسان ھەزىم قىلالمايدىغان يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇش ئارقلىق بۈگۈنكى ئوزۇقلىنىشىمىزنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈردى. ئوت ئوزۇقلۇقنىڭ تەركىۋىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ بىئولوگىيەلىك تۈزۈلۈشىنىمۇ ئۆزگەرتتى. يېمەكلىك پىشۇرۇش يېمەكلىكلەردىكى پارازىت ۋە مىكروپلارنى يوق قىلدى. ئىنسانلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان مېۋە، پوستلىق يەل-يېمىش، قۇرت-قوڭغۇز ۋە ھايۋان لەشلىرىنى پىشۇرۇپ يېگەندە، ئۇلارنى تېخىمۇ ئاسان چايناپ ھەزىم قىلالايتتى.  شىمپانزىلار ھەر كۈنى خام ئوزۇقلۇقنى چايناشقا بەش سائەت ۋاقتىنى سەرپ قىلسا، ئىنسانلار پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئۈچۈن پەقەت بىر سائەت ۋاقتىنى سەرپ قىلاتتى.

يېمەكلىك پىشۇرۇشنىڭ ئىجاد قىلىنىشى بىلەن ئىنسانلار تېخىمۇ كۆپ خىل يېمەكلىك بىلەن ئوزۇقلىنىش، يېمەكلىرىنى تېخىمۇ قىسقا ۋاقىتتا يەپ بولۇش، يېمەكلىكلىرىنى تېخىمۇ كىچىك چىش بىلەن چايناپ، تېخىمۇ قىسقا ئۈچەيدە ماڭدۇرۇش ئىمكانىغا ئېرىشتى. بەزى تەتقىقاتچىلار يېمەكلىك پىشۇرۇشنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ قىسقىرىشى بىلەن مېڭىلىرىنىڭ چوڭىيىىشى ئارىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇزۇن ئۈچەيلەر ۋە چوڭ مېڭىلەر بەك كۆپ ئېنىرگىيە سەرپ قىلغاچقا، ھەر ئىككىسىگە تەڭ ئىگە بولۇش قىيىندۇر. ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىك پىشۇرۇشى ئۈچەيلەرنى قىسقارتىپ، ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىپ ، نىياندېرتاللار ۋە ساپىيانسلارنىڭ مېڭىسىنىڭ چوڭىيىشىغا يول ئاچتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئوت ئىشلىتىش ئىنسانلار بىلەن باشقا ھايۋانلار ئارىسىدا چوڭ پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بارلىق ھايۋانلارنىڭ كۈچى ئومۇمەن بەدىنىگە—مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىگە، چىشلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا، قاناتلىرىنىڭ كەڭلىكىگە  باغلىق بولۇپ، شاماللار ۋە سۇ ئېقىنلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلسىمۇ، بۇنداق تەبىئىي كۈچلەرنى كونترول قىلالمايدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن، بۈركۈتلەر ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنى سېزەلەيدىغان چوڭ قاناتلىرىنى ئېچىپ، ئىسسىق ھاۋانىڭ ئۆزلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ساقلايدۇ. ئەمما بۇ ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ھەمدە ئەڭ چوڭ ئېغىرلىق توشۇش ئىقتىدارى قانات كېرىشلىرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

ئىنسانلار ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەندىن كېيىن باشقىسىنى ئىتائەت قىلدۇرۇش ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدار جەھەتتە چەكسىز بىر كۈچكە ئېرىشتى. بۈركۈتلەرنىڭ ئەكسىچە، ئىنسانلار بىر ئوتنى قاچان، نەدە ياقىدىغانلىقىنى قارار قىلالايتتى ھەمدە ئوتتىن ھەر خىل مەقسەت ئۈچۈن پايدىلىنالايتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئوتنىڭ كۈچى ئىنسانلارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى ۋە جىسمانىي كۈچىگە باغلىق ئەمەس ئىدى. بىر ئىنسان چاقماق تېشى ياكى بىر چىۋىق بىلەن بىر قانچە سائەت ئىچىدە غايەت چوڭ ئورمانغا ئوت ياقالايتتى. ئوتنى كونترول قىلىش ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتلارنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى.

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى

150 مىڭ يىل ئاۋۋال، ئىنسانلار ئوتنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئاجىز ۋە ئەرزىمەس مەخلۇقلار ئىدى. ئۇلار ئوت بىلەن باشقىلارنى قورقۇتالايتتى، سوغۇق كېچىلەردە ئۆزلىرىنى ئىسسىتالايتتى ۋە ئالدىنى توسۇۋالغان ئورمانلارنى كۆيدۈرەلەيتتى. شۇنداقتىمۇ، باشقا جانلىق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ئىنسانلار بەلكىم ھېنىدۇنېزىيە تاقىم ئاراللىرى، ئىبېريا يېرىم ئارىلىدا ياشايدىغان، بىر مىليون ئەتراپىدا نوپۇسى بولغان، ئېكولوگىيەلىك راداردىكى كىچىك بىر نۇقتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

ئۆز تۈرىمىز بولغان ھومو ساپىيانس ئۇ زامانلاردا يەر شارىدا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئافرىقانىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى. ھومو ساپىيانس دەپ قاراشقا بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر ئىنسان تۈرىدىن قاچان ۋە نەدە ئايرىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئالىملار تەخمىنەن 150 مىڭ يىل ئاۋۋال، شەرقىي ئافرىقىنىڭ خۇددى بىزگە ئوخشاش ساپىيانسلار بىلەن تولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۈگۈنمۇ بىر پاتالوگىيە مۇتەخەسىسى بىز بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق تاپالمايدۇ. ئوتتىن پايدىلىنىش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ جاۋغايلىرى ۋە چىشلىرى كىچىك، ئەمما مېڭىلىرى بىزنىڭكىگە ئوخشاش چوڭ ئىدى.

ئالىملار 70 مىڭ يىل ئاۋۋال شەرقىي ئافرىقىدىن كەلگەن ساپىيانسلارنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كۆچكەنلىكىنى ۋە ئۇ يەردىن پۈتۈن ياۋرو-ئاسىياغا تارالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ھومو ساپىيانس ئەرەبىستانغا بارغانلىرىدا، ياۋرو-ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىغا باشقا ئىنسانلار ماكانلاشقانىدى. ئۇ ئىنسانلارغا نېمە بولدى؟ بۇنىڭغا جاۋاب سۈپىتىدە، بىر-بىرىگە قارشى ئىككى نەزەرىيە بار. بىرىنچى نەزەرىيە بولغان «ئىرقىي قوشۇلۇش نەزەرىيەسى» ئىنسانلار ئارىسىدىكى جەلپكارلىق، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئىرق جەھەتتە قوشۇلۇپ كېتىش ھېكايىسىنى بايان قىلىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە، ئافرىقالىق كۆچمەنلەر دۇنياغا تارىلىپ باشقا ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى ۋە بۈگۈنكى ئىنسانلار بۇ قوشۇلۇشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

مەسىلەن، ساپىيانسلار ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپاغا بارغىنىدا نىياندېرتاللار بىلەن ئۇچراشتى. ساپىيانسلارغا باققاندا بۇ ئىنسانلارنىڭ مۇسكۇلى تەرەققىي قىلغان، مېڭىلىرى تېخىمۇ چوڭ، سوغۇق ئىقلىمىغا ماسلىشىشچان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر خىل قورال-سايمانلىرى بار ئىدى ھەمدە ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلەتتى. يەنە كېلىپ، ئۇلار ئۇستا ئوۋچىلار ئىدى؛  مەلۇم بولۇشىغا كۆرە، ئۇلار  يەنە كېسەللەر ۋە قېرىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى ( ئارخىئولوگلار ئۇزۇن يىل مېيىپ ياشىغان نىياندېرتاللارنىڭ سۆڭەكلىرىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە). نىياندېرتاللار ئومۇمەن قوپال ۋە ئەخمەق <  ئۆڭكۈر ئادەملىرى> سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئەمما يېقىنقى تارىخىي بايقاشلار بۇ ئوبرازنى ئۆزگەرتتى.

ئىرقلارنىڭ قوشۇلۇشى نەزەرىيىسىگە كۆرە، ساپىيانسلار نىياندېرتاللارنىڭ زېمىنىغا تارقالغاندىن كېيىن، ئۇلار بىر-بىرىگە تامامەن قوشۇلۇپ كەتكەنگە قەدەر ئارىلىشىپ ياشىدى.  ئەگەر بۇ راست بولسا، بۈگۈنكى ياۋرو-ئاسىيالىقلار ساپ ساپىيانسلار ئەمەس، بەلكى ساپىيانسلار بىلەن نىياندېرتاللارنىڭ قوشۇلمىسىدۇر. شەرقىي ئاسىياغا بارغان ساپىيانسلارمۇ شۇ جايدىكى يەرلىك ئېرېكتوسلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. شۇڭا بۈگۈنكى خىتايلار بىلەن كورىيانلار ساپىيانسلار بىلەن ئېرېكتوسلارنىڭ قوشۇلمىسىدۇر.

بۇنىڭ ئەكسىچە، «ئورنىنى ئېلىش نەزەرىيىسى» باشقا بىر ھېكايىنى—پېتىشماسلىق، قارشى چىقىش، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېكايىسىنى بايان قىلىدۇ. بۇ نەزەرىيەگە كۆرە، ساپىيانسلار بىلەن باشقا ئىنسانلارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى ئوخشىمايتتى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئادەتلىرى ۋە بەدەن پۇراقلىرىمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىدى؛ شۇ سەۋەبتىن بىر-بىرىنى جىنسىي جەھەتتىن جەلپ قىلىش ئېھتىمالى تۆۋەن ئىدى.  يەنى، بىر نىياندېرتال رومىئو بىلەن ساپىيانس جۇلىيا بىر-بىرىگە ئاشىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەۋلاد قالدۇرالايدىغان بالىلارنى تاپالمايتتى، چۈنكى بۇ ئىككى تۈر ئارىسىدىكى گېن پەرقى بەك چوڭ ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككى تۈر بىر-بىرىدىن ئايرىم ياشىدى، ئاندىن نىياندېرتاللار تامامەن ئۆلۈپ تۈگىگەن ياكى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، گېنلىرىمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ يوق بولدى. بۇ قاراشقا كۆرە، ساپىيانسلار باشقا تۈرلەر بىلەن ھېچ قوشۇلماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، بۈگۈنكى بارلىق  ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى 70 مىڭ يىل بۇرۇن جەنۇبى ئافرىقىدا ياشىغان بولىدۇ. ئۇ ھالدا ھەممىمىز ساپ ساپىيانسلار ھېسابلىنىمىز.

بىرىنچى خەرىتە: ھومو ساپىيانسنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇشى

ئۆتكەن 10 يىلدا «ئورنىنى ئېلىش نەزەرىيىسى» بۇ ساھەدە قوبۇل قىلىنغان ئاساسلىق نەزەرىيە ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئارخىئولوگىيەلىك ئىسپاتلىرى بار ئىدى ھەمدە سىياسەت جەھەتتىن بەكرەك توغرا ئىدى (ئالىملار زامانىۋى ئىنسانلار ئارىسىدىكى گېن پەرقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق پاندورانىڭ قۇتىسىنى ئېچىشنى، يەنى بالايى ئاپەت تېرىشنى خالىمايتتى)؛ ئەمما 4 يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە  نىياندېرتاللارنىڭ گېن خەرىتىسى 2010-يىل ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ۋەزىيەت ئاياغلاشتى. گېن ئالىملىرى تاشقاتمىلاردىن يېتەرلىك مىقداردا نىياندېرتاللار DNA  سىنى توپلاپ، ئۇنى بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ DNA سى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتى. بۇنىڭ نەتىجىسى، ئىلىم دۇنياسىنى ھەيران قالدۇردى.

بۈگۈنكى ئوتتۇرا شەرقلىقلەر بىلەن ياۋروپالىقلار DNA سىنىڭ يۈزدە 1 پىرسەنت بىلەن 4 پىرسەنتىنىڭ نىياندېرتال DNA سى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ نىسبەت چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن بىر قانچە ئايدىن كېيىن، دېنىسوۋادىكى تاشقاتما بارماقلاردىن ئېلىنغان DNA نىڭ خەرىتىسى چىقىرىلغاندا ئىككىنچى قېتىملىق ھەيرانلىق يۈز بەردى. نەتىجىلەرگە كۆرە، بۈگۈنكى مېلانىزيالىقلار بىلەن ئاۋسترالىيەلىك ئابورجىنلەر  DNA سىنىڭ دېنىسوۋا  DNA سى بىلەن يۈزدە 6 پىرسەنت ئوخشايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئەگەر بۇ نەتىجىلەر توغرا بولسا (شۇنى دەپ قويۇش كېرەككى، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار داۋاملىشىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە بۇ بايقاشلار ئىسپاتلىنىدۇ ياكى ئۆزگىرىدۇ)، «ئىرقىي قوشۇلۇش نەزەرىيىسى» تەرەپدارلىرىنى بەزى جەھەتتىن توغرا دېيىشكە بولىدۇ . شۇنداقتىمۇ، بۇ بايقاشلارغا كۆرە، «ئورنىنى ئېلىش نەزەرىيىسى»نى پۈتۈنلەي خاتا دېگىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ گېن خەرىتىسىدە پەقەت ئازغىنە بىر نىسبەتتە نىياندېرتال ۋە دېنىسوۋا DNA سى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، ساپىيانسلار بىلەن باشقا تۈرلەرنى تامامەن قوشۇلۇپ كەتتى دېيەلمەيمىز. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ئۇلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ بالىلىق بولۇشىغا توسقۇن بولغۇدەك چوڭ بولمىسىمۇ،  ئەمما بۇنداق مۇناسىۋەت قىلىشىغا كەمدىن كەم يول قويىدىغان دەرىجىدە چوڭ ئىدى.

بۇنداق ئەھۋالدا، ساپىيانس، نىياندېرتال ۋە دېنىسوۋالارنىڭ بىئولوگىيەلىك تۇغقانچىلىقىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ ناھايىتى  روشەنكى، ئۇلار ئاتلار بىلەن ئېشەكلەرگە ئوخشاش تامامەن پەرقلىق تۈرلەر ئەمەس ئىدى. شۇنداقلا، بۆرە ئىتلار بىلەن تايغانلارغا ئوخشاش بىر تۈردىكى پەرقلىق ھايۋانلار ئەمەس ئىدى. بىئولوگىيەلىك ھەقىقەتلەر ئاق بىلەن قارىدەك ئېنىق ئايرىلمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ مۇھىم بولغان ”كۈلرەڭ تەرەپلىرى»مۇ بولىدۇ. بىر ئۇرۇقتىن تۆرەلگەن ئىككى تۈر، مەسىلەن، ئاتلار بىلەن ئېشەكلەر مەلۇم دەۋردە خۇددى بۆرە ئىتلىرى بىلەن تايغانلارغا ئوخشاش بىر تۈردىكى ئىككى ھايۋان ئىدى. ئۇلار  بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ تارىخنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە ئاندا-ساندا جۈپلىشىپ نەسىل قالدۇرغان بولۇشى كېرەك. كېيىن گېنلىرىدىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە، ئىككىسىنىڭ ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمۇ تامامەن ئۈزۈلۈپ، تەدرىجىي تەرەققىيات يولىنى ئايرىم داۋام قىلدى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 50 مىڭ يىللار ئاۋۋال ساپىيانسلار، نىياندېرتاللار ۋە دېنىسوۋالىقلار دەل شۇ كېيىنكى باسقۇچتا ئىدى؛ پۈتۈنلەي بولمىسىمۇ، ئاساسەن پەرقلىق تۈرلەر ئىدى. كېيىنكى بۆلۈمدە كۆرىمىزكى، ساپىيانسلار ئۇ زاماندا تېخى نىياندېرتاللار ۋە دېنىسوۋالىقلاردىن گېن ئالاھىدىلىكى ۋە بەدەن تۈزۈلۈشى جەھەتتىنلا ئەمەس، ئەقىل-ئىدراك  ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەھەتتىنمۇ كۆپ پەرقلىق ئىدى، شۇنداقتىمۇ ساپىيانسلار بىلەن نىياندېرتاللار ئاندا-ساندا جۈپلىشىپ، ئەۋلاد قالدۇرالايتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ نوپۇسى قوشۇلۇپ كەتمىدى، ئەمما بەزى تەلەيلىك نىياندېرتاللارنىڭ گېنى ساپىيانسلارغا ئۆتۈشكە ئاخىرقى رەت مۇۋەپپەق بولالىدى. بىز ساپىيانسلارنىڭ بىر زامانلار باشقا تۈردىكى بىر ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بالا تېپىشى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان، شۇنداقلا ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر ئەھۋالدۇر.

3. قىياسەن سىزىلغان نىياندېرتال بالا. گېن ئىسپاتلىرى ئاز دېگەندە بىر قىسىم نىياندېرتاللارنىڭ چېچى ۋە تېرىسىنىڭ سېرىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.  

يەنە بىر جەھەتتىن، ئەگەر نىياندېرتاللار، دېنوسوۋالىقلار ۋە باشقا ئىنسان تۈرلىرى ساپىيانسلارغا قوشۇلۇپ كەتمىگەن بولسا، نېمىشقا يەر شارىدىن يوقىلىپ كەتتى؟ ئېھتىماللىقلاردىن بىرى شۇكى، ھومو ساپىيانس ئۇلارنى يوقىلىشقا مەجبۇرلىدى. بىر توپ ساپىيانسنىڭ نىياندېرتاللار 100 مىڭلارچە يىل ياشىغان بالقان ۋادىسىغا كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلايلى. ئۇلار نىياندېرتاللارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى بولغان مېۋە ۋە يەل-يېمىشلەرنى توپلاپ، كىيىكلەرنى ئوۋلاشقا باشلىدى. ساپىيانسلار توپلىشىپ ياشاش ئىقتىدارى يۇقىرى ۋە بىر ئاز ئىلغار ھۈنەر-تېخنىكىلىرى بولغان ياخشى ئوۋچىلار ھەم مېۋە توپلىغۇچىلار ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ ئەتراپقا تارالدى. ئەمما تەبىئىي شارائىتى چەكلىك بولغان نىياندېرتاللارنىڭ جان بېقىشى تەسلەشتى، نوپۇسلىرى ئازىيىپ بارا-بارا يوقىلىپ كەتتى، بەلكى ئۇلارنىڭ بەزى ئەزالىرى ساپىيانس قوشنىلىرىغا قېتىلغان بولۇشى مۇمكىن.

يەنە بىر ئېھتىماللىق بولسا، تەبىئىي بايلىق تالىشىپ ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلارنىڭ بارا-بارا كۈچىيىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بېرىشىدۇر. كەڭ قورساقلىق ساپىيانسلارنىڭ تۈپ خاراكتېرى ئەمەس ئىدى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ساپىيانىسلار ئىرق، تىل ۋە دىنىي پەرق سەۋەبىدىن بىر-بىرىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. بۇرۇنقى ساپىيانسلار باشقا بىر ئىنسان تۈرىگە كەڭچىل مۇئامىلە قىلالىغانمىدى؟ ساپىيانسلار بىلەن نىياندېرتاللار بىر-بىرى بىلەن تۇنجى رەت ئۇچراشقاندا تارىختىكى ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇش ئېھتىمالى چوڭدۇر.

نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نىياندېرتاللار ( ۋە باشقا ئىنسان تۈرلىرى) ئەڭ قىزىقارلىق تارىخىي تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. نىياندېرتاللارنىڭ ۋە دېنىسوۋالىقلارنىڭ ھومو ساپىيانس بىلەن بىللە ھايات قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ھەر خىل  ئىنىسان تۈرلىرى بىللە ياشىغان دۇنيادا مەدەنىيەتلەر، جەمئىيەتلەر ۋە سىياسىي بىرلىك قانداق مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن؟ مەسىلەن، دىنىي ئېتىقادلار قانداق تەرەققىي قىلاتتى؟ دىنىي كىتابلار «ئادەم بىلەن ھاۋۋا نىياندېرتاللارنىڭ ئەجداداى» دېگەن بولارمىدى؟ ياكى ئىسا پەيغەمبەر دېنىسوۋالىقلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلگەن، قۇرئاندا بولسا ھەر قانداق ئىنسان تۈرىنىڭ جەننەتتە ئورنى بولغان بولارمىدى؟ نىياندېرتاللار رىم قوشۇنىدا ياكى خىتاي خاندانلىرىنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان بولارمىدى؟ ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى بارلىق ھومو ساپىيانس تۈرلىرىنىڭ تەڭ-باراۋەر ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بولارمىدى؟ ياكى كارل ماركس بارلىق ئىنسان تۈرلىرىدىن بولغان ئىشچىلارنى بىرلىشىشكە چاقىرغان بولارمىدى؟

 ئۆتكەن 10 مىڭ يىلدا ھومو ساپىيانس دۇنيادا بىردىنبىر ئىنسان تۈرى بولۇشقا شۇ قەدەر ماسلىشىپ كەتتىكى، باشقا ئېھتىماللىقلارنى ئويلىشىمىز ناھايىتى تەس. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بولماسلىقى ئۆزىمىزنى يارىتىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى سۈپىتىدە كۆرۈشىمىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا بۈگۈنگىچە ياشاپ كېلىۋاتقان ھايۋانلار بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقىمىز بار دەپ قارىشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ. چارلىز دارۋىن ھومو ساپىيانسنىڭ باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاشلا بىر ھايۋان ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىدا، ئىنسانلارنىڭ ئاچچىقى كەلگەن، بۈگۈنمۇ نۇرغۇن ئىنسانلار بۇنى رەت قىلىدۇ. ئەگەر نىياندېرتاللار ھايات قالغان بولسا، بىز بۈگۈن ئۆزىمىزنى يەنە ئايرىم بىر مەخلۇق سۈپىتىدە كۆرەرمىدۇق؟ بەلكى شۇ سەۋەبتىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز نىياندېرتاللارنى يوقاتتى، چۈنكى نىياندېرتاللار بىزگە سەل قارىغۇسىز دەرىجىدە يېقىن، ئەمما ئارىمىزغا سىغدۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە پەرقلىق تۈرلەر ئىدى.

***

ساپىيانسلارنىڭ گۇناھ-جىنايەتلىرى تۈپەيلىدىنمۇ قانداق، بىلگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتكەن جايدا يەرلىك نوپۇسلار يوقالدى. ھومو سولونىسنىڭ ئاخىرقى ئىزلىرى 50 مىڭ يىل بۇرۇنقى ۋاقىتغا توغرا كېلىدۇ. ھومو دېنىسوۋا ئۇلاردىن سەل كېيىن يوق بولدى. نىياندېرتاللار بولسا بۇنىڭدىن 30 مىڭ يىل ئاۋۋال يوق بولدى. فلورېس ئارىلىدىكى ۋىجىك ئىنسانلار 12 مىڭ يىل ئاۋۋال  يوق بولدى، ئۇلاردىن پەقەت سۆڭەكلەر، تاش قوراللار، DNA مىزدىكى بەزى گېنلار، جاۋابى يوق سوئاللار ۋە ئاخىرقى ئىنسان تۈرى بولغان ھومو ساپىيانسلار قالدى.

ساپىيانسلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ سىرى نېمە ئىدى؟ ئۇلار بىر-بىرىدىن يىراق، ھاۋا ئىقلىمى بىر-بىرىدىن كۆپ پەرقلىنىدىغان يەرلەرگە شۇنچە تېز ماكانلىشىشقا قانداق مۇۋەپپەق بولالىدى؟ باشقا ئىنسانلار تۈرلىرىنى قانداق قىلىپ تەدرىجىي ھالاك قىلدى؟ ھەتتا مۇسكۇللىرى كۈچلۈك، مېڭىسى تەرەققىي قىلغان، سوغۇققا چىداملىق نىياندېرتاللارمۇ بىزنىڭ قەتلىئامىمىزدىن نېمىشقا قۇتۇلالمىدى؟ بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلار داۋام قىلماقتا. مۇنازىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولغان جاۋاب شۇكى، ھومو ساپىيانس بۇ دۇنيانى ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىگە خاس تىلى بىلەن بويسۇندۇردى.

باھا يېزىش