كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، بۇ بلوگ ۋوردپرېسقا كۆچۈپ كىردى، ئەسلىدە كۆچمەي دېگەن، بۇرۇنقىسىغا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، ئەمما بلوگنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىلقۇت، مۇشاۋىر ئەپەندىلەرنىڭ يېڭىلىققا ۋە مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان روھى مېنى تەسىرلەندۈردى، ئۇلارنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بلوگىمىز تولۇق يېڭىلىنىپ، ياسىنىپ تارىنىپ، يېڭى يىلدا يېڭى چىراي بىلەن كىرەلىگۈدەك ھالغا كەلدى، بۇ يەردە بۇ ئىككى ئىنىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇيغۇر تورچىلىقى مانا مۇشۇنداق ئىزدىنىشچان ياشلار بىلەن داۋاملىق گۈللىنىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ بلوگ سۇپىسىدا تەمتىلەپ مېڭىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ نۇسخىدىكى بلوگ بۇرۇنقىسىدىن ئىلغاركەن (ئەمما بۇنى تېخى تولۇق ھېس قىلىپ بولالمىدىم، ئەگەر ئەپلىشەلمەي قالسام بۇرۇنقىسىنى سېغىنىشىم مۇمكىن)، ئارخىپلار رەتلىنىپ ماقالە، ئەسەرنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە كۆرۈش ئاسانلىشىپتۇ. ئىلگىرىكى بلوگ ستاتىستىكىسى بويىچە، ئەزالىرىم 700 گە يېقىنلاشتى، زىيارەت سانى 400 مىڭغا باراي دەپ قالدى دەپ خوش بولۇپ يۈرەتتىم، ئەمدى ئۇ سان-سىپىرلاردىن پەخىرلىنىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى قالماپتۇ، بۇ بلوگدا ئەزالىققا تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، ئىسمى ۋە ئېلخەت ئادرىسىنى كىرگۈزۈپلا ئىنكاس يېزىپ قويسا بولىدىكەن. يەنە قانداق ئىلغارلىقى بار، ئۇنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئاستا-ئاستا بىلىۋالارمەن. تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ھەل بولغاندىن كېيىن ئەمدى ۋەزىپە ماڭا يۈكلىنىدۇ، بلوگنى توختىماي يېڭىلايدىغان گەپ، ئىجادىيەت گۈللىرىگە سۇ قويۇپ پەرۋىش قىلىپ تۇرىدىغان گەپ، بولمىسا بۇ باغچىمىز قۇرۇپ قالىدۇ. ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن!
Aria<a
ئەرتۈرك بلوگى يېڭىلاندى

يورۇق ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش