بىر ئىنساننىڭ ھاياتى قاچان ئۆزگىرىدۇ؟

بىر ئىنساننىڭ ھاياتى قاچان ئۆزگىرىدۇ؟

سوقرات: بىلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن چاغدا؛

سېنىكا: قابىلىيىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن چاغدا؛

دوستويىۋىسكى: ئۆزى يالغۇز ئازاب چەككەن چاغدا؛

نېتزى: ئۆزىدىن ھالقىغان چاغدا؛

سارترې: ئەركىنلىكىگە ئىشەنگەن چاغدا؛

ۋىكتور فرانكىل: ھاياتىدىن مەنە تاپقان چاغدا؛

شوپىنخاۋېر: ئىرادىسىدىن ھالقىغان چاغدا؛

سىيوران: ئۆلگەن چاغدا؛

سپىنوزا: ئەركىنلىكىمىزدىن ئەمەس، زۆرۈرىيەتتىن ئۆزگىرىمىز؛

مىلان كۇندىرا: بۇ دۇنيانى ئوڭشىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن چېغىمىزدا ئۆزگىرىمىز؛

سىمون بوۋېر: بىر ئادەم ئىچىنى تۆككەن چاغدا؛

كارل يۇڭ: ئۆزىمىزنى چۈشەنگەن، قاباھەتلىك تەرىپىمىزنى ۋە يامانلىقنىڭ ئۇرۇقلىرىنى كۆرگەن چاغدا؛

خارۇكى مۇراكامى: جۇدۇن-چاپقۇن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قانداق چىققانلىقىڭىزنى، قانداق ساق قالغانلىقىڭىزنى ئەسلىيەلمەيسىز. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، جۇدۇن-چاپقۇندىن ئاۋۋالقى سىز بىلەن كېيىنكى سىز ئوخشىماي قالىسىز؛

ھەر كۈنى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا ئىنسان ئۆزگەرمەي تۇرالامدۇ؟

ئىنسان بىر نەرسە ئوقۇغانچە، ساياھەت قىلغانچە، ئۆزىنى بېيتقانچە نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ؛ ياشاپ كۆرگەنچە، تەجرىبىسى ئاشقانچە، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنى يېڭىلىغانچە ئۆزگىرىدۇ؛

پىسالوت شۇنداق دەيدۇ: ھاياتىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى مۇمكىن، قارايدىغان بولساڭ سەندىكى ئاڭ ۋە ۋىجدانمۇ توساتتىن ئۆزگىرەلەيدۇ؛

باھا يېزىش