ئەيسا ئالىپتېكىننىڭ جياڭ جېشىغا يازغان خېتى (2)

ئىلاۋە:

ئۆتكەن قېتىم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا ئالىپتېكىننىڭ 1956-يىل جاڭ جېشى ھۆكۈمىتىگە يازغان مەكتۇبىنى يوللىغانىدىم، قولۇمدا بار مەنبەلەردە جاڭ جېشى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ خەتكە قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق. ئەمما ئەيسا ئالىپتېكىننىڭ 1970-يىل جاڭ جېشىغا يازغان مەكتۇبىدىن قارىغاندا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇ مەكتۇبقا جاۋاب بەرمىگەن ياكى بولمىغۇر جاۋاب بەرگەن. چۈنكى ئەيسا ئالىپ تېكىننىڭ بۇ ئىككىنچى قېتىملىق مەكتۇبىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە شىكايەت تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.

كۆرۈلگىنىدەك، بىرىنچى قېتىملىق مەكتۇپتا تارىخىي ئەسلەتمە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئىنقىلاپچى ۋە تارىخچى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئۇنىڭغا كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا گومىنداڭ پارلامېنتىدا مىللەت ۋەكىلى بولۇپ تۇرغان بۇ ئىككى زات تەيۋەن ھۆكۈمىتىدىن ئىجابىي ئۈمىدلەر كۈتكەن. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1965-يىل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دەۋانى ئۆزى يالغۇز ئېلىپ ماڭغان ئەيسا ئەپەندى ئۆز ۋاقتىدا چىرايىنى كۆرۈپ، سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرغان جاڭ جېشىغا قايتا خەت يېزىپ، جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان بۇ قېرى قاقۋاشنىڭ ئۆلۈشتىن ئاۋۋال بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلغان، ئۈمىد يوق ئەھۋالدىمۇ تەلەي سىناپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ بولمىغاندا گومىنداڭنىڭ بۇ دەۋاغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، بولمىسا مۇناسىپ چارىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

تېما: قىزىل خىتاي ئىستىلاسىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ گومىندڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشى مەسىلىسى

1. سۆز بېشى ۋە مەقسىتىمىز

قىزىل خىتايلار گومىنداڭ كۈچلىرىنى مەغلۇب قىلغان، ھۆكۈمەتنىڭ تەيۋەنگە يۆتكىلىش ھازىرلىقى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىل ئىدى. شۇ چاغدا بىلگىنىڭىزدەك، ئالىيلىرىنىڭ يېقىنلىرىدىن بولغان ۋە ئالىيلىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن گېنرال تاۋ سىيۆ ۋەتىنىمىزگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان كوممۇنىست خىتاي كۈچلىرىگە ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىدى. ئۇنىڭ چۈشەنچىسى شۇ ئىدى:

كوممۇنىست بولسىمۇ، ھەتتا ئەزەلىي دۈشمىنىمىز بولسىمۇ بۇ يەرگە كەلگەنلەر خىتايلاردۇر. شەرقىي تۈركىستان ئۆزىنىڭ ئەسلى ساھىبلىرى بولغان مۇسۇلمان تۈركلەرگە قالغاندىن كۆرە، بىزدىن بولغان خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قالسۇن.

شۇنداق قىلىپ، ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

شۇ سەۋەپتىن پىكىرداش دوستۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن مەن مىڭلارچە سەپداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنى تەرك ئېتىپ، كەشمىردىن پاناھلىق تىلىدۇق.

مەقسىتىمىز شۇ ئىدى:

1) شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىزىل خىتاينىڭ ئىستېلاسى ۋە زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش؛

2) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان گومىنداڭدىن شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىش ھەققىدە ۋەدە ئېلىش؛ شۇ ئارقىلىق بىر كۈنلەردە قىزىل خىتايدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان بىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ زېمىنىمىز دەيدىغان دەۋاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

3) ۋەتەن سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇلتەجىلەر (پاناھلىق تىلىگۈچىلەر) بىلەن بىرلىكتە پىلانلىق كۈرەش قىلىش ۋە بۇ ئىشتا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش؛

شۇ مەقسەت بىلەن، «شەرقىي تۈركىستاننى قۇتقۇزۇش مىللىي مەركىزى» قۇرۇپ چىقىپ، قىزىل خىتايغا قارشى كەسكىن كۈرەشنى باشلىدۇق.

2. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان قارىشىمىز

ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، بىز گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى ئۆتمۈشتىكى ئاچچىق ساۋاقلىرىدىن ئىبرەت ئالىدۇ، شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، كونا خاتالىقلىرىنى تەكرارلىمايدۇ دەپ ئويلىغانىدۇق. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى قايتا قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاندىكىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا ئىككىلىنىپ يۈرمەيدۇ دەپ قارىغانىدۇق. شۇ ئۈمىدۋارلىقىمىز بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى دوستانە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشتۇق.

3. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلدۇق؟

گۈزەل ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇ تەلەپلىرىمىزنى كۆپ قېتىم بىلدۈردۇق. شۇ مەقسەت بىلەن، جانابلىرىغىمۇ كۆپ قېتىم مەكتۇب يوللىدۇق. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئالاقە قىلدۇق. بىز بىلەن مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن فورموزا (تەيۋەن)دىن تۈركىيەگە كەلگەن خىتاي ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ھەر قېتىم گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ھېچ بولمىغاندا، گومىنداڭ ئەگەر خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ھاكىم بولسا، شۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇلارنى بىر قانچە ماددىغا يەكۈنلەش مۇمكىن:

گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەلەپلىرىمىزنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە

ئا) شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، ئەسىرلىكتە ياشاۋاتقان تۈركى قەۋملەرنىڭ، تۈركىيەنىڭ ۋە ئىسلام دۇنيانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئىناۋىتى ئۆسىدۇ.

ب) گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مۇستەقىل دەپ ئېلان قىلغان بىر مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتىنى ئاسارەتتە تۇتۇشنى داۋام قىلماقچى بولغان قىزىل خىتاينىڭ جاھانگىر دۆلەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇش ئاسانلىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق يەنە قىزىل خىتاينى ئەيبلەش ۋە ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇش مۇمكىن بولىدۇ. نەتىجىدە قىزىل خىتاينى «مەھكۇم مىللەتلەرنىڭ نىجاتكارى»، «مۇسۇلمانلارنىڭ دوستى» دەپ بىلىدىغان بىر تالاي غەيرى مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۇنىڭ جاھانگىرلىك ماھىيىتىنى چۈشىنەلەيدۇ.

س) شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ روھى يۈكسىلىدۇ، ئازادلىق ئۈمىدى كۈچىيىدۇ، قىزىل خىتايغا قارشى كۈرەشلىرى كەسكىنلىشىدۇ. قىزىل خىتاي كەتسە قارا خىتاي كېلىدۇ دېگەن ئەندىشىسى قالمايدۇ.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئازادلىق كۈرەشلىرى ئۈچۈن قىزىل خىتايدىن، گومىنداڭدىن ياكى پۈتۈن دۇنيادىن ياردەم ئالالمىغان تەقدىردە، رۇسلارغا ئۈمىد باغلاشقا مايىل بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر تەلەپلىرىمىز قوبۇل قىلىنسا، خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئازادلىق ئۈمىدىنى مۇئەييەن دەرىجىدە گومىنداڭغا باغلايدۇ. ھەتتا گومىنداڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىپ قالسا، شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ئىمكانى بولىدۇ.

د) شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان 20 مىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ قىزىل خىتايغا قارشى گومىنداڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ئىمكانى بولىدۇ.

ئې) مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆز سالاھىيەتى ۋە نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ گومىنداڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتەلەيدۇ؛ قىزىل خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن كۈرەش قىلالايدۇ.

ف) چەت ئەلدە مۇناسىپ بولغان يەردە ۋە مۇۋاپىق پەيتتە شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىر ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش مۇمكىن بولىدۇ.

4. گومىنداڭ بۇنىڭغا قانداق ئىپادە بىلدۈردى؟

گومىنداڭ ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك چۈشەندۈرۈشلىرىمىزگە قارىماي «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئۇ يەردىكى خەلق خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىن رازى ۋە خىتايدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق باي ۋە چوڭ ئۆلكىسىنى ئۆزى خالاپ قولدىن چىقىرىپ قويمايدۇ. بۇ يەردە مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتقانلار پەقەت مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىندىن ئىبارەت ئىككى شەخس…» دېگەندەك سەپسەتىلىرىنى بازارغا سالدى.

ئۇلار تەكلىپلىرىمىزنى رەت قىلىش بىلەنلا قالماي، چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مىللىي روھى كەمچىل ۋە قۇل مىجەز بەزى قېرىنداشلىرىمىزنى ئىندەككە كەلتۈردى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۆزلىرىگە باغلاش، مۇستەقىللىق ئىدىيەسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش، قۇللۇققا كۆندۈرۈش، ھەتتا ئۇلارنى ئازادلىق كۈرىشىگە قارشى قويۇش، دىپلوماتىك ئۇچرىشىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىمىز ھەققىدە ئاخبارات توپلاش ئۈچۈن كۆپ ھەپىلەشتى. ئەلچىخانا ئادەملىرى تەرىپىدىن ئالدانغان بىر قانچە كىشىنى ھەر يىلى تۈركىيەدىن تەيۋەنگە ئەۋەتىپ مۇخبىرلارغا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي شەرەپ ۋە غۇرۇرىغا تېگىدىغان بايانات بەرگۈزدى. بۇ كىشىلەر مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەلچىلەر ۋە مۇخبىرلار يىغىلغان زىياپەتلەردە، تەنتەنىلىك مۇراسىم ۋە مانىۋېرلاردا كۆز بويامچىلىق قىلدى.

گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بىزدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ، بەلكى بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتا كىرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بولمىسا ئاتايىتەن تۈركىيەدىن بۇ يەرگە كېلەمدۇ» دېگەندەك ئاقماس ئىدىيەلىرىنى تەشۋىق قىلىپ يۈردى.

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار ھېچقاچان ئىككى ياكى ئىككى مىليون كىشى ئەمەس؛ شەرقىي تۈركىستان ھېچقاچان خىتاينىڭ ئايرىلماس قىسمى بولغان ئەمەس، شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن رازى بولغان ئەمەس. 1760-يىلدىن قىزىل خىتاينىڭ ئىستېلاسىغا قەدەر ئۆتكەن 189 يىلدا ئىشغالچى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ۋە كۈرەشلەر 58 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ كۈرەشلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى، ئەمما بەزىلىرى غەلىبە قىلدى، 1860-1876-يىل ئارىسىدا ياقۇپ بەگ قۇرغان بەدەۋلەت خانلىقى، خوجا نىياز ھاجى قوزغىلىڭىدىن كېيىن 1933-يىل 11-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى خەلقنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ پولاتتەك دەلىلى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى. 1942-1943، 1944-1946 يىللىرىدىكى قوراللىق ۋە سىياسىي كۈرەشلەر، 1949-يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا ۋە ھۆر دۇنيادا داۋاملىشىۋاتقان كۈرەشلەر، ئېقىۋاتقان قانلارنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى ۋە ۋەتەن ئىشقىدىن باشقا نەرسە بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە شۇنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەككى، سېتىۋېلىنغان بىر قانچە ئادەمنىڭ گېپىگە قاراپ ياكى بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىنى بىرەر گۇرۇپپىنىڭ ئېلىپ بارغىنىغا قاراپ ئۇ مىللەتنىڭ كۆپ قىسمى مۇستەقىللىقنى خالىمايدۇ دېمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولسىدى، تەيۋەندىكى بىر ئوچۇم خىتايمۇ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 700 مىليون خىتايغا ۋەكىللىك قىلالمىغان، ئۇلارنىڭ داۋاسىنى قىلىدىغان سالاھىيەتكىمۇ ئىگە بولالمىغان بولاتتى.

شۇنداق تۇرۇقلۇق، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك تەلەپلىرىمىزنى ئۆكتەملەرچە رەت قىلىۋەتتى. بۇنىڭلىق بىلەن قالماي، قىزىل خىتايغا قارشى كۈرەشلىرىمىزگە ھەر خىل يوللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. مەسىلەن، 1955-يىل مەككىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام كېڭىشىدە بىر قارار چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولغانىدۇق. ئەمما تەيۋەندىن ئەۋەتىلگەن ۋە ئۆزىنى خىتاي مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىلى دەۋالغان سۈن شىنۋۇ ئىسىملىك بىرسى بۇ قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا جىق كۈچىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى يەنە بۇ قېتىم جاھان چۆگىلەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن قىلمىغانلىرى قالمىدى.

ئاڭلىشىمچە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق خەلقئارا سەپىرىمدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك، تەيۋەندىكى بەزى تۈركىستانلىقلارنى ھەمدە تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپتۇ. چەت ئەلدىكى تۈركىستانلىقلارنى ئالداپ ئۆزلىرىگە باغلاش ۋە ئۇلارنى دەۋايىمىزدىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن 50 مىڭ دوللار ئاجرىتىپتۇ. بۇنىڭ 10 مىڭ دوللىرىنى ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىغا، قالغان قىسمىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا ساپتۇ ۋە سېتىۋالىدىغان ئادەم ئىزدەۋېتىپتۇ. ئۇلار تەيۋەندىكى بىرسى ئارقىلىق ئافغانىستانغا پۇل ئەۋەتكەن بولسىمۇ، سېتىۋالىدىغان ئادەم تاپالمىغاچقا پۇلنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. بۇ قىلمىشلاردىن مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنپەرۋەر تۈركىستانلىقلار كۆپ پەرىشان بولدۇق.

5. بىز نېمىنى تەلەپ قىلىمىز؟

بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن تۈرلۈك مەنپەئەتلەر ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىكى بىمەنىلىك ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، ياخشى نىيەت بىلەن، يۇقىرىقىدەك كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتى بىلەن ئالىيلىرىدىن ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن تۆۋەندىكى ماددىلارغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز:

1) ئەگەر گومىنداڭ ھۆكۈمىتى قىزىل خىتايغا قارشى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىسا، چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرۇۋالغان تەقدىردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى دەرھال ئېلان قىلىشى كېرەك؛ ئۈچ-تۆت ئادەمنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغان خىيالىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك.

2) گومىنداڭ ھۆكۈمىتى

ئا) شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇش تىرىشچانلىقىمىزغا قارشى چىقماسلىقى كېرەك؛

ب) شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە قىزىل خىتايغا قارشى ئېلىپ بارىدىغان كۈرەشلىرىمىزگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك؛

س) ۋەتەنداشلىرىمىزغا كىرىشىۋالماسلىقى كېرەك؛

3) شۇنداق بولغىنىدا بىزمۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت قىلىشتىن توختايمىز.

4) ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئەكسىيەتچىل مەيدانىنى تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئەيسا ئالىپ تېكىن

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى

1970-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى

باھا يېزىش