
– بۈگۈن مەھەللەڭگە كەتمىسەڭ، ئەتە زىباگۈل بىلەن كۆرۈشىسەن،-دېدى ئۇ تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ،- كەتسەڭمۇ نېمە ئىش قىلىسەن؟
– بولدىلا، كۆرۈشۈپ نېمە قىلاي.
– گېپىڭنى يۈز تۇرانە دېمەمسەن، مۇشۇنداقلا بولدى قىلامسەن؟
– نېمە دەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇ مېنى ياراتمايدۇ.
– ياراتمايدىغىنىنى بىلگەن ئادەم نېمىشقا خەت يازغان؟ خېتىڭنى ئۆزەڭ ئاپىرىپ بېرەلمەي مېنى ئىشقا سالدىڭ. ھېكايىدەك ئۇزۇن يېزىۋەتكەن خېتىڭغا نېمىلەرنى يېزىۋەتكىنىڭنى خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ. ئەخمەق نېمىكەنسەن، ئۇنداق ئاۋارە بولغىچە، چاقىرىپ ئەچىقىپ كۆڭلۈڭدىكىنى دېسەڭ، ماقۇل دېسە قۇچاقلاپ سۆيسەڭ، ماقۇل دېمىسە تەستەككە ئىككىنى قويساڭ، ئاندىن سېنى ئوغۇل بالا دېمەمدۇ؟
– داشۆگە ئۆتكەن خوشلۇقۇمدا ھاياجىنىمنى باسالماي يېزىۋەتكەن خەت ئۇ، ھازىر ئويلىسام ئىچىم پۇشىدۇ.
– كېيىن رەت قىلىندىڭ، مەن شۇ ۋاقىتتىلا بىلگەن، سەن بۇ ھالىڭ بىلەن ھامان رەت قىلىناتتىڭ، قانچە ئازابلانغانسەن!
– بىر نەچچە كۈن ساراڭدەك يۈردۈم، پۈتۈن قىزلارغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم، مۇھەببەتنىڭ كۆتىگە تەپتىم.
– ئۇنىڭدىن كېيىن خەت يازدىڭمۇ؟
– يازدىم، گەرچە سەن مېنى رەت قىلغان بولساڭمۇ، سېنى داۋاملىق ياخشى كۆرىمەن، بۇنى سەن توسۇپ قالالمايسەن، سەن قەلبىمدىكى تۇنجى سۆيگىنىم… دېگەندەك گەپلەرنى يازدىم.
– ئەخمەق گۇي، مۇشۇ گەپلىرىڭ بىلەن ئۇ تەسىرلەندىمۇ؟
– ياق، كېيىن جاۋاب يازمىدى، مەنمۇ يازمىدىم.
– ئەتە كۆرۈشكۈڭ بارمۇ؟
– بولدىلا، بىر يىل بولدى، بۇ چاققا بىرسىنى تاپقاندۇ؟
– ھېچكىمنى تاپمىدى، لېكىن ئۇققىلى بولمايدۇ.
– بولدىلا، ئۇنى كۆرگەننىڭ نېمە پايدىسى؟
– كۆرۈشۈپ قوي، بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ساۋاقدىشىم يوقلاپ كەپتۇ دەپ بىلىدۇ. سەنمۇ بىر يىلدىن بېرى بېيجىڭدا قانچىلىك نوچىلىشىپ كەتكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈپ قويىسەن.
– ۋاي بولدىلا…
– بۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، ئۇنى بىر كۆرگۈڭ بار.
– كۆرسەم نېمە بولماقچى، قىلىشدىغان گەپمۇ يوق…
– ما گۇينى، بىر يىلدىن بېرى سىنىپڭدا بىرەر قىزغا گەپ قىلىپ باقمىدىڭما؟ مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ باقمىدىڭما؟ زىبادىن قورقۇپ كېتىپ باشقا قىزغا قارىمىدىم دە، قويە سەن گۇينى، ئەمىسە ئۇنى ئۇنتۇپ كەت، مۇھەببەت قوشاقلىرىڭنى خالانىڭ تېمىغا يېزىپ قوي. بىز ئۆزىمىزنىڭ تاماشاسىنى قىلايلى…
مۆلجەر تاغ باغرىغا جايلاشقان بۇ كىچىككىنە شەھەر تارىختا ھەقىقەتەن شەھەر ئىدى، شۇڭىمىكىن كىشىلەر ناھىيە بازىرى دېمەي، شەھەر دەپ ئاتاپ كۆنۈپ كەتكەنىدى. مەن يېزىلىق، بۇ ئاغىنەم شەھەرلىك، مەن ئاشىق بولغان قىزمۇ شەھەرلىك ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىدا بىر سىنىپتا ئوقۇيتتۇق، مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان چاغدا كۆزۈم چۈشتى، بەلكىم شۇ چاغدا يۈرىكىمگە ئوت تۇتاشتى، بىر قىشلىق تەتىلدە ئۇخلاپ قوپۇپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولغانلىقىمنى سەزدىم؛ ھاياتىمنىڭ گۈزەللىكى، بەخت ۋە خۇشاللىقىم ئۇنىڭغا باغلىنىپ قېلىپ چاتاق بولدى. ئاخىرقى يىللىقتا ئىجتىمائىي پەنگە ئايرىلىپ كەتتىم، ئۇ تەبىئىي پەندە قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنى ھەر كۆرسەم بېشىم قاياتتى، يۈرىكىم سالاتتى، پۇتلىرىم كالۋالىشاتتى. ئۆزەمنى كېسەل دەيتتىم، ئاشىق دەيتتىم. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە دەرس تەكرارلاۋېتىپمۇ خىيالىم ئۇنىڭغا كېتىپ قالاتتى. ئۇنىڭغا ئېغىز ئېچىش تۈگۈل خەت يېزىشقىمۇ پېتىنالمايتتىم، ئۇنى ئۆزەمدىن بەكلا تۆۋەن كۆرەتتىم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتسەم ئاندىن ئۇنىڭغا تەلەپ قويالايمەن دەپ ئويلايتتىم.
شەھەرنىڭ سالقىن، ساپ ھاۋاسى، سۈزۈك بۇلاق سۇلىرى مەشھۇر بولۇپ، توققۇز بۇلاق باغچىسىغا بېلەت ئېلىپ كىرمەي، تاغقا يامىشىپ، داۋان ئاتلاپ كىرگىلىمۇ بولاتتى. بىر نەچچە قېتىم شۇنداق قىلدىم، يۈكسەكلەرگە ياماشقاندا، ئايىغىم ئاستىدىكى تاش ۋە شېغىللار پەسكە دومىلىغاندا، يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلغاندا ئۇنى ئويلاپ كۈچكە تولاتتىم، ئۇنى شۇ باغچىنىڭ ئىچىدە، توققۇز بۇلاقنىڭ بويىدا دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. باغچىغا كىرىپ ئايلانغاندا بىرە قىزنى ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ قالسام جىددىيلىشىپ كېتەتتىم. باغچىدا دەرس تەكرارلاش كۆڭۈللۈك بولسىمۇ، ئادەمنى خىيالغا باشلايدىغان نەرسىلەر تولا ئىدى. باغچىدا ئويۇن قويىدىغان بىر كىچىك سەھنە، ئۇنىڭ كەينىدە ئادەمنى ھەر خىل شەكىلدە كۆرسىتىدىغان «شەيتان ئەينەك» ئۆيى بار ئىدى، بەزىدە كىرىپ ئۆزەمنىڭ ھەر خىل ھەجۋى شەكىللىرىنى تاماشا قىلاتتىم، ئاخىرقى ئەينەكتە نورمال قىياپىتىم كۆرۈنەتتى، 17 ياشقا كىرگەن ئاق سېرىق، خىيالچان يىگىت…
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندە، ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنى-بولغۇسى قىز ساۋاقداشلىرىمنى-بولغۇسى مۇھەببەت نامزاتلىرىمنى خىيال قىلىپ ھاياجانلىنىشتىن كۆرە، ئەمدى زىباگۇلگە خەت يازالايدىغانلىقىم مېنى بەكرەك خۇشال قىلغانىدى. دەرۋەقە يازدىم، «سۆيگۈ ۋولقانى»نى پارتىلىتىپ پۇخادىم چىقتىم، ھەر قانداق قىز بۇنداق خەتنى كۆرسە تەسىرلىنىپ، ھاياجانلىنىپ بولالماي قالىدۇ، ئۆمرىدە بىر كەلگەن بۇ خۇشاللىقنى چوڭ بىلىدۇ، رەت قىلغان تەقدىردىمۇ خەتنى قەدىرلەپ، گۈزەل ئەسلىمە سۈپىتىدە ساقلاپ قويىدۇ دەپ ئويلىدىم. خەتنى نۇردۇنغا بېرىپ قويۇپ، يۇرتتىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە، ئاندىن بېيجىڭغا كەتتىم. بېيجىڭنىڭ ئەتراپىدىمۇ شياڭشەن، باداچۇ دېگەندەك پاكار تاغلار بار ئىكەن، بىر نەچچە قېتىم ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئوينىغىلى چىقتۇق، تاغقا ياماشقاندا ئەينى ۋاقىتتىكى گۈزەل تۇيغۇلىرىم، خام خىياللىرىم يادىمغا كەلدى. غايىۋى جاناننىڭ گۈزەللىكى قەلبىمدە يەككە يىگانە بولغاچقا، تەسەۋۋۇرۇمدىكى ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنىڭ پۈتۈن جامالىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھېچكىمگە كۆڭۈل بەرمەس قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك، دەرۋەقە بىر يىلغىچە ھېچقانداق قىزغا تەلمۈرۈپ قاراپ باقمىدىم.
تەتىل قىلىپ كەلگەندە، مۆلجەر تاغنى يىراقتىن كۆرگەندە بىرىنچى بولۇپ يادىمغا كەلگىنى يەنىلا زىباگۈل بولدى. ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدە بىر مەكتەپتە پۇل تۆلەپ ئوقۇۋاتاتتى. تەتىل قىلىپ كېلىپ كوچا ئايلىنىپ يۈرگەن قىز-يىگىتلەر تولىمۇ خۇشال كۆرۈنەتتى. نۇردۇن مېنى بىر يەرگە باشلاپ ماڭدى، نەگىلا ماڭساق ياش بالىلار، شاش بالىلار، تالىپ چىراي ئوقۇغۇچىلار، قىززىق قان نوچىلار…ئۈرۈمچىنىڭ مودىلىرىنى كىچىك شەھەرگە كۆتۈرۈپ كەلگەن قىزلار، پەرىزاتلار.. ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىۋېلىپ سورۇن تۈزگىلى بولغان بولسا-ھە، ھاراق دېگەننى ئىچىپ شىر كەيىپ بولۇپ كەتسەك، سۆيگەن قىزغا قېلىنلىق بىلەن گەپ قىلالىساق، ئۇسسۇل، تانسا دېگەننى ئوينىۋەتسەك…
– ئاقسۇدىن ئۇستازىم كېلەتتى،- دېدى نۇردۇن توساتتىن.
– نېمە ئۇستاز؟
– ماڭا گىتا ئۆگەتكەن.
– بېكەتكە بېرىپ ساقلامدۇق؟
– ياق، كەپ بوپتىكەن، كىمنىڭ ئۆيىگە چۈشكەندۇ، شۇنى ئۇقالمايۋاتىمەن…
كېتىۋاتساق مەن تونۇمايدىغان بىر قىز ئۇچرىدى، ۋاي دېگۈدەك چىرايى بولمىسىمۇ، بەدىنى چىرايلىق ئىدى.
نەگە ماڭدىڭىز؟-دېدى نۇردۇن قىزغا دادىل قاراپ.
– ئۆيگە بولماي نەگە…
– بىزمۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە ماڭغان.
– ئۆيدە چوڭلار يوق ئىدى…
– بىر پىيالە چېيىڭىزغۇ باردۇ؟
قىز نۇردۇنغا ئەمەس، ماڭا قاراپ تەڭقىسلىقتا قالدى، ئوڭايسىز كۈلۈپ قويۇپ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ ماڭدى، يولدا يەنە پاراللېل ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن بولۇپ بىر نەچچىسى بىزگە ئەگىشىپ بىر «جامائەت» بولدى.
-ئۇستازىمنى ئىزدەيمەن دەۋاتاتتىڭغۇ، نېمە بۇ قىزنى ئاۋارە قىلىپ…-دېدىم نۇردۇنغا.
-بوش گەپ قىل، ئۇنى كەچكىچە تاپىمىز، ئاڭغىچە ۋاقىتنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزىمىز.
قىز بىزنى ئازادە، ياسىداق ئۆيىگە باشلاپ، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئالدىمىزغا تىزىپ: «ئالغاچ ئولتۇرۇڭلار، چاي دەملەپ كىرەي» دەپ چىقىپ كەتتى.
-شوجاڭنىڭ ئۆيى-دە! بۇنداق ئۆيدە مېھمان بولساڭ ھاردۇقۇڭ چىقىدۇ،- دېدى نۇردۇن سافادا كېرىلىپ. قالغانلارمۇ شوجاڭنىڭ ئۆيىنى كۆرۈپ باقمىغاندەك، تۆت تەرەپكە نەزەر سالدى؛ گازىر-پۇرچاققا ئېغىز تەگكەچ قىزغىن پاراڭغا چۈشتى، ھە دېگەندە بىر-بىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقاندەك پاراڭ سالاتتى. ئۈرۈمچىدىكى جەمئىيەت، مەكتەپتىكى يېڭىلىق، توشۇپ كېتىۋاتقان تەتىل، قانمايۋاتقان ئويۇن-تاماشا…نەلەردە قانداق ئوينىغانلىقى، قانچىلىك ئىچكەنلىكى، قانداق قىزىقچىلىقلارنى كۆرگەنلىكى…ۋاھاكازالار، بۇنىڭدىن باشقا گەپ چىقمايتتى.
قىز چاي ئەكىلىپ ھەممىمىزگە بىر پىيالىدىن قۇيغاندىن كېيىن، چىرايىمىزغا تەكشى قارىۋېتىپ «ئەمىسە ئازادە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇڭلار» دەپ چىقىپ كەتتى. ئارىدا ھەممىدىن ئاز گەپ قىلىدىغان، ئېسىل ئولتۇرىدىغان، ساھىبخان قىزغا تەلمۈرۈپ قارىساممۇ ھاياسىزلارچە قارىمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بىردىنبىر ئادەم مەن ئىدىم.
– قۇرۇق چاي بىلەنلا ئولتۇرىمىزمۇ؟- دېدى نۇردۇن كۆزىنى قىسىپ،- ھاراق-پاراق يوقمىدۇ؟
– ئەڭ ياخشىسى جىم ئولتۇرىلى بالىلار،- دېدى بىرەيلەن تالاغا قاراپ،-قىزغا گەپ تېپىپ بېرىدىغان ئىش قىلمايلى.
– ھەر قانداق ئىش بولسا مەن ئىگە،- دېدى نۇردۇن مەيدىسىگە مۇشتلاپ،- شوجاڭ تەختتىن چۈشتى، ئۆيىدە بولغان بولسىمۇ «كېلىڭلار ئۇكىلىرىم» دەپ ئۆزى قويۇپ بېرەتتى.
نۇردۇن ئىشكاپنى ئاختۇرۇپ بىر قۇتا ھاراق تاپتى، ئالىي ھاراق بولسا كېرەك، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى:
-ئادەمگىياھ چىلىغان ئېسىل ھاراقكەن!
– چاقچاق قىلمايلى نۇردۇن…
– سەن ئىچمىسەڭلا بولىدىغۇ…
نۇردۇن چېيىنى تۆكۈۋېتىپ، ھاراقنى قۇيۇپ ئۆزى باشتا بىرنى ئىچىۋەتتى، تەرى تۈرۈلۈپ، ئېغىزى پۈرۈلۈپ كەتتى:
-ئۇھ، نېمانداق كۈچلۈك نېمە بۇ…قېرىلار ئىچكەن بولسا كۆتۈرەلمەيدىكەن. بىز ۋاكالىتەن ئىچىۋەتتۇق. بىر ھېسابتا شوجاڭنى ئاسراپ قالدۇق. قېنى، ئىچىدىغانلار بارمۇ؟
نوچىلار بىر-بىرلەپ چىقىپ، ھەر بىرى نەچچە رومكىدىن ئىچىپ قۇتىنى بىر دەمدە بىكارلاپ قويدى.
نۇردۇن قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ، پەم بىلەن جايىغا قويۇپ قويۇپ، ئىشكاپنى ئەتتى.
-مانا، شۇنچىلىك ئىش! بۇ ھاراقنى ئەمدى ئۆلگىچە ئەسلەيسىلەر!
بىز ئاشقان چاينى ئىچىۋېتىپ، ئورنىمىزدىن قوپۇپ، قىزغا رەھمەت ئېيتىپ يولىمىزغا راۋان بولدۇق.
-سەنمۇ بىرەر رۇمكا ئىچكەن بولساڭ شاشلىشىپ، زىباگۇلنىڭ ئۆيىگە بارالايتتىڭ-دە!-دېدى نۇردۇن يېنىمدا كېتىۋېتىپ.
-ئىچمىسەممۇ بارالايمەن.
-قېنى ئەتە كۆرىمىز.
كەچكىچە ئىزدەپ يۈرۈپ نۇردۇننىڭ ئۇستازىنىمۇ بىر سورۇندىن تاپتۇق، بىزنى شۇنچە ئىزدەتكەن بۇ ئاداش ماڭا ھاكاۋۇر كۆرۈندى؛ گىتار دېگەننى ئوينىتىۋېتىدۇ دەۋاتاتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك چالالمايدىكەن، قوللىرى تىترەيدىكەن. سورۇندىمۇ تۈزۈك چالغىلى ئۇنىماي ھاراق ئىچىپلا ئولتۇردى. نۇردۇن بەكرەك زورلىسا، ئۆزەڭلا چالغىنا دەپ گىتارنى تۇتقۇزۇپ قويدى. نۇردۇن بىر نەچچە پەدە چالدى، ئۇ شۇ بىر نەچچە پەدىنىلا ئۆگەنگەن بولۇپ، گىتارنىڭ تارىسىنى ئۈزۈۋېتىدىغاندەك قوپاللىق بىلەن چالاتتى، ناخشىنى مۇڭلۇق ئېيتالمايتتى.
-بولدى، بولدى، چالمىغىنە،-دېدى ئوسمان ئۇنى توختىتىپ قويۇپ،- قۇلاق بىر دەم ئارام تاپسۇن…
نۇردۇن ئۇنىڭغا گۈلىيىپ قارىدى، ئوسمانمۇ «نېمە دەيسەن» دېگەندەك مەغرۇر تىكىلدى؛ كۆز ئىشارەتلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىگە جەڭ ئېلان قىلدى، بىر-بىرىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىشتى. نۇردۇن سورۇننى بۇزماي دېدىمۇ، ياكى كېيىن ئەدىۋىڭنى بېرىمەن دېدىمۇ، ئەيتاۋۇر گىتارنى قويۇپ، ھاراقنى قولىغا ئالدى.
سورۇنغا كېيىنرەك قېتىلغان ئوسمان ئاقسۇ سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇيدىغان، ھۆسنىخەتنى قېلىپتا قۇيغاندەك يازىدىغان، پاكار بولغان بىلەن ئۇستىخانلىرى چىڭ نېمە ئىدى. مەكتەپنىڭ ئېلان دوسكىلىرىغا چاپلانغان ھۆسنخەتلىرى ھازىرمۇ تۇراتتى. ئۇ گىتارنى قولىغا ئېلىپ، ئەخمەتجان مەمتىمىننى دوراپ شۇنچىلىك پەيزى، راۋان چالدىكى، نۇردۇننىڭ ئۇستازىمۇ مەست-ئەلەس كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ئۇنىڭ تارا ئۈستىدە موكىدەك ئويناپ يۈرگەن قوللىرىغا قاراپ قالدى.
كەچتە نۇردۇننىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم، ئەتىسى قوپسام قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كېتىپتۇ، بىر كېچىدىلا قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
– نېمە بولدى ساڭا؟-دېدىم ئەجەبلىنىپ،-كېچىدىن ئۇخلىمىدىڭما؟
– ئۇخلىيالمىدىم، ئوسمان دېگەن گۇي كاللامغا كىرىۋالدى، مەن بىر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن مۇشتلىشىپ تاياق يېگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ماڭا نوچىلىق قىلىدىغان بولۇۋالدى. تۈنۈگۈنمۇ دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى چۈشۈرۈۋەتتى، بەك ئەلەم قىلدى. ئۇراي دېسەم كۈچۈم يەتمەيدۇ، كېچىدىن مۇشۇنى ئويلاپ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى…
– ئادەم دېگەننىڭ تۈۋى يوق، نوچىنىڭمۇ نوچىسى بار،-دېدىم ئۇنىڭ بۇ ھالىدىن سۆيۈنۈپ،- نېمە قىلىسەن ئۇنىڭ بىلەن نوچىلىق تالىشىپ، نەچچە مىڭ ئادەم ياشايدىغان بۇنداق شەھەردە ئوسماندەك نوچىدىن نەچچىسى چىقىدۇ، ئوسمان تېخى ئۇلارنىڭ بىر پەشۋاسىغىمۇ يارىمايدۇ.
– لېكىن مەن بۇ ئىشنى ئۇنتۇمايمەن، ئاسان بولدى قىلمايمەن.
– نېمە قىلىسەن ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشىپ؟! قورسىقىڭنى كەڭ تۇتساڭلا بولىدىغان ئىشقۇ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ مەيدانىدا نوچىلىق قىلىدۇ، سەنمۇ شۇ.
-سەن ئاز گەپ قىل، ئوسمان ئۆزىنىڭ نوچىلىقىدىن قانچە پەخىرلەنسە، بۇ ماڭا شۇنچە ھاقارەت! مۇھەببىتىنى كۆرسە ئىشتىنىغا سىيىدىغان سەندەك گۇيلار بۇنى ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ.
ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالاشمىدىم، زىباگۈل بىلەن كۆرۈشۈۋالساملا مەھەللەمگە كېتەتتىم.
نۇردۇن بازار ئايلىنىۋېرىپ زېرىكتى:
-ئۆيىگىلا بارساق بولمامدۇ، نېمانچە قىلىسەن دەيمەن!
– مەيلى،-دېدىم ئامالسىز،- كۆرۈشۈپلا ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ.
– سېنى بىلىمەن، بىر تۇرۇپ كۆرگۈڭ كېلىدۇ، بىر تۇرۇپ ئۇچراپ قالسام قانداق قىلارمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرۈيسەن. ئۇنچىلىك قىلىپ كەتمە، ئۇمۇ ئادەم، يەيدۇ، ئىچىدۇ، چىقىرىدۇ، خىيال سۈرىدۇ، سەن ئويلىغاننى ئۇمۇ ئويلايدۇ، ئۇنىڭمۇ سەندەك جىنسىي ھەۋىسى بار. ئالدىغا بارساڭ سېنى يەۋەتمەيدۇ. نوچى بولساڭ، سەن بېرىپ يەۋەتسەڭ بولىدۇ. تۇتۇپ سۆيسەڭ بولىدۇ…
-بۇ سېنىڭ خۇيۇڭ، ماڭا ماس كەلمەيدۇ…
-لېكىن ساڭا دەپ قوياي، ئۇنى قانچە چوڭ بىلسەڭ، قانچە يۇقىرى كۆتۈرسەڭ ئۇنىڭغا چوقۇنغان بولىسەن، قىزلارنى ئاي-يۇلتۇزۇم دەپ چوڭ بىلىدىغان لاۋزىلارنىڭ ھەممىسى شۇلارغا چوقۇنغان بولىدۇ. ئۇلارنى ئاي-يۇلتۇزغا ئوخشىتىپ ئاسمانغا چىقىرىۋەتسەڭ ئۆزەڭ يەردە سۆرۈلۈپ قالىسەن، قولۇڭ مەڭگۈ يەتمەيدۇ.
-مەن ھېچكىمگە چوقۇنمايمەن، چوقۇنۇش باشقا، مۇھەببەت باشقا، سەن بۇ ھېسسىياتنى چۈشەنمەيدىكەنسەن.
-چۈشىنىپ قانداق قىلاتتىڭ، ھەممىسىنىڭ تېگىدە شۇ ھەۋەس، قانمىغان ھەۋەس. يۇرتداشلار ئولتۇرۇشىدا ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ تانسا ئوينىدىم، سەن توغرۇلۇق پاراڭلاشتىم، بەزى گەپلىرىنى ئاڭلىساڭ ئاچچىقىڭ كېلىدۇ، ئۆزەڭگە ئىچىڭ ئاغرىپ قالىدۇ.
-مەن توغرۇلۇق نېمە دېگەن؟
– سېنى ئىش كۆرمىگەن دەپ ياراتمايدىكەن.
-كىمنى يارىتىدىكەن؟ سەن ھېچكىم بىلەن يۈرمىدى دەۋاتاتتىڭ.
-مەنغۇ كۆرمىدىم، لېكىن ئۇ مۇشۇ بىر يىلدا ھېچكىم بىلەن ئارىلاشماي يۈرەرما؟ خەقلەر چىرايلىقلارنى كۆرسە شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك ئولىشىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاسان بۇزۇلىدۇ.
-بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭ، ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس.
– ساڭا ھەممە قىز پاك كۆرۈنىدۇ. ئۈرۈمچىنى سەن ئۇقمايسەن، ئەگەر ساڭا «زىباگۈلۈڭ پاك ئەمەس» دەيدىغان بولسام، ئاسماندىكى يۇلتۇزۇڭ يوقاپ كېتىدۇ. لېكىن مۇھەببەتتىن كور بولۇپ كەتكەن كۆزۈڭ ئۇنى كۆرەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنى قىز ئەمەس دېسەممۇ ئىشەنمەيسەن. لېكىن شۇنى دەپ قوياي، ئۇ سېنىڭ ئاي-يۇلتۇزۇڭ ئەمەس، ئادەتتىكى قىز، سەتلەردىن سەل چىرايلىق، قىز ياكى قىز ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر قىز…
-سەنچە ئۇ بىر يىلدىلا ئۆزگىرىپ كەتكەنمىدۇ؟-دېدىم ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەي.
– كۆرسەڭ بىلىسەن، سۆيسەڭ بىلىسەن، خوتۇن قىلساڭ بىلىسەن. سەن كۇلىدا كىتابلا ئوقۇپ، جەمئىيەتنى چۈشەنمەپسەن. جەمئىيەت دېگەن ئالامەت دۇنيا، ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرىسەن. مۇھەببەت دېگەنلىرىڭ بىر يەردە قالىدۇ، رەسمىي ئىشلارنى قىلىسەن. بۇلارنى دېسەم ئاغزىڭنى ئېچىپ قاراپ قالىسەن، ئىچىڭ قاينايدۇ. چۈنكى سەن ھەممە ئىشنى ساددىلارچە ئويلايسەن، ئەمەلىيەتتە ئۆزەڭنىڭ نەقەدەر بىچارىلىكىنى بىلمەيسەن…
-قىز بالىنى ئوينىغانغا نوچى بولۇپ كېتىدىغان ئىش بولسا، سەنلا نوچى بولۇپ كەت،- دېدىم جىلە بولۇپ،-ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى بولىدۇ.
-سېنىڭ تاللىشىڭ نېمە؟ پاكلىق. شۇنداقمۇ؟ قىز بالىنىڭ پاكلىقىنى ماختىسا بولىدۇ، لېكىن سەندەك گۇينىڭ پاكلىقىنى مەن تىللايمەن. قارا ھالىڭغا، ماڭساڭمۇ پۇتۇڭ تىترەيدۇ!
-سەن ماڭا ئىش ئۆگەتمە، ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى-سائىتى بولىدۇ.
-ماڭە ئەمىسە، زىبانىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ چېيىنى ئىچىمىز. دادىسىنىڭ ھارىقى بولسا ئۇنىمۇ ئىچىمىز. بىرنى ئىچسەڭ نومۇسۇڭ ئۆلىدۇ…مەقسىتىڭگە يېتىسەن.
جاناننىڭ قولىدىن ئىچسەڭ بىر قەدەھ
تېتىيسەن ھەقىقىي سۆيگۈ تەمىنى!
– بولدى، مەن ئۇ يەرگە بارمايمەن!- دېدىم ئۇنىڭ بۇ لاۋزىلىقىغا چىداپ بولالماي.
-يولۋاس ئىزىدىن، يىگىت سۆزىدىن قايتماس دەپتىكەن، مازلاشما!
-سەن مازلاشما!
-زىبانىڭ قىزلىقى يوق دېسەم ئىشىنەمسەن؟
غەزىۋىم ئۆرلەپ، گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدىم.
– ئۆپكەڭنى بېسىۋال، مەن مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئاسمىنىىڭدىكى ئاينى ئۈزۈپ بەرمەكچى، يۈرىكىڭنى توم قىلماقچى.
– لېكىن ئۇ قىزغا ھاقارەت قىلما، تۆھمەت قىلما!
-مۇشۇنداق دېمىسەم، سەن ئۇنىڭغا گەپ قىلالمىساڭ!
-كىم گەپ قىلالمايمەن دەپتۇ!
-ماڭە ئەمىسە! ئەگەر يەنە ئۇنىڭ ئالدىدا تىرماق تاتىلاپ تۇرىدىكەنسەن، يۈزۈڭنى پوق قىلىسەن. ئاندىن مۇھەببەت دەپ چۇكۇلدىساڭ بىكار، ئاۋازىڭنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ.
بىز زىباگۈلنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق، چىڭقى چۈش ۋاقتى ئىدى، ئىسسىقتىنمۇ ياكى ھاياجاندىنمۇ ئەيتاۋۇر تەرلەپ سۇ بولۇپ كەتتىم. بۇ ھالدا ئۇ قىزنىڭ يېنىدا تەر پۇراپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ھەربىي مەشىق ۋاقتىدا بىرسى ماڭا «قولتۇقۇڭ پۇرايدىكەن» دېگەنىدى. نۇردۇن ئىىشكنى چەكتى، بىر دەمدىن كېيىن 13 ياشلاردىكى بىر قىز دەرۋازىدىن بېشىنى چىقىرىپ قارىۋىدى، زىباگۈلنى كۆرگەندەك بولۇپ يۈرىكىم سېلىپ كەتتى.
-ئاچىڭىز بارمۇ؟-دېدى نۇردۇن.
– بار، چاقىرىپ قوياي.
-تەلىيىڭ بار ئىكەن،-دېدى نۇردۇن،-كۆرۈشۈۋالىدىغان بولدۇڭ، لېكىن ئۆيىگە كىرگەندە تەمتىرىمە!
مەن كۈلۈپ قويدۇم، ئەمما يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ باسالمايۋاتاتتىم.
-ھاياجان گۇي دە سەن، زىبانى ئېلىپ قالساڭ ئىشىڭ چاتاق سېنىڭ، شۇڭا سەترەك خوتۇن ئال…
-بىر دەم جىم تۇرالمامسەن،-دېدىم ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ گەپ قىلىپ تۇرۇشى ئۆزەمنى ئوڭشىۋېلىشىمغا پايدىلىق ئىدى.
-بەك بولالماي قالساڭ، زىبانى كەمسىتىشكە، ھەتتا پەس كۆرۈشكە ئۇرۇنۇپ باققىن. بۇ ساڭا تەس كېلىدۇ، لېكىن مەن بىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل مۇشۇ.
بىر دەمدىن كېيىن زىباگۈل، غايىۋى مەھبۇبۇم، يۈرىكىمنى بىر يىلدىن بېرى مىجىپ ئوينىغان زىباگۈل دەرۋازىسىنى يەڭگىل ئېچىپ چىقىپ كەلدى. گۈزەل سىما بۇلۇتنى يېرىپ ئۆتكەن ئايدەك جىلۋىلەندى، بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى، بۇ كۈلۈمسىرەش ماڭىلا خاس بولمىسىمۇ ھەر ھالدا كۆڭلۈم ئېچىلدى، «ئۇھ» دەپ تىنىۋالدىم. بىراق ئۇنىڭ ئالدىدا نېمىشقا كۆتۈم ئوچۇق قالغاندەك تەمتىرەيمەن؟ گۇناھىم نېمە؟ ياخشى كۆرگەنلىك گۇناھمۇ؟ ئۇ دەيدۇكى(يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئويلاۋاتىمەن دېسە)، «ھالىغا باقماي ياخشى كۆرگەنلىك گۇناھ، شۇڭا ئالدىمدا بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيسەن…»
راست، شۇ ھالدا ئۇنىڭ ئالدىدا بېشىم تۆۋەن، ھالىم پەرىشان ئىدى. بۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدىم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزەمگە بولغان ئاچچىقىممۇ بار ئىدى. شۇ ئەسنادا ئاچچىق ۋە غەزەبنىڭ باتۇرلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ باتۇرلۇقنىڭ بايىقى غىلجىڭ ھاياجانلىرىمنى يوق قىلىپ، تەمتىرەشلىرىمنى تۈگىتىپ، ۋۇجۇدۇمغا باشقىچە كۈچ بېغىشلاۋاتقانلىقىنى سەزدىم، قۇملۇقتا ئاچ، ئۇسسۇز قېلىپ، ئاغزىغا سۇ تېمىتىلغاندا ھوشىغا كېلىۋاتقان ئادەمدەك بارا-بارا ئۆز ئەسلىمگە كېلىشكە باشلىدىم. مەن نۇردۇننىڭ گەپلىرىدىن ئەمەس، ئۆزەمنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىدىن، غۇرۇرۇمدىن مەدەت ئېلىپ، بۇ پاسسىپ ھالەتتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتاتتىم.
زىباگۈل بىزنى ئۆيىگە باشلاپ چاي قۇيدى، بىزنى ئادەتتىكى تونۇشلىرى، ساۋاقداشلىرىنى كۈتكەندەك كۈتتى، ئالاھىدە چىراي ئاچمىدى، ئالاھىدە گەپ قىلمىدى. ھەممىسى نورمال، ھەممىسى مەنىسىز… لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلىگىنىمدىن خۇشال ئىدىم، پات-پات ئۇنىڭغا ئوغرىلىقچە قاراپ قوياتتىم. ئۇ يەنىلا شۇنچە گۈزەل، شۇنچە نازاكەتلىك، شۇنچە تەمكىن ئىدى. بۇ ھالىتى مەندە يەنە ئەندىكىش، ھاياجان پەيدا قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا مەپتۇن بولغانچە، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئۇلۇغلىغانچە بۇ ھالەتتىن قۇتۇلالمايتتىم. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا نۇردۇننىڭ «سەن ئۇنىڭغا چوقۇنىدىكەنسەن» دېگەندەك ئاشۇرۇۋېتىشلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي خاتا دەپ كەتكىلى بولمايتتى. «چوقۇنۇش» دېگەن بۇ ئۇقۇم توساتتىن كاللامغا كىرىۋېلىپ، شۇنچىلىك نېرۋامغا تەگدىكى، كېسەلمەن ھاياجانلىرىم، بەزگەكتەك تىترەشلىرىمدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم. ئەگەر مەھبۇبۇمنىڭ گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكەن بولسا، توساتتىن ماڭقىسى چىقىپ بۇرنىدىن پوزا يېنىپ قالغان بولسا، توساتتىن سەت كېكىرگەن ياكى يەل قويۇۋەتكەن بولسا، ئېڭىشكەندە ئىشتىنىدىن ساغرىسى كۆرۈنۈپ قالغان ياكى كوپتىسىدىن كۆكسى چىقىپ قالغان بولسا، قىسقىسى، پۈتۈن نازاكىتى بۇزۇلۇپ، غايىۋى ئوبرازى ئەينەكتەك چېقىلىپ كەتكەن بولسا، ئۆزەمنى ئوڭشاپ باشقىچە جۈرئەتكە تولغان بولاتتىم. بۇ بەدبەشىرە خىيال قىزىقچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ھەم ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم؛ ئادەم يوق چاغدا قانداق قىلسا مەيلىكى، بىز بار چاغدا باشتىن ئاياغ ئۆزىنىڭ سۈپىتىنى ساقلاپ، گۈزەللىكىنى جان تىكىپ قوغداپ تۇراتتى. ئەمما مەن بولدى قىلماي ئۇنىڭ ئەيبلىك ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن زوقلانماقتا ئىدىم، ھاياجىنىم ئەسەبىيلىككە، ساراڭلىققا ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئىچىمدىكى بۇ شىددەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى نۇردۇن بىلىدىغان بولسا، ھەيران قالاتتى.
گەپلىرىمىز ھېچ قولاشمايتتى، نۇردۇنمۇ تۇيۇقسىز جىمىپ كەتتى. ئۇ توختىماي ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا قارايتتى. زىباگۈل ئۇنىڭ خۇيىنى بىلىدىغاندەك ئۆيدىن چىقىپ كەتمەي چاي قۇيۇپ ئولتۇردى. باشتا مەندىن «قاچان كەلدىڭىز؟» دەپ سورىغانىدى، كەينىدىن«قاچان ماڭىسىز؟»دەپ سورىدى، گېپى مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگەيدىغاندەك قىلاتتى.
– زىباگۇل،-دېدى ھاراقتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن نۇردۇن تالاغا ئالدىراپ،- بىر يىل بۇرۇن بۇ ئاغىنىمىزنىڭ خېتىنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدىم. كېيىن ئاڭلىسام رەھىمسىزلەرچە رەت قىلىپسىز. ئاغىنەم بىر يىلدىن بېرى دەرت تارتىپ ئورۇقلاپ كىچىككىنە قاپتۇ، سىز بىلەن پاراڭلاشقۇسى بار ئىكەن.
زىباگۈل ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن گەپنى چاقچاققا بۇرىدى:
– مەندىن ھېساب ئالغىلى كەپسىلەر-دە!
– شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ،- دېدى نۇردۇنمۇ بوش كەلمەي،-بىر يىللىق ھېسسىيات قەرزى دەڭا، ئۆز ئاغزىڭىزدىن بىر گەپ ئاڭلىمىسا بولامدۇ؟! يەنە كېلىپ، سىز بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ ئىككى كۈن ساقلىدى، بۇنىڭ يۈزىنى قىلمىسىڭىز بولماس.
ئاجىز يۈرىكىم يەنە ئىختىيارىمغا بويسۇنماي شىددەتلىك سوقۇشقا باشلىدى، يۈزۈم قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ھالىم بىلەن مەن بۇ ئۆيدىن بىر نەرسە تىلەپ كەلگەن دىۋانىگە، ئەرز ھال ئېيتىپ كەلگەن شىكايەتچىگە ئوخشاپ قالغانىدىم.
-كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن،-دېدى زىباگۈل ماڭا ھېسداشلىق قىلىۋاتقاندەك، ئۆزىنىڭمۇ بۇ ئىشقا ئامالى يوقتەك ھەسرەت بىلەن،- لېكىن مەن سىزنى ساۋاقدىشىم دەپلا ھۆرمەتلەيمەن، باشقىچە ھېسسىياتتا بولۇپ باقمىدىم، شۇڭا توغرا چۈشىنىپ…
-ئاران مۇشۇنچىلىكما؟- دېدى نۇردۇن ماڭا بىر قارىۋېتىپ،- ياسىنجان سىزگە ئۇزۇن ھېكايە يازغان، سىزمۇ ئۇزۇن ھېكايە سۆزلەڭ، ئۆيدە دېمەي باغچىدا دەڭ، كەيپىيات ئوخشىمايدۇ، ياسىنجاننىڭمۇ سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بار.
– ھېلى ئازراق ئىشىم بار ئىدى…
-زىباگۈل،-دېدى نۇردۇن ئۇنىڭغا كايىۋاتقاندەك،- بۇنچىلىك قىلىپ كەتمەڭ، بۇ دەرتنى ساقايتمىسىڭىز بولمايدۇ.
-مەن سىزگە دېگەنغۇ، بۇ ئىش مۇمكىن ئەمەس دەپ.
-مۇمكىن بولمىسا، مۇمكىن بولىدىغان ئامالنى تاپايلى.
-ئۆزەڭلارمۇ بىلىسىلەر، ھېسسىيات دېگەننى بىر كىمگە زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ.
– پاراڭلىشىپ باقساڭلار بولمامدۇ؟
-پاراڭلاشساقمۇ شۇ، مەندىن باشقا جاۋاب چىقمايدۇ.
-جاۋابىڭىزنى ئاڭلاپ بولدى، مەقسەت سىز بىلەن پاراڭلىشىش.
– سىز بۇ ئىشقا ئارىلاشمىسىڭىزمۇ بولاتتى…
-ئارىلاشمىسامغۇ بولاتتى، ئاۋارە بولۇپ بۇنىڭ خېتىنى سىزگە تۇتقۇزۇپتىمەن، ئەمدى ئاخىرىنى چىقىرىۋېتەي دەيمەن.
نۇردۇن ئۇنىڭغا كۆز ئىشارەتلىرى ئارقىلىق بېسىم قىلدى بولغاي، ماڭا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ، ئىككىلەنگەندەك تۇرۇپ قالدى.
– ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە توققۇز بۇلاقتا كۆرۈشۈڭلار!
مەن ئارىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم، ئىچىمدە مىغىلداپ تۇرغان گەپلىرىمنىڭ قايسىسىنى دەپ بولاي، جىم ئولتۇرۇپ شۇنچىلىك سىقىلدىمكى، ئورنۇمدىن قوپۇپلا چىقىپ كەتكۈم كەلدى، ئەمما ئىشنىڭ نەتىجىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتتۈم. مۇھەببەت ئالدىدا بىچارە ئىدىم، قەلەندەر ئىدىم، ئاشىق قەلەندەر…
زىباگۈلنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ يەڭگىل نەپەس ئالدىم، ئەمما نۇردۇن سەل خاپا ئىدى، ھاراق سېغىنغانىدى.
-بوش تۇرسا ئېشىۋېلىپ بارىدىيا، سېنىڭ يۈزۈڭنى دېمەيدىغان بولسام قاتتىق گەپ قىلىۋېتەتتىم.
-ھېلىمۇ ئۇنى تەمتىرىتىپ قويدۇڭ،- دېدىم زىباگۈلنىڭ دەرۋازىسىغا بىر قاراپ قويۇپ،- مېنىڭچە ئۇ سەن دېگەن يەرگە بارمايدۇ، مەن كېتىۋېرەي.
– ئىشنى توغرىلاپ بەرسەم، قاچامسەن؟
– سېنىڭچە ئۇ كېلەرمۇ؟
– كېلىدۇ، كەلمىسە تاناۋىنى تارتىمىز.
-سەن قاچاندىن باشلاپ ئۇنى قورقىتىدىغان بولۇۋالدىڭ؟
-سەن بۇنى سورىما، شۇنى بىلگىنكى، توشقان بەرىبىر توشقان. ئۇنىڭ قورقىدىغان بىر يېرى بار، يا قۇيرۇقىنى تۇتقۇزۇپ قويغان، يا بەسەي ئوغرىلاپ يەۋالغان…
سائەت 5 تە توققۇز بۇلاق دەرۋازىسى ئالدىدا زىباگۈلنى ساقلاپ تۇردۇم، ئۇ 15 مىنۇت كېچىكىپ كەلدى، ھەيران قالدىم، ئۆلگۈر ھاياجان يەنە جىمى ئەزايىمغا يامرىماقتا ئىدى. نۇردۇننىڭ ماڭا مەدەت بېرىپ، ماڭا ئىش ئۆگىتىپ دەپ كەتكەن گەپلىرى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. «ھەممە ئىش ئۆزەڭگە باغلىق، جان كەتسىمۇ ئوغۇل بالىدەك ئىش قىل، بۇ ئاخىرقى پۇرسەت» دېگەنىدى نۇردۇن. قىزنىڭ قارىسىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ تەمتىرەشكە باشلىدىم، ئۆزىنى كونترول قىلالمىغاندا ئادەم ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدىكەن، بۇ دۈشمەندەك يامان دۈشمەن نەدە بار.
ئىككىمىز باغچىغا كىرىپ، تاغدىن-باغدىن پاراڭ سالغاچ توققۇز بۇلاقنىڭ بويىغا كېلىپ توختىدۇق. شۇ چاغدا ئاندىن ماڭا كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىدىغان ئىلھام تۇغۇلدى:
-ئىلگىرى پات-پات مەشەگە كېلىپ دەرس تەكرارلايتتىم، سىزنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەيتتىم، بۇلاق بويىغا كەلسەملا سىزنى ئويلايتتىم…
ھاياجاندىنمۇ ئەيتاۋۇر ئاۋازىم سەل تىترەپ چىقاتتى، ئۆتمۈشتىكى خىيالىم ھازىر ئەمەلگە ئېشىۋاتقاندەك بىر خۇشاللىق ئىچىمگە پاتمايتتى.
-بۇنداق گەپلەرنى دېيىشمىسەكچۇ!
مەڭدەپ قالدىم، شىرىن خىيال سۈرۈۋاتقاندا گويا كاچات يېدىم.
-كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دېسەممۇ بولمامدۇ؟-دېدىم سەل تېرىكىپ، ئەمدى ھاياجاندىن ئەمەس، ئاچچىقتىن تىترەشكە باشلىغانىدىم.
-سىزدىن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغۇم يوق.
-ئەمىسە قانداق گەپلەرنى ئاڭلىغۇڭىز بار؟
-ئادەتتىكى گەپلەرنى، قىز-ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەتتىن باشقا گەپلەرنى دېيىشكىلىمۇ بولىدىغۇ!
زىباگۈل ئۆزىگە بىر يوچۇق ئېچىپ، كۆڭۈل خانەمدىن قاچماقچى بولۇۋاتاتتى. مېنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ، كۆڭلىنى چۈشەندۈردى:
– مەسىلەن دەيمەن، ئىككىمىز ساۋاقداشلاردەك، دوستلاردەك پىكىرلەشسەك بولمامدۇ؟
– بۇنداق گەپلەرنىڭ مەنىسى يوق!-دېدىم تاغقا يامىشىۋاتقاندەك زور كۈچ بىلەن،-مېنىڭ قىز ساۋاقداشلىرىم، دوستلىرىم بەك تولا، كىم بىلەن بولسا پاراڭلىشالايمەن، سىز ئۇلارغا ئوخشىمايسىز، شۇڭا مېنىڭ سىزگە دەيدىغان گېپىممۇ ئوخشىمايدۇ…
ئۇ ماڭا «ئەسكى تۇماقنىڭ ئىچىدە ئادەم باركەن» دېگەندەك لاپپىدە قاراپ قويدى، مۇئامىلىسىنى سەل يۇمشاتتى:
-پاراڭلىشايلى، قېنى سۆزلەڭ.
-بىر كىمنى ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەسقۇ، شۇڭا مېنى بەك يامان كۆرۈپ كەتمەڭ.
-سىزنى يامان كۆرگەن ئىش يوق، لېكىن سىزنى كۆرسەم ئۆزەمنىڭ سىزنى رەت قىلغىنىمنى ئويلاپ بىئارام بولىمەن، ماڭىمۇ ئامال يوق.
-رەت قىلسىڭىزمۇ سىزنى داۋاملىق ياخشى كۆرىمەن.
-بۇنىڭ پايدىسى يوق،-دېدى زىباگۈل يىراقلارغا قاراپ،-ئىككىمىز ئىككى يەردە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندە سىزگە قارىتا ئۇنداق ھېسسىيات يوق.
ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن يەنە شۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىچىم ئۆرتىنىپ، يۈرىكىم ئەلەملىك سوقۇپ كەتتى. كىنولاردا بەزى ئەركەكلەر ۋىسالىغا يېتەلمىسە ياكى سۆيگۈنى ئۆلۈپ كەتسە يىغلاپ كېتىدىغۇ، مەندىمۇ شۇنداق بىر پىغان ئۆرلەپ بوغۇزۇمغا كەلدى، ئەمما ياش تۆكۈشنى زادىلا خالىمىدىم.
– مەن بەك خىيالپەرەس ئوخشايمەن، پايدا-زىياننى زادىلا ئويلىماپتىمەن،-دېدىم يىغلاپ بولۇپ يەڭگىللەپ قالغان ئادەمدەك.
– قىز بالىنىڭ بىر كىمنى رەت قىلمىقىمۇ ئاسان ئەمەس، كىشىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان گەپ، ھەتتا ئۇنىڭ نەپرىتىگە قالىدىغان گەپ. لېكىن نېمە ئامال، ياخشى كۆرمەيدىغان بالىنى ئالدىغاندىن، راست گەپ قىلغان ياخشى.
– مەن سىزدىن رەنجىمەيمەن، نەپرەتلەنمەيمەن، بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرىمەن، پايدىسى بولمىسىمۇ ياخشى كۆرىمەن، سىز ماڭا قانداق قارىسىڭىز مەيلى، لېكىن مۇشۇ ھېسسىياتىمنى چۈشەنسىڭىزلا بولدى.
– ئۇنى چۈشىنىمەن، لېكىن ئىچىم سىقىلىدۇ، زادىلا خوش بولالمايمەن. بەزى قىزلار پالانى مېنى ئۆلگىدەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ پەخىرلىنىپ كېتىدىكەن، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن.
-چۈنكى ئۇ قىزلار شۇ ئاشىقلىرىنى ئازراق بولسىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن سىزدە قەتئىي ئۇنداق ھېسسىيات يوق ئىكەن. چۈشەندىم، سىزنى قىينايدىغان ئىش بولسا، بۇنداق مۇھەببەتتىن ۋاز كەچسەم كېچەي. سىز راھەتلىنىڭ، سىز بەختلىك ياشاڭ.
-نۇردۇنغا بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ.
-نېمىشقا چۈشەندۈرىمەن؟ سىز ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋابكارمۇ؟
– ياقەي ئەمدى، ئۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ يۈرگەندىكىن، چوقۇم سىزدىن گەپ سورايدۇ.
-گەپ سورىسا نېمە بولماقچى، ئىشلار ئاقمىدى دەيمەن شۇ.
-نۇردۇن سىزگە مەن توغرۇلۇق گەپ قىلمىغاندۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم لەسسىدە بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ گۇمانسىرىغان، خۇدۇكسىرىگەن چىرايى گويا باشقا بىر قىزنىڭ چىرايىغا ئالمىشىپ قالغانىدى.
– ياق، گەپ قىلمىدى.
– نۇردۇن بىلەن قانداق ئارىلىشىپ قالدىڭىز؟
– بىز تۇغقان كېلىمىز، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇرۇن بىزنىڭ يېزىلىق ئىدى.
ئەمدى گەپلىرىمىزنىڭ تايىنى قالمايۋاتاتتى، ئۇنىڭ كاللىسى نۇردۇنغا كەتكەنچە نۇردۇننىڭ ماڭا دېگەن گەپلىرى يادىمغا كېلىپ، بۇ ئاخىرقى پۇرسەتنى قەدىرلەش نىيىتىگە كېلىۋاتاتتىم.
– خالىسىڭىز تاغقا چىقىپ بىرەر پارچە رەسىمگە چۈشۈۋالساق…
– تاغقا چىقسام بېشىم قايىدۇ.
– ئەمىسە كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پاراخوتتا چۈشەيلى.
ئۇ مېنى ھەممىنى نۇردۇنغا دوكلات قىلىدۇ، رەسىملەرنى كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك، دەرھال ماقۇل دېدى. رەسىمچىنى چاقىرىپ كېلىپ ئىككى پارچە رەسىمگە چۈشتۇق، يانمۇ يان تۇرغاندا بەدىنىمىز تېگىشىپ، تىنىقلىرىمىز ئۇرۇلۇپ بىر لەھزە بەختكە چۆمۈلدۈم.
– ئەمدى ئارقىدىكى ئورمانلىققا بارايلى، سىزگە بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرىمەن، بىزنىڭ سىنىپتىكى بىر قىزنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى…
ئۇ گەپ قىلماي ئەگەشتى، بۇنىمۇ ماڭا بولغان ئىتائەت دېگەندىن كۆرە نۇردۇنغا بولغان بويسۇنۇش دەپ چۈشەندىم. ئورمانلىققا كىرىپ خىلىۋەت بىر جايدا ئولتۇردۇق.
-تەييارلىق سىنىپتا بىر قىز بار ئىدى، ئۆزى بەك چىرايلىق…-دەپ گەپ باشلىدىم،- بىزنىڭ سىنىپتىكى بىرى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، تەلەپ قويۇپتۇ، ئەمما قىز ئۇنىماپتۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تولۇقسىزدىن باشلاپ يۈرۈۋاتقان مۇھەببىتى بار ئىكەن، لەنجۇدا ئوقۇيدىكەن. مۇھەببىتىگە بەكمۇ سادىق ئىكەن. كېيىن ئۇ مۇھەببىتى قىشلىق تەتىلدە ئۆيىگە قايتماي بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىپ، مۇھەببىتى بىلەن ئويناپ يۈرۈپتۇ. ساۋاقدىشىم ئۇلارنى كۆرۈپ ئىچى پۇشۇپتۇ، كۈندە كەچتە ياتاقتا ئىچىۋېلىپ بىزگە دەردىنى تۆكەتتى، نېمىشقا دېسە، قىز شۇنچە چىرايلىق بولغىنى بىلەن مۇھەببىتى چوشقىدەك سەت نېمىكەن؛ گېپىگە قاراپ ئۇيغۇر دېمىسە، تۇرقى ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىكەن. ساۋاقدىشىمىزغا تەسەللىي ئېيتتۇق، كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتمايدۇ… دېدۇق. ئۇ: ئىت ياتمىسا چوشقا ياتىدىكەن… دەپ توختىماي ھاراق ئىچەتتى. كېيىن قانداق بولدى، ساۋاقدىشىم ئۇ قىز بىلەن يۈرۈپ قالدى، بىز: ئۇنى قانداق كەلتۈرۈۋالدىڭ؟ دېسەك، مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ، دېدى. كېيىنچە، قىز كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى ئاددىي، بىرىنچىسى قېلىنلىق، ئىككىنچىسى پۇل، دەپ پو ئاتتى. تەتىلگە ئاز قالغاندا بىر كۈنى ئاخشىمى غەرق مەست كىرىپتۇ، نېمە بولدۇڭ؟ ئايرىلىپ كەتتىم. نېمىشقا؟ قىز چىقمىدى. سەن بۇنى ئويلاپ باقمىغانما؟ ئويلىغان، لېكىن ئىشەنمىگەن… ئەمدى نېمە بولدى؟ ھەممىسى پوق بولدى، ھېسسىياتمۇ يوق بولدى. ئۇنىڭغا تەسەللىي ئېيتتۇق. ئەمەلىيەتتە ھەممەيلەن بۇنى باشتىلا پەرەز قىلىپ بولغانىدۇق، بىرەر سەۋەب بولمىسا، قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا…
-مۇشۇمۇ ھېكايە بولدىمۇ؟!-دېدى زىباگۈل تېرىكىپ،- قىزلارنى ھاقارەتلەيدىغان گەپكەنغۇ بۇ!
– مەن سىزگە بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەردىم.
-بولدى سۆزلىمەڭ!
-ئاچچىقلاپ قالدىڭىزغۇ؟!
– بۇنداق بەزەپ ئىشلارنى ھېكايە دەپ سۆزلىسىڭىز ئادەمنىڭ ئاچچىقى كەلمەمدۇ؟
ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇم. ناھەق قارىلانغان ئادەمدەك ئاھ ئۇرۇپ، ئىچىمگە پاتماي قالدىم. ئۇ مەندىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەندەك تەتۈر قارىۋالدى:
-سىزنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.
-مەن نېمە قىلىپتىمەن؟-دېدىم ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ،-نېمە قىلىدىغىنمنى ئەمدى كۆرۈڭ، ياخشى كۆرۈش گۇناھمۇ، سۆيۈش گۇناھمۇ؟ ئادەمنى بۇنچە قىينىماڭ سىز…
ئىچىمگە پاتمايۋاتقان ئاچچىق ۋە قۇتراپ كېلىۋاتقان ئەسەبىي ھېسسىياتتىن خۇدۇمنى يوقاتتىم، قۇچاقلاپ سۆيەي دەپ بولغىچە كاچاتتىن بىرنى يەپ ھوشۇمغا كەلدىم.
ئۇ ئورنىدىن قوپقانچە، بۆرىدىن قاچقان توشقاندەك يۈگۈرۈپ كۆزۈمدىن يوقالدى. يۈگۈرگەندە قىزىل كۆينىكى ئۇنىڭ قىزلىقى ۋە پاكلىقىنى جەۋلان قىلىۋاتقاندەك لەپىلدەيتتى.
چۈش كۆرۈپ ئويغانغاندەك بىر دەم مەڭدەپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ھەيۋەتلىك مۆلجەر تاغ، بۇلاق سۇلىرى ئېقىپ تۇرغان گۈزەل باغ، مۇشۇ زېمىن، مۇشۇ بۇلاقنىڭ سۇلىرىنى ئىچىپ ئۆسكەن گۈزەل قىز…باغچىدىن چىققاندا مەندىن تامامەن ئايرىلغاندەك تۇيۇلدى.
ئىچىم مالىمان ئىدى، بىرسى ماڭا ئاتاپ مۇھەببەت لېرىكىلىرى يېزىۋاتاتتى:
سۆيەي دېسەم سۆيدۈرمىدى،
ئىشقىمنى ئۇلغايتىپ كۆيدۈرمىدى.
پاكلىقىنى يا بىلدۈرمىدى،
غۇرۇرىنى يا ئۆلتۈرمىدى.
ئەمدى ئۇنى قۇچاقلاشقا ئۆمۈرۋايەت ھەققىم يوق،
جانانىم دەپ يىراقتىن سۆيۈشكە ھەم مەيلىم يوق،
ئايلىنىدۇ بىر كۈنى قېرىپ كەتكەن خوتۇنغا،
ئۇ چاغدا ھەم سۆيۈشكە ئەسلا مېنىڭ ھالىم يوق.
مەندىن ئاياپ ئۆزىنى ياشاپ كېتەر ئۇزۇن يىل،
مەن يۈرەرمەن ھەسرەتتە بەلكىم بىر ئاي، بىرەر يىل.
ئۇ ئۆزىچە ئويلايدۇ، ئۇنتۇمايدۇ مېنى ئۇ؛
مەن دەيمەنكى، ئى ئاشىق، بىر كۈن ئۆتسە بولدى قىل.
نۇردۇنغا ھېچنېمىنى دېمەيمەن دەپ ھەممىنى دەۋەتتىم. ئۇ كۈلۈپ قويۇپ:
-ئىلگىرىلەش زور، لېكىن بەزى ساراڭ قىزلار بار، قوغلىغانچە قاچىدۇ. ياخشى كۆرمەيدىغان گۇيلارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ئۆزىنى خار قىلىدۇ. مېنىڭچە، سېنىڭ ئىشىڭ تۈگەپتۇ. ئۇ سېنىڭ قەلبىڭدىكى پاك ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ساڭا يېقىنلاشمايدۇ، ئېزىپ-تېزىپ مۇھەببىتىڭ، ئاشناڭ، خوتۇنۇڭ بولۇپ قالمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئۇنتۇپ كەت.
-سەن ئۇنى پاك ئەمەس دېسەڭلا ئۇنتۇپ كېتىمەن.
– چاقچاق قىلما، ئۇنتۇپ كەت دېگەندىكىن ئۇنتۇپ كەت.
مەنمۇ ئۇنى كوچىلاپ سوراشتىن قورقتۇم، بىلسەممۇ ئازاب، بىلمىسەممۇ ئازاب… بەزى ئىشلارنى بىلمەي قالغاننىڭ پايدىسى بار. شۇنداق ئويلاپ سەل يەڭگىللەپ قالدىم. شەھەرنى بىر دەم ئايلىنىپ، نۇردۇن بىلەن خوشلىشىپ مەھەللەمگە كەتتىم.








