• تىللا سۆزلەر

    تىللا سۆزلەر

    گەپنى جايىدا قىلىشنى بىلىدىغان ئادەم كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر قالمايدۇ. (سۇلتان مۇھەممەد پاتىھ) مۇناردىن يىقىلغان ئادەمنىڭ پارچىسى تېپىلىدۇ، ئەمما كۆڭۈلدىن چۈشكەن ئادەمنىڭ پارچىسى تېپىلمايدۇ. (جالالىدىن رۇمى) چىرايلىق گۈلنى، چىرايلىق كېچىنى، ياخشى دوستنى ھەممە ئادەم خالايدۇ. ئەمما گۈلنى تىكىنى بىلەن، كېچىنى ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن، دوستنى ئۇنىڭ بارلىق دەردى بىلەن بىللە ياخشى كۆرۈش مۇھىمدۇر. (شەمسى تەبرىزى) تەبەسسۇم ھەقسىزدۇر، Read more

  • باشلىق بىلەن ئولتۇرىدىغان سورۇن (ھېكايە)

    باشلىق بىلەن ئولتۇرىدىغان سورۇن (ھېكايە)

    باشلىق بىلەن ئولتۇرۇش بەزىلەر ئۈچۈن قاتتىق پەخىرلىنىدىغان بىر ئىش. پەخىرلەنمەيمەن دېگۈچىلەرمۇ ئىختىيارسىز پەخىرلىنىپ كېتىدۇ، ئۆزىنىڭ سۈپىتىنى ساقلاپ، غۇرۇرىنى قوغداپ بىر دەم ئولتۇرۇپ باقىدۇ، ئەتراپىغا قاراپ باقسا قىزغىنلىق باشلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي بۇ ئېقىمغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. بىر سورۇندا يېنىمدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى سەنئەتچى دەپ تونۇشتۇرغان بىرەيلەن ماختىنىپ كەتتى. بېيجىڭغا بېرىپ بىر ئالىي رېستۇراندا ئىشلىگەنىكەن، Read more

  • تاش ۋە قەلب (ھېكايە)

    تاش ۋە قەلب (ھېكايە)

    مۇھەببەت تېمىسى مەڭگۈلۈك بولغىنىدەك، خوتۇن تېمىسىمۇ كونىراپ قالمايدۇ. «خوتۇنى يوقنىڭ خۇدى يوق» دېگەن ھېكمەتتىن تەلىم ئېلىپ، ئۇز بولسىمۇ، سەت بولسىمۇ بىر خوتۇن ئېلىپ چىرايلىق ئۆي تۇتۇۋالغانلارنىڭ كۈنى ئوبدان، ھەر خوتۇندىن كېلىدىغان خۇشاللىق ۋە دەرت-ئەلەملەرنى يېزىپ كەلسە يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، نوقۇل ۋەقەلىكنى دېگەندىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋەقەلىكلەردىن تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىرىنى تاللاپ كەلسە نەچچە يۈز پارچە Read more

  • تىلىمىزدىكى بەزى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار

    تىلىمىزدىكى بەزى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار

    پارسچە «سەر»(باش) دېگەن سۆزدىن ياسالغان سۆزلەر: سەركەردە، سەردار، سەركە، سەرخۇش، سەرتەراچ (ساتىراش)، سەرگۈزەشت (باشتىن ئۆتكەن ئىشلار)، سەرخىل، سەرمايە پارسچە «پۇرۇش» (ئەھلى كەسىپ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ) قوشۇمچىسى قوشۇلغان سۆزلەر: كىتابپۇرۇش، دوراپۇرۇش، كۇسپۇرۇش (بۇ سۆزنىڭ پارسچىدىكى ئەسلى مەنىسى ئەۋرەز لاتىسى بولۇپ، پۇرۇش «لاتا-پۇرۇچ» دېگەن سۆزدىكى پۇرۇچتىن كەلگەن دەيدىغانلار بار). نوچى: بۇ سۆز ئەرەبچىدىكى ناجى (قۇتقۇزغۇچى، نىجاتكار) دېگەن سۆزدىن Read more

  • كېسەللىك

    كېسەللىك

    كېسەللىك ۋە خۇمار ئىنساننىڭ بىر يېرىگە كىرىۋالىدۇ ۋىرۇستەك، قۇرتتەك، جىندەك، شەيتاندەك، تومۇرلاردا قان بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ، بوۋاقلار قولىنى ئېمىدۇ، يوغانغاندا تاماكا شورايدۇ، بىر ئۆلگۈر لەززەت نېرۋىنى بويلاپ مېڭىگە بارىدۇ، ھۇزۇردەك تۇيۇلىدۇ بەزى سەزگۈلەر، گويا جان يايرايدۇ، قان يەنە تومۇرلاردا قاينايدۇ. بەدەندىن ئىبارەت غايەت زور ئالەمدە تىرىليون ھۈجەيرىلەرنىڭ قانداق ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيلا ياشايمىز، كېسەلنىڭ نەدىن كىرىپ، Read more

  • ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەۋەندازلىرى ئىدى

    ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەۋەندازلىرى ئىدى

    ئىككى مىڭ ئون ئۈچىنچى يىل ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن جۇدالىق بىر يىل بولدى، ئەسەرلىرىدە، تەرجىمىلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى يۇقىرى سەنئەت پەللىسىگە كۆتۈرگەن ئۈچ شەخس ئارقا-ئارقىدىن ۋاپات بولدى. شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت «ئاھ، ئوسمانجان ئاكا، بۇ دۇنيادىن خوشلىشىش ئالدىدا يېنىڭدا بولالمىدۇق» دەپ نالە-پەرياد قىلسا، مۇھەممەد باغراشنىڭ زوقمەنلىرى ئۇنىڭ 80-يىللاردىكى ئاۋانگارت ئەسەرلىرىنى ياد ئېتىشىپ، «مەرھۇمنىڭ كېتىپ قېلىشى ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن زور Read more