تۇنجى كىتابىم

تۇنجى كىتابىم 1999-يىل مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «جان ئوتى» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى بولدى.  بۇ كىتاب نەشىر قىلىنىش ئالدىدا «تەڭرىتاغ»، «تارىم» قاتارلىق ژۇرناللاردا «چاقىرىش»، «لاي سۇ ئىچكەن جانلار» دېگەن ھېكايە-پوۋېستلىرىم ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ كىتابتا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوق،  بەلكىم ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەرنى قايتا كىتاب قىلىپ يۈرمەي دەپ ئويلىغان بولسام كېرەك، ھالبۇكى بۇ كىتابتىكى پوۋېستلارنىڭ ئىككىسىنى تارىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان، بىرسىنى تېخى ئېلان قىلمىغانىدىم. بۇ پوۋېستلار مەن غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىن ئاز-تولا خەۋەر تاپقاندىن كېيىن يېزىلغان ئەسەرلەر، ئۇلاردا مېنىڭ مىلان كۇندىرا، ئالبېرىت كامۇس قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىم كۆرۈلىدۇ.  ئۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق پوۋېستلىرىم يېزىلمىدى، كىتابىممۇ چىقمىدى، نۇرغۇن سىناقلاردىن كېيىن ئۆز يولۇمنى، ئۆز ئۇسلۇبۇمنى تېپىشقا تىرىشىپ كەلدىم، تاپالىدىممۇ يوق، بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئۆتكۈنچى ھاياتتا بىر پەدىدە ياشاۋېرىش مۇمكىن بولمىغاندەك، بىر قېلىپ، بىر ئۇسلۇبتا يېزىۋېرىشمۇ مەن ئۈچۈن زېرىكىشلىك بىر ئىش. شۇڭا بۇ تۇنجى كىتابىمنى پەقەت شۇ دەۋردىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ ھاسىلاتى دەپ قارايمەن.  مەن بۇ ئەسەرلىرىمدە بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان يىللىرىمنىڭ، بېيجىڭ كۇتۇبخانىسىدا رومانلار ئوقۇپ، تەپەككۇر قىلىپ ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىمنىڭ، غەرب ئەدەبىياتىغا ئائىت خىتايچە ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تەسىرلىنىپ كۈندىلىك خاتىرە يازغان چاغلىرىمنىڭ خاتىرىسىنى كۆرىمەن، شۇنداقلا بېيجىڭدىكى ھاياتنىڭ ئىزلىرىنى، ياشلىق سەۋدالىرىنى، پەلسەپىۋى ئويلىنىشلارنى، ھېسسىياتتىكى داۋالغۇشلارنى، ئىزتىراپ ۋە ئۈمىدلەرنى ھېس قىلىمەن.

باھا يېزىش