40 ياشتا چەكتىم ئىزتىراپ

2013-يىلنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدە ئالدىراپ بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن، نېمىشقىدۇر ئىچىمدە بىر ئىزتىراپ بار، ياش قىرىققا بېرىپ قالدى، قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق، ئارزۇلار بىر-بىرىدىن يۈكسەك، يۈرەكنى بېسىپ تۇرۇپ، سۈكۈت ئىچىدە ئويلانغىنىمدا «قانائەت قىل» دەيمەن ئۆزۈمگە، ئەمما بىر دەمدىن كېيىن يەنە قانائەتسىزلىشىشكە باشلايمەن، مال-دۇنيا قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، ئەمما ئېرىشەلمىگەندە ئاھ-ۋاھ دەپ كەتمىگۈلۈك، رىزقىمىز پۈتۈلۈپ كەتكەن. ياخشى ئەمەل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، ئەمما ئۆزۈم ۋە قەۋمىم ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمنىڭ تايىنلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا، خاتا ئەمەللىرىمنىڭمۇ تارازىنىڭ بىر بېشىدا ئېغىر بېسىپ تۇرغانلىقىنى روشەن كۆرگىنىمدە ئىچىم تىتىلدايدۇ. شەيتان بىلەن دوست بولغان يىللىرىم كۆپ ئىكەن، ئاغىنىدارچىلىقىم تېخىچە تۈ گىمەپتۇ، ئۇ بۇيرۇغاننى قىلچە ئىككىلەنمەي ئورۇنلايدىغان مىجەزىمدىن ھازىر سەل ئىككىلىنىدىغان بوپتىمەنۇ، ئۇنىڭدىن كەسكىن يىراقلىشىپ كېتەلمەپتىمەن. قېرىپ كەتكەن قىزلارنى كىم ئەسلەيدۇ؟ مەنىسىز سورۇنلارنى كىم ياد ئېتىدۇ؟  سۈزۈك ھاراقلارنىڭ جىلۋىسى، مەستلىكنىڭ خۇشاللىقلىرى، تەمبۇرنىڭ مۇڭلىرى، قىزلارنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرى ئاستا-ئاستا خوشلاشتى، بىراق بىر زامان ئۇلاردىن كېچەلمىگەن، كېچەلمەيدىغانلىقىمغا ئىشەنگەن، كېچەلمەيدىغاندەك قىلىمەن دېگەن، ئەمدى كېچەلەيدىغانلىقىمغا دەرگۇماندا،  چوقۇم كېچىپ كېتىمەن دەيدىغان ئىشەنچ ، ئىرادە نېمىشقا يوق؟ يوق، چۈنكى ئىچىمدە غەلۋە-غەليان تېخى تۈگىمىدى، ۋەسۋەسە تېخى تۈگىمىدى،  شەيتاننىڭ ۋەزىپىلىرى تېخى ئورۇنلانمىدى، ئۇنىڭ دوستلۇق شارابى يەنىلا ھاياتلىق نۇرىدا چاقناپ تۇرىدۇ.  شۇڭا مەن ھازىر دۇئالىرىمدا «شەيتان بىلەن بولغان كۈرەشتە مېنىڭ ئاخىر غەلىبە قىلىشىمنى نېسىپ قىل ئى ئاللاھ» دەيدىغان بولدۇم. گەرچە ئۇ نىسبىي غالىب ئورۇندا تۇرسىمۇ، يىللار ئۆتكەنسېرى ئۇنى قېرىتىپ مەغلۇب قىلىمەن دەيدىغان بولدۇم. قېرىپ كۈچتىن قالغاندا، ئەزالار كېرەكتىن چىققاندا ئەلۋەتتە شەيتانمۇ ئاجىزلىشىدۇ، بۇنداق چاغدا ھەر كىم ئۆزىنى تۇتۇۋالايدۇ، بۇنداق چاغدا شەيتاندىن غالىپ كېلىشنىڭ قىممىتىمۇ چوڭ بولمايدۇ.  چۆلدە ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابى ئۆيدە ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابىدىن كاتتا بولغاندەك، شەيتان ناھايىتى ئاسان ئىگىلىۋالىدىغان ياشلىقتا شەيتاننى يېڭىشنىڭ ساۋابى قېرىلىقتا يەڭگەندىن كاتتا بولىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق شاھ ئەسىرىدە «يىگىتلىككە ئېچىنىپ، قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى»  دېگەن ماۋزۇدا ئۆتكەن ياشلىقىغا ئېچىنىپ، قېرىلىقتىن زارلىنىپ : «يىگىتلىك قاچۇردۇم، قېرىلىققا چۈشتۈم،  يەنە يانغىن ئەمدى، نە سۆزلەر تاراتتىم [6557]. يورۇق يازدەك ئەردىم تۈمەن رەڭ چېچەكلىك، خازان بولدىمىكىن، ھەممىنى قۇرتتۇم [6531].  يىلان ، قۇرت-قوڭغۇز يېمى بۇ بەدەننى، بۇ نېمەت بىلەن نېچۈك شۇنچە سەمرىتتىم [6559]. ئەي مەست ۋۇجۇدۇم، ئويغان، يىغلا سەن تىنما، تېۋىن ھەققە، بولمىسا ئۆزنى يوقاتتىم [6560] دەپ يازغان بولسا،  ئەلشىر نەۋائى «مەھبۇبۇل قۇلۇب» دېگەن ئەسىرىدە: «ياشلىق ئۆمۈر گۈلشىنىنىڭ باھارىدۇر ۋە ھايات شەبىستانىنىڭ (كېچىسىنىڭ) نەھارىدۇر(كۈندۈزىدۇر). ئىنساننىڭ گۈزەل رەنالىقى ياشلىق، كۈچلۈك ۋە تاۋانالىقى (جۇشقۇنلۇقى)ياشلىق. سەزگۈ ئەزالارغا ياشلىقتىن قۇۋۋەت، پۇت-قول ئەزالارغا ياشلىقتىن سىھھەت(كېلىدۇ). ياشلىقتا گۇناھتىن يىغلىسا مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ھەم ياشلىقتىكى ئىبادەتتىن بۈيۈك مەقام تاپقىلى بولىدۇ. خەرابات ئەھلى ياشلىقىدا ناپاكلىق ۋە مەستلىكنى ياقتۇرىدۇ، مۇناجات ئەھلى تەقۋادارلىقنى ياقتۇرىدۇ. قېرىلىق ساغلام ياشلىقنىڭ كۆڭۈلسىزلىككە بېرىشىدۇر. قېرىلىق شاد كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ناشاد قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۈپتۈز قامەتلىرىنى ئېگىپ، ھايات بىلەن خوشلاشتۇرىدۇ. ئارزۇ-ھەۋەس شاخلىرىنى سۇندۇرىدۇ. ئاكاڭ قارىغاي بىرىنچى دېگەن خىيالنى كاللىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. پۇشايمان ۋە ھەسرەت ياشلىرىنىڭ دولقۇنى بەدەن قەسىرىنىڭ تاملىرىنى يىقىتىۋېتىدۇ. نامراتلىقنىڭ ھەم غەم-قايغۇنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيى قېرىلىقتۇر. قەد-قامەتنىڭ ئېگىلىشى، كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان قېرىلىققا گۇۋاھچى بەلگىلەر تۇپراققا يۈزلىنىشنىڭ دەلىلىدۇر. قولنىڭ تىترىشى– ئۆمۈرنىڭ ئاز قېلىۋاتقانلىقى، كۆزدىن ياش ئېقىشى– ھايات ماتەمىنىڭ يېقىن قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قېرىغاندا ئەستە ساقلاشنىڭ ئورنىنى ئۇنتۇغاقلىق ئىگىلەپ، ئۆگىنىشنى، بەلكى ئۇنتۇپ قېلىشنى ھەم ئۇنتۇيدۇ. قېرىلىقتا ساقلىقتىن ئەسەر قالماس، كۆڭۈلدە ئەقىل-ھوشتىن خەۋەر قالماس. ياشلار ئۇنىڭ غەلىتە قىلىقلىرىدىن ھەيران قالسا، ئۆسمۈرلەر ئۇنىڭ ئېگىز-پەس ئىشلىرىدىن كۈلۈشىدۇ. ئۇنىڭ ھەر تال تۈكىدە بىر خىل كېسەل پەيدا بولىدۇ. تۈرلۈك ئىللەتلەر قېرىلىقتا ھەۋەيدا(ئاشكارا) بولىدۇ. ئاياللار، بالىلار، كېلىنلەر ئۇلارنى ئاسراشتىن زېرىكىدۇ. قارىغۇچىلار، باققۇچىلارمۇ بارا-بارا تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ. قېرى تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ ئازابىدىن جېنىدىن تويۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلدارلارنىڭ نادانلىقى ۋە باشباشتاقلىقىدىن ئۇنىڭ تۇرمۇشى قاتتىق، مەنسەپدارلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن تىرىكچىلىكى قىيىن بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە ئاغزىدىن شۆلگەيلىرىنى ئاققۇزۇپ،  كېسەلنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئاغزىغا سۇ تامغۇزۇپ، كالپۇكلىرى بىر-بىرىگە قوۋۇشماي، ئۆز ھالىغا ئۆزى كۈلۈپ، باشلىرى مەيدىسىگە ساڭگىلاپ چۈشۈپ، ئاغزىدىن چىشلىرى تۆكۈلۈپ، ساقلىق ۋە ئۈمىد دېگەنلەر ئۇنىڭ خىيالىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق تىرىكلىكتىن ئۆلگەن مىڭ ھەسسە ياخشىراق» [«مەھبۇبۇل قۇلۇب»، 221-بەت. 1989-يىل نەشرى] دەپ يازغان. ئەيھات، مانا، يىگىتتەك جەسۇر مىللىتىمىزنىڭ مۆتىۋەرلىرى ياشلىقنى ئەزەلدىن ئۇلۇغلاپ، قېرىلىقتىن بىزار بولۇپ كەلگەن.  «بىزدە ساقالنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى ئادەت بار، بەڭۋاش ياشلىقنى بەك ماختاپ، ئارىفلىق يېشى بولغان قېرىلىقنى سۆكمەيلى» دەپ ئولتۇرماي، كۆڭلىدىكى راست گېپىنى، ئەڭ چوڭقۇر دەردىنى ئېيتقان.  شۇنىڭدەك، ئارىمىزدىكى چوڭلارمۇ كۆڭلىدە ھەممىنى سېزىپ تۇرىدۇ، دەردىنى ئىچىدە بىلىدۇ، كۆرۈۋاتقان مۇئامىلىلەرنىڭ ئۆلۈم سەپىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يولۇچىنى، خۇددى ئۆيدىن كېتىدىغان مېھماننى باشقىچە خۇرسەنلىك بىلەن ئۇزىتىۋاتقاندىكى مۇئامىلىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەگەر قېرىغىچە ياشاش مۇمكىن بولسا، شۇ ۋاقىتتىكى تۇيغۇلىرىم چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، ھەسرەتلىرىم  ھازىرقىدىن روشەن، ھازىرقىدىن چوڭقۇر بولىدۇ. بالا-چاقا، ئۇرۇغ-تۇغقان، ئەل-ئاغىنە، يۇرت-جامائەتكە بولغان مېھىر-مۇھەببەت ھەر قانچە چوڭقۇر بولغان بىلەنمۇ ئۇلار ئۆتكۈنچى، بىزمۇ ئۆتكۈنچى، بۇ دۇنيادىن ھامان ئايرىلىدىغان گەپ،  ئۆلۈمگە تەنھا يۈزلىنىمىز.  ئۆلۈمگە دادىل يۈزلىنىش ئۈچۈن روھىمىزنى بۇ دۇنياغا زىيادە بەنت قىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. ماددىي دۇنياغا قانچە چىرماشقانچە، كاللىمىز بۇ دۇنيا ئەتراپىدا قانچە چۆرگىلىگەنچە ئۆلۈمگە يۈزلىنىش شۇنچە تەس بولىدۇ، ئۆلۈم قورقۇنچى شۇنچە قاباھەتلىك بولىدۇ. چىرايلىق ئويۇنچىقىدىن كېچەلمىگەن كىچىك بالا ئويۇنچىقىنى تارتىۋالسا تېپىچەكلەپ يىغلاپ كەتكەندەك، چىرايلىق ئۆيىمىز، خوتۇنىمىز، ھەتتا بەدىنىمىز «تارتىۋېلىنسا» ئۇنىڭ ئازابىغا ھەقىقەتەن چىدىمايمىز.  ئىمان-ئېتىقاد دېگەن مانا مۇشۇنداق چاغدا سىنىلىدۇ. سىناق دۇنياسىنىڭ ئەڭ قاتتىق سىنىقى مانا مۇشۇ چاغدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. قورقۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ، ئىمان قانچە كۈچلۈك بولسا قورقۇنچ شۇنچە ئاز بولىدۇ.  «ھۆر ئادەم» دېگەن فىلىمدە سەئىد نۇرسى رۇسلارغا ئەسىر چۈشۈپ قېلىپ، جازا ئىجرا قىلىنىدىغان چاغدا  ئۆلۈم مەيدانىغا ئالدىراپ ماڭغاندا رۇسلار «نېمانچە ئىتتىك ماڭىسەن؟» دەپ سورىسا، سەئىد نۇرسى «ئاللاھ بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈشكە ئالدىراۋاتىمەن» دەيدۇ. رۇسلار ئۇنىڭ ئېتىقادىدىن تەسىرلىنىپ كېتىدۇ. بۇ راست بولغان ۋەقەمۇ ياكى كىنوغا شۇنداق قىستۇرۇلدىمۇ، بىلمىدىم، ئەمما بۇنىڭدىن ئېتىقادنىڭ ئۆلۈمنى يېڭەلەيدىغانلىقىنى روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كېيىن سەئىد نۇرسى تۇتقۇنلۇقتىن قېچىپ ئىستانبۇلغا كېلىپ مۇپتى بولىدۇ، راھەت كۆرىدۇ، كېيىن بۇ راھەتتىنمۇ كېچىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  
30 ياشتىن ئاشقاندا ئۆمرۈم تاغدىن چۈشكەن تاشتەك  شىددەت بىلەن دومىلاپ 40 ياشقا كېلىپ توختىدى، ئەگەر ئۆمرۈم بولسا 40 تىن ئەللىككىچە ئۇنىڭدىن تېز سۈرئەتتە قېرىلىققا يېقىنلىشىمەن، يا بولمىسا ھەر خىل كېسەللىك ئازابىغا تۇتۇلۇپ، ئۆمرۈم ئاستا، تەستە ئۆتكەندەك بىلىنىپ، ئۆمۈر نېمىدېگەن ئۇزاق! نېمىدېگەن جاپالىق! دەپ سېلىشىممۇ مۇمكىن. بىلمەيمەن، ئەتە-ئۆگۈن ئەمەس، مۇشۇ يازمىنى تورغا يوللاپ بولۇپ، يولدا بالامنى مەكتەپتىن ئالغىچە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى بىلمەيمەن. يولدا نەچچە رەت ۋەلىسپىتتىن دۈم چۈشتۈم، ماشىنىلارغا سوقۇلدۇم، بېيجىڭلىق ئۇششۇق قېرىلاردىن تارتىپ ئاقسا غىتمەكلەرگىچە، جېدەللەشتىم. بەزى ھادىسىلەر ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغىنى بىلەن بىر ئۆمۈر ئاۋارىچىلىققا سالىدۇ. مەسىلەن، مەن يولدا بىرەر قېرى خەنزۇنىڭ پۇتىغا سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتسەم، ئۇ يولدا يىقىلىپ يېتىۋالسا، شۇ قېرى ئۆلمىگىچە ئۇنىڭ دەردىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. بەزى يامان ئادەت ۋە گۇناھلىرىمىز گويا مۇشۇنداق رودۇپاي قېرىلارغا ئوخشاش بىزنى ئازابلايدۇ، سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتۇقمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاۋارە قىلىدۇ، توخۇپوقىلىقىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.  بىرە يامان خۇمارغا، مەسىلەن، ھاراققا، زىناغا، قىمارغا بىر ئىلىنىپ قالدۇقمۇ، كەسكىن ئىرادە بىلەن قۇتۇلمىغىچە ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا باشتىلا رولنى تۈز تۇتۇپ، ئېھتىيات قىلىپ ماڭغانغا يەتمەيدۇ.
  يىللار ماڭا نېمە سوۋغات ئاتا قىلدى؟ غەيۋەتلەردىن سەسكىنمەيدىغان ئادەم ھازىر قاتتىق سەسكىنىدىغان بولدۇم، بۇنىڭدىن خۇشالمەن، ئەمما بىراۋنىڭ يامان گېپى بولسا ئۇنىڭغا رەددىيە بېرەلمەيمەن، بۇنىڭغىمۇ تىتىلدايمەن. ئاجىزلىقلىرىم بىلەن ئېتىشىپلا ئۆتىمەن، قىينىلىمەن،  ئەمما راھەتلىنىمەن. ياشلىق ماڭا بىر مۇنچە گۇناھلارنى يۈكلەپ قويۇپ ئۇزاپ كەتتى، ياشلىققا بەڭۋاشلىق ۋە ساراڭلىق سۈپەتلىرىنى بېرىپ، ئۆزىمىزنى ئاقلاپ ئۆتۈۋەرسەك، ئىبرەت ئالغۇدەك ھېچنېمىمىز قالمايدۇ. ياشلىقتا ئوينىۋالغانلىرىغا، قىلىۋالغانلىرىغا، كۈلۈۋالغانلىرىغا، ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن پەيز سۈرۈۋالغانلىقىغا پەخىرلىنىدىغانلاردىن كۆرە،  ئوينىيالمىغانلىرىمغا، قىلىۋالالمىغانلىرىمغا ھەسرەتلىنىدىغانلار تولا، پۇشايمان تولا، دەرت تولا، ھەسرەت تولا. ئادەم بولا شۇنچىلىك بولا. ياشلىق بولا شۇنچىلىك بولا… دەيدىغان ئىش يوق. ئۆزىمىزنى كەچۈرمەيمىز، 40 لارغا بارغاندا ئۆزى بىلەن بوغۇشىدىغانلار مېنىڭچە ئاز ئەمەس، چۈنكى بۇ ياش ئۆمۈرنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى، قىرانلىق يېشى، ئەمەل تۇتۇش يېشى، ئەمەل تۇتالمىغانلار،  پۇل تاپالمىغانلار ھەسرەتلىنىپ تىتىلدايدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، يا بولمىسا قايتىدىن كۈچ-ئىرادىگە كېلىدىغان بىر ياش. ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە نەزەر سېلىپ، تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى خۇلاسىلەيدىغان، ئىمان بىلەن ياشاش ياكى پاسىق بولۇپ ياشاشنىڭ تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىدىغان بىر ياش. 40 ياشتىمۇ ئويۇنلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆزىنى توختىتىپ پىكىر قىلالمىغان، ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلاردىن ئىبرەت ئالالمىغان، ھاياتلىق مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغان، «مەن ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» دېگەن ئايەتى كەرىمنى تېخىچە بىلمىگەن، بىلىشنى خالىمىغان، بىلسىمۇ قېتىغا ئالمىغان كىشىلەرنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىمۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ كېتەلىشى ناتايىن. ئەمما بۇنى بۇنداق دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈشمۇ خاتا، ھەممە 40 ياشلىقلارغا ئاللاھتىن ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت تىلەيمەن.  يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

باھا يېزىش