قورققان يەردە جىن بارمۇ؟

شىۋېتسارىيەلىك روھىي كېسەللەر دوختۇرى،  پىسخولوگ كارىل يۇڭنىڭ «قورققان يېرىڭدە سەن قىلىدىغان بىر ئىش بار» دېگەن مەشھۇر سۆزى بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆزىنى بايقىشى ھەققىدە مۇھىم بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزىدۇ. كارىل يۇڭنىڭ قارىشىچە، قورقۇنچ بىز قاچىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ھاياتىمىزدا نېمىگە بەكرەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە سىگنال بېرىدىغان نەرسە. قورققان ۋاقتىمىزدا خەتەرگە يۈزلىنىشتىن، يارىلىنىشتىن ياكى گۇمان-ۋەھىمىدىن قېچىپ، ئۇنىڭغا يېقىن بارالمايمىز. ھالبۇكى، بۇ نەرسىلەر دەل بىزنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەڭ ھالقىلىق نەرسىلەردۇر. شۇنداق ئەھۋالدا قورقۇنچ بىزنى يېتەكلەيدۇ، ئىچىمىزدىكى قاپقاراڭغۇ غارنى—يوشۇرۇن بوشلۇقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ھەمدە باتۇرلارچە ئالغا مېڭىشىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ. شۇنداقلا قورقمىغىچە  قورقۇنچتىن ھاياجانلىنىشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنىسى ئاجايىپىكى، نېمىدىن قورقساڭ ئۇ سېنىڭ خىيالىڭدا قاپاقتىن چىققان دىۋىدەك يوغىناپ بارىدۇ، كۆز ئالدىڭنى توسۇۋالىدۇ، پۇت-قولۇڭنى پالەچ، تىلىڭنى كالۋا قىلىدۇ. بۇنى قوبۇل قىلىپ، ئىچىڭدىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە دادىل كىرەلىسەڭ، ھاياتىڭدا مۇھىم بىر قەدەمنى باسقان بولىسەن. سېنى قورقۇتىدىغان ئىشلار، مەسىلەن سۆز-ئالاقىدىكى قىيىنچىلىق، كەسىپتىكى مەغلۇبىيەت، روھىي جەھەتتە زەربىگە ئۇچراش دېگەنلەرگە دادىل يۈزلىنىش ئارقىلىق ئۆزەڭنى كونترول قىلىش قەدىمىنى باسالايسەن.

نەتىجىدە،  قورقۇنچ سېنىڭ ئەڭ مۈشكۈل ئىشلارنى روياپقا چىقىرىشىڭغا يېتەكچى بولىدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. قورقۇنچتىن پايدىلىنىپ مۈشكۈلاتنى ئورۇنلاش قىيىن، ئەمما ئۇ سېنى چىدامچان، ئەقىللىق ۋە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن پايدىنالايدىغان ئادەم قىلىشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. كارل يۇڭ شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئادەمدىكى ئۆزگىرىش ئۇ كۆنۈپ قالغان راھەت مۇھىتتا ئەمەس، ئۇ ئەڭ قورققان ۋە قەدەم بېسىشنى خالىمايدىغان يەردە يۈز بېرىدۇ ۋە شۇ نۇقتىدىن باشلىنىدۇ.

تەرمىلەرژۇرنىلىدا مۇنداق بىر ماقالىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، ساقچى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر ئادەمنى ئىككى خىل ئۆلۈش ئۇسۇلىدىن بىرنى تاللاشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش، ئىككىنچىسى، قاراڭغۇلۇققا ئىتتىرىلىش. بىرىنچى ئۇسۇلدىكى ئۆلتۈرۈلۈش ئۇسۇلى ئېنىق بولۇپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم ئادەم مېڭىسىگە ئوق يەپ ئۆلىدۇ. ئىككىنچى ئۇسۇلدىكى ئۆلتۈرۈلۈش ئۇسۇلى مەۋھۇم بولۇپ، ئۇنىڭدا جىنايەتچى بىر ئىشىكنى ئاچىدۇ، قاراڭغۇلۇققا ئىتتىرىلىدۇ، قاراڭغۇلۇقتا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى،جىن-ئالۋاستىنىڭ بوغىدىغانلىقى، يىلان-چايان چاقىدىغانلىقى ياكى بىرەر يىرىتقۇچنىڭ ئۇنى پارچىلايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. مەھكۇم بۇ قاراڭغۇلۇقتا بېشىغا نېمىلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ساقچىمۇ ھېچنېمە دېمەيدۇ. پەقەت قاراڭغۇلۇقتىن قورقمىسىلا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەمما مەھكۇم بۇنىڭغا ئىشىنىپ كەتمەيدۇ، ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىنكى قاراڭغۇلۇقنى ئويلىغانچە خىلمۇ خىل قورقۇنچلۇق تەسەۋۋۇرلار كاللىسىغا كېلىۋالىدۇ، ئۇزاق ئويلىنىش ۋە ئىككىلىنىشتىن كېيىن ئاخىر مېڭىسىگە ئوق يەپ ئۆلۈشنى، كاللىسىدىكى ۋەھىمىدىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى تاللايدۇ. ساقچى ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئەسلىدە ئۇ قاراڭغۇلۇقتىن قورقۇپ كەتمىگەن بولسا، تەۋەككۇل قىلغان بولسا، بىر قانچە توساق ۋە پالاكەتتىن ئاتلاپ ئۆتەلىگەن بولسا، جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالاتتىكەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ قورقۇنچىغا، ئۆزى ئۇلغايتقان ۋەھىمىگە يېڭىلگەن بولۇپ، قورقۇنچنىڭ ئېغىر بولغىنىدىن يېنىك بولغىنىنى، يەنى مەۋھۇم بولغىنىدىن ئېنىق بولغىنىنى تاللاپ ئۆلگەن. بۇنىڭدىن پىسخولوگلار شۇنداق يەكۈن چىقارغانكى، ئىنسانلار .مەۋھۇم نەرسىدىن، بىلىنمىگەن نەرسىدىن قورقىدۇ. ئۆزىگە تونۇش ياكى تونۇشراق بولغان نەرسىدىن قورقۇپ كەتمەيدۇ

قورقۇش ھەر جانلىقتا بولغىنىدەك، ئىنساندىمۇ تۇغۇلۇشىدىن بار بولغان رېفلىكىس، يەنى تەبىئىي ئىنكاستۇر. يول بويىدا ياكى ئورمانلىقتا كېتىۋاتقاندا، شىپىر-شىپىر قىلغان بىر تىۋىشنى تۇيساق، يۈرىكىمىز ئاغىدۇ، بۇ تۇيغۇغا ھاكىم بولالمايمىز، ئۇ تەبىىئي ئىنكاستۇر، چۈنكى مېڭىمىزنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى بىزنى سىرتقى تەھدىت ۋە خەتەردىن قوغداش. ئەگەر ئۇ تىۋىشنى چىقارغان نەرسىنىڭ يولۋاس ئەمەس، چاشقان ئىكەنلىكىنى بىلسەك يۈرىكىمىز جايىغا چۈشىدۇ؛ بىلەلمىسەك، تاكى ئۇ نەرسىنى ئۆزىنى كۆرسەتكىچە  قورقۇنچ، ۋەھىمە ئىچىدە ماڭىمىز.  ھالبۇكى ئىنسان بىلەن ھايۋانلارنىڭ قايسىسى بەكرەك قورقۇنچاق دېگەن مەسىلىنىڭ جاۋابىنى بىلمەيمىز. ئۆلۈمدىن قورقۇشتا ئىنسان ھايۋاندىن بەكرەك قورقۇنچاق بولۇشى مۇمكىن، نېمىشقا دېگەندە ئىنسان ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئاقىۋەتنى ئويلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، بىلمىگەنچە كۆپ ئويلايدۇ ۋە خىلمۇ خىل تەسەۋۋۇرلارنى قىلىدۇ.  قەبرە، ئاخىرەت، جەننەت، جەھەننەم مەنزىرىسىدىن  ئېنىقلىق ئىزدەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىنسانلار  ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئاقىۋەتنى ئۇنچە كۆپ ئويلىمىغان بولسا ئىدى، دىن دېگەن نەرسە بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى.  بۇ …يەردىمۇ ئىنسانلارنىڭ مەۋھۇملۇقتىن، قاراڭغۇلۇقتىن قورقۇپ، ئېنىقلىققا، يورۇقلۇققا ئىنتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ

قورقۇنچنى قانداق قىلغاندا كۈچكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، يەنى قانداق قىلغاندا قورقۇنچتىن پايدىلانغىلى بولىدۇ؟ پىسخولوگلار بۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئەمما ئۇنى مۇمكىن قىلىش ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. يېڭەلەيدىغان قورقۇنچ  بولىدۇ، يېڭەلمەيدىغان قورقۇنچ بولىدۇ، يېڭەلمەيدىغان قورقۇنچ چوڭقۇر پىسخىك تىندۇرما، پىسخىك توسالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ مەنبەسى پىسخىك يارا، تىراۋما بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەر ئېگىزلىكتىن قورقىدۇ، بەزىلەر سۇدىن قورقىدۇ، بەزىلەر ئوتتىن  قورقىدۇ، بەزىلەر تام بېسىۋېلىشتىن قورقىدۇ، بەزىلەر سەھنىگە چىقىشتىن، جىق ئادەم ئالدىدا گەپ قىلىشتىن قورقىدۇ، بەزىلەر جىندىن قورقىدۇ،  بەزىلەر چوڭقۇر ئورەككە چۈشۈپ كېتىشتىن قورقىدۇ. ھېلىقى مەھبۇسنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن قورقۇشى ئەنە شۇنداق يېڭەلمەيدىغان پىسخىك توسالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆرە،  ئاقىۋىتى ئېنىق بولمىغان قاراڭغۇلۇققا موللاق ئاتقاندىن، بىر پاي ئوق يەپ ئۆلگەن ئەۋزەل. دەپنە مۇراسىمىدا جىق ئادەم ئالدىدا گەپ قىلىپ مازاققا قېلىشتىن قورققان ئادەم مېيىت ساندۇقىدىكى جەسەت بولۇشنى ئارزۇ قىلىشى مۇمكىن. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ . كارىل يۇڭغا ئوخشاش پىسخولوگلار قورققان يەردە بۈيۈك بىر غەلىبىنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، ئەمما قورققانلىرى قوش كۆرۈنىدىغان، قورقۇشنى ھەسسىلەيدىغان، ۋەھىمىدىن كۆزلىرى پىلدىرلاپ قالغان ئىنسانلارغا بۇ گەپلەر تەسىر قىلمايدۇ.  بەزى پىسخولوگلار قورققان ئىشىڭنى قىل دەپ رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئەمما تىراۋما ، پىسخىك توسالغۇغا ئۇچرىغان ئىنسانلار ئۇ قاراڭغۇ ئىشىكتىن كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى پىسخىك توسالغۇنى ئۆرۈپ تاشلىشى كېرەك، ئەمما بۇ ھەرىكەت ئۇنىڭدىن ئۆلۈمدەك قاتتىق جۈرئەت تەلەپ قىلىدۇ.

 

باھا يېزىش