ئاينىش (ھېكايە)

[color=Black]ياتاقتا ئېرگوتو ئىچىپ ئولتۇراتتۇق، كۆزلىرىمىز كەيىپلىكتە پۈرۈلۈپ، قىسىلىپ، كىچىكلەپ كەتكەنىدى، قېرى بېيجىڭلىقلارغا ئوخشاش تولا سۆزلەيتتۇق، نەچچە مىليون ئادەم خەنزۇچە سۆزلىشىدىغان بۇ شەھەرنىڭ كىچىككىنە كاتىكىگە قىستىلىپ، بىر بۇلۇڭدا جاھاننىڭ، قىزلارنىڭ پارىڭىنى قىلاتتۇق. قىزلار بىز ئۈچۈن پۈتۈن جاھان ئىدى. گېپى چىقمىغان شىرىنگۇل، ئازاتگۈل، ئارزىگۇللەر… قالمىدى، چىرايلىقلار مەڭگۈ بىزنىڭ پاراڭ تېمىمىز ئىدى. سەتلەرگە پەقەت ئېچىنىپلا قوياتتۇق، ھەتتا مازاق قىلاتتۇق.

ياتاققا ئەسقەر كىردى، كېلىشكەن گۇي ئىدى، ئاتىسى ھىندىستانلىق ياكى ئەرەب سودىگەر بولسا كېرەك، مەن شۇنداق ئويلايتتىم. بۇ گۇينىڭ ئىچى ئاجىز بولسا كېرەك، چىرايلىق قىزنى كەلتۈرەلمەي، سىنىپىمىزدىكى دۈپدۈگىلەك، پاكار بىر قىزنى كەينىگە سېلىپ يۈرەتتى. بۈگۈنمۇ شۇ مۇھەببىتىنى ئورۇندۇققا چىقىرىپ قويۇپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا قانغۇدەك سۆيۈپ، ياتاققا ئىپتىخار بىلەن كىرىپ كەلدى. ھاراقنىڭ تەپتى بىلەن قىززىپ تۇرغان ئىچىمىزگە ھەۋەس ئوتى يېقىلدى، ئۇ قىز ئالامەت گۈزەل بولغان بولسا ئىچىمىزگە بەلكىم ئوت كەتكەن بولاتتى.
ئولتۇرۇپ كېتىپسىلەرغۇ… دېدى ئۇ بىر ئورۇنغا سىغدىلىپ، ھەممىمىز ئۇنىڭغا قاراپ كەتكەچكە ئۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالغانىدى.
ئولتۇردۇق، سەنلا ياشامسەن بۇ جاھاندا… دېدى يۈزى قىپقىزىل ئەكبەر.
سىلەرمۇ ياشاڭلار، ياشاۋېتىپسىلەرغۇ مانا…
ھە دېگىنە، كېچىدە نېمە ئىشلارنى قىلىپ كەلدىڭ، باۋئەن قوغلىۋەتكەندە كەلگەنسەن، ئىشنى تۈگىتىپ كەلدىڭما يا؟
كەيپىياتىمىز ئۇشتۇمتۇت جانلىنىپ، ھاياجان دولقۇنىدا لەيلىدۇق.
ماڭاۋە، يوق گەپنى قىلماي، ھارىقىڭ بولسا قويە!
قارىغاندا ئىش ئەپلەشمەپتۇ-دە…
يەنىلا ھاراققا يەتمەيدۇ…
ھاراق تۈگەپ قالدىمۇ-نېمە؟
بەخت ھارىقى ساڭا قاپتۇ، ئەمدى تالاغا بىر چىقىپ كىرىدىغان بولدۇڭ…
ئەسقەر بىر رومكىنى گېلىغا ئاتقاندىن كېيىن، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئىستاكاندىكى سوغاق سۇنى ئىچىۋېتىپ تالاغا ماڭدى.
ياتاق تاماكىنىڭ ئىسىغا توشۇپ كەتكەنىدى، بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ ئابدۇرەھىم كىردى، چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم. ئۇ ئىشىكنىڭ كەينىدىكى كارىۋىتىغا چىقىپلا ياتتى. بىر دەم جىمىپ قالدۇق، لېكىن بۇنداق سۈكۈتكە چىدىغىلى بولمايتتى، ئىچىمىزدە بىر نېمە ئۆمىلەيتتى… كەيپىمىزگە سوغاق سۇ سېپىشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق ئىدى.
ئەسقەر دېگەن گۇي ئەجەپ كىرمەيدا؟!
زىيانغا چىدىماي يېتىپ قالمىغاندۇ-ھە…
ياقەي، خوتۇنىدىن پۇل سورىغىلى كەتتى …
تەلىۋىمنى قاندۇرساڭ بېرىمەن دېگەندۇ… ۋەيت!!!
شۇنداق قىلدى، دونداقنى قونداققا چىقاردى…. ۋەيت!!!
ئەسقەر كىرمىدى، دىققىتىمىز ئابدۇرەھىمغا يۆتكەلدى.
مۇنۇنى قاراڭلار، بۇرۇنلا قونداققا چىقىۋالدىغۇ بۇ…
مۇھەببىتىدىن خەت كەلگەن، ھاياجانلىنىپ ئۇخلىيالمايۋاتىدۇ….
تولا ھاياجانلىنىپ كۇسارنى ھۆل قىلدى-دە… ۋەيت!!!
ھۆل قىلسا ئاشۇ خەتتە ئېيتىدۇ…. ۋەيت!!!
تەرىتى سۇنۇپ كەتتى-دە…
خۇپتەننى ئوقۇمىدىڭما ئابدۇرەھىم…
ئابدۇرەھىمغا قارىدىم، ئۇ جىمجىت ياتاتتى، ئاپئاق يوتقىنى گويا كېپەنلىككە ئوخشايتتى. ئۇنىڭ شۇنچە گەپلەرگە مىت قىلماي يېتىشلىرىغا ھەيران قېلىۋاتاتتىم.
ئابدۇرەھىم قاچاندىن بېرى ساقال قويدى، بىلەمسىلەر؟
ھەممىمىز ئەكبەرگە قىزىقىپ قارىدۇق.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا! چۈنكى ئۇ مۇشۇ كۈنى مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغان…
شۇ ئاچچىقىدا نامازنى باشلىۋاپتىكەن-دە بۇ…
ئابدۇرەھىم بۇنىڭغا يەنە ھېچنېمە دېمىدى، بەلكىم ئۈنسىز ئېتىراپ قىلدى …
ئەجەب بەلەن ئۇخلايدىكىنا بۇ…
تاھارىتىڭ بىلەن ئۇخلىساڭ سەنمۇ ئوبدان ئۇخلايسەن..
باياتىن تاھارىتى سۇنۇپ بولدى دېدىڭلارغۇ…
تاھارەت دېگەن سۇنىدىغان نەرسە …
لېكىن ئابدۇرەھىمنىڭ تاھارىتى چىڭمىكىن دەيمەن…
ئەسقەرنىڭ ئىككى بوتۇلكا ئېرگوتونى كۆتىرىپ كىرىشى بىلەن ھەممىمىز ئۇسساپ قالغان يولۇچىلاردەك جانلىنىپ، ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق.
ئىككى خالتا خاسىڭ ئالغاچ كىرسەڭچۇ، چىدىماپسەن-دە!
خاسىڭ يېسەڭ بېشىڭ ئاغرىيدۇ…
بوپتۇ، سۇ بىلەن ئىچەيلى…
شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىچىشكە باشلىدۇق، ئەكبەر قوشنا ياتاقتىن گىتار تېپىپ كەلدى:
يا قىزلار يوق، يا ناخشا يوق، كۆتەر بۇنداق سورۇننى! مەن ھەر قايسىڭغا ئۆزەم يېزىپ ئۆزەم ئىشلىگەن ناخشامنى بىر ئېيتىپ بېرەي. ناخشىنىڭ ئىسمى: سۆيۈملۈك ج.…
پاراققىدە كۈلۈشتۇق، ناخشىنى ئاڭلىماي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدۇق. ئەكبەر ئەستايىدىل، چىن ھېسسىيات بىلەن ناخشىسىنى باشلىدى، مۇزىكىسى ئەكبەر قەھرىماننىڭ قايسى بىر ناخشىلىرىغا ئوخشاپ قالاتتى، لېكىن تېكىستىنى ئۆزى يازغانلىقىغا ئىشەندۇق، ئۇ ئادەتتىمۇ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قوياتتى.

سۆيگۈ مېنى ئالدىدى،
ئىشەنمەيمەن قىزلارغا.
ئاھ ئۇرىمەن ياتاقتا،
باسقان مايماق ئىزلارغا.
يالغانچى قىز يېتەلمەس،
ۋەدىسى چىڭ *** قا.
ئىشقىلىپ مەن ئېرىشتىم،
ماقۇل دېگەن جاۋابقا.
ساختىلىقنىڭ قېتىنى،
يىرتىۋەتتىم قىزلىقتەك.
ئۆكۈنمەيمەن ئىشىمغا،
ياشايمىز چىن ئەركەكتەك….
«بارىكاللا، كارامەت گۇيكەنسەن!» دېيىشتۇق، ئۇ ماختاشلارغا كۆمۈلۈپ ناھايىتى ھۇزۇرلاندى. شۇ چاغدا مەن ئابدۇرەھىمنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى، بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ تامغا قاراپ يېتىۋالغانلىقىنى كۆردۈم.
بۇرادەرلەر ناخشىنىڭ كەيپىدىنمۇ ئەيتاۋۇر پىغانى ئۆرلەپ، قۇرۇق ھاراقنى ئىچىۋەردى، بىر-بىرلەپ كاللىسىدىن كېتىپ كارىۋاتلىرىغا يىقىلدى. مەن ناھايىتى تەستە ئىككىنچى قەۋەتتىكى كارىۋىتىمغا چىقىپ كىيىمىمنى سالمايلا ياتتىم، بېشىم ئايلىناتتى، تەسەۋۋۇرۇمدىكى قىزلار بىر-بىرلەپ قۇچىقىنى ئاچاتتى…
ئەتىسى ئەتىگەندە ياتاقتا جېدەل بولغاندا ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كەتتىم. ئابدۇرەھىم غەزەبلىنىپ سۆزلەيتتى:
قانداق ئېشەك گۇي سىيدى ياتقىنىمغا… ۋۇي، ھايۋان…
ئابدۇرەھىمنىڭ بۇنداق غەزەبلىنىشىنى ئەزەلدىن كۆرمىگەنىدىم. ياتقىنىغا قارىسام يېپىنىدىغان تەرىپىدىكى تاغاردەك يەر ھۆل ئىدى، تاس قاپتۇ بېشىغا سىيگىلى. ئۇ بىرسى ياتقىنىغا سىيسە ئۆزىنىڭمۇ تۇيماي ئۇخلاپ قالغىنىغا قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندەك قىلاتتى، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك جىلە بولۇپ ھەممەيلەنگە ئىشەنمەسلىك، نەپرەت بىلەن قارايتتى. ياتاقداشلارنىڭ ھېچقايسىسى زۇۋان سۈرمەيتتى، بىرەرسىمۇ ئاخشامقى ئىشىنى ئېسىگە ئېلىپ، گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغاندەك قىلمايتتى. مەنمۇ ئۆزەمدىن گۇمانلىنىپ قالدىم، مەستلىكتە ئادەم نېمە ئىشلارنى قىلمايدۇ؟ لېكىن كارىۋىتىم ئىككىنچى قەۋەتتە بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئابدۇرەھمنىڭ ئۈستىدە بولمىغاچقا ئۆزەمدىن سەل خاتىرجەم بولدۇم، ماڭا باققاندا باشقىلار، بولۇپمۇ پەستە ياتىدىغانلار بەكرەك گۇمانلىق ئىدى.
قايسى ھايۋان سىيدى دەيمەن ياتقىنىمغا…گەپ قىلمامسىلەر؟ ئاخشامقى گەپلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ياتتىم، بوپتۇ دەپ گەپ قىلمىدىم. مەن تاھارەت ئالسام، ناماز ئوقۇسام نېمە بوپتۇ؟ چىدىمىغان بولساڭ مەكتەپتە بېرىپ ئەرز قىلىشساڭ بولمامدۇ؟ نېمە دەپ ياتقىنىمغا سىيىشىسەن؟!!…
ئابدۇرەھىم يىغلىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا گەپ قىلاتتى. بىرەر نوچى چىقىپ، «ئۇقماي سىيىپ ساپتىمەن، خاپا بولما ئاداش» دېگەن گەپنى قىلالمىغاچقا، ھەممىمىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئەيىبكارلاردەك تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدۇق. ئۇ ياتقىنىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ ھېچكىمگە قارىماي زەردە بىلەن شۇنداق دەيتتى:
بىرەرسىڭلار قەستەن شۇنداق قىلدىڭلار، مەنمۇ مەست بولۇپ باققان، ئادەم ھەر قانچە مەست بولۇپ كەتسىمۇ خۇدىنى بىلمەي قالمايدۇ. نامازنى باشلىغاندىن بېرى مېنى مازاق قىلىۋاتسىلەر، ھەر نېمە دەپ باقتىڭلار، گەپ قىلمىدىم. تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇغىنىم كۆزۈڭلارغا پەقەت سىغمايلا كەلدى… ئۆزەڭلار ئوقۇيالمىساڭلارمۇ، ئوقۇغان ئادەمنى بوزەك قىلمىساڭلار نېمە بولىدۇ؟!…
بىرەرسىمىز گەپ قىلساق گويا ئۆزىمىزنىڭ تىل تۇتۇقى باردەك تۇيۇلۇپ، ھېچقايسىمىز گەپ قىلمىغاچقا ئۇ ئۆزى سۆزلەپ قالدى، بىز دەرسكە چىقىپ كەتتۇق، يولدا بارغىچە ئاخشامقى ئىشلارنى ھېكايە قىلىپ سۆزلىشىپ كۈلۈشتۇق.
بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئابدۇرەھمنىڭ يوتقىنىغا سىيىش ۋەقەسى يەنە تەكرارلاندى. بۇ ھادىسە بۇ ئىشنى بىرسىنىڭ قەستەن قىلىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ بەردى، كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ئۇيقۇسى قاتتىق ئابدۇرەھىممۇ بىلەلمىدى، ھېچقايسىمىز بىلمىدۇق. ئابدۇرەھىم خەنزۇلارنىڭ ياتىقىغا چىقىپ كېتىمەن دەپ تەلەپ قىلىپ، شۇلارنىڭ ياتىقىغا كۆچۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سىنىپتا ئوغۇللارغىمۇ، قىزلارغىمۇ پەقەت گەپ قىلمايدىغان بولدى، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە سەۋىيىسى بىزدىن يۇقىرىلاپ كەتكەندەك قىلاتتى.
يىل ئۆرۈلدى، ئابدۇرەھىم يېڭى يىل ئولتۇرۇشىمىزغىمۇ قاتناشمىدى. چاغان كەلدى، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمىز مەنىسىز ئۆتۈشكە باشلىدى. بىزنىڭ بىردىنبىر خۇشال ئوينايدىغان، كۈلىدىغان پەيتىمىز كەچتە، جوزىغا گازىر، خاسىڭ دۆۋىلەپ قويۇپ، ئېرگوتونىڭ ئاغزىنى ئاچقان، ئەكبەرنىڭ گىتارى ئاللىبۇرۇن تەقلەپ قويۇلغان چاغدا يېتىپ كېلەتتى. يەنە ئىچىشنى باشلىدۇق، ياش ئىدۇق، شاش ئىدۇق، كەلتۈرەلمىگەن قىزلار ھەققىدىكى يېڭى-يېڭى پاراڭلىرىمىز، غەيۋەتلىرىمىز ئۈزۈلمەيتتى. ئچىپ تازا قىززىشقا باشلىغان، سورۇننىڭ كەيپىياتى ئۆرلەشكە باشلىغان چاغدا ئولتۇرۇشنىڭ ئەۋجىگە ئاتاپ قويۇلغان «ئەكبەر ناخشىلىرى» باشلىناتتى. بىز بۇ ناخشىلارنىڭ مۇڭىغا ئورتاق بولۇپ تەڭ ۋاقىراپ ئېيتىشىۋاتقان چاغدا ئىشىك تېپىپ ئېچىلىپ، قولىغا بىر بوتۇلكا پىۋا ئېلىۋالغان ئابدۇرەھىم مەست-ئەلەس كىرىپ كەلدى. ھەممىمىز خۇددى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر توپ تىقىۋەتكەن پۇتبول قەھرىمانىمىزنى كۆرگەندەك ھەيران ھەم خۇشال بولۇپ، ھاياجىنىمىزنى باسالماي ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق، پاتپاراق بولۇپ ئورۇن بوشاتتۇق ۋە ئىككى كىشىلىك ئورۇنغا ئونى ئىززەت-ئىكرام بىلەن تەكلىپ قىلدۇق. ئابدۇرەھىم جايلىشىپ ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن قولىدىكى بوتۇلكىنى جوزىغا تاققىدە قويۇپ:
ئاناڭنى، قۇيە ھارىقىڭنى، بۈگۈن چىلاشقۇدەك ئىچىمىز… دېدى.
ۋاي قۇياي، قۇياي، جان ئادىشىم، ئارىمىزدا سەنلا كەم ئىدىڭ، يېنىمىزغا قايتىپ كەلسەڭ جان دەپ خىزمىتىڭنى قىلىمىز… ئەكبەر گىتارىنى تاشلاپ، ئابدۇرەھىمغا ھاراق تۇتتى. ئابدۇرەھىم ئۇنى گۈپلا قىلىپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن:
ھېلىقى ناخشاڭنى… نېمىدا ئىسمى؟ … ئېيتە، دېدى.
سۆيۈملۈك***… دېيىشتۇق تەڭلا.
ھە… شۇ ناخشاڭنى دەيمەن، قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراپلا تۇرىدۇ… ئېيتە..
ئەكبەر خۇشاللىق بىلەن گىتارىنى قولىغا ئېلىپ، ئېيتىپ ھارمايدىغان، بىز ئاڭلاپ زېرىكمەيدىغان شۇ ناخشىسىنى باشلىدى. ھەممىمىز ئەگىشىپ ئوقۇدۇق.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئابدۇرەھىم ئۆزىنىڭ كارىۋىتىغا يېنىپ كەلدى. بىز ئۇنىڭ كارىۋىتىغا دەستىلەپ قويۇۋالغان چامادانلىرىمىزنى ئېلىۋېتىپ، كارىۋاتلىرىمىزنىڭ ئاستىغا تىقىۋەتتۇق.[/color]
2007-يىل 11-ئاي

“ئاينىش (ھېكايە)” ئۈچۈن 3 باھالار

  1. دېڭىز  سىما
    دېڭىز

    ھاجىم ئېسىل چىقىپتىكەن ماۋۇ ھېكايە… مۇمكىن بولسا «سەھرايى قىيامەتتىكى يېڭى ھېكايە»نى يوللاپ قويغان بولسىلا بوپتكەن

    ياقتۇرۇش

  2. مېھرىئاي مۇھەممەت شەھلا  سىما
    مېھرىئاي مۇھەممەت شەھلا

    تۈگىدىما، بىلوگىڭىزدىكى ھەممە نەرسىنى ئوقۇپ بولدۇميا!!!

    ياقتۇرۇش

  3. يۇلتۇزى  سىما
    يۇلتۇزى

    ئەسسالام ، بولسا داۋاملاشتۇرۇپ بىر پوۋسىت قىلىۋەتكەن بولسىڭىز مەنچە بولغاندا خېلى غۇلغۇلە قوزغىغۇدەك باش تېما ئىكەن .

    ياقتۇرۇش

يۇلتۇزى ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش