بۈيۈك تۈركىستان

(سۈرگۈن پاجىئەسى ھەققىدە بىر ھېكايە)

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن

غەربتە ھازار دېڭىزى بىلەن ئۇرال تاغلىرىنىڭ جەنۇب قىسمىغا، شىمالدا سىبىرىيەگە، جەنۇبتا ئىران، ئافغانىستان ۋە تىبەتكە، شەرقتە خىتاي بىلەن موڭغۇلىستانغا چېگرىلىنىدىغان كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك تۈركىستان بۈگۈنمۇ شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستان دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. غەربىي تۈركىستان يەر ئۆلچىمى ۋە نوپۇس جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تۈرك يۇرتىدۇر.

رۇسلارنىڭ غەربىي تۈركىستاندا 19-ئەسىرگە كەلگەندىلا تاماملىيالىغان ئىشغالىيەت ھەرىكىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن ئەسىرلەردىن بېرى پىلانلاپ كەلگەن سۈيقەستىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ئىمكان بەرگەنىدى. رۇسلار غەربىي تۈركىستاندىكى ئىستېلا ھەرىكەتلىرىنى 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باشلىغان بولسىمۇ، دۇچ كەلگەن قارشىلىقلار سەۋەبىدىن 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندىلا ئىستېلا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان. ھەر غېرىچ زېمىنىنى ئۇلۇغ قەھرىمانلىق ۋە جاسارەت بىلەن قوغداپ كەلگەن يەرلىك خەلق سان جەھەتتىن ئۈستۈن رۇس قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلغار قوراللىرى ئالدىدا يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، ھېچقاچان تىز پۈكمەي كەلگەن. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇلار ئەنە شۇ جاسارەت بىلەن مەملىكەت مىقياسىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ تەلىيى تەتۈر كەلگەن، نەچچە يۈز مىڭ ئادەم قەتلىئامغا ئۇچرىغان، ئائىلىسى ۋەيران بولغان مىليونلارچە ئىنسان قوشنا مەملىكەتلەرگە سىغىنغان.

غەربىي تۈركىستان خەلقى بۇ قوراللىق قوزغىلاڭدىن بىر يىل كېيىن يۈز بەرگەن رۇس ئىنقىلابىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پۇرسەت دەپ بىلىپ، 1917-يىل قوقەندتە بىر مىللىي مەجلىس چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىققان. ئېچىنارلىقى شۇكى، بۇ مىللىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى بولشېۋىكلەرنىڭ ياۋۇزلارچە ئېلىپ بارغان قەتلىئامى ۋە تېررورلۇقى تۈپەيلىدىن كۆپ ئۆتمەيلا ئاغدۇرۇلغان. ئەمما باتۇر تۈركىستانلىقلار قولىغا قايتا قورال ئېلىپ، جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە مىللىي كۈرەشنى يەنە 10 يىل داۋاملاشتۇرغان.

سوۋېت رۇسلىرى غەربىي تۈركىستاندا ياشايدىغان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىللىي بىرلىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئاتالمىش «مىللەتلەر» ۋە «جۇمھۇرىيەتلەر»نى پەيدا قىلىپ، ئىرقى، ياشىغان ئورنى، ئىقتىسادى، دىنى ۋە ھەتتا تارىخىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان غەربىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېلىپبەسىنى رۇسچىلاشتۇرغان؛ ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى، تارىخى ۋە مىللىي ئەدەبىياتلىرىغا چەكلىمە قويغان؛ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپ سىستېمىسى ئۆتمۈشكە ئايلانغان؛ ئەڭ ئېچىنارلىقى شۇكى، غەربىي تۈركىستاندا بوز يەر ئېچىش باھانىسى بىلەن كەلگەن رۇس ئاققۇنلىرىنىڭ سانى كۆپەيگەن، ئۇلار مۇنبەت جايلارنى ئىگىلەپ، يەرلىك خەلقكە بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلگەن. رۇسلارنىڭ بۇ رەھىمسىز، ۋەھشىي سىياسىتىگە نارازى بولغانلار جىمىقتۇرۇلغان ياكى باشقا يەرلەرگە سۈرگۈن قىلىنغان.  سىياسىي جەھەتتىن تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى چار رۇسىيە دەۋرىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ، رۇسلارنىڭ ئىران، ئافغانىستان، تىبەت، ھەتتا پاكىستان، ھىندىستانغا قاراپ كېڭىيىشى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك ۋەزىپىسىنى ئوينىماقتا.

سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمان خەلق بۈگۈن تامامەن يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرى مۇسادىرە قىلىندى، ئائىلە ئەنئەنىسى ئۇنتۇلدۇرۇلدى، خەلق ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى، يېزىقلىرى رۇسچىلاشتۇرۇلدى، تىل-ئەدەبىياتىغا «بۇرژۇئازىيە ۋە كاپىتالىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغان» دېگەن تامغا ئۇرۇلدى، مىڭ يىلدىن بېرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىنلىرى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنىپ، جامە ۋە مەدرىسلىرى تاقىۋېتىلدى. خەلقنىڭ تىجارەت قىلىش، پۇل تېپىپ باياشات ياشاش ئەركىنلىكى چەكلىنىپ، ئېغىر ئىقتىسادىي بويۇنتۇرۇق ئاستىغا كىردى ۋە قىيىن شارائىتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ، ئاچلىق ۋە تۈگىمەس غۇربەتچىلىككە دۇچار بولدى. مىللەتنىڭ ئاكتىپ، ئىلغار، پاراسەتلىك ئادەملىرى ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپ ياكى سۈرگۈن قىلىنىپ كۆزدىن يوقىتىلدى. بۇنى ئاز دەپ مىليونلىغان ئىنسانلار توپ-توپ سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ماكانىغا رۇس كۆچمەنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇلار ھەقىقىي يۈز بەرگەن پاجىئەلەردۇر.

سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۆمۈر پەردىنى بىر مۇنچە جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونومىيە رايونلىرىدىن شەكىللەنگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇلار ئەسلىدە رۇسلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىدۇ، خالاس. چۈنكى ئاتالمىش جۇمھۇرىيەتلەر ئىچكى ئىشلىرىدىمۇ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرالمايدۇ. بۇ قورچاق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى پۈتكۈل تەقدىرى موسكۋانىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن…

پۈتۈن دۇنيا كۆرۈۋاتقان بۇ ئاسارەتكە ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پەرۋاسىز قارىشى ۋە سۈكۈت قىلىشى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئىشتۇر.

سۈرگۈن پاجىئەسى ھەققىدە بىر ھېكايە

شەرقتىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كوللېكتىپ سۈرگۈننىڭ روشەن مىسالى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ۋەقەنى نەقىل كەلتۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

1943-يىل سوۋېت ئالىي مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋە 1944-يىل 23-فېۋرالدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان، 1946-يىل 25-ئىيۇن دۇنياغا رەسمىي ئېلان قىلىنغان بىر قارارنامىگە كۆرە 800 مىڭ نوپۇسى بار چىچەن-ئىنگۇش ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتى، 350 نوپۇسى بولغان قاراچاي بالقار ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتى ۋە 400 مىڭ نوپۇسى بولغان قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتى خەلقى ناتسىستلارغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاپتونومىيەلىك ئورنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. مەزكۇر قارارنامىدە يۇقىرىقى جۇمھۇرىيەتلەردە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ھەممىسىنى، ئەر،ئايال، قېرى، ياش دېمەستىن ئۆز يۇرتىدىن ھەيدەپ، رۇسىيەنىڭ شىمالىدىكى چەت جايلارغا سۈرگۈن قىلىش بېكىتىلگەن. بۇ ۋەقەنى شۇ مەزگىلدە چىچەنىستاندا رۇس ساقچىلىرىنىڭ قوماندانى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن لېيتنانت بۇرلۇتىسكىنىڭ بايانىدىن ئاڭلايلى:

«كاۋكاز تاغلىرىغا جايلاشقان چىچەن-ئىنگۇش ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئەسىرلەرچە تاقابىل تۇرۇپ كەلگەن باتۇر تاغلىق قەبىلىلەرنىڭ يۇرتىدۇر. بۇلار پەقەت 90 يىل ئاۋۋال پۈتۈنلەي مەغلۇب بولۇشتى. ئۆكتەبىر ئىنقلاۋى مەزگىلىدە ئۇلار قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى ۋە ئۆزلىرىگە ئاپتونومىيە بېرىلىش شەرتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېتىلدى.

گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇش باشلانغاندا چىچەن ۋە ئىنگۇشلار يەنە مۇستەقىل بولىمىز دېگەن خىيال بىلەن ئويغىنىشتى. گېرمانىيە قوشۇنى بېسىپ كىرىپ، ئالدى بىلەن بۇ تاغلىق رايونغا ئىشپىيون ئەۋەتىشكە باشلىغاندا چىچەن ۋە ئىنگۇشلار خەنجەرلىرىنى بىلەپ، ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان مىلتىقلىرىنى سۈرتۈپ پارقىرىتىشقا باشلىدى. دېمەك، ئۇلار رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئەمما گېرمانلارنىڭ چېكىندۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ ئۇلار ئېتىزلىقلىرىغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى.

1944-يىل 1-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇپ، چىچەن-ئىنگۇش ئويمانلىقىغا كىردى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ قوشۇنغا ئىستىخبارات ۋە تاغدا جەڭ قىلىش تاكتىكىسىدىن تەلىم بېرىلگەنىكەن. ئۇلار كېلىپلا پۈتۈن رايوننى بىر-ئىككى قېتىم قىدىرىپ تەكشۈرۈپ چىقتى، ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى، خەندەك قازدى، يول-كۆۋرۈك ياسىدى، ئۆزلىرىنى يەرلىك خەلققە دوستانە كۆرسەتتى.

بۇ قوشۇننىڭ ئىچىدە مەنمۇ تەۋە بولغان چېگرا مۇداپىئە قىسىمى بار ئىدى. ساقچى فورمىسىنىڭ ئىشتان ۋە چاپان يەڭلىرىدىكى يېشىل بەلگىنىڭ يەرلىك خەلقنى چۆچۈتۈپ قويماسلىقى ئۈچۈن، چېگرا مۇداپىئە قىسمىغا ھەربىي فورما تارقىتىپ بېرىلگەنىدى. بۇ ئىشلارغا گېنرال ئىۋان سېروۋ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ قارارگاھى چىچەن-ئىنگۇش جۇمھۇرىيەتىنىڭ مەركىزى بولغان گروزنىدە ئىدى. يېقىندا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان، يۈزى ياغاق، مۇز تەلەتلىك ئىۋان سېروۋ ئەتراپىمىزدىكى بۇ يىرگىنىشلىك ئىشلارغا باشچىلىق قىلىۋاتقان رەھىمسىز، پۇرسەتپەرەس مەلئۇنلاردىن بىرى ئىدى.

مېنىڭ ئەترىتىم تاغ ئارىسىدىكى بىر جىلغىغا جايلاشقان، 3000 نوپۇسلۇق كىچىك بازار نوۋوسېلسكودا ۋەزىپە ئۆتەشكە تەيىنلەنگەنىدى. بۇ يەرگە كېلىپ 6 ھەپتە ئۆتكەندە نوۋوسېلسىكو مەھەللە كومىتېتى قىزىل ئارمىيە كۈنى بولغان 23-فېۋرالدا زىيارەتچى قوشۇن شەرىپىگە تەنتەنىلىك بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ھەققىدە گروزنىدىن بۇيرۇق ئالدى. قوراللىق قوشۇن بۇ پائالىيەت ئۈچۈن زوق-شوخ بىلەن تەييارلىققا كىرىشتى، بازارنىڭ تازىلىق ئىشلىرىغا ياردەم بەردى، كوچىنى بويلاپ ئارمىيەنى قارشى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك لەۋھە ۋە بايراقلارنى ئاستى. پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن بىللە، «قېرىنداشلىق»، «ئەبەدىي دوستلۇق» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى تەييارلىدى.

23-فېۋرال كۈنى ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ھەم سوغۇق بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ تېمى ۋە ئوتلاقلاردىكى قارلار پارقىراپ تۇراتتى. سائەت 9 لاردا بازاردىكى بارلىق ئەرلەر سەھنە جايلاشقان بازار مەيدانىغا قاراپ ماڭدى. زىيارەتچى قوشۇننىڭ ئوفىتسېرى،  يېنىغا بىر قانچە ياردەمچىسىنى ئېلىۋالغان پولك كوماندىرى، ئىستىخبارات بۆلۈمى باشلىقى ۋە باشقا يەرلىك پارتىيە رەھبەرلىرى سەھنىدىن ئورۇن ئالغانىدى. بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن چىچەن-ئىنگۇشلار سەپ-سەپ بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، ئاكوردىيونلىرىنى زوق-شوخ بىلەن چېلىپ سەھنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەكتە ئىدى. سەھنىنىڭ بىر چېتىدە قىزىل ئارمىيە ئوركسېتىرا ئەترىتى ھەر قېتىم ئۆتكەن گۇرۇپپىغا قارشى ئېلىش مۇزىكىسى بىلەن سالام بېرەتتى. مەن ئېتىمدا ئولتۇرۇپ، مەيداننىڭ بىر چېتىدە ئۇلارنى تاماشا قىلىۋاتاتتىم.

مېنىڭ ئەترىتىم بازارنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى بىر داۋاندا ھەربىي تەلىم بىلەن مەشغۇل ئىدى. مەن پەقەت ھېچكىمگە چاندۇرماستىن بۇ يەرگە كەلگەنىدىم.

يەرلىك ھۆكۈمەت ئادەملىرى قىزىل ئارمىيەنىڭ پارلاق ئىستىقبالى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقدىكى خەلقلەرنىڭ دوستلۇقىنى مەدھىيەلەيدىغان نۇتۇقلار سۆزلىدى. باتالىيون قوماندانىمۇ سۆزگە چىقىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى، جۈملىدىن چىچەن-ئىنگۇشلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەر زامان خىزمەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇراسىمدا تەنتەنە قىلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ خۇشاللىقى ئەۋجىگە چىققان بىر پەيتتە بىرەيلەن سەھنىگە چىقتى؛ ئۇ ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پولك كوماندىرى ھورىن ئىدى، ئۇ «خەپشۈك!» ئىشارىتى بەرگەندە، ئالقىش سادالىرى ۋە ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئاستا-ئاستا بېسىقتى.

__ ئېنىقلاشلىرىمىزغا قارىغاندا،-دەپ گەپ باشلىدى ھورىن بوغۇق ۋە قوپال بىر ئاۋازدا،- سوۋېت زېمىنى ئىشغالىيەتكە ئۇچرىغان مەزگىلدە چىچەن ۋە ئىنگۇش جۇمھۇرىيەتىنىڭ ئاھالىسى دۈشمەنلەرگە ئارقا سەپتىن ياردەم بەرگەن، ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلاشقان، قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ، سوۋېت ئارمىيەسىگە قارشى ھەرىكەت قىلغان. يەنى ئۇلار سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇپ، كوممۇنىزم دۈشمەنلىرىگە ياردەم قىلغان…

پولك كوماندىرى ھورىن بىر دەم تۇرۇۋالدى، ئادەملەر تاقەتسىزلىك بىلەن قىمىرلاپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى:

__ ئەنە شۇ سەۋەبتىن، كوممۇنىست پارتىيە ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتى چىچەن-ئىنگۇش ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتىدە ياشاۋاتقان بارلىق خەلقنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چەت جايلىرىغا سۈرگۈن قىلىشنى قارار قىلدى.

پۈتۈن مەيدان بىردەمدىلا تىمتاس بولۇپ كەتتى. مەن ئەترىتىمنى تاشلاپ قويغان داۋانغا ئەنسىزلىك بىلەن قارايتتىم. پولك كوماندىرى سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

__ بۇ بۇيرۇققا قارشى چىققانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئىسيان كۆتۈرگەنلەر دەپ قارىلىدۇ ھەمدە ھېچكىمگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمەستىن قىرىپ تاشلىنىدۇ. قارشىلىق قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، چۈنكى پۈتۈن بازار قوراللىق قىسىم تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىندى، سىلەر تۇرۇۋاتقان بۇ مەيدانمۇ توپ-زەمبىرەك، پىلىموتلار بىلەن قورشالدى.

پولك كوماندىرى سۆزىنى تۈگىتىپلا يۇقىرىغا ئىشارەت قىلدى، مېنىڭ داۋاندىكى ئەترىتىم كېچىچە ياتقان خەندەكلىرىدىن چىقىپ، مىلتىقلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. باشقا قوشۇنلارمۇ مىلتىق، پىلىموتلىرى بىلەن ھەر ۋاقىت تەييار ھالەتتە مەيداننىڭ ئەتراپىدا سەپ تۈزۈپ بولغانىدى.

پۈتۈن مەيدان شۇ ئان مۇزلاپ قېتىپ قالغاندەك ئىدى، كىشىلەر گويا توساتتىن سىگنال بېرىلگەندەك، موسكوۋاغا بولغان دوستلۇق شوئارلىرى يېزىلغان بايراقلارنى، سىتالىن، ۋارشىلوف، مولوتوف، بېرىيا قاتارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرىنى يەرگە ئاتتى. پولك كوماندىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، چىچەن ۋە ئىنگۇشلار ئىككى سەپ بويىچە تىزىلغان ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزۈلدى؛ مۇراسىم ئۈچۈن بەللىرىگە تاقىغان ئېسىل خەنجەرلىرى تارتىۋېلىندى. ئۇلار تۆتتىن تىزىلدۇرۇلۇپ، بازارنىڭ سىرتىدىكى شامال-بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان يايلاقنىڭ ئوتتۇرىسىغا قۇرۇلغان يىغىۋېلىش ئورنىغا ئاپىرىلدى؛ بۇ يەردىن يىپيېڭى ئامېرىكا ئاپتوموبىللىرىغا چىقىرىلىپ، گروزنىدىكى تۆمۈر يول ئىستانسىسىغا توشۇلدى ۋە بۇ يەردىن مال-چارۋا توشۇيدىغان ۋاگونلارغا سولىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نام-نىشانسىز چەت جايلىرىغا يولغا سېلىندى.

بۇ چاغدا ساقچىلارمۇ بازاردىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئاياللارغا بىر سائەتتىن كېيىن ئاپتوموبىل بىلەن ئۇلارنى توشۇيدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلدى. ھەر بىر ئائىلە 700 كىلودىن ئارتۇق يۈك-تاق ئالالمايتتى. ئاياللار، قېرىلار، بالىلار ۋە بوۋاقلار دەرھال ئاپتوموبىللارغا چىقىرىلىپ، پويىز ئىستانسىسىغا توشۇلدى. ئاندىن بۇ يەردىن ئۆشنىسىگە يۈك-تاق ئارتىلغان ھالەتتە قارلاردا سۆرىلىپ مېڭىشقا مەجبۇرلاندى ۋە پويىزنىڭ قوپقۇرۇق، سوغۇق، ئورۇندۇقى يوق، بىر تال سامانمۇ تېپىلمايدىغان مال-چارۋا ۋاگونلىرىغا سولاندى.

بۇ ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەتنىڭ باشقا شەھەر-بازارلىرى ۋە مەھەللىلەردىمۇ ئوخشاش ۋەقە يۈز بەرمەكتە ئىدى.

بۇ ھەرىكەتتىن كېيىن بازاردا قورقۇنچلۇق بىر سۈكۈت ھۆكۈم سۈردى. خەندەكلىرىدىن چىقىپ، بازاردىكى مەكتەپ بىناسىنى قارارگاھ قىلماقچى بولغان ساقچى قىسىم جىمجىت بازاردىن ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىلا ئاڭلىناتتى. ھەربىي قوشۇن ئۆزلىرى شاھىد بولغان بۇ مەنزىرىگە قاراپ ئېغىر سۈكۈت ئىچىدە، تۇرغان جايىدا ئولتۇرۇپلا قالدى.

ئەمما ساقچى قىسىم، مەخپىي ھەرىكەت خادىملىرى ۋە ئىشپىيونلار بۇنداق جىمجىتلىققا كۆنمەيتتى، ئۇلار ئۆيلەردىن ۋوتكا ۋە شاراپ ئىزدەيتتى، كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قويلارنى بوغۇزلاپ، ئىچ-قارنىنى ئادالايتتى؛ ئۆيلەردە پۇلغا يارىغۇدەك نېمە بولسا بۇلاپ-تالايتتى. بىر نەچچە سائەت ئۆتۈپلا بۇلار باشلىغان ۋەھشىي كەيپ-ساپا ۋە ئىشرەت بەزمىلىرى بازاردىكى سۈكۈناتنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇلارنىڭ يېرىم كېچىگىچە داۋام قىلغان قىقاس-سۈرەنلىرى چىچەنلەردەك مەغرۇر مىللەت ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە ئىدى».

بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتەيلى. چىچەن-ئىنگۇش، قاراچاي-بالقار ۋە قىرىم خەلقى يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللار بىلەن مال-چارۋا ۋاگونلىرىغا ئۈستى-ئۈستىلەپ بېسىلىپ، تاغارغا سامان تىققاندەك تولدۇرۇلۇپ، سۈرگۈنگە ھەيدەلدى. 25-30 كۈن داۋاملاشقان سەپەر جەريانىدا بىر يۇتۇم سۇ، بىر لوقما نان بېرىلمىگەن بۇ بىچارىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن ئۆلدى. ۋاگونلار ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئېچىلىپ تۇردى، ھەر قېتىم ئېچىلغاندا دۆۋە-دۆۋە جەسەتلەر ژاندارما ئەسكەرلەر تەرىپىدىن مىلتىق نەيزىسى بىلەن سىرتقا تاشلىنىپ تۇردى. ئەسكەرلەر بۇ شەھىدلەرنى «بۆرىلەرنىڭ ئوزۇقى» دەيتتى، بۇ سەۋەبتىن شۇ مەزگىلدە يۇقۇملۇق كېسەل تاراپ كەتتى.

قازاقىستاندىكى مۇسۇلمانلار قازاقىستانغا كەلگەن بەزى «سۈرگۈندى»لەرگە ياردەم قىلايلى دېگەن بولسىمۇ، ژاندارما ساقچىلىرى بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلدى.

سوۋېتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كۆرە، ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار، بۇ مىللەتلەردىن بىرەرسى سوۋېتنى تەرك ئەتمەكچى بولسا ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بار. ئەمما بۇ قەغەز يۈزىدىكى گەپ بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ۋەقەلەر «كوممۇنىزم جەننىتى»دىكى رىياللىقنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشىدۇر. شەرقتىكى مىللەتلەر بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشلىرى كېرەك.

1955-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى

(بۇ ماقالە ئەيسا ئالىپتېكىن شىمالىي كاۋكازىيەنىڭ سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى سەئىد شامىل بىلەن بىرلىكتە باڭكوك خەلقئارا يىغىنىغا سۇنغان خېتىگە قوشۇمچە قىلىنغان دوكلاتتىن ئېلىندى، مەكتۇپ ۋە دوكلاتنىڭ تولۇق مەزمۇنى «ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتابتا مەۋجۇت)

ئىلاۋە: ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 1991-يىل سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، غەربىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان سىياسىي جۇغراپىيەدىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق بەش جۇمھۇرىيەت مۇستەقىل بولدى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان يەنىلا خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تېخى ھايات بولۇپ، دۇنيانى تىترەتكەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قانداق ھېسسىياتتا، قانداق كۆز قاراشتا ۋە قانداق پىلاندا بولغانلىقى بىزگە نامەلۇم. ئۇيغۇر ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ كېلىۋاتقان بىرەرسى بۇ زاتنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەپەندىم،سوۋېت يىقىلدى، غەربىي تۈركىستاندىكى چوڭ تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى، دۇنيامۇ ئېتىراپ قىلدى. ئەمدى غەربىي تۈركىستان دېگەن سىياسىي رايون مەۋجۇت ئەمەس، شۇڭا ئەمدى شەرقىي تۈركىستان دېيىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ-يوق؟ ئۇيغۇرلارنى نەگە قويىمىز؟ ئۇيغۇرلارمۇ تۈركلەر ئائىلىسىنىڭ چوڭ ئەزاسى بولغاندىكىن ئۇيغۇرىستان دەپ بىر دۆلەت قۇرۇشقا ھەقلىق ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟» دەپ سورىغان بولسا، ئەيسا ئەپەندىنىڭ نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ھەم بىلمەيمىز.

بىزگە مەلۇم بولغان تارىخىي ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ ئەسلىگە كېلىپ مۇقىملىشىشى 100 يىل مابەينىدىكى ئىش، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قەۋم ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمان»، «مىللىتى ئىبراھىم» دەپ تونۇپ كەلگەن ياكى «ئالتە شەھەرلىك»، «تارانچى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئۆتكەن ئەسىردە دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئالغان مىللىي ئويغىنىش ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ئېڭى ۋە سىياسىي ئېڭى، جۈملىدىن دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى پەيدا بولغان ۋە كۈچەيگەن.

1920-يىللاردا ئىلغار زىيالىيلار ئوتتۇرا ئاسىيادا توپلىنىپ، ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن «ئالتە شەھەرلىك» بىلەن «تارانچى»نى «ئۇيغۇر»دېگەن نام ئاستىدا بىرلەشتۈرگەن. ئەمما دەۋر چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ نامنىڭ ئۆز ساھىبلىرى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈشىگە ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن (ھازىرمۇ بۇنى قوبۇل قىلمايۋاتقانلار بار)، ۋە بۇ نامنىڭ ئومۇمىي خەلق ئېڭىغا ياكى مىللىي ئاڭغا ئايلىنىپ، سىياسەتتە يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈشى كېچىكىپ كەتكەن. يەنى ئۇ چاغدا بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئىككى چوڭ رەزىل كۈچنىڭ ئاسارىتىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، تۈركىي خەلقلەر بىرلەشكەندىلا ئۇلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالايدۇ، نىجاتلىق پەقەت تۈرك-ئىسلام بىرلىكىدە دېگەن قاراش ھۆكۈمران بولغان. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئىككى قېتىم قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتىمىزنىڭ نامى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى»دەپ ئاتالغان، ئۇيغۇر دېگەن نام سىياسەتنىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن.

 «ئۇيغۇر» دېگەن نامنىڭ خەلقىمىزگە ھەقىقىي ئۆزلىشىشى بۈيۈك ئېھتىمالدا 1955-يىل قۇرۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، ئاپتونوم رايون قۇرۇلۇش ئالدىدا سەيپىدىن ئەزىزى خىتاي ھۆكۈمىتى رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىشىغا قوشۇلماي، «ئاپتونومىيە دېگەن تاغ-دەرياغا بېرىلىدىغان نام ئەمەس، ئۇنى شۇ جايدا ياشايدىغان ئاساسلىق خەلقنىڭ نامى بىلەن ئاتاش كېرەك» دەپ پىكىر بەرگەچكە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى قوشقانىكەن. ئەگەر بۇ ۋەقە راست بولسا، سەيپىدىن ئەزىز «ئۇيغۇر» دېگەن نامنىڭ ئومۇملىشىشىغا تۆھپە قوشقان بولىدۇ.

ئۇيغۇرلۇق دەۋاسى گەرچە تۈركچىلىك دەۋاسى بىلەن پاراللېل ماڭغان بولسىمۇ، ئەينى چاغدا تۈركچىلىكنىڭ (ياكى تۇرانچىلىقنىڭ) ئىدىيە ئاساسى چوڭقۇر، دەۋر تەلىپى كۈچلۈك بولغان. ئىسمائىل غاسپرالىنىڭ «تىلدا بىرلىك، پىكىردە بىرلىك، ئىشتا بىرلىك» مەپكۇرىسى «تەرجۇمان» گېزىتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ تارقالغان. تۈركىيەگە ھىجرەت قىلغان زىيالىيلىرىمىز ۋە ئىنقىلاپچىلىرىمىز    تۈرك-ئىسلام بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىشتا باشلامچى بولغان، بۇنىڭغا مەمتىلى ئەپەندى بىلەن مەسئۇت سەبرىنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئەيسا ئەپەندىمۇ غەربىي تۈركىستاندا خىتاي ئەلچىسىنىڭ يېنىدا ئىشلىگەن، خىتايغا تامامەن يات بولغان مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى «تۈرك مۇسۇلمانلىرى» كىملىكى بىلەن تۇرغۇزۇپ چىققان بولغاچقا، ئۇمۇ شۇ ئېقىمىغا مايىل بولغان ۋە تۈركىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىدە بۇ ئىدىيەنى يېتەكچى قىلغان. بۈگۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئىنقىلاپچىلىرىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك بۇ ئېقىمنىڭ تەرەپدارلىرى ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئېيتقاندا، تۈركىيەدىكى مىللەتچى پارتىيە بۇ سىياسىي غايىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ پارتىيەنىڭ لىدېرى دۆلەت باغچەلى ھازىر ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىگە دۇئا قىلىپ يۈرۈۋاتسا كېرەك.  

«غەربىي تۈركىستان»دىكى غوللۇق تۈركىي مىللەتلەر بۈگۈن مۇستەقىل، ئەمما يەنىلا رۇس بىلەن خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا. قىرىم بىلەن قازاقىساندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ھېلىتىن كۈچىيىۋاتقان خىرىسلار بۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. «شەرقىي تۈركىستان»دىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار بۈگۈن جان تالىشىش ھالىتىدە. شۇنداق تۇرۇپمۇ «شەرقىي تۈركىستان» غايىسىدىن ۋاز كەچمىدۇق، ئەتراپىمىزدىكى بارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قۇچاق ئاچتۇق. ئەمما رەھىمسىز رىئاللىق بىزنىڭ ياخشىچاق غايىلىرىمىزگە باقماي كالدى.

تۈركىي مىللەتلەرنى بىر چوڭ ئائىلە دېسەك، بۇ ئائىلىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى ئاللىقاچان ئۆي ئايرىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدى، تەلىيى كەلدى، بىر تامچە قان تۆكمەي تۇرۇپ مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بىز شور پىشانە ئۇيغۇرلار يەنىلا چوشقا قوتىنىدا قالدۇق. بولمىسا بىز ئۆز زامانىسىدا كۆك تۈرك خانلىقىدىن ئۆي ئايرىپ چىقىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىلار خانلىقى، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇپ، 1000 يىل مۇستەقىل ياشىغان، مەدەنىيەتتە ئالدىغا كەتكەن بىر قەۋم ئىدۇق. ئۇيغۇر دېگەن نام ئاستىدا بىر دۆلەت قۇرۇشقا لايىق ئىدۇق، ئەمما دەسلىۋىدە تەرىقەتچىلىك، مەزھەپچىلىك، كېيىن ئۈممەتچىلىك ۋە تۈركچىلىك پىكىر ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىدە مىللىي كىملىكىمىزنى ئۇنتۇدۇق، بۇ كىملىكنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنى تولۇق ئۆزلەشتۈرەلمىدۇق ۋە ئۇنى كوللېكتىپ ئاڭغا ئايلاندۇرۇپ، سىياسەتكە ئېلىپ كىرەلمىدۇق. مىللىي ئاڭ خېلى كۈچەيگەن 80-يىللاردا، سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار قاتتىق سىلكىنىپ، «بىز كىم، نېمە بولدۇق، نېمە بولماقچى؟» دېگەن نۇقتىغا كەلگەن ۋە باشقا تۈركىي خەلققە ئوخشاش مۇستەقىل بولۇش غايىسى كۈچەيگەن 90-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نى قۇرۇپ، رۇسلار بەرپا قىلغان ۋە ئەيسا ئەپەندى «تۆمۈر پەردە» دەپ ئاتىغان ئايرىمىچىلىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىدى. شۇ چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا پەيدا بولغان ئازاتچىلار ۋە غازاتچىلار مىللەت ۋە ئۈممەتنىڭ سىياسىي غايىسى كۈرەش قىلغان بولدى، ئەمما چېچىلىپ تۈگىدى. كېيىنكى يىللاردا مىللەتچىلىككە قارشى ئۈممەتچىلىك غولداپ قالدى، تۈركلىكنىڭ ئۈمىدسىز قوينىدا ئىچى پۇشۇپ كەتكەن «ئۇيغۇر»لۇقنىڭ يەلكىسىگە ئەمدى قوپۇپ ئۈممەتچىلىك مىندى. ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى ئىككى چوڭ يۈكنىڭ ئاستىدا قالدى.

تارىختىن قارىساق، تۇرانىزم، تۈركچىلىك ۋە تۈركىستانچىلىق ئىزچىل سىياسىي غايە بولۇپ كەلدى. بۈگۈن بولسا بۇ تېخىمۇ يەتكىلى بولماس غايە بولۇپ كۆرۈنمەكتە. دېمەككى، رۇسلار بىلەن خىتايلار  تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرلىكىگە قارشى سۈيقەستلىك پىلانلارنى تۈزۈپ غايەت زور مۇۋاپپەقىيەت قازاندى. يەنە كېلىپ، ئۆتكەن ئەسىردە مودا بولغان مىللەتچىلىك ئېقىمى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار بىلەن قىلچە پەرقى بولمىغان ئۆزبېكلەرمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى نەۋائىنىڭ ھەيكىلى ئارقىلىق تىكلەپ بولدى. شەرقىي تۈركىستان غايىسى ئەلۋەتتە گۈزەل غايە، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا قانچىلىك پايدىسى بار، بۇنىمۇ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.  ئەگەر رۇسلار غەربىي تۈركىستان تۈركلىرىنى مىللەتكە ئايرىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بەرمىگەن ۋە بۇ خەلقلەرمۇ مىللىي كىملىك ئېڭىنى ساقلاپ كەلمىگەن بولسا، مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئىدىيە ھازىرلىقى قىلالمىغان بولار ئىدى.

بىز ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى بىلمەيۋاتامدىمىز ياكى دۇنيا بىزنى بىلمەيۋاتامدۇ، بىز دۇنيانى دەڭسىيەلمەيۋاتامدىمىز ياكى دۇنيا بىزنى دەڭسىيەلمەيۋاتامدۇ، بىلمىدۇق، بەلكى ئەڭ چاتاق يېرى، ئۆزىمىزنى دەڭسىيەلمەيۋاتقان بولساق كېرەك. ئۆزىنى دەڭسەش ئۆزىنى توغرا ئورۇنغا قويۇش دېگەنلىكتۇر، ئۆزىنى دەڭسىيەلمىگەنلەر دەۋر ئۆزگىرىشىدىن ساۋاق ئالالماسلىقى، ئاقمايدىغان سىياسىي غايىگە ئېسىلىۋېلىشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، ھازىرقىدەك ئاسارەت ۋە قىرىلىپ كېتىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقان، نوپۇسىمىز جىددىي ئازىيىۋاتقان بۇ مەزگىلدە «شەرقىي تۈركىستانمۇ ياكى ئۇيغۇرىستانمۇ؟» دەپ تالىشىشنىڭ قىلچە ئورنى يوق. قىرغىنچىلىق داۋام قىلماقتا؛ رۇسلار ئۆز ۋاقتىدا قىرىم تۈركلىرىنى سۈرگۈنگە- ئۆلۈمگە يوللاپ ئۇلارنىڭ ماكانىغا رۇسلارنى كۆچۈرۈپ ئاپارغاندەك، بۈگۈن خىتايلار ئۇيغۇرلارنى قىرىپ ياكى ئىچكىرىگە قۇل ئىشچى قىلىپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ ماكانىغا خىتايلارنى جايلاشتۇرماقتا. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر رايونىدا قىرىم ئارىلىدىكىگە ئوخشاش ئومۇمىي خەلق رايىنى سىناش ئىمكانى تۇغۇلغان تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ نوپۇسى بېسىپ كەتسە يەنىلا مۇستەقىل بولالمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ھازىر ئىسىم تالىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس، بۇ جەڭگى-جېدەللەر ئاللىقاچان تۈگەپ، تەرەپلەر سەپلىرىنى ئايرىپ بولدى. ئەمما بۇ مەسىلىلەر بەئەينى تازنىڭ قىچىشقاق بېشىغا ئوخشايدۇ، قاشلىسا يەنە قىچىشىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، نېمىلا بولسا بولسۇن، ئۇيغۇر دېگەن نامنى يوقاتماسلىق، ئىسىم-ناملاردا «ئۇيغۇر»دىن چەتنىمەسلىك، ئۇيغۇر بولۇش ياشاشنىڭ ھەققىنى بېرىش كېرەك.  بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا «ئۇيغۇر ئېلى، ئۇيغۇر دىيارى، ئۇيغۇر رايونى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، دۇنيا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتى…» دېگەندەك نام-ئىبارىلەرنى قوللاش ۋە قوللىنىش كېرەك، نام يوللۇق بولسا ئىشىمىز ئاسان، يولىمىز راۋان بولىدۇ، دەۋايىمىزنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆزىمىزنى قوبۇل قىلدۇرۇشتا قىينىلىپ كەتمەيمىز. 

تارىخ قايتىلىنىۋاتىدۇ، پۈتۈن دۇنيانى چوشقا قوتىنىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان سىتالىن، ماۋ زېدۇڭ، بۇ دۇنيادا كۈچلۈكلەر ياشايدۇ دەپ يەھۇدىيلارنى قىرغان گېتلىر، ئۈممەتچىلىك قىلىپ خوجا نىياز ھاجىنى ئالداپ ئۇيغۇرلارنى قىرغان تۇڭگان ما جۇڭيىڭغىچە ھەممىسى مەلۇم سىياسىي غايىنى سۈيئىستېمال قىلغان مەلئۇنلار بولۇپ، بۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ھاڭدىن غۇلاپ چۈشكەن پادىلارغا ئوخشاش ھالاك بولۇشتى. بۈگۈنكى خىتاي پۇقرالىرىمۇ ماۋ زېدۇڭغا ئوخشاش بىر مىللەتچى مۇستەبىتنىڭ تەختىراۋانىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ مۇستەبىت گېتلىردىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنى قىردى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ سىتالىننىڭ يولىنى تۇتۇشقا مايىل كۆرۈنمەكتە، قىرىمنى ئالدى، قازاقىستانغا قوشۇن كىرگۈزدى، ئوكرائىناغا تەھدىت سالدى. خىتايمۇ تەيۋەنگە خىرىس قىلماقتا؛ خىتاينىڭ بۇ يىلقى قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا «غەربىي تۈركىستان» دۆلەتلىرى تولۇق قاتنىشىدىكەن، ئۇلار «شەرقىي تۈركىستان»دىكى ئۇيغۇرلارنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتتى.  ئۇنتۇلغان بىر مىللەت ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قانداق ساقلاپ قالالايدۇ؟ ھېلىتىن ئۇلارنىڭ نامى «شەرقىي تۈركىستان»  دېگەن نامنىڭ ئاستىدا چۆكتۈرۈۋېتىلدى، قاچان باش كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ؟  شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولدى دەيلى، دۆلەت نامىنى «شەرقىي تۈركىستان» ياكى «ئۇيغۇرىستان» دەپ بېكىتىش مەسىلىسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ رايىنى سىنىغاندا «ئۇيغۇرىستان»نى تاللىشىم مۇمكىن، مەۋجۇتلۇق ئىستىكىم شۇنى خالايدۇ.

باھا يېزىش