ئۈچ يىل بۇرۇن ئېلون ماسك 44 مىليارد دوللار پۇل خەجلەپ، تىۋىتتېرنى سېتىۋالغاندا پۈتۈن دۇنيا ئۇنى ساراڭ بوپتۇ دېدى. بۇ چاغدىكى تىۋېتتېر كېلەڭسىز، ئۈنۈمسىز بىر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، تارتقان زىيانلىرى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانىدى. ھالبۇكى، ئېلون ماسك تىۋىتتېرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەتتىكى بىر ئالاقىلىشىش سۇپىسىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدىكى خىزمەت بازىرىنى سىناق قىلىدىغان بىر مەيدانغا ئايلاندى.
ئېلون ماسكنىڭ بىرىنچى قىلغان ئىشى كومپيۇتېر ساھەسىنى ھەيران قالدۇردى، ئۇ بىر قېتىمدىلا 6000 ئادەمنى قىسقارتتى، بۇ تىۋېتتېردا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلاتتى. تاراتقۇلار ئېلون ماسكنى «كىشىگە رەھىم قىلىشنى بىلمەيدىغان گۇي» دېيىشتى، ۋال سترېت كوچىسىدىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇنى پات ئارىدا ۋەيران بولىدۇ دەپ قارىدى. ئەمما بۇنىڭ ئارقىسىدا ئېلون ماسكنىڭ سوققان پىلانى بار ئىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ قابىل ياردەمچىلىرىدىن سىتېف دەۋىس بىلەن نەۋرە ئىنىسى جامېس ماسكنى تىۋېتتېرنىڭ بېشىغا قويدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تىۋېتتېردىكى ئەڭ قالتىس خىزمەتچىلەرنى تاللاش ئىدى. ھەر بىر خىزمەتچى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىشى ھەم شىركەتتە قېلىشقا لايىقلىرىنى تونۇشتۇرۇشى كېرەك ئىدى.

بۇ، ئېغىر ھەم ئەمەلىي سىناق ئىدى. ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن شىركەتلەر تەكرار ئىشنى جىق قىلىپ، ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە، سەرخىللاردىن تەشكىللەنگەن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى تىۋېتتېرنىڭ پۈتكۈل ئىشىنى ماڭدۇرالايتتى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە زامانىۋى كارخانىلاردىكى ماھىيەتلىك بىر مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەردى: ھازىرقى شىركەتلەر سۈنئىي ئەقىل بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى قۇرۇلغان شىركەتلەر بولۇپ، بىر-بىرىنى باشقۇرىدىغانلار كۆپ، تەستىقلاش ئىشلىرى كۆپ، ئاپتوماتلاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئىشلارنىمۇ قولدا قىلىدىغان شىركەتلەر ئىدى. ئېلون ماسك بۇ خىل توساقلارنىى پۈتۈنلەي يوقاتتى، ئۇ ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ يېڭىلىدى. ئالدى بىلەن شىركەتنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىدىكى مەمۇرلارنى چىقىرىپ تاشلىدى؛ ھەر بىر قارارنى 20 كىشى تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كىچىك-كىچىك سەر خىللار گۇرۇپپىسى ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىدىغان ۋە قارار قىلىدىغان تۈزۈمنى ئورناتتى، بۇنىڭ بىلەن ئىش ئۈنۈمى تېزلەشتى. بۇرۇن نەچچە ئايدا پۈتىدىغان ئىشلار بىر نەچچە سائەتتىلا تاماملىنىدىغان بولدى. ھالبۇكى، بۇ پەقەت ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاپتوماتلىشىش ئىنقىلاۋى باشلاندى. بۇرۇن تىۋىتتېرنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرۈشكە چوڭ گۇرۇپپىلار مەسئۇل بولاتتى، ھازىر ئۇنىڭغا سۈنئىي ئەقىل ئىشلىتىلىدىغان بولدى. يېڭى سىستېما تىۋىتتېردىكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلالايتتى، خاتالىق ئاز كۆرۈلەتتى، يەنە كېلىپ ناھايىتى ئاز چىقىم بىلەن نۇرغۇن ئىشنى پۈتتۈرگىلى بولاتتى.
ئېلون ماسكنىڭ مەقسىتى ئاپتوماتلاشتۇرۇشلا ئەمەس ئىدى، ئۇ «چۈشەندۈرەلەيدىغان سۈنئىي ئەقىل» دەپ نام بەرگەن بىر سۈنئىي ئەقىلنى تىۋىتتېرغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى ھەممىگە ئايان قىلدى. بۇ پەقەت ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش مەسىلىسى ئىدى.
بۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۈنۈمى كىشىنى ھەيران قالدۇردى: ئۇ مەزمۇنلارنى ناھايىتى توغرا ئايرىپ بېرەلەيتتى؛ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا پاراسەتلىك ئىدى؛ ئابونتلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ۋاقتىدا توپلاپ ماڭاتتى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، بۇ سىستېما شىركەتنىڭ نازارەتچى خىزمەتچىلىرىدىنمۇ سالماق ۋە ئادىل ئىشلەيتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىش تېخىمۇ چوڭ بولدى: تىۋىتتېر تامامەن سۈنئىي ئەقىلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان خىزمەت لىنىيەسىگە يۈزلەندى؛ مەزمۇن تونۇشتۇرۇشتىن تارتىپ، ئېلان بېرىشكىچە ھەر بىر خىزمەت ھالقىسى سۈنئىي ئەقىل بويىچە قايتا شەكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن، شىركەتتىكىى ئىنسانلار تېخىمۇ يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارغا يۈكسەلدى.

بۇ بىر مەيدان ئىنقىلاپ تىۋىتتېرنىڭ تىجارىتىنى ماڭدۇرۇش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. بۈگۈنكى تىۋىتتېر سۇپىسى تېخىمۇ ئەپچىل، ئۈنۈملۈك، ئىش بېجىرىش سۈرئىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تېز. بۇرۇن تىۋىتتېر سۇپىسىنى تەڭشەشكىلا نەچچە ئاي كېتىدىغان بولۇپ، ھازىر بىر نەچچە كۈندىلا ھەل بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ تەسىرى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. ئېلون ماسكنىڭ تاكتىكىسى پەقەت تەننەرخنى ئازايتىشلار ئەمەس. ئۇ سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق شىركەت ماڭدۇرۇش دەۋرىنى باشلاپ بەردى، كىچىككىنە گۇرۇپپىغا غايەت كۈچلۈك قورالنى (سۈنئىي ئەقىلنى) سەپلەش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى شىركەت رامكىسىدىن ھالقىپ كەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، كەلگۈسى خىزمەت بازىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئەنئەنىۋى كارخانا خوجايىنلىرى ۋاقتى ئۆتكەن تەشكىلىي قۇرۇلمىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. ئۇلار غايەت كېلەڭسىز باشقۇرۇش سىستېمىسىدا، كونا خىزمەت ئۇسۇلىدا، قولدا قىلىنىدىغان تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئىش تەرتىپىدە چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ شىركىتى بۇنداق ئۆزگىرىشتىن بەرىبىر قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار ماڭىدىغان يولى ھازىر ناھايىتى ئېنىق بولۇپ قالدى: سۈنئىي ئەقىل دەۋرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى ، بىرىنچىدىن ئىنسانلارنى ئىستراتېگىيەلىك خىزمەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان قىلىش؛ ئىككىنچىدىن، سۈنئىي ئەقىل تەدبىرىنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، كىچىك ئەمما سەر خىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ چىقىش؛ تۆتىنچىدىن، شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى چوڭ كۆلەملىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش.
ئۆزگىرىشكە ماسلىشالىغان شىركەتلەرلا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنالايدۇ، ئۆزگىرىشنى رەت قىلغان شىركەتلەر بولسا شاللىنىپ كېتىدۇ.
فېسبوك، ۋاتساپ، ئىنستاگرام قاتارلىق ئەپلەرنى قوشۇپ مېتا گۇرۇھىنى قۇرغان زاكىربەگ بۇنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، 7 يىلدىن بۇيان قۇرۇپ چىققان قول ئارقىلىق مەزمۇن تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئېلون ماسكنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تور مەزمۇنى تەكشۈرۈش مودېلىنى قوللاندى. كېيىن مەلۇم بولغان بەزى ئىچكى ئۇچۇرلار ئۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئاشكارىلىدى:
سەككىز يىل بۇرۇن مېتا بىر ئىجادىي پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ساختا ئۇچۇرلارغا زەربە بەرمەكچى، شۇ ئارقىلىق سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلىشىشىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى. ئۆتكەن 7 يىلدىن بېرى مېتا گورۇھىدىكىلەر بۇ ئۇسۇلىدا چىڭ تۇردى. ئەمما ئۆتكەن يىلى ھەممە نەرسە ئۆزگەردى. مېتا گۇرۇھىدىكىلەر مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى توختاتتى. بۇنىڭ ئورنىغا ئۇلار تور بېتىدە «ئابونتلار توپى ئىزاھاتى» ئىقتىدارىنى قوللىنىپ، ئابونتلارنى خاتا ئۇچۇرلارغا ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرلىرىنى قوشالايدىغان قىلدى. زاكىربەگ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ:«ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بەك سىياسىيلىشىپ كەتتى» دېدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا باشقا بىر پىلان بار ئىدى.
مېتانىڭ 7 يىللىق ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىپ، نىشانىنى ئۆزگەرتىشى كومپيۇتېر ساھەسىدىكىلەرنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى. مېتانىڭ قوللانغان ئۇسۇلى كىشىلەرگە بەك ناتونۇشمۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلار پۈتۈنلەي تىۋىتتېر قوللانغان ئۇسۇلنى قوللانغانىدى.

بىز ئالدى بىلەن تىۋىتتېرنىڭ مەزمۇن تەكشۈرۈش سىستېمىسىغا قاراپ باقايلى: 2023-يىل تىۋىتتېر 530 مىڭ ئابونتنى چەكلىدى، 10 مىليون 600 مىڭ ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى.
ئەمەلىيەتتە، تىۋىتتېر سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئابونتلار توپى ئىزاھاتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغانىدى. ئابونتلار خاتا ئۇچۇرلارنىڭ تېگى-تەكتىگە ئىزاھات بېرەلەيتتى. ھالبۇكى، بۇ ئۇسۇل ئەنئەنىۋى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىدى.
زاكىربەگ پۈتۈنلەي ئېلون ماسكنىڭ تاكتىكىسىنى قوللاندى: ئۇ مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ ئورنىغا «ئابونتلار توپى ئىزاھاتى» ئىقتىدارىنى قوللىنىپ، ھەقىقەتنى ئۇلارنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا يول قويدى. بۇ ئەمەلىيەتتە، تىۋىتتېرنىڭ مودېلىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ئىدى.
بۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى:
سەككىز يىلدىن بۇيان مېتانىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش سىستېمىسى ساختا ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى ئازلىتىشقا ياردەم بەرگەنىدى. ئەمما ھازىر مېتانىڭ ئابونتلىرى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، تور سۇپىسىنى تەكشۈرۈش مەنتىقىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. زاكىر بەگ بۇنداق قىلغاندا توردا ناچار مەزمۇنلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى. ئەمما زاكىربەگنىڭ نەچچە ئون مىليارد دوللار خەجلەپ تىۋىتتېر مودېلىنى كۆچۈرۈپ كېلىشى، ئۆزلىرى 7 يىلدىن بېرى ئىشەنگەن تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىش خەتىرىگە تەۋەككۇل قىلىشىنىڭ كەينىدە بىز بىلمەيدىغان يەنە قانداق سىرلار بار؟
ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت تور مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تور دۇنياسىدا يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان ھەقىقەتنى تونۇش مەسىلىسىدۇر.
تىۋىتتېر، يەنى ھازىرقى ئېكس قا ئەگىشىپ كېتىۋاتقان مېتا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى دوغا تىكتى، بۇ دونىڭ خەتىرى چوڭ ئىدى. مېتانىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پىكىر ئەكىنلىگىلا ئەمەس،ئېكس قا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدى. يەنى ئۇلار تور دۇنياسىدىكى پىكىر مۇھىتىدىن بەكرەك، سۈنئىي ئەقىلنىڭ كۈچىدىن قانداق پايدىلىنىشنى مۇھىم نىشان قىلغانىدى.
(ئېكس تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

باھا يېزىش