يېزىش ھاياتىڭىز ئۈچۈن مۇھىم. كومپيۇتېر بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا ئىنسانلار ھېچكىم بىر نەرسە يازمايدىغان، ھەممە ئادەم ۋىدېئو بىلەن سۆزلىشىدىغان بىر دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلغان. ئەمما بىز مەيلى تېلېفوندا ئۇچۇر، ئىنكاس يازايلى ياكى ئېلخەت يازايلى، ھامان بىر نەرسە يازىمىز. يېزىش ئىقتىدارىڭىز ناچار بولسا باشقىلارنىڭ سىزنى چۈشىنىشى قىيىنلىشىدۇ، ئەڭ مۇھىمى باشقىلار سىزنىڭ ساپايىڭىزنى بىر قاراپلا بىلىۋالىدۇ.
يېزىش سىزنى ئەقىللىق قىلىدۇ. بىزنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىمىز ناھايىتى چەكلىك. يېزىش ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ ئاجايىپ پىكىرلەرنى شەكىللەندۈرۈشىگە يول ئېچىپ، قىيىن ئىدىيەلەرنى چۈشىنىش ۋە تەس مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ھالبۇكى، يېزىشنى ئۆگىنىش ئاسان ئەمەس.
ئىنسانلار سۆزلەش ئىقتىدارىنى تەبىئىي يېتىلدۈرەلەيدۇ. چوڭلارنىڭ تىلىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلار ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى ئىجاد قىلىدۇ. يەرلىك تىلدا سۆزلىمەيدىغان ئىنسانلار بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا يېڭى تىللار پەيدا بولىدۇ.
يېزىش ۋە ئوقۇش بولسا ئۇنداق ئۆزلۈكىدىن بولمايدۇ. يېزىشنىڭ ئۆزى كۆپ بولسا بەش مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىنسانلار يەر شارىدا ياشىغان يۈزمىڭ يىللارغا سېلىشتۇرغاندا بەكلا يېڭى. يېقىنقى ئەسىرلەرگىچە، ساۋاتسىزلىق نورمال ئەھۋال ئىدى. سۆزلەشنى ئۆگىنىش كاپالەتكە ئىگە بولسىمۇ، ياخشى يېزىشنى ئۆگىنىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
ئەگەر سىز ئانا تىلىڭىزدا ئەمەس، باشقا تىلدا يازماقچى بولىسىز. ئۇ چاغدا ياخشى يېزىش ئەمەس، باشقىلار چۈشەنگۈدەك يېزىشمۇ خېلى قىيىن بولىدۇ. بەختكە يارىشا، ئىنسان تىرىشسىلا ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ. ھازىر ئەڭ ياخشى يازغۇچى بولمىسىڭىزمۇ، يېزىش ماھارىتىڭىزنى ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ياخشىلىيالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەش قەدەم مۇھىم.
بىرىنچى قەدەم: كۆپ يېزىڭ

مەن ھەر كىمنىڭ بىر بلوگى بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. يېزىش مەشىق ئارقىلىق ياخشىلىنىدىغان ماھارەت. بلوگ يېزىش سىزنىڭ پىكىر-خىياللىرىڭىزنى توپلاش ۋە ناھايىتى مۇھىم بولغان يېزىش ھۈنىرىنى مەشىق قىلىشىڭىزغا پايدىلىق.
خىيالىڭىزدىكى ئوقۇرمەنلەر سىزنى يېزىپ تۇرۇشقا، بەلكى تېخىمۇ ياخشى يېزىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئاز يازسىڭىز، يېزىش ئىقتىدارىڭىز ئۆسمەيدۇ، كۆپ يازسىڭىز، تەبىئىي ھالدا ياخشى يازىدىغان بولىسىز.
مەن ئۆزۈمنى ئاجايىپ يازغۇچى دەپ قارىمايمەن، لېكىن مەندىكى ماھارەت بلوگ يېزىش، ھەر ھەپتىدە بىر نەرسە يېزىپ ياكى تەرجىمە قىلىپ ئۇنى يېڭىلاش بىلەن ئۆسۈپ باردى. بلوگدىكى ماقالىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، باشلىنىشتا مەن پىكىر-خىياللىرىمنى ئىپادىلەشتە ناھايىتى ناچار ئىدىم. سەۋر-تاقەت ۋە مەشىق ئاخىرى ھەر كىمنى ياخشى يازغۇچى قىلالايدۇ.
ئىككىنچى قەدەم: كۆپ ئوقۇڭ

تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇڭ. ئەمدى سىز كۆپ يازىدىغان بولغاچقا، سىز ھۆرمەت قىلىدىغان يازغۇچىلارنىڭ قانداق قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىدىغانلىقى، قايىل قىلىدىغانلىقى، قىزىقتۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ.
كىتابنى كۆپ ئوقۇغانسېرى، سىز ھۆرمەت قىلىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن تونۇشىسىز. ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە پىكرى، راۋان تىلى ياكى جانلىق ئوخشىتىشلىرى سىزنى داۋاملىق ئوقۇشقا ئۈندەيدۇ ھەم سىزگە ئىلھام بېرىدۇ.
كىتاب ئوقۇشنىڭ يەنە بىر پايدىسى شۇكى، سىز ئۇ يازغۇچىلارنىڭ ئۆز نىشانىغا قانداق يەتكەنلىكىنى تەھلىل قىلىشقا باشلىيالايسىز. ھەتتا سىز مەلۇم يازغۇچىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا يازىدۇ دەپ ئويلىغان بولسىڭىزمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بايقاپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن.
مەن يېڭى كىتابىمنى يېزىشنى باشلىغاندا شۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. مەن ئۆزەم ئېسىل دەپ قارىغان كىتابلارغا قايتا قارىدىم، بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەر بابتا ناھايىتى ئاز نەقىل كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. دېمەك، ياخشى يازغۇچىلار ئۆز قارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەمىشە پاكىت كەلتۈرۈپ ئولتۇرمايدىكەن، ئۆز پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
ئۈچىنچى قەدەم: كۆپ تەھرىرلەڭ

ياخشى يېزىش ياخشى تەھرىرلەشتۇر. تەھرىرلەشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار، لېكىن ماڭا ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بەرگىنى مۇمكىن قەدەر تېز يېزىش، يازغاننى بىر نەچچە كۈن قويۇپ قويۇش، ئاندىن ئۇنى يېڭىچە نەزەر بىلەن قايتا كۆرۈش.
تېز يېزىش، ھەتتا بىر قېتىمدىلا يېزىۋېتىشتا گەرچە خاتالىقلار سادىر بولسىمۇ، دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ يازغىنىڭىز ئۈچۈن، ئوقۇرمەنلەر ئاسان ئەگىشەلەيدىغان ياخشى ئېقىمدا يېزىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
ئايرىم ئولتۇرۇپ تەھرىرلەش كۆپىنچە پايدىلىق بولىدۇ، چۈنكى سىز يازغانلىرىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇنتۇپ كېتىسىز. تەھرىرلىگەندە بولسا سىز يازغانلىرىڭىزغا ئوقۇرمەندەك مۇئامىلە قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن، سىز دەسلەپكى يازغانلىرىڭىزدىكى ئارتۇقچە نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتەلەيسىز، كەم يەرلىرىنى تولۇقلىيالايسىز، سۆز، جۈملىلەرنى تېخىمۇ مۇۋاپىق ئورنىغا قويالايسىز.
تۆتىنچى قەدەم: دەيدىغان گېپىڭىز بولسۇن

يېزىش بىر ۋاسىتە. گەرچە بەزى يازغۇچىلار بىر تالاي پاساھەتلىك ئىبارىلەرنى تىزىۋەتسىمۇ، بىز ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيمىز، لېكىن بۇلار ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەردۇر. ئومۇمەن يازغۇچىلار مەلۇم بىر نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن يازىدۇ. ئۇ نۇقتا ئەسەرنىڭ باش تېمىسى، مۇنازىرە نۇقتىسى ياكى يېڭىچە پىكىر بولۇشى مۇمكىن، نېمىلا بولسا بولسۇن، دەيدىغان بىر گەپنىڭ بولۇشى مۇھىم.
قىزىقارلىق كەچمىشلەرنى ئىزدەڭ. پاكىتلارنى تېپىش ئۈچۈن تەتقىقات قىلىڭ. ئۇچۇرىڭىزغا تولۇقلىما بولىدىغان ھېكايىلەرنى توپلاڭ. باشقىلار پايدىلىق، قىزىقارلىق ياكى خىيالىي دەپ قارايدىغان ئىدىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىڭ.
دېيىشكە ھوقۇقلۇق بولۇش باشقا، دەيدىغان گەپنىڭ بولۇشى باشقا، ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەڭ. ئەگەر مېنىڭ دېيىش(يېزىش) ھوقۇم بار دېسىڭىز، مەيلى ئۇ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىش، مىليون دوللارلىق شىركەت قۇرۇش ياكى بىر ئۆمۈر مۇشەققەت تارتىپ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەسلىك بولسۇن، ھەممىسىنى يازسىڭىزبولىدۇ. يېزىش-يازماسلىق تامامەن سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز. ئەمما نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىش مەسىلىسى، ئۇ باشقا.
بەشىنچى قەدەم: ئىنكاسلارغا دىققەت قىلىڭ

بىر نەرسە يېزىپ تاماملىغاندا، دوستلىرىڭىزدىن ئۇنى كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يازغۇچى بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئوقۇيالىسىلا بولىدۇ. ئۇلار زېرىكەمدۇ؟ ئۇلار سىزنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىڭىزنى چۈشەندىمۇ، ياكى چۈشىنەلمىدىمۇ؟
كېيىنچە، كەسپىي ئىنكاسلاردىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. يەرلىك گېزىت ياكى كىچىك ژۇرناللارغا ئەسەر ئەۋەتسىڭىز، سىزگە ياخشىراق مەسلىھەت بېرەلەيدىغان مۇھەررىرلەر بىلەن ئۇچرىشالايسىز. مەن باشقا تور بەتلەرگە ئەسەر يېزىش خىزمەتلىرىمدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، ئۇ يەردە ئىشلىرىم تېخىمۇ يۇقىرى تەكشۈرۈپ باھالاشقا دۇچ كەلدى.
تېخىمۇ ياخشى يېزىش ئۈچۈن، نوپۇزلۇق ۋە مۇستەقىل نەشرىياتلارغا يۈرۈش قىلسىڭىز بولىدۇ. چوڭ نەشرىياتلارنىڭ ئەستايىدىل مۇھەررىرلىرى سىزنىڭ تەتقىقات، ھېكايە سۆزلەش ۋە يېزىش قابىلىيىتىڭىزگە تېخىمۇ كۈچلۈك تەلەپلەرنى قويىدۇ.
بۈگۈندىن باشلاپ كۆپرەك يېزىڭ

ئەڭ مۇھىمى، بىرىنچى قەدەم: كۆپرەك يېزىڭ. ئەگەر يازغانلىرىڭىزنى باشقىلار تەنقىد قىلىشى مۇمكىن دەپ ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن تارتىنسىڭىز، ياكى يازغانلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز ياراتماي يۈرسىڭىز، قايتىدىن يېزىشنى باشلىمىسىڭىز، يېزىقچىلىق قابىلىيىتىڭىز تەرەققىي قىلمايدۇ. مەنچە بولسا، ھەر كۈنى يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ. ھەتتا كۈنىگە يۈز سۆز يېزىشمۇ يېزىش ئىقتىدارىڭىزنى ياخشىلاشقا تۆھپە قوشالايدۇ.
(Translated from the piece by Scott Young)

باھا يېزىش