شائىر قانداق بولىدۇ؟

شائىرلىق بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە بىراقلا ئۆتۈش دېمەكتۇر، ئۇنى ھاياجان دەمسىز، ئىلھام دەمسىز، تەپەككۇر دەمسىز، نېمە دېسىڭىز دەڭ، ئومۇمەن روھىڭىز سىلكىنىدۇ، ۋۇجۇدىڭىزنى زەرەت سوققاندەك بولىدۇ، خىياللرىڭىز تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىدۇ، ئۇلارنى سۆزلەرگە تىزىپ يىغىشتۇرالماي ئاۋارە بولىسىز،  ئاندىن ئاۋارە بولماي دەپ ئۇلارنى بىۋاسىتە يېزىشقا (توغرىسى تۇتىۋېلىشقا) ئۇرۇنۇپ باقىسىز، يېزىپ بولۇپ قارىسىڭىز ، ھامان بىر نەرسىلەر قېچىپ كەتكەن. ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك، شائىرلار سەزگۈر كېلىدۇ. ئەخمەتجان ئوسمان بىر ۋاقىتتا بېيجىڭدا بىزگە لېكسىيە سۆزلىگەندە، «تاشمۇ شائىر، ئېشەكمۇ شائىر» دەپ مازاققا قالغان، ئەسلىدە ئۇ شائىرنىڭ نەزەرىدە ھەر قانداق نەرسە شېئىرغا ئوبيېكت بولالايدۇ دېمەكچى بولسا كېرەك. ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ بىر ماقالىسىدە : «بىر تاشنى كۆرۈپ ئۇنى تاش دەپلا ئۆتۈپ كەتكەن ئادەم ئۆزىنىڭ شائىرلىقىدىن گۇمانلانسا بولىدۇ» دېگەن.  گەرچە ھەر نەرسىگە شېئىرىي مەنە بەرگىلى بولسىمۇ، ئىنسان تەبىئىتى گۈزەللىككە مايىل. مەسىلەن،  ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى بىلەن بۇلبۇل ناۋاسى پەرقلىق ئاۋاز چاستۇتىلىرىغا ئىگە بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئىنسان مېڭىسىنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىش قېلىپى ئېشەككە ئەمەس، بۇلبۇلغا بەكرەك چۈشكەن بولغاچقا، شائىرلىرىمىز ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىنى ئەمەس، بۇلبۇل ناۋاسىنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن.  ئىككىنچىدىن شائىرلار بۈيۈك روھقا ئىگە، ئۇلار ئۆز خەلقىنى ئادەتتىن تاشقىرى سۆيىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز نامىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بۇ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىغا شۇنچىلىك تەشنا بولغانكى، «ھىممەت گۈلۈم ئاچىلغىن، غەيرەت گۈلۈم ئاچىلغىن» دەپ شېئىرلار يازغان ۋە جاللات ئالدىدا مەردانە تۇرۇپ شېھىت بولغان. لۇتپۇللار مۇتەللىپ ئاقسۇدا «شەرقىي تۈركىستان ئۇچقۇنلىرى» ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ئەتراپىغا بىر تۈركۈم شائىر، زىيالىيلارنى توپلاپ پائالىيەت قىلغان. تۈرمىگە تاشلانغاندا «بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ، ياش گۈلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ» دەپ نالە قىلغان، ئەمما ئۇمۇ جاللات ئالدىدا باش ئەگمىگەن. بىر ئەسلىمىدە دېيىلىشىچە، جاۋ خەنچىڭ ئۇنىڭ بەكمۇ ياش ئىكەنلىكىگە قاراپ « سېنىڭ ئىستىقبالىڭ پارلاق ئىكەن، نېمانچە قىلىسەن» دېگەندەك گەپ قىلغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي ئاسمانغا قاراپ: «ئاسمان نېمانچە كەڭ، كۈن نېمانچە پارلاق، سەن ھازىر مېنىڭ جېنىمنى ئالغىنىڭ بىلەن، تاڭنىڭ ئېتىپ كۈننىڭ چىقىشىنى توسۇپ قالالمايسەن!» دېگەن. ئۇنىڭدىن باشقا شائىر مەمتېلى تەۋپىقمۇ ئاتۇشتا يېڭىچە مائارىپنى گۈللەندۈرۈشتە كارامەت ئىشلارنى قىلغان.

ئۈچىنچىدىن شائىرلار گۈزەل كۈيلەرنى، ناخشا-مۇزىكىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. مەن بۇ ئۆمرۈمدە ناخشا-سازدىن بىزار شائىرنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئۇلار بۇ جەھەتتە ناخشا-مۇزىكىنى ھارام دەيدىغان موللىلارغا قەتئىي ئوخشىمايدۇ. شائىر غوجىمۇھەممەد بىر ئەسلىمىسىدە، ئاتۇشتىكى بىر ئولتۇرۇشتا دۇتا چېلىپ، ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ ھەممىنى مۇڭغا چۆمدۈرگەن بىر خەلق سەنئەتكارىنى تىلغا ئالىدۇ.  رەھمەەتلىك باتۇر روزى ھەققىدە يېزىلغان ئەسلىمىلەردىمۇ ئۇنىڭ دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغانلىقى، بۇ جەھەتتىكى تالانتىنىڭ شائىرلىقىدىن قېلىشمايدىغانلىقى مەلۇم. تۆتىنچىدىن شائىرلار تەسەۋۋۇرغا باي ھەمدە يۇمۇرىستىك كېلىدۇ. بىزنىڭ چاقچاق-يۇمۇرلىرىمىز تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ئەقىل-پاراسەت،  شائىرانە سەزگۈرلۈك، تېز تەپەككۇر، باغلانما تەسەۋۋۇر، ھەجۋىيلىك، قىزىقچىلىق، مۇبالىغە ھەم كىنايىگە تولغان. شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ رۇسلارغا تەرجىمانلىق قىلىش ئۈچۈن جەنۇبقا ماڭغاندا، يول ئۈستىدە ئارام ئالىدۇ. شۇ ئەسنادا بىر ھارۋىكەش يولدىن ئۆتۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ھارۋىسى بەكمۇ  غىچىرلايدىكەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ: ئاكا، ھارۋىڭىزنىڭ ئوقىنى مايلىۋالسىڭىز بولمامدۇ؟» دەيدۇ. ھارۋىكەش دەرھال: «كاناينى ياغلىغىلى ماي يوق، سۇناينى ياغلىغىلى ماي نەدە ئۇكا» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپكە بۇ گەپ چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ. بىزدە ئاددىي خەلق ئارىسىدىمۇ ئەقلى ئۆتكۈر، چىچەن ئادەملەر ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇلار دائىم گەپ-سۆزگە ماھىرلىقى، چاقچاققا ئۇستىلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئۇلارنى شېئىر يازمايدىغان شائىرلار دېيىشكىمۇ بولىدۇ.  غۇلجىلىق مەشھۇر چاقچاقچى ھېبى  ھەسەلگەن ئامراق بىرسىنى، «ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ھەسەل ھەرىسىنى تۇتىۋېلىپ، شۈمۈۋېلىپ قويۇپ بېرىدۇ» دەپ كەلتۈرىدۇ.  «قايناقسۇدا تەرەت ئېلىپ چىچاڭشىپ كىرىپ كەتكىنىڭ راسما!» دېگەن بىر يۈرۈش ئېتىشما چاقچاقتا، ھەر بىرىدىن  بىر ھەجۋى كۆرۈنۈش پەيدا بولىدۇ دەپ كۈلكە قوزغايدۇ. مەن بىلىدىغان  شائىرلار ياكى شائىر مىجەزلىكلەر بىر-ئىككى يۇمۇر ئېيتىپ خەقنى كۈلدۈرۈشنى، ھېچ بولمىسا باشقىسى قىززىق بىر گەپنى قىلسا ئۇنىڭغا كۈلۈشنى بىلىدىغانلاردۇر.

بەشىنچىدىن شائىرلار ئۆز تۇيغۇلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. شائىر پەرھات تۇرسۇن بىر چاغدا بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، بىر قىز بىلەن چاقچاقلىشىۋېتىپ، قاردا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ: «شۇنچىلىك سىلىق، چىرايلىق تېيىلدىمكى، يەرگە يۇمشاققىنە چۈشتۈم» دېگەنىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ تۇيغۇنى ئۇنتۇمىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى بەزى تۇيغۇلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، ئىككىنچى قايتىلانمايدۇ.  يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر قىشتا مەش ئوتىنى،  باھاردا يېڭى بىخلانغان مايسىلارنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. دېمەك،  شائىر-يازغۇچىلارغا  ئالاھىدە تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدىغان نەرسىلەر ئىلھام مەنبەسى بولىدۇ. ئۆز تۇيغۇلىرىغا بەك دىققەت قىلىدىغان شائىرلارغا ئىلھام قۇشلىرى دائىم قونسا كېرەك. شائىر ئادىل تۇنىياز بىلەن مەككىدە كۆرۈشكەن ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇ بۇ مۇقەددەس جاينىڭ ئۇنىڭغا مىستېتىك تۇيغۇلارنى ئاتا قىلغانلىقىنى،  ئۆلۈم، ئېتىقاد، جەننەت، جەھەننەم ھەققىدە باشقىچە پىكىر قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقانىدى.  ئالتىنچىدىن شائىرلار ئانا تىلىنىڭ ئۇستىكارلىرى.  «جاللات خېنىم»نىڭ ئاپتورى،  يازغۇچى ياسىنجان سادىق بىلەن بىللە ئولتۇرغان بىر سورۇندا ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شئىرلىرىنى جاراڭلىق ئوقۇيدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئانا تىل مۇھەببىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. شائىر ئۆز ئانا تىلىنىڭ ئاشىقلىرى بولۇپ، ئۇ تىلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئاقىدۇ. ئۇنىڭدىكى كەڭ تىل ئىمكانلىرىدىن  پايدىلىنىشقا تىرىشىدۇ، بىپايان يايلاقتا ئات چاپتۇرۇۋاتقان چەۋەندازدەك،  ئۆز تىلىنىڭ مۇھىتىدا تولۇق ئەركىن بولۇشنى  ئىستەيدۇ.  ئومۇمەن ئېيتقاندا، شائىرلىق بىر كەسىپ ئەمەس، بەلكى بىر روھىي ھالەت. ئۇ بىر ئاشىقلىق. بىر قىزنى قانداق ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمىزنى دەپ بېرىش ئاسان، ئەمما شېئىرنى نېمىشقا ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈش قىيىن.

باھا يېزىش