يۇۋال نۇھ ھارارىنىڭ «ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابى ھەققىدە
ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخچىسى، ھەربىي تارىخچى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى نۇۋال نۇھ ھارارى (1976__) 2011-يىل نەشىر قىلغان «ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابىدا ئىنسانلارنىڭ مەيدانغا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىنى ئىخچام، قىزىقارلىق بايان قىلىدۇ. كىتابتا ئىنسانلارنىڭ ھايۋانات دۇنياسىدىن ئادەمزات دۇنياسىغا، ئاندىن بۈگۈنكى تەرەققىيات ھالىتىگە كېلىش جەريانى تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە بايان قىلىنغان.:
1. ئەقىل-ئىدراك ئىنقىلابى (70,000 يىل بۇرۇن)
بۇ باسقۇچتا مۇرەككەپ تىل ۋە مەدەنىيەت پەيدا بولغان، بۇ ھومو ساپىيېنسنىڭ باشقا تۈرلەر ۋە مۇھىتلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتقان. ئىنسانلار ئەرزىمەس ھايۋان دەۋرىدىن ھالقىپ (بۇنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى تېخىچە سىر)، تىل ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە بىلىمدىن ئورتاق پايدىلىنىشقا قادىر بولغان مەخلۇقلارغا ئايلانغان.
2. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى (12,000 يىل بۇرۇن)
بۇ باسقۇچتا ئىنسانلار ئوۋچى-غەنىمەتچى ھاياتىدىن تېرىقچىلىققا، كۆچمەنلىك ھاياتىدىن مەھەللىشىشكە (ئاندىن شەھەرلىشىشكە) ئۆتكەن بولۇپ ، دۇنيادا تۇراقلىق ماكان ۋە ئاھالىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولغان. گەرچە بۇ تارىخىي ئىلگىرىلەش دەپ قارالسىمۇ، ئاپتور ئۇنداق قارىمىغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يېزا ئىگىلىك دەۋرى ئىنسانلارغا تېخىمۇ مۇشەققەتلىك ھايات، ناچار ئوزۇقلىنىش ۋە ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك ئېلىپ كەلگەن.
3. ئىنسانلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى
ئىنسانلارنىڭ چوڭ جەھەتتە قوشۇلۇشى، جەمئىيەتلىشىشى ئىمپېرىيىلەر، ساماۋى دىنلار ۋە پۇلنىڭ كۈچى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. جاھانگىر دۆلەتلەر، تەسىرى چوڭ دىنلار، ئالتۇن-كۈمۈشنى بىرلىك قىلغان پۇل ۋە باشقا ئىقتىسادىي قوراللار ئىنسانلار ئارىسىدىكى بىرلىك، ھەمكارلىقنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئىمپېرىيىلەر ھەر خىل خەلقلەرنى بىر سىياسىي سىستېما ئاستىدا بىرلەشتۈرگەن، بۇ كۆپىنچە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قۇربان بېرىشى، ئاسسسىمىلاتسىيە قىلىنىشى بەدىلىگە بولغان. دىنلار بولسا ئىنسانلارنى بىر ئېتىقاد سىستېمىسى ئىچىدە بىرلەشتۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىغان؛ پۇل بولسا ئۆز-ئارا ئىشەنچكە ئاساسلانغان ئورتاق «ساختا» غايىگە ئايلانغان.
4. پەن-تېخنىكا ئىنقىلاۋى ۋە زامانىۋىلىق
كىتابتا پەن- تېخنىكا بىلەن كاپىتالىزمنىڭ زامانىۋى دۇنيانى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىكى، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىلگىرىلەش ياراتقانلىقى، شۇنداقلا يېڭى تەھدىتلەرنىمۇ كەلتۈرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئاپتور بۇ تارىخىي جەريانلارنىڭ مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي نەتىجىلىرىنى، جۈملىدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەڭسىزلىكلەرنىڭ تارىخىي يىلتىزىنى تەكشۈرىدۇ، سەۋەبىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ، بۈگۈنكى جەمئىيەتكە كۈچلۈك سوئاللارنى قويىدۇ.
5. تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپلەر ۋە ئورتاق ئەپسانىلەر
كىتابنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى شۇكى، ھومو ساپىيانسنىڭ، يەنى بىز ئىنسانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى چوڭ كۆلەملىك ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىقتىدارىمىزدىن، بولۇپمۇ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى تەرتىپلەر، يەنى دىن، دۆلەت ۋە ئىقتىسادىي سىستېما قاتارلىق نەرسىلەرنى يارىتىش ۋە ئۇلارغا ئىشىنىش تەبىئىتىمىزدىن كەلگەن.
6.تارىخقا تەنقىدىي نەزەردە قاراش
ئاپتور تارىختا ھېچقاچان ھەقىقىي ئادالەت بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەنئەنىۋى تارىخ چۈشەنچىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ. نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان ياكى يوقىتىلغان؛ ئىجتىمائىي تەرتىپلەر (مەسىلەن، ئىرق ياكى جىنسقا ئاساسلانغان ئىجتىمائىي چۈشەنچىلەر، تۈزۈملەر، قائىدىلەر ) تەبىئىي ئەمەس، بەلكى ئىنسانلار ئۆزى پەيدا قىلغان دەپ قارايدۇ.
يۇۋال نۇھ ھارارىنىڭ بۇ كىتابى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاكادېمىك ساھەسىدىلا ئەمەس، ئاممىۋى پىكىر دۇنياسىدىمۇ داڭ قازانغان بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيادا 23 مىليوندىن ئارتۇق نۇسخا سېتىلغان ۋە 60 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان، شۇنداق قىلىپ بۇ كىتاب يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئەسەر بولۇپ قالغان. باراك ئوباما، بىل گېيتس ۋە مارك زۇكەربېرگ قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەر ئۇنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇنىڭ داڭقىنى ۋە ئوقۇلۇش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. باراك ئوباما ئۇنى «كاللىدىكى ئۆمۈچۈك تورىنى (چىگىشلەرنى) سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان كىتاب» دەپ ماختىغان.
بۇ كىتاب يەنە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىنسانلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە بەس- مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان. كىتابتا پەن-تېخنىكا، يەر شارىلىشىش ۋە تەڭسىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ دىققەت نۇقتىسى قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن كۈچلۈك جەلبكارلىققا ئىگە.
كىتابتا تارىخ، گىئولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق… قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەر گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابىغا ئايلانغان؛ ئۇسلۇب جەھەتتىن ئىلمىيلىك بىلەن ئەدەبىيلىك گىرەلىشىپ كەتكەن. كىتابتىكى تارىخىي سانلىق-مەلۇماتلار ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ۋە ئالىملارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ چۈشەنچىسىگە ماس كېلىدۇ. كىتابنى ئوقۇغان ئادەم ئىلمىي ئەسەرنى ئەمەس، بىرسىنىڭ مەدداھلىق قىسسەسىنى، جەڭنامىسىنى، تارىخىي يۇمۇرلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ. گاھى يېرىدە ئەدەبىي تەسۋىر قوللىنىلغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قەدىمدىن باشلانغان ھاياتى ھەققىدە ئىشلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. گاھى يېرىدە ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننى باغلاپ سوئال قويۇشلىرى بار ئاپتورنىڭ ، مەسىلەن، بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن بەختلىكمۇ؟ دېگەندەك. بۇمۇ ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ ھەم ئويلاندۇرىدۇ. شۇڭا بۇ كىتاب ئىلمىي مۇھىتلار، كىتاب سۆھبەت گۇرۇپپىلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش تىزىملىكىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، «ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق بۇ كىتابنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، ئۇ ئىنسانلار تارىخىنى يېڭى ۋە تەنقىدىي نۇقتىدا يورۇتۇپ بەرگەن؛ كۆپ خىل پەنلەرنى تارىخ ئوقىدا بىرلەشتۈرگەن؛ ئاپتور كىتابنى ساپ ئىلمىي ئەسەر، يەنى ئادەتتىكى ئوقۇرمەن ئاسانلىقچە چۈشەنمەيدىغان ئاكادېمىك ئۇسلۇبتا ئەمەس، ھەممە ئادەم چۈشىنەلەيدىغان ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك، قىزىقارلىق ئۇسلۇبتا بايان قىلغان. ئوقۇرمەنلەرنى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكىگە باشقىچە نەزەردە قاراشقا ئېلىپ بارالىغان.
بۇ كىتابنى 2014-يىل تۈركچىدىن ئوقۇپ چىقىپ قىزىقىپ قالغان ھەم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى ئويلاپ يۈرگەنىدىم، ئارىلىقتا ئوقۇش، خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈپ، 2024-يىلنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئىنگىلىزچە بىلەن تۈركچىسىنى سېلىشتۇرغاچ تەرجىمە قىلىشنى باشلىدىم. ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك بولغان بۇ تەرجىمە ئىشىنىڭ ئۈچتىن بىرى تامام بولغاندا، فېسبوكتا بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى. بۇنداق مۇھىم كىتاب ئەسلىدە بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشى كېرەك ئىدى، چىققىنى ياخشى بولدى دەپ ئويلىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنىڭ تەرجىمىسىنى تاشلاپ قويغۇم كەلمىدى، ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھەر قانداق داڭلىق ئەسەرنىڭ بىر ياكى بىر نەچچە خىل تەرجىمىسى بولىدۇ، ئوقۇرمەنگەن كۆپ خىل تاللاش ئىمكانىيىتى سۇنۇلىدۇ. تەرجىمىنىڭ سۈپەت-ساپاسىغا ئوقۇرمەنلەر ئۆزى باھا بېرىدۇ. دوستلارنىڭ ئىلھام-مەدەت بېرىشى بىلەن تەرجىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىم. ئەسلى كىتابتىكى سۈرەتلەرنى ئەينەن ئالدىم، زۆرۈر يەرلىرىگە ئىزاھات بېرىپ ماڭدىم. مەن بۇ ئەمگىكىم ئارقىلىق، دۇنيادا خېلىدىن بېرى گېپى بولۇۋاتقان بىر كىتابنى تىلىمىزغا ئۆرۈش مەقسىتىگە يەتكەن بولسام، بىر ئادەم بولسىمۇ ئۇنى ئوقۇپ بەھرىمەن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تارىخى بىلەن گىرەلەشكەن دۇنيا تارىخىدىن، جاھانگىرلاردىن، دىنلاردىن، كاپىتالىزمدىن، دۇنيادىكى تەڭسىزلىكنىڭ كېلىش مەنبەسىدىن مەلۇم چۈشەنچە ھاسىل قىلسا، مەن ئۈچۈن كۇپايە.
.
كىتابنىڭ تەرجىمىسى
(مۇندەرىجە قىسقارتىلدى)
بىرىنچى قىسىم: ئەقىل-ئىدراك ئىنقىلاۋى
- ئەرزىمەس بىر ھايۋان

- تەخمىنەن 30 مىڭ يىل ئىلگىرى فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كاۋېت پونت قەدىمىي غارىنىڭ دىۋارىغا قالدۇرۇلغان ئادەمزات ئىزى، بىرسى گويا «مەن بۇ يەردە!» دېمەكچى بولغان.
تەخمىنەن 13.5 مىليارد يىل ئاۋۋال بىگ باڭ (بۈيۈك پارتىلاش) ھادىسىسى بىلەن ماددا، ئېنىرگىيە، زامان ۋە ئالەم ئوتتۇرىغا چىقتى. ئالەمىمىزنىڭ بۇ خىل شەكىللىنىش ھېكايىسىنى فىزىكا دەپ ئاتايمىز.
بۇلار ئوتتۇرىغا چىقىپ تەخمىنەن 300 مىڭ يىلدىن كېيىن ماددا، ئېنىرگىيە، ئاتوم دەيدىغان تېخىمۇ مۇرەككەپ نەرسىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىرلىىشپ مالىكولىلارنى شەكىللەندۈردى. ئاتوملار، مالىكولىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تەسىرلەرنىڭ ھېكايىسىنى خىمىيە دەپ ئاتايمىز.
تەخمىنەن، 3.8 مىليارد يىل ئاۋۋال، دۇنيا دەپ ئاتالغان سەييارىدە بەزى مالىكولىلار ئورگانىزم دەپ ئاتىلىدىغان تېخىمۇ كەڭ ۋە مۇرەككەپ بىرىكمىلەرنى-جانلىقلارنى شەكىللەندۈردى، بۇلارنىڭ ھېكايىسىنى بىئولوگىيە دەپ ئاتايمىز.
تەخمىنەن 70 مىڭ يىل ئاۋۋال ھومو ساپىيانىسقا مەنسۇپ جانلىقلار كۈلتۈر دەپ ئاتىلىدىغان تېخىمۇ مۇرەككەپ سىستېما شەكىللەندۈردى، شۇنىڭدىن باشلاپ داۋاملاشقان مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تارىخ دەپ ئاتايمىز.
تۆۋەندىكى ئۈچ مۇھىم ئىنقىلاب تارىخنىڭ جەريانىنى شەكىللەندۈردى: تەخمىنەن 70 مىڭ ئاۋۋال باشلانغان ئەقىل-ئىدراك ئىنقىلابى، 12 مىڭ يىل ئاۋۋال بۇنى تېزلەشتۈرگەن يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى ۋە بۇ تارىخنى ئاياغلاشتۇرۇپ يىپيېڭى بىر دەۋرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن، 5 مىڭ يىل ئاۋۋال باشلانغان بىلىم ئىنقىلابى. بۇ كىتاب بۇ ئۈچ ئىنقىلابنىڭ ئىنسانلار ۋە باشقا جانلىقلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھېكايىسىنى بايان قىلىدۇ.
*****
تارىختىن كۆپ يىللار ئىلگىرى ئىنسانلار مەۋجۇت ئىدى. ھازىرقى ئىنسانلارغا ئوخشايدىغان ھايۋانلار تۇنجى بولۇپ تەخمىنەن 2.5 مىليون يىل ئاۋۋال مەيدانغا كەلدى. ئەمما ئۇلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد نۇرغۇن يىللار ياشاپمۇ، شۇ جايدا ياشىغان باشقا جانلىقلاردىن ئايرىلىپ چىقالمىدى.
2 مىليون يىل ئاۋۋال شەرقىي ئاڧرىقىنى ساياھەت قىلغان بولسىڭىز، كۆپلىگەن تونۇش ئىنسان تىپلىرىنى—بالىلىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان ئەنسىز ئانىلارنى، پاتقاقتا ئويناۋاتقان بالىلارنى ، قۇلاقنىڭ تىنچلىقىنى خالايدىغان قېرىلارنى، جامائەت نىزامىغا بويسۇنمايدىغان ياشلارنى، ئادەم باشقۇرۇپ كۆنۈپ كەتكەن كاتىۋاشلارنى، مەھەللە گۈزەللىرىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن مۇسكول چىقىرىپ يۈرگەن پالۋانلارنى ئۇچراتقان بولاتتىڭىز. بۇ قەدىمىي ئىنسانلار بىرلىرىگە ئاشىق بولدى، بىر-بىرى بىلەن دوستلاشتى، ئويۇن-تاماشا قىلدى، ھوقۇق-مەرتىۋە ئۈچۈن سوقۇشتى. ئەمما بۇلارنى شىمپانزىلار، ئىتباش مايمۇنلار ۋە پىللارمۇ قىلاتتى. ئىنسانلارنىڭ ھېچقانداق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى يوق ئىدى. ئىنسان نەسلىدىن بولغانلارنىڭ بىر كۈنى ئايغا چىقىپ ماڭىدىغانلىقىنى، ئاتومنى پارچىلايدىغانلىقىنى، گېن شېڧرىسىنى يېشىدىغانلىقىنى ۋە تارىخ كىتابىنى يازىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى. تارىختىن بۇرۇنقى ئىنسانلارغا ئائىت بىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم نەرسە شۇكى، ئۇلار ئۆز ئەتراپىدا گورىللا، پارقىراق قوڭغۇز ۋە دېڭىزدىكى مېدوزىلاردىن ئۆتە تەسىر پەيدا قىلالمايدىغان ئادەتتىكى ھايۋانلار ئىدى.
بىئولوگلار جانلىقلارنى تۈرلەرگە بۆلىدۇ. ئەگەر ھايۋانلار بىر-بىر بىلەن جۈپلىشىپ نەسىل قالدۇرالىسا، بىر تۈرگە مەنسۇپ دەپ قارىلىدۇ. كېلىپ چىقىش جەھەتتىن، ئات بىلەن ئېشەكنىڭ ئەجدادى بىر ھېسابلىنىدۇ ھەمدە بۇ ئىككى ھايۋان كۆپ جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار بىر-بىرى بىلەن جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ. ئەگەر قىزىقتۇرۇلسا، بىر-بىرى بىلەن جۈپلىشىدۇ-دە، ئۇنىڭدىن قېچىر دېگەن قىسىر ئەۋلادى تۇغۇلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئېشەكنىڭ DNA سىدىكى مۇتاسيونلار (توساتتىن ئۆزگىرىشلەر) ئاتلارغا ئەسلا ئۆتمەيدۇ، ئاتنىڭمۇ ئېشەكلەرگە ئۆتمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى تىپ ھايۋان ئايرىم تۈرلەر بولۇپ تەرەققىي قىلغان دەپ قارىلىدۇ.
بۇنىڭغا باققاندا، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بۆرە ئىت بىلەن تايغان بىر تۈرگە مەنسۇپ ۋە ئوخشاش DNA غا ئىگە. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن جۈپلىشىدۇ ۋە كۈچۈكلىرىمۇ باشقا ئىتلار بىلەن جۈپلىشىپ، باشقا كۈچۈكلەرنى تۇغىدۇ.
ئەجدادى بىر بولغان تۈرلەر «ئۇرۇقداش» نامى ئاستىدا جەملىنىدۇ. شىرلار، قاپلانلار، يىلىپىزلار، ئامېرىكا يولۋىسى قاتارلىقلار يىلپىز ئۇرۇقدىشىغا تەۋە تۈرلەر ھېسابلىنىدۇ. بىئولوگلار جانلىقلارنى ئىككى تەركىپتىن تۈزۈلگەن لاتىنچە ئىسىم بىلەن ئاتىغان بولۇپ، ئالدىنقىسى ئۇرۇق، كېيىنكىسى تۈر. مەسىلەن، شىرلارنى Panthera leo ، يەنى يىلپىز ئۇرۇقدىشىنىڭ شىر تۈرى دەپ ئاتىغان. بۇ كىتابنى ئوقۇغانلارنى ھومو ساپىيانس (Homo sapians) دېسەك، ئۇلار ھومو (ئىنسان) ئۇرۇقدىشىنىڭ ساپىيانس (ئەقىللىق) تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇرۇقداشلارمۇ ئۆز ئىچىدە ئائىلەلەرگە ئايرىلىدۇ، مەسىلەن شىرلار، قاپلانلار، ئۆي مۈشۈكلىرى مۈشۈك ئائىلىسىگە كىرىدۇ؛ پىللار، ئۇزۇن تۈكلۈك پىللار (ماموتلار)، ئۇزۇن چىشلىق پىللار (ماستودونلار) پىل ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بىر ئائىلىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ قانداشلىقى ئۇلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن بىر ئاتا ياكى ئانىغا تايىنىدۇ. مەسىلەن، ئەڭ كىچىك ئۆي مۈشۈكىدىن تارتىپ ئەڭ ۋەھشى ئارسلانغىچە ھەممىسى 25 مىڭ يىل ئاۋۋال ياشىغان بىر مۈشۈك ئاتىدىن كەلگەن.
ھومو ساپىيانىسمۇ بىر ئائىلىگە مەنسۇپ. بۇ بىلىم تارىختىن بېرى سىر بولۇپ ساقلانغان ئەڭ ئادەتتىكى بىلىم ئىدى. ھومو ساپىيانس ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۆزىنى باشقا ھايۋانلاردىن ئايرىم، ئائىلىسىز ( قەۋم-قېرىندىشى، ھەتتا ئاتا-ئانىسى يوق) بىر يېتىمدەك كۆردى. ئەمما ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ئىدى. نېمىلا بولسا بولسۇن، بىز ئىنسانلار چوڭ مايمۇنلار دەپ ئاتالغان غەۋغاچى بىر توپنىڭ ئەزالىرى. ھازىرغىچە ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ئارىسىدا شىمپانزا، گورىللا ۋە ئورانگوتانلار بار؛ شىمپانزىلار بولسا بىزگە ئەڭ يېقىنلىرىدۇر. 6 مىليون يىل ئىلگىرى بىر چىشى مايمۇننىڭ ئىككى قىزى تۇغۇلدى، بۇلاردىن بىرى بارلىق شىمپانزىلارنىڭ ئاتىسىنى تۇغدى، يەنە بىرى بولسا بىزنىڭ چوڭ ئانىمىز بولدى.
ئىشكاپتىكى ئىسكېلىتلار
ھومو ساپىيانس بىزنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدىغان بىر سىر ساقلاۋاتاتتى. بىر زامانلاردا باشقا كۆپلىگەن تاغىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، بىزنىڭ بىر قانچە ئوغۇل ۋە قىز قېرىندىشىمىز بار ئىدى؛ ئۆزىمىزنى بىردىنبىر ئىنسان تۈرى دەپ بىلەتتۇق، چۈنكى ئاخىرقى 10 مىڭ يىلدا تۈرىمىز ھەقىقەتەن دۇنيادىكى بىردىنبىر ئىنسان تۈرى ئىدى. ئەسلىدىمۇ «ئىنسان» دېگەن سۆز ھەقىقەتەن «ھومو ئۇرۇقدىشىغا مەنسۇپ بىر ھايۋان» دېگەنلىك بولاتتى ۋە قەدىمدە بۇ ئۇرۇقداش تەۋەلىكىدە ھومو ساپىيانستىن باشقا كۆپلىگەن تۈرلەر مەۋجۇت ئىدى. كىتابنىڭ كېيىنكى بابلىرىدا، ساپىيانس بولمىغان ئىنسانلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىمىز. بۇ ئىككىسىنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈن، «ساپىيانس» ئاتالغۇسىنى ھومو ساپىيانس (ئىنسانلارنىڭ ئەقىللىق تۈرى) ئەزالىرىنى ئاتاش ئۈچۈن قوللىنىمەن، «ئىنسان» ئاتالغۇسىنى بولسا، ھومو ئۇرۇقدىشىنىڭ قەدىمكى ئەزالىرىنى ئاتاش ئۈچۈن قويۇپ قويىمەن.
ئىنسانلار تۇنجى بولۇپ، 2.5 مىليون ئىلگىرى شەرقىي ئاڧرىقىدا «جەنۇب مايمۇنى» مەنىسىدە كەلگەن ئاۋسترالوپىتىكوس (Australopithecus) نامى بېرىلگەن مايمۇن ئۇرۇقدىشىدىن كېلىپ چىققانىدى. تەخمىنەن 2 مىليون ئىلگىرى بۇ قەدىمقى ئەرلەر ۋە ئاياللاردىن بەزىلىرى يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ، شىمالىي ئاڧرىقا، ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كۆچتى. شىمالىي ياۋروپانىڭ قارلىق ئورمانلىقلىرىدا ھايات ياشاش، ھىندۇنېزىيەنىڭ نەم جاڭگاللىقلىرىدا تىرىك قېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش ئۈچۈن، ئىنسان گۇرۇپپىلىرى ئۆزىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. نەتىجىدە ھەر خىل تۈرلەر مەيدانغا كەلدى، ئالىملار ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە دەبدەبىلىك لاتىنچە ئىسىملار قويدى.

2.قىياسەن سىزىلغان قېرىنداشلىرىمىز (سولدىن ئوڭغا) : ھومو رودولفېنسىس (شەرقىي ئافرىقا)؛ ھومو ئېرىكتوس (شەرقىي ئاسىيا)؛ ھومو نىياندېرتالېنسىس (ياۋروپا بىلەن غەربىي ئاسىيا). ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان ئىدى.
ياۋروپا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ئىنسانلار ئاساسەن «نىياندېرتاللار» دەپ ئاتالغان ھومو نىياندېرتاللىقلار (Homo Neandertalensis) ، يەنى «نىياندېرتال ۋادىسى ئىنسانلىرى» غا ئايلاندى. نىياندېرتاللار ساپىيانسلاردىن كۈچلۈك، مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان ۋە مۇز ئېراسىنىڭ غەربىي ياۋرو-ئاسىيا ئىقلىمىغا ماسلاشقانىدى. ئاسىيانىڭ يىراق شەرق تەرەپلىرىدە «ئۆرە ئادەم» مەنىسىدىكى ھومو ئېرېكتوس (Homo Erektos) ماكانلاشقانىدى. ئۇلار بۇ جايلاردا 2 مىليون يىلغا يېقىن ياشاپ، بۈگۈنگىچە كۆرۈلگەن ئەڭ چىداملىق ئىنسان تۈرى بولدى. بۇ رېكورتنى بىزنىڭ تۈرىمىزدىكى ئىنسانلارنىڭ بۇزالىشى خېلىلا قىيىن بولسا كېرەك. ھومو ساپىيانىسنىڭ ئۇ جايلاردا مىڭ يىل ياشىيالىشىمۇ ناتايىن. شۇ سەۋەبتىن 2 مىليون يىل ياشاش بىزلەر مۇۋەپپەق بولالايدىغان ئىش ئەمەس.
ھىندۇنېزىيەدىكى جاۋا ئارىلىدا «سولو ۋادىسىدىكى ئىنسان» مەنىسىدىكى «ھومو سولېنسىس»لار ياشايتتى. بۇ ئىنسانلار تروپىك ئىقلىمغا ماسلاشقانىدى. ھىندۇنېزىيەنىڭ يەنە بىر ئارىلى بولغان فلورىستا ياشىغان قەدىمكى ئىنسانلار كىچىكلەش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. دېڭىز سۇلىرى تېيىز ۋاقتىدا ئىنسانلار ڧلورېس ئارىلىغا كەلدى، ئۇ چاغدا ئۇلار بۇ ئارالغا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئاسانلا كېلەلەيتتى. دېڭىز سۇلىرى قايتا ئۆرلىگەندە بەزى ئىنسانلار تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئاش-ئوزۇق كەم بولغان ئاراللارغا قامىلىپ قالدى، قورساققا كۆپ يەيدىغان بەستلىك ئىنسانلار ئاۋۋال ئۆلدى، ۋىجىك ئىنسانلار بولسا ئۇزۇنراق جان ساقلاپ قالدى، شۇنداق قىلىپ ڧلورېس ئىنسانلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىچىكلەپ باردى. ئالىملار «ھومو ڧلورېسېنس» دەپ ئاتىغان بۇ ئىنسانلارنىڭ بويى ئاران بىر مېتىر كېلەتتى، ئېغىرلىقى 25 كلوگرامدىن ئاشمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار تاشتىن قورال ياسىيالايتتى، بەزىدە ھەتتا شۇ ئارالدىكى پىللارنى ئوۋلايتتى. (راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ چاغدىكى پىللارمۇ كىچىك ھايۋانلار ئىدى).
2010-يىلى ئالىملار سىبىرىيەدىكى دېنىسوۋا غارىنى قېزىۋاتقاندا، تاشقا ئايلانغان بىر بارماق سۆڭىكىنى بايقىدى-دە، يەنە بىر غايىب قېرىنداشمۇ يوقىلىپ كېتىشتىن قۇتۇلدى. گېن ئانالىزى بۇ بارماقنىڭ ئىلگىرى ھېچ مەلۇم بولمىغان بىر ئىنسان تۈرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ تۈرگە «ھومو دېنىسوۋا» دەپ نام بېرىلدى. كىم بىلىدۇ، يەنە قانچە غايىب قېرىندىشىمىز باشقا غارلاردا، ئاراللاردا، ھەر خىل ئىقلىمدىكى جايلاردا بىزنىڭ بايقىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
بۇ ئىنسانلار ياۋروپا ۋە ئاسىيادا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىۋاتقاندا، شەرقىي ئاڧرىقىدىكى تەرەققىياتمۇ داۋاملاشتى. ئىنسانلارنىڭ بۆشۈكى بولغان بۇ جاي «رۇدولف كۆلى ئىنسانى» مەنىسىدىكى «ھومو رۇدولفېنسىس»، «ئىشچان ئىنسان» مەنىسىدىكى «ھومو ئېرگاستېر» ۋە بىز كەمتەرلىك قىلمايلا «ئەقىللىق ئىنسان» دەپ نام بەرگەن ھومو ساپىيانس قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەرنىڭ ئانا ماكانى بولۇشنى داۋام قىلدى.
بۇ تۈرلەرنىڭ بەزىلىرى دىۋىدەك يوغان بولسا، بەزىلىرى ۋىجىك ئىدى. بەزىلىرى قارام ئوۋچىلار بولسا، بەزىلىرى مېۋە توپلىغۇچىلار ئىدى. بەزىلىرى بىر ئارالدا ياشىسا، كۆپلىرى قىتئەلەرنى ھالقىدى، ئەمما ھەممىسى ھومو ئۇرۇقدىشىغا مەنسۇپ ئىدى، يەنى ھەممىسى ئىنسان ئىدى.
بۇ تۈرلەرنى بىر تۈز سىزىق بويىچە «ئېرگاستېر» دىن «ئېراكتۇس»قا، ئېراكتۇسدىن نىياندېرتاللارغا، نىياندېرتاللاردىن بىزگە تەرەققىي قىلدى دەپ ئويلاش خاتادۇر. بۇنداق تۈز سىزىق مودېلى دۇنيادا مەلۇم دەۋردە پەقەت بىرلا ئىنسان تۈرى ياشىغان ۋە باشقا بارلىق ئىنسان تۈرلىرى بىزنىڭ قەدىمقى مودېللىرىمىز دەيدىغان خاتا چۈشەنچىنى پەيدا قىلىدۇ. ھەقىقەتتە بولسا، تەخمىنەن 2 مىليون يىل بۇرۇنقىدىن 10 مىڭ يىل بۇرۇنغىچە دۇنيا بىرلا ۋاقىتتا بەك كۆپ ئىنسان تۈرىنىڭ ماكانى بولدى. نېمىشقا ئۇنداق بولمىسۇن؟ بۈگۈن دۇنيادا بەك كۆپ تۈلكە، ئېيىق ۋە چوشقا تۈرى بار. 100 مىڭ يىل بۇرۇنقى دۇنيا ئاز دېگەندە 6 خىل ئىنسان تۈرىنىڭ ماكانى ئىدى. كۆپ تۈرلۈك ئىنسانلار ياشىغان تارىخىمىزغا باققاندا، بۈگۈنكى يالغۇزلۇقىمىز پەۋقۇلئاددە ئايرىم بىر ھالدۇر، بەلكى تەھدىتكاردۇر. كېيىنكى بابتا شۇنى كۆرىسىلەركى، ساپىيانس تۈرىمىزنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇشى ئۈچۈن قالتىس سەۋەبلىرى بار.
تەپەككۇرنىڭ بەدىلى
بارلىق ئىنسان تۈرلىرى كۆپلىگەن پەرقلىرىنىڭ بولۇشىغا قارىماي يەنە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە ئىدى. ئالدى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى باشقا ھايۋانلارغا قارىغاندا پەۋقۇلئاددە چوڭ ئىدى. 60 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مېڭە ھەجمى 200 كۇپ سانتېمېتىر بولسا، زامانىۋى ساپىيانىسنىڭ ئوتتۇرىچە مېڭە ھەجمى 1200 بىلەن 1400 كۇپ سانتېمېتىر ئارىلىقىدا ئىدى.
تەدرىجىي تەرەققىياتتا چوڭ مېڭىلەرنىڭ تاللىنىشى بىزگە ئادەتتىكىچە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەقلىمىزگە شۇ قەدەر ئىشىنىمىزكى، مېڭە قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى دەپ ئويلايمىز. ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، مۈشۈك ئائىلىسىمۇ ھېساب-كىتاب قىلالايدىغان مۈشۈكلەرنى تۇغاتتى. ھايۋاناتلار پادىشاھلىقىدا نېمىشقا ھومو ئۇرۇقدىشى بۇنچە چوڭ تەپەككۇر ئورگانلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن بىردىنبىر تۈر بولۇپ قالدى؟
ئەسلىدە چوڭ مېڭە بەدەن ئۈچۈن يۈك دېمەكتۇر، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈش، بولۇپمۇ باش سۆڭىكىنىڭ ئىچىدە تۇرغان مېڭىنى ئېلىپ يۈرۈش تېخىمۇ تەس. ھومو ساپىيانىسلارنىڭ مېڭىسى ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ياكى ئۈچ پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئارام ئالغاندا مېڭىسى بەدەن ئېنىرگىىيەسىنىڭ 25 پىرسەنتىنى سەرپ قىلسا، باشقا مايمۇنلار ئارام ئالغاندا مېڭىسى بەدەن ئېنىرگىيەسىنىڭ 8 پىرسەنتىنى سەرپ قىلىدۇ. قەدىمكى ئىنسانلار يوغان مېڭىلىرىنىڭ بەدىلىنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا تۆلىدى، بىرىنچىسى، ئوزۇقلۇق ئىزدەشكە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلدى. ئىككىنچىسى، مۇسكۇللىرى يىگىلەشكە باشلىدى. ئىنسانلار خۇددى دۆلەت مۇداپىئەسىگە كېتىدىغان پۇلنى مائارىپقا سەرپ قىلغان ھۆكۈمەتكە ئوخشاش، ئېنىرگىيەنى ئىككى باشلىق مۇسكۇلدىن مېڭە نېرۋىلىرىغا ماڭدۇردى. تروپىك بەلۋاغ يايلاقلىرىدا ھايات قېلىش ئۈچۈن بۇنىڭ ياخشى ئىستراتېگىيە بولغانلىقى گۇمانلىق. بىر شىمپانزا ھومو ساپىيانس بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇنى يېڭەلمەيدۇ، ئەمما بىر مايمۇن بىر ئىنساننى لاتا قوچاقتەك پارچىلىۋېتىشى مۇمكىن.
بۈگۈن چوڭ مېڭىمىز نۇرغۇن ئىشلارغا يارايدۇ، چۈنكى ئۇ شىمپانزىلاردىن نەچچە ھەسسە تېز ھەرىكەت قىلىشىمىزنى ساقلايدۇ ھەمدە بىز بىخەتەر ئارىلىقتا تۇرۇپ ئۇلارغا ئوق ئاتالايدىغان ماشىنا ۋە قوراللارنى ئىشلەپچىقىرالايمىز. ئەمما ماشىنىلار ۋە قوراللار نىسبەتەن يېڭى نەرسىلەر. 2 مىليون يىلدىن كۆپ ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى بارا-بارا تەرەققىي قىلدى، ئەمما چاقماق تېشىدىن بىر قانچە پىچاق، كالتەك ياسىغاندىن باشقا تۈزۈك نەرسە ياسىيالمىدى. ئۇنداقتا، بۇ 2 مىليون يىلدا ئىنسان مېڭىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان نەرسە نېمە ئىدى؟ راستىنى ئېيتقاندا، بۇنىڭ جاۋابىنى بىلمەيمىز.
ئىنسانلارغا خاس يەنە بىر ئالاھىدىلىك ئىككى پۇتلاپ ئۆرە مېڭىشتۇر. ئۆرە ماڭغاندا تىروپىك بەلۋاغ يايلاقلىرىدا ئوۋ ھايۋانلىرى ياكى دۈشمەننى ئىزدەش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ؛ مېڭىشقا ھاجىتى قالمىغان قوللار تاش ئېتىش ياكى تەرەپنى ئىشارەت قىلىشقا قوللىنىلىدۇ. قوللىرىمىز تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلغانچە، بۇ قولنىڭ ساھىبلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارغا مۇۋەپپەق بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن، تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ بېسىمى ئالقانلاردا ۋە بارماقلاردا تېخىمۇ كۆپ نېرۋا شاخلىرى ۋە مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ساقلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بۈگۈنكى ئىنسانلار قوللىرى بىلەن تېخىمۇ ئىنچكە ئىشلارنى قىلالايدىغان، بولۇپمۇ، مۇرەككەپ قورال-سايمانلارنى ياساپ، ئۇلارنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. قورال-سايمان ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت دەسلەپكى دەلىللەر 2.5 مىليون يىل بۇرۇنقىغا تەۋە بولۇپ، قورال-سايمان ياساش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىش ئارخىئولوگلارنىڭ قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆرە مېڭىشنىڭ پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بار. تۇنجى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇستىخانلىرى مىليون يىللار بويىچە تۆت پۇتلاپ ماڭغان، قارىماققا مېڭىسى كىچىك بولغان بىر جانلىقتىن تەرەققىي قىلدى. ئۆرە مېڭىشقا ئۆتۈش قىيىن، بولۇپمۇ بەدەن يوغان بىر باشنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغاندا تېخىمۇ قىيىن ئىدى. ئىنسانلار كۆرۈش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ماھارەتلىك قوللىرىنىڭ بەدىلىنى بەل ئاغرىقى ۋە بويۇن قېتىش ئازابى بىلەن تۆلىدى.
ئاياللار تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. ئۆرە مېڭىش ساغرىنىڭ كىچىكلىشىگە ھەم تۇغۇت يولىنىڭ تارىيىشىغا سەۋەب بولدى، يەنە كېلىپ بوۋاقلارنىڭ بېشى بارغانسېرى يوغىنىماقتا ئىدى. تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كېتىش ئاياللار ئۈچۈن جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى. بوۋاقلارنىڭ بېشى كىچىك ۋاقتىدىلا بالدۇر تۇغۇۋەتكەن ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ھايات قالدى ۋە كۆپ بالىلىق بولدى؛ تەبىئىي تاللىنىش مانا مۇشۇ ئۇسۇلدا بالدۇر تۇغقانلارغا ھايات قېلىش پۇرسىتى بەردى. شۇنداق قىلىپ، باشقا ھايۋانلارغا قارىغاندا جان ساقلاش ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەن بۇ ئىنسانلار بۇرۇن تۇغىدىغان ھالغا كەلدى. بىر تاي تۇغۇلۇپلا ماڭالايدۇ، بىر ئاسلان تۇغۇلۇپ بىر قانچە ھەپتە بولغاندا، ئانىسى ئوزۇق ئىزدىگىلى كەتكەندە ئۇنى يالغۇز قويالايدۇ. ئىنسان بوۋاقلىرى بولسا نەچچە يىلغىچە ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىشىغا، پەرۋىش قىلىشىغا، تەربىيەلىشىگە مۇھتاجدۇر.
بۇ ئەھۋال ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ھەسسە قوشتى. يالغۇز ياشايدىغان ئانىلار ئېتەكلىرىنى ئېچىپ، ياردەمگە مۇھتاج بالىلىرى ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوزۇق توپلىغىلى چىققاندا كۆپ قىينالدى. بىر بالىنى بېقىش ئۈچۈن ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە قوشنىلاردىن داۋاملىق ياردەم ئېلىش كېرەك ئىدى، شۇ سەۋەبتىن بىر ئىنساننى چوڭ قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن بىر قەبىلىگە ئېھتىياج چۈشەتتى. نەتىجىدە، تەدرىجىي تەرەققىيات داۋامىدا كۈچلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت باغلىيالىغانلار ياردەمگە ئېرىشتى. يەنە كېلىپ، ئىنسانلار تۇغۇلۇشىدىنلا ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا، ئۇلارنى باشقا ھايۋانلارغا باققاندا كۆپرەك تەربىيەلەش ھەم ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى كۆپەيتىش ئىمكانى بولدى. كۆپلىگەن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئانىسىنىڭ قارنىدىن خۇمداندىن چىققان خىشتەك پىشىپ چىقىدۇ؛ ئۇلارنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئىنسانلار بولسا ئانىسىنىڭ قارنىدىن بىر پېچتىن چىققان ئېرىگەن ئەينەكتەك چىقىدۇ ھەم ئۇلارنى ھەيران قالارلىق ھالدا ھەر خىل شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۈگۈن بالىلىرىمىزنى مۇسۇلمان ياكى بۇددىست، كاپىتالىزىمچى ياكى سوتسىيالىزىمچى، ئۇرۇشپەرەس ياكى تىنچلىقپەرۋەر قىلىپ يېتىشتۈرەلەيمىز.
***
چوڭ مېڭە، قورال ئىشلىتىش، يۇقىرى ئۆگىنىش قابىلىيىتى ۋە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي تەشكىلنى ناھايىتى مۇھىم ئەۋزەللىك دەپ ئويلايمىز ھەم بۇلارنىڭ ئىنساننى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ھايۋان قىلغانلىقى ناھايىتى ئېنىقتۇر. شۇنداقتىمۇ، ئىنسانلار ئاجىز ۋە ئادەتتىكى جانلىقلار بولۇپ ياشىغان 2 مىليون مابەينىدە بۇ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىدى. يەنى 1 مىليون يىل بۇرۇن ياشىغان ئىنسانلار چوڭ مېڭىسى ۋە ئۇچلۇق تاش قوراللىرى بولسىمۇ، ئوۋچى ھايۋنلاردىن قورقۇپ ياشىدى، چوڭ ھايۋانلارنى ئاندا-ساندا ئوۋلىغان بولدى، ئەمما ھايات قېلىش ئۈچۈن ئاساسەن گىياھ توپلىدى، قۇرت-قوڭغۇز يېدى، كىچىك ھايۋانلارنى ئوۋلىدى ياكى چوڭ ھايۋانلاردىن ئېشىپ قالغان تاپلارنى يېدى.
تاش قوراللىرىنىڭ ئەڭ ئەسقاتىدىغان يېرى سۆڭەكلەرنى چېقىپ يىلىكىنى ئېلىش ئىدى. بەزى تەتقىقاتچىلار بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى كەشپىياتى دەپ قارايدۇ. تۆمۈرتۇمشۇقلار دەرەخ قوۋزاقلىرىنى چوقۇپ، ئىچىدىكى قۇرتلارنى ئېلىشقا قانداق ماھىر بولغان بولسا، ئىپتىدائىي ئىنسانلارمۇ سۆڭەكلەرنى چېقىپ يىلىكىنى ئېلىشقا شۇنداق ماھىر بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇنداقتا، نېمىشقا سۆڭەك يىلىكى؟ بىر توپ شىرنىڭ زىراپىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يېگەنلىكىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. ئۇلار زىراپىنى يەپ بولغىچە بىر ياقتا قاراپ تۇرىسىز. سىزگە تېخى نۆۋەت كەلمىدى، چۈنكى ئارقىدىن بۆرە-تۈلكىلەر كېلىپ، ئاشقان-تاشقاننى يەپ تۈگىتىدۇ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايسىز. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىشى تۈگىگەندىن كېيىن، ئەتراپىڭىزغا ئوبدان قاراپ، ئولجىغا يېقىنلىشىپ، ئېشىپ قالغان تاپتىن يېگىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىسىز.
بۇ ئەھۋال تارىخىمىز ۋە پىسخىكىمىزنى بىلىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ھومو ئۇرۇقدىشىنىڭ ئوزۇقلۇق زەنجىرىدىكى ئورنى تېخى يېقىنقى دەۋرگىچە ئوتتۇرىچە سەۋىيەدە ئىدى. ئىنسانلار مىليونلارچە يىل بويى كىچىك ھايۋانلارنى ئوۋلىدى، نېمە تاپسا شۇنى يېدى، شۇنداقلا يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن ئوۋلاندى. پەقەت 400 مىڭ يىل ئاۋۋال ئىنسانلار چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا باشلىدى، 100 مىڭ يىل ئاۋۋالقى دەۋرگە كەلگەندە ھومو ساپىيانسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلۇق زەنجىرىدىكى ئورنى كۆتۈرۈلدى.
ئوزۇقلۇق زەنجىرىدە ئوتتۇرا سەۋىيەدىن يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆرلەشنىڭ پايدىسى بولدى. پرامىدانىڭ چوققىسىدىكى شىر ۋە لەھەڭ قاتارلىق ھايۋانلار بۇ ئورۇنغا مىليون يىل بويى قەدەممۇ قەدەم يۈكسەلگەنىدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىكولوگىيەلىك سىستېمىسىنىڭ كونترول قىلىش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىر ۋە لەھەڭلەرنىڭ ھەممە يەرگە قورقۇنچ سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. شىرلار قانچە ۋەھشى بولغانچە، كىيىكلەر تېخىمۇ تېز قېچىشقا، بۆرىلەر تېخمۇ زىچ ھەمكارلىشىشقا، كەركىدانلار تېخىمۇ ھۇجۇمكار بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىنسانلار ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ بىراقلا ئۈستىگە چىقتى-دە، ئىكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ ئۇنىڭغا كېرەكلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىغا ۋاقتى بولمىدى، ئىنسانلارمۇ بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلىشالمىدى. يەر شارىدىكى چوڭ ئوۋچىلارنىڭ كۆپىنچىسى غايەت زور مەخلۇقلار ئىدى؛ مىليونلارچە يىل سۈرگەن ھۆكۈمرانلىقى سايىسىدە ئۆزلىرىگە قالتىس ئىشىنەتتى. ساپىيانس بولسا گويا بانان دۆلىتىنىڭ دىكتاتورى ئىدى، تاكى يېقىنقى دەۋرگىچە بىز تروپىك بەلۋاغ يايلاقلىرىدىكى ئوتتۇرا ھال مەخلۇقلار بولغىنىمىز ئۈچۈن ھازىرمۇ قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشايمىز. بۇ بىزنى تېخىمۇ زالىم ۋە خەتەرلىك مەخلۇق قىلدى. قانلىق ئۇرۇشلاردىن تارتىپ مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىغا قەدەر كۆپلىگەن تارىخىي قاباھەتلەر ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان ئىنسانلاردىن چىقتى.

باھا يېزىش