(مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا ئالىپتېكىننىڭ 1956-يىل تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە يوللىغان مۇھىم ھۆججىتى)
شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان مىللىتىمىز دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، قوشنىلىرى بىلەن سۈلھى ۋە دوستلۇق ھاۋاسى ئىچىدە ياشاش ئۈمىدىدە تۇرماقتا. دۇنيانىڭ، جۇڭگونىڭ (خىتاينىڭ) ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ھېچ كېچىكتۈرمەستىن، دەرھال ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق.
بۇ مىللىي ئارزۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈش ۋە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى توغرا چۈشەنگەن ئاساستا ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن قوبۇل قىلىپ رەسمىي ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئانا يۇرتتىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ۋەتەنداشلار تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى ئەڭ سەمىمىي ۋە ئوچۇق بايانلىرى بىلەن تەييارلىغان بۇ ئەسلەتمىنى جانابلىرىغا سۇنۇشتىن مەمنۇندۇر.
ئەسلى مەقسىتىمىزنى بىلدۈرۈشتىن ئاۋۋال دەۋايىمىزنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەلىۋىمىزنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئەتراپلىق، توغرا پىكىر بېرىش ئۈچۈن تارىخىي ۋەقەلەرنى قىسقىچە بىر ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق:
تەرەپسىز ئالىملارنىڭ چۈشەنچىسىگە كۆرە، شەرقىي تۈركىستان مىلادىيەدىن بۇرۇنلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن بىر جايدۇر. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ مەملىكەتتىن كۆچكەن ئىنسانلار دۇنياغا تۇنجى مەدەنىيەتنىڭ نۇرىنى چاچقان. تارىخىي دەۋرلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەرب بىلەن شەرقنىڭ تىجارەت ماللىرى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولغانلىقى مەلۇمدۇر. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان قەدىمىي دەۋرلەردىن بېرى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ تونۇلغان.
شەرقىي تۈركىستان بۇنىڭدىن 2000 يىل ئاۋۋال، يەنى 1-ئەسىردىن 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان مەزگىلدە خىتايلار تەرىپىدىن بەزىدە قىسمەن، بەزىدە پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغان. ئەمما خەلقنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قاتتىق كۈرەشلىرى ئۇلارنىڭ ھۆرلۈكىنى ساقلاپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشغالىيەتلەردىن تېزدىن قۇتۇلۇشىغا ۋەسىلە بولغان. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭمۇ بىر نەچچە قېتىم خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىنى ئىستېلا قىلغان ۋاقىتلىرى بولغان. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ دەۋردىكى ئۆزئارا ئىستېلا قىلىشلارنى قەدىم ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھەربىي ئۈستۈنلۈك جەڭلىرىنىڭ نامايەندىسى دەپ قارىساق بولىدۇ.
مىلادىيە 762-يىلدىن 1759-يىلغىچە بولغان 1000 يىللىق دەۋردە شەرقىي تۈركىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا ھېچقانداق ئىستېلا ۋەقەلىرى بولغان ئەمەس. تارىختىن بېرى، ئاسىيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئۆز ھۆررىيەتىنى ئەڭ سىستېمىلىق شەكىلدە مۇداپىئە قىلغان مىللەت شەرقىي تۈركىستان مىللەتىدۇر. ئەنە شۇ مۇداپىئە سايىسىدە، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ياتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالمىغان ۋە مۇستەقىل ياشىغان دەۋرى باشقا ئاسىيا مىللەتلىرىگە قارىغاندا ئۇزۇن بولغان.
17-ئەسىر ۋە 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا داۋاملىق يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىپ، ئىنتايىن زەئىپ ھالغا چۈشۈپ قالغان. مانجۇ ئىمپېراتورى چيەنلۇڭ خان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 1755-يىل شەرقىي تۈركىستانغا قوشۇن تارتقان. بۇ ئىستېلاغا قارشى چىققان خەلقنى قورقىتىش ئۈچۈن مانجۇ قوشۇنى بىر مىليوندىن كۆپ شەرقىي تۈركىستانلىقنى قەتلى قىلغان ۋە 12 مىڭدىن كۆپ ئائىلىنى سۈرگۈن قىلغان. بۇ قورقۇنچلۇق پاجىئەلەردىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان 1760-يىل مەنچىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.
مەنچىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلغان مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سالغان ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرى ماھىيەتتە قەتلىئامغا ئوخشاشلا پاجىئەلىك ئىدى. بۇ زۇلۇمغا قارشى چىققان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن پات-پات قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تۇرغان. مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ بىر يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان زۇلۇمىغا قارشى يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلار 40 قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. 1862-يىل پارتلىغان چوڭ قوزغىلاڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇلغان. بۇ دۆلەت تۈركىيە، ئەنگىلىيە ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان. مەنچىڭ قوشۇنى 1877-يىل يۈز بەرگەن ئىچكى مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننى قايتا ئىشغال قىلىۋالغان.

مەنچىڭ سۇلالىسىدىكى خىتاي ۋەزىرلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىشغالىيەت خىتاينىڭ جېنى ۋە مېلىنى زىيانغا ئۇچرىتىش بىلەن قالماي، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭمۇ ئېغىر دەرىجىدە نامراتلىشىپ كېتىشى، نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، قەدىمىي مەدەنىيەتلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى، يېڭى مەدەنىيەتلىرىدىن تامامەن مەھرۇم بولۇشى ۋە باشقا كۆپلىگەن ئاپەتلەرگە دۇچار بولۇشىغا سەۋەب بولغان.
مەنچىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قانلىق ئۇرۇشلار ۋە ۋەھشىيانە زالىملىقنىڭ يالدامىسى شۇ بولغانكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلارغا چىش-تىرنىغىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن.
خىتاينىڭ جۇمھۇرىيەت دەۋرى
خىتايدا جۇمھۇرىيەت دەۋرى باشلانغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ھەربىي ۋالىيلار ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن مەنچىڭ دەۋرىدىكى سىياسىي ۋە مەمۇرىي تۈزۈمنى داۋام قىلدى، خىتايدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تەسىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئۇ چاغدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى مۇنداق ئىدى:
ئا) يېڭى قۇرۇلغان خىتاي جۇمھۇرىيەتى بىر تەرەپتىن يېڭى تۈزۈم ئورنىتىش ئۈچۈن مۇخالىپلىرى بىلەن سوقۇشسا، بىر تەرەپتىن تاشقى دۈشمەنلىرىنىڭ تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇھىم مەسىلە دەپ قاراپ كەتمەيتتى.
ب) شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەربىي ۋالىيلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنى، بىر قوزغىلاڭ بىلەنلا ئۇلارنى ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەمما ئۇ چاغدىكى قورقۇنچلۇق كۈچ خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى ھەربىي ۋالىيلار ئەمەس، بەلكى ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن بولغان رۇسلار بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى پايلاپ تۇراتتى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى رۇس ئىشغالىيىتىگە يول ئېچىپ بېرىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرمىگەنىدى.
س) شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھامان يېڭى تۈزۈم ئورنىتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى رازى قىلىدىغان بىر يېڭى سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى كۈتكەنىدى ۋە بۇنى تېخىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن دەپ قارايتتى.
بۇ ۋەزىيەتنى ياخشى بىلىدىغان ھەربىي ۋالىي ياڭ زېڭشىن خىتاي جۇمھۇرىيەتى ھۆكۈمىتىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئالدايتتى، بىر ياقتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ چىرىپ كەتكەن ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇناتتى. يەنە كېلىپ، شەرقىي تۈركىستان بىلەن خىتاينىڭ يىراقلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ھەر قانداق سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئىمكانسىز بولۇشى بۇ خەلقنىڭ خىتاي جۇمھۇرىيەتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلالىشىغا ئىمكان بەرمەيتتى.
1930-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي جۇمھۇرىيەتىنىڭ نوپۇزى كۆرۈلۈشكە باشلىغان زامان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە شۇ ھەقىقەتلەرنى چۈشەندى:
1) خىتاي جۇمھۇرىيەتى شەرقىي تۈركىستاننى بۇرۇنقىدەك بىر خىتاي ئۆلكىسى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقچى.
2) خىتاي جۇمھۇرىيەتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي خەلقى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت قاتارىدا كۆرىدۇ ۋە بۇ مىللەتنى شەرقىي تۈركىستاندا ھەق ساھىبى بولغان مۇستەقىل بىر مىللەت دەپ تونۇشنى رەت قىلىدۇ.
3) خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا ھېچ ئەھمىيەت بەرمەي كەلدى.
4) خىتاي جۇمھۇرىيەتى ھەربىي ۋالىينىڭ ئىسيان كۆتۈرگىدەك كۈچى يوقلۇقىنى بىلىدۇ، ئەمما ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىمايدۇ، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سىياسىي، مەمۇرىي ئىشلارغا يېقىن كەلتۈرمەيدۇ.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىگە بولغان بۇ چۈشەنچە ئۇلارنىڭ خىتاي جۇمھۇرىيەتىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى تەۋرىتىپ قويدى. يەنە كېلىپ، ۋالى جىن شۇرېننىڭ تېخىمۇ چىرىكلەشكەن سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىراقلا قوزغىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. 1931-يىل پارتلىغان قوزغىلاڭغا بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى قاتناشتى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستاننى ئىستېلا قىلىش پۇرسىتىنى كۈتۈپ ياتقان قىزىل رۇسىيە بۇ مىللىي قوزغىلاڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن مىللىي قوشۇننى ئالدىماقچى بولغان بولسىمۇ، رۇسلارنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدىغان مىللىي قوشۇن ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن رۇسلار 1931-يىل 1-ئۆكتەبىر كۈنى ۋالى جىن شۇرېن بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، خىتاي تەرەپ رۇسلاردىن قورال ۋە بىر قىسىم ئەسكەر ياردىمى ئالغان بولسىمۇ، مىللىي قوشۇننى يېڭەلمىدى ھەمدە رۇسلارغا ۋەدە قىلغان يوشۇرۇن ئىمتىيازلارنى بېرەلمىدى. بۇنىڭدىن نارازى بولغان رۇسلار ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ۋە رۇس ئەسكەرلىرىنى جىن شۇرېنغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى. جىن شۇرېن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن رۇسلار خىتايغا ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئاسىيلىق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ھىيلىگەر شىڭ شىسەينى يۆلەپ تەختكە چىقاردى. 1933-يىل 1-ئاپرېل كۈنى رۇسلار ئۆزلىرى تەييارلىغان مەخپىي كېلىشىمنامىگە شېڭ شىسەينى قول قويدۇردى. بۇ كېلىشىم بويىچە، رۇسلارنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ماشىنىلاشقان قىسمى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ، بۇ خىل قوراللاردىن مەھرۇم بولغان مىللىي قوشۇننى مەغلۇب قىلدى، شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان 1934-يىلدىن1937-يىلغىچە داۋاملاشقان بىر مۇنچە جەڭلەردىن كېيىن رۇسلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىردى. رۇس ئارمىيەسى ۋە رۇس مەسلىھەتچىلىرىنىڭ سىزىقىدىن چىقمىغان شېڭ شىسەينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلغان قانلىق كوممۇنىست زۇلۇملىرى ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي دۆلىتىگە قىلغان خىيانەتلىرىمۇ ھەممىگە ئايان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ، رۇسلار گېرمانلارغا يېڭىلگەن چاغدا ئۆز ئاقىۋىتىدىن قورققان شېڭ شىسەي رۇسلاردىن يۈز ئۆرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئېغىر ئەھۋالدا قالغان رۇسلار بۇ ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى قوشۇنى ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنى قايتۇرۇپ كەتتى.
1943-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەينى باشقا بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان تۇنجى ۋالىينى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتتى.
ئۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىدە شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلىرىگە ۋەكىل بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىز ۋە سەپداشلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇ مەملىكەتتىكى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا قىسمەن بولسىمۇ ئۇيغۇن بىر شەكىلدە ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ، خىتاي دۆلەت ئەربابلىرىغا كۆپ قېتىم مۇراجىئەت قىلدۇق. ئەپسۇسكى، مۇراجىئەتلىرىمىز قوبۇل قىلىنمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ بارلىق قىلمىشلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق نارازى قىلدى ۋە خەلقتە ئېغىر ئۈمىدسىزلىك، قورقۇنچ پەيدا قىلدى. نەتىجىدە مۇنەۋۋەر خەلق قاتلىمى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە كەلدى ۋە 1944-يىل ئىلى قوزغىلىڭى پارتىلىدى. سوۋېت رۇسلىرى بۇ قوزغىلاڭنى ئۆزىنىڭ جاھانگىرلىك غايىسى ئۈچۈن پايدىلىنىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، بۇ قوزغىلاڭغا قورال ۋە ھەربىي كۈچى بىلەن ئارىلاشتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ۋىلايەتلەر ئەمەلىيەتتە رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەن بولدى.
ئۇ چاغدا خىتايدا تۇرۇۋاتقان بىزلەر رۇسلارنىڭ مۇداخىلىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ۋە خىتاينىڭ ئابرۇيىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. خىتاي دۆلەت ئەربابلىرىغا يەنە مۇراجىئەت قىلدۇق. بۇ مۇراجىئاتىمىز مۇنۇ مەقسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى:
1. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆررىيەت دەۋاسىنى قىسمەن بولسىمۇ قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستانغا مۇختارىيەت بېرىلسە؛
2. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تاشقى سىياسەت ۋە مىللىي مۇداپىئە ئىشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بولسا.
بىزنىڭ بۇ مۇراجىئاتىمىز قوبۇل قىلىنغان بولسىدى، رۇسلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئوينىغان ئويۇنلىرى تامامەن بۇزۇلغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، بۇ مۇراجىئاتىمىز قوبۇل قىلىنمىدى ۋە سوۋېتنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلاندى. رۇسلار شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم ياشلارنى خىتاينىڭ جاھانگىر دۆلەت ئىكەنلىكىگە، سوۋېت رۇسلىرىنىڭ بولسا قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى. بۇنىڭغا يۇقىرىقى رەت قىلىنىشنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتتى ۋە قىسمەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ تەسىر كۈچى بىلەن مىللەتچىلەرنىڭ ھۆررىيەت كۈرىشى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ۋە مۇقىمسىزلىق 4 يىلغا يېقىن داۋاملاشتى، ئاقىۋەتتە كوممۇنىستلار بۇ مەملىكەتنى بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپ ئىشغال قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھۆر خىتاينىڭ (تەيۋەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ) ئىشغالچى كوممۇنىستلارغا قارشى كۆرسىتىۋاتقان تەۋرەنمەس ئىرادىسى ۋە غەيرىتىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ غەلىبە قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما، ھۆر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆررىيەت دەۋاسىغا يەنىلا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلىپ، كونا سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدۇ.
شۇنىڭغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى ماددىلار بويىچە بېكىتىلگەن ئەسلەتمىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدا ئالىيلىرىغا سۇنۇشتىن مەمنۇنمىز ۋە بۇ ماددىلارنى سەمىمىيىتىمىزگە ئىشەنگەن ئاساستا ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىشلىرىنى ھەمدە پات ئارىدا بىزنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر جاۋاب بېرىشلىرىنى كۈتمەكتىمىز.
1949-يىلنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاي بىلەن سوۋېت رۇسلىرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقى قىزىل كوممۇنىستلارنىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرىغا قارشى جاپالىق كۈرەشلىرىنى داۋام قىلماقتا. كوممۇنىست جاللاتلاردىن جانلىرىنى قۇتقۇزۇپ، ئەجنەبى مەملىكەتلەرگە پاناھلىق تىلەپ بارغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ ھۆر دۇنيادا قولغا كەلتۈرگەن بارلىق ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشى يولىدا كۈرەش قىلماقتا.
مەقسەت
1-ماددا:
ھۆر خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرسە دەيمىز.
ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىغا قارشى سوقۇشۇۋاتقان كوممۇنىستلارنىڭ خەتىرى كۈندىن كۈنگە كۈچەيمەكتە. بۇ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان ھۆر دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان كۈرەش ئۇسۇلىنىڭ كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش ئۇسۇلىغا تەڭ كېلەلمەيۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز. ھۆر دۇنيا دۆلەتلىرى كوممۇنىستلارغا ئەسىر بولغان مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق دەۋالىرىنى قوبۇل قىلمىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرەشلىرىنى رەسمىي قوللىمىغان مۇددەتچە كوممۇنىزمغا قارشى ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەۋىيە يارىتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ھېچ كېچىكتۈرمەستىن ئېلان قىلىش ھۆر خىتاي ئۈچۈن، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يىگانە غايىسى پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇشتۇر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئىمزا قويغان «كىشىلىك ھوقۇق باياننامەسى»گە ئاساسەن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.

2-ماددا:
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشنىڭ بىزنىڭچە تۆۋەندىكىدەك مەنپەئەتلىرى بار:
ئا) شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆتكەن ئىككى ئەسىر بويىچە خىتايغا شەكىللەنگەن غەزەپ-نەپرىتى يوقايدۇ.
ب) ھەر ئىككى تەرەپ ئارزۇ قىلغان ياخشى مۇناسىۋەت ئەڭ سەمىمىي ھالەتكە كېلىدۇ.
س) ھۆر دۇنيادا ھۆر خىتايغا بولغان ھۆرمەت ۋە ھېسداشلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
3-ماددا:
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھۆر خىتاي تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان تەقدىردە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى پائالىيەتلىرى مىللىي ھەم رەسمىي تەشكىلاتقا باغلىنىدۇ ھەمدە تېخىمۇ مۇھىم ۋە پايدىلىق باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ. بۇنداق بولغاندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆر خىتاي بىلەن سەمىمىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىشى تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئورتاق دۈشمەنگە قارشى ھۆر خىتاي بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىش ئۈچۈن كېرەك بولغان پىلان ۋە پروگراممىلارنى بىرلىكتە تۈزۈشكە ھازىردىن باشلاپ ھازىر ئىكەنلىكىمىزنى سەمىمىيەت بىلەن بىلدۈرىمىز.
4-ماددا:
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ھۆر خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا، بىرلىكتە پائالىيەت قىلىشقا ئۇيغۇن كۆرۈلگەن بىر دوست دۆلەتنىڭ زېمىنىدا بىر مۇساپىر شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى زۆرۈر دەپ قارايمىز.
5-ماددا:
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ غايىسى شەرتسىز مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇختارىيەت(ئاپتونومىيە) ھوقۇقىنى رەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئالىيلىرىغا بىلدۈرۈپ قويماقچىمىز ھەمدە ھۆر خىتاينىڭمۇ بۇنى تەشەببۇس قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
6-ماددا:
كوممۇنىستلار ئۆز ئىشغالىيىتىدىكى مىللەتلەرنى ئالداش ئۈچۈن ئۇلارغا جۇمھۇرىيەت ياكى مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش ھىيلىسىنى قوللانماقتا. ئۇلار ئۆزىنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىنىمۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى دەپ تونۇشتۇرماقتا. كوممۇنىستلار بۇ تاكتىكىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھۆررىيەت تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ۋە قول ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان دۆلەتلەردىن بۇ جەھەتتە ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا.
ھۆر خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان تەقدىردە دېموكراتىك دۇنياغا ئەڭ پارلاق بىر ئۆرنەك بولىدۇ، شۇنداقلا كوممۇنىستلارنىڭ يۇقىرىقى تاكتىكىلىرىنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن بولىدۇ.
1956-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى رەئىسى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا
شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى مۇئاۋىن رەئىسى ئەيسا ئالپتېكىن
(تۈركچە «ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)

Leave a Reply