زاماننىڭ ئېقىشى، ئاپەتنىڭ كېلىشى

ھەممە نېمە، ھەتتا غەملەرمۇ كونىرايدىكەن؛ ھېلى بولغان ئىش ھېلى يوقايدىكەن، بايا بولغان ئىش قايتا تەكرارلانمايدىكەن، كەچمىشنىڭ ئەينەن  قايتىلىنىشى مۇمكىن ئەمەسكەن ، شۇڭا ”بۇمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ“ دەپ ياشايدىكەنمىز ۋە ھامان ئالغا قاراپ ماڭىدىكەنمىز، ئۆلۈم ئالدىمىزدا،ئۆلۈم پۈتۈن سۈرۈك بىر ئادەمنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى بۇ دۇنيادىن تارتىپ چىقىرىدىكەن،  سوغۇق ھاۋا ئۆيدىكى ئىسسىق ھاۋانى قوغلاپ چىقىرىدىكەن، كۈندۈز كېچىنى قوغلاپ ھارمايدىكەن.

ئۆزىنىلا ئويلاپ ياشايدىغان ۋە بۇ دائىرىدىن قۇتۇلالمىغان ئىنسان ۋەتەن، مىللەتنى چوڭ گەۋدە،چوڭ ئۇقۇم، چوڭلۇقىدىن كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئابستراكىت نەرسە، ھەتتا ئېغىر يۈك دەپ ئويلايدۇ، كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيدۇ، مۇستەقىل دۆلىتى بولۇشنى يىراقتىكى ئالۋۇن، ئۇيقۇلۇقتىكى چۈش، ئويغاقلىقتىكى تەسەۋۋۇردەك ھېس قىلىدۇ. ئەگەر راستىنلا دۆلىتى بولۇپ قالسىمۇ ھاياجاندىن يۈرىكى يېرىلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى بۇ دۆلەتنى قايسى كۈچ، قايسى ئېقىم، قايسى تائىپە تۇتۇپ تۇرار؟ مىللەتچىلەرمۇ ياكى دىنچىلارمۇ؟ دېموكراتچىلارمۇ ياكى شەرىئەتچىلەرمۇ؟  خىتايپەرەسلەرمۇ ياكى غەربپەرەسلەرمۇ؟ بۇ دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، سىياسىي تۈزۈمى، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى قانداق بولىدۇ؟  ھەربىي كۈچى  تېز ئارىدا قانداق شەكىللىنىدۇ؟ ئارقا سەپتىن  كىم قوغداپ، كىم  كۈچلەندۈرىدۇ؟ ئامېرىكىمۇ ياكى  رۇسىيەمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلايدۇ

ئەللىكىنچى يىللاردا بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ”چوشقىغا قارىغاندا ئېيىق ياخشىراق ئىدى“  دەپ ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كەتكەنىكەن،  بۇنى ئاشكارە دەپ سالغانلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانىكەن. دېمەك، ئۇلار  بۇ قىزىل كۆز چوشقىلارنىڭ يەپ تويمايدىغانلىقىنى، قولىغا چۈشكەن ئولجىنى يەپ تۈگەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن. ھەر قانداق ئېسىل تاكتىكىمۇ ئۇ مەخلۇقلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھىيلە-مىكرى، قۇۋلۇق-شۇملۇققا تولغان سەۋرچانلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي كەلدى. تارىخ ئوقۇغانلار بۇنى بىلىدۇ ۋە بۇ خەتەرنى ھېس قىلالايدۇ.  يىلان مىڭ يىل ئۆتسىمۇ يەنىلا يىلاندۇر، يىلان يىلاننى يەپ ئەجدىھا بولغاندۇر، ھازىر بۇ مەخلۇق تولىمۇ كۈچلىنىپ دۇنياغا پاتمايۋاتقان غايەت زور ئاپەتكە ئايلاندى. ئۇ گاھىدا غىلجىڭ پاھىشىدەك تولغىنىپ نەپسى بالا ئىنسانلارنىڭ مەيلىنى تارتىدۇ، گاھىدا تۈلكىدەك ھىجىيىپ ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرنىڭ ئالدىدا قۇيرۇق شىپاڭلىتىدۇ، ئاجىزلارنى كۆرگەندە قورقىتىپ غالجىر ئىتتەك تالايدۇ. ئاندىن قاناتلىرىنى توزدەك كېرىپ، بەدبەشىرە يەرلىرىن يېپىپ، خەقنىڭ كۆزىنى بويايدۇ. كۆتى ئېچىلىپ قالسىمۇ نومۇس قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا نومۇس دېگەن نەرسە يوقتۇر. بىرلا ۋاقىتتا 72 خىل ئۆزگىرەلەيدىغان بۇنداق ”كارامەت“  باشقا مەخلۇقاتتا ھەم يوقتۇر. ئۇ نەدە يېشىللىق، نەدە گۈزەللىك بولسا شۇ يەرنى بۇلغاپ، سېسىتىپ قۇرۇتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ دەستىدىن  ئاسماندا قۇش، كۆلدە پاقا قالمىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن ياشاپ قالغان ئىنسانلارمۇ بىر-بىرلەپ يەم بولماقتا ياكى يەم بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. شۇنچە يىل بۇ مەخلۇقنىڭ تەبىئىتىنى يېقىندىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭدىن يىرگىنمەسلىك ۋە ھەزەر ئەيلىمەسلىكنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئەگەر چۈشىنىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى سەتەڭلەر ھىيلىسىگە ئالدانغان، يەنى غىلجىڭ  تەتەيدىن يىرگىنىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ بەدىنىدىن كېچەلمىگەن نەپسانىيەت ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولىدۇ.

 ئۇلارنىڭ تارىخىغا نەزەر سالساق، لاۋزىنىڭ تەۋھىد دىنىغا يېقىنلاشقان تەلىماتى كۇڭزىنىڭ بۇ دۇنياغىلا كۆڭۈل بۆلۈش تەلىماتى  تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان، يېغىلىق ۋە ئەمنىيە دەۋرىدىكى ئەركىن پىكىر مۇھىتى چىن شىخۇاڭنىڭ كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈپ، ئۆلىمالارنى دارغا ئېسىش جازاسى بىلەن ئاياغلاشتۇرۇلغان.  2000 يىلدىن بۇيان ئۇلار جان ساقلاش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاسىتىدىن يانمايدىغان، مايقۇرتتەك دەسسىلىپ، مىجىلىپ ئۆلەي دەپ قالسىمۇ ساق يېرىدىن تىرىلىپ كۆپىيىدىغان، قۇرتتىن قوڭغۇزغا، يىلاندىن چايانغا ئايلىنىش ئۈچۈن كۈچەيدىغان ۋە بۇ يولدا ھېچنېمىدىن يانمايدىغان ئاجايىپ مەخلۇقلارغا ئايلاندى.  ئۇلارنىڭ بېشىغا دەسسەشكە قادىر بولالىغان شىمالدىكى مىللەتلەر، قالماق، مانجۇلارمۇ ئۇلارغا— قۇرتتەك يۇمشاق، پوقتەك يېپىشقاق بۇ نىجىس كۈچكە ئەل بولدى،  پادىشاھلىرى ئۇلارنىڭ سەتەڭلىرىنىڭ قۇچىقىغا چۈشتى، مىكىجىن خانىشلار قالماق ۋە مانجۇ پادىشاھلىرىنى چىشى ئۆمۈچۈكتەك چىرماپ، تومۇرىدا  ئۇلارنىڭ قېنى ئاقىدىغان ھارامزادىلەرنى توختىماي تۇغۇپ، ئۇلاردەك سۆزلەيدىغان، ئۇلاردەك ئويلايدىغان ھۆكۈمدارلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ بەردى. قېنىدا جەسۇرلۇق قالمىغان ئۇ تائىپىلەر بۇ يۇمشاق كۆرۈنگەن مەخلۇقلارنىڭ  تاپىنىدا ئەيلەندى، چەيلەندى، قېنى ئارىلىشىپ چېكەتكىدەك كۆپەيدى.

كۇڭزىنىڭ كۈچ-ھوقۇققا تەزىم قىلىش ئىدىيەسىنى دەستۇر قىلغان، ”تەختىراۋاندا ئولتۇرغۇچىلار بىلەن تەختىراۋاننى كۆتۈرگۈچىلەر“ مەپكۇرىسىگە مەھكۇم بولغان بۇ مەخلۇقلارنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى بۈگۈنگىچە ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرمەكچى بولغان يۈەن شىكەيدىن تارتىپ، چىن شىخۇاڭغا ھەۋەسلەنگەن ماۋ زېدۇڭغىچە ھېچقايسىسىنىڭ كاللىسى ھەقىقىي ئۆزگىرىپ باقمىغان،  دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيىلىرىنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ باقمىغان، بەلكى  ھاكىمىيەتكە ئېرىشىش، كۈچ-ھوقۇقنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىش ئۈچۈن بۇ ئىدىيەلەردىن ۋاقىتلىق پايدىلانغان. ئۇلارچە بولغاندا، دېموكراتىيە، ئادالەت دېگەنلەر تامامەن پەرەڭلەرنىڭ نەرسىلىرى بولۇپ، ئۇلارغىلا ماس كېلىدۇ،  خىتايغا ماس كەلمەيدۇ. مەيلى چىن شىخۇاڭ، تاڭ تەيزۇڭ، جۇ يۈەنجاڭ بولسۇن،  ياكى ماۋزېدۇڭ، جاڭ زېمىن، شى جىنپىڭ بولسۇن، يەندى خۇاڭدى پۇشتىلىرىنىڭ قۇللۇققا كۆنۈپ كەتكەن، پادىشاھنى تەڭرىدەك ئۇلۇغلايدىغان تەبىئىتىنى بەش قولدەك بىلىدۇ.

تارىختىن بۈگۈنگىچە بۇ مەخلۇقلاردا سىياسىي ئاڭ ۋە ئۈستقۇرۇلما ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، بۇرۇنقى  پادىشاھلىق تۈزۈم  ھازىرقى  بىر  پارتىيەلىك تۈزۈمگە، بۇرۇنقى پادىشاھ ئوردىسى ھازىرقى سىياسىي بيۇروغا، بۇرۇنقى پادىشاھ ھازىرقى باش شۇجىغا، بۇرۇنقى ۋەزىرلەر ھازىرقى  دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىغا، بۇرۇنقى ئەلەمدارلار ھازىرقى گېنراللارغا، بۇرۇنقى قەلەمدارلار ھازىرقى ھۆكۈمەت كاتىپلىرىغا ئالماشتى، خالاس.  بۇرۇن پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان، ئوردىدا قول باغلاپ تۇرىدىغان  غۇلاملار ۋە ئاغۋاتلار ھازىرقى كاستۇم بۇرۇلكىلىق خىزمەتكارلارغا ئالماشتى. قەدىمدە  پادىشاھ ياكى بەگلەرنىڭ نۇرغۇن خانىش- توقاللىرى بولسا، ھازىرقى باش شۇجى ياكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىدىمۇ سەتەڭلەر، ئاشنىلار كەم ئەمەس.  بۇرۇن پادىشاھ ۋە بەگلەرگە داللاللىق، غالچىلىق قىلىدىغان خوتۇن بېدىكلىرى ھازىرمۇ ئاكتىپ ھەرىكەتتە، ماھىيەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق،يەنى ئۇلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە شاھ- غالچا، باي-گاداي ئىدىيىسى ۋە ياشاش ئەندىزىسىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.

جان بېقىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماسلىق، يېيىش ئۈچۈن نەرسە تاللىماسلىق، ھوقۇق، پۇل ئۈچۈن ھېچنېمىدىن يانماسلىق، بۇزۇقچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ كەتسىمۇ چىقماسلىق، پايدا بەرمىگەن تەڭرىگە چوقۇنماسىق،  پايدا چىقمىغان ئادەمگە قارىماسلىق، نەپسىگە خىل كەلگىنىنى ئۇلۇغلاش، ئەخلاقنى كەمسىتىش،  ياخشى بولسا ئۆزىدىن، يامان بولسا ئۆزگىدىن  كۆرۈش،  كۈچلۈكتىن قورقۇپ ئاجىزنى بوزەك قىلىش، يامانغا بولۇشۇپ ياخشىغا كۈن بەرمەسلىك، ھىيلە-مىكىرنى پاراسەت دەپ بىلىش، رەزىللەرنى قەھرىمان دەپ كۆككە كۆتۈرۈش، ئالدىدا ماختاپ كەينىدىن غاجاش، ھەر ئىشتا بىر مەقسەت بار دەپ ئويلاش، مەن يېمىسەم، ئۇ مېنى يەۋېتىدۇ دەپ تىپىرلاش، قەستلەشنى، پۇتلاشنى مەرىپەت دەپ بىلىش…  مانا بۇلار ئۇ مەخلۇقلارنىڭ تەبىئىتىدە روشەن كۆرۈلىدىغان خۇسۇسىيەتلەردۇر. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق ئىللەت دەپ قارالسىمۇ، ئۇلاردا  ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋە  چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىللەتلەر بولۇپ، چوڭىدىن كىچىكىگىچە ئومۇملىشىپ كەتكەن، ھەتتا ئۆرپ-ئادەت بولۇپ سىڭىپ كەتكەن.

ئۇلار بىزگە مۇسەللەت بولغاندىن تارتىپ پۇت-قولىمىز چۈشەلدى، ھەممىدىن يامىنى رۇھىي قۇللۇق بولدى، بۇنىڭغا ئىمانىمىز يول قويمىدى، ئەمما بۇ ئىماننى ئەقىل بىلەن بىرلەشتۈرەلمىدۇق، مەسىلىلەرنى دۇنياۋى نەزەردە كۆزىتەلمىدۇق، پاراسەت دېگەن ئەسلىدە ئاللاھنىڭ بۈيۈك  نېمىتى ئىدى. ئىمان ساھىبلىرى قىيىن، چىگىش، ھالقىلىق مەسىلىلەرگە ئاللاھ ئاتا قىلغان پاراسەت، بەسىرەت (ئالدىن كۆرەرلىك) بىلەن قارىيالايتتى. بۇ خىسلەت مۇھەممەد ئەمىن بۇغرادا كۆرۈلگەن بولسا كېرەك. ئەمما شۇنىسى ھەقىقەتكى، دۆلەت بىرلا پاراسەت ئىگىسىنىڭ، بىرلا سىياسىيوننىڭ غايىسى بىلەنلا قۇرۇلمايدۇ، ئۇنىڭغا يانداش نۇرغۇن كىشىلەر– مەۋقەداشلار، مەسلەكداشلار،  ئەقىلدارلار، ئەلەمدارلار- قەلەمدارلار كېرەك. ماۋ زېدۇڭمۇ جىڭگاڭشەنگە چىققاندىن تارتىپ يەنئەنگە بارغىچە  ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەرنى توپلىيالىغاچقا داھىي بولۇپ، ئۇششاق-چوڭ كوممۇنىست مۇرىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى باپلاپ، ھەتتا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت كاتىۋاشلىرىنى ئالداپ مەقسىتىگە يېتەلىدى.

تارىخىمىزدا  ئەخمەتجان قاسىمدەك سىياسىيونلار، سابىت داموللىدەك دانا ئۆلىمالار ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇلار يالغۇز كەلدى، سىياسىي قىسمەتنىڭ تەتۈرلۈكى بىر سەۋەب، ئۇلارغا بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ھەمدەم بولىدىغان قابىل، سەرخىل كىشىلەر كەم بولدى. سابىت داموللىغا خوجانىياز ھاجى يېقىن كەلمىدى، ئەخمەتجان قاسىمغا گومىنداڭ ئەۋەتكەن ئەپەندىلەر يېقىن كەلمىدى… بۈگۈن يەنە بىر كىملەرگە بىر كىملەر يېقىن كەلمەي سۈركىلىشىپ يۈرىدۇ. بۇمۇ دېموكراتىيەمىش، ھەر كىم ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇپ ئاخىرقى ھېسابتا بىرلىشەرمىش، خۇددى كومپارتىيە ھەر جايدىن يەنئەنگە يىغىلغانغا ئوخشاش؛ لېكىن  كومپارتىيەنىڭ رەزىل نىشانى، ساختا پروگرامىسى، ئالدامچى سىياسىتى ئەزەلدىن بىردەكلىككە ئىگە  ئىدى.

      مەلئۇن ئاپپاق خوجا زامانىدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن جاھالەت، تەپرىقچىلىق،  ئىچكى نىزا، قۇللۇق، قاششاقلىق،  قوزغىلاڭدىكى مەغلۇبىيەت، كونا ئىللەتلەرنىڭ كاشىلىسى، كونا خاتالىقلارنىڭ تەكرارلىنىشى  روھىمىزنى سۇندۇردى،  دىنىي تەپرىقچىلىق، ئەقىلسىزلىق، ئەسەبىيلىك يەنىلا داۋام قىلماقتا،  ئىنسانلارنىڭ بەختى ئۈچۈن كەلگەن مۇبارەك دىن قاچاندىن بېرى ئىنسانلارنى بىر-بىرىنى يەكلەشكە، بىر-بىرىنى چەكلەشكە، بىر-بىرىنى قورقىتىشقا، بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە دەستەك بولىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى؟ تارىختا ھەزرىتى ئەلىدىن نەپرەتلىنىپ ئايرىلىپ كەتكەن خاۋارىچلار بىلەن تۈنۈگۈنكى فاشىستلار، بۈگۈنكى دائىش، خاماس ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زوراۋانلىقى، ئەسەبىيلىكى نېمىدېگەن ئوخشاش؟  «پۈتۈن دۇنيا پرۇلتارلىرى» بىرلىشىڭلار دېگەن كوممۇنىزىم شوئارى بىلەن «پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىرلىشىپ خىلاپەت قۇرۇڭلار» دېگەن بىمەنە ئىدىئولوگىيە نەقەدەر ئوخشاش؟  دىن ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن  كەلگەنمۇ ياكى  ئىنسانلارنىڭ دىننى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ  بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشى ئۈچۈن كەلگەنمۇ؟  شۇنچە مۇئەززەم كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان  ئاللاھ  ئىنسانلاردىن شۇنى تەلەپ قىلامدۇ؟  ياغلىق-ھىجاپ-نىقاپ مەسىلىلىرى قاچاندىن بېرى ئىمانغا   تاقىشىدىغان،  مۇسۇلمانلارنى توختىماي مەشغۇل قىلىدىغان سەزگۈر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى؟ بۇ بىر ئۇلۇغ دىننى مەسخىرە قىلغانلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلى بىلەن ئويناشقانلىق بولماي نېمە؟  «دىنغا كىرىش ئەركىنلىك، ئەمما كىرگەندىن كېيىن ئەركىنلىكىڭ يوق» دېيىش خۇددى «خىتاي كومپارتىيەسىگە كىرىش ئەركىنلىك، چىقىپ كەتسەڭ ئىدىيەڭدە مەسىلە بار»  دېگەنگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟   شەكلى ئۆزگەرگەن بۇ خىل مۇستەبىتلىك ئەمەلىيەتتە «خالىغان ئادەم مۇسۇلمان بولسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگەن ئايەتكە زىت ئەمەسمۇ؟  ئىسلامدىكى ھۆرلۈكنى كىم يوقاتتى؟ دېمەككى،  دىننى توغرا چۈشەنمەسلىكنىڭ ئاپىتى خىتاينى ياخشى چۈشەنمەسلىكنىڭ ئاپىتىدىن ئېغىردۇر، بۇ ئاپەت  بۈگۈنگىچە  باش ئۈستىمىزدە قوزغۇندەك ئەگىپ يۈرىدۇ.

 گەپنى قايتۇرۇپ كەلسەك، بىز بېشىمىزغا بالا بولغان بۇ يەجۈجى مەجۈجىلەرنى بۈگۈنگىچە تولۇق ۋە توغرا تونۇيالماي كەلدۇق.  70 يىلدىن بېرى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يامان ئىللەت، زەھەرلىك ئۆسمىلەرنىڭ ھەممىسى روھىمىزنى، ئەخلاقىمىزنى چىرمىدى؛  كىملىكىمىز،  ئىمان ۋە ئەخلاقىمىزنى بوش قويۇۋەتكەن زامانلاردا ئۇلارغا ئوخشاپ قالدۇق؛ مۇداپىئە تېمىمىزنى مۇستەھكەملىگەن چاغلاردا ئۇلارنى بىئارام قىلدۇق. مانا ئەمدى ئۇلار– سەددىچىندىن ھالقىپ دۇنياغا ئاپەت تېرىۋاتقان ئۇ مەخلۇقلار بىزنى توسالغۇ دەپ ھېسابلىدى، ئىمانىمىزنى كېسەللىك دېدى،   كىملىكىمىزنى دۈشمەن كۆرۈپ يوقاتماقچى بولدى؛  ئىمانىمىزدىن، ئەخلاقىمىزدىن، تىلىمىزدىن، مەدەنىيىتىمىزدىن، سەنئىتىمىزدىن بەرپا قىلىقلىق شاھانە تېمىمىزنى ئۇرۇپ-چېقىپ، ئاندىن  بىزنى تولۇق بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىدەك چوشقا قىلىۋەتمەكچى بولدى. بويسۇندۇرالمىسا ئۆلتۈرۈپ تۈگەتمەكچى، «كۆزىگە قادالغان مىق»نى يۇلۇپ ئېلىۋەتمەكچى بولدى. چوشقىلار چۈشەنمەيدۇكى، بۇ مىق ئۇلارنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ سانچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ پىت كۆزلىرىدىن قان ئېقىتىدۇ؛ گۆھەر زېمىن قولدىن كەتكەن بىلەن گۆھەر خەلق يەنىلا ھايات، جىمى ئۇيغۇر ئۆلۈپ ئەڭ ئاخىردا بىر ئۇيغۇر قالسىمۇ،   ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە تىغ بولۇپ سانچىلىدۇ.

باھا يېزىش