پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت…

يېقىندا بېيجىڭدىكى مېترودا يانمۇ يان ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئاشىق مەشۇقلار گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، ئايال ئەرنى توختىماي ئەيىبلەپتۇ، ئۇ گۆشۋاشنىڭ بىرەر ئىشتا تىلى تۇتۇق بولسا كېرەك، گۈشىيىپ قاراپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ، غەزىۋى كەلگەن ئايال توساتتىن ئەتراپتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر گەپنى قىلىپتۇ: پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت!

بۇ گەپنى كىمدۇر بىرى تورغا چىقىرىپ مۇنازىرىگە ساپتۇ، بەزىلىرى ئۇ ئايالنى نومۇسسىز، پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان ھايۋان دېسە، بەزىلىرى، ئۇ ئايالنىڭ دېگىنىمۇ توغرا، پۇل تاپالمىغان ئەرنىمۇ ئەر دېگىلى بولامدۇ، ئۆيى يوق، ماشىنىسى يوق ئەرنى ھازىر ھېچكىم ياراتمايدۇ، زادى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن پۇل تېپىش كېرەك دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپتۇ. قاراپ باقسام، ئۇ ئايالنى نومۇسسىز دېگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر، پۇلى يوق ئەرنى ھېچكىم ياراتمايدۇ دېگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئايالدەك قىلىدۇ. تۈنۈگۈن يەنە “ يەتمىش پىرسەنت قىزلار ئۆيى بار ئەرلەرنى تاللايدىكەن“، ”مائاشى 4000 دىن ئاشمايدىغان ئەرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىش سالاھىيىتى يوقمۇ؟“ دېگەندەك پاراڭلار تورنى قاپلاپ كەتتى. بۇ خەق ھازىر مۇشۇنداق ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ. ئادەم جىق دۆلەتتە دەرت جىق، گەپمۇ جىق بولىدىكەن.

ئادەمنىڭ پۇل-مالغا بولغان ھېسسىياتىدەك مۇرەككەپ ھېسسىيات يوقمىكىن دەيمەن جاھاندا،مەيلى «ئەي پۇل، نىجىس پۇل» دەپ ناخشا ئېيتايلى، مەيلى «پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەمما پۇل بولمىسا سەن ھېچنېمىگە قادىر ئەمەس» دەپ شوئار توۋلايلى، پۇل ۋە ئۇنىڭ قىممىتى يۈكلىگەن قىسمەتتىن قۇتۇلالمايمىز. يانچۇقتىكى شۇ مەينەت قەغەزنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە، بىر ئۇچى يۈرەكتە، ئۇ ھوقۇقدارلارنىڭ سېھرىگەرلىك قارتى، قولدىن قولغا ئۇچۇپ ئويناپ، كۆزلەرنى ئالىچەكمەن قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىدىغان ئەجىر-مېھنەت، ساۋاپ، ئالدامچىلىق، قىزىل كۆزلۈك، يىغا زارە، شەھۋەت، ئۆچمەنلىك، قىساس، تالاي نەرسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايمىز.

يېقىندا ”تۇتقۇن قىلىنغان جۇڭگو ئىقتىسادى“ دېگەن بىر كىتابنى كۆرۈپ، پۇل دېگەن نېمىنىڭ ئەسلىدە قانداق ئويۇن ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ 70-يىللاردىن باشلاپ دوللارنى ئالتۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلىنىڭ ئۇلتېشىنى قانداق قويغانلىقىنى، ئارقىدىن رۇسلار بىلەن ياپونلارنى قانداق جايلىغانلىقىنى، 2000 يىلدىن بۇيان جۇڭگونى قانداق قويغانلىقىنى، نېفىت، ئالتۇن، ئۆي باھاسىنىڭ نېمىشقا بۇنداق ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى، مائاشىمىز ئۆسكەندەك قىلغان بىلەن نېمىشقا پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ئازراق چۈشەندىم. لاڭ شيەنپىڭ، ليۇ جۈنلو دېگەن داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلار ئۆز ماقالىلىرىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى شۇنچە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئىقتىسادىي نەزەرىيىلىرى بىلەن قوراللانغان قاتمال ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مەركەزنى ئىگىلەپ، جۇڭگودىكى بانكىلار، ئاكسىيە بازىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنى ۋەيران قىلىۋېتىپ بارغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكىلىق گۇيلار مۇھىتنى بۇلغايدىغان سانائەت، ئۇششاق ياساش كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسىنى 30 يىل بۇرۇن ياپونىيە بىلەن گېرمانىيىگە تاشلاپ بەرگەن بولۇپ، ھازىر كومپيۇتېر، بىئوخىمىيە، يېزا ئىگىلىك، ھەربىي تېخنىكا، تور سودىسى، ئېلان، كىنو دېگەندەك ئىلغار، مۇھىت بۇلغىمايدىغان، ئەمما پايدىسى جىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ؛ 50 نەچچە يىل ماشىنا ، ئۈسكۈنە، زاپچاس ياسىغان ياپونلار بىلەن گېرمانلارمۇ ھازىر ئويغىنىپ، قولىدىكى تېخنىكىنى چىڭ ساقلاپ، زاۋۇتنى جۇڭگوغا قۇرۇپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە مۇھىت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىگە ھەر تەرەپتىن پايدا يارىتىۋېتىپتۇ؛ يەر شارىلىشىش، خەلقئارا سودا، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات دېگەنلەرنىڭ پايدىسىدىن غەرب ئەللىرى، ھەتتا ياپون پاكارلىرى ئاجايىپ بەھرىمەن بولىۋېتىپتۇ. دۆلىتىمىز تاشقى پېرىۋوت زاپىسىمىز مانچە تىرىليونغا يەتتى دەپ ماختىنىپ يۈرگەن بىلەن، 10 يىل مابەينىدە دوللارنىڭ چۈشۈشى بىلەن 800مىليارد دوللار (شۇ ۋاقىتتىكى ئايرىۋاشلاش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 6 تىرىليون 400مىليون يۈەن) كۆپۈككە ئايلانغان (ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن) بولۇپ، بۇ پۇلنى ئەگەر جۇڭگودىكى ھەر بىر پۇقراغا تارقىتىپ بەرسە ئاز دېگەندە 5000 سومدىن توغرا كېلەرمىش. نۆۋەتتە 2 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىنى تۇتۇپ تۇرغان جۇڭگو ھازىر ۋال كوچىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى پەرەڭلەرنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆزىتىۋاتقان نىشانى، كېينىكى قەدەملىك ئويۇن ئوبيېكتىمىش، مۇشۇ ئەھۋالدا تېخى جۇڭگولۇق ئىقتىسادشۇناسلار ”ئامېرىكا ۋال كوچىسىدا نامايىش يۈز بەردى، دوللارنىڭ كۇرسى چۈشتى، ئامېرىكا ئىقتىسادى تۈگەشتى، جۇڭگو كەلگۈسى 10 يىلدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ“ دەپ پو ئېتىۋېتىپتىمىش. دوللارنىڭ مۇقىمسىزلىقىدىن، دوللارنى گېزىتتەك بېسىۋەرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئويۇنىدىن چۆچىگەن ھۆكۈمەت ھازىر تاشقى پېرىۋوت جەھەتتە دوللارغىلا يۆلىنىۋالماي، بىر مۇنچە ياۋرو سېتىۋاپتۇدەك، ئەمما گېرىتسىيەدىن باشلانغان ياۋروپا ئىقتىسادىي كىرزىسى جۇڭگونى ھازىر ئەندىشىگە ساپتۇدەك. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي تەپەككۇرىغا ھەۋەسلىنىدىغان لاڭ شيەنپىڭدەك ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، جۇڭگودا 2012-يىلى ئۆي باھاسى چۈشۈپ، 2013-يىل ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بېرىمىش، دوللار قايتا كۈچلىنىمىش. شۇڭا كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئۆي ۋە پايغا مەبلەغ سېلىش خەتەرلىكمىش. كەلگۈسىدە دوللارنى بىرلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادى بەرىبىر دوللارنى قۇتۇلدۇرىدىكەن، چۈنكى ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرتىپنى ئامېرىكا 40-50 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بەرپا قىلغان، ئامېرىكا ئەڭ چوڭ قەرزدار، ئەڭ چوڭ زومىگەر، ئەڭ چوڭ ھىيلىگەر، چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ «پۇل ئەقىلنىڭ سمۋولى» دېگىنىگە ئىشىنىدۇ ھەم دۇنيانى ئىس-تۈتەكسىز ھالدا، ئىقتىساد بىلەن كونترول قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

دېمەك مەسىلە ئاساسەن ئايدىڭ، جۇڭگودا تەبىئىي بايلىقنى خورىتىپ، مۇھىتنى بۇلغاپ تەرەققىي قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇ، بۇلغانغان مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس. ئەرزان، ئاددىي ياساش كەسپىدىن تاپىدىغان پايدا ئاز، ئەقلى مۈلۈك قىممەت يارىتىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەرزانلىقى بىلەن دۇنيانىڭ زاۋۇتىغا ئايلىنىش ئانچە پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمەس. جۇڭگو دۇنيانىڭ زاۋۇتى ھەم ئەخلەتخانىسى، بۇنداق زاۋۇت، شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان ئەرلەرمۇ ئاخىر ئەخلەتكە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

تاپقىنى قورسىقى بىلەن ئۇچىسىدىن ئاشمايدىغان دېھقانلار، ئىش ھەققىنى ئالالمايدىغان قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى، شۇنچە ئىشلىسىمۇ خوجايىنلىرىنىڭ بەرگىنىنى ئالىدىغان ئىشلەمچىلەر، ھۆكۈمەت شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلغان بىلەنمۇ مائاشى ئۆسمەيۋاتقان، خوتۇن-بالىلىرىنى تەستە بېقىۋاتقان مائاشلىقلار… شىركەت ئاچتىم دېگەن بىلەنمۇ تولا رەسمىيەت ۋە رىقابەتتىن بېشى ئايلىنىپ، ماڭغان يولىدا تولا پۇتلىشىپ، «مۇقىم مائاش يەنىلا ياخشىكەن» دەپ يۈرگەن تەۋەككۇلچىلەر، تۈركۈم-تۈركۈملەپ ھۆكۈمەت مەمۇرلۇقىغا ئىمتىھان بېرىۋاتقان ياشلار… ۋاھ، نىمېدېگەن زور قوشۇن، نىمېدېگەن رەھىمسىز تۇرمۇش بۇ. نومۇسسىز رەھبەرلەر، ئالدامچى سودىگەرلەر قاچاندىن بېرى ئەرلەرنىڭ ھەۋەس قىلىدىغان ئادەملىرىگە ئايلىنىپ كەتتى؟ ئاياللار مەجبۇرلىدىمۇ؟ ئاياللار تەرىپىدىن ئەخلەتتەك قەدىرسىز بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن جان تىكىپ ياشاش ئەرلەرنىڭ غايىسىگە ئايلىنىپ كەتتىمۇ؟ «پۇل تېپىشنىڭ ئېپى»، «باي دادام، نامرات دادام» دېگەن كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن باي بولغىلى بولامدۇ؟ ئامېرىكىلىقلارنىڭ باي بولۇش يولى جۇڭگوغا ماس كېلەمدۇ؟

خەنلەر ئارىسىدىكى شۇ مۇنازىرىنى كۆرۈپ ئۆز ئادەملىرىمىزنىڭ پۇل ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ئۇزۇن زاماندىن بېرى بۇ مىللەت بىلەن بىر زېمىندا، بىر زاماندا، بىر جەمئىيەتتە ياشاپ كېلىۋاتىمىز، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولساق بۇنداق ياشاش نەدە. بۇ جەرياندا ئىككى مىللەتنىڭ ئىدىيە، قىممەت قارىشى، تۇرمۇش شەكلى ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ئالايلۇق، بۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلىۋاتقان ئېتىقادسىزلىق، پۇلغا چوقۇنۇش، ئەمەلگە چوقۇنۇش، سەمىمىيەتسىزلىك… دېگەندەك ئىللەتلىرى بىزگە قانچىلىك سىڭىپ كەتتى ياكى بۇ ئىللەتلەر بىزدە ئەسلىدىلا بارمىدى؟ ھاراقنى قوش قوللاپ تۇتۇش، سورۇندا بىر قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بولۇپ، ئادەمگە بېقىپ قايتىدىن كۆرۈشۈش، مۇھىم شەخسلەرگە باشقىچە كۈچۈكلىنىپ كېتىش، چاغاندا قىزىل بولاق بېرىش، ھەتتا ھېيت-ئايەمدىمۇ باشلىقنىڭ ئۆيىگە سوۋغا سالام بىلەن بېرىش، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش… دېگەندەك غەيرى ئادەتلەر بىزدە قانداق پەيدا بولدى؟ ھازىرمۇ بەزى توي قىلمىغان قىزلار ئىچىدە “ غۇرۇر، ۋىجدان دېگەنگە قورساق تويامدۇ؟ پۇلىڭىز بارمۇ؟ ئۆيىڭىز بارمۇ؟ ھەيدەيدىغان ماشىنىڭىز بارمۇ؟“ دېگەندەك گەپلەر يوق ئەمەس، يېقىندا ئوينالغان ”كومېدىيە“ دېگەن ئېتوتتىمۇ بۇ گەپ بىر قىزنىڭ ئاغزىدىن ئېيتىلدى، جۈرئەت ۋاھىد نەق رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ دەپ ئويلىدىم.

دېمەك، ئاشۇ خەنزۇ ئايالدەك “ پۇلى يوق ئەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت“ دەيدىغان، ئاشكارە دېمىسىمۇ كۆڭلىدە تالاي قېتىم شۇنداق ئويلايدىغان قىز، ئاياللىرىمىز ئەتراپىمىزدا، ھەتتا ئۆز ئۆيىمىزدە بولۇشى مۇمكىن، ئەرلەرگە كېلىۋاتقان بېسىم، رىقابەت ھەر قانداق ۋاقىتتىدىكىدىن كۈچلۈك. پۇل دېگەننى ئويلىساڭ تېخى، ئويلىمىساڭ تېخى، ئىمان-ئېتىقادىڭ، غۇرۇر-ۋىجدانىڭ بىلەن ياشىمىساڭ تېخى، ئەمما ئىشىنىمەنكى، ئەقىللىق ئادەم ھامان ئۆز يولىنى تېپىپ ماڭالايدۇ؛ ئىمان-ئېتىقاد بىلەن ياشىسا ۋەسۋەسە ۋە پاسىقلىقتىن كېلىدىغان زىياننى ئازايتالايدۇ، پاكىز ياشاشنىڭ ئۆزى تېجەشلىك، گۈزەل ياشىغانلىق. ھەقىقىي ئىماندىن ئاشۇ بەغەرەز ئاياللار كۆرەلمەيدىغان غۇرۇر، ۋىجدان شىجائەت، ھالالدىن پۇل تېپىش، ساۋاب ئىزدەپ ياشاش دېگەنلەر مەيدانغا كېلىدۇ. مەن بۇلارنى ئۈرۈمچىدىكى مەن تونۇيدىغان ئەزىمەتلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىدىن تولۇق كۆردۈم.

“پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت…” ئۈچۈن 6 باھالار

  1. كارۋان  سىما
    كارۋان

    ھەقىقەتەنمۇ ئەرلەرگە بولغان بېسىم بەك جىقكەن. لېكىن ۋايسىمايمەن، ئاللاھ ھەق سۇبھەنە ۋەتەئەلانىڭ بىزنى چوقۇم توغرا يولغا باشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.. .

    ياقتۇرۇش

  2. پەنجىر  سىما
    پەنجىر

    تولىمۇ ئوبدان يىزىپسىز، دىمىسىمۇ ھازىر پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كىتەي دىدۇق ، مەمۇرلۇق ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىسەك.كۆپرەك پۇل تاپالمىساق خەقلەر كۆزىدە ئۇنۋىرسىتنى مانچە يىل بېكارغا ئوقۇغان ، نادان بولىدىكەنمىز.

    ياقتۇرۇش

  3. ئىلقۇت  سىما
    ئىلقۇت

    بۇ ماقالىنى كېچىكىپ ئوقۇپتىمەن دېسە. ئوقۇپ بولۇپ، مەن ئەلكۈيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد» ناملىق ماقالىگە يازغان ئىنكاسنىمدىن ئۈزۈندە ئېلىپ بۇ يەرگە چاپلاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇم: (بۇ پۈتۈن ئىنكاس ئەمەس، پەقەت ئىنكاسنىڭ بىر قىسىمى، ئەگەر پۈتۈن ئىنكاسقا قىزىقسىڭىز ئىنكاسلىرىم ئىلقۇت بلوگىدا رەتلەپ چىقىلغان، شۇ يەردىن كۆرىۋالغايسىز)
    خوش، يۇقىرىدا ئارمانلىقلاردا ساقلانغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلدى. ئەمما يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەردىكى مەسىلىلەر تۈپ نىگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا ئارماننىڭ ئۆزى سەۋەبچى بولغان.
    بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:
    بىرىنچى، ئارمان ئۆز ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە تەمىنلىگەن ئىش ھەققى، تەمىنات مەسىلىسى ھازىرقى ئارماننىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمىگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، رادىل ئابلامۇ ئېيتىپ ئۆتتى، بىر شىركەت پېيىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئودا 3 يىل زىيان تارتمىغان بولۇش، پايدا ئېشىش نىسبىتى %30 ئەتراپىدا بولۇش (سانلىق قىممەت مۇشۇنداققۇ دەيمەن ھە؟ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلى سۆھبەتنى قايتا كۆرۈشكە پۇرسەت بولمىدى، خاتا بولسا تۈزىتىش بەرگەيسىلەر، ئۆزرىلىكمەن) شەرتى ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك. دېمەك ئارمان پېيىنى بازارغا سالىدۇ دېگەنلىك ئارمان ئىزچىل ھالدا زىيان تارتماي تەرەققىي قىلىپ ھەمدە ھەر يىلىغا %30 لىك پايدا ئېشىش نسىبىتى بىلەن تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقىلى 3 يىل بولدى دېگەن گەپ. ئەمما بىز قارايدىغان بولساق ئارمانلىقلارنىڭ ئىش ھەققى، تەمىنات مەسىلىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. قىسقىسى ئارماننىڭ خادىملىرىغا تەمىنلىگەن ئىش ھەققى ۋە تەمىناتى ئارماننىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قىلچە ماس كەلمەيدۇ.
    ئىككىنچى، ئارماندەك چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۆز ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈلدىكىدەك ئىش ھەققى، تەمىنات بېرەلمەسلىك جەمئىيەتتە ئەكس تەسىرىنى كۆرسەتكە. ھازىر ئارىمىزدا دۆلەتنىڭ تۆمۈر قاچىسىغا ئېرىشىش ئىستىكى بەكمۇ كۈچلۈك، شۇ ۋەجىدىن نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ئامالسىز دۆلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا ئېرىشىش يولىدىلا تىرىشىۋاتىدۇ (ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى باشقا چەمىبرەك ئەزالىرى تەرىپىدىن كېلىدىغان بېسىمنىڭ يۇقىرىلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولىۋاتىدۇ) شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى رادىل ئابلانىڭ نۇرغۇنلىغان ئىز باسارلىرى ئامالسىز ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمان، غايىلىرىنى تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىلكەش نىشانىدىن كېچىپ ئامالسىز دۆلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا ئېرىشىش يولىدا كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىنى سۆككەنلىك ئەمەس، ئەمما ھەر بىر مەكتەپ پۈتتۈرگەن ستودېتلىرىمىزنىڭ چوقۇم دۆلەتنىڭ تۆمۈر قاچىسىغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھازىر دۆلىتىمىزدە يىلىغا نەچچە يۈز تۆمەن ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ ھەر يىلىغا ئاجرىتىلىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى ناھايىتى چەكلىك، ئەگەر مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم دۆلەتنىڭ تۆمۇر تاۋىقىغا ئېرىشىمەن دېسە چوقۇم ئارتۇق ساندىكىلەر باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىشى كېرەك يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.
    دۆلەتنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بولغان ئىكەن بىر قىسىم ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە ئىقتىدارى بار بولغانلار ئىگىلىك تىكلەش ياكى باشقا ئارماندەك شىركەتلەردە ئىشلەپ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشى، بىر قىسىم دۆلەت مەمۇرىلىقىدا خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ۋە شۇنىڭغا ماس كېلىدىغانلار دۆلەت مەمۇرىلىق خىزمىتىنى قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئاندىن جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ. ئەمما گەپنى قايتۇرۇپ كەلسەك، ھازىر نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ئامالسىز ئۆز غايە نىشانلىرىدىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى بىرى ئارماندەك چوڭ شىركەتلەرمۇ ياشلارغا ئىش ھەققى ۋە تەمىناتنى ياخشى قىلىپ بېرەلمەيدۇ ھەم باشقۇرۇش ئەندىزىسى تېخى تولۇق قېلىپلاشمىغان بولغاچقا ئاسانلا ئادەم ئالمىشىش ھادىسىسى تەبئىي يۈز بېرىدۇ. ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ئارماندەك چوڭ شىركەتلەردە خىزمەت قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ، چۈنكى ئارماننىڭ تەمىناتى ياخشى ئەمەس، خىزمەتكە ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ دېگەن ئۇقۇم ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە ئەكىس ئېىتىدۇ-دە، پەرزەنتلىرىنى بىر ئاماللارنى قىلىپ دۆلەت مەمۇرىلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەمما پەرزەنتلىرىنىڭ دادىل ئىگىلىك تىكلىشىگە قەتئىي قارىشى تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئارماننىڭ ئوبرازىغا دەز كېتىدۇ.
    بۇ يەردە مەن بىر دوستۇمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئازراق مىسال قىلىپ قسىتۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
    مېنىڭ بىر دوستۇم ئەينى ۋاقىتتا ئۆز يۇرتىدىن ھەممىنىڭ كۆزىنى ھاڭ قالدۇرۇپ يالغۇز بىر ئوقۇغۇچى يۇرتىدىن ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈشتەك زور شان-شەرەپكە ئېرىشىپ، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇشتەك ياخشى پۇرسەتكە ئىگە بولغان ھەم ئودا تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنى ئىچكىرى شەھەرلەردە تاماملاپ 8 يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاپ يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا شىركەتلەردە ئىشلەش كويىدا بولۇپ، دۆلەت مەمۇرىلىق ئىمتىھانلىرىغا قەتئىي قاتناشمىغان، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى قەتئىي قوللىمىغان، ھە دېسە تاپا-تەنە قىلىپ 8 يىل ئىچىكىرىدە ئوقۇپ ئەمدى كادىر بولماي، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ئەخمەق، دۆت دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بەرگەن. ئۇ شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇلارنى قايىل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولغاچقا ئۇلارغا نۆۋىتى كەلسە چىرايلىق چۈشەنچە بېرىپ بولمىسا ئۆزى توغرا تاپقان يول بويىچە كارخانىچىلىق يولىنى تاللىغان ۋە بۇ ساھەدە ئىزدىنىشكە بەل باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ تەدرىجىي ھالدا بۇنداق گەپ ئۆتمەس «ياغاچ قولاق»قا كۆپ كايىمايدىغان، قىسقىسى ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلاشمايدىغان بولغان. ئەمما ئىش بۇنىڭلىق بىلەن ھەل بولمىغان. ئۇ بىر قېتىم يۇرتىغا قايتقاندا، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۆيىگە جەم بولغاندا يەنىلا ئۇنىڭ خىزمەت مەسىلىسى ئاساسىي پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالغان. ئۇرۇق-تۇققانلىرى يەنىلا ئۇنى ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغان، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئەمما گەپنىڭ چېڭى ئەمدى چىققان، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇنىڭ 8 يىل ئىچكىرىدە ئوقۇپ مەكتەپنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوڭۇشلۇق تاماملىيالىغانلىقىدىن گۇمانلانغان. شۇڭا ئۇنىڭ يۈزىگە سېلىپ: «ئەسلى سەن مەكتەپ پۈتتۈرەلمەپتىكەنسەن، سېنىڭ ئىمتىھانغا قاتىنىشىش سالاھىيتىڭ يوق ئىكەن.» دەپ ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئۆچمەس جاراھەت قالدۇرغان. بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۆز ئارزۇ-نىشانى، غايىسى بويىچە ئىش كۆرىمەن دېسە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن كەلگەن بېسىم بۇنچە بولغان يەردە جەمئىيەتتىن كېلىدىغان بېسىمنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى تورداشلارغا ئايان بولسا كېرەك.
    شۇڭا، مېنىڭچە ئارماندەك چوڭ شىركەتلەر ئاۋۋال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش-ھەققى ۋە تەمىناتىنى ياخشىلاپ بېرىش ئارقىلىق، ئۆزىدە بىر قېتىملىق ئىسلاھ قىلىش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ قېنىنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئىش ھەققى ۋە تەمىناتىنى ياخشى قىلىپ بەرگەندىن كېيىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تەلەپنى قاتتىق قويۇشى، ئەگەر تەلەپنى ئورۇندىيالمىسا ئۇلارغا قىلچە شەپقەت قىلماستىن ئىشتىن بوشىتىپ ئورنىغا تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىساس ئىگىسىنى قويۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئارماننىڭ ھازىرقى ھالىتىدىكى ئىش ئۈنۈمىنىڭ نەچچە ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرگەندىن سىرت ئارماننىڭ ئوبرازىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن زور ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن. ئارماننىڭ ھازىرقى ھالىتىدە مېڭىشى بىر ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش (慢性自杀) نەتىجىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.
    ئۈچىنچى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش-ھەققى ۋە تەمىناتىنى ياخشىلاپ، قان ئالماشتۇرۇش. بۇ يەردە نىگىزلىك مەسىلە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە تەمىناتىنى ياخشىلاش، ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتىنى ياخشىلىمىغاندا ئۇلارغا يۇقىرى تەلەپ قويغىلى بولمايدۇ. ئەگەر تەلەپنى يۇقىرى قويۇپ ئۇنى قەتئىي ئىجرا قىلىمەن دېسە، بۇنداق تۆۋەن كىرىملىك خىزمەتتىن ۋاز كېچىشنى تاللايدىغانلار نۇرغۇن (ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ساپاسىمۇ بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ) شۇڭا ئىش ھەققى ۋە تەمىناتنى ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئارماننىڭ تېنىدىكى بۇزۇلغان قانلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، يېڭىدىن ساپ قان ئالماشتۇرۇش ئارماننىڭ ھازىرقى زادى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

    ياقتۇرۇش

  4. alnoor024  سىما
    alnoor024

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەرتۈرك ئەپەندىم
    ياخشى مۇلاھىزە ئىكەن، ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
    «پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت » تىن «ئامېرىكا ھەممىگە قادىر» غا بەكرەك ئېتىبار بېرىلگەندەك مەنا چىقىپ قاپتۇ مەزمۇندىن.
    قانداق قىلىپ «ئەخلەت ئەر» لەردىن «ئالتۇن ئەر» لەرگە ئايلىنىشنىڭ يۇلىنى كۆرسەتسەك تېخمۇ چىرايلىق تۈگەيدىكەنتۇق ، بۇ ماقالا!

    ياقتۇرۇش

    1. ئەرتۈرك  سىما
      ئەرتۈرك

      ئەسلىدە گەپ شۇ «ئەخلەت»تىن باشلانغان، ئەمما مەسىلە پۇلغا بېرىپ تاقالغاچقا، يەنە كېلىپ دۇنيادىكى ئىقتىسادنىڭ خوجىسى ئامېرىكا بولغاچقا، مەزمۇن سەل قېيىپ كېتىپ قالدى، ئەسلى بۇنى ئايرىم تېما قىلىپ يازماقچىدىم، ئەمما ئۆزەم ئىقتىسادشۇناس ياكى جەمئىيەتشۇناس بولمىغاچقا ئەتراپلىق يېزىشقا چىشىم پاتمىدى، پەقەت بىلگەنلىرىمنى زاغرا تىلدا قىستۇرۇپ قويدۇم. ئەخلەتنى ئالتۇن قىلىشنىڭ يولىغا كەلسەك، ھەممەيلەن بۇنىڭ يولىنى بىلىدۇ، بۇ ھالدا ھېچكىمگە ئاتىكاچىلىق قىلمىدىم، پەقەت ئاخىرىدا ئىمانلىق پاكىز، ياشىساڭ بولدى، ئىشنىڭ بېشى شۇ، ئاندىن غەيرەت-جاسارەت، ھالالدىن پۇل تېپىش يولى تەدرىجىي بارلىققا كېلىدۇ دېدىم.

      ياقتۇرۇش

  5. سەركۈي  سىما
    سەركۈي

    راستىنى ئېيتقاندا بۇ تېمىدا دىيىلگەن ئۇ ئايالنىڭ شۇنداق دىگەنلىكى ‹ خاتا› .
    نىمىشقا مەنمۇ بىر ئەر بولغانلىقىمدىن شۇنداق دىمىدىم ، ھازىرغۇ جەمىيەت شۇنداق بوپ كەتتى . يالقۇن قۇربان ھېلىقى ئېتوتتا دىگەندەك ھازىر خوتۇننىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى ، بىرەر يىگىت بىرەر قىز بىلەن توي قىلسا ئۇنىڭغا كىيىم – كېچەك ،ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئېسىللىرىنى ئالمىسا ھەر قانچە سىزنى مەڭگۈ سۈيىمەن، مەڭگۈ ئايرىلمايمەن دىگەنلەرمۇ شۇ تويلۇق سەۋەبىدىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقانلار مۇ ئاز ئەمەس .
    ئەمدى راس قىزلارغا تويلۇق قىلىش بۇ پەيغەمبىرىمىزدىن قالغان ،لېكىن بىز زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئالغۇچە ئۇنى يېغىپ توي قىلغاندىن كېيىن شۇ بىر ئۆينىڭ چىقىملىرىغا ئىشلەتسە ،ئەر – خوتۇن ئىككىلىسى بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ .

    ياقتۇرۇش

باھا يېزىش