3. ئادەم بىلەن ھاۋۋانىڭ بىر كۈنى
تەبىئەت تارىخى ۋە پىسخولوگىيەنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوۋچى ئاتىلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىغا كىرەلىشىمىز كېرەك. ئىنسانلىق تۈرىمىز ئومۇمەن تارىخ بويىچە ئوۋچى ساپىيانسلار بولۇپ ياشىغان. كۆپلىگەن ساپىيانسلار شەھەرلەرگە كىرىپ تىرىكچىلىك قىلغان يېقىنقى 200 يىل ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ساپىيانسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دېھقان بولۇپ ياشىغان 10 مىڭ يىل ئەجدادلىرىمىز ئوۋچىلىق قىلىپ ياشىغان نەچچە ئون مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۆتكەن ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.
زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەرەققىي قىلغان پىسخولوگىيە ساھەسى، بۈگۈنكى كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ۋە پىسخولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك دەۋرىدىن بۇرۇنقى ئۇزۇن دەۋردە شەكىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىمىز، ئۇرۇش-جېدەللىرىمىز، جىنسىي تۇرمۇشىمىز ئەجدادلىرىمىزدىن ئۇدۇم قالغان ئوۋچى تەپەككۇرى بىلەن كېيىنكى سانائەت دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن چوڭ شەھەرلەر، ئايروپىلانلار، تېلېفونلار ۋە كومپيۇتېرلار بىلەن بولغان ئۆزئارا تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. زامانىۋى شارائىت بىزگە بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىز ئىگە بولغاندىنمۇ كۆپ ماددىي مەنبە ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر ساقلىغان بولسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن بىزنى ئۆزىمىزدىن ياتلاشتۇرۇپ، چۈشكۈنلۈك ۋە بېسىم ئاستىدا قالغان تۇيغۇنى ھېس قىلدۇرماقتا. تەدرىجىي تەرەققىيات پىسخولوگلىرى بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن يۇشۇرۇن ئېڭىمىزدا مەۋجۇت بولغان ۋە بىزنى شەكىللەندۈرگەن ئوۋچىلىق دەۋرىنى بىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەسىلەن، ئىنسانلار نېمىشقا ئۆزىگە ئانچە پايدىسى بولمىغان يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرگە ئامراق؟ زامانىمىزدا باياشات ياشاۋاتقانلار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە تېز يامراۋاتقان سېمىزلىك كېسىلىدىن بىزار بولماقتا. ئوۋچى ئەجدادلىرىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنى بىلمىگىچە، نېمىشقا ئەڭ تاتلىق ۋە ياغلىق يېمەكلىكلەرگە بېرىلىپ كېتىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەيمىز. ئوۋچى ئەجدادلىرىمىز ياشىغان تروپىك بەلۋاغ يايلاقلىرى ۋە ئورمانلىقلىرىدا يۇقىرى كالورىيەلىك تاتلىقلار كەم ئۇچرايتتى ھەم يەيدىغان نەرسىلەرمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. 30 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان ئادەتتىكى بىر ئوۋچىنىڭ يېيەلەيدىغان تاتلىق يېمەكلىكى پەقەت پىشقان مېۋىلەر ئىدى. تاش قوراللار دەۋرىدە ياشىغان بىر ئايال مېۋىلىرى مەي باغلىغان بىر ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ قالسا، قىلالايدىغان ئەڭ ئەقىللىق ئىشى ئۇنىڭدىن تويغىچە يېيىش ئىدى، بولمىسا ئۇ يەردىكى چوڭ پىللار ئەنجۈرنى قۇرۇقداپ قوياتتى. يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرگە ئامراقلىق ئەنە شۇ سەۋەبتىن گېنلىرىمىزغا سىڭىپ كىرگەن. بۈگۈن بىز كۆپ قەۋەتلىك بىنالاردا، توڭلاتقۇمىز لىق تولغان ئۆيلەردە ياشاۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەمما DNA مىز بىزنى ھېلىمۇ تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدا ياشاۋاتىدۇ دەپ بىلىدۇ. مانا بۇ بۈگۈن بىر قاپ مۇزقايماقنى قوشۇقداپ يەپ، ئارقىدىن يوغان ئىستاكانلىق كوكا كولانى ئىچىشىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.
بۇ «تويغىچە يەپ-ئىچىش گېنى» نەزەرىيىسى بۈگۈن قوبۇل قىلىنماقتا. باشقا نەزەرىيەلەر بولسا ھازىرمۇ تالاش-تارتىش ئىچىدە. مەسىلەن، بەزى تەدرىجىي تەرەققىيات پىسخولوگلىرى بۇرۇنقى ئوۋچى ئىنسانلارنىڭ بىر ئەر- بىر خوتۇننى مەركەز قىلغان ئۇرۇقداش ئائىلىلەردىن شەكىللەنمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارغا كۆرە، ئوۋچى ئىنسانلار كۆپ ھالدا ئۇرۇقداش ئائىلە بويىچە ئەمەس، شەخسىي مۈلۈك، بىر ئەر- بىر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت، ھەتتا ئاتىلىق تۈزۈممۇ بولمىغان كوممۇنا شەكلىدە ياشىغان. بۇ خىل جەمئىيەتتە بىر ئايال بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئەر بىلەن، بىر ئەرمۇ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ يېقىنلىق ھاسىل قىلالايتتى، ئاندىن بۇ گۇرۇپپىنىڭ چوڭلىرى بالىلارغا تەڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ئارقىلىق ھەمكارلىق ئورنىتاتتى. ئەرلەر قايسى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە، ھەممە بالىلارغا تەڭ كۆڭۈل بۆلەتتى.
بۇنداق جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنى ئوتوپىيە دېگىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ھالەتنىڭ بەزى ھايۋانلاردا، بولۇپمۇ بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان شىمپانزىلار ۋە پاكىنەك شىمپانزىلاردا مەۋجۇت ئىكەنلىكى بايقالدى. بۈگۈنمۇ بەزى ئىنسانلاردا، مەسىلەن ئىتالىيەدىكى بارى يەرلىك خەلقلىرىدە كوللېكتىپ ئاتىلىقنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ خەلقنىڭ قارىشىچە، بىر بالا بىرلا ئەرنىڭ مەنىيسىدىن ئەمەس، كۆپ ئەرنىڭ مەنىيسىنىڭ بىر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىدا قوشۇلۇشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. ياخشى بىر ئانا ھامىلە ۋاقتىدا كۆپلىگەن ئەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئۇ بالا ئەڭ ياخشى ئوۋچىنىڭلا ئەمەس، ئەڭ ياخشى مەدداھنىڭ، ئەڭ كۈچلۈك جەڭچىنىڭ، ئەڭ تەلۋە ئاشىقنىڭ ئالاھىدىلىكىگە (شۇنداقلا ئۇ ئەرلەرنىڭ ئاتىلىق غەمخورلۇقىغا) ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىش سىزگە غەلىتە تۇيۇلسا، شۇنى ئۇنۇتماڭكى، زامانىۋى تۆرەلمەشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىدىن ئىلگىرى، ئىنسانلارنىڭ بوۋاقلارنىڭ كۆپ ئاتىدىن ئەمەس، بىرلا ئاتىدىن كەلگىنىگە دائىر ئېنىق بىر دەلىلى يوق ئىدى.
بۇ خىل «قەدىمكى كوممۇنا» نەزەرىيىچىلىرى بۈگۈنكى ئەر-خوتۇنلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ساداقەتسىزلىك، ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، چوڭلار ۋە بالىلار دائىم يولۇقىدىغان پىسخولوگىيەلىك مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىنسانلارنىڭ بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۇرمۇشقا، ئۇرۇقداش ئائىلىلەردە ياشاشقا مەجبۇرلىنىشىدىن كۆرىدۇ ھەمدە بۇنداق تۇرمۇش بىزنىڭ بىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىمىزگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ.
بۇ نەزەرىيىنى رەت قىلىدىغان كۆپلىگەن ئاكادىمكلار بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم ۋە ئۇرۇقداش ئائىلە قۇرۇش ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئادەتلىرىدىن بىرى دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. بۇ ئاكادېمىكلارغا كۆرە، قەدىمكى ئوۋچى ئىنسانلار بۈگۈنكى ئىنسانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ باراۋەر ۋە كوللېكتىپ ياشاشقا مۇۋەپپەق بولغان بولسىمۇ، ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىم ھۇجرىلاردا ياشىغان ھەمدە ئۇلار بىر-بىرىنى باشقىلاردىن كۈنلەيدىغان ئەر-خوتۇن ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ بالىلىرىدىن تەشكىل تاپقان. شۇ سەۋەبتىن بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ۋە ئۇرۇقداش ئائىلىلەر ئىنسانلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرگەن، ئەر-خوتۇنلارمۇ بىر-بىرىنىڭ ھالىدىن ھەم بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ھەتتا شۇ سەۋەبتىن بۈگۈن شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت ئاتىدىن بالىغا مىراس قالماقتا.
كۆز قاراشتىكى بۇ ئىختىلاپنى ھەل قىلىش، شۇنداقلا جىنسىي ھاياتىمىزنى، جەمئىيىتىمىزنى ۋە سىياسەتلىرىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاش شارائىتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىلىشىمىز، 70 مىڭ يىل بۇرۇنقى بىلىم ئىنقىلاۋى بىلەن 12 مىڭ يىل بۇرۇنقى تارىم ئىنقىلاۋى ئارىسىدىكى دەۋردە ساپىيانسلارنىڭ قانداق ياشىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىمىز كېرەك.
***
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئوۋچى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتى ھەققىدە كۆپ نەرسە ئېنىق ئەمەس. «ئىپتىدائى كوممۇنا» بىلەن «بىر ئەر-خوتۇنلۇق تۈزۈمنىڭ ئەبەدىيلىكى» نەزەرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار ئاجىز دەلىللەرگە تايانماقتا. قولىمىزدا ئوۋچى ئەجدادلار دەۋرىگە ئائىت يازما بەلگىلەر يوق، ئارخئولوگىيەلىك دەلىللەرمۇ ئاساسەن تاشقاتمىغا ئايلانغان سۆڭەكلەر ۋە تاشتىن ياسالغان قوراللاردۇر؛ تېز چىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەر (مەسىلەن، تاختا، بامبۇك ياكى تېرە) دىن ياسالغان نەرسىلەر پەقەت مۇئەييەن شارائىتتا بوزۇلماي ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئارخىئولوگىيەلىك ۋەزىيەت تېرىقچىلىق دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ تاش قوراللىرى دەۋرىدە ياشىغانلىقىغا دائىر خاتا چۈشەنچىنىڭ ئومۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تاش قوراللىرى دەۋرى ئەسلىدە ياغاچ قوراللىرى دەۋرى دەپ ئاتىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ دەۋردە ئوۋچى ئىنسانلار ياسىغان قوراللارنىڭ تولىسى ياغاچتىن ياسالغان.
قەدىمكى ئوۋچى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى بۈگۈن قولىمىزدىكى قوراللار بىلەن جانلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزىلا مەسىلە پەيدا قىلىدۇ. ئوۋچى ئىنسانلار بىلەن ئۇلارنىڭ سانائەت دەۋرى ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئېنىق پەرقلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئوۋچى ئىنسانلارنىڭ قولىدىكى نەرسىلەر تولىمۇ چەكلىك ئىدى؛ بۇ نەرسىلەر ئۇلارنىڭ ھاياتىدا چەكلىك رول ئوينىدى. بۈگۈن باياشات ۋە زامانىۋى بىر جەمئىيەتتە ئادەتتىكى ئادەمنىڭمۇ ئۆيدىن تارتىپ ماشىنىغىچە، بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان رەختلەردىن تارتىپ قاپلىق سۈتلەرگىچە مىڭلارچە ئەشياسى بولىدۇ. ئۆزىمىز لايىھەلىگەن نەرسىلەرنى قاتمىغان ھېچقانداق پائالىيەت، ئېتىقاد، ھەتتا تۇيغۇمىز يوقتۇر. يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىمىز كۆز قاماشتۇرغۇچى ئاجايىپ نەرسىلەر – قوشۇقتىن تارتىپ ئىستاكانغىچە، گېن قۇرۇلۇشى تەجرىبىخانىسىدىن تارتىپ چوڭ كېمىلەرگىچە كۆپلىگەن ئەشيالار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئويۇن ئويناش ئۈچۈن سۇلياۋ قەرتلەردىن تارتىپ 100 مىڭ كىشىلىك تەنتەربىيە مەيدانلىرىغىچە كۆپ مىقداردا ئويۇنچۇق ئىشلىتىمىز. رومانتىك مۇھەببەت ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتلىرىمىزمۇ ئۈزۈكلەر، كارىۋاتلار، چىرايلىق كىيىملەر، ھەۋەس قوزغايدىغان ئىچ كىيىملەر، گاندونلار، ئېسىل رېستۇرانلار، ئەرزان مېھمانخانىلار، ئايروپورتتىكى دەم ئېلىش ئۆيلىرى، توي زاللىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك شىركەتلىرىنىڭ قېتىلىشى بىلەن گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈلىدۇ. دىنلارمۇ مۇقەددەس بولغان مۇسۇلمان مەسچىتلىرى، كاتولىك چېركاۋلىرى، ھىندى ئىبادەتخانىلىرى، تىبەتلەرنىڭ دۇئا نۇرچاقلىرى، قۇرئان ھۆسنىخەتلىرى، جاينامازلار، پوپنىڭ تونلىرى، شاملار، ئىسرىقلار، روژدىستۋا دەرەخلىرى، مازار تاشلىرى، ئالتۇن ھەيكەللەر ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزدىن ئورۇن ئالىدۇ.
ئۆمرىمىزنىڭ ھەر باسقۇچىدا بىز قانچىلىك كۆپ ئەشيالىرىمىز بارلىقىنى ئۆي كۆچكەندە بايقايمىز. ئوۋچى ئىنسانلار ھەر ئاي، ھەر ھەپتە، ھەتتا بەزىدە ھەر كۈنى كۆچۈپ يۈرەتتى ۋە بۇ ئەسنادا يېنىدا نېمە بولسا ئۇنى خۇرجۇنىغا سالاتتى. جاپاسىنى بىر ئاز يەڭگىللىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ يېنىدا يۈك ھارۋىلىرى، ھەتتا يۈك توشۇيدىغان ئۇلاغلىرىمۇ يوق ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئەڭ مۇھىم نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىش بىلەنلا بولدى قىلاتتى. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇلارنى تەپەككۇر، دىن ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن ماددىي ئەشيالارغا باغلانماستىن ياشىغان دېيىشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى ۋاقىتتىن 100 يىل كېيىن يادىكارلىق قازغان بىر ئارخىئولوگ، بىرەر جامەنىڭ خارابىلىكىدىن تاپقان سانسىز ئەشيالار ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىبادىتىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرىنى سىزىپ بېرەلىشى مۇمكىن. ئىپتىدائىي ئوۋچى ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىلمەكچى بولساق، چوقۇم غايىب نەرسىلەردىن باشلايمىز. بۇ خۇددى كېلەچەكتىكى بىر تارىخچىنىڭ 21-ئەسىردىكى ئامېرىكالىق ياشلارنىڭ كوللېكتىپ ھاياتىنى پەقەت خەت-چەكلەر قاراپ بىلىشكە ئۇرۇنغىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ چاغدا تېلېفوندىكى پاراڭلىشىشلار، ئېلخەتلەر، بلوگلار ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنىڭ ھېچقايسىسى قالمىغان بولىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، ماددىي ئەشيالارغا قاراپ ھۆكۈم قىلىش ئىپتىدائىي ئوۋچى ئىنسانلار ھەققىدە بىر تەرەپلىمە يەكۈن چىقىرىشقا سەۋەب بولىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولى، بۈگۈنكى ئوۋچى ئىنسانلارنى كۆزىتىشتۇر. ئۇلار بىۋاسىتە ئانتروپولوگىيەلىك كۆزىتىش يولى بىلەن تەھلىل قىلىنىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى ئوۋچى ئىنسانلارغا قاراپ، ئىپتىدائىي دەۋرگە دائىر ھۆكۈم چىقارغاندا دىققەت قىلىش كېرەكلىك بولغان سەۋەبلەر بار.
بىرىنچىسى، بۈگۈنكى دەۋرگىچە ھاياتتا قېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان بارلىق ئوۋچى ئىنسانلار ئۆز ئەتراپىدىكى دېھقانلار ۋە ئىشچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ شۇڭا ئۇلار قوبۇل قىلغان نەرسىنى مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئوۋچى ئىنسانلارمۇ قوبۇل قىلغان دېيىش خاتا بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچىسى، بۈگۈنكى ئوۋچى ئىنسانلار ئاساسەن تېرىقچىلىققا ماس كەلمەيدىغان يەرلەردە، ئىقلىم شارائىتى ناچار جايلاردا جان ساقلاپ قالغان. ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كالاھارى چۆلىگە ئوخشاش دەشتى باياۋاندا ياشاشقا كۆنگەنلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، خىتاينىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى بەرىكەتلىك جايلاردا ياشىغان ئىنسانلارنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇش خاتالىشىشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، كالاھارى چۆلىدەك بىر رايوندىكى نوپۇس چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى نوپۇسقا قارىغاندا كۆپ ئاز بولۇپ، بۇلار ئىنسان گۇرۇپپىلىرىنىڭ قۇرۇلما شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە گۇرۇپپيىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچىسى، ئوۋچى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن قانداق ئايرىلغانلىقىدۇر. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر-بىرىدىن پەرقلىق ھالدا ياشاپلا قالماستىن، ئوخشاش بىر جايدا ياشاپ تۇرۇپمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلغان. بۇنىڭ بىر ياخشى مىسالى، ياۋروپادىن ئاۋسترالىيەگە دەسلەپتە كۆچۈپ بارغانلار ئاۋسترالىيەدىكى ئابورجىنلەر ئارىسىدا كۆرگەن چوڭ پەرقلەردۇر. ئىنگىلىزلار ئاۋسترالىيەنى بېسىۋېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ قىتئەدىكى 200 دىن 600 گىچە بولغان قەبىلىدە 300 مىڭدىن 700 مىڭگىچە ئوۋچى ئىنسانلار ياشايتتى. بۇ قەبىلىلەر ئۆز ئىچىدە كۆپلىگەن گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغانىدى. ھەر قەبىلىنىڭ ئۆز تىلى، دىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بار ئىدى. جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدە، بۈگۈنكى ئادىلېد ئەتراپىدا، ئاتا جەمەتىنى ئاساس قىلغان ئاتىلىق ئۇرۇقداش جەمەتلىرى ياشايتتى. بۇ جەمەتلەر زېمىن تەۋەلىكى بويىچە بىرلىككە كېلىپ قەبىلىلەرنى ھاسىل قىلاتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە، شىمالىي ئاۋسترالىيەدىكى بەزى قەبىلىلەردە ئانا جەمەتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلەتتى، قەبىلە مەنسۇبىيىتى بىر زېمىندا ياشاشتىن ئۆتە، ئۇ كىشىنىڭ توتېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
شۇنىڭدەك، ئىپتىدائىي ئوۋچى ئىنسانلار ئارىسىدىكى مىللەت ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئايرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىدى. تېرىقچىلىق دەۋرى ھارپىسىدا دۇنياغا تارالغان 5 مىليوندىن 8 مىليونغىچە ئوۋچى ئىنسانلار مىڭلارچە پەرقلىق تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەنىدى. بۇ ئەسلىدىنلا بىلىم ئىنقىلاۋىدىن قالغان مىراسلاردىن بىرى ئىدى. تەسەۋۋۇرنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن تەڭ، گېن تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولغان ھەمدە ئوخشاش مۇھىتتا ياشايدىغان ئىنسانلار خىلمۇ خىل خىيالىي رېئاللىقلارنى يارىتالىغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى ھەر خىل قائىدە-يوسۇنلار ۋە قىممەت قاراشلىرى ئارقىلىق نامايەن قىلالىغانىدى.
مەسىلەن، 30 مىڭ يىل بۇرۇن بۈگۈنكى ئىستانبۇل جايلاشقان زېمىندا ياشىغان ئوۋچى ئىنسانلارنىڭ تىلىنىڭ ، بۈگۈنكى ئىزمىر جايلاشقان زېمىندا ياشىغان ئوۋچى ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. ئۇ ئىنسانلارنىڭ بىرى تىنچلىقسۆيەر، يەنە بىرى ئۇرۇشخۇمار بولۇشى مۇمكىن. ئىستانبۇل گۇرۇپپىسى «كوممۇنا ھاياتى» نى ياشىغان بولسا، ئىزمىردىكىلەر ئۇرۇقداش ئائىلىلەر بويىچە ياشىغان بولۇشى مۇمكىن؛ ئىستانبۇل گۇرۇپپىسى قوغدىغۇچى رۇھلار ئۈچۈن ياغاچتىن ھەيكەللەر ياساشقا بىر مۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلغان بولسا، ئىزمىردىكىلەر ئۇسسۇل ئويناپ ئىبادەت قىلغان بولۇشىى مۇمكىن؛ ئىستانبۇل گۇرۇپپىسى رىيانكارناسيونغا[1] ئىشەنگەن بولسا، ئىزمىردىكىلەر ئۇنى بىمەنىلىك دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن؛ بىرسىدە ھەمجىنىسلىق قوبۇل قىلىنغان بولسا، يەنە بىرسىدە چەكلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
باشقىچە ئېيتقاندا، بۈگۈنكى ئوۋچى ئىنسانلار ھەققىدىكى ئانتروپولوگىيەلىك كۆزىتىش، قەدىمكى ئوۋچى ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە بەزى ئېھتىماللىقلارنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلسىمۇ، ئۇ دەۋردە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلار بەك كۆپ ئىدى ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەرمىدى. ھومو ساپىيانسلارنىڭ «تەبىئىي ياشاش ئادىتى» ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار ئەسلى مەسىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا. بىلىم ئىنقىلاۋىدىن بۇيان، ساپىيانسلارنىڭ بىرلا قېلىپتىكى ياشاش ئادىتى بولمىدى. بەلكى ئۇلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت تاللىشىنى ھەيران قالارلىق مۇمكىنچىلىك دۇنياسىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى.
ئەڭ بۇرۇنقى باياشات جەمئىيەت
تېرىقچىلىق دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ھايات ھەققىدە قانداق خۇلاسە چىقىرالايمىز؟ بۇ ھەقتە ھېچ بولمىغاندا، ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى نەچچە ئونلىغان ياكى يۈزلىگەن شەخسلەردىن تەركىپ تاپقان چېدىرلاردا ياشىغان ھەم ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان ئىدى دېيەلەيمىز. كېيىنكى جۈملىگە دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇنى ئۇنداق ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدۇ. يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلغان ئەزالارنىڭ كۆپ قىسمى كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلاردۇر. ئۇلار ئۆز ئىگىلىرى بىلەن تەڭ باراۋەر بولمىسىمۇ، يەنىلا شۇ جەمئىيەتنىڭ تەركىۋى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن يېڭى زېنلاندىيە جەمئىيىتى 4 مىليون 500 مىڭ ساپىيانس بىلەن 50 مىليون قويدىن تەشكىل تاپماقتا.
بۇ قائىدىدىن بىر نەرسە مۇستەسنا، ئۇ بولسىمۇ ئىت. ئىت ھومو ساپىيناس تەرىپىدىن تۇنجى كۆندۈرۈلگەن ھايۋان بولۇپ، تېرىقچىلىق دەۋرىدىن ئىلگىرىلا قولغا ئۆگىتىلگەنىدى. مۇتەخەسىسلەر بۇنىڭ قايسى دەۋر ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كېلەلمىدى، ئەمما بۇنىڭدىن 15 مىڭ يىل ئىلگىرى كۆندۈرۈلگەن ئىتلار ھەققىدە قولىمىزدا قايىل قىلارلىق ئىسپاتلار بار، ھەتتا ئىتلار ئىنسان گۇرۇپپىلىرىغا ئۇنىڭدىن مىڭلارچە يىل ئىلگىرى قېتىلغان بولۇشى مۇمكىن.
ئىتلار ئوۋچىلىققا ھەم ئۇرۇش قىلىشقا سېلىنىشتىن باشقا، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە تۇيۇقسىز كەلگەن ئادەملەردىن خەۋەر بەرگۈچى سۈپىتىدە قوللىنىلاتتى. ئىنسانلار بىلەن ئىتلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بىر-بىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرغاچ بىرلىكتە تەرەققىي قىلدى. ئىتلار ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە ھېسسىياتىغا ئەڭ دىققەت قىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، باشقا ھايۋانلارغا قارىغاندا ئىنسانلارنىڭ غەمخورلۇقىغا بەكرەك ئېرىشتى، شۇ سەۋەبتىن جان ساقلاش پۇرسىتى كەڭرەڭ بولدى. ئىتلار تەبىئىي ھالدا كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن قانداق چىقىشنى ئۆگەندى، 15 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇستىخانلار ئىنسانلار بىلەن ئىتلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنسانلار بىلەن باشقا ھايۋانلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىغاندا چوڭقۇرراق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بەزىدە ئىتلار ھەتتا ئىنسانلارغا ئوخشاش دەپنە مۇراسىمى بىلەن كۆمۈلگەن.
گۇرۇپپا ئەزالىرى بىر-بىرى بىلەن يېقىن بولۇپ، ئەتراپىدىكى دوستلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە ياشايتتى. يالغۇز قېلىشى ياكى ئۆزى بىلەن بولۇپ كېتىشى كەم ئۇچرايتتى. قوشنا گۇرۇپپىلار بەلكىم باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن ياشاش مەنبەسى تالىشىپ رىقابەتلىشەتتى، ھەتتا سوقۇشاتتى، ئەمما ئۇلار يەنىلا دوستانە ئالاقىسىنى ساقلايتتى. ئۇلار گۇرۇپپا ئەزالىرىنى بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇراتتى، بىرلىكتە ئوۋغا چىقاتتى، قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئۆزئارا ئالماشتۇراتتى، سىياسىي ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەيتتى، شۇنداقلا دىنىي بايراملىرىنى بىرلىكتە تەبرىكلەيتتى. بۇنداق ھەمكارلىق ھومو ساپىيانسلارنىڭ سودا ئىشلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىدى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلار بىلەن باشقا ئىنسان تۈرلىرىنىڭ تۈپ پەرقىنى ساقلىغانىدى. بەزىدە قوشنا گۇرۇپپىلارنىڭ مۇناسىۋىتى كۈچىيىپ، قەبىلە بولۇپ شەكىللىنىش دەرىجىسىگە بارغان بولۇپ، ئۇلار ئورتاق تىل، ئورتاق ئېتىقاد، ئورتاق ئەخلاق ئۆلچەملىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە بولغانىدى.
ئەلۋەتتە بىز بۇنداق تاشقى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىقىغا بەك يۇقىرى باھا بېرىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە قوشنا گۇرۇپپىلار گەرچە بىر-بىرىنى يېنىغا تارتسىمۇ، ئاندا-ساندا توپلىشىپ، بىرلىكتە ئوۋچىلىق قىلىپ زىياپەتلەر ئۆتكۈزسىمۇ، كۆپ ۋاقىتلىرىدا ئۇلار ئايرىم ۋە مۇستەقىل ياشىغان. ئۇلارنىڭ قىلىشقان سودىلىرىمۇ ئاساسەن قۇلۇلە قاپلىرى، ئىپار-ئەنبەر، بوياق ماتېرىياللىرى دېگەندەك ئەتىۋارلىق نەرسىلەر بىلەن چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ مېۋە-چېۋە، گۆش دېگەندەك ئاساسلىق نەرسىلەر بىلەن سودا قىلىشقانلىقىغا ياكى بىر گۇرۇپپىنىڭ باشقا گۇرۇپپىدىن مال ئىمپورت قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل يوق.
ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىمۇ شالاڭ ئىدى. قەبىلىمۇ دائىملىق سىياسىي قۇرۇلما سۈپىتىدە خىزمەت قىلمايتتى، گەرچە پەسىللىك يىغىن مەيدانلىرى بولسىمۇ، مۇقىم شەھەر-بازارلىرى ياكى مۇئەسسەسەلىرى يوق ئىدى. ئادەتتىكى كىشى بىر نەچچە ئاي ئۆزىنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەردىن باشقا كىشىلەرنى كۆرمەي ياكى ئاڭلىماي ياشايتتى؛ ئۆمرىدە ئۇچراشقان ئادەملىرى بىر نەچچە يۈز كىشىدىن ئاشمايتتى. ساپىيانسلارنىڭ نوپۇسى كەڭ رايونلارغا تارقاق جايلاشقانىدى. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن بۇرۇن، پۈتۈن يەر شارىدىكى كىشىلەرنىڭ سانى بۈگۈنكى قاھىرە شەھىرىنىڭ نوپۇسىدىنمۇ ئاز ئىدى.
ساپىيانسلارنىڭ كۆپ قىسىم گۇرۇپپىلىرى يول ئۈستىدە ياشاپ، يېمەك-ئىچمەك ئىزدەپ بىر جايدىن باشقا جايغا كۆچۈپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى پەسىل ئۆزگىرىشلىرى، ھايۋانلارنىڭ يىللىق كۆچۈشلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش دەۋرىگە باغلىق ئىدى. ئۇلار ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ دائىملىق مەركىزى ھېسابلىنىدىغان، دائىرىسى نەچچە ئون كۇۋادرات كىلومېتىردىن نەچچە يۈز كۇۋادرات كىلومېتىرغىچە كېلىدىغان جايدا كېلىپ-كېتىپ يۈرەتتى.
تۇنجى ئەرمەك ھايۋان؟
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا بايقالغان 12 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بىر قەبرىدە 50 ياشلاردىكى ئايالنىڭ ئىسكىلېتى، ئۇنىڭ يېنىدا بىر كۈچۈكنىڭ ئىسكېلىتى (سول تەرەپ ئاستىدا) تېپىلغان. بۇ ئەرمەك ھايۋان ئۇ ئايالنىڭ باش تەرىپىگە يېقىن كۆمۈلگەن، ئايالنىڭ سول قولى كۈچۈكنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان بولۇپ، ئايالنىڭ ئۇ كۈچۈكنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندەك كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا باشقىچە ئىزاھاتلارنى بەرگىلىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، بۇ كۈچۈك ئۇ دۇنيادىكى ئىشىك باقارغا بېرىلىدىغان سوۋغات بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئۇ گۇرۇھلار بەزىدە تەبىئىي ئاپەتلەر، توقۇنۇشلار، نوپۇس بېسىمى ياكى بىرەر نوچى رەھبەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ دائىملىق ماكانىدىن چىقىپ يېڭى جايلارنى ئىزدەپ يۈرەتتى. بۇنداق كۆچۈشلەر ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا كېڭىيىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىدى. ئەگەر بىر ئوۋچى گۇرۇھى ھەر قىرىق يىلدا بىر قېتىم بۆلۈنۈپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلغان يېڭى گۇرۇھ شەرققا قاراپ يۈز كىلومېتىر يىراقلىققا كۆچسە، شەرقىي ئافرىقىدىن خىتايغىچە بولغان مۇساپىنى تەخمىنەن 10 مىڭ يىلدا بېسىپ ئۆتەتتى.
بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، ئوزۇقلۇق مەنبەلىرى ناھايىتى مول بولغاندا، گۇرۇپپىلار پەسىللىك، ھەتتا دائىملىق تۇرالغۇلارغا جايلاشقان. يېمەكلىكلەرنى قۇرۇتۇش، ئىسلاش ۋە مۇزلىتىش تېخنىكىلىرى ئۇلارنىڭ بىر جايدا ئۇزۇنراق ۋاقىت ئولتۇراقلىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. ئەڭ مۇھىمى، دېڭىز ۋە دەريالار بويىدىكى مول بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرى مەنبەلىرىنىڭ يېنىدا، ئىنسانلار تۇنجى بولۇپ دائىملىق تۇرالغۇلار بولغان بېلىقچىلىق كەنتلىرىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ كەنتلەر يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان. بېلىقچىلىق كەنتلىرى 45 مىڭ يىل ئىلگىرىلا ھىندونېزىيە ئاراللىرىنىڭ ساھىللىرىدا پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ جايلار ھومو ساپىيانسلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئوكيان ھالقىغان سەپىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى—ئاۋسترالىيەگە قەدەم بېسىشىنىڭ ئاساسى بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ساپىيانس گۇرۇپپىلىرى كۆپ ھاللاردا مۇھىتقا ماسلىشىپ، ھەر خىل ئۇسۇلدا جېنىنى باققان. ئۇلار چۈمۈلىلەرنى ئىزدەپ يېگەن، مېۋىلەرنى تەرگەن، يەر ئاستىدىكى غول ئۆسۈملۈكلەرنى قېزىپ چىقارغان، توشقانلارنى قوغلىغان، بۇقا ۋە مامونتلارنى ئوۋلىغان. بىزنىڭ «ئوۋچى ئادەم» دەپ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىشى ئوزۇقلۇق توپلاش بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇلار ئۆزىگە ئېھتىياجلىق كالورىيە، خام ئەشيا، چاقماق تېشى، ياغاچ ۋە بامبۇك قاتارلىق خام ئەشيالارغا ئېرىشكەن.
ساپىيانسلار ئوزۇقلۇق ۋە خام ئەشيالارنى توپلاپ قالماي، بىلىم-ساۋاتلارنىمۇ توپلاپ ماڭغان. ھايات قېلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرى ياشايدىغان رايوننىڭ زېھنىي خەرىتىسىگە ئېھتىياجلىق ئىدى؛ كۈندىلىك يېمەكلىك ئىزدەشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر بىر ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈش قائىدىسى ۋە ھەر بىر ھايۋاننىڭ ئادىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشى كېرەك ئىدى. قايسى يېمەكلىكنىڭ قۇۋۋەتلىك، قايسى يېمەكلىكنىڭ كېسەل قىلىدىغانلىقىنى، باشقا يېمەكلىكلەرنى قانداق داۋالاشقا ئىشلىتىشنى بىلمىسە بولمايتتى. ئۇلار پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى، چاقماقلىق يامغۇر ياكى قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىدىكى ئالامەتلىرىنىمۇ بىلىشى زۆرۈر ئىدى. ئۇلار ئەتراپىدىكى ھەر بىر ئېقىن سۇ، ياڭاق دەرىخى، ئېيىق ئۇۋىسى ياكى چاقماق تېشى مەنبەسى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تەپسىلىي ئۆگەندى. ھەر كىشى تاش پىچاق ياساش، يىرتىلغان كىيىمنى ياماش، توشقان توزاقلىرىنى قويۇشنى، قار كۆچۈش، يىلان چېقىش ياكى ئاچ شىرلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىشى كېرەك ئىدى. كۆپكە ماھىر بولۇش ئۈچۈن يىللارچە شاگىرتلىق ۋە مەشىق قىلىش زۆرۈر ئىدى. قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئادەتتىكى بىر چاقماق تېشىنى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا نەيزە ئۇچىغا ئايلاندۇرالايتتى. بىز بۇ ئىشنى تەقلىد قىلىمىز دېسەك، كۆپ ھالدا مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرايمىز. كۆپچىلىكىمىز چاقماق تاش ۋە قارار مەرمەر تاشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ھەمدە ئۇلارنى نەپس ئىشلىيەلەيدىغان ئىنچىكە قول ماھارەتلىرىنى بىلمەيمىز.
باشقىچە ئېيتقاندا، ئادەتتىكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئۆزى ئولتۇراقلاشقان مۇھىت ھەققىدە ھازىرقى ئەۋلادلىرىدىن كۆپ، چوڭقۇر ۋە كۆپ خىل مەلۇماتقا ئىگە ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە سانائەتلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھايات قېلىش ئۈچۈن تەبىئەت دۇنياسى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلىشكە مۇھتاج ئەمەس. كومپيۇتېر ئىنژېنېرى، سۇغۇرتا خادىمى، تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ياكى زاۋۇت ئىشچىسى بولۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى بىلىشىڭىز كېرەك؟ پەقەت ئۆز ساھەيىڭىزگە دائىر بىلىملەرنى كۆپ بىلىشىڭىز كېرەك، ئەمما ھاياتنىڭ كۆپ قىسىم ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن باشقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىگە قارىغۇلارچە تايىنىسىز، ئۇلارنىڭمۇ بىلىمى ئۆز دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. بۈگۈنكى جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي بىلىمى قەدىمكى ئىنسان گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىلىمىدىن ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما يەككە كىشىنىڭ ئىلىم دەرىجىسىدىن قارىغاندا، قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر تارىختىكى ئەڭ بىلىملىك ۋە ئەڭ ماھارەتلىك كىشىلەر ئىدى.
قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر دەۋرىدىن بۇيان، ئادەتتىكى ساپىيانسلارنىڭ مېڭە چوڭلۇقىنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكىگە دائىر بەزى ئىسپاتلار بار. ئۇ دەۋردە ھايات قېلىش ئۈچۈن ھەر بىر كىشىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئەقلىي قابىلىيىتى بولۇشى زۆرۈر ئىدى. يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت پەيدا بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر ھايات قېلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ماھارىتىگە تېخىمۇ كۆپ تايىنىدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىكارتەلەپلەر ئۈچۈن يېڭى ئىمكانىيەت ھازىرلاندى. سىز پەقەت سۇ توشىغۇچى ياكى زاۋۇت ئىشچىسى بولسىڭىزمۇ ھايات قالالايسىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئادەتتىكى گېنىڭىزنى كېيىنكى ئەۋلادقا يەتكۈزەلەيسىز.
قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر تاشقى دۇنياغا—ئۆز ئەتراپىدىكى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئەشيالارغىلا ئەمەس، ئىچكى دۇنياغا—ئۆز بەدەنلىرى ۋە ھېسسىياتلىرىغىمۇ ھاكىم بولغان. ئۇلار ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىكى كىچىككىنە شەپىنى تۇيسىمۇ، ئۇ يەردە يىلاننىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقان-ياتمىغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيتتى؛ دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇ يەردىن مېۋە-چىۋە، ھەسەل كۆنىكى ياكى قۇش ئۇۋىلىرىنى تاپالايتتى. ئۇلار كۆپ كۈچىمەيلا ئېڭىشىش، ئولتۇرۇش، مېڭىش ۋە يۈگرەشنىڭ ئەڭ چاققان، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى بىلەتتى. ئۇلار بەدەنلىرىنى داۋاملىق ۋە كۆپ خىل ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى مارافون يۈگۈرگۈچىلىرىدەك ساغلام ۋە چىداملىق قىلغان. ئۇلارنىڭ بەدەن سۈپىتى شۇنداق يۇقىرى ئىدىكى، ھازىرقى كىشىلەر نەچچە يىل يۇگا ياكى تەيجى گۇمپىسى ئىشلىسىمۇ ئۇ دەرىجىگە يېتەلمەيدۇ.
ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى رايون ۋە پەسىلگە قاراپ ئوخشىمىسىمۇ، ئۇلار كېيىنكى دەۋرلەردىكى دېھقانلار، چارۋىچىلار، خىزمەتچىلەر ۋە ئىشخانا خادىملىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ راھەت ۋە بەرىكەتلىك ياشىغان بولسا كېرەك.
بۈگۈنكى باي جەمئىيەتلەردە ئادەملەر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40-45 سائەت ئىشلەيدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بولسا ھەپتىدە 60-80 سائەت ئىشلەيدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ قىيىن مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرمۇ (مەسىلەن، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كالاھارى چۆلىدىكىلەر) ھەپتىدە تەخمىنەن 35-45 سائەتلا ئىشلەيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندە بىر قېتىملا ئوۋچىلىق قىلىدۇ، كۈندە تەخمىنەن 3-6 سائەتنى ئولجا توپلاشقا سەرپ قىلىدۇ. ئادەتتە، بۇ ئولجىلار گۇرۇپپا ئەزالىرىنى بېقىشقا يېتىدۇ. قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر كالاھارىدىنمۇ مۇنبەت رايونلاردا ياشىغاندا، ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى تېپىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاز ۋاقىت سەرپ قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرى يۈكى ئاز ئىدى. ئۇلارنىڭ قاچا-قۇچا يۇيىدىغان، گىلەم تازىلايدىغان، پوللارنى سۈرتۈپ پارقىرىتىدىغان، سۈيدۈك لاتىسى ئالماشتۇرىدىغان ۋە ئۆينىڭ چىقىملىرىنى تۆلەيدىغان ئىشلىرى يوق ئىدى.
ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى يېزا ئىگىلىك ياكى سانائەت بىلەن تەمىنلىنىدىغان تۇرمۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىدى. بۈگۈن خىتايدىكى بىر زاۋۇتنىڭ ئىشچىسى ئەتىگەن سائەت 7 لەردە ئۆيدىن چىقىپ، مەينەت كوچىلاردىن ئۆتۈپ زاۋۇتقا بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە ئوخشاش ماشىنا-ئۈسكۈنىنى ئوخشاش ئۇسۇلدا ماڭدۇرىدۇ، كۈنىگە 10 سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ۋاقتىنى زېرىكىشلىك مەشغۇلات بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، كەچ سائەت 7، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كەچ ۋاقىتتا ئۆيىگە قايتىپ، قاچا-قۇچا يۇيۇش ياكى كىر يۇيۇش ئىشلىرىنى قىلىدۇ. 30 مىڭ يىل بۇرۇن، خىتايدىكى بىر ئوۋچى-غەنىمەتچى ئەتىگەن سائەت 8 لەردە ھەمراھلىرى بىلەن چېدىرىدىن چىقىپ، ئەتراپىدىكى ئورمان ۋە يايلاقلاردا موگو يىغقان، يىلتىز كولىغان، پاقا تۇتقان بولۇشى، گاھىدا يولۋاسلاردىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن. چۈشتىن بۇرۇن ئۇلار چېدىرغا قايتىپ تاماق تەييارلىغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بوش ۋاقىتلىرىدا پاراڭ سېلىشقان، ھېكايە ئېيتىشقان، بالىلار بىلەن تەڭ ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، يولۋاسلار گاھىدا ئۇلارنى تۇتۇۋالغان ياكى بىر يىلان ئۇلارنى چېقىۋالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار بۈگۈنكىدەك ماشىنا ۋەقەسى ۋە سانائەت بۇلغىنىشىغا ئۇچرىمىغانىدى.
كۆپ جايلار، كۆپ زامانلاردا ، ئىنسانلار ئوزۇق-تۈلۈك توپلاپ، ئۆزلىرىگە ئىنتايىن ماس كېلىدىغان ئوزۇقلۇق بىلەن ئۆزلىرىنى تەمىنلىگەن. بۇنىڭغا ھەيران قېلىش كەتمەيدۇ، چۈنكى ئىنسانلار يۈز مىڭ يىللاردىن بېرى ئاشۇ ئۇسۇلدا ئوزۇقلىنىپ كەلگەن، ئادەمنىڭ بەدىنىمۇ بۇنداق يېمەكلىككە تولۇق ماسلاشقان. تاشقا ئايلىنىپ قالغان قەدىمكى ئادەم سۆڭەكلىرىدىن ئېلىنغان پاكىتلارغا قارىغاندا، قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر كېيىنكى دېھقان ئەۋلادلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە ئانچە دۇچار بولمىغان، ئۇلارنىڭ بويىمۇ ئېگىزرەك بولۇپ، ساغلاملىقىمۇ ياخشى بولغان. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى قارىماققا 30–40 ياش ئەتراپىدا بولسىمۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بالا چاغدىكى ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ئىدى. ئەگەر بالىلار خەتەرلىك بولغان تۇنجى بىر نەچچە يىلنى بىخەتەر ئۆتكۈزسە، ئۇلارنىڭ 60 ياشقىچە ياشاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىدى، بەزىلەر ھەتتا 80 ياشقىچە ياشىغان. زامانىۋى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ئارىسىدا، 45 ياشلىق ئاياللار يەنە 20 يىل ياشىيالايدۇ، 60 ياشتىن ئاشىدىغانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 5 پىرسەنتىدىن 8 پىرسەنتىگىچە ئىگىلەيدۇ.
ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتەرسىزلىكىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلىنىشىدىكى سىرى، ئۇلارنىڭ كۆپ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى ئىدى. دېھقانلار ئادەتتە ئىنتايىن چەكلىك ۋە تەڭپۇڭ بولمىغان يېمەكلىكلەر بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بولۇپمۇ زامانىۋى دەۋردە، دېھقانلارنى تەمىنلەيدىغان كالورىيەنىڭ كۆپ قىسمى بىرلا خىل يېزا مەھسۇلاتىدىن، مەسىلەن بۇغداي، ياڭيو ياكى گۈرۈچ قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن كەلگەن بولۇپ، بۇلاردا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان بەزى ۋىتامىن، مىنېرال ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلىرى كەم. ئەڭ چىداملىق كېلىدىغان خىتاي دېھقانلىرى ئادەتتە ئەتىگەنلىك تاماققا گۈرۈچ، چۈشتىمۇ گۈرۈچ، كەچلىكىمۇ يەنىلا گۈرۈچ يېگەن. ئەگەر تەلىيى ياخشراق بولسا، كېيىنكى كۈنىمۇ شۇنى يېيىشنى ئارزۇ قىلغان. ھالبۇكى، قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر دائىم خىلمۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان. دېھقانلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى بولغان ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ناشتىلىقتا مېۋە-چېۋە بىلەن موگو، چۈشلۈك تاماقتا مېۋە-چېۋە بىلەن قۇلۇلە، كەچلىك تاماقتا توشقان كاۋىپى بىلەن ياۋا پىياز يېگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچى كۈنىنىڭ تاماق تىزىملىكىمۇ پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق كۆپ خىل ئوزۇقلىنىش قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنى ئۇلارغا كېرەكلىك بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرلا خىل ئوزۇقلۇققا تايىنىپ قالماسلىق ئۇلارنى مۇھىم ئاشلىق مەنبەسى قەھەتچىلىكىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان. شۇڭا بىرەر ئوزۇقلۇق مەنبەسى يوقاپ كەتسىمۇ، ئۇلارغا چوڭ تەسىر قىلمىغان. يېزا ئىگىلىك جەمئىيەتلىرى كۆپىنچە گۈرۈچ ياكى ياڭيۇ دېگەندەك بىرلا خىل زىرائەتلەرگە كۆپ تايىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، قۇرغاقچىلىق، ئوت ئاپىتى ياكى يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بۇ زىرائەتلەر نابۇت بولغاندا، دېھقانلار ئوڭايلا قەھەتچىلىككە ئۇچرايدۇ. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭمۇ تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوزۇق-تۈلۈك كەمچىل دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىينچىلىقلارغا دەرھال ماسلىشىپ، باشقا ھايۋانلارنى ئوۋلاش، ئوزۇقلۇق توپلاش ياكى ئاپەت تەسىرى ئازراق بولغان رايونغا كۆچۈپ بېرىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى تېخىمۇ ئاسان يەڭگەن.
قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ دەردىنى ئاز تارتقان. يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت جەمئىيەتلىرىگە زىيان سالغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر (مەسىلەن، چېچەك، قىزىل ۋە تەرەت كېسىلى) ئۆي ھايۋانلىرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ كېسەللىكلەر ئادەملەرگە پەقەت يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىنلا تارقالغان. ئىتلارنى كۆندۈرگەن قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر جەمئىيىتى بۇنداق ئاپەتلەردىن خالىي بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت جەمئىيەتلىرىدىكى كىشىلەر كۆپىنچە نوپۇسى زىچ ۋە ساغلاملىققا ماس كەلمەيدىغان جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ ياشىغان بولۇپ، بۇنداق مۇھىت كېسەللىكلەرنىڭ يامرىشىغا بەكمۇ ماس كەلگەن. ئەمما ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر كىچىك توپلارغا بۆلۈنۈپ ھەر ياقتا كۆچۈپ يۈرىدىغان بولۇپ، ئۇلاردا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يامرىشى مۇمكىن بولمىغان.
ساغلام ۋە خىلىمۇ-خىل يېمەكلىكلەر، نىسبەتەن قىسقا ئىش ھەپتىسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئازلىقىغا قاراپ، كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر يېزا ئىگىلىكتىن بۇرۇنقى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ جەمئىيىتىنى «ئەسلىدىكى باياشات ۋە راھەت جەمئىيەتلەر» دەپ ئاتىغان. ئەمما ئۇ قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى غايىۋىلەشتۈرسەك خاتالاشقان بولىمىز. ئۇلار يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت جەمئىيەتلىرىدىكى ئىنسانلارغا قارىغاندا ياخشىراق ياشىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دۇنياسى يەنىلا مۇشەققەتلىك ۋە رەھىمسىز بولغان. ئۇلارنىڭ دەۋرىدە مۇھتاجلىق ۋە قىيىنچىلىق ئادەتتىكى ئىش بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان، بۈگۈنكى كۈندە ئاددىيلا كۆرۈلىدىغان بىر ھادىسە ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈمدىن دېرەك بېرەتتى. كۆپىنچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆچمە گۇرۇپپىلىرىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتتىن ھۇزۇرلانغان بولسىمۇ، بەزى تەلەيسىزلىرى ئۆز توپىنىڭ دۈشمەنلىكىگە ياكى مەسخىرىسىگە ئۇچراپ ناھايىتى ئازاپلانغان بولۇشى مۇمكىن. زامانىۋى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر قېرىلار ياكى توپقا ئەگىشىپ ماڭالمىغان ئاقساق-چولاقلارنى بەزىدە تاشلاپ قويغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئاتا-ئانىسى خالىمىغان بوۋاقلار بىلەن بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان، ھەتتا دىنىي تەشەببۇس بىلەن ئادەملەرنى قۇربان قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان.
ئاچە خەلقى، 1960-يىلغىچە پاراگۋاي ئورمانلىرىدا ياشاپ كەلگەن ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرگە تەۋە جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىدىن ئىشارەت بېرىدۇ. قەبىلىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى ئۆلۈپ قالغاندا، ئاچە خەلقىنىڭ ئادەتتە بىر كىچىك قىزنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى بىرلىكتە كۆمىدىغان ئادىتى بار. ئاچە خەلقى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئانتروپولوگلار مۇنداق بىر ئەھۋالنى خاتىرىلىگەن: ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەمگە كېسەل تېگىپ، باشقىلارغا ئەگىشىپ ماڭالمىغانلىقى ئۈچۈن، قەبىلىسى ئۇنى تاشلاپ كەتكەن ھەم بىر دەرەخنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان. قۇشلار ئۇنىڭ بېشىغا توپلىنىپ ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى، قۇشلارغا يەم بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرغان. ئەمما ئۇ كىشى ساقىيىپ كەتكەن ۋە تېز قەدەم بىلەن يۈرۈپ، قەبىلىسىگە قوشۇلغان. ئۇنىڭ بەدىنى قۇشلارنىڭ پوقى بىلەن بۇلغانغان بولۇپ، شۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا «قۇش پوقى» دەپ لەقەم قويۇلغان.
قېرىپ قالغان ئاچە ئاياللىرى قەبىلىگە يۈك دەپ قارالغاندا، ياشراق ئەرلەرنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا تۇيدۇرماستىن كېلىپ، بېشىغا پالتا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان ئەھۋاللار بولغان. بىر ئاچە ئەر ئانتروپولوگلارغا ئۆزىنىڭ ئورماندا ئۆتكۈزگەن ياشلىق دەۋرىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ: «مەن ئادەتتە قېرى ئاياللارنى ئۆلتۈرەتتىم. ھەتتا ھامماچامنىمۇ ئۆلتۈرگەن. ئاياللار مەندىن قورقاتتى. ئەمما ھازىر ئاق تەنلىكلەر بىلەن بىللە ياشاپ، ئاجىزلىشىپ قالدىم» دېگەن. ئانتروپولوگلارنىڭ خاتىرىلىشىچە، قەبىلىدە چاچسىز تۇغۇلغان بوۋاقلار، تولۇق يېتىلمىگەن دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن دەرھال ئۆلتۈرۈلگەن. بىر ئايال ئۆزىنىڭ تۇنجى قىز بوۋاقىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئەسلەپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى قەبىلىدىكى ئەرلەرنىڭ يەنە بىر قىزنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرگەن. يەنە بىر ۋەقەدە، بىر ئەر كەيپى ئۇچۇپ ئولتۇرغاندا بالىلاردىن بىرسى يىغلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان. يەنە بىر بالا بولسا «مىجەزى غەلىتە كۆرۈنگەنلىكى ۋە باشقا بالىلار ئۇنى مەسخىرە قىلغانلىقى» ئۈچۈن تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن.
بىز ئاچە خەلقىگە دەرھال ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئۇلار بىلەن يىللارچە بىرگە ياشىغان ئانتروپولوگلارنىڭ دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، چوڭلار ئارىسىدىكى زورلۇق-زومبۇلۇق ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن. ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۆزى خالىغانچە جۆرە ئالماشتۇرالىغان ۋە دائىم خۇشال-خۇرام يۈرگەن. ئۇلاردا رەھبەرلىك تۈزۈمى بولمىغان ۋە كىشىلەر بىر-بىرىنى باشقۇرۇشتىن ساقلانغان. ئۇلار ئازغىنە مۈلكىنى باشقىلار بىلەن بۆلۈشۈشتە ناھايىتى سېخىي بولغان؛ مۇۋەپپەقىيەت ۋە بايلىققا قىلچە بېرىلمىگەن. ئۇلار ياخشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە دوستلۇققا ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇلار بالىلارنى، كېسەل كىشىلەرنى ۋە قېرىلارنى ئۆلتۈرۈشكە قانداق قارىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بەزى كىشىلەر تۇغماسلىق ۋە ئۆزى خالاپ ئۆلۈشكە شۇنداق قارىماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، پاراگۋاي دىھقانلىرىنىڭ ئاچە خەلقىنى رەھىمسىزلەرچە ئوۋلاپ ئۆلتۈرگەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەك. دۈشمەنلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئېھتىياجى، ئاچە خەلقىنى قەبىلىگە يۈك بولغان ھەر قانداق كىشىنى ئاياپ قويماسلىققا مەجبۇر قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە بولسا ئاچە جەمئىيىتى، تارىختىكى ھەر قانداق جەمئىيەتكە ئوخشاش مۇرەككەپ بولغان. بىز ئۇلارنى يۈزەكى تونۇپلا شەيتانلاشتۇرۇش ياكى غايىۋىلەشتۈرۈشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئاچە خەلقى پەرىشتىمۇ ئەمەس، شەيتانمۇ ئەمەس، ئۇلار ئادەم ئىدى. قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرمۇ شۇنداق.
[1] رىيانكارناسيون—ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى باشقا جانلىقلارغا كۆچىدۇ دەپ قارايدىغان تەلىمات.