• ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (7)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (7)

    سۈكۈت پەردىسى قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش تەسۋىرىنى  قايتا سىزىپ چىقىش تەس دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئالاھىدە ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ مۇشكۇل. مەسىلەن، بىر سەپىيانسلار گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىم نىياندېرتاللار ئولتۇراقلاشقان بىر ۋادىغا كىرگەندە، كېيىنكى يىللاردا شىددەتلىك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭدىن پەقەت تاشقاتمىغا ئايلانغان بىر قانچە سۆڭەك،  ئەڭ قىزغىن تەكشۈرۈشلەرگىمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرىدىغان بىر قىسىم تاش قورالدىن Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (6)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (6)

    سۆزلەيدىغان روھلار قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ روھىي ۋە ئەقلىي ھاياتى ھەققىدە نېمە دېسەك بولىدۇ؟ ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىرىنى بەزى سانلىق مەلۇمات ۋە ئوبىيېكتىپ ئامىللارغا تايىنىپ تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن كۈندە قانچە كالورىيەگە مۇھتاج ئىكەنلىكى، بىر كىلوگرام ياڭاقتىن قانچە كالورىيە ئېلىنىدىغانلىقى ۋە بىر كۋادرات كىلومېتىر ئورماندىن قانچە ياڭاق يىغىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ھېسابلىيالايمىز. بۇ مەلۇماتلارغا تايىنىپ، ئۇلارنىڭ Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(5)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(5)

    3. ئادەم بىلەن ھاۋۋانىڭ بىر كۈنى تەبىئەت تارىخى ۋە پىسخولوگىيەنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوۋچى ئاتىلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىغا كىرەلىشىمىز كېرەك. ئىنسانلىق تۈرىمىز ئومۇمەن تارىخ بويىچە ئوۋچى ساپىيانسلار بولۇپ ياشىغان. كۆپلىگەن ساپىيانسلار شەھەرلەرگە كىرىپ تىرىكچىلىك قىلغان يېقىنقى 200 يىل ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ساپىيانسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دېھقان بولۇپ ياشىغان 10 مىڭ يىل ئەجدادلىرىمىز ئوۋچىلىق قىلىپ ياشىغان نەچچە ئون مىڭ يىلنىڭ Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(4)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(4)

    گېن گۇرۇپپىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش سۆزلەرنىڭ خىيالدىكى رېئاللىقنى يارىتىش كۈچى ناتونۇش ئىنسانلارنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشىنى ساقلاشتىنمۇ ھالقىپ كەتتى. كۆپ سانلىق جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىقى ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە تايانغانلىقتىن، باشقىچە ھېكايىلەرنى بايان قىلىش، يەنى ئۇ ھېكايىلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرىنىمۇ ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئىدى. ئەپسانە-رىۋايەتلەر شارائىتلار پىشىپ يېتىلگەندە تېزلا ئۆزگىرەلەيدۇ. 1789-يىل فرانسىيە ئاھالىسى بىر كېچىدىلا پادىشاھنىڭ ئىلاھىي كۈچىگە ئىشىنىشنى تاشلاپ، ھوقۇقنىڭ خەلققە Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (3)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (3)

    2.ئىلىم دەرىخى ئالدىنقى بۆلۈمدە،  150 مىڭ يىل بۇرۇن شەرقىي ئافرىقىدا ياشايدىغان ھومو ساپىيانسنىڭ كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تاراپ، تەخمىنەن 70 مىڭ يىل بۇرۇن باشقا ئىنسان تۈرلىرىنى يوقىتىشقا باشلىغانلىقىنى كۆردۇق. ئارىدىكى مىڭ يىللار بويىچە بۇ ئىپتىدائىي ساپىيانسلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىزگە ئوخشىسىمۇ، مېڭىسى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، باشقا ئىنسان تۈرلىرىگە باققاندا ئالاھىدە ئۈستۈنلۈكى يوق ئىدى. يەنە كېلىپ، Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (2)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (2)

    يېمەكلىك پىشۇرالايدىغان ھايۋان ئىنسانلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى قەدەم باسقۇچلىرىدىن بىرى ئوتتىن پايدىلىنىشنى بايقاش بولدى. بەزى ئىنسان تۈرلىرى 800 يىلدىن بېرى ئوتتىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى؛ تەخمىنەن 300 مىڭ يىل ئاۋۋال ھومو ئېرېكتوس، نىياندېرتاللار ۋە ھومو ساپىيانسنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ھەر كۈنى ئوتتىن پايدىلىناتتى. ئىنسانلار نىھايەت ئىشەنچلىك بىر يورۇقلۇق ۋە ئىسسىنىش مەنبەسىگە، شۇنداقلا ئەتراپىدا خىرىس قىلىپ يۈرگەن شىرلارغا قارشى Read more