200 يىللىق نادىر ئەسەرلەر

”ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىلىك 125 يازغۇچى باھالاپ چىققان،  تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كاتتا ئەسەرلەر“ دەرىجىسىگە قارىغاندا لېۋ تولىستوينىڭ «ئاننا كارىننا»، نابوكوۋنىڭ «لولىتا» ناملىق رومانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ئەسەر بولۇپ باھالانغان، نابوكوۋ گەرچە ئامېرىكىلىق بولسىمۇ قېنى رۇسلارغا تەۋە بولغاچقا  رۇسلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.

20-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ئەسەرلەر:

1. «لولىتا»                       ۋىلادىمىر نابوكوۋ (1899−1977)   ئامېرىكا

2. « گەتسىبى نوچى»          فرانسىس سكوت كېي فىتىزگرالد (1896−1940) ئامېرىكا

3. «سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش»      مارسېل پرۇست (1871−1922)  فرانسىيە

4. «يۇلىسىس»                   جامېس جويىس (1882 −1941)  ئېرلاندىيە

5. «دۇبلىنلىقلار»                 جامېس جويىس (1882 −1941)  ئېرلاندىيە

6. «يۈز يىل غېرىبلىق»         گارسىيە ماركۇز (1927−  )        كۇلۇمبىيە

7. «شاۋقۇن-سۈرەن ۋە قالايمىقانچىلىق»    ۋىليام فولكنېر (1897−1962)  ئامېرىكا

8. «ماياك »                      ۋىرجىنىيە ۋولف (1882−1941)    ئايال   ئەنگىلىيە

9. «فلەننېرى ئوكونېر ھېكايىلىرى» (1925−1964)    ئايال Flannery  ئامېرىكا

10. «ئاجىز يالقۇن»             ۋىلادىمىر نابوكوۋ (1899−1977)  ئامېرىكا

19-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ئەسەرلەر:

1. «ئاننا كارىنىنا»                لېۋ تولىستوي (1828−1910) رۇسىيە

2. «بوۋارى خانىم»              گۇستاۋ فلوبېرت (1821−1880) فرانسىيە

3. «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»        لېۋ تولىستوي (1828−1910)  رۇسىيە

4. «ھاكىلبېرىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتلىرى»      مارك تۋېن (1835−1910) ئامېرىكا

5. «چېخوۋ ھېكايىلىرى»         ئانتون چېخوۋ (1860−1904)  رۇسىيە

6. «مىدېل بازىرىدا باھار»       جورج ئېلىيەت (1819−1880)   ئەنگىلىيە

7. «ئاق دېلفىن»                   ھېرمان مېلۋىل (1819−1891)   ئامېرىكا

8. «پارلاق ئىستىقبال»             چارلىز دىكېنس (1812−1870) ئەنگىلىيە

9. «جىنايەت ۋە جازا»             فيودور دوستويىۋىسكى (1821−1881) رۇسىيە

10. «ئېما»                          جېين ئوستېن (1775−1817)  ئايال  ئەنگىلىيە

ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ تاللانغان يازغۇچىلار:

1. ۋىليام شېكىسپىر  (1564−1616)   ئەنگىلىيە       11 پارچە

2. ۋىللىيام فولكنېر      6 پارچە

3. ھېنرى جامېس (1843−1916) ئەنگىلىيە، ئامېرىكا      6 پارچە

4. جېين ئوستېن         5 پارچە

5. چارلىز دىكېنس      5 پارچە

6.  فيودور دوستويىۋىسكى     6 پارچە

7. ئېرنىست مىلېر ھېمىڭۋاي (1899−1961)  ئامېرىكا     5 پارچە

8. فرانز كافكا (1883−1924)  ئاۋسترىيە        5 پارچە

9. جامېس جويس       4 پارچە

10. توماس مان (1875−1955) گېرمانىيە      4 پارچە

11.  نابوكوۋ      4 پارچە

12. ۋىرجىنىيە ۋولف     4 پارچە

ئەڭ كۆپ نومۇرغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار:

1. لېۋ تولىستوي    327

2. شېكىسپىر    293

3. جامېس جويىس    194

4. نابوكوۋ   190

5. دوستويىۋىسكى     177

6. فولكنېر     173

7. دىكېنس   168

8. چېخوۋ     165

9. فلوبېرت    163

10. ئوستېن    161

(خەنزۇچە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» دىن تولۇقلاپ تەرجىمە قىلىندى)

“200 يىللىق نادىر ئەسەرلەر” ئۈچۈن 4 باھالار

  1. ئىلقۇت  سىما
    ئىلقۇت

    «ئاننا كارىنىنا» ناملىق رومان يېقىندىن بېرى كىتابخانىغا بارساملا كۆزۈمگە چېلىقىۋاتىدۇ. قارىغاندا بىر ئوقۇپ چىقسام بولغۇدەك….

    ياقتۇرۇش

  2. ئارزۇ  سىما
    ئارزۇ

    ناھايىتى كىچىك چاغلرىمدا ئاننا كارىننا دىگەن كىتاپنى ئاپامنىڭ كىتاپ قويغان يېردىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ ئوقۇغان ئىدىم، ئوغرىلىقچە ئوقۇغانلىقتىنمۇ ياكى كىچىكلىكتە ئوقۇغانلىقتىنمۇ ئەيتەۋۇر گەرچە ئىسىم تونۇش بولسىمۇ كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى ئانچە ئېسىمگە ئالالمىدىم، يۈز يىل غېرىپلىق دىگەن كىتاپ ھەققىدە بەك ياخشى تەرىپلەرنى ئاڭلىدىم، تېپىپ ئوقۇپ باقاي دەيمەن

    ياقتۇرۇش

  3. ئەفىفى  سىما
    ئەفىفى

    لىف تولستوي ئۇتۇپ چىقىپتۇ-دە، ھەقىقەتەن بىر ئەھمىيەتلىك باھالاش بوپتۇ. تولستوينىڭ ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانلارغا سالىدۇ، ئوقۇسا، ئوقۇسا قانمايدۇ ئادەم.

    ياقتۇرۇش

  4. مىھراي  سىما
    مىھراي

    روسلاردا بىر تەمسىل بار:
    چار پادىشاھ ئۈستەلنى بىر مۇشلىسا پۈتۈن ئوردا تىتىرەپ كىتىدۇ،
    تولىستوي ئۈستەلنى بىر مشلىسا پۈتۈن روسسىيە تىتىرەيدۇ.
    دەيدىغان، ئۇ بىر ئۇلۇغ يازغچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە روسسىيە بۇرژاھلىرى ئىچىدىن چىققان خەلقپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، ساخاۋەتچى.
    ئۇيغۇرلاردىن تولىستويدەك ئوغۇللارنى تەۋەللۇت قىلىدىغان ئانىلار چىققان كۈنى بىزنىڭ تەقدىرىمىزمۇ بۇنداق بولماس. كۆپچىلىكنىڭ قىزلار تەربىيىسىگە كۆپىرەك ئەھمىيەت بىرىشىنى، ئوغۇللارنىڭ قىزلارغا دۈشمەن ئەمەس، بەلكى ئۈلگە بولۇپ بىرىشىنى تىلەيمەن.

    ياقتۇرۇش

مىھراي ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش