1
كاۋاپچى سەمەتنىڭ 20 يىللىق ئەجرىدىن كەلگەن، يىللىقى70 مىڭ يۈەنگە ئىجارىگە ئېلىنغان بۇ كىچىك ئاشخانا 30مىڭ يۈەنگە بېزەلگەنىدى، 3يىل ئۆتتى، ئىسكەتى قالمىدى، دېرىزىلىرى مايلىشىپ، جوزا-ئورۇندۇقلىرى ئاجرىغىلى تۇردى. سەمەت بۇ گۇيلار قوڭىنى قىسىپ ئولتۇرمايدىكەن دەپ ئاخىرى بىر يۈرۈش ئەرزان باھالىق تۆمۈر ئورۇندۇق ئالدى . كۆك سىردا سىرلانغان، مامۇقلىرى نېپىز ئورۇندۇققا ئۇنىڭ كونا خېرىدارلىرى تەستە كۆندى. سەمەتنىڭ خوتۇنى جۇخۇڭ بېيجىڭلىقلارنىڭ نېمىگە ئامراقلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، مۇشۇ كۈنلەردە پۈتۈن مۇسۇلمان ئاشخانىلىرىدا ئېسىقلىق كەئبە شەكلى ۋە ھەيۋەتلىك ئەرەبچە خەت بېسىلغان لەۋھەنىڭ يېنىدىلا ھاراق پوكىيى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئىچىدە ئېرگوتودىن تارتىپ يەنجىڭ پىۋىسىغىچە، بىر قارىسا ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەندەك كۆرۈنىدىغان تاتلىق ئىچىملىكلەر تىزىقلىق ئىدى، خاسىڭ، دادۇر-پۇرچاق، كاۋاپ، لەڭپۇڭ، لاۋخۇسەي.. ئەلەي-بەلەي ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەر بەزىدە بۇ ئاشخانىدا چاپ-چاپ بازارغا ئۈلگۈرۈپ بولالماي قالاتتى. 17يىل بۇرۇن سەمەتنىڭ قوينىغا كىرگەن بۇ خېبېيلىق قىز تېگىدىن دېھقان بولغاچقىمىكىن، ئاشخانىدا تىنىم تاپمايتتى، كاۋاپچى، ئاشپەز بالىلارغا بۇ چوكان دەسلەپتە ياقمىغانىدى، ئەمما نېمىلا دېگەنبىلەن خوجايىننىڭ خوتۇنى-دە، ئىشقا بۇيرۇسا ”جۇخاچا، مانا ھازىر“ دەپ ماڭماي قۇتۇلالمايتتى. سەمەتنىڭ تاماكا، تەر پۇراپ تۇرىدىغان بەدىنى، سېرىق قوناقتەك سارغايغان چىشلىرىدا ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان خۇشچاقچاقلىق ۋە مەمۇنىيەت جۇخۇڭغا خۇددى ئۆزىنىڭ بېلىدىغان ئېلىنمايدىغان پەرتۇق بىلەن قولىدىن چۈشمەيدىغان دەسمالدەك تونۇش، قەدىناس ئىدى. ھەر كۈنى چۈشتە، كەشتە 17 كىشى ئاران سىغىدىغان بۇ ئاشخانىدىكى ئاۋاتلىق سەمەت بىلەن خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى لىققىدە تولدۇرۇپ تۇراتتى. ھەر بىر خېرىدار بىر تال سەرەڭگە بولۇپ، بەرىكەت ئوتىنى ياندۇرۇپ تۇراتتى. دەسلەپكى كۈنلەردە سەمەت ھەر كۈنى سەھەر نيۇ جې كوچىسىغا بېرىپ ئۆزى گۆش ئالاتتى، گۆشنىڭ ئىگىسىدىن ئۇنىڭ ھالال مۇسۇلمانلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرەتتى، ئىشەنچ قىلالمىسا كىملىكىگە قارايتتى. ئوقىتى ئېقىپ، بىر ئاز پۇل تاپقاندىن كېيىن ئىشەنچلىك بىر تۇڭگاندىن بىۋاسىتە گۆش زاكاس قىلىدىغان بولدى، گۆش توشۇيدىغان ماشىنا ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا ئۈچ-تۆت قوينى تاشلىغاندا ئۇ: قېنىنى ئېقىتتىڭلارمۇ بۇنىڭ؟ ئاخۇن ئاللاھۇ ئەكبەر دېدىمۇ؟ قېرى قوي ئەمەستۇ؟ …“ دەپ بىر قاتار سوراقلىغاندىن كېيىن قويلارنى ئۆتكۈزۈۋالاتتى. سەمەت گۆشكە قاتتىق ئىخلاس قىلاتتى، گۆش بەرىكەتنىڭ، ھۇزۇرنىڭ، شەھۋەتنىڭ جەۋھىرى ئىدى. ئۇ ھەر قاچان خام گۆشلەرنى بىر پۇرىۋالاتتى، ئاندىن تۈجۈپىلەپ پارچىلايتتى، تۈرلەرگە ئايرىيتتى، كاۋاپقا، سەيگە ئايرىم-ئايرىم ئاتايتتى، پۇلىنى ئالدىن ھېسابلايتتى. ئۇ ھەر كۈنى گۆشكىلا ئىگە بولۇپ بەرسە بولاتتى، قالغان ئىشنى خوتۇنى جۇخۇڭ ماشىنا ئادەمدەك تەرتىپ بىلەن يۈرۈشتۈرۈپ ماڭاتتى. سەمەت مەدىكار بازىرىدىن چىرايلىق، مىسكىن ئىككى ئىشلەمچى قىزنى تېپىپ ئەكەلگەنىدى، جۇخۇڭ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلارنى ھورۇنكەن دەپ ئىشتىن بوشاتتى، ئۆزى بېرىپ سەترەكتىن بىرنى ئەكىلىپ خاتىرجەم بولدى، بۇ سىچۈەنلىك قىز ئىدى، ئىشلەشتىن باشقىنى بىلمەيتتى، شۇڭا سەل ھاڭۋاقتىراق چىقىپ قالدى. بىر قېتىم تاماقنى خاتا تىزىملاپ قويۇپ ئاچچىقى يامان خېرىداردىن ”دۆت “ دەپ تىل ئىشتتى. سىچۈەنلىك قىز خاپا بولۇپ، خۇددى ئۇزاقتىن بۇيان دېيەلمىگەن بىر ئازابلىق گەپنى دەپ تاشلىدى: ”مەن دۆت، ئەقىللىق بولغان بولسام بۇ يەردە ئىشلەمتىم؟ ”، خېرىدار غىڭ قىلالمىدى. بۇ گەپنى جۇ خۇڭ ئاڭلاپ شۇ يەردىلا ئۇ قىزغا تەنبىھ بەردى، قىز ئەتىسى ئاشخانىدىن كەتتى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتتى، كېچە سائەت 1 دە ئاشخانىنى تاقاپ ئارام ئالغىلى ياتقان سەمەت ئۇ قىزنى بىر ساتراچخانىدا كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بەدەن ئۇۋىلاش ئۆيىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى جۇخۇڭغا ئېيتتى. ھارغىنلىقتىن قاقشاپ، كىيىمىنى سېلىپ بىر ياققا تاشلاۋاتقان جۇخۇڭنىڭ قولى توختاپ قالدى.
___ سەن بەدىنىڭنى تۇتقۇزغان ئوخشىمامسەن؟
___ بۇنچە پۇل تاپقان يەردە ئۇنداق يەردە كۆڭۈل ئاچىمەنمۇ-مەن؟!
__ ئەر خەق دېگەننى ئۇقۇپ بولمايدۇ.
__ مەن ئۇنداق قىلمىغان، لېكىن ئۇنداق قىلمايمەن دېيەلمەيمەن.
__ نېمە دەپ تەگكەن بولغىيتىم سەن شىنجاڭلىققا…
__ ئەمدى پۇشايمان قىلما، 17 يىل خوتۇن بولدۇڭ، ئاجرىشىپ كەتسەڭمۇ ئەر ئالمايدۇ…
__ ئەينى چاغدا كاۋاپقا زىق ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، پۇلنى ئېلىپلا كەتسەم بوپتىكەن.
__ يۈزسىزلىك قىلما، چاغاندا ئۆيۈڭگە بېرىپ كەل دەپ ئىچىم ئاغرىپ، ئىش ھەققىڭدىن باشقا پۇل بەرسەم رەھمەت دەپ يىغلاپ كەتمىدىڭمۇ؟
__ ئۇ چاغدا نامرات، ساددا ئىدىم، ياخشى ئادەمكەن دەپ گول بوپتىكەنمەن، ھازىر بولغان بولسا ئۇ يولدا ماڭمايتتىم.
__ يۈزسىزلىك قىلما، مەنمۈ يۈزۈمنى تەستە كۆتۈرۈپ، خەقتىن يوشۇرۇپ يۈرۈپ سېنى خوتۇن قىلغان، قويۇۋېتەي دەپ بولغىچە قورساق كۆتۈردۈڭ، خۇدايىمنىڭ بەرگىنى… مەيلى مۇسۇلمان قىلاي دەپ ئويلاپتىمەن. يا مۇسۇلمان بولمىدىڭ، لېكىن ئىنساۋىڭ بار، ئىشچان خوتۇنسەن، كۈندۈزى چاققانسەن، ئاخشىمىمۇ خېلى بوپ قويىسەن… بولمىسا سەندەك خوتۇننى ئاللىبۇرۇن… بولدىلا، ئىككى مىللەت تۇرۇپ مۇشۇنچىلىك ئۆي تۇتۇپ ياشىدۇق، قىزىمىز بار… مېنى سىچۈەنلىكتىن كۈنلىمەي، ئۆزەڭنىڭ ئىشىنى بىلىپ ئوبدان ياشا ئوبدان خوتۇن، خەنزۇ بولساڭمۇ خوتۇنۇمسەن، كۆنۈپ قالدىم. ئايرىلالمايمەن…
سەمەت خوتۇنىنى يېنىغا تارتىۋىدى، جۇ خۇڭ ناز قىلغاندەك قىلىپ ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى، يوتقاننى يېپىنىپ ياتتى. سەمەت خوتۇنى بىلەن ئەركىن زۇۋانلىشالىسىمۇ خەت تونۇمايتتى، جۇ خۇڭ ھېچ بولمىسا تولۇقسىزنى تۈگەتكەن قىز بولغاچقا، ئاشخانىنىڭ ئازغىنە كاتىبات ،ھېسابات ئىشلىرىنى بېجىرەتتى، كىچىككىنە بولسىمۇ لاۋبەننىياڭ ئىدى. كىچىكىدىن مۇشەقەتتە چوڭ بولغاچقىمۇ، پۇلغا چىڭ ئىدى، سەمەتنىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئوبدان باشقۇرۇپ قوياتتى، لېكىن بۇ باشقۇرۇش چەكتىن ئېشىپ كەتسە سەمەتنىڭ ئەسكىلىشىپ قالىدىغىنىنى، ئەرلىك ھەيۋىسىنى كۆز-كۆز قىلدىغىنىنى بىلەتتى. سەمەت گۆشكىلا مەسئۇل ئىدى، قالغان ۋاقىتتا خوتۇنىنىڭ ئىشلىرىغا كۆز-قۇلاق بولۇپ، ئاشخانىغا بەزىدە كېلىپ قالىدىغان چۆپقەتلىرى، تونۇش ياكى ناتونۇش ئادەملەر بىلەن ئەسرا بولاتتى، بىر جوزىغا كاۋاپنى، دادۇر-پۇرچاقنى، ئاددىي سەيلەرنى تىزىپ قويۇپ، پىۋىنى ياكى ئاق ھاراقنى تىكلەپ، جاھاننىڭ پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇراتتى. سەمەت ئۇلارنى ”سۆيۈملۈك قۇلاقلار“ دەپ ئاتىۋالاتتى، ئۇلار ھەر كېلىشىدە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئوقەتچىلەر، ئېزىقىپ چىقىپ قىلغان قىز-چوكانلار، بەك پۇل تېپىپ كېتىۋاتقان نوچىلار، تاياق يېگەن ئۇششاق بالىلار، يولدا يېتىپ يۈرگەن ئەرزخورلار، يېقىن يولىمايدىغان باشلىقلار… ھەققىدە بىر گەپلەرنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى، يېڭىلىق بولمىسا دېمەيتتى، ھېچ گەپ چىقمىغاندا بىن لادىن، ساددام، بۇش ھەققىدە ئەپقاچتى گەپلەر باشلىناتتى…سەمەت مۇشۇنداق پاراڭلار بىلەن كۈن ئۆتكۈزسە، بۆلەك كەيىپ-ساپاغا بېرىلمىسە جۇ خۇڭ خاتىرجەم بولاتتى، ئاشخانىغا تەساددىپىي كىرىپ قالىدىغان شىنجاڭلىق قىز-چوكانلاردىن ناھايىتى پەخەس بولاتتى، ئۇلارنىڭ شەھلا كۆزلىرىدىكى غەيرىي ئالامەتلەرگە ئالاھىدە سەزگۈ ئىدىكى، ئۇلارنى ئۆزى چاي قۇيۇپ كۈتەتتى.
2
سەمەتنىڭ ئۆيى ئاشخانىنىڭ كەينىدىكى بىر قېرى خەنزۇنىڭ ھويلىسىدىن ئىجارىگە ئېلىنغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ، دالان ئۆيىدە بىر سافا بىلەن تېلېۋىزور، ھۇجرىسىدا قوش كىشىلىك كارىۋات بىلەن كىيىم ئىشكاپى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى، تامغا بىر كونا دۇتتار ئېسىقلىق ئىدى. سەمەت ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ئۇزاققىچە شۇ كونا دۇتتارغا قاراپ سورۇنلاردا ”لېۋەن يالا“ غا دۇتتار چېلىپ قويىدىغان ئۇيغۇر چوكانلىرىنى ئويلاپ قالاتتى، تاماكىسىنى پۇقىرىتىپ چېكەتتى. يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ تامىقى ئازلاپ قالدى، كاۋاپتىنمۇ بارا-بارا چىقىپ قالدى، سويۇق تاماقتىن باشقا تاماقلارنى ئانچە كۆڭلى تارتماس بولدى. تاماكىنى ئۇلاپ-ئۇلاپ چېكەتتى، پېۋىنى تەشنالىق بىلەن ئىچەتتى.
بىر كۈنى ئاشخانىنىڭ ئالدىغا بىر خەنزۇ بوۋاي پەيدا بولۇپ قالدى، يولنىڭ چېتىدە كۆتەكتەك مۈكچىيىپ، قورايدەك قوللىرىنى سوزۇپ، ئاغزىنى ئۆمەللەپ بىر نېمىلەرنى دەيتتى. باشقىلار پارچە پۇللارنى ئالدىغا تاشلىسا غەزەبلىنىپ: مەن تىلەمچى ئەمەس، يوقال!… دەپ پۇلنى يەردىن ئېلىپ پۇرلاپ ئاتاتتى. سەمەت ئۇنىڭ مەركەزگە ئەرز قىلغى كېلىپ، ئىشلىرىنى ئاقتۇرالمىغان بىر دېھقان ئىكەنلىكىنى ئۇقتى. بىر نەچچە قېتىم ئۇنى ئاشخانىغا تەكلىپ قىلىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى، قېرى ئۇنىمىدى، قارىغاندا ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى، ساقچىلارنىڭ ياكى ئاللىقانداق ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كېلىشىنى، ئۆزىنى ئېلىپ كېتىشىنى، خۇ جىنتاۋنىڭ ئالدىغا ئاپىرىشىنى كۈتۈۋاتقاندەك ئەلپازدا جاھىللىق بىلەن ئولتۇراتتى، گاھىدا كارتون قەغەزنى سېلىپ يەردىلا ياتاتتى. ئىككى كۈن ئۆتتى، ساقچى كەلمىدى، قېرى جايىدىن مىدىرلىمىدى، كۈندۈزى ھېچنېمە يېمىدى، ئىچمىدى، بۇ ئەتراپتىكىلەر: بۇ قېرى بەلكىم كېچىسى ئوغۇرلۇقچە بىر نەرسە يەۋالدى، ئۇششۇق نېمىكەن دېيىشىپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى. قېرى دېھقان راھىبلاردەك جىمجىت ئولتۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئازاب، ئەلەم بىلەن پىششىق يۇمۇپ، قانداقتۇر بىر يەرلىك تىلدا بىر نەرسىلەرنى دەيتتى، سەمەت نەچچە قېتىم زەن سېلىپ ئاندىن ئۇنىڭ زۇۋانىنى ئاڭقىرىۋالدى: ماڭا جاۋاب بەرسۇن، ئادالەت قېنى؟ مەركەز قېنى؟ يەرلىك زالىملار يوقالسۇن! قېرى دېھقان بارغانچە ھالسىزلىنىپ ئاخىرى نىمجان بولۇپ يېتىپ قالدى. 3-كۈنى كەچقۇرۇن سەمەت ئۇنى ئىزچىل كۆزەتتى، بېرىپ قاراپ باقتى، ئۆلۈپ قالمىغاندەك قىلاتتى. قاراپ تۇرۇپ بۇ قېرى بۆلەك يەر تېپىلمىغاندەك، بۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈكىنى ساتارمۇ؟ سەمەت تاماكىسىنى پۇقىرىتىپ چېكىپ يەرگە تاشلىدى، دەسسەپ-دەسسەپ ئېزىۋەتتى، نېمانداق جاھىل خەق بۇ؟ جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان ئەمەسمۇ؟ ئەرزىنى ئاقتۇرالمىغان سەنلىمىتىڭ ساراڭ قېرى؟ سەمەت ئۇنى سىلكىپ ئويغاتتى، قېرى كۆزىنى تەستە ئېچىپ سەمەتكە قارىدى، سەمەت قويۇق بېيجىڭلىق تەلەپپۇزىدا ئۇققىدەك گەپ قىلدى:
__ جېنىڭ بارمۇ ھەي قېرى يا ئۆلدۈڭمۇ؟!
__…
__ ئۆلسەڭ بۇ يەردە ئۆلمەي باشقا يەردە ئۆل… ئىككى كۈن بولدى، مەن سەن قېرىغا قاراپ ئولتۇرۇۋاتىمەن. يا بىر نېمە يە، يا گېپىڭ بولسا- دە!
قېرى ھوشىنى يىغىپ سەمەتكە سوغۇق كۆزىدە قارىدى، خىقىرىدى:
__ بۇنداق ياشىغۇچە … ئۆلىمەن.
__ يۇرتۇڭ نەدىن؟
بۇ گەپتىن قېرى دېھقاننىڭ چىرايى پۈرۈشۈپ كەتتى، كۆزلىرىگە غىللىدە ياش كەلدى.
___ ھېچ نېمەڭ يوق ئادەممۇ سەن؟!
قېرى تېخىمۇ تۈگۈلۈپ كەتتى، ئۈنسىز يىغلاپ بېشىنى ئەگدى. سەمەتنى كۈچسىز قوللىرى بىلەن ئىتتىرىۋەتتى:
__ كارىڭ بولمىسۇن…
__ چىدىماس قېرى، ئۆلۈكىنى ئىت يېمەيدىغان قېرى، تۇغقان ئاناڭنىڭ يۈزىنى قىلساڭچۇ… __ جۇ خۇڭ بىلەن ئۆي تۇتۇپ، تىلدىكى زېرەكلىكى بىلەن خەنزۇلارنىڭ قۇشقاچ تىللىرىغىچە بىلىپ كەتكەن سەمەت ئۇلار بىلەن پاراڭلاشسا سەت گەپتىن بىر-ئىككىنى دەۋالمىسا پۇخادىن چىقمايتتى. ئۇنى ئاڭلاپ چۈشەنگەنلەرگە بۇ گەپ باشقىچە تەسىر قىلاتتى.. سەمەت دەسلەپتە بېيجىڭلىقنىڭ دىمىقىدا گەپ قىلغاندەك ئاڭلىنىدىغان سۆزلىرىنى دوراپ، بۇرنىنى ئېتىپ گەپ قىلاتتى، كېيىن كۆنۈپ كەتتى، جۇ خۇڭدىن خېبېينىڭ تەلەپپۇزىنى، جو چۈنگاڭ دېگەن بىر شەندۇڭلۇق ئاغىنىسىدىن شەرقىي شىمالنىڭ ئېرخۇالىشىپ كەتكەن گەپلىرىنى ئۆگىنىۋالدى…
سەمەت بۇ قېرىنىڭ تەرسالىقىنى، ئىچىنىڭ ئالامەت كۈچلۈكلىكىنى ھېس قىلدى. قارىغاندا بۇ قېرى ئادالەتنى دەپ جېنىنى قۇربان قىلىدىغاندەك قىلاتتى. بۇ تەرىپى سەمەتنى بۇ قېرىغا سەل قارىغۇسىز قىلىۋەتتى.
__ سېنىڭ بۇ يەردە ئۆلۈشۈڭگە يول قويمايمەن!_ دېدى ئۇ قېرىنى سىلكىپ تۇرۇپ.
__ ئاناڭنى، كىمۇ سەن؟!…__ دەپ ئاچچىق ئىڭرىۋەتتى قېرى كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ. سەمەت چۆچۈپ كەتتى.
__ مەن ساڭا ياردەم قىلاي دەۋاتىمەن،__ دېدى سەمەت ئۆزىنى بېسىۋېلىپ،__ سەندەك ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئادەم كۆپقۇ، ھەممىسى سەندەك يېتىۋالمىدى… قوپۇپ بىر نەرسە يە، ئەتە يەنە بېرىپ ئەرز قىل، ئەرزىڭنى ئاقتۇرۇپ بولغىچە تامىقىڭ مەندىن…
قېرى سەمەتكە بىر ھازا سىنچىلاپ قاراپ بوشىشىپ كەتتى.
__ سەن بۇنداق ئۆزەڭنى تاشلىۋەتسەڭ خاۋخەن (ئەركەك) بولالمايسەن، باققان ئاناڭغا يۈز كېلەلەمسەن، ئەجدادىڭغا يۈز كېلەلەمسەن؟ 70 قىمۇ كىرمىگەندەك قىلىسەن، تېخى ياشايسەن، كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرىسەن، نەۋرەڭ بولىدۇ، سەن بۇنداق يېتىپ ئۆلسەڭ بالىلىرىڭ ساڭا لەنەت ئوقۇمامدۇ؟ سەن قەھرىمان بولماقچىمۇ-يا، بەك ئەخمەق قېرىكەنسەن… جىڭ ئەخمەق!
قېرى دېھقان سەمەتكە يالتتىدە بىر قاراپ قويۇپ ئېغىر پۇشۇلدىدى:
__ سېرىق قوناق ھارىقىڭ بارمۇ؟
__ نېمە دېسەڭ چىقىدۇ مەندىن، ئىچىمەن دېسەڭ بار، زاكوسكا تەييار..
__ مەن ئۆلسەممۇ ئىچىپ ئۆلۈپ كېتەي… ھۆكۈمەت ئۆلۈمگە مەھكۇم جىنايەتچىگىمۇ يەيدىغان، ئىچىدىغان بىر نەرسە بېرەتتىغۇ، ماڭا ھېچنېمە يوق!…
__ سېنى ھۆكۈمەت ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىغان تۇرسا…
__ ئەمەلىيەتتە ھۆكۈم قىلىپ بولدى، بىزنى ئۆلسىكەن دەيدۇ. گېپىمىزنى ئاڭلايدىغان بىر باشلىق يوق، ھەممىسىنىڭ گېلى پوق، بىزلەر ھېسابتا يوق!… ناھەقتىلىقتىن زەردە بولۇپ ئۆلۈپلا تۈگىشەي دېدىم…
__ ئۆلسەڭ كۆمىدۇ شۇ، سەندەك بىرى ئۆلگەنگە سىلەر ئازلاپ قالامتىڭلار؟
__ سەن شىنجاڭلىق بىزنى ئۆلسىكەن دەيدىكەنسەن-دە… ۋاي ئاناڭنى…
__ ئاغزىڭنى بۇزما قېرى، ئۆلسۈن دېگەن بولسام ئەتىگە قالماي ئۆلۈكۈڭنى كۆيدۈرەتتى…
___ ھەي، بىز خەق ناھەقچىلىق دەستىدىن ھېلىمۇ كۆيۈۋاتىمىز…
__ قالايمىقان سۆزلىمە قېرى، ھۆكۈمەت دېھقانلارنى يۆلەۋاتىدۇ، يەنە نېمە قىلسا بولاتتى. ھازىر دېھقانلارنىڭ كۈنى ياخشى…
__ سەن شىنجاڭلىق، كۈنۈڭلار ياخشى ئوخشايدۇ-دە، شىنجاڭ ياخشى جاي.
__ ئەمىسە شىنجاڭغا بېرىپ دېھقان بول.
__ ئەكەل بىر نەرسەڭنى، كېيىن بىر گەپ بولار..
سەمەت گاۋلىياڭ ھارىقىدىن بىرنى تېپىپ كەلدى، زاكوسكا تەييارلىدى. قېرىنىڭ بۇ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ، ھاراق ئىچىشنى باشلىشى بىر دەمدىلاق ئەتراپقا تارالدى، قوشنا خەنزۇلار بىر-بىرىلەپ ئاشخانىنىڭ ئەينىكىدىن مارىلىدى، قېرى دېھقان ئۇلارغا سوغۇق نەزەردە قاراپ قويۇپ، پەرۋاسىز ھالدا يېيىش-ئىچىشىنى داۋام ئەتتى. باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىشلىرىنى سەمەتكە سۆزلەپ بەردى، بۇ قېرى ياش ۋاقتىدا ئالغان خوتۇن چىرايلىق بولۇپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئەترەت باشلىقى بۇ قېرىنى قۇرۇلۇشقا ھەيدەپ، ئۇنىڭ خوتۇننى خۇپىيانە بوزەك قىلغانىكەن. خوتۇنى ۋىجدان ئازابى تارتىپ 81-يىلى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن بالا قالماپتۇ. كېيىن بۇ قېرى يەنە بىر خوتۇنغا ئۆيلىنىپتۇ، خوتۇنى تۇغماس چىقىپتۇ. ھېلىقى باشلىق تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىماي ئەكسىچە يەنە خىزمەتكە تەيىنلىنىپ، ئۆسۈپ شۇ يېزىغا باشلىق بوپتۇ. بۇ قېرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن خوتۇنىنىڭ سىڭلىسى دەيمۇ-دېمەيمۇ دەپ ئىچى پۇشۇپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئاياللىقى غالىپ كېلىپ مەخپىيەتلىكنى ساقلىماي، ئاچىسىنىڭ ئىشلىرىنى بۇ قېرىغا دەپ قويۇپتۇ. بۇرۇنقى خوتۇنىنى سېغىنىپ ئەسلەپ كېلىۋاتقان بۇ دېھقاننىڭ دەرت-ئەلىمى قايناپ تېشىپ، ئۇ زومىگەر باشلىقتىن ئۆچ ئېلىش پىلانىنى تۈزۈپتۇ، لېكىن بۇ پىلانىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بىلمەپتۇ. سوتقا ئەرز قىلاي دېسە، دەلىل-ئىسپات يوق، خوتۇنى ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئاخىرى پەيت كۈتۈپ ئۇ باشلىق بىر ئاخشىمى بازاردا ھاراق ئىچىپ، ئارىلىقتا ھاجەتخانىغا كېتىۋاتقاندا بىر بۇلۇڭدىن چىقىپلا كالتەك بىلەن بىرنى قويۇپ ئۇنى يىقىتىپ قويۇپتۇ، باشلىقنىڭ ئارقىسىدىن تاپانداپ چىققان بىر يېزا كادىرى ئۇنى كۆرۈپ تونۇپ قاپتۇ. باشلىق دوختۇرخانىدا بىر ئاي يېتىپ داۋالىنىپتۇ، بۇ قېرى دېھقاننى يېزىلىق ھۆكۈمەت، ساقچىخانا، ئەدلىيە تارمىقى قاتتىق جازالاپتۇ، ئۇنىڭ يېرىنى تارتىۋاپتۇ، ئۆيىدىن قوغلاپتۇ، ساقچىخانا بىر ئاي سولاپ قويۇپتۇ، ناھىيىلىك سوت ئۇنىڭغا قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە قوشۇپ، ئۇنىڭغا تەرتىپ-ئىنتىزامنى بۇزۇش، ھۆكۈمەتكە كالتەك كۆتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، قىلمىشى قەبىھ… دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنى ئۈچ يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىپ يۇقىرىغا يوللاپتۇ، بۇ قېرى ئەرز قىلاي دېسە ماڭغۇزماپتۇ، ناھىيىلىك تۈرمە ئۇنى ساق ئىككى يىل توققۇز ئاي سولاپتۇ. بۇ باشلىق ناھىيىگە ئۆسۈپ شۇجى بوپتۇ، بۇ دېھقاننى ھەر تۈرلۈك تەھدىت، ۋەدە-كاپالەت بىلەن تۈرمىدىن چىقىرىۋېتىپتۇ. تۈرمىدە تولا ئازاب چەككەن بۇ دېھقان ئۈچ يىلدا 30 ياشتەك قېرىپ كېتىپتۇ. تۈرمىدىن چىقىپلا ناھەقچىلىق ئىچىگە پاتمىغان دېھقان يۇرتىدىن ئوغۇرلۇقچە قېچىپ ئۆلكىگە بېرىپ ئەرز قىلىپ ئاقتۇرالماپتۇ، نەگىلا بارسا ئىسپات دەيدىكەن، ئىسپات ئەكىلەي دېسە يۇرتىغا قايتالمايدىكەن، مۇشۇنداق-مۇشۇنداق ئەھۋال بار دېسە ھېچكىم ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەيدىكەن، سوتسىيالىزىم جەمئىيىتىدە ئۇنداق ئىش مەۋجۇت ئەمەس، بولسىمۇ ئايرىم ئەھۋال، بىز تەكشۈرۈپ بىر نەرسە دەيلى دەيدىكەن، ۋاقىت ئۆتۈۋېرىدىكەن، تەكشۈرگەن- تەكشۈرمىگەننىڭ نەتىجىسى چىقمايدىكەن، شۇنداق قىلىپ بۇ قېرى ئۇ يەرگە ئۈسۈپ، بۇ يەرگە ئۈسۈپ دەردىنى ئاڭلىتىدىغان ھېچ يەر تاپالماي، باشقا ئىشلار بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ يۈرۈپتۇ، بېيجىڭغا كەلگىلى نەچچە ئاي بوپتۇ، بۇ يەرگە كەلسە ئۆزىدەك ئەرزداردىن نەچچە مىڭى چۈمۈلىدەك مىغىلدىشىپ يۈرگەن، قاراپ ئۈمىدسىزلىنىپتۇ، جاندىن تويۇپتۇ. ئۇ تۈرمىگە كىرىپ قالغان چاغدا ھېلىقى باشلىق قارا پىكاپ بىلەن تۈرمىگە كېلىپ، ئۇنىڭ كاللىسىغا نەچچىنى ئۇرۇپ، يۈزىگە شاپىلاقتىن نەچچىنى سېلىپ، كۆزىگە قولىنى چىنەپ: خوتۇنۇڭنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن سورا، ما نېمەمدىن سورا… ھوشۇڭنى يىغىپ يۈر ساراڭ چوشقا، ھۆكۈمەت دېگەن مەن، قانۇن دېگەن مەن…“ دەپ ھۆكىرىگەنىكەن. ئۇ بۇ چاغدا بۇ ھايۋان چالۋاقاۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت ھامان ئادالەتنى ياقلايدۇ، مەن تۈرمىدىن چىققان ھامان ئەرز قىلىمەن، بۇ ھايۋاننىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىمەن، تەختىدىن غۇلىتىمەن… “ دەپ ئويلىغانىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولماپتۇ، ھەممىدىن بەك مۇشۇ ئىش ئېغىر كەپتۇ…
__ ماۋجۇشىنىڭ زامانى يېنىپ كەلسىمۇ بوپتىكەن ئەمىسە…_ دەپ قويدى سەمەت ئېغىر خۇرسىنىپ.
__ ماۋ جۇشى ۋاقتىدا دېھقانلارنى بەك يۆلەيتتى، ئالاھىدە بولۇۋالغان ھوقۇقدارلارنىڭ جاجىسىنى بېرەتتى. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى دېسە شۇ چاغنى دېسە بولاتتى، ئۇ ۋاقىتتا باشلىقلار خەلقنىڭ چاكىرى ئىدى…
__ لېكىن ھېلىقى باشلىق خوتۇنىڭنى بوزەك قىپتىكەنغۇ، ئۇ ۋاقىتتا ماۋجۇشى بار بولغىيتى؟
__ بۇ ۋاقىتتا ماۋجۇشى …. كېسەل ئىدى، جياڭ چىڭ دېگەن ئەكسئىنقىلاپچى ھەممە ھوقۇقنى ئېلىۋالغانىدى، … مېنىڭ دېگىنىم، تۆت كىشلىك گورۇھتىن بۇرۇنقى چاغلار… ئۇ چاغدا تيەنجىندىكى ئىككى پارىخور ئېتىلغان… بىلەمسەن، ھازىرچۇ؟ نەچچە مىليون، ھە، نەچچە مىلياردنى يېسىمۇ… گەپ يوق… ئاناڭنى! ئادالەت قېنى … زادى؟! ماۋجۇشى… ماۋجۇشى… — قېرى دېھقاننىڭ ئېغىزى كالۋالىشىپ گەپلىرىنى بارغانچە ئۇققىلى بولمىدى… ئۇ ئىتتىكلا مەست بولۇپ قالغانىدى.
3
بېيجىڭنىڭ ئىسسىق، دىمىق ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە سەمەتنىڭ فاڭدۇڭى (ئۆي ئىگىسى) قېرى بوۋاي ئۆلۈپ قالدى، دىمى سىقىلىپ ئۆلۈپ كەتتى بولغاي، باشقىلار شۇنداق دېيىشتى. بوۋاينىڭ قەدىناسى__ ئاق چاچلىق دۈمچەك موماي يىغلاپ ھازا ئاچتى، بوۋاينىڭ ئىككى ئوغۇل، بىر قىزى نەلەردىندۇر كېلىپ بۇ يىغا-زارىگە قوشۇلدى. بوۋاينىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلۈشكە ئۇزىتىلغان كەچتە قوشنىلار توپلىشىپ ئۆلۈكنى ئۇزاتتى، موماي ئالدىدا قولىغا تاياق تۇتۇپ ماڭدى، سەمەت ئىشىك تۈۋىدە قاراپ ئۇلارغا ئەگىشەيمۇ-ئەگەشمەيمۇ دەپ دېلىغۇل بولدى، جۇخۇڭ سەمەتكە قارىماي كېتىپ باراتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن ياخشى قېرى ئىدى، سەمەتنى ئوبدان كۆرەتتى. بوۋاينىڭ جەسىتى قويۇلغان كىچىككىنە ئۆي كۈجە ئىسى پۇراپ تۇراتتى. دېمەك، خېلى بەستلىك كەلگەن بۇ سالاپەتلىك بوۋاي ئەمدى بىر سىقىم كۈلگە ئايلىناتتى. موماي جەسەت كۈلى سېلىنغان قۇتىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆيىگە تىكلىۋالغان كىچىك بۇتنىڭ ئالدىغا قويۇپ، قوللىرىنى جۈپلەپ تازىم قىلاتتى. سەمەت كىنولاردا، كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە فىلىملىرىدا بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى تولا كۆرۈپ كەتكەچكە، بولغۇسى ئىشلارنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلالايتتى.
جۇ خۇڭ سەمەتكە بۇ بوۋاينىڭ بالىلىرى كەتمەستە بۇ ئۆينى سېتىۋېلىشنى دەپ بېقىشنى مەسلىھەت سالدى، سەمەت قوشۇلدى. سەمەت ئەسلىدە بۇ بالىلارنى ئانىسىنى ئۆزلىرى باققىلى ئېلىپ كېتىپ، ئۆينى سېتىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ئۇلار خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا بۇ ئۆينى ساتمايدىغانلىقىنى، ئانىسى داۋاملىق بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى بولۇپ ئىجارە ھەققى ئېلىۋېرىدىغانلىقىنى، بۇ ئۆينىڭ باھاسىنىڭ ھازىر بارغانچە ئۆسۈۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭغا بېقىپ ئىجارە ھەققىنىمۇ يۇقىرى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى ۋە يازما توختامغا جۇ خۇڭنى قول قويغۇزدى. بالىلىرى كەتتى، موماي تەنھا قالدى، لېكىن ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدىن تېتىكلىشىپ قالغانىدى، ئىجارە پۇلىنى ۋاقتىدا ئېلىپ تۇراتتى، سەھەرلىرى يېقىن ئەتراپتىكى بىر باغچىغا بېرىپ تەڭتۇش مومايلار بىلەن ياڭگېرۋۇ (خەنزۇلارنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى) ئوينايتتى، يىپەكتىن ئالا-يېشىل كىيىملەرنى كىيەتتى، بازارغا بىر نېمە ئالغىلى چىقاتتى، تاماقنى سىرتتىن يەيتتى، قوشنا مومايلار، قېرىغىنىغا تەن بەرمەيدىغان زۇۋانداز خوتۇنلار بىلەن سائەتلەپ گەپ سېتىپ، ماجاڭ ئويناپ كېلەتتى. سەمەت پەقەت ئاخشىمىلا بۇ موماينىڭ ئۇخلاش ئۈچۈن ھويلىغا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى، ئۇنىڭ قانداقتۇر بىر چاڭچىلىگە غىڭشىۋاتقانلىقىنى، كەيپىنىڭ چاغ ئىكەنلىكىنى سېزەتتى. توۋا، ئىلگىرى بوۋاينىڭ سايىسىدىن چىقمايدىغان مەزلۇم ئىدى، ياشىرىپ كېتىۋاتىدۇ-يا بارغانچە، بىز ئىشلەيلى، تاپقان پۇلىمىزنى بۇ ئاغىچايلام خەجلىسۇن، نېمىلا قىلسا مەيلى، ئىجارىسىنى ئۆستۈرۈۋالمىسا بولاتتى… دەپ ئويلايتتى.
بىر كۈنى چۈشتە جو چۈنگاڭ ئاشخانىغا پەيدا بولدى، سەمەتنى كۆرۈپ قول ئېلىشىۋېتىپ “ ۋو ساۋ..“ دەپ قويدى، سەمەتمۇ ئادەتلىنىپ كەتكەن قوپال گەپتىن بىرنى قىلدى، خوتۇن ئالمىساڭ ”ۋو ساۋ“ دەپلا ئۆتىدىغان ھىجىقىز بوپ قالىسەن، دېدى، جو چۈنگاڭ كوچىلاپ سورىدى:
__ ھېجىقىز دېگەن نېمە گەپ؟!
__ دەپ بەرمەيمەن ساڭا.
__ ۋو ساۋ، ئادەم چۈشەنگۈدەك سۆزلە.
__ ھېجىقىز دېگەن ھەزىلەك دېگەن گەپ…
__ چۈشەنمىدىم، ھەممىسى سېنىڭ تىلىڭكەن، ۋو ساۋ….
__ ھەزىلەك دېگەن يا ئەرگە، يا ئايالغا تەۋە ئەمەس بىر نېمە…
__ چۈشەندىم، سەن مېنى ئەر ئەمەس دېمەكچىمۇ؟
__ ۋو ساۋ دەپلا يۈرۈۋەرسەڭ شۇنداق بولۇپ قالىسەن…
__ كۆنۈپ كەتتۇق، ئىنگىلىزلاردىن ئۆگەندۇق. فاكيۇ دەيدۇ ئۇ گۇيلار…
__ ھەممىسى ھېجىقىزلار…
__ سەمەت، سەن ئۆزەڭنىڭ تىلىدا بىر نېمە دېمە جۇمۇ، بولمىسا ھەممىسى مېنى تىللىغان گەپ دەپلا چۈشىنىمەن، يۈز-خاتىرە قىلمايمەن، ۋو ساۋ…
__ يەنە دەيدۇ ما ھەزىلەك، ھېجىقىز، كۆت گۇي…
جو چۈنگاڭ ھاڭۋېقىپ، كۆز قارىچۇقلىرى پىقىراپ كەتتى.
سەمەتكە ئۇنىڭ بۇ ھالىتى كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ قىزىقچىلىق قىلغۇسى كەلدى:
__ ئەيزىلەكې، بەچىۋازى، زەيىپانى…
جو چۈنگاڭ سەل تېرىكتى، ئەمما چاندۇرمىدى، سەمەت گەپنى يىغىشتۇردى:
__ ھەممىسى تىللىغان گەپ ئەمەس، چاقچاق قىلدىم.
__ سەن خەق بەك ھەييار كۆرۈنىسەن، ئافەنتى داشۇ شىنجاڭلىققۇ؟
__ شىنجاڭدا نەچچە مىللەت بار؟ ئۇقامسەن؟
__ ئۇيغۇر، قازاق… دوڭبۇلا… خۇيزۇ…
__ مانا ئەمەسمۇ گاچا، شىنجاڭدا يالغۇز بىزلا ئەمەس، جىق مىللەت بار.
__ بولدىلا، نەچچىسى بولسا بولمامدۇ؟ مېنى بۇلار قىزىقتۇرمايدۇ، پۇلدىن باشقا نەرسىنى تونۇمايمەن، بىلگۈممۇ يوق..
__ سەن گۇي پۇل-پۇللا دەيسەن، نەچچىلىك پۇلۇڭ بار…
__ كىمۇ سەن بۇنى سورايدىغانغا، خوتۇنۇم بولسىمۇ دېمەيمەن. مېنى چايچى دەپ قارايسەن، ھەقىقىي خىزمەت ئورنۇمنى بىلمەيسەن. ھېچكىمگە بىلدۈرمەيمەن… بىرسى خىزمەت ئورنىنى، بىرسى ئىش ھەققىنى سۈرۈشتۈرگەن ئادەمدىن بىزارمەن، بۇ دېگەن شەخسىي مەخپىيەت. قىزلار يېشىنى دەپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما سالاھىيىتىمىزنى دەپ بەرسەك بولمايدۇ.
__ ئۆزەڭنى سىرلىق قىلىۋالدىڭغۇ! چاغلىقلا نېمىغۇ سەن، كىشى بىلمەيدىغان، دېگىلى بولمايدىغان يەنە قانداق يېرىڭ بار؟ تۇرغان ئەپتىڭدىنلا ئۇقمامدۇ كىشى…
__ سەن ئۇقمايسەن، ئىش ئورنۇڭنى دەپ بەرسەڭ خەق سېنى ھەر خىل ئويلىۋالىدۇ، ھۆددىسىدىن چىقماق تەس. خەق سېنى دەرىجىگە ئايرىيدۇ. بۇ پەسكەشلىكىنى سەن خالىمىغان بىلەن باشقىلار توغرا دەپ قارايدۇ. مائاشىڭنى دەپ بەرسەڭ، خەق ساڭا يا ھەسەت قىلىدۇ، يا سېنى چاغلىقكەن دەپ ئۆزىدىن تەسەللىي تاپىدۇ، جىق دەۋەتسەڭ ئىشەنمەيدۇ، ئاز دېسەڭ تېخى ئىشەنمەيدۇ. بەزىلىرى قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ، بەزى ئادەم تاماخور كېلىدۇ… ئىشقىلىپ، ھۆددىسىدىن چىقماق تەس. شۇڭا قۇلاق يوپۇرۇپ جاۋاب بەرمەيسەن، گەپ قىلىش زۆرۈر بولغاندا: ئىشقىلىپ بوپ قويىدۇ، ئۆزەمگە يېتىدۇ… لا دەيسەن. گەپ تۈگەيدۇ…
__ نېمانداق تەسلەشتۈرۈۋەتتىڭ ھوي بىر ئۇششاق ئىشنى… خۇددى دۈمبەمدە بىر پىت ئۆمىلەۋاتقاندەك بوپ كەتتىم.
__ سەن شىنجاڭلىق بەك تۈز، خەققە ئاسان ئىشىنىپ كېتىسەن، مۇناسىۋەتتە بەك ئاددىي، شۇڭا 20 يىلدىن بېرى قىلىۋاتقان ئىشىڭ شۇلا: بىر تال زىخ، تۆت-بەش تال گۆش… ئىككى تال قارا گۆش، ئۈچ تال ماي، بۇ ئاشخاناڭمۇ ئەمەلىيەتتە كاۋاپخانىدىن پەرقلەنمەيدۇ، كىرىمىڭ كاۋاپتىنلا بولىدۇ، سەيلىرىڭنى خەق بەك يەپ كەتمەيدۇ، تاماقلىرىڭ ئېغىر، تېخى قوينىڭ پودىقىنى قورۇپ بېرىسەن…
__ بۇ نەرسىلەر سەندەك ئاجىزلارغا ياقىدۇ، شۇڭا ئاشخانام ئوبدان ئاقىدۇ. كۈندىلىك سودام 3000 كويدىن چۈشمەيدۇ… سەن قانچىلىك پۇل تاپالايسەن؟ پونى بەك ئاتىسەن، قاچان سېنىڭ بىر ئۆيۈڭ، ماشىناڭ، خوتۇنۇڭ بولغاندا ئاندىن گېپىڭگە ئىشىنىمەن…
__ ئۆيگە ئالدىرىمايمەن. نېمىشقا، مېنىڭ بىر يەردە مۇقىم تۇرغۇم يوق. ئادەمنىڭ دۈشمىنى مۇقىملىق… ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدا ئۆي قىممەت، قىممەت ئۆي ئېلىپ، قىممەت بېزەپ، باشقۇرۇش ھەققىنى قىممەت تۆلەپ نېمە قىلىمەن؟ پۇل تاپسام بىر كۈن بولسىمۇ سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىمەن، 6-ئايلانمىدىن ئۆتسەڭلا ئەرزانچىلىق، ئەرزان تاماق، ياتاق، قىزلىرىمۇ شەھەر ئىچىدىكى سېسىقلاردىن چىرايلىق. جاپادا پۇل تېپىپ، مۇقىم ئۆي ئېلىپ بۇ بۇلغانغان شەھەردە ياشاش ئەخمەقلىق. مېنىڭ نەچچە مىليون پۇلۇم بولسا ئۆي ئېلىپ قويۇپ ئىجارىگە بېرىمەن. ئۆزەم بىر كىشلىك جېنىمغا ئەرزان ئىجارە ئۆي ئېلىپ ئولتۇرىمەن، ۋاقتى كەلسە قايتۇرىمەن. باشقا يەرگە بارىمەن. ھاياتلىق ھەرىكەتچانلىقتا. ماشىنىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ماڭا قىلچە لازىمى يوق. بۇ شەھەردە ئاممىۋى قاتناش قولاي، مېترو لىنىيىسى ھەر يەرگە تۇتاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ماي باھاسى ئۆسۈپ كەتتى، تۆت كىشىلىك ماشىنىغا ئۆزەڭ بىر ئادەم چىقىپ ئولتۇرۇپ ماينى كۆيدۈرىسەن، ئىسراپچىلىق. رولنى چىڭ تۇتۇپ، يولغا قادىلىپ ئولتۇرىسەن، قىستاڭچىلىقتا بىر قەدەم مېڭىپ بىر قەدەم توختايسەن، ئىچىڭ تىتىلدايدۇ، ماي كۆيۈۋېرىدۇ. بۇ تېخىمۇ زور ئىسراپچىلىق. ۋاقىت… ماي…خۇشاللىق ھەممىسى يوقايدۇ. بۇ بەك ئېچىنىشلىق. ماشىناڭ بولسا دوستلىرىڭ كۆپىيىدۇ، بىر يەرگە چىقمىساڭ بولمايدۇ، بىكاردىن بىكارغا ئاۋارىچىلىق، چىقىم ئۈستىگە چىقىم… ئەمدى خوتۇنغا كەلسەك، بۇنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق، پۇلۇڭ بولسا نەگىلا بارساڭ خوتۇن تەييار، يېڭى-يېڭى چىراي، خىلمۇ خىل بەدەن..ئوخشىمىغان ھۇزۇر… مۇشۇنداق تۇرسا خوتۇن ئېلىپ نېمە قىلىمەن ۋو ساۋ…
___ ھېجىقىز… ھەزىلەك..
__ ئادەم تىللىما سەمەت، چىدىمايۋاتىسەن-دە، سەندەك لامزەللە ئادەملەر بىر خوتۇن بىلەن ئاشۇنداق ئون نەچچە يىل ياشايدۇ. بەدەندە كۈچۈڭ بار چاغدا كاللاڭنى ئىشلەتمىگىنىڭگە ھەيرانمەن… __ جو چۈنگاڭ ئەتراپقا قاراپ-قاراپ قويدى، جۇ خۇڭ سىرتتا ئىدى، سەمەتكە تېخىمۇ ئېغىر تەگدى:
__ بىر خوتۇن بىلەن سېسىپ ئۆتۈۋېرەمسەن دەيمەن…
__ مەن سەندەك پاشۋاز ئەمەس، نەس باسقان گۇي ئىكەنسەن. ئەيدىز بولۇپ قالمىغانسەن؟ ئەقلىڭدىن كېتەي دەپ قاپسەن…
__ ھەي، يەنە شۇ چىدىماسلىق. بولمىسا سېنىڭمۇ ئوينىغۇڭ بار.. ئويناۋاتقانسەن ھەقىچان، يەڭگىمىزدىن يوشۇرۇن ئىشلىرىڭ باردۇر، لېكىن ئۇ ئىشنى قىلساڭ ئەرزان دەپ سەتراچخانىغا كىرىپ يۈرمە، نەچچە پەسەندىنىڭ مەينەت نېمىلىرى قالغان يەر ئۇ، كىرسەڭ، قىممەت باھالىق كەچلىك كۇلۇبلارغا كىرىپ تاڭ ئاتقۇچە يايرا، ئۇ يەردىكى پاكىزلىق، راھەت-پاراغەتنى بىر دېمە… لېكىن بىر كېچە يوقاپ كەتسەڭ يەڭگەم ساقچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، مۇشۇ يېرى بولمايدۇ-دە قانۇنلۇق خوتۇننىڭ، شۇڭا دەيمەن، مەن قانۇنلۇق خوتۇن ئالمايمەن، ياراپ قالغىنى بىلەن بىللە تۇرۇش توغرا كەلسە بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرمايمەن…
سەمەت بۇرۇنقى پەدىسى بويىچە جو چۈنگاڭ ئامراق سەيلەردىن، كاۋاپلاردىن كەلتۈرۈپ، ئالدىغا ئۈچ بوتۇلكا پىۋىنى تىكلىدى. ئىككىسى بىر ياقتىن يەپ-ئىچىشكەچ، بىر-بىرى بىلەن چېقىشىپ كۈلۈشكەچ، يەنە خوتۇنلار ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.
لېكىن سەمەت، ساڭا دېسەم، مەن ئەگەر توي قىلىپ قالسام شەندۇڭلۇق، بېيجىڭلىقنى ئالمايمەن، شىنجاڭلىقنى ئالىمەن…
سەمەت ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئېرەڭشىمىدى. جو چۈنگاڭ سۆزلەۋەردى:
__ سەن بىلەن تونۇشقاندىن بېرى، شىنجاڭلىق قىزلارغا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن. بۇرۇنمۇ قىزىقاتتىم. تېلىۋىزورلاردا بەزىدە كۆرۈپ قالاتتىم. ئۇسسۇل دېگەننى ئويناپ قويىدۇ-دە كاساپەتلەر… سىلەرنىڭ نەسلىڭلار ئەرەبمۇ، ھىندىنستانلىقمۇ؟
___ بىزنىڭ نەسلىمىز تۈرك.
__ نېمە بولسا بولسۇن، ئىشقىلىپ قىزلىرىڭلار چىرايلىق.
__ چىرايلىق بولغان بىلەن دۆت!__ دېدى سەمەت بىر رومكا پېۋىنى گۈپپىدە ئىچىۋېتىپ، __ بىزدە دۆت قىزلار بەك كۆپ، ئىچكىرىدە يۈرگەن دۆت نېمىلەرنىڭ ھەممىسى نومۇسىنى ساتىدۇ. مەن بۇنداقلارغا ئۆچ، سەن ئۇلاردىن بىرەرسىنى قۇشلىغان ئوخشىمامسەن؟
__ بۇمۇ مېنىڭ مەخپىيەتلىكىم، دېيىشكە بولمايدۇ. دېدىمغۇ، ئىش ئورنۇمنى، ئىش ھەققىمنى سورىمايسەن، كىم بىلەن، قايسى مىللەت قىزلىرى بىلەن ئوينىغىنىمنى سورىشىڭغا تېخىمۇ بولمايدۇ.
__ ئېشەك! _ دەۋەتتى سەمەت ئۇيغۇرچە، ئارقىدىن گېپىنى خەنزۇچە داۋام ئەتتى، __ بۇرۇن ئۇيغۇرلار كۇلىغا ئېشەك يۆتكەپ ساتاتتىكەن، ھازىر قىز يۆتكەۋاتىدۇ… بىرلىشىپ يۆتكەۋاتىدۇ..
__ بۇ بىر چوڭ سودا، چوڭ پايدا… پۇل ئۈچۈن، راھەت-پاراغەت ئۈچۈن نېمىلا قىلساق ئەرزىيدۇ جۇمۇ، مىللەت دېگىنىڭنى قوي! مانا ئىككىمىز ئادەمدەك ياشاۋاتىمىز، ئادەمدەك ئىچىۋاتىمىز، ھېلى بىردەمدە، يەڭگەمدىن قورقمىساڭ، ئوبدان ئوينايدىغان بىر يەرگە باشلاي… شىنجاڭ قىزلىرى بار يەرگە… قانداق؟
جو چۈنگاڭ كاۋاپنى يالماپ يۇتۇپ، بارغانچە شىر كەيىپ بولۇپ كېتىۋاتاتتى. سەمەت ھېچنېمىگە مەيلى تارتماي توختىماي تاماكا چېكەتتى.
4
سەمەت ئۆزىدە بىر چاتاق بارلىقىنى بارا-بارا ئېنىق ھېس قىلىشقا باشلىدى، ئەڭ چوڭ چاتاق جۇ خۇڭ بىلەن بىللە بولغان چاغدا تېخىمۇ ئاشكارا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق تەرلەيدىغان، كانىيى دائىم قۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. بىر تال تاماكا چېكىپ بولسا بەش مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا يەنە بىرىنى تۇتاشتۇرۇپ ئۆپكىسىنى تولدۇرۇپ شورايتتى، ھۇجرىسىدىن تارتىپ دالانغىچە، ھويلىدىن تارتىپ ئاشخانىغىچە ئۇ چەككەن تاماكا ئىسلىرى لەيلەپ تۇراتتى، بىر تال چېكىشىدە گويا ئۇ جېنىنى شوراپ چىقىراتتى، ئەرۋاھلىرى كۆكۈش ئىس بولۇپ ئۆرلەيتتى، يېيىلاتتى، ئۆيمۇ-ئۆي شۇڭغۇپ كىرەتتى، جۇ خۇڭ بۇ پۇراقلارغا كۆنۈك بولسىمۇ، يېقىندىن بېرى تاماكا ئىسىنىڭ كۆپلىكىگە ئىچى پۇشىدىغان بولۇپ قالدى. ئازراق چەك، ئۆپكەڭ ساق قالسۇن! دەيتتى دائىم. سەمەت بۇ گەپلەرنى پىسەنتىگە ئالمايتتى. خوتۇن خەق بىرى پۇلغا، بىرى كەيىپكە ئارىلاشماسلىقى كېرەك دەپ قارايتتى. جۇ خۇڭ سەمەتنىڭ چاتىقىغا سەل قاراپ تۇرالمىدى، نەچچە قېتىم بىر نەرسە دەي دېدى، غۇرۇرىغا ئازار بېرىپ قويماي دەپ گەپ قىلمىدى. ئەمما ئۇنىڭ گەپ قىلماسلىقى سەمەتنى تېخىمۇ بىئارام قىلدى، جۇ خۇڭغا ئارقىسىنى قىلىپ، ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۆينى ئىسلايتتى، خىياللىرى تاماكا ئىسىدەك تۇتۇق، قالايمىقان، ئاستا ئىدى. بىخارامان ئىشلار، كونا پەدىدە داۋام قىلىۋاتقان ئوقەتنىڭ ھېچ مەززىسى قالمىدى. بىر چاغلاردا تۆت تەڭگىگە زار ئىدى، ھازىر 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلى تۇرۇپتۇ، يېنىدا ئىسكەتىدىن كەتمىگەن خوتۇنى، ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ئوماق قىزى بار، يىلدا بىر ياڭزا ئۆزگىرىۋاتىدۇ بۇ قىزى. بېيجىڭ قىممەتچىلىك، يالغۇز، ئەركە بالىلار ئارىسىدا بۇزۇلۇپ كېتىش، ئۆزىنىڭ تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش خەۋپى كۈچلۈك بولغاچقا سەمەت بۇ قىزىنى كورلىدىكى تۇققانلىرىنىڭ يېنىغا ئاپىرىۋەتكەنىدى ، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيتتى. يازلىق تەتىلدە كەلسە بېيجىڭدىكى نەم، تىنجىق ھاۋاغا كۆنەلمەي، شىنجاڭغا كېتەتتى، شۇ يەرگە كۆنۈپ قالغاندەك قىلاتتى. قىزىنىڭ ھالىتىدىن كىچىككىنە خۇرسەنلىك تۇيۇۋاتقان سەمەت بالىسىنىڭ داشۆدە ئوقۇش ئىشىنى ئەمەس، ئۇنىڭ تۇرمۇشلۇق ئىشىنى ئويلاپ كەتتى. مىللەت تەۋەلىكىنى ئۇ ئۆزى ئايرىيدۇ، قانداق ئەرگە تېگىشىنىمۇ ئۆزى بەلگىلىشى مۇمكىن…
سەمەت بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئاغزىدىن كىرىپ بوغۇزىدا توختىغان، ئىچىگە سوزۇلۇپ مېڭىۋاتقان بىر يىلاننى چۈشەپ قالدى… ئاپئاق يىلان ئىدى، ئۇ تىنالماي قالدى، كانىيىنى بىر نېمە بوغۇۋالغاندەك تۇنجۇقتى، مەيدىسى ئېغىرلىشىپ كەتتى، چۈشىدىكى يىلان بىر كەمدە ئاپتاپتا قالغان، قاغجىراپ كەتكەن نوگايغا ئۆزگىرىپ قالدى. ئۇ چۆچۈپ غىڭشىپ ئويغىنىپ كەتتى. بەدىنى ماغدۇرسىز ئىدى، گېلى قۇرۇپ، ئاغزى ئاچچىق بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاخشىمى چىش چوتكىلاشقا ئەزەلدىن قېرىق ئىدى، جۇ خۇڭغا مەيلى تارتقان ئاخشىمىلا ئۇ خوتۇنىنىڭ پۇراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ چىشىنى چوتكىلىمىسا، ئادەتتە چاتىقى يوق ئىدى.
جو چۈنگاڭ پات-پات كېلىدىغان بولۇۋالدى. ئالدىنقى ئولتۇرۇشتا ئۇ سەمەتنى شىنجاڭلىق قىزلار بار يەرگە ئاپارماقچى بولۇپ ئاپىرالمىدى، سەمەت كەسكىن رەت قىلدى، جۇ خۇڭغا سادىق بولىمەن دېدى. جو چۈنگاڭ: ئاندا-ساندا ئويناپ تۇرساڭ، خوتۇنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولساڭ، ئاندىن خوتۇنۇڭنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بولىسەن، بۇنداق كېتىۋەرسەڭ، بىرلا تاماقنى يەۋەرسەڭ ئاخىرى زېرىكىسەن… دەپ بىرمۇنچە سۆزلىدى.
جو چۈنگاڭ بۇ قېتىم سەمەتنى ئېچىتىش ئۈچۈن كەلگەندەك، جوزىغا كېلىپ بىر چوكا نەرسە ئاغزىغا سالمايلا شالدىمىنى قۇيدى:
__ ھەي سەمەت، ياشاشنى بىلمەيدىغان نېمە جۇمۇ سەن، ئۇ كۈنى ئاخشىمى بەك بەلەن بولدى…
__ شىنجاڭلىق جالاپنى تاپتىڭما؟
__ ئۇلارنى جالاپ دېمەيسەن، خانقىز دەيسەن، ئۇلار دېگەن كوچىغا چىقىپ قالغانلار ئەمەس، ئىزدەپ تاپىسەن، ئۇنىڭغىمۇ ماھارەت، كۆز كېرەك، كەلتۈرەلەيدىغان شېرىن سۆز كېرەك، ئاز پۇل بىلەن كۆپ ئۈنۈم قازىنىش كېرەك، ئىش بېجىرىدىغان يەرنى ياخشى تاللاش كېرەك. بولمىسا ساقچىلار ئىتتەك ماراپ يۈرۈيدۇ…
__ ساقچىلار دېگەن ئوۋچى، سەندەك گۇيلار كوچىدىكى لالما ئىتقىلا ئوخشايسەن…
__ چىدىمايۋاتىسەن-دە، سەتەڭلەردىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن لالما ئىت بولساممۇ مەيلى، چوشقا بولساممۇ مەيلى، جاھاننىڭ بۇنىڭدىن باشقا نېمە لەززىتى بولسۇن؟!
__ نەق جۇ باجىينىڭ ئۆزىلا-دە، جۇ باجىيمۇ خېلى ھايالىق، ئۇستازىدىن تەپتارتىدۇ… سەن نېمىدىن تەپتارتىسەن؟ يا تۈزۈك خۇدايىڭ يوق..
__ كىم دەيدۇ يوق دەپ، پۇسا بىزنىڭ خۇدا، لېكىن ئۇ بەك رەھىمدىل، ئادەمنى بەك چۈشىنىدۇ، بىزنىڭ خۇدا دېگەن دۇنيادا ئەڭ ئىنسانپەرۋەر خۇدا، بۇ دۇنيادا مەن چوقۇنىدىغان پۇسامۇ بولمىسا، ئېغىر كۈنلەردە كىمدىن مەدەت تىلەيمەن، ئۆلەي دېگەندە كىمدىن ياردەم سورايمەن، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قانداق قىلىمەن؟ مەن مەڭگۈ ياشىسام دەيمەن، لېكىن ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمەن، ئىشەنمەيمۇ قالمايمەن، سەن مېنى دىنسىز دەپ ئويلامسەن؟ مېنىڭ ئېتىقادىم راھىبلاردىن كەم ئەمەس جۇمۇ…
__ سېنىڭ پۇسارىڭ جالاپ ئويناشنى گۇناھ دېمەمدا؟
__ بۇنى ئۇقمايمەن، گۇناھ دېمەيدىغۇ دەيمەن. ياق، بۇنى گۇناھ دەيدۇ. راھىبلار گۆش يېمەيدۇ، خوتۇن ئالمايدۇ. لېكىن، ئۇ دېگەن راھىب-دە! پۇقرالار يەنىلا خوتۇن ئالىدۇ، گۆش يەيدۇ، بۇتخانىغا بېرىپ تاۋاب قىلىدۇ، بالىلىق بولىدۇ، ئوغۇللىرىغا تەلەي چېچى قويىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتى بولۇشى كېرەك. توي قىلغانلار پەقەت بىر پارچە قەغەز ئېلىپلا بىر ئۆيگە كىرىدۇ، بىزلەر قەغەز ئالمايلا بىر ئۆيگە كىرىپ، خوشىمىز كەلسە بىللە ياشايمىز، خوشىمىز كەتسە بەي بەي دەيمىز. ئىككىسىنىڭ ماھىيەتتە پەرقى پەقەت بىر پارچە قەغەز. بىر ئۆيگە كىرىپ كارىۋاتقا چىققاندىن كېيىن توي خېتى كۈلكىلىك بىر نېمىگە ئايلىنىدۇ، ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنى قاندۇرىدۇ. ئەر خوتۇن ئالسا ئۇنىڭغا بىر نېمە ئالىدۇ، بىكارلىق ئىش يوق. بىز سەتەڭلىرىمىزگە، ئاشنىلىرىمىزغا لايقىدا بىر نېمە بېرىمىز، ئۇلارمۇ خوش، بىزمۇ خوش. مەنچە، ئىككى جىنىس، بىر-بىرىنى رازى قىلسىلا بولدى. ھېچكىم ھېچكىمگە يامانلىق قىلمىسىلا گۇناھ بولمايدۇ… خۇدا نېمىشقا ئەر-ئايال دەپ يارىتىدۇ، دېمەك، بۇ يەردە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بار. بۇ دېگەن تەقدىر، بەزىلەر قانۇنلۇق ياشاشقا ئامراق، مەندەكلار ئەركىنرەك ياشاشقا ئامراق. قانداقلا ياشىساڭ يول بار. لېكىن خوتۇن كىشىنى بوزەك قىلماسلىق، ئۇرۇپ-خارلىماسلىق، ئاچچىققا چىدىماي ئۆلتۈرۈپ قويماسلىق، قىسقىسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قويماسلىق كېرەك. يەنە بىرسىگە، ئەيدىزدىن ساقلىنىش لازىم. يەنە بىرسىگە، باشلىقنىڭ خوتۇنى ياكى قىزىغا، لاۋبەننىڭ ياكى قارا جەمئىيەت ئادەملىرىنىڭ بىرنېمىلىرىگە چېقىلىپ قويماسلىق كېرەك. ھازىر ساقچىلار ئەسكىلىشىپ كەتتى، بۇلاردىنمۇ پەخەس بولمىساق بولمايدۇ… بۇلار ئىتلار، گۇماشتىلار.. ئىشقىلىپ، جاھاندا ئاسان ئىش يوق… بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ سەتەڭنىڭ ئۈستىگە چىقالمايسەن، ھەر جەھەتتىن ئاز-تولا بىر نېمەڭنى خوراتماي تۇرۇپ راھەتلىنەلمەيسەن… كۆپ سۆزلەپ كەتتىم، ساڭا بۇ گەپلەر تەسىر قىلمايدۇ… شۇڭا ئىچىم ئاغرىيدۇ. لېكىن سېنى چۈشىنىمەن، يەڭگەمگە سادىقلىقىڭغا ئەمىلىيەتتە مەن قايىل. لېكىن، يېشىڭ ئەمدى 40تىن ھالقىغاندا پۇلۇڭ تۇرۇپ ئويناپ قويمىغىنىڭغا قاراپ ئىچىم سېرىلىپ كېتىدۇ بەزىدە… بۈگۈن يەنە بىر ئاز ئىچىشكۈم بار سەن بىلەن…
___ يېسەڭمۇ يەپ، ئىچسەڭمۇ ئىچىپ، سەتەڭ، سەتەڭ دەپلا شالدىمىڭنى قۇيماي ئولتۇر… جاھاننىڭ ئىشى ئۇنىڭ بىلەنلا بولمايدۇ…. قارىغاندا سەن تۈگىشىپسەن..
___ مېنى سېرىق نەرسىدىن باشقىسى قىزىقتۇرمايدۇ سەمەت، ئايال كىشىدىن ئايرىلغان دۇنيا قاراڭغۇ دۇنيا، ئۇ توغرۇلۇق بولمىغان گەپ قۇرۇق گەپ، مەنىسىز گەپ.. سىياسەت، ئىقتىساد، ھوقۇق، پۇل… ھەممىسى بىكار ، ھەممىسى شۇ ئىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. قورساق تويغۇزۇشتىن مەقسەت ھايات قېلىپ كۈچلىنىش، كۈچلىنىشتىن مەقسەت نېمە؟ نېمىشقا ھوقۇقدارلار توختىماي تەخت تالىشىدۇ، چۈنكى ھوقۇق ئۆسكەنچە قىز كاتىپلىرى، ئاشنىلىرى سەتەڭلىشىپ، مۇلازىمىتى كۆپىيىپ ماڭىدۇ. ماشىنا.. شوپۇر، خوتۇن، ئاشىنا… ۋاي ئاناڭنى، ھەممىسى شۇنى دەپ جان كۆيدۈرىدۇ… مەن ئەمەلدار بولالمايمەن، شۇڭا پۇل تاپىمەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىپ پۇل تاپىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن توختىماي جاپا چېكىمەن… ئەگەر ئالدىمدا شۇ سەتەڭلەرنىڭ بەدىنى كۆرۈنۈپ تۇرمىسا قەدىمىم توختاپ قالىدۇ، ئاغزىمغا سېرىق سۇلار يىغىلىپ تۇرمىسا گېلىم قۇرۇپ كېتىدۇ… مەن بۇ بۇلاقتىن ئايرىلسام سۇدىن ئايرىلغان بېلىق بولىمەن… قېنى، بۇرادەر ، ئالدىڭدىكى پېۋىنى ئال، سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن خوشە!
__ سەن بۇ ئىشقا ئۆزەڭنى ئۇرۇپ كەتسەڭ سالامەتلىكىڭ تۈگىشىدۇ!-دېدى سەمەت ئەستايىدىل، ھالسىز بىر نەزەردە قاراپ،__ پۇلۇڭ يوق چاغدا قانداق قىلغانتىڭ..
__ پۇلۇم پەقەت يوق چاغدا خىيال قىلىپ يۈرەتتىم، ئازراق پۇلۇم بولغاندا ئەرزىنىنى،سەتلىرىنى سىناپ باقتىم، كۆڭلۈم قانائەتلەنمىدى، چىرايلىق نېمىلەر كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى، مېنى توختىماي پۇل تاپ، ئاندىن يېنىمغا كەل! كۈچۈك يەتسە مېنى يۇلۇپ ئال!.. دەپ مېنى پۇل تېپىشقا قىستىدى. شۇڭا كىچىك شەھەرنى تاشلاپ، پۇلى جىق شەھەر بېيجىڭغا كەلدىم، كىچىك يەردە كۆپ جاپا تارتساڭمۇ ئۈنۈمى ئاز ئىدى، چوڭ شەھەردە جاپاغا چۇشلۇق پايدا بار، تۆلىگەن بەدەلگە يارىشا راھەت بار.. مانا 7 يىل بولدى، تىرىشىۋاتىمىز، بىر ياقتىن ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتىمىز. پۇساغا مىڭ رەھمەت دەيمەن.. مۇشۇنداق ياشاپ تېخىمۇ بېيىپ كەتسەم، چەت ئەللەرگە چىقىپ ئۇ يەردىكى سەتەڭلەرنىڭ پەيزىنى بىر سۈرگۈم بار. مېنىڭ ئارمانلىرىم بەك تولا… ھەتتا ئافرىقىغىمۇ بارغۇم بار. ھايۋانلاردىن شىرنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئاجايىپ كۈچلۈك ھايۋان-دە…
__ پۇسارىڭ ھېلىمۇ سېنى شىر قىلىپ قويماپتىكەن، مۇشۇنداق ياز كۈنلىرى ئورمانلىقلاردا چاترىقىڭنى كېرىپ ئاپتاپسىنىپ ياتاتتىڭ، خوشۇڭ كەلسە ئوۋلاپ قوياتتىڭ…
__ شۇنى دېگىنە، ماشىنىلىشىپ كەتكەن بۇ زامانلاردا تەبىئىيلىك يوقاپ، ئەرلەر ئاجىزلىشىپ كەتتى… يېقىند بىر گېزىت كۆرسەم، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزايى بارغانچە كىچىكلەپ، ئۇرۇقى بارغانچە پۈچەكلىشىپ كېتىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ ئاستىغىلا بىر ئېلان بېرىپتۇ: قىسقىنى ئۇزارتىكەن، تۇرماسنى تۇرغۇزىدىكەن… يەنە..
___ بولدى، بولدى، لاۋزا ئېلاننىڭ گېپىنى قىلما، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۇرىدۇ… ئۇنداق ئېلانغا سەندەك ئادەملەر قىزىقامدىكىن-تاڭ؟
__ توغرا دەيسەن، پۇتبۇل مەستانىلىرى تەنتەربىيە بېتىگە قىزىقىدۇ، خوتۇن-قىزلار ھۆسن تۈزەش ئېلانلىرىغا قىزىقىدۇ، پاي چېكى ئوينايدىغانلار ھەر كۈنى شۇنىڭغا بېرىلىدۇ، ماشىنا ھەۋەسكارلىرى يېڭى ماشىنىغا قىزىقىدۇ… ھەممە ئادەمنىڭ بىر قىزىقىشى بولىدۇ، مانا مەن، سېرىق ئېلانلارغا، دورىلارغا قىزىقىمەن، لېكىن دۆلىتىمىزدە ئاشكارە سېرىق ئېلان يوق. دورىلارنىڭ ئېلانى ئىشەنچسىز. پەقەت سەتەڭلەرنى دەپلا پاي چېكى ئويناشقا باشلىدىم، ئۆي-مۈلۈك ئېلىپ-ساتساڭمۇ پايدا بار. ئەگەر تەلىيىم كېلىپ قالسا، بىر پاي چېكى ئويناپ ياكى بىر ئۆينى قولدىن چىقىرىپ تاپقان پايدام سېنىڭ بۇ كىچىك ئاشخاناڭنىڭ نەچچە يىللىق پايدىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ…
__ سەن ھاپپاز، خۇددى شۇنداق قىلغاندەكلا پو ئاتىسەنغۇ؟
__ پو ئەمەس، ئەمەلىيەتتە شۇنى قىلىۋاتىمەن، ساڭا بۇنىمۇ دەپ يۈرەمدىم، دېسەممۇ سەن بۇنداق زامانىۋى ئىشلارنى چۈشىنەلەمسەنكىن-تاڭ؟ يا خەنزۇچە خەت تونىمايسەن. بۈگۈنكى جاھاندا گەپلا قىلغان ھېساب ئەمەس، كاللاڭنى ئىشلىتىشىڭ كېرەك… بېيجىڭدا شۇنچە يىل تۇرۇپ كاۋاپ، ئاشخانىدىن بۆلەك ئىشلارنى ئويلاپ باقماپسەن، خوتۇنۇڭمۇ ساڭا ئوخشايدىكەن، خەنزۇدىن تەتەي ئېلىپ، ئۆزەڭچە بېيجىڭنى بويسۇندۇردۇم دەپ ئويلاپسەن-دە، بۇنداق خوتۇن دېگەننى چوڭ بىلمىگۈلۈك، ئويناپ تۇرغۇلۇق. سېنىڭ يەنە ئۆز مىللىتىڭدىن بىر خوتۇن ئالغۇڭ يوق ئوخشايدۇ، ھېچ بولمىسا بىر ئاشنا تۇتۇپ قويساڭچۇ، سەندەك لاۋبەننى پۇل خەجلەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىزدەپ يۈرۈۋاتقان شىنجاڭلىق قىزلار ئازمۇ بۇ شەھەردە؟ ئىزەپ بېقىشىڭ كېرەك. مەن جېنىمدا بىر نەچچىنى تونۇيمەن، ئەمما كاساپەتلەر، يەنە ئۆزىنى ئانچە تۇتقۇزمايدۇ. باھاسىنى قىممەت دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇ باھاغا باشقا يۇرتلۇقتىن بىر نەچچىنى ئوينىغىلى بولىدۇ…
__ سەن مېنى ئازدۇرىمەن دېمە، مېنىڭ مۇشۇ كۈنۈم ئوبدان…
__ ئاغىنەم دەپ ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، يېشىڭ 50 كە بارماستا ئوينىۋال دېمەكچىمەن.. 50 تىن ئاشقاندىن كېيىنغۇ دورا بىلەن بىر ئىش قىلغىلىمۇ بولىدۇ، لېكىن تەبئىي بولغانغا يەتمەيدۇ، شىردەك … يولۋاستەك ۋاقىتلار ئالتۇن ۋاقىتلار. مۇشۇ ۋاقىتلارنىمۇ تەپسىلىي ھېسابلاپ، پۇلغا سۇندۇرساڭ ئۆمرۈڭنىڭ قىمىتىنى بىلەلەيسەن… ئەتىدىن كەچكىچە سېسىق تاماكىنى چېكىپ، ئۆپكەڭنى ئىسلاپلا يۈرۈيدىكەنسەن. بۇنداق ياشىساڭ، نەچچە مىلياردقا يارايدىغان بىر-ئىككى يىللىق ئۆمرۈڭ قىسقىراپ كېتىدۇ-جۇمۇ…
سەمەت ئويچان كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى، تولا گەپ قىلىدىغان بۇ ئاغىنىسى بىلەن ئۇ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇ ئاشخانىدا تونۇشۇپ قالغانىدى. بىر كىم بىلەن ئاسانلا يېقىنلىشىپ، پاراڭلىشىپ كېتەلەيدىغان جو چۈنگاڭ سەمەت لاۋبەننىڭ كىشىگە ئىسسىق كۆرۈنىدىغان چىرايىدىن، بېيجىڭلىققا ئوخشاش راۋان تەلەپپۇزىدىكى گەپلىرىدىن زوقلىنىپ ، ئۇدا بىر نەچچە قېتىم ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېدى ۋە بارا-بارا بۇ لاۋبەن بىلەن چىقىشىپ، دوستلىشىپ كەتتى.
__ سەن مۇشۇنداق گەپلەرنى تولا قىلىۋېرىپ، خوتۇنۇم بىلەن ھېچ ئىش ئاقمايۋاتىدۇ جۇمۇ…
__ دېدىمغۇ، بىر خىل سەينى يەۋەرسەڭ چىقىپ قالىسەن. تەمنى ئۆزگەرتىپ باق…
سەمەت مېيقىدا كۈلۈپ قويدى، ئەمما بۇ كۈلكىسىنىڭ ئاخىرىغا ھەسرەت ياماشتى، بۇنى جو چۈنگاڭ سېزەلمىدى. شۇ ئەسنادا ئىشىكتىن بوينىغا ئاق ئالتۇندىن كىرسىت تاقىۋالغان سېمىز بىر خەنزۇ بايۋەچچە بىلەن چېچىنى سېرىققا بويۇۋالغان بىر ئۇيغۇر قىزى كىرىپ كەلدى.
__ مەن بۇ سېرىق چاچنى تونۇيمەن — دېدى جو چۈنگاڭ،_ ئىسمى نىلۇپەر.
5
نىلۇپەر ئازاب ئارىلاش راھەت ئېلىپ كېلىدىغان جىنسىيەتنىڭ ئۆزىدىكى سېھرى كۈچى، يوشۇرۇن بايلىقىنى ھېس قىلغاندىن بېرى بايۋەچچىلەرنىڭ قوينىدىن چىقمىدى. ئاساسەن شەھۋەتپەرەس كېلىدىغان شەھەر ئەرلىرى كۆز ئوينىتاتتى، گەپ ئەگىتەتتى، كۈچ چىقىراتتى، پۇل چىقىراتتى، ئىش تۈگىگەندە غالىبلىق تۇيغۇسىغا چۆكۈپ كېتىپ قالاتتى، ئەڭ توغرىسى، ئۇلار دەسلەپتە شۇنداق قىلاتتى، قېتىم سانى ئاشقانچە بۇ غالىبلىق كونىراپ كەتكەن ئاياغتەك ماكچىياتتى، بېرىدىغان پۇلمۇ ئازىياتتى، باشتا سەتەڭ كۆرۈنگەن بەدەن ئەمدى تىتىلىپ كەتكەن ماتادەك سەت كۆرۈنەتتى. نىلۇپەر بۇنى بىلگەچكە ھەر ۋاقىت يېڭى ئەرلەرنى تېپىشنى ئېسىدىن چىقارمايتتى. ئۇنىڭغا ھەر قانچە مەھلىيا بولۇپ كەتكەن سېرىق تەنلەر كۆپ بولسا بىر ئاي، ئاز بولسا بىر ھەپتە ئۇنىڭغا سۈلۈكتەك يېپىشىپ، لەززىتىنى سۈرۈۋالغاندىن كېيىن، خۇددى تاماقنى يەپ بولۇپ ئېغىزىنى سۈرتۈۋەتكەندەكلا ھېچ ئىش يوق پېتى، ھەققىنى بېرىپ رازى قىلىپ كېتىپ قالاتتى. ئەرلەر مەڭگۈ يېڭى سەتەڭنى قوغلىشىلىپلا يۈرەتتى، بىرىگە كۆنۈپ، خۇمار بولۇپ قالىدىغان ئىش ئاز ئۇچرايتتى. نىلۇپەر بەزىدە ياتلار، ناتونۇشلار بىلەن ھايۋاندەك قاندۇرۇشۇپلا ئۆتۈۋېرىشتىن سەسكىنىپ ، ئۆزىگە خۇمار بولۇپ ھېسسىياتىنى بېرىدىغان بىر ئەرگە ئاشنا بولۇشنى ئويلاپ قالاتتى، ئۆتمۈشىدىكى سەبى، گۈزەل ۋاقىتلىرىنى ئويلىسا بۇ ئىشنى بالدۇرراق تۈگىتىپ، خاتىرجەمرەك بىر تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما ئۇنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا مەھلىيا ھەم خۇمار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولۇپ ئۇنى خاتىرجەم ۋە ھەقسىز ھالدا قانائەتلەندۈرىدىغان بىر ئەر پەقەت چىقمىدى. ئاچكۆز ئەرلەر بىر قېتىمدا ھەتتا بىر نەچچە سەتەڭنى يېنىغا ئەكىلىۋالاتتى. بىر قېتىم شۇنداق بولۇپ، نىلۇپەر ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۈگىشىپ كەتكىلى تاس قالدى، ئەمما پۇلنى جىق بېرىدىغان بۇ بايۋەچچىنىڭ پۇلى ئۇنى قىزىقتۇرۇپ تۇتۇپ قالدى. نىلۇپەر چۈشكىنلىشىپ تۈگىشەي دېگەندە ماددىي تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ كېتىۋەردى، روھى ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىنىڭ ئۇچىدەك دەسسىلىپ يەر بىلەن يەكسان بولاي دېگەندە شەھەرنىڭ ھەر قەدەمدە پۇلنىڭ راھىتىنى تىلەيدىغان قوينى ئۇنىڭ روھىنى پاشنىسىدەك ئېگىزلىتىپ باراتتى. ئۇ قىممەت باھالىق ئاياغلىرىنى كىيىپ، ئۇچىسىغا تەننەزلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتدىغان ئېسىل كىيىملىرىنى كىيىپ، سېرىق چاچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، ساغرىسىنى تولغاپ كوچىدا ماڭغانلىرىدا، كەچلىك كۇلۇبلاردا، دېسكوخانىدا، رېستۇرانلاردا بەدەنلىرىنى چىقىرىپ، يوتىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ… ھەر خىل قىلىقلارنى قىلىپ يۈرگەنلىرىدە بۇ ھاياتتىن ئەمدى مۇشۇنداق ياشاپ ئۆتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقىچە بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، كۆڭلىنىڭ ئەسلىدە، تېگى-تەكتىدىن مۇشۇنداق بىر قاراڭغۇ ، ئەمما ئەركىن-ئازادە تۇرمۇشنى خالايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلاتتى. جالاپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرەلمىسە جالاپ بولالمايدۇ دەپ ئويلايتتى گاھىدا ۋىجدانى ئىچىنى سىقىپ قويغاندا، ئىچىنى تولدۇرۇپ پاپىرۇس چېكەتتى، بۇنىڭغا كۆنۈپمۇ قالدى، ئاق تاماكا ئالدىدا بۇ نېمىتى دەيتتى، ئەمما شۇ زەھەرگە، ئەيدىزگە ئۇچراپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيتتى. بەدەن ساغلام بولمىسا دەسمىي قۇرۇيدىغان گەپ، پىگورا چىرايلىق بولمىسا سەتەڭلەر رىقابىتىدە ئۇتتۇرۇپ قويىدىغان گەپ. باشلىقلارنىڭ دەرىجىسى بار، سەتەڭلەرنىڭمۇ دەرىجىسى بار، ئەڭ نوچىسى بولالمىساممۇ مەيلى، ئوتتۇراھال مېڭىپ بەرسەك، خارلىنىپ، تاشلىنىپ قالمىساقلا بولىدۇ دەپ ئويلايتتى. ئۇ قولىغا خېلى پۇل كىرگەندىن كېيىن چەتئەل ئەلچىخانىلىرىغا يېقىن، قاۋاقخانىلار قىززىيدىغان بىر يەردىن ئۆي ئىجارە ئالدى، پەرداز بۇيۇملىرىغا، كىيىمگە، ئاياغقا، سومكىغا ئايىماي پۇل خەجلىدى. سەمرىپ كەتمەي دەپ يېمەك-ئىچمەكلىرىگە دىققەت قىلدى، كارتا بېجىرىپ بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش كۇلۇبىغا ئەزا بولدى، سۇ ئۈزۈش سارايلىرىغا قەرەللىك بېرىپ تۇردى، بۇ يەرلەر ئۇنىڭغا ئېسىل خېرىدارلارنى ئۇچراشتۇردى. ئاندا-ساندا يولۇقۇپ قالىدىغان سالاپەتلىك، كۈچتۈڭگۇر، مەرت ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، كۆڭلىنى قانغۇچە ئېلىپ، ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئىشلارنى قىلدى، ئەمما ھەققىگە چۇشلۇق ئالغان پۇلدىن باشقا بىر نېمىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇ يەنە پۇلدىن باشقىمۇ بىر نەرسىنى تىلەيتتى. ئەمما ئارزۇيىغا يېتەلمىدى. ئاخىرى مەيلى چەتئەللىك بولسۇن، مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، جىمى ئەرلەردىن ئۇنىڭ پۇلىدىن باشقا بىر نېمىسىنى تاما قىلمىدى. پۇلنى دېمىسە بۇ يولدا ماڭاتتىمۇ؟ پۇلدىن باشقا يەنە ئۇنىڭغا نېمە لازىم؟ ئۇنىڭغا ئەڭ ئەسقاتىدىغىنىمۇ پۇل، جانغا كېرەكلىكىمۇ مۇشۇ قىزىل، مەينەت قەغەزلەر. بەزىدە ئۇنىڭغا دوللارمۇ كىرىپ قالاتتى. ئەمما بەزى چەتئەللىكلەر شۇنچىلىك چۈپەي ئىدىكى، ئىش تۈگىگەندە پىخسىقلىق قىلاتتى، نىلۇپەر بىر نېمە دېسە، مەنلا ئەمەس، سەنمۇ راھەتلەندىڭ، مەنمۇ كۈچىدىم… دېگەندەك ماز گەپلەرنى قىلىپ قاراپ تۇراتتى. چەت ئەللىكلەر پاكىز، ئىلمىي، جېنى چىڭ بولغان بىلەن پېتىر نېمىلەر ئىدى. شۇڭا نىلۇپەر كۆپ ھاللاردا خەنزۇ بايۋەچچىلىرىنى تاپاتتى، يېڭىلاپ تۇراتتى، بۇ بايۋەچچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭغا ئىزچىل مەرتلىك قىلدى. نىلۇپەر مۇشۇ يولدا مېڭىپ تونۇشۇپ قالغان، دەسلەپتە سىر بېرىشمەي كېيىنچە ئىناقلىشىپ كەتكەن بىر قىزنىڭ تەكلىپى ھەم تونۇشتۇرۇشى بىلەن قارا جەمئىيەتتىن بىر داگې تېپىۋالدى. ”قىز بالا دېگەن ئاجىز، خەق ئاسان بوزەك قىلىدۇ، شۇڭا تايانچ تېپىش كېرەك!— دېگەنىدى ئۇ قىز،—بېشىڭغا بىر ئىش كەلسە دەرھال ئەسقاتىدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەت ئۈچۈن بۇنداقلارنىڭ ھاجىتىدىن ھەقسىز چىقىپ قويساڭ بولىدۇ، بەزىدە قوپاللىق قىلىدۇ، ئەمما ۋاي دېمە“
نىلۇپەر بىلەن سەمەتنىڭ ئاشخانىسىغا بىللە كىرگەن بۇ بايۋەچچە قارىماققا ناھايىتى مۇلايىم كۆرۈنەتتى، نىلۇپەرگە قاراپ ھىجىيىپ تاماكا ئىسى پۈۋلەيتتى. نىلۇپەر جو چۈنگاڭنى كۆرۈپ، ئۈچىنچى قېتىم بىللە بولغاندا ئۆزىگە تولا گەپ قىلىپ كۆڭۈل چۈشەندۈرگەن بۇ ئەرنى تونىدى، جوچۈنگاڭ بىر-ئىككى قېتىملىق ئىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ كۆپ پاراڭلاشقان، پاراڭلىرىدا يېقىنچىلىق، ھېسداشلىق ئىپادىلىگەن، ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتوچكىسىنى بېرىپ نىلۇپەرنىڭ ئىسمىنى سورىۋالغان بىردىنبىر ئادەم ئىدى. كېيىن يوقاپ كەتتى، نىلۇپەر ئۇنىڭ ئىسىم كارتوچكىسىنى بىر يەرگە تاشلاپ قويۇپ ئۇنتۇلۇپ قالدى. نىلۇپەر ئۇنىڭ بۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بىلەن ئۈلپەت بولۇپ ئىچىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنى چۈشىنىدىغان بىر نېمە ئىكەن دەپ ئويلىدى ۋە ئۇنىڭ ھېسداشلىق قىلىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ئۇ سەمەتتىن باشقا يەنە بېيجىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا رېستۇران ئېچىۋالغانلارنىمۇ ئاساسەن بىلەتتى. قەيەردە ئۇيغۇرلار، خوتۇن-قىزلار كۆپ بولسا نىلۇپەر شۇ يەردىن يىراق تۇراتتى. ئۇيغۇر لاۋبەنلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەپ قويۇپ، گەپ-سۆز، توقۇناق بالاغا قېلىشتىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى، ئۇيغۇرلار بارلىكى جايدا پىتنە-پاسات، سۆز-چۆچەك قوزغۇندەك ئەگىپ، يامان گەپ-سۆزلەر يۇرتلارغا بېرىپ يېتەتتى. نىلۇپەر سەمەتكە سوغۇق بىر نەزەردە قاراپ قويدى، جۇ خۇڭ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ چاي قۇيدى. نىلۇپەر خۇ خۇڭنىڭ ئىسسىقتىن تەرلەپ قىزىرىپ كەتكەن يۈزىگە قاراپ بۇ جاپاكەشكە ئېچىندى. مانا بۇ خوتۇن بېيجىڭدىكى ئۇزۇن قۇلاق ئۇيغۇرلارغا ئاساسەن مەلۇم بولۇپ كەتكەن سەمەتنىڭ خەنزۇ خوتۇنى ئىدى. قارىماققا قىرىقلاردىن ئاشقان، ئورۇق، بېشى كىچىك، چىرايى تۇتۇق، قولىدىن تاماكا چۈشمەيدىغان سەمەت نىلۇپەرگە ئالىيىپ قاراپ قويدى. بۇنى سېزىپ قالغان نىلۇپەرنىڭ ئىچى شۇئان سىقىلدى، ئىچىدە ئۇنى تىللىدى: ھەققىڭ يوق ماڭا كۆز ئالايتىشقا، بولسا سېنىڭمۇ بىر ئوينىغۇڭ بار. تامىقىڭنى يېيىش ئۈچۈنمۇ پۇل كېرەك، پۇل. قورسىقىم ئاچ قالسا ھەر قايسىڭ بىكارلىق بىر نېمە بېرىشمەيسەن، بولسا ئاشخاناڭدا يۇندا تۆكۈپ بەرسەم، جوزىلىرىڭنى سۈرتۈپ بەرسەم، ھەتتا ئەڭ يامان ئېھتىمالدا مەجبۇرىي ھالدا ئاخشىمى ئاستىڭدا يېتىپ بەرسەم ئاندىن مەندىن رازى بولۇشىسەن، ئۇخلاپ چۈشۈڭ، ئۇنداق يالغان غۇرۇرۇڭنى ماڭا كۆرسەتمە، غىجىقىم كېلىدۇ. خەنزۇدىن ئالغان خوتۇنۇڭنى مالايدەك ئىشلىتىۋېتىپسەن، مەن ئۇنداق ساراڭ ئەمەس. مەن لاۋبەننياڭ بولۇپ قالسام پۇلنى ئۆزەم ساناپ، پوكەيدە تۇرۇپ بېرىمەن. سەن ئىچىپ ئوينىغاندا مەنمۇ ئوينىغىلى بارىمەن. ۋاي، نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم، ساراڭمۇ مەن مۇشۇ ئىسكەتىم بىلەن سەندەك ئەبگا نېمىگە خوتۇن بولىدىغانغا! سەندەك نېمىلەر كۆزۈمگە سەت كۆرۈنىدۇ، غۇرۇر… ئۇيغۇر… دېگەندەك بىر نېمىلەرگە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقامدۇ؟ پۇل كېرەك، پۇل، پۇللا بولسا خالىغان نەرسەم بولىدۇ. مېنىڭ ياشلىقىم، بەدىنىم، ئىسكەتىم، مېنى ئىككى تەرەپتىن رازى قىلىدىغان بايۋەچچىلىرىم يەنە نەچچە يىللار ماڭا ھەمراھ بولۇپ، ئارزۇيۇمنى قاندۇرىدۇ… بۇمۇ تۇرمۇش، بىر ئەرگە قۇل بولۇپ ئۆتىدىغان بىچارىلەرنىڭ ھالى مانا، پۇل تېپىپ ئوڭلاپ خەجلىيەلمەي مەدىكاردەك ئىشلەيدۇ، ئاخشىمى بىر-بىرىگە قوڭىنى چاپلاپ پۇل ساناپ ياتىدۇ… ھەي بىچارىلەر،
ھەي لامزەللىلەر…
نىلۇپەر ئېغىر ئۇھ تارتىپ، ئارقىدىن يېنىك تىندى.
سېمىز بايۋەچچە بىلەن نىلۇپەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن جو چۈنگاڭ راھەتلىنىپ قالدى، گەپ قىلىشقا ئازادە پۇرسەت كەلدى:
__ بۇ پىۋا قورساق بايۋەچچە ئىشنى ئوخشىتالامدىغاندۇ؟
__ يەنە شۇ سېرىق گەپ، ئۇنى ئوبدانلا تونۇيدىغان ئوخشىمامسەن؟
__ كىمنى دەيسەن؟
__ ئاشۇ سېرىق چاچنى دەيمەن…
__ سورىما سەمەت، ئۇنى سوراشنىڭ ھاجىتى يوق. دېدىمغۇ، بۇلار پۇلدىن باشقىنى تونىمايدۇ. مىللىتىڭىگە دەز كېتەمدۇ-كەتمەمدۇ، چاتىقى يوق.
__ بۇنداق جالاپنى ئۇيغۇر دېمەيسەن، چەت ئەللىك دەيسەن.. ئورۇسقىلا ئوخشايدىكەن..
__ تەن ئالمايۋاتىسەن-دە، ئۇ شىنجاڭلىق، ئۇيغۇر، مەن ئوبدان بىلىمەن.
__ ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، ھەممە مىللەتتە بار بۇنداق جالاپلار…
__ مىللەت دېگەنلىرىڭ بۇنداق ئىشلار ئالدىدا قۇرۇق گەپ! … ئادەمدە ھەممىسى! ئادەم دېگەن ئەقىللىق ھايۋان…
__ قىرغىزنىڭ مېلىغا قوشۇپ تاققا چىقىرىۋېتدىغان نېمىكەنسەن…
__ نېمە دېدىڭ، چۈشەنمىدىم..
__ ئادەمنى ئەقىللىق ھايۋان دېسەڭ ئۇنداقتا سەن ئەقىللىق چوشقىمۇ؟ چوشقىنىڭ ئەقلى ئاتقا يەتمەيدۇ… ھايۋان دېگەنمۇ ئەقىللىق، ئەقىلسىز دەپ ئايرىلىدۇ… سەن بۇلارنى دېسىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسەن…
__ ياق، بولدى، چۈشەندىم، گېپىم خاتا كېتىپ قاپتۇ. مەن ئەسلىدە ئادەمدىمۇ ھايۋانلىق ئالامەت بولىدۇ دېمەكچىدىم.
__ ھايۋاندەك ياشايمەن دېسەڭ بىر دەملىك ئىش، جاھاندا ئەڭ ئاسان ئىش. ئادەمدەك ياشايمەن دېسەڭ تەس، لېكىن تەس بولغاچقا ھۆرمەت-ئىناۋەت قازىنىسەن. مەسىلەن، دارۋاز شاھى ئادىل ھوشۇرنى بىلىسەنغۇ، بۇ جاھاندا ئادەمدەك تۈزۈك ياشاش ئاشۇ سىمدا ماڭغاندەك تەس، تەڭشىكىڭ مايماق كەتسىلا ھامان بىر كۈنى غۇلاپ چۈشىسەن…
— راست دەيسەن، تولىمۇ ئوخشاتتىڭ،- دېدى جو چۈنگاڭ كۈلۈپ.
6
جو چۈنگاڭ كوچىدا ماڭسا ياڭزىمۇ ياڭزا كىيىنىۋالغان قىز-چوكانلارغا دىققەت قىلىپ ماڭاتتى، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى ئۇنىڭ كۆزلىرى يالىڭاچ يەرلەرنى كۆرۈشكە شۇنچىلىك خۇمار ئىدىكى، باشقا ھېچ نەرسە ئالاھىدە كۆرۈنمەيتتى، قىزلارنىڭ بارغانچە ئېچىلىپ كېتىۋاتقان كىندىكى، يوتىلىرى، چوڭ-كىچىك سوقا-يومىلاق ساغرىلىرى، ئۇزۇن-قىسقا، توم-ئىنچكە بەللىرى، كىيىك ئەمچەك ياكى ئىت ئەمچەكلىرى، بوينىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، چىراي-شەكلى، چاچ پاسونلىرى ئۇنىڭغا رەڭگارەڭ بىر دۇنيانىڭ شىرىن ئەمما ئارمانلىق، ئازابلىق بىر سېھرى-جەزبىسىنى ھېس قىلدۇراتتى، ئويلىغانچە مەرەزدەك يېپىشقاق جىنسىي خىياللىرىنى تىزگىنلىيەلمەي قالاتتى. سەتەڭلەرنى كوچىلاردىلا تونۇشقا تەجرىبە كېرەك، ئەمما مەخسۇس يەرلەردە تەجرىبىنىڭمۇ كېرىكى يوق، جو چۈنگاڭغا ئۇ ئىشلار ئاسانلىشىپ كەتتى، چۈنكى دەۋر تەرەققىي قىلىپ ئېچىلىپ كەتتى، قاۋاقخانا كوچىسى، شەھەرنىڭ ئاۋات يەرلىرىگە يۇلتۇزدەك تارالغان دېسكوخانىلار، پۇلۇڭ بولسا كەلمەمسەن دەپ داۋراڭ چىراغلىرىنى ئالا-يېشىل ياندۇرۇپ قويغان نامى چىرايلىق ئىشرەتخانىلار، چوشقىنىڭ بالىلىرىدەك كۆپىيىپ كەتكەن مەينەت ساتراچخانىلار جو چۈنگاڭنى خىلمۇ خىل سەتەڭلەرگە ئۇچراشتۇردى، تېگىشتۈردى، يىرگىنىشلىك راھەتلەر ۋە ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ ئۆتتى. نەپسى ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغان سەتەڭلەرنىڭ خۇلق-نازى، پۇل تاپ، پۇل تاپ، يەنە كېلىپ ئويناپ كەت دەپ ئاشكارە ئىپادىلەپ تۇرىدىغان غىلجىڭ ھەرىكەتلىرى، شەھۋەت قانلىرىنى قاينىتىپ، خۇمارىنى پات-پات قوزغىتىپ تۇرىدىغان ئىڭراشلىرى جو چۈنگاڭنى پۇل تېپىشقا ئاجايىپ ھېرىس قىلىۋەتتى. بۇ شەھەردە جان تىكىپ پۇل تېپىپ، ئارقىدىن جاننى راھەتلەندۈرۈش ئۇنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى ۋە ئەڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ قالدى.
نىلۇپەرنى ئۇ قاۋاقخانا كوچىسىدا ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلىغانىدى، دەرۋەقە ئۇچراتتى.
___ پۇراپ تاپىدىكەنسەن جۇمۇ،– دەۋەتتى نىلۇپەرمۇ خېرىدار تاپالماي ئاران تۇرغانلىقىنى چاندۇرماستىن.
__ شۇنى دېگىنە، شىنجاڭلىق بىلەن مېنىڭ زادى بىر يۈەنفېن (رىشتىم) بار.
__ قويە ئۇنداق گەپنى، قانچە ناتونۇش بولسا شۇنچە ياخشى.
__ ئۆتكەندە ئاشخانىدا سەن بىلەن تاماق يېگەن كىم ئۇ؟
__ ئۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن، ئېرىممىتىڭ سەن.
__ سوراپ قويدۇم، قاراپ قويايمۇ دېمەيسەنغۇ؟
__ قارىغانغا نېمە بولماقچى، بەرىبىر تونۇغاندىكىن.
__ كۆز ئىشارىسى بولسىمۇ يوللاپ قويىسەن، قاش ئاتساڭمۇ ھېساب.
__ ئۇنداق ئۇششاق ئىشلار بىلەن خوشۇم يوق، كەلسەڭ مانا مەن، خالىساڭ ھەمراھ بولىمەن، چىدىمىساڭ يولۇڭغا ماڭىسەن شۇ.
__ ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىپ باققۇم بار.
__ نېمىسىگە قىزىقىپ قالدىڭ ئۇ پاڭزىنىڭ؟
__ قورسىقى يوغان تۇرۇپ ئارقىغا سېلىۋاپتۇ سېنى..
__ قورسىقى يوغان بولسا نېمە بوپتۇ، تاقاشمايدۇ…
جو چۈنگاڭ مەنىسىز كۈلۈپ قويدى، نىلۇپەرنىڭ گەپتىمۇ ھاياسىزلىق قىلىۋاتقىنىدىن بىر ئاز يىرگەندى.
__ مەن سېنى شۇنداق دەمدىكىن دەپ سوراپ قويدۇم. نېمە ئىش قىلىدىغان نېمە ئۇ؟
__ ۋاي ئەجەپ سوراپ كەتتىڭ، دېسەممۇ بولىۋېرىدۇ، ئۇقۇپ قوي، ئۇ مېنىڭ داگېرىم، مېنى قوغدايدۇ، قورسىقى يوغان سېمىز بولغان بىلەن يامان نېمە ئۇ، ئادىمى كۆپ، كىمكى مېنى بوزەك قىلىمەن دېسە شۇ ھامان يېنىمغا كېلىدۇ. ئويناپ پۇلىنى بەرمىگەن خۇمسىلارنىڭ ئەدىۋىنى بېرىدۇ.
__ شۇنداقمۇ، نوچىكەن. مەنمۇ شۇنداقراق ئويلىغانىدىم.
__ تولا گەپ ئويناتماي، ئاقىدىغان گەپ بولسا دە، مېنىڭ قورسىقىم ئېچىپ قالدى.
__ قورسىقىڭىغا يېگۈدەكمۇ بىر نېمە تاپالمىدىڭما؟
نىلۇپەر جو چۈنگاڭغا غەزەپ بىلەن ئالايدى. “ ماز“ دەپ بۇرۇلۇپ ماڭدى. جو چۈنگاڭ ئۇنىڭ ئالدىنى توراپ ھىجايدى:
__ چاقچاق، چاقچاق قىلىپ قويدۇم. يۈرە، كونا جايغا باشلاپ باراي.
نىلۇپەر ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ، باشقا غەيرى، زەھەرخەندە، ئالدامچى ئالامەتلەرنى بايقىمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
__ كونا جاي دەپ يەنە سەمەتنىڭ ئاشخانىسىغا باشلىما جۇمۇ؟ مەن ئەمدى شىنجاڭلىقلار ئاچقان ئۇنداق كىچىك، مەينەت ئاشخانىلارغا بارمايمەن..- دېدى نىلۇپەر سومكىسىدىن ئەينىكىنى چىقىرىپ بىر قاراپ قويۇپ.
__ ئەمىسە ئۆتكەندە نېمە دەپ باردىڭ؟
__ شۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قالدى. بۆلەك ئاشخانىنى ئىزدەپ بولغىچە قورساق ئېچىپ كەتتى.
__ سەندەك خېنىملارنىڭ قورسىقى زادى بەك ئاچامدىكىن دەيمەن.
__ مېنى تولا جىلە قىلما، خوتۇن كىشىدەك بەك تولا گەپ قىلىدىغان نېمىكەنسەن. مېنىڭ بۇنداق ئادەم بىلەن پەقەت خوشۇم يوق.
__ گەپ قىلماي ھايۋاندەك ئىشنى تۈگىتىپلا پۇلنى بەرسە بولىدىكەندە-دە ساڭا! ___ جو چۈنگاڭ ئۆزىنى ھەم سەمەتنىڭ ئاشخانىسىنى كەمسىتكەن، يۇرتداشلىرىدىن يۈز ئۆرىگەن بۇ خېنىمغا تۇرۇپلا ئۆچ بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ھەۋەس قوزغىتىپ تۇرىدىغان بەدىنىنى دېمىسە، قاتتىق گەپتىن بىر-ئىككىنى قىلىپلا ئۇنى يېنىدىن ھەيدىۋېتىشتىن يانمايتتى. ئۇ تاماقتىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازراق قىزىل ھاراق ئىچۈرۈپ، كەيىپ قىلىپ، ئاندىن ئىش ئۈستىدە ئۇنى قوپال قىيناشنى ئويلاپ روھلىنىپ كەتتى. بۇنداق شىرىن ئۆچ ئېلىشمۇ ھەر جەھەتتىن پۇخادىن چىقىشنىڭ بىر يولى ئىدى.
__ ئىشقىلىپ قۇرۇق گەپتىن پايدا يوق،_ دېدى نىلۇپەر،__ گەپنى نەق دېيىش، ئىشنى نەق قىلىش، پۇلنى نەق ئېلىش مېنىڭ قائىدەم. نەچچە يىل بولدى مەن ئىچكىرىدە مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتقىلى. سودا دېگەن ئادىل، نەق بولۇشى كېرەك.
__ بۇنى سودا دېسەڭ ئادەمنىڭ كەيپى ئۇچىدىكەن، مەن خېلى سەتەڭلەرنى ئويناپ باقتىم، ھېچكىمنىڭ ئاغزىدىن بۇنى ”سودا“ دېگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.
__ سودا بولماي نېمە؟ ئۇلارمۇ شۇنى قىلىۋاتىدىغۇ؟ ئاغزىدا دېمىگەن بىلەن كۆڭلىدە ھەممىسى بىلىشىدۇ…
__ لېكىن ئۇلار گەپ-سۆزىگە ، ئەرلەرگە بولغان مۇئامىلىسىگە دىققەت قىلىدۇ. سەندەك ئاشكارا دەپ سالمايدۇ. ھەممىسى بىلگەندىكىن دېمىسەڭلا بولىدىغۇ؟ بۇنى ئاشكارە دېمەسلىكمۇ سوداڭغا پايدىلىق، ئەگەر بۇنى دەپ سالساڭ ئۆزەڭنى ئەرزان بىر نېمىگە ئوخشىتىپ قويىسەن، قىممىتىڭ چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇندىن كېيىن دىققەت قىل، بۇنى ساڭا ياخشى كۆڭلۈم بىلەن دەۋاتىمەن.
نىلۇپەرنىڭ ئىچى تىتىلداپ، غەزىپى شاردەك كۆپۈپ ئېتىلاي دەپ قالدى، ئەمما ئاچچىقتىن نېمە پايدا، مالدىن قۇرۇق قالىدۇ، ئۇ تويۇقسىز جو چۈنگاڭنى ”مال“غا ئوخشىتىپ يېنىكلەپ قالدى. دېمەك، بۇ ”مال“نىڭ ھەممە گېپى ئوسۇرۇققا تەڭ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلانمىسىمۇ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ نىلۇپەر دەيدىغان گېپىنى يەنىلا دېدى، ئاغزى ئىتتىك ئىدى:
__ بولدى، بولدى، يەنە كوتۇلدىغىلى تۇردۇڭ ئېرى يوق خوتۇندەك. بۇ گەپنى پەقەت ساڭىلا دەۋاتىمەن، تولا كوتۇلدىغاچقا سەن ماڭا خېلى تونۇش بولۇپ قالدىڭ دېگىنە، تونۇش بولمىسا كۆرۈنگەنلا بىرسىگە دەيتتىممۇ بۇ گەپنى. خەققە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى مەنمۇ بىلىمەن، ھەر ئادەمگە ھەر خىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك. مەسىلەن، سەندەك تولا گەپ قىلىدىغانلارغا گەپ قىلىشىپ بەرمىسەم بولمايدۇ، گېپىنى ئاڭلاپ بەرمىسەڭ چىدىماسلىق قىلىدۇ. گەپ قىلمايدىغانلارغا بىر ئېغىز گەپ قىلمايمەن، چىرايىمنىمۇ ئاچمايمەن. ئىشنى چاققانراق تۈگەتسە، پۇلنى نەق ساناپ بەرسە، بەرگەن پۇلىغا قارنى ئاغرىپ مەن بىلەن سوقۇشۇپ قالمىسىلا بولدى. بەزى ئەرلەر بەزىدە ھايۋاندىنمۇ بەتتەر جۇمۇ، سۆزلىسەم دەردىم بەك جىق…
__ دەردى يوق ئىش نەدە بار __ دېدى جو چۈنگاڭ مەسخىرىسىنى چاندۇرماي، __ بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ راھەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
__ ما گېپىڭ جايىدا، مانداق گېپىڭ بولسا قىلساڭ قۇلاققا خوشياقىدۇ. تاكسىدىن بىرنى توسساڭچۇ، مېنى گەپ قىلدۇرۇپلا ئاپارماقچىمۇ رېستۇرانغا؟
__ سەمەتنىڭ ئاشخانىسىغا بارامدۇق؟__ دېدى جو چۈنگاڭ نىلۇپەرنى جىلە قىلىپ، ئەمما ئۇنىڭ شۇ پەيتتە راستىنلا سەمەتنىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ لەغمەن بىلەن كاۋاپ يېگۈسى بار ئىدى. لېكىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن، بۇ يەردە قورساق ئىشتىھاسى قانغان بىلەن شەھۋەت ئىشتىھاسى بۇغۇلۇپ قالاتتى. سەمەت چوقۇم يەنە بىر نېمىلەرنى دەيتتى.
__ بولدى قىلە، ئاشۇ قېتىم ماڭا سەت ئالايغانىدى، جېنىم چىقتى. بېرىپ سوقۇشاي دېسەم سەت تۇرغىدەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەنمۇ تۇرىسەن ئۇ يەردە كۆزۈڭنى پارقىتىپ. قانداق تونۇشىسەن ئۇنىڭ بىلەن؟
__ ئۇ مېنىڭ ئاغىنەم، مېنىڭ ئالدىمدا ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلما. ئۇ ئېسىل ئادەم، كۆڭلى ياخشى، قولى ئوچۇق، مېھماندوس، خەنزۇچىنى سەندىن ياخشى سۆزلەيدۇ، ئىچىپ كەيپ بولغاندا شىنجاڭلىقنىڭ سېرىق يومۇرلىرىنى ئېيتىپ مېنى قاتتىق كۈلدۈرىدۇ، دائىم چاقچاق گەپ قىلىدۇ. بەزىدە ھېلىقى بىر سازى بار، ئىككى تارىلىق، شۇنى چېلىپ ناخشا توۋلاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۇدا نەچچە قېتىم ئاڭلاپ مەنمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم. ناخشىسىنىڭ مەنىسىنى ئوقۇپ بولۇپ دەپ بېرىدۇ. مەنسىىمۇ چاقچاقتەك چىقىدىكەن. ئىشقىلىپ، ئۇ باشقا بىر دۇنيا، ھەر قېتىم بارسام كۆڭلۈم بىر خوش بولۇپ كېلىدۇ، ئىچىم پۇشۇپ قالسىلا بارىمەن، يەڭگەممۇ بەك ياخشى، خام سەينى ئوخشىتىدۇ، قانچە يەپ ئىچسىڭىز مەيلى، لېكىن ئېرىمنى ئازدۇرماڭ، ئېزىپ كېتىشىگە يول قويماڭ. بولمىسا سىزدىن ھېساب ئالىمەن… دەيدۇ تېخى… __ جوچۈنگاڭ راھەتلىنىپ كۈلۈپ كەتتى.
__ يامان خوتۇنكەن جۇمۇ، مالايدەك ئىشلىگەن بىلەن ئېرىنى كۆزىتىپ، باشقۇرۇپ تۇرىدىكەن-دە!
__ ئىشقىلىپ، ئېسىل ئەر-خوتۇن، ئۇلارنىڭ ئاشخانىسىمۇ كۆردۈڭغۇ، بۆلەك شىنجاڭلىقنىڭ ئاشخانىسىغا باققاندا خېلى پاكىز. ئەگەر ئۇلار چوڭ رېستۇران ئاچىمىز دەپلا قالسا مەن ئۇقۇشۇپ بېرىمەن، تەڭ ئاچىلى دېسە پۇل قوشىمەن، ئايرىم ئاچىمىز دېسە پۇل ياردەم قىلىمەن. مەن ئۇلارنىڭ تۇز-تاماقلىرىغا قەرزدار.
ئۇلار تاكسىدا ماڭغاچ پاراڭلىشىپ ”ئەپەندى“ رېستۇرانىغا كەلدى، كەچ سائەت 8 دە باشلىنىدىغان ئويۇن يېرىمىغا كەلگەندى، راۋاپچى، داپچىلار، ئۇسسۇلچىلار جو چۈنگاڭغا يېقىملىق، جەزبىلىك تۇيۇلاتتى، ئەمما سەمەتنىڭ چالغان دۇتتىرىدەك قەدىناس، يېقىملىق بىلىنمەيتتى. ئۇلار بۇلۇڭدىكى بىر جوزىغا كېلىپ تاماق بۇيرۇتتى. بۇ يەرنىڭ تاماقلىرى قىممەت ئىدى، بۇ رېستۇراندا چەت ئەللىكلەرگە ھەمراھ بولۇپ تاماق يەۋاتقان بىر قانچە شىنجاڭلىق قىزغا قاراپ نىلۇپەر روھلىنىپ قالدى. جو چۈنگاڭ ئۇ قىزلارغىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ بولدى، ئۇلار نىلۇپەردىنمۇ چىرايلىق بولۇپ، نىلۇپەردىن ياش، تېرىسى يۇمران، كۆزلىرى شوخ ۋە خۇمارلىق، كەيپىياتى قىزغىن ئىدى. جو چۈنگاڭنىڭ ئۇ قىزلاردىن كۆز ئۈزەلمەي قالغىنىنى كۆرگەن نىلۇپەر ئىچىدە مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدى، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاچكۆز، بولسا ھەممىسىنى بىر ياتاققا ئەكىرىۋالسام دەيدۇ. لېكىن ھالى چاغلىق. ئەمما ئۇ بىر نېمىلەرمۇ تايىنلىق. ناتونۇش نېمىلەر چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، قېرى جالاپمۇ ناتونۇش ئەرگە ئۆزىنى ياش، سەتەڭ كۆرسىتەلەيدۇ… بۇنداق ئىشرەت بەزمىسىدە ناتونۇش نەرسە دائىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇلار تاماق يەپ، ھاراق ئىچىپ، بۇ يەردىكى ئەسەبىيلىك ئادىتى بويىچە جوزىغا چىقىپ دېسكو ئويناپ ئاندىن نىلۇپەرنىڭ ئۆيىگە كەتتى. جو چۈنگاڭ كەيىپلىكتە ئۆچ ئېلىشنى ئېسىدىن چىقارمىدى. ئەمما شۇ ئىش پەيتى كەلگەندە ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي قالدى.
7
سەمەت بەزىدە ئۆزىنى خوتۇنى بىلەن قىزىنىڭ ئارىسىدىكى يۆچۈن بىر بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. خوتۇنى كۈندۈزى جاپالىق ئىشلەپ چارچاپ كەتكىنىگە قارىماي سەمەتنى كۈتۈشنىمۇ ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارمايتتى. سەمەت ئۇنىڭ ھەممىگە يېتىشىپ كېتەلەيدىغان ”تۆمۈر“ جېنىغا، پۇل تاپقاندىمۇ بۇرۇنقى ھالىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتقىنىغا زوقلىناتتى، ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. جۇ خۇڭ ئاخشىمى سەمەتنىڭ پۇت-قوللىرىنى تۇتۇپ، ئۇۋىلاپ قوياتتى. “ ساتراچخانىدىكى شياۋجېلاردەك (قىزلاردەك) تۇتاممىساممۇ ھەر ھالدا بىر دەم راھەتلىنىۋال“ دەپ كۈلۈپ پاراڭ سالاتتى. بۇ چاغدا سەمەتتىنمۇ تەبىئيلا قىززىق گەپلەر چىقاتتى:
__ شۇ نايناق قىزلارنى ئېسىمگە سېلىپ قويدۇڭ-دە!
__ ئېسىڭدىن چىقمىغۇدەك قانداق نېمىلەر ئۇ ؟
__ ئۇقمايسەن دەيمەن خوتۇن، ئۇلارنىڭ قوللىرى يۇمشاق، سېنىڭ قوللىرىڭ تۆمۈر-دە، ۋاي بولدى، بوشراق تۇت، ئادەمنى قىينىما…
جۇ خۇڭ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە قولىنى چىڭ پاتۇرۇپ:
__ يەنە بارامسەن شۇ يەرگە، يەنە بارامسەن!…
__ قاچان باردىممەن، سەن ھەمىشە ماڭا كىچىك بالىغا قارىغاندەك قاراپ تۇرىسەنغۇ؟ ۋاي، ئاستىراق…
__ دەپ قويدۇم، سېنى چىڭ تۇتمىسام ئىشتىن چاتاق چىقىدۇ، ئېشەكنى بوش قويمىغان ئادەم شياۋجېلارنى بوش قويامدۇ دەيمىنا، مەنغۇ مۇشۇ دۇڭبېيلىقلار، موڭغۇللار، شىنجاڭلىقلارنى قارام، ياۋايى كېلىدۇ دەپ ئاڭلىغان، قارىغاندا راستكەن، گۆشنى جىق يەيسىلەر، كاۋاپ دېگەنگىغۇ مەن ئەزەلدىن ئانچە ئامراق ئەمەس… ئەينى چاغدا ساڭا ياللىنىپ كاۋاپ ئۆتكۈزگەندىن باشلاپ تېخىمۇ شۇنداق بولدۇم…
__ ئەجەپ شۇ ۋاقىت ئېسىڭدىن چىقمايدىكەن، ماڭا ياللىنىپ ئىشلىمىگەن بولساڭ سېنى نەدىن تونۇيتتىم، سەندەك لوق گۆشنى نەدىن تپىپ زىخىمغا ئۆتكۈزۈۋالاتتىم…. __ سەمەت پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىۋىدى، گەپنىڭ تېگىگە يەتكەن جۇ خۇڭ تېرىكىپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە مۇشتلاپ كەتتى:
__ ئۆلگۈر سەمەت، شىنجاڭلىق دېگەن زادى ئەسكى، ئادەمنى بوزەك قىلىمەن دەپلا تۇرغان، ئەسكى،… ئەسكى..
__ بولدى قىل، خوتۇن، جېنىم ئاز قالدى، ھېلىمۇ مەن سېنى بوزەك قىلمىدىم. سېنى دەپ شياۋ جېلارغىمۇ يېقىن كەلمىدىم. بولمىسا مەندەك پۇلى بار لاۋبەنلەر ئوينىماي يۈرەرمىدى؟ سەن تېخى ئۇقمايسەن، كۇلىغا تەڭ چىققان مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئوقەتچىلەر ئىچىدە توي قىلىپ مۇشۇ ۋاققىچە بىر خوتۇن بىلەن ئۆتكەن بىرمۇ ئادەم يوق، ئالدى ئالتە-يەتتە خوتۇن ئالماشتۇرۇپ بولدى، ئەڭ كېيىنكىسىمۇ تېخى يېقىندا ئۈرۈمچىدىن بىر كادىر قىزنى ئالدى. كاساپەت، ئالامەت چىرايلىق-دە، ھازىر پۇللا بولسا شىنجاڭ قىزلىرى ئۇچۇپ كېلىدۇ، مۇشۇ ئاشخانىغىمۇ نەچچە قىز مېنى چېكىپ باققىلى كېلىپ تۇرىدۇ، قارىمايمەن…
__ مەن بولغاچقا قارىمايدىغانسەن، بولمىسا كۆزلىرىڭ ئويناپ كېتىدىغۇ، بىلمەي قالامدىمەن سېنى…
__ سېنىڭ كۈندەشلىكىڭدىن قورقۇپ قالامدىمەن مەن؟ گەپ ئۇنىڭدا ئەمەس، ۋىجدانىم كۆتەرمەيدۇ، خوتۇن خەقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، مەيلى جۇ خۇڭ، مەيلى گۇلى… ھەممىسىنىڭ بىر نېمىسى ئوخشاش. لېكىن شەيتان دېگەن بىر نېمە ئۇنى بىزگە ئوخشىمايدىغان، ئاجايىپ قىلىپ كۆرسىتىدۇ، دەسلەپكى بىر يىلى كۇلىغا ماڭغاندا پويىزدا تونۇشۇپ قالغان بىر ئاقساقال ماڭا: كۇلى دېگەن يامان يەر، ئوينايدىغان يەر، ھالال ئىشلەپ ئاز-پاز ئوينىساڭ ئوينا، لېكىن كەيىپ ساپاغا بېرىلىپ كەتمە، ئىشتان بېغىڭغا ھېزى بول، چىداملىق بول، سەۋر قىلساڭ تاپىسەن دېگەن. مانا پايدىسىنى كۆردۇق. مەندەك قىلالمىغانلار كۆپ، نى تونۇشلىرىمىز خوتۇن تالىشىپ پىچاق كۆتۈرۈشتى، نەچچىسى سۆزنەك، سىفلىس، ئەيدىز بولۇپ ياتتى، كۆرۈشىدىغان ئادەملىرىمۇ يېنىدىن قاچتى. ماۋۇ جو چۈنگاڭ دېگەن ئاداشتىنمۇ بەزىدە ئەنسىرەپ قالىمەن، خوتۇن، قىز دېسە ئۆلۈپ بېرىدۇ. جاھاندا ئۇنىڭدىن باشقا ئىشى يوق. پۇل تېپىشقا ئانچە-مۇنچە ئېپى بارمىكىن دېسە تېخى، يوقمىكىن دېسە تېخى، كاللىسىغۇ خېلى ئىشلەيدۇ، گېپى جىق. خوتۇن خەقنىڭلا پارىڭىنى قىلىدۇ. نەچچە قېتىم دەپ قويدۇم، يېنىمدا گاندون ئېلىپ يۈرىمەن، بۇنچىلىك ئىشقا جېنىمنى سېلىپ بېرىدىغان ئەخمەق ئەمەسمەن دەيدۇ. بۇ نېمىغۇ دېگىنىنى قىلىدۇ. كۆڭلى تۈز ئەخمەق، پو ئېتىڭ دېسە تازا ئاتىدۇ، نەچچە كۈندىن بېرى يوقاپ كەتتى. ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ…
___ ئۇنىڭ سېرىق گەپلىرىنى سېغىنىپ قاپسەن-دە! يالغاننى دەۋەرسىمۇ ئىشىنىپ يۈرمە، ئىشقىلىپ، ئۇ نېمە دېسە مەيلى، سېنىڭ كاللاڭنى قايدۇرۇپ كەتمىسىلا بولاتتىغۇ؟ مەن شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن…
__ ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي بولمايدۇ، لېكىن ئۇمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى، مېنىڭ ئىشىمغا ئارىلىشالمايدۇ، ئوينايمىز دېسە ئوينىغۇلۇق، سېنىڭدىن قورقۇپ ئەمەس، ئۆزەمنىڭ رايى يوق. ھېچكىم ماڭا ئۇنى قىل، بۇنى قىل دەپ ئۆگىتەلمەيدۇ، ئويلىنىپ بېقىپ كاللامدىن ئۆتكىنىنى قىلىمەن، ئۆتمىسە كاللامنى ئېلىۋەتسىمۇ قىلمايمەن.
__ شياۋ جو توي قىلمامدىكەن؟ مۇشۇنداق يۈرۈۋېرەمدىكەن؟
__ ئۇنىڭغا توي قىل دېسەڭ ياز كۈنى قوشلاپ ئىشتان كىيىۋال دېگەندەك ئاڭلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى توي قىلغۇسى يوقمىش، توي قىلسىمۇ ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۆي تۇتمايمىش، بالىلىق بولسا چوقۇم ئوغۇل بالىسى بولۇشى كېرەكمىش، قىز بالا بولۇپ قالسا خوتۇنىنى تاشلاپ كېتىمىش. چۈنكى قىز بالا دېگەننىڭ غەلۋىسى، ئىشى جىق بولىمىش، ئاتا-ئانىسىدىن كۆڭلى ئاغرىپ قالسا ئۆيدىن قېچىپ جالاپ بولۇپ كېتىمىش، ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىگە قارا سۇۋايمىش، تۇزكۇر كېلىمىش، ئائىلىنىڭ، جەمەتنىڭ ئابروينى تۆكىۋېتىمىش. قارىغاندا، ئۇ نۇرغۇن قىزلارنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ شۇنداق ئويلاپ قالغان ئوخشايدۇ.
__ شۇنداق دېسە گەپ قىلمىدىڭمۇ، بىزنىڭمۇ قىز بالىمىز بار ئەمەسمۇ؟ قىز بالىنى كەمسىتىشكە ئۇنىڭ نېمە ھەددى؟ ھەممە قىز شۇنداق بولامدىكەن؟ ئۇنىڭ ئانىسى يوقمىكەن، نەدىن چۈشۈپ قالغان بىر نېمىكەن ئۇ؟ ___ جۇ خۇڭ تۇيۇقسىز ئاچچىقلاپ سۆزلەپ كەتتى،__ ئەمدى ئاشخانىغا كەلسە يۈزىگە يۇندا چاچىمەن!
__ ئانداق ساراڭلىق قىلما، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئويلىغانلىرى بار، سېنىڭ قىزىڭنى بىر نېمە دېمىگەندىكىن نېمىگە ئاچچىقلىنىسەن. مېنى دېمىدى دەمسەن، ئۇ دەيدۇ: سېنىڭمۇ قىزىڭ بار، لېكىن كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇن، مۇشۇ قىزىڭدىمۇ ئىنساپ چاغلىق. تەتىلدە كەلسە تۈزۈك تۇرمايلا كېتىدىكەن، ئاشخانىغا ئانچە-مۇنچە قارىشىپ بەرمەيدىكەن. ئەڭ ياخشىسى بېيجىڭغا ئەكىلىۋال. بەزىدە قاتتىق ، بەزىدە مۇلايىم باشقۇر، بەزىدە پۇل بېرىپ دېگىنىنى قىلىپ بەر، ھەر ۋاقىت ياخشى گەپ قىل، ئەڭ يامان ئەھۋالدا، ئەگەر ھېچقانداق ئۇسۇل ئاقمىسا، ئۇنى ئۇرۇپ قوي. ئۇرۇپ باقە قېنى، ئۇ سەندىن قاچىدۇ، بۇرۇنقى ئەجرىڭنىڭ ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولىدۇ. بۇ ساڭا ئۇۋال ئەمەسمۇ، قىز بالا دېگەننىڭ ساراڭلىقىنى كىچىكىدىن ئوڭشىمىسا بىكار، چوڭ بولغاندا تۈزىمەك تەس… شياۋجونىڭ گېپىنىڭ خېلى داۋلىسى بار، بىز بۇ بالىنى كىچىكىدىن نېمە دېسە قىلىپ بېرىپ، قولىغا پۇلنى ئايىماي بېرىپ يامان ئۆگىتىپ قويدۇق. لېكىن، خۇدايىم ئىنساپ بەرسە، ئەگرى شاختەك ئۆسۈپ قالغان بالىلارمۇ تۈزىلىپ قالار دەيمەن. نۇرغۇن قىزلار شۇنداق ياخشى چوڭ بولۇپ، داشۆلەردە ئوقۇپ، ياخشى يىگىتكە ياتلىق بولۇپ، بالا تۇغۇپ ئانا بولۇپ يۈرۈيدىكەن. بىزنىڭ قىزىمىزمۇ شۇنداق بولسىدى، ھاردۇقىمىز چىقاتتى.
—بۇ بالا قانداق بولاركىن-تاڭ،-دېدى جۇ خۇڭ بالىسىنىڭ ئالاھىدە ئېسىل ئادەم بولۇپ كېتىشىگە ئىشەنمەيدىغاندەك،-ھازىرقى زاماننىڭ قىزلىرىغا بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدىكەن.
__ دادىسىدەك تەلەيلىك بولسا، ياخشى بىر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتالىسا بولدى. قىز بالا دېگەن تالانىڭ ئادىمى، ئۇنىڭدىن يەنە نېمىنى تەلەپ قىلىسەن؟
— سەن تەلەيلىك بولغىنىڭ بىلەن مەن شور پىشانە، ئەتىدىن كەچكىچە ساڭا ئىشلەپلا ئۆتۈۋاتىمەن. قىزىمىزنىڭ ماڭا ئوخشايدىغان تۈزۈك يېرى يوق، ھەممە يېرى سېنى تارتىپ كەتتى. قارىغاندا بۇ بالىنى مەن پەقەت تۇغۇپلا بېرىپتىمەن شۇ…—جۇ خۇڭ ئۆزىنىڭ قېيداپ دەۋاتقان گەپلىرىنىڭ راستلىقىغا ئۆزىمۇ ئىشىنىپ قالدى ۋە مەيۈسلەندى. سۆزلەرنىڭ ئىشەندۈرۈش كۈچى غەلىتە-دە! سەمەتمۇ ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ راست دەۋاتامدۇ-نېمە دەپ ئويلاپ قالدى، بۇ خوتۇن سەمەتكە چۈشكەندە چىرايى ۋاي دېگۈدەك بولمىسىمۇ لېكىن بىر خىل ئوماق ئىدى، ئاۋازى يېقىملىق ئىدى، ئەڭ مۇھىمى ئىشچان، ساغلام قىز ئىدى. ھازىر بىر ئاز قېرىپ قالدى، لېكىن قولىنىڭ تېرىسىدىن باشقا يېرى سىلىق، يۈزىگىمۇ ئۇنچە قورۇق چۈشۈپ كەتمىدى. كۆكسى-قارنى كەڭ ئاياللاردا بولىدىغان خۇشپېئىللىق، تىمەنلىك ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.
— ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە خوتۇن، ئۇنىڭ چىرايى ماڭا تارتقان بىلەن بوي-بەستى ساڭىلا ئوخشايدۇ. بەك جاپا تارتىپ كەتتىڭ، بۇنى بىلىمەن، ئورنىڭغا ئادەم سالاي دېسەم ئۆزەڭ ئۇنىمايسەن، جاپاغا ئۆزەڭنى ئۇرىسەن، بولدى، ئەتىدىن باشلاپ پوكەيدىلا تۇرۇپ پۇل ساناپ بەر، ئورنۇڭغا بىر كىمنى سەپلەيلى. چاغاندا بىرەر يەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلەرمىز يا شىنجاڭغا قىزىمىزنى كۆرگىلى بارارمىز. پۇل تاپقاندىكىن سەنمۇ، مەنمۇ راھىتىنى كۆرسەك بولاتتى. لېكىن پۇل تاپقانچە تاپقۇمىز كېلىپ، ئارتۇقچە تېجەپ كېتىۋاتىمىز. بۇ ئۆمرىمىز قانچىلىك قالدى، خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. شۇڭغىچە بىزمۇ ياشىۋالساق دەيمەن. مەنمۇ سېنىڭ ئۇنداق جاپا تارتىشىڭغا چىدىمايمەن. لېكىن ئۆزەڭ ئۇنىمايسەن ئەمەسمۇ؟
__ كۆنۈپ قاپتىمەن،-دېدى جۇ خۇڭ،- ئورنۇمغا بىر مۇلازىمەتچى قوبۇل قىلايلى، لېكىن شەرتىم شۇكى، شىنجاڭلىق قىزنى تاپمايسەن، باشقا ھەر قانداق يەردىن بولسا بولىدۇ، چىرايى سەترەك بولسۇن.
__ چىرايى سەت بولسا خېرىدارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ. مۇلازىمەت دېگەننى ئۇقمايدىكەنسەن. نەچچە دېدىم، ياش بىر يەرگە بارغاندىمۇ كەچكىچە قىزغىنىپ يۈرۈيسەن.
__ مەن قانداق قىزغاندىم؟
__ ئۆزەڭ بىلەرسەن، بۇ قېتىم شىنجاڭلىق قىزدىن بىرنى ئەكىلىمەن، شىنجاڭ ئاشخانىسىدا بىرەر ئۇيغۇر قىز بولمىسا بۇ ئاشخانىنىڭ تۇڭگان ئاشخانىسىدىن پەرقى قالمايدۇ، سەن دائىم كۇلىنىڭ سەت قىزلىرىنى ئەكىلىۋېلىپ، بەزى خېرىدارنى قاچۇردۇڭ، قاراپ بېقىپلا چىقىپ كەتتى. بۇندىن كېيىن مۇلازىمەتنى ياخشىلىمىساق بولمايدۇ. يېزا ئاشخانىسى ئەمەس بۇ.
__ خېرىدار ئوبدان كېلىۋاتىدىغۇ؟ قايسى خېرىدارنى قاچۇرۇپتىمەن؟
__ سەن ئىشلەش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىدىڭ، مەن بۇ ئاشخانىدا كۈندە قاراپ ئولتۇرۇۋاتىمەن. بەزى ئىشلارنى سەندىن ياخشى بايقاۋاتىمەن. بۇ يەرگە ئەرلەر كۆپرەك كېلىدۇ. ئورنى ياخشى، تامىقى بەلەن دەپلا كېلىدۇ، ئەگەر مۇلازىمەتچىڭنى دەيدىغان بولسا ھېچكىم كىرمەيدۇ بۇ ئاشخانىغا.
__ سەن ئەرلەرگە ئەمەس، ئاياللارغا، قىزلارغا بەكرەك كۆز سالىسەن. مەنمۇ سېنى ئوبدان بىلىمەن.
__ كۆز سالسام نېمە بوپتۇ، بۇ دېگەن ئەر خەقنىڭ ئادىتى. كۆز سالغانغا نېمە بولىدۇ، مەن يا بېرىپلا بىرسىنىڭ كەينىگە كىرىۋاپتىمەنمۇ؟ نەچچە يىل ئۆي تۇتتۇم سەن بىلەن، كەيىپلىكتىكى ئاندا-ساندا بىر ئىشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا خوتۇن خەقنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىپ ساڭا قارىماي قويغان يېرىم بارمۇ؟
__ بۇنى دېسەڭغۇ شۇ. بۆلەك شىنجاڭلىققا باققاندا خېلى تۈزۈك ئادەمسەن. مەنمۇ ساڭا ئىشىنىپ تەگكەن، بولمىسا بىزنىڭ ئادىتىمىزدە ئالدىراپ باشقا بىر مىللەتكە تېگىدىغان ئىش يوق.
__ بۇنى مەندىن سورا، بىز مۇسۇلمان خەقتىمۇ ئەزەلدىن مۇسۇلمان ئەمەس خەقتىن خوتۇن ئالىدىغان ئىش يوق.
— ئەمىسە نېمەدەپ ئالدىڭ؟ 10 نەچچە يىل خوتۇن قىلىپ بولۇپ يەنە نېمە گەپ؟ __ جۇ خۇڭ ئويلىمىغان يەردىن تېرىكىپ قالدى.
— مۇسۇلمان قىلارمەن دېگەن، لېكىن ئۆزەم موللا بولمىغاچقا سېنى مۇسۇلمان قىلالمىدىم. كۇلىچىلىق، ئەگەر شىنجاڭدا بولىدىغان بولسام خەق مېنى كاپىر دەيتتى، ئارىسىغا قاتمايتتى. كۇلىدا بولغاچقا ياشاپ كەتتۇق، خەقلەرمۇ بارا-بارا چۈشىنىدىغان بولۇشتى. لېكىن، يەنىلا جىق ئادەم مېنى ئارىغا ئالمايدۇ. يۇرتقىمۇ 5-6 يىلدا ئاران بىر قېتىم بېرىۋاتىمەن. بارساممۇ كۆڭلۈم خوش يېنىپ كەلمەيمەن. بۇلارنى سەنمۇ كۆردۈڭ.
— سىلەر ئاشۇنداق خەقكەنسىلەر، مېنىڭغۇ پەقەتلا بارغۇم يوق.
— شۇڭىمۇ سېنى بىرەر قېتىم ئاپارمىدىم.
— دېمەك سەن مېنى خوتۇن قىلىپ مىللىتىڭگە ئاسىيىلىق قىلغان بولساڭ، ئۇنداقتا مەنچۇ؟ بېيجىڭدا ھېچكىم مېنى بىر نېمە دېمەيدىغۇ؟
— سىلەر مۇسۇلمان ئەمەس-تە، كىمنىڭلا پۇلى بولسا شۇنىڭغا تېگىۋېرىسىلەر، شىنجاڭلىققىمۇ، چەت ئەللىكككىمۇ ئوخشاش…
— سەن مېنى كەمسىتىۋاتىسەن، يېقىندىن بېرى غەلىتىلا بولۇپ قالدىڭ، بۇرۇنقى ئەلپازىڭ يوق، مىجەزىڭ بۇزۇلۇۋاتىدۇ. مەن سېزىپ تۇرۇۋاتىمەن. سەندە زادى بىر چاتاق بار. تۈگىمەيدىغان بىر چاتاق! — جۇ خۇڭ سۆزلىگەنچە قايناپ، يىغلىغىلى تاس قالدى.
— بولدى، بولدى، كۆزۈڭنىڭ يېشىنى ماڭا ئېقىتىپ بەرمە، سېنىڭ ئېرىڭ بولغانلىقىمدىن ھەرگىز پۇشايمىنىم يوق، بىللە ئوقەت قىلىپ مۇشۇ كۈنگە كەلدۇق. شىنجاڭدا بولغان بولسام، يۈز مىڭ يۈەن دېگەننى بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ تاپالمايتتىم، ھەممىسى سېنىڭ تۆھپەڭ خوتۇن، سېنىڭدىن بەك رازىمەن، بايا چېقىشىپ قويدۇم، تېرىكىپ كەتمە، ئەر-خوتۇن دېگەن ئانچە-مۇنچە كونا خاماننى سورۇپ، سۈركىلىشىپ تۇرمىسا تۇرمۇشنىڭ مەنىسى بولمايدۇ…— سەمەت جۇ خۇڭنى قۇچاقلاپ پەپىلەپ قويدى، خوتۇنى بىر دەمدىلا پەسكويغا چۈشۈپ يېنىك نەپەس ئالدى.
— گەپ قىلىپ نەگە كېلىۋىدۇق، ھە، دېمەك، ئاشخانىغا بىر مۇلازىمەتچىنى قوبۇل قىلىپ سېنى ئارامغا چىقىرايلى، جو چۈنگاڭ ھەر قېتىم كەلسە دەيدۇ: ئاشخاناڭدا تاماق ئوخشىغان بىلەن قىزغىن، گۈزەل كەيپىيات يوق، مۇلازىمەت سۈپىتى زاماننىڭ كەينىدە قالماقتا…
— ئۇ بىر شەھۋەتپەرەس نېمە، گېپىنى ئاڭلىما.
— ئۇ دەيدۇ تېخى: يەڭگەمنىڭ ھارغىن چىرايىنى كۆرگەن ھەر قانداق خېرىدارنى ھارغىنلىق باسىدۇ. يەڭگەم ئەكىلىپ بەرگەن تاماقنى كۆڭۈلسىز، ئىشتىھاسىز يەيدۇ. پۇلنىمۇ يەڭگەمگە خالا-خالىماي بېرىدۇ.
— شۇنداق دېدىما؟ ئۆلگۈر شياۋجۇ، ئەمدى كەلسەڭ ئالدىڭغا يۇندا ئەچىقىپ چاچمايدىغان بولسام.
ئاچچىقلانما خوتۇن، ئۇنىڭ گېپىنى ئويلىنىپ بېقىش كېرەك، ئۇنىڭ گېپىنىڭ داۋلىسى بار، ئۇ شۇنداق دېگەندىن كېيىن مەن قاراپ باقتىم، راست، بەزى خېرىدار تاماقنى كۆڭۈلسىز يەپ چىقىپ كېتىدۇ. سەنمۇ راستلا مەندىن باشقا ھېچكىمگە قىزغىن ئەمەس، بۇ يېرىڭغۇ ئېسىل. لېكىن مۇلازىمەت دېگەننى خەقنى ئويلاپ قىلىش كېرەك، شۇنداققۇ؟
— بۇ گەپنىڭغۇ داۋلىسى باردەك قىلىدۇ،— دېدى جۇ خۇڭ تېخىمۇ ئوڭشىلىپ،— ئوقەت دېگەننىغۇ بىر ئىزىدا قىلىۋەرگىلى بولمايدۇ..
— مانا ما گېپىڭ جايىدا، ئاشخانا دېگەننى قورسىقى ئانچە ئاچمىغانلارمۇ كىرىپ ھۇزۇرلانغۇدەك قىلىش كېرەك دەيدۇ جو چۈنگاڭ، بۇ گەپمۇ ماڭا ياقتى. چوڭ رېستۇران ئاچىلى دېگەنىدى، مەن مەبلەغ يوق دېدىم. مەنمۇ پاي قوشاي دەيدۇ، ئويلىنىپ باقىلى دېدىم. زادى خېلى كۆپ پۇلىسى بارمىدۇ بۇ ھارامزادىنىڭ؟
— ھەي تاڭەي، پوچىمىكىن دەيمەن. ھېچ نېمىسىنىڭ تايىنى يوق، گەپ سېتىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.
— لېكىن ئۇنىڭ تەكلىپلىرى بولىدۇ، ئاشخانىنىڭ ھۆسنىگە ياراشقۇدەك، خېرىدارنىڭ كەيپىنى كۆتۈرگىدەك قىزدىن بىرنى تاپايلى. ھەققىنى بىر ئاز يۇقىرى بەرسەك بولىدۇ.
— جو چۈنگاڭ ئۆزىنى دەپلا ساڭا بۇ تەكلىپنى بەرگەندۇ ھەقىچان؟ ھېلىگەر نېمە-دە!
— بۇ ئاشخانىغا جو چۈنگاڭلا كىرمەيدىغۇ، ئۇمۇ بىر خېرىدار، بۇ ئاشخانىنى ئوبدان بىلىدۇ. بىزگە ياخشى بولسا دەيدۇ، ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، شىنجاڭلىق بىر قىزنى ئەكەلسەڭ ئاشخانىنىڭ ئالاھىدىلىكى چىقىدۇ، ھەقسىز بىر ئېلان بولىدۇ. شۇ قىزنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ئۇنىڭ مۇئامىلىسى، بىر كۈلۈپ بېقىشلىرى شۇ خېرىدارنى يەنە مۇشۇ ئاشخانىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئادەم دېگەن چىرايلىق نەرسىگە ئامراق…
— مەن ھەممىدىن بەك ئامراق دېگىنە گەپنى ئوچۇقلا قىلىپ!
— مەن ساڭا نەچچە دېدىم، پەقەت گەپ يېمەيسەن، ئاشۇنداق قاملاشمىغان كۈندەشلىكىڭ تۈپەيلىدىن بۇ ئاشخانىدا تۈزۈك بىر قىز تۇرۇپ باقمىدى، مۇلازىمەت سۈپىتى پەقەت تاماقتىلا قالدى. ئاشپەز ئۇستاملارنىڭ جاپاسى بولمىغان بولسا بۇ ئاشخانا تاقىلىپ قالاتتى.
— كىم شۇنداق دەيدۇ، ھەممىمىز تىرىشتۇق.
— لاۋبەننىياڭ ئۆزى سوكۇلداپ ئىشلەپ يۈرسە خەق نېمە دەيدۇ، سەن ئولتۇرۇپ باشقۇرۇپ بەر. ئۆزەڭگىمۇ ئىچىڭ ئاغرىسۇن، ئىشلەپ قېرىپ كەتسەڭ مەن ئەمدى راستلا تالاغا قارايمەن جۇمۇ… — سەمەت كۈلۈپ خوتۇنىنىڭ ئېڭىكىنى ئوينىتىپ قويدى، جۇ خۇڭ:
— زادى سەن شىنجاڭلىقنىڭ نىيىتىڭ باشقا، ئەسكى، شەھۋەتپەرەس، ياۋايى… — دەپ ئەكىلەپ سەمەتنىڭ تۈكلۈك مەيدىسىگە مۇشتلىدى.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، سەمەت تەرەپ-تەرەپتىن ئۇقۇشۇپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ بۇ كىچىك ئاشخانىسىغا باھارگۇل ئىسىملىك چىرايلىق، سەبى بىر قىزنى پەيدا قىلدى. بۇ قىز ئەسلىدە تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا مېھمانخانا مۇلازىمتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ ئۈرۈمچىدە ئۈچ يىل ئوقۇغانىدى، ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا بۇلارنى پراكتىكا قىلدۇرۇش ۋە ياراپ قالسا ئېلىپ قېلىشقا ۋەدە قىلغان مېھمانخانا باھارگۇل قاتارلىق ئۈچ قىزنى بېيجىڭدىكى باش
شىركەت قارىمىقىدىكى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ مېھمانخانا بۇ قىزلارنى ئۇلار خالىمايدىغان بەزى ئىشلارغا مەجبۇرلىدى، يەنە كېلىپ بايرام مەزگىللىرىدە ساقچىلار تولا كېلىپ بۇ قىزلارنى تەكشۈرۈپ ئاۋارە قىلدى. بۇ قىزلار بۇ يەردە ئىشلىمەيمىز دېيىشتى. ئۇلاردىن نارازى بولغان جىڭلى بۇ قىزلار ئوقۇغان مەكتەپكە ۋە مەسئۇل مۇئەللىمىگە يالغان، رەسۋا گەپلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى مېھمانخانىدىن بوشاتتى، پىراكتىكىسىنى ئىناۋەتسىز قىلدى. بۇ قىزلار مەكتەپكە قايتىپ بېرىپ ئۆزىنى ئاقلاشنى خالىمىدى، ئوقۇش پۈتتۈرسىمۇ بەرىبىر ئۆزى ئىش تاپاتتى. باھارگۇلدىن باشقا ئىككى قىز ئائىلىسىنىڭ ياردىمىدە بېيجىڭدا داۋاملىق قېلىپ ئۆزى پۇل تۆلەپ چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشكە باشلىدى. باھارگۇلنىڭ ئائىلىسى جەنۇبلۇق دېھقان ئائىلە بولغاچقا، بېيجىڭدا بىر مەزگىل ئاشخانىدا ئىشلەپ پۇل تېپىش قارارىغا كەلدى، ئىش ئۇقۇشتى. لېكىن كۆپىنچە ئاشخانىلارنى ئۇيغۇر خوجايىنلارنىڭ ھاجى خېنىم بولۇپ كەتكەن خوتۇنلىرى باشقۇرۇۋاتقان بولغاچقا، بۇ قىزنى ئاشخانىدا پەيدا قىلىشنى خالاپ كەتمىدى، ئىش ھەققىنى تۆۋەن دەپ تۇرۇۋالدى. خوتۇنى ئالدىدا ئۇ قىزنى ئېلىپ قالالمىغان بىر خوجايىن سەمەتنىڭ مۇلازىمەتچى ئىزدەپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋىرى بولغاچقا ئۇنىڭغا دەرھال تېلېفون قىلىپ ئۇ قىزنى ئېلىپ قېلىشنى ئېيتتى. سەمەت تاكسى توسۇپ ئۇچقاندەك كەلدى ۋە ئۇ قىزغا باشقىلاردىن نەچچە يۈز يۈەن يۇقىرى ئىش ھەققى ۋە تۇرالغۇ ۋەدە قىلىپ، باھارگۇلنى ئاشخانىسىغا ئېلىپ كەلدى. جۇ خۇڭ بۇ قىزنى كۆرۈپلا بىر ئاز تاتىرىپ قالدى، ئەمما قىزنىڭ چىرايىدىن سەبىيلىكى چىقىپ تۇرغاچقا سەمەتنى ئازدۇرۇپ كېتەلىشىگە ئىشەنمىدى، پەقەت سەمەتنىلا چىڭ تۇتسا ئىشتىن چاتاق چىقمايدىغاندەك قىلاتتى. قىز خەنزۇچىنى راۋان سۆزلەيتتى، جۇ خۇڭنى ئەتىسىدىن باشلاپ ”ھەدە“ دەپ ئاتاشقا چۈشۈپ كەتتى، مۇلازىمەتتە قىزغىن ئاكتىپ بولدى، ئاشپەز ئۇستاملار بىلەنمۇ چىقىشىپ كەتتى. دەرۋەقە، بۇ ئاشخانىنىڭ سودىسى ئاز كۈندىلا بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كەتتى. جو چۈنگاڭ سەمەتتىن ئۇ قىزنى ئاڭلاپ ئاتايىتەن كۆرگىلى كېلىپ كۆزلىرى ئويناپ كەتتى:
__ تۈزۈكرەك مۇلازىمەتچى قىز تاپ دېسە مۇشۇنداقمۇ چىرايلىقنى ئەكىلىۋالامسەن؟ يەڭگەم تىنچلىقتۇ؟__ ئاستىراق گەپ قىل، سېنىڭ گېپىڭ بىلەن بولدى بۇ ئىش، جۇ خۇڭنىمۇ تەستە ئۇناتتىم. راست دېگەندەك، سودا ئوبدانلا ئېقىپ قالدى. قىزغا ئايدا 700 سوم بېرىمەن، يېقىندا يەڭگۈشلىگەن سىچۈەنلىك قىز بىلەن بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياتىقىنى ئوبدان بېزەپ بەردىم. خېلى رازى كۆرۈنىدۇ.
__ رازى بولمايچۇ، كىچىك قىزدەك قىلىدۇ، ئىش كۆرمىگەنمۇ نېمە؟!
__ بۇ قىزغا كۆز سېلىشقا چۈشتۈڭمۇ ئەمدى، پاسىق گۇي… سەن ئاۋۋال ئەيدىز كېسىلىڭنى داۋالات..
__ نېمە ئەيدىز؟ ئادەمنى قورقۇتما، مەن ھەر ۋاقىت قاپچۇق ئىشلىتىمەن.
__ ئالدىراپ قالغاندا ئۇنتۇپ قالامسەنكىن دەيمىنا؟
__ چاقچاق قىلما، جانغا چاقچاق قىلغىلى بولمايدۇ، ئەڭ دۆت، ئەخمەق ئادەملەرلا بىر دەملىك لەززەتنى دەپ جېنىنى سېپ بېرىدۇ.
__ ئىشقىلىپ سەندە بىر جىنسىي كېسەللىك بار، ھېلىقى يېرىڭدە بولمىسىمۇ كاللاڭدا بار. بىر دەمنىڭ ئىچىدە مۇشۇ كىچىك قىزغا شۆلگىيىڭنى ئېقىتىپ بولدۇڭ. ئەسلى مەقسىتىڭ مۇشۇمىدى؟ ساڭا دەپ قوياي، بۇنداق نىيىتىڭ بولسا دەرھال يان، بىز خەق سولامچىلىق، شوۋىكەشلىكنى قاتتىق يامان كۆرىمىز..
__ نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭ، ئادەتتە مېنىڭ ئېغىزىم مۇشۇنداق ، بۇنداق سەبىي گۈللەردىن قاراپ زوقلىنىش كېرەك. مەنمۇ خېلى ۋىجدان ئىگىسى. مەنمۇ بېيجىڭغا دەسلەپتە چىققاندا ئاشۇنداق ئاز پۇلغا ئىشلىگەن. بۇ يەرگە ھەممىمىز مۇساپىر، بۇ قىزغىمۇ ئاسان ئەمەس. باققان ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئويلايمىز. مېنى ھېچنېمىنى ئويلىمايدۇ دەمسەن؟ مەنمۇ خېلى ئاق كۆڭۈل نېمە، كىشىگە يامانلىقىم يوق. بۇنداق ئاجىز، گۆدەك قىزنى ئالداپ ياكى زورلۇق ئىشلىتىپ ئىگىلىۋالغۇم يوق. بىزمۇ ئوينايدىغان سەتەڭلەرنى تېپىپ ئوينايمىز، ئۇلار مال ساتىدۇ، بىز مال ئالىمىز.
— سەندەك گۇيلار ئاچكۆز كېلىدۇ-چۇ، خىلىنى تېپىپ ئوينا، ئەمما ئۆزەڭگە كېسەل يۇقتۇرۇۋالما.
— ۋاي خاتىرجەم بول، مەن ئۆزەمنىڭ پىشىغا ئەزەلدىن پۇختا. لېكىن بۇ قىزدىن كۆزۈمنى پەقەت ئۈزەلمەيۋاتىمەن. توي قىلاي دېسەڭ مانا مۇشۇنداق قىزلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل ئىپادىلىسەڭ بولىدۇ.
— بۇ قىز بىلەن توي قىلالمايسەن، ئۇ ئۆلسىمۇ ئۇنىمايدۇ…
— ېمىشقا؟ مەنمۇ بەك قېرىپ كەتمىدىمغۇ؟ 30 ياشقا بارمىدىم تېخى، سەن خەنزۇدىن خوتۇن ئالساڭ بولىدىكەن، مەن نېمىشقا شىنجاڭلىق قىزنى ئالالمايمەن.
— بۇ قىز دېگەن مۇسۇلمان، ھەم سەندىن بەكلا كىچىك، بۇ قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. ئۇنى دەپلا قالساڭ بۇ قىز بۇ يەردىن قېچىپ كېتىدۇ. شۇڭا گېپىڭ مۇشۇ يەردىلا توختاپ قالسۇن.
— مېنىڭ كاللامدىن زادىلا ئۆتمەيدۇ، سەن خوتۇن ئالساڭ بولىدىكەن، ماڭا بولمايدىكەن. يەڭگەمنى مۇسۇلمان قىلالماي تۇرۇپسەنۇ، مەندىن مۇسۇلمانلىقنى تەلەپ قىلىسەن؟ سېنىڭ قانداق ئالاھىدە ھوقۇقۇڭ بار؟ ھازىر دېگەن پۇللا بولسا قىلىمەن دېگەننى قىلغىلى بولىدۇ. مۇسۇلمان بول دېسەڭمۇ بولاي، مەنغۇ ئەزەلدىن بىر نەرسىگە بەك ئېتىقاد قىلىپ باققان ئەمەس. بۇددا دىنىنىمۇ ئۇقمايمەن، كومىنىزىمنى تېخىمۇ چۈشەنمەيمەن. ئىسلام دىنىنىمۇ پەقەت ئاڭلىغان. خىرىستىئان دىنىنى كىنولاردىن ئاز-تولا چۈشەنگەن. لېكىن مەن خىرىستىئان دىنىغا بىر ئاز قىزىقىمەن. ئاڭلىسام ئۇلار سۆيۈشنى بەك قوللايدىكەن…
سەمەت تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز بىئارام بولۇپ كەتتى، جو چۈنگاڭنىڭ گەپلىرىمۇ قۇلىقىغا كىرمىدى، باھارگۇل ئۇلارغا چاي قۇيۇپ بەرگىلى كەلدى، جو چۈنگاڭ ئۇنىڭغا يەنە بىر رەت تىكىلدى. باھارگۇل كۆرمىگەنگە سېلىپ نېرى كەتتى. سەمەت چايدىن بىر يۇتۇم ئىچتى، چاي بەك قىززىق بولمىسىمۇ ئۇنىڭ كانىيىنى ئۆتكۈر بىر نەرسىدەك تىلغاپ ماڭدى، ئۇدا نەچچە كۈن بولدى، سەمەت تۈزۈك تاماق يېمىدى. مەيدىسىدە بىر يىلان باردەك ئۇنى تىنماي قىينايتتى. جۇ خۇڭ بىر نەچچە قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىشنى ئېيتىۋىدى، بىر نەچچە كۈن قاراپ باقىلى دەپ ئۇنىمىدى.
8
سەمەتنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرگەن دوختۇر قوپال بىر ئادەم بولۇپ، سەمەتكە ۋاقىراپ كەتتى:
__ شۇنچە ئېغىرلاپ كەتكىچە نېمىشقا تەكشۈرتمىدىڭ؟
سەمەت ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى:
__ نېمە كېسەلكەن؟
__ قىزىلئۆڭگەچ، ئۈچەي راكى!
سەمەت چۆچۈپ كەتتى، راك دېگەن ساقايماس، ئەجەللىك كېسەل دېگەنلەرنى ئويلاپ تېنى شۈركىنىپ، ئاۋازى پەسلەپ كەتتى:
__ ساقايتقىلى بولامدۇ؟
__ بىر نېمە دېمەك تەس.
جۇ خۇڭ دوختۇرنىڭ بايىقى قوپاللىقىدىن يېرىلغۇدەك بولغانىدى، كېسەلنى ئاڭلاپ بىر دەمدىلا روھى سۇندى. دوختۇر ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغ، مۇھىم ئادەمگە ئايلاندى.
__ ساقايتقىلى بولسا نەچچە پۇل كەتسىمۇ مەيلى دوختۇر، بۇنىڭغا بىر ئامال قىلايلى__ دېدى جۇ خۇڭ ئەمدى كۈلپەتلىك كۈنلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ غەمگە چۆكۈپ.
__ بۇ ناھايىتى يامان سۈپەتلىك بىر راك، كېڭىيىش سۈرئىتى تېز، بالدۇرراق تەكشۈرتكەن بولسا بالدۇرراق داۋالاپ كېسەلنى كونترول قىلغىلى بولاتتى. مانا ئەمدى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ. مۇشۇ ۋاققىچە چىداپ يۈرگىنىگە ھەيرانمەن، جېنىڭغا نېمانداق ئىچىڭ ئاغرىمايدۇ سېنىڭ! شىنجاڭلىق دېگەن شۇنداق بولامدۇ-يا!
__ بىرەر ئاي بولدى، تۈزۈك تاماق يېمىدى، ئۆزىمۇ ئورۇقلاپ ھېچ ھالى قالمىدى. شۇنچە دېسەم ئۇنىمىدى، گال ئاغرىقى، ئىككى كۈن ئۆتسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ دەپلا يۈردى. مانا ئەمدى نېمە ئىش بۇ!؟ نېمىشقا دوختۇرغا بارىلى دېمەيسەن؟ ئاغرىسا نېمىشقا دېمەيسەن، بالدۇرراق ئۆلەي دېدىڭمۇ-يا!…__ جۇ خۇڭ ئازابلىنىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.
سەمەت تاشتەك قېتىپ تۇراتتى، ئۆمرىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ باققىنى بىلمەيدىغان بۇ ئىنسان شۇ تاپتا گېلىدىن بوغۇپ ئۆلۈمگە سۆرەۋاتقان مۇدھىش كېسەلنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ قالغانىدى، خوتۇنى يىغلاۋاتاتتى، ئۇ ئەرلىك جاسارىتىنى يىغىپ دوختۇرغا يۈزلەندى:
__ قانداق قىلىش كېرەك؟
__ بالدۇرراق شۇنداق دەپ ئالدىمغا كەلسەڭ بولمامدۇ؟
__ سەل قاراپتىمەن، بەك ئاغرىتىپ كەتمىگەندىكىن ساقىيىپ قالار دەپتىمەن. چۈنكى مەن ئەزەلدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ باقمىغان.
__ ياتمىغان بولساڭ ئەمدى يات، داۋالاپ باقىلى، ئەمما گەپنىڭ ئوچۇقىنى دەي، ھەر قانچە پۇل خەجلىسەڭمۇ بۇ كېسەلنى تۈپتىن ساقايتقىلى بولمايدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ بوپتۇ. بالدۇرراق ھەرىكەتلەنگەن بولساڭ بەلكىم ئۇلارنى چېكىندۈرگىلى بولاتتى. سەن ھازىر مەغلۇب بولغان ئەسكەرنىڭ ئۆزىلا بولدۇڭ. شۇڭا ئاچچىقىم كېلىدۇ ساڭا، جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمايدىغان نېمىكەنسەن، پۇلۇڭنى بالدۇرراق خەجلىسەڭ بولمامدۇ؟ ساڭا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ساڭا شۇنى دېيەلەيمەن: داۋالاپ باقايلى، ئەمما ئۈمىد چوڭ ئەمەس، بىزدە تېخنىكا، سەۋىيە شۇنچىلىك. پۇلۇڭنى قۇرۇتۇپ بولغاندا دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىسەن، بىر نەچچە ئايلا ياشىيالايسەن. ساڭا مەن ئەركەكتەك گەپ قىلىۋاتىمەن، يالغان گەپ قىلىپ كۆڭۈل ياساپ ئولتۇرغۇم يوق، قالغىنىنى ئۆزەڭ بىل. مېنى سەپرا قىلىۋەتتىڭ… __ دوختۇر ناھايىتى ئىتتىك گەپ قىلاتتى، مىجەزى تولىمۇ چۇس ئادەم ئىدى.
سەمەت بۇ ئەسنادا دوختۇرغا نېمە دېيىشىنى بىلەلمدى، دوختۇرنىڭ چىرايىدىكى ھارغىنلىق، كۆزلىرىدىكى بىلىنەر-بىلىنمەس غەزەپ، ئارىدا ئوچۇق ئېيتىلغان گەپ سەمەتنى ئەمدى پۇل خەجلەپ داۋالىنىشنىڭ ئوپئوچۇق زىيان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. بەرىبىر ئۆلىدىغان گەپكەن، قانچىلىك ئۆمۈر قالغاندۇ، بىر ئاي؟ بىر ھەپتە، ئۈچ كۈن؟ سەمەتنىڭ پاچاقلىرى تىترەپ، دەلدۈگىنىپ كەتتى، جۇ خۇڭ ئۇنى يۆلىۋالدى. جۇ خۇڭ ئەمدى ئۈنچىقارماي يىغلايتتى، سەمەتكە چىڭ ئېسىلىپ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسىمۇ ئۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېقىن تۇرۇشنى ئىستەيتتى.
__ نەچچە پۇل كەتسە مەيلى، داۋالىتىپ باقايلى، چوقۇم پايدىسى بولىدۇ. ھېچ بولمىسا ئۇزاقراق…
__ دوختۇرخانىدا ياتمايمەن!__ دېدى سەمەت كەسكىنلىك بىلەن، __ دوختۇر دېدىغۇ ساقايتقىلى بولمايدۇ دەپ، راك دېگەن زادى ساقايمايدىغان كېسەل، بىر مۇنچە پۇلنى بۇزۇپ داۋالانغان بىلەن قانچىلىك ياشاپ كېتەرمەن؟ بولدىلا، ھامىنى ئۆلىدىغان گەپكەن…
___ سەن ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، مەن قانداق قىلىمەن؟ سەن ئۆلسەڭ مەن قانداق قىلىمەن؟ ئون نەچچە يىل ياشاپ ئەمدى بۇ كۈنگە كەلگەندە سېنى بۇنداق تاشلىۋېتىشكە بولامدۇ؟
__ مېنى داۋالىتىپ بار دەسمىيىنى قۇرۇتۇپ بولساڭ تالادا تىلەمچىلىك قىلامسەن؟ قىزىمىزنى كوچىغا چىقىرامسەن؟ كاللاڭ ئىشلەمدۇ سېنىڭ؟ __ سەمەت خوتۇنىغا سەل-پەل ئاچچىق ھەمدە ئىلتىجا بىلەن تىكىلدى.
__ ئۇنداق ئادەم ئاغرىقىڭنى داۋاملىق يوشۇرۇپ ئۆيدە جىمجىتلا ئۆلۈپ قالساڭ بولمامدۇ؟ __ دېدى جۇ خۇڭ بايا دوختورنىڭ ئالدىدا چىقىرالمىغان ئاچچىقىدىن كۆپۈپ پارتىلاپ ،__ نېمىشقا كېسەل تۇرۇپ ۋاقتىدا كۆرۈنمەيسەن؟ نېمىشقا بىزنى ئويلىمايسەن؟ ئەمدى كېسەل چىققاندا، داۋالانمايمەن دېسەڭ قانداق بولىدۇ؟ ئالدىمدا ئۆلۈپ بېرەمتىڭ؟ مېنى يا ۋىجدانسىزغا چىقىرىپ قېشىڭدىن قوغلىۋەت، يا بولمىسا داۋالىنىمەن دە..
__ سەن خەق زادى جاھىل، مېنىڭ داۋالانغۇم يوق ئەمەس، لېكىن پايدىسى يوق دەۋاتمامدۇ؟ نەچچە يىل جاپادا ئىشلەپ تاپقان پۇلنى ئون- ئونبەش كۈندە سورىۋېتىپ، يەنە ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىدىكەنمەن، مەن ئۇنداق ئەخمەق ئەمەس، بۇ دوختۇر قوپال نېمە بولغان بىلەن راست گەپ قىلىدىكەن. بولدى، سەن ئارتۇقچە ئازابلىنىپ كەتمە، مەن يىقىلىپ قالغىچە شىنجاڭغا كېتىپ شۇ يەردە داۋالىناي، ئۆلسەممۇ شۇ يەردە ئۆلەي… مەن باياتىن مۇشۇنداق قارار قىلىپ بولدۇم.
__ سەن ئەڭ ياخشىسى يەنىلا داۋالانغىن، بۇ دوختۇرنىڭ نېرۋىسى سەل چاتاقتەك قىلىدۇ، باشقا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرسىتىپ باقايلى.
__ بىكار ئاۋارە بولىمىز، پايدىسى يوق.
__ ماقۇل دېگىن، ئەگەر بۇ قېتىممۇ شۇنداق نەتىجە چىقسا دوختۇرلار يەنە نېمە دەيدۇ، ئاڭلاپ باقايلى.
__ پۇل دەيدۇ، پۇل. دوختۇرخانىدىن بەرىبىر ئۆلۈكۈم چىقىدۇ. مېنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ قالغۇم يوق، ھازىر خېلى ياخشى ۋاقتىمدا بارىدىغان جايىمغا بالدۇرراق بېرىۋالسام دەيمەن، ئەگەر سەن مېنىڭ ئىشىمغا كاشىلا قىلساڭ، سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن خوتۇن!
__ ماقۇل، ماقۇل، ئەمما مېنىڭ دېگىنىم بويىچە باشقا دوختۇرخانىغىمۇ بىر بېرىپ باقايلى. ئاندىن پەقەت ئۇنىمىسڭ، سېنىڭ دېگىنىڭدەك قىلايلى.
ئۇلار يەنە بىر داڭلىق دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەلنى تەكشۈرتتى. دىئاگنۇزغا مەسئۇل دوختۇر جۇ خۇڭنى چاقىرتىپ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىردى:
__ قىزىل ئۆڭگەچتىن باشلاپ ئۈچەيگىچە راك ھۈجەيرىلىرى قاپلاپ كېتىپتۇ، ئاشقازانغا يامراش خەۋپى بار. كېسەل ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ. ئىلگىرى تەكشۈرتۈپ داۋالانغانمۇ؟
__ ياق، تۇنجى قېتىم كېلىشىمىز.
__ ۋاقتىدا كۆرۈنمەپتۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ساقايتىش تەس، پەقەت راكنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇپ قالالايمىز، خىمىيىلىك داۋالايمىز. داۋالىتىمىز دېسەڭلا ئاۋۋال 100 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇڭلار، كېيىن كېسەل تەرەققىياتىغا قارايمىز، ئۆمرىنى بىر ئاز ئۇزارتىشقا بولىدۇ…
جۇ خۇڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى سېلىنغان بىر خالتا نەرسىنى قولتۇقلاپ سەمەتنىڭ يېنىغا كەلدى، روھى بەكلا چۈشۈپ كەتكەنىدى.
__ مەن دېمىدىممۇ، ئارتۇق پۇل خەجلەپ يەنە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالدۇق. ئۈمىد يوق دېگەندىكىن ئۈمىد يوق، بۇ دېگەن خۇدايىمنىڭ تەقدىرى، خۇدانىڭ تەقدىرىگە بەندىنىڭ ئىلاجى يوق، __ سەمەت ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى خۇدانىڭ قۇدرىتىگە باغلاپ ئۆزىنى شۇنچە روھلۇق تۇتۇشقا تىرىشسىمۇ، كۆڭلىنىڭ بىر يېرىدە تۈگىمەس بىر تەشۋىش، ۋەھىمىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالدى. قۇربان ھېيت كۈنى بارغان مەسچىتتىكى جامائەتنى، نەچچە ئايدا بىر قېتىم بېرىپ قويىدىغان جۈمە نامازلىرىدا ئىمامغا ئەگىشىپ دۈم يېتىپ قىلغان سەجدىلىرىنى ئويلىدى. ئارقىدىنلا ئاشخانىدا كۈندە دېگۈدەك بىرەر رۇمكىدىن ئىچىپ قويىدىغان ھاراقلىرى، مەستلىكتە قىلىپ سالغان بىھايا ئىشلىرى، خوتۇنىنى مۇسۇلمان قىلىمەن دەپ قىلالمىغانلىرى، يەنە ئاللىقانداق گۇناھلىرى ئېسىگە كېلىپ تۇرۇۋالدى، ئىچى چايان چاققاندەك قورۇلدى، ۋۇجۇدى سوغۇق تەرلەپ كەتتى: “ خۇدا، ئازماس ئاللاھ، بەندەڭنى ئەپۇ قىل، مەن ئەمدى قانچىلىك ۋاقتىم قالسا شۇنچىلىك تۆۋە قىلاي…“
جۇ خۇڭ گەپ قىلماي يىغلامسىراپ كېتىۋاتاتتى.
ئەتىسى جۈمە كۈنى ئىدى، سەمەت بېيجىڭدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولغان نيۇ مەسچىتىگە بالدۇر بېرىپ ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ غۇسلى قىلدى. بىر-بىرى بىلەن سالاملىشىۋاتقان، گەپ قىلغاچ يۇيۇنۇۋاتقان، تاھارەت ئېلىۋاتقان ساغلام ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ھەۋەسلەندى، بىر ئاز ھەسەتمۇ قىلدى. ئۇلاردىن بىر نەچچىسى سەمەتنى تونۇپ سالام قىلدى، ئەھۋال سورىدى. تونۇمايدىغانلىرى باش لىڭشىتىپ قويدى، بەزىسى قارىمايمۇ قويدى. ”خوتۇنۇڭ خەنزۇ بولغاچقا مۇشۇ كۈنگە قالدىڭ بىچارە بايقۇش، بۇ دېگەن خۇدايىمنىڭ جازاسى“ دەۋاتقاندەك قىلاتتى ئۇلار. سەمەت ئارتۇق ئويلىمىدى، خۇدايىمنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ھازىر ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، ئويلايدىغان ئىشلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ئىدى. ئۇ يۇيۇنۇپ يەڭگىللەپ قالغان ۋۇجۇدىنى مەسچىتكە ئېلىپ كىردى، ۋەز سۆزلەۋاتقان ئىمامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئالدىنقى رەتتە ئولتۇردى. سۆزلىنىۋاتقان ۋەز تولىمۇ پاساھەتلىك، تەسىرلىك بولۇپ، بۇ مەسچىتتە ئۇنى سەمەتتەك ئىخلاس بىلەن تولۇق چۈشىنىدىغان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر تولىمۇ ئاز ئىدى. خۇيزۇ ئىمام گويا سەمەتنىڭ كۆڭلدىكىنى تېپىۋالغاندەك سۆزلەيتتى، سەمەت ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، قەلبى ئېرىپ كەتتى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى، بۇ رەھمەتتىن پەقەت كاپىرلارلا ئۈمىدسىزلىنىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمان بەندىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئۈمىدسىزلەنمەي، گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىپ، ئاللاھنى داۋاملىق ياد ئېتىپ، جەننەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاخىرىغىچە تىرىشىشى كېرەكلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمان ھالىتىدە ئۆلۈپ كېتىشى لازىملىقىنى بىلىۋالغىنىدىن خۇددى ئابى زەمزەم ئىچىۋالغاندەك روھلىنىپ، بىر نەچچە قېتىم ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن قىمىرلاپ قويدى.
خاتىپ خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا سەمەت گەرچە ئەرەبچىنى چۈشەنمىسىمۇ، ئاۋازدىكى قەتئىيلىك، جاسارەت، تەلەپپۇز، چاقىرىق ئاھاڭلىرىنى ھېس قىلدى؛ يەنە بىر ئەزان ئوقۇلغاندا دۇئا قىلدى، ئىمام نامازنى باشلىغاندا روھى گويا شۇ قىرائەتنىڭ قېتىغا شۇڭغۇدى، ئىمام ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ ئېگىلگەندە ئىخلاس بىلەن ئېگىلدى، سەجدە قىلدى، كۆزلىرىگە ياش كەلدى، ناماز ئاخىرىدا ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولۇشىنى چىن دىلىدىن تىلەپ دۇئا قىلدى، يەنە يىغلاپ سالدى…
ئۇ مەسچىتتىن چىققاندا بىر توپ ئۇيغۇرلار مەسچىت دەرۋازىسى ئالدىدا توپلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ دىدارىغا قارىشىپ، سالاملىشىپ تۇراتتى. ئۇيغۇر باققال، سامسىپەز، ماتاڭچىلارنىڭ بازىرى قىززىپ كەتكەنىدى، سەمەت يەنە بىر قانچە ئايالنى كۆردى، يەنە بىر يالاڭباشتاق چىرايلىق قىزغا سەپسالدى. بالا كۆتۈرۈۋالغان بىر ئايال ئېرىنىڭ مەسچىتتىن چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك قىلاتتى، بۇ ئاياللار سەمەتكە شۇنچىلىك سۆيۈملۈك، يېقىملىق كۆرۈنۈپ كەتتىكى، يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشتى، چىدىمىدى ۋە ئۇزاق تۇرالمايلا كېتىپ قالدى، بىر توپ ئۇيغۇر شۇ يەردە بازىرىنى قىززىتىپ قالدى، سەمەت مۇشۇ كېتىشتە ئەمدى ئۇلاردىن ۋە بۇ مەسچىتتىن مەڭگۈ خوشلىشىدىغاندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ كۆڭلى بۇزۇلدى.
9
ئەجەللىك كېسەل سەمەتنى بېيجىڭدىن، ئاشخانىسىدىن، ئۆيىدىن، ھەتتا خوتۇنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ بارماقتا ئىدى. جۇ خۇڭنىڭ كۆزى دائىم يىغىدىن قىزىرىپلا تۇراتتى، ئاشخانىدىكى ھېچقانداق ئىشقا قولى بارمىدى. ئاشپەز ئۇستاملار بۇ ئەر-خوتۇنغا بىر ئىش بولغانلىقىنى سەزدى. سەمەت ھۇجرىسىغا بېكىنىۋېلىپ تامدىكى دۇتتىرىغا قاراپ، تاماكا چېكىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى. بىر چاغدا جۇ خۇڭ ئۆيگە كىرىپ سەمەتنىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ باقتى: يېتىم بالا، ئاتا-ئانىسى يوق، بىر ئىنىسى يۇرتىدا، شىرەم تۇغقانلىرى ئۈرۈمچىدە، سەرسان بالا، تەلەيسىز بالا، مېنىڭ ئېرىم، مەندىن ئايرىلماقچى… قىزىمىز يېتىم قالىدىغان بولدى، 100 مىڭ يۈەن، ساتسا بۇ پۇلغا يارىمايدىغان ئاشخانا، نەچچە يىللىق ئەجر، كەتسە مەيلىدىغۇ، داۋالانسىمۇ پايدىسى يوق قانداق بىر جاللات كېسەل چاپلاشتى بۇنىڭغا؟… غېمىدە يوق ياتىدۇ، مەن گويا كېسەلدەك سالۋاراپ يۈرىمەن… جۇ خۇڭ دائىم جىددىيلىشىپ پالاقلاپ يۈرەتتى ، ئۇششاق ئىشلارنى كۆپ ئويلايتتى.
__ شىنجاڭغا قاچان ماڭىمىز؟ ئاشخانىغا كىم قارايدۇ؟ ھېلىقى ئەرزخور قېرى بۈگۈن يەنە بىكارغا تاماق يەپ چىقىپ كەتتى، سېنى سورىغانىدى، يوق دەپ قويدۇم…
__ جو چۈنگاڭغا دەيلى، ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ ئەكىلىپ بەرسۇن، بولسا ئەتە-ئۆگۈنلا مېڭىپ كەتسەك بولاتتى…__ دېدى سەمەت، ئۇ سەھەردە بىر ۋاق ناماز ئوقۇشنى باشلىۋالغاندىن بېرى خېلى تەمكىن كۆرۈنەتتى.
__ مەن بارسام تۇغقانلىرىڭ ماڭا قانداق قارايدۇ، يالغۇز يېنىپ كېلەمدىمەن؟
__ ھېچقانداق قارىمايدۇ، ھازىر دېگەن شىنجاڭ ئۆزگىرىپ كەتتى. ھەرگىز غېرىبسىنمايسەن، كوچىدا تونۇش تۇغقانلىرىڭ ئۇچراپ قالامدۇ-تېخى!
__ ئاينۇرغا خەۋەر قىلامدۇق؟
__كېسەلنى دېمەيمىز، ئۈرۈمچىدە بىر-ئىككى تۇرۇپ كۆرۈشۈپ ماڭايلى،__ سەمەت قىزىغا بىر گەپلەرنى دەپ قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلغانىدى.
جو چۈنگاڭ سەمەتنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئاشخانىغا تېزدىن يېتىپ كەلدى.
__ مەن جۇ خۇڭ بىلەن شىنجاڭغا بارىدىغان بوپ قالدۇق، ئاشخانىغا قاراپ بېرەلەمسەن؟
__ ۋو ساۋ،__ دەپ تاشلىدى جو چۈنگاڭ،__ نېمانچە تۇيۇقسىز ؟ نېمە ئىش بولدى؟
__ شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىمىز، بۇ يەردىن زېرىكتۇق.
__ مەنمۇ بىللە باراي، بەك ئىسسىپ كەتتى بۇ بېيجىڭ، كۈندە يامغۇر، مەنمۇ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ باقسام، تەم ئالماشتۇرۇپ باقسام دەيمەن… ھەقىقىي شىنجاڭ كاۋابلىرىنى يېگۈم بار، ___ جو چۈنگاڭنىڭ كۆزلىرى پىقىراپ، جاھاننى ئايلىنىپ تۇراتتى. ھېچنېمىدىن غېمى يوق ئويۇنچى ئەبلەخ دەپ ئويلىدى سەمەتنىڭ ئىچى پۇشۇپ.
__ ئاشخانىغا قاراپ بېرەلەمسەن-يوق، يارىمىساڭ باشقا ئادەم تاپىمەن!
__ زادى نېمىگە شۇنچە تۇيۇقسىز ماڭىدىغان بولۇپ قالدىڭلار؟
__ تۇيۇقسىز ئەمەس، پىلانلاپ بولغان ئىش. قىزىمىزنى كۆرگىلى، تۇغقانلىرىمىزنى يوقلىغىلى بارىمەن. جۇ خۇڭ شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغان، بۇ قېتىم بىللە ئاپىرىمەن. ھەممە ئىشىمىزنى ساڭا ئالدىنئالا دوكلات قىلىپ تۇرساق بولاتتىمۇ گۇي…
__ قاراپ بېرەي، قانچە پۇل بېرىسىلەر؟
__ كەلگەندە ھېسابلىشىمىز.
__ ئاشخانىدىكىلەرنى رەنجىتىپ قويسام مەيلىمۇ؟
__ باھارگۇلنى رەنجىتىپ قويمىساڭلا، قالغىنىدىن خاتىرجەممەن.
__ بۇ قىزنى قانداق رەنجىتىپ قويغىلى بولسۇن، گۈزەل قىزنى ھېچكىمنىڭ رەنجىتكۈسى كەلمەيدۇ، خاتىرجەم بول، ئۆزىنىڭ ئاكىسىدەك قارايمەن بۇ قىزغا… مېنى بىلىپ قالىدۇ.
__ ھەممىسى ساڭا ئامانەت، ئامانەتكە خىيانەت قىلساڭ ئاغىنەم دېمەيمەن، بۇ گەپنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت. ھېلىقى ئەرزخور قېرى كېلىپ قالسا مېنىڭ ئورنۇمدا قاراپ قوي، بىزنىڭ ھويلىدىكى موماي ئىجارە دەپ قالسا كەلگەندە بېرىدۇ دەپ قوي، ئاشخانىنىڭ كىرىم-چىقىمىنى ئۆزەڭ بىلىپ باشقۇر. مەن ساڭا ئىشىنىمەن.
__قالغان ئىشلار ئاسان، ئەگەر باھارگۇل مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا كۆنمەي كېتىپ قالسىچۇ؟
__ سېنىڭ كاللاڭ يەنە شۇ قىزدا قالدىما؟ ئەگەر ئۇ قىزنى رەنجىتىپ كەتكۈزۈپ قويساڭ يۈزۈڭگە ئىككىنچى قارىمايمەن. بۇ قېتىم كېتىپ ئەگەر پەۋقۇلئاددە بىر ئىش چىقىپ كېلەلمەي قالغۇدەك بولسام جۇ خۇڭ سەن بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. يەڭگەڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا. قالغىنىنى كېيىن بىلىپ قالىسەن… __ سەمەتنىڭ چىرايى تارتىشىپ، زۇۋانى توساتتىن ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. جو چۈنگاڭ بۇنىڭدىن سەل غەلىتىلىك سەزدى، گۇمانى تېشىغا تەپتى:
__ ئەجەپ بىر گەپلەرنى دەپ كەتتىڭ، يېنىپ كېلىدىغانسەن؟
__ يېنىپ كېلىمىز،__ دېدى جۇ خۇڭ چاندۇرماي .
__ سەن ئاۋۋال بىزگە ئىككى دانە ئايروپىلان بېلىتى ئەكىلىپ بەر، ئەتە ئۇچىدىغاننىڭ بولسىمۇ بولىدۇ.
__ شەخسىي كاتىپىڭدەك ئىشلىتىپ كەتتىڭ، مېنىڭمۇ ئىشىم بار ئادەم ئىدىم، ئاشخاناڭغا قارايمەن دەپ، ئىشىمدىن قۇرۇق قالىدىغان بولدۇم. كېلىپ زىيىنىنى تۆلەپ بەرمىسەڭلار بولمايدۇ، بولمىسا ئاشخاناڭلىدىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. ھەممىسى مېنىڭ بولىدۇ…
__ نىيەتنى بۇزماي تۇر، كېيىن ھېسابلىشىۋالىمىز.
جو چۈنگاڭ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. سەمەت ھۇجرىسىغا قايتىپ دۇتتىرىنى قولىغا ئالدى. خالا-خالىماس ھالدا بىر پەدىگە دىرىڭلىتىپ چالدى. ئەتىسى بۇ دۇتتارنى قېپىغا سېلىپ، ئايروپىلان بىلەن شىنجاڭغا ئېلىپ كەتتى.
ئۈرۈمچىدە ئۇلار قىزى بىلەن كۆرۈشتى. ئاتىسىنى تارتقان، قارا قاشلىق، بۇغداي ئۆڭ قىز ئىدى، ئاتا-ئانىسىغا تازا يېقىن كەلمەيتتى، سەمەتكە ئۇيغۇرچە گەپ قىلسا، ئانىسىغا خەنزۇچە گەپ قىلىپ، ئەھۋالىدىن گاھى خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىسە، گاھىدا دەردىنى تۆكەتتى. گېپىدىن قارىغاندا، سەمەتنىڭ ئاچىسىدىن تازا رازى ئەمەستەك، قىزلىرى بىلەن كېلىشىپ بولالمىغاندەك قىلاتتى، كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئىمتىھاندىن ئۆتسە ، ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدىن بالدۇرراق ئازات بولغۇسى بار ئىدى. ئۈچەيلەن بىر رېستۇرانغا كىرىپ تاماق يىدى.
__ سېنىڭ كېيىن نېمە ئىش قىلغۇڭ بار قىزىم؟،_ دېدى سەمەت قىزىغا باشقىچە مېھىر بىلەن قاراپ.
__ مودېل بولغۇم بار ئىدى، قارىسام شەرتىم توشمايدىكەن، بويۇم ئاران بىر مېتىر 65 ، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا رىياسەتچى بولاي دەپ ئويلىدىم. قوش تىللىق رىياسەتچى بولالايمەن.
__ مودېل بولساڭ ئىشىڭ چاتاق، بولالمايسەن. رىياسەتچى بولساڭ بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن داشۆگە ئۆتۈپ ياخشى ئوقۇشۇڭ كېرەك. يەنە ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇڭ بارما؟
__ ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇم بار، بۇ شەھەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئىچكىرىگە بارسام ئانچە كۆنەلمەيدىكەنمەن.
جۇ خۇڭ بۇنىڭ ھەممىسىگە سەمەت سەۋەبچى بولغان دەپ ئويلايتتى، سەمەتكە نارازىلىق بىلەن قاراپ قويدىيۇ دەرھال ئەسلىگە ياندى، ھازىرقى پەيتتە ھەر ئىشنى سەمەتنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئويلاپ ماڭمىسا بولمايتتى.
__ ھەدەڭنى قاقشاتما، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغىمۇ ئانچە-مۇنچە قارىشىپ بەر. بالىلىرى بىلەن ياخشى ئۆت. لېكىن كېيىنكى يولۇڭنى ئۆزەڭ تاپمىساڭ بولمايدۇ،_ دەپ قويدى جۇ خۇڭ.
سەمەت بۇ قىزىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيتتى، پەقەت ئۇنىڭ يامان يولغا كىرىپ قالماسلىقىنى، جەمەتىنىڭ يۈز-ئابرويىنى خار قىلماسلىقىنى، ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يېيەلەيدىغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. قىزى ھېچنېمىدىن بىخەۋەر تاماق يەيتتى، كولا ئىچەتتى.
سەمەت خوتۇنىنى ئېلىپ يۇرتىغا كەلگەندە ئاسماننى قويۇق توپا-چاڭ قاپلاپ كەتكەنىدى. چۆرىسى قۇملۇق بىلەن قاپلانغان بۇ زېمىن ئۇنىڭغا ئاشۇنداق تۇتۇق، خۇنۇك ھالەتتە قۇچاق ئاچتى. ناھىيە بازىرىدا ئادەم شالاڭ بولۇپ، موتو بىلەن بولكىۋاي ماشىنىلار قۇلاقنى يارغۇدەك گۈرۈلدىشىپ چېپىپ يۈرەتتى. سەمەت بىر شيالى ماشىنىنى كىرالاپ مەھەللىسىگە ماڭدى. يولبويى كۆرۈنگەن غېرىپ مەنزىرە، توپا چىراي دەرەخلەر، قوناقلار، كالىلار، بالىلار، سەپرا دېھقانلار كىنو لېنتىسىدەك تىزىلىپ ئۆتتى. توپا-چاڭ قويۇقلىشىپ كەتكەچكە شوپۇر يولنى تەستە پەرق ئېتىپ ئاستا ماڭاتتى. سەمەت مۇشۇنداق غېرىبلىق، توپا-چوڭ ئىچىدە كېتىۋېتىپ ئۆزىنى ئۇدۇل تۇپراق بېشىغا، لەھەتكە كىرىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدى، يېنىدىكى خوتۇنىنى تامامەن ئۇنتۇغان ھالدا ئىدى. قوي ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر شوخ بالا تايىقىنى ماشىنىغا ئۇرۇپ قۇيۇپ قېچىپ كەتتى، ئۇنىڭسىزمۇ سەپرالىشىپ ئاران تۇرغان شوپۇر “ ھۇ شۇم“ دەپ ئۇ ”تاز“نى تىللاپ كەتتى. بىر چاغلاردىكى سۈزۈك ئاسمان، چەشمە سۇلار قاياقلارغا كەتتىكىن؟ ئېرىقلاردا سۇ كۆرگىلى بولمايتتى، ئەمما كۆۋرۈكلەر شۇ پېتى. يولنىڭ ناچارلىقىدىن ئېشەك ھارۋىلىرىمۇ ئاۋايلاپ ماڭاتتى. خۇدا شۇنداق بىر كۈنلەرنى بەندىلىرىگە كۆرسىتىپ تۇرىدىكەنكى، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ! بەش يىل ئاۋۋالقى مەھەللە يول بويىدىكى دەرەخلەرنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا شۇ پېتى تۇراتتى، سەمەت ئىنىسىنىڭ ئۆيىنى تېپىپ ئۇزۇن يىللىق ھاردۇقىدىن چىققاندەك ئۇھ تارتىپ قويدى، ئەمما نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيى ئەمەس ئىدى، ناھىيە بازىرىدىن، ھېچ بولمىسا مۇشۇ مەھەللىسىدىن يەر ئېلىپ ئۆزىگە تەئەلۇق بىر ئۆي سېلىپ قويۇشنى نېمىشقا بالدۇرراق ئويلىماپتىكىنە؟ بېيجىڭدا مەڭگۈ ياشاپ قالىمەن دەپ يۈرگەن گەپ، غەپلەت دېگەن گۇي تازا باسقان گەپ. سەمەت ئىنىسىنىڭ ئۆيىنىڭ شادا دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ ھويلىدىكى نامراتلىق، قالايمىقانچىلىق، غېرىبلىققا تىكىلىپ، مۇشۇمۇ تۇرمۇشمۇ؟ بۇلار بەش يىلدىن بېرى نېمە ئىش قىلدى؟ ھۆكۈمەت ناچارمۇ ياكى بۇلار بولۇمسىزمۇ؟ دەپ ئويلاپ تازا ئىچى پۇشتى، كېسىلىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى. سەمەتنى ئەڭ ئاۋۋال ئىنىسىنىڭ بالىلىرى كۆرۈپ بىر دەم سەپسېلىپ قاراپ تۇرۇپ، ئاخىرى تونۇپ ئەيمىنىپرەك يېقىن كەلدى. سەمەت ئۇلارغا يانچۇقىدىن پارچە پۇللارنى چىقىرىپ تۇتقۇزۇپ قويدى. جۇ خۇڭ ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئېلىۋالغان كەمپۈتلىرىنى تارقىتىپ بەردى. سەمەت قويلار ماياقلىۋەتكەن ھويلىغا قەدەم بېسىشىغا ئىنىسىنىڭ خوتۇنى ئاشخانىدىن ھارغىن چىقىپ كەلدى، بالدۇر قورۇق چۈشۈپ كەتكەن يۈزلىرىگە زورىغا كۈلگە يۈگۈرتۈپ تىنچلىق سورىدى. بالىلاردىن بىرى دادىسىنى ئېتىزلىقتىن چاقىرىپ كەلگىلى كەتتى. سەمەت ئاق شىم كىيىۋالغانىدى، پىشايۋان ئاستىدىكى توپا سىڭىپ كەتكەن كىگىزگە قاراپ ئولتۇرايمۇ-ئولتۇرمايمۇ دەپ ئىككىلىنىپ، ئۆزىنىڭ پات ئارىدا بەرىبىر توپىغا كۆمۈلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئولتۇراي دەپ تۇرۇشىغا ئىنىسىنىڭ خوتۇنى نەدىندۇر بىر كۆرپىنى تېپىپ ئەكىلىپ ئاستىغا سېلىپ قويدى. نامرات دېھقاننىڭ داستىخىنىدا بارى شۇ، كىرلىشىپ كەتكەن داستىخان، سىرى چۈشۈپ كەتكەن بىر لىگەن، پۇچۇق پىيالە، قېتىپ كەتكەن نان، كېسەك چاي. ياز كۈنلىرى نەدىن بولمىسا بىر يەردىن بىرەر قوغۇن-تاۋۇز تېپىلىپ قالىدۇ. بولمىسا قاتتىق نان بىلەن چاي ئىچىدىغان گەپ. سەمەت ئىنىسىغا شۇنچە ياردەم قىلاي دېسىمۇ، خەنزۇ خوتۇن ئالغىنىغا ئىزچىل نارازى بولۇپ كەلگەن ئىنىسى ئۇنىڭ ياردىمىنى رەت قىلىپ كەلدى، بوينى قاتتىق بۇقىدەك بىر دېھقان ئىدى. ياپياش تۇرۇپ ئاكىسىدىن بەك قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. بىر چاغدا ئۇ پۇشقاقلىرى تۈرۈلگەن ھالدا ھويلىغا كىرىپ كەلدى-دە، كەتمەننى تولۇقتاشنىڭ يېنىغا قويدى، ئاكىسىغا چىرايىنى ئېچىپ شۇنداقلا بىر قاراپ قويدىيۇ، ئەسلىدىكى قاتاڭغۇر چىرايىغا قايتتى. چۆيۈندەك قوللىرى ئاكىسىنىڭ پاختىدەك يۇمشاپ كەتكەن قوللىرىنى بوشلا قىستى، جۇ خۇڭغا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.
كەچ سائەت توققۇز بولماستىنلا بۇلار ئۇخلىغىلى تەمشىلەتتى. تاماقتىن كېيىن سەمەت شادا دەرۋازا ئالدىدىكى ئېرىق بويىغا قاتار تىكىلگەن تېرەكلەرگە مىخلاپلا قىلىنغان شال ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەچ بارا-بارا قارىيىپ كېتىۋاتقان ئاسمانغا قاراپ يەنە ۋەھىمىگە، ئاللىقانداق ئەندىشىلەرگە چۆكتى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىنىسى بىلەن ئوبدان بىر مۇڭدىشىۋالغۇسى، بۇ چىدىغۇسىز غېرىپ ۋاقىتلارنى ئىمكانقەدەر ئارقىغا سوزغۇسى، بىردەم بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئىنىسىنىڭ زۇۋانىدىن تىرىكلىك ۋە قېرىنداشلىقنىڭ يېقىملىق تىۋىشلىرىنى قېنىپ ئاڭلىغۇسى بار ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئىنىسى بىلىپ بولالمايتتى، شۇڭا ئۇ ئىنىسىنى تالاغا چاقىرىپ چىقتى. ئىنىسى بىر موخۇركىنى ئوراپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئېغىر ئىدى، ھېچ گەپ قىلغۇسى يوقتەك قىلاتتى.
__ ئۆيۈڭگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلدىم ئۇكام، بىر نەچچە كۈن قېشىڭدا تۇرۇۋالاي…- سەمەتنىڭ تاماكىدىن بىكار بولمايدىغان ئېغىزىدىكى پاپىرۇس تىترەپ چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى.
__ ھەي ياقەي، ئۆي كەڭرىغۇ…
__ خالىساڭ، ساڭا يەتكۈدەك پۇل بېرەي، ئۆيۈڭنى يېڭىلىۋال..
__ رەھمەت، ھازىرچە مۇشۇ ئۆيمۇ بولىدۇ.
__ ئۆيۈڭ بەك كونىراپ كېتىپتۇ..
__ يېقىندا ھۆكۈمەت چاققۇدەك، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي دەپ سېلىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ…
__ شۇنىڭغىمۇ پۇل كېرەكتۇ؟ ھۆكۈمەت بىكارغا سېلىپ بەرمەيدىغاندۇ؟
__ 7000 كوي تاپشۇرىدىكەنمىز.
__ ھە شۇنىڭغا بولسىمۇ ياردەم قىلاي ئەمىسە…
__ ياق بولدى، پۇل بار، يەتمىسە قوتاندىكى مال-چارۋىنى ساتارمىز.
__ نېمانداق جاھىللىق قىلىسەن ئۇكام، ئارتۇق پۇل بېشىڭغا ئۈسمەس، بالىلىرىڭنى بولسىمۇ ئوقۇتمامسەن؟
__ بالىلارنىڭ ئوقۇش، ماتېرىيال پۇللىرىنى ھەقسىز قىلىدىكەن…
__ ئاغرىپ قالساڭ پۇل لازىم بولار، خوتۇنۇڭ يېڭى كىيىم كىيمەسمۇ؟ ئوغۇت ئالىدىغانغا پۇلۇڭ كەملەپ قالماسمۇ؟
__ ياخشى كۆڭلۈڭ تېگىل بولدى ئاكا، خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن مۇشۇنچىلىك كۈن كۆرۈۋاتىمىز. ئارتۇق ھاجىتىمىز يوق. ئەگەر بولسا ساڭا دەيمىز.
__ سەن دېمەيسەن ئەمەسمۇ؟ تۇتقان ئۆيۈڭگە قاراپ يىغلىغۇم كېلىپ قالدى…
__ شۇنداقمۇ تېخى__ دەپ خىڭىلداپ كۈلۈپ قويدى ئىنىسى،_ كۇلىدا كۈنۈڭ بەك ياخشى ئوخشىمامدۇ؟ كۇلى دېگەنمۇ جەننەت ئەمەستۇ؟! كەتكەنلەر كېلىۋاتىدۇ، كېلەلمىگەنلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كېلىۋاتىدۇ. يېنىپ كەلگەنلەر سېنى خوتۇنى تەتەي بولغاچقا جېنىنى بېقىپ كېتەلىدى، خوتۇنىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدۇ… دەپ كېلىشتى. ئاڭلىدۇق، ئەھۋالىڭ شۇكەن…
— كۆرەلمەس گۇيلار ، ئانىسىنىڭ قېشىدا خوتۇنىنىڭ سىزىقىدىن چىقماي يۈرۈپتىمەنمۇ؟ 10 نەچچە يىلدىن بېرى تەتەينى خوتۇن قىلىپلا كەلگەن يېرىم بار شۇ. بۇ خوتۇننى مەن مەدىكار قىلىپ ئىشلىتىپ ئاندىن ئالغان، ئۇ گۇيلا ئۇقمايدۇ، ئۆزى بىر ئىش قىلالماي مېنى خوتۇنىغا تاياندى دەپ سېسىق گەپ تارقىتىشىدۇ.. شۇلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ يۈردۈڭما؟
__ مەن قايسى بىرىگە ئىشنەي، خۇدا ئۆزى بىلەر. لېكىن سېنىڭ تەتەي ئالغىنىڭ پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. ئاتا-ئانام ھايات بولغان بولسا شۇنداق قىلالامتىڭ؟
__ تەتەينىڭ نېمىسى يامان؟ سىلەر ئۇقماي دەۋېرىسىلەر… بۇلارمۇ ئادەمغۇ، خۇدايىمنىڭ بەندىسىغۇ؟ مۇسۇلمان قىلاي دەپ ئالدىم، لېكىن كۇلىچىلىقتا بۇ ئىشلار تەسكەن، ئۆزەممۇ تېخى ئەمدى مۇسۇلمان بولۇۋاتىمەن ئۇكام، راست دەيمەن، بۇرۇن ئۇقماي يۈرۈپتىكەنمەن…
__ بېشىڭغا بىر ئىش كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟
— قانداق دەيسەن؟— ئەمدى دەيمىنا، تۆۋە قىلىۋاتقاندەك قىلىسەن.
— كۆڭلۈڭ تۇيغان ولسا توغرا، بېشىمغا چوڭ بىر ئىش كەلدى— نېمە ئىش؟
— ئۆلۈم، جاھاندا ئۆلۈمدىن قاتتىق ئىش يوق دەيتتى كونىلار…
— نېمە، ئۆلۈمدىن ساق قالدىڭما؟ يولدا بىر ئىش بولدىما؟
— شۇنداق بولسىغۇ بەختىم دەيتتىم، ئۇنداق ئىش يوق، ئۆلۈم ئەمدى تېخى بېشىمغا كېلىۋاتىدۇ…
— بۇ قانداق گەپ، چاتاق كېسەلدىن بىرنى تېپىۋالمىغانسەن؟!
— كۆڭلۈڭ تۇيۇپ تۇرىدۇ-دە، ئەجەللىك كېسەل دېگىنە، راك كېسىلى، راك…
— راك دېگىنىڭ نېمە ھېلىقى ساقايماس كېسەلما؟
— شۇنداق، جاننى ئالىدىغان ئەجەللىك كېسەل__ سەمەت تاماكىسىنى قېنىپ-قېنىپ شورايتتى، قوللىرى تىترەپ-تىترەپ تۇراتتى، پۇتلىرى، پاچاقلىرىمۇ بەزىدە دىرىلداپ تىترەپ كېتەتتى. ئەجەل ھامان بىر چاغدا يوشۇرۇنغان يېرىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ كاللىسىغا بازغاندەك تېگىدىغان گەپ. باش زىڭىلداپ ئاغرىپ، كۆزگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ… ھوشىدىن كېتىپ… بۇنىڭ ئاخىرىنى سەمەت تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى، تەسەۋۋۇرلىرىمۇ ناھايىتى ئىپتىدائىي ھالەتتە توختاپ قالاتتى.
— بېيجىڭدا داۋالىتىپ باقمىدىڭما؟
— داۋالاتساقمۇ ساقايمايدىكەن، بىكار پۇل بۇزىدىغان ئىشكەن.
سەمەتنىڭ ئىنىسى ئەمدى ئاكىسىغا رەسمىي ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدى، موخۇركىسىنى بايىقىدەك تەبىئىي ئولتۇرۇپ چېكەلمىدى.
__ خۇدايىمنىڭ تەقدىرى،__ دېدى سەمەت خۇددى ئىنىسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئالدىن دەۋاتقاندەك،__ ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئۆلۈكۈم كۇلىدا قالمىسۇن دەپ مەشەگە يېنىپ كەلدىم.
ئىنىسى، ”ئەمىسە خوتۇنىڭنى نېمىشقا ئەكەلدىڭ؟“دەپ سوراي دەپ سورىمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئاكىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇشنى خالىمىدى.
__ ئەتە سەھەردە تاھارەت ئېلىپ ئاتا-ئانامنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقايلى،__ دېدى سەمەت،__ تۇپراق بېشىنى بىر يوقلاپ، دۇئا قىلىپ كېلەيلى…
10
يېڭى بىر تاڭ سەھەر، گويا يېڭى بىر ھاياتلىق باشلانغاىىدى. ئىنىسى سەمەتنى شېرىن ئۇيقدىن ئويغاتقاندا ئۇ يەنە ئۆلۈمنى ئويلاپ يۈرىكى ئېغىر سوقۇپ، ۋۇجۇدى مۇزلىغاندەك بولدى، تىترىدى. ئەمما ئۈمىد يەنىلا ئىنجىلاپ ئولتۇرۇپ ئالغان تاھارەتتە، مەسچىتكە بارىدىغان ساۋابلىق يولدا، خۇدانىڭ ئۆيى بولغان مەسچىتتە، نامازدا، دۇئا-ئىستىغپاردا ئىدى. سەمەتنى گويا ئۇ يەردىكى، ئۇ دۇنيادىكى ئاتا-ئانىسى چاقىرىۋاتاتتى. سەمەت مۇرەككەپ بىر ىاتىرجەملىك، بۇنىڭغا پۇتلىشىۋاتقان ۋەھىمە، ئەندىشە، شۇنداقلا روھىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۈمىد-تىلەك ئىكىدە ئورنىدىن قوپۇپكىيىمىنى كىيدى، باش خوراز چىللاۋاتاتتى، نەدىندۇر بىر يەردىن مەزىننىڭ بوغۇق، ئەمما مۇڭلڭق بىر ئەزان ئاۋازى كېلەتتى. سەمەت يولدا كېتىۋېتىپ كىشىلەرنىڭ تىنچ باغ-ۋارانلىرىغا، قوتانلاردىكى كۈچلۈك، ساغلام، ئېغىر-بېسىق كالىلارغا، ئۆمرى قىسقا بولسىمۇ ئېتىزلىقلاردا ئەركىن يايلاپ يۈرەلەيدىغان، ھېچ وبلمىسا سەمەتتىن ئۇزاقراق ياشىشىشى مۇمكىن بولغان قويلارغا قاراپ خۇرسىندى، ئىچى يەنە ھەسرەت، ئەلەمگە تولۇپ كەتتى: خۇدا نېمىشقا بۇ كېسەل ماڭىلا كېلىدۇ، تەقدىر دەيمىز، لېكىن تەقدىرگە تەن بەرمەسلىككە كۆنۈپ كېتىپتىكەنمىز… ئۇ يەنە بەكرەك خىيال سۈرۈپ كەسىلا خۇداادىن نارازى بولۇپ، بۇرۇنقىدەكلا ئاسىي گۇناھكار بەندە بولۇپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەپ ئىچ-ئىچىدىن تكۋە قىلدى: خۇدا، ئاجىز بەندەڭمەن، ھاراق ئىچتىم، لېكىن زىناغا ئۆزەمنى ئۇرمىدىم، بىر چاغلاردا نوچىلىق قىلپ سالغان ئىشلىرىم بار. ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن…
ئەمما ئۇنىڭ گۇناھلىرى ئېسىگە كېلىۋالدى: وزىدىن نېرى كەتمەيدىغان ھاراق بۇتۇلكىلىرى… جۈمە نامىزىغا بەزىدە نەچچە ئايلاپ بارماي، ئاشخانىغا، ھۇجرىسىغا بېكىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرى، چالغان دۇتتىرى، قېلىن گەپلىرى، چاقچاق پاراڭلىرى، جۇ خۇڭ چاغانلىققا كەتكەندە ئېقىپ كېلىپ قالغان نېرۋىسى ئاجىز، چىرايلىق بىر چوكاننى ۋاقىتلىق خوتۇن قىلغانلىقلىرى، كېتەر چاغدا پۇلنى ئالغىلى ئۇنىماي سەمەتكە نەپرەتلىك قاراپ كېتىپ قالغانلىقلىرى… ئەسلەپ كەلسە ئۆمرىدە قىلغان گۇناھلىرى يىپچى خوتۇننىڭ يىپىدەك چۇۋۇلۇپ چىقىۋېرىدۇ. مۇشۇ يىپلار ئۇ دۇنيادا دوزاخ ئوتىنىڭ تۇتشىشىغا پىلتە بولۇپ قالمىسىلا بولاتتى. تۆۋە قىلدىم، خۇدايىم، تۆۋە… سەمەت ئىچىدە مىڭلاپ تۆۋە قىلىپ كېتىۋاتاتتى. مەسچىتتىن مەزىننىڭ ئىككىنچى قېتىم توۋلىغان ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر..
ئۇلار قەبرىستانلىققا كەلدى. چىغىر يولنىڭ يېنىدىلا زۇمچەك-زۇمچەك قەبرىلەر جايلاشقان بولۇپ، سانچىپ قويۇلغان شاخلارغا لاتىلار باغلاپ قويۇلغانىدى. دېمەك، تىرىكلەر كېتىۋاتقان يولنىڭ يېقىدىلا ئۆلۈكلەر ياتاتتى. گەرچە كۆرۈنمىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ غۇۋا دىدارى، ھەتتا تىنىقلىرى كېلىۋاتقاندەك بولاتتى. سەمەت بۇلارنى ئىنىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ يېقىن، تېخىمۇ تىرەن ھېس قىلىشقا باشلىدى. ۋۇجۇدىغا يەنە تىترەك، ۋەھىمە ئولاشتى: خۇدا، جاھاندا ئۆلۈمدىن قاتتىق ئىش يوقكەن بەندىگە!
سەمەت كالاڭپاي دەسسەپ مەسچىتكە كىردى. مەسچىتكە ئۈچلا ئادەم كەلگەن بولۇپ، ئىمام، مەزىن ۋە يەنە بىر تەقۋا بىر قېرى ئولتۇراتى. سەمەتنىڭ ئىنىسى ىانىغا كىرىپلا سىمغا ئېسىقلىق كىر سەللىنى بېشىغا ئوراپ چەگدى، يۈكۈندى. سەمەت بېشىدىكى دوپپىسى بىلەنلا ئولتۇرۇۋەردى. مەزىن سەمەتكە قاراپ قويدى، ئەلپازى چۈشىنىكسىز ئىدى. ئىمام ھېچكىمكە قارىماي مۈكچىيىپ تەسۋى سېرىپ ئولتۇراتتى. تاڭ خېلىلا ئاقىرىپ قالغاندىمۇ ئاران توققۇز ئادەم كەلدى. ناماز باشلاندى. ئۇزۇن قىرائەت، ئۇزۇن دۇئالار بىلەن بۇ ناماز يېرىم سائەت داۋاملاشتى. مەسچىتتىن چىقىپ سالاملاشقاندا سەمەت رەتنىڭ ئاخىرىدا تۇرغانىدى. ئىمام بىلەن مەزىن قولىنى ئۇنىڭغا خالا-خالىماي ئۇزاتتى، چىرايىغا ئېچىلىپ قارىمىدى، قاچان كەلدىلە دەپ ئەھۋالمۇ سورىمىدى. كۇلى دېگەن قانچىلىك يەر، بارمىغانلار ئۇقمايتتى. جامائەت ئۆرە تۇرۇپلا قەبرىستانغا قاراپ دۇئا قىلدى. سەمەت مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن جامائەتنىڭ ئۆزىگە دۇئا قىلىپ قويۇش-قويماسلىقىنى ئويلاپ، ئېنىقسىزلىق، گاڭگىراش، دېلىغۇللۇق ئىچىدە بوغۇلدى. قەدەملىرىنى ئېغىر ئېلىپ ئۆلۈمنىڭ سۈر-ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىپ تۇرغان بۇ يەردىن تېزرەك كېتىشنى تىلەپ قالدى. ئۆلۈمدىن ھەقىقەتەن قورقىدىكەنمەن دەپ ئويلاپ مەيدىسىنى تۇتتى. ئۆلۈمدىن كىم قورقمايدۇ، دەپ جامائەتكە تەكشى بىر قاراپ ئۆزىگە تەسەللىي بەردى. جامائەت ئۆيلىرىگە تارقاپ كېتىشتى. سەمەت گويا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ماڭغاندەك يەڭگىل بىر قەدەم بىلەن كېتىۋاتسىمۇ، كەينىدە ئۆزىنى كۈتۈپ قالغان گۆرلەرنى كۆز ئوڭىدىن كەتكۈزەلمىدى. يولى بىر كېلىپ قالغان بىر مەھەللىداش كەينىدىن يېتىپ كېلىپ سەمەتنىڭ ئېغىر خىياللىرىنى ئۈزۈپ قويدى:
— قاچان كەللە، ھېچ كۆرمەپتۇق.
— تۆنۈگۈن كېلىشىم.
— قانچىلىك تۇرىلا؟
سەمەتكە بۇ گەپ سوئالدەك تۇيۇلمىدى:
— يەيدىغان رىسقىم بولسا تۇرارمەن،- دەۋەتتى ئۇ.
قالغان گەپلەرنىڭ ھېچ مەززىسى بولمىدى. كۇلى ھەققىدە گەپلەرنى دەپ بەرسىمۇ، بېرىپ باقمىغان ئادەمگە چۆچەكتەك ئاڭلىناتتى.
سەمەت ھەر كۈنى دېگۈدەك مەسچىتكە چىقىشنى داۋاملاشتۇردى. ئىنىسى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشنى باشلا دېگەنىدى، سەمەت بىر نەچچە كۈن ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالدى. بۇ يەرگە كېلىپ سالامەتلىكى سەل ياخشىلانغاندەك بولۇپ قالدى. سويۇق تاماقلارنى تەستىراق يېسىمۇ لېكىن بەدىنىدە ماغدۇرى يەنىلا كەم ئەمەس ئىدى. ئىنىسى ئۇنىڭ بۇ يەردە ھەر خىل ئىشلارنى تولا ئويواپ بۇرۇقتۇرما بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتى. شۇڭا كۈندە نامازغا زورلاپ تۇرۇۋالمىدى. سەمەتكە كۈندە سەھەردە مەسچىتكە چىقىشنىڭ ئۆزىلا چوڭ تەقۋالىق ھېسابلىناتتى. بىر ھەپتە شۇنداق ئاكتىپ بولدى، ئىمام-مەزىن، قامائەتمۇ ئۇنىڭغا باشقىچە كۆزدە قاراشقا باشلىدى. كېيىنكى ھەپتىسى ئۇ ئۇيقۇسسىنى ئاچالمىدى، روھىي قۇۋۋىتى، دىققىتى تامامەن شېرىن ئۇيقۇ، ئاللىقانداق چۈش قېتىغا كىرىپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئىنىسى زورلاپ بېقىپ بولدى قىلدى. ئاخىرقى قېتىم: «ئوقۇساڭ ئكزەڭگە ئوقۇيسەن… » دەپ ئاچچىقلاپ سۆزلەپ قويدى. سەمەت «مىجەزىم يوق، ئۆيدە ئوقاي… » دەپ كۈن چىققىچە ئۇخلىدى. ئۇيقۇ ئۇنىڭغا بارغانچە شېرىن، ئارامبەخش تۇيۇلۇپ كەتكەنىدىكى، ئىلگىرى ھېچقانداق بۇنداق قېنىپ ئۇخلاپ باقمىغاندەك ئۇخلايتتى. ئىنىسى ئايالىدىن ئۇنىڭ كۈن چىققىچە ئۇخلىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىچى ئاچچىق بولدى:
— ئەتىدىن باشلاپ مەسچىتكە چىقىمىز، نېمە تۈگىمەيدىغان ئۇيقۇ بۇ…
— تازا مىجەزىم يوق تۇرىدۇ.
— ئۇيقۇ دېگەن يېرىم ئۆلۈم، تىرىك ياشايمەن دېسەڭ مەسچىتكە چىق، ئاخىرەتلىكىڭنى ئويلا.
— مەن سەندىن بەكرەك ئويلايمەن، لېكىن ئوقۇپ كۆنمىگەن ئادەمگە تەسكەن.
— كېسىلىڭ يالغانمۇ يا، قارىسام مەندىنمۇ بىغەم كۆرۈنىسەن.
— خۇدايىم دېگىنىڭىدەك بولغان بولسىغۇ، خۇدايىمنىڭ مۇشۇ رەھمىتىگە كۈندە بەش ۋاق ئوقۇساممۇ ئازلىق قىلاتتى.
— سەن باش ۋاق ئوقۇدىڭىمۇ؟ خۇدا بۇيرۇغان پەرزنى، بوينۇڭدىكى قەرزنى ئادا قىلدىڭمۇ؟ بۇنداق كۇپۇرلۇق قىلما، بۇنداق قىلساڭ ئوقۇغان بىر ۋاق نامىزىڭمۇ بىكار بولۇپ كېتىدۇ.
— مەن خاتا گەپ قىلمىدىمغۇ؟ خۇدايىم رەھمەت قىلسا تېخىمۇ كۆپ ناماز ئوقۇغۇڭ كېلىدۇ شۇ، خاتامۇ دېگىنىم؟!
— خۇدايىم بىلەن سودىلىشىشقا ھەددىڭ يوق، ھەققىڭمۇ يوق. خۇا سېنى ياراتتى، مۇشۇ ياشقىچە ئۆمۈر بەردى، مال-دۇنيا بەردى. سېنىڭ خۇدايىم ئالدىدا ئادا قىلىپ بولالمايدىغان، تۈگىمەيدىغان قەرزىڭ بار تېخى! شۇنى تۈزۈك ئادا قىلماي تۇتۇپ، بىرەر ھەپتە مەسچىتكە چىقىپ قويۇپ، جەننەتكە كىرىمەن دەپ يۈرەمسەن؟ بۇنىڭ ھەممىسى خام خىيال، جاھاندا ئۇنداق ئاسان ئىش يوق!
— سەن نېمىنى بىلىسەن؟ سەن ئەۋلىيامۇ؟-دەپ تېرىكتى سەمەت،-خۇداغا بولغان ئىخلاسىمنى سەن بىلەمتىڭ؟ گۇناھىڭغا سەن مەنچىلىك تۆۋە قىلالامسەن؟ مەندەك يىغلاپ تۇرۇپ تۆۋە قىلالامسەن؟ جەننەتكە يا دوزاخقا كىرىشىمنى سەن بەلگىلەپ بېرەمتىڭ؟ سەن خۇدايىممىتىڭ؟ ھە، گەپ قىلە، ئەتىگەندە نېمە يوغانچىلىق بۇ!
سەمەتنىڭ ئىنىسى داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇمۇ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتالمىدى:
— سەن ماڭا ۋاقىرىما، سەن تېخى ھەقىقىي مۇسۇلمان بولماپسەن، خوتۇنۇڭنى مۇسۇلمان قىلىپ بولالمىغان ئادەم قانچىلىك مۇسۇلمان بولماقچىدىڭ؟ئۆلۈم بېشىڭغا كېلىۋاتقاندىمۇ مۇشۇنداق بىغەم يۈرۈيسەن، كۇپۇر گەپلەرنى قىلىسەن، ئەگەر مېنىڭ بېشىمغا شۇنداق ئىش كېلىدىغان بولسا سەندىنمۇ بەك يىغلاپ تۆۋە قىلىمەن مەن! سېنىڭ تۆۋەڭ تېخى يەتمەيدۇ!
— ماڭا تولا ۋەزخانلىق قىلما، كۇلىدا ياشاپ باقمىغاندىكىن ئۇقمايسەن، خۇدا ماڭا بۇ كېسەلنى سالدى، تۆۋە قىلىمەن، خۇدايىم كەچۈرىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. سەن بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىدىغان قازى بولمىغاندىكىن تولا ئاقساقاللىق قىلما!
— دەيدىغان گەپنى دېدىم، ئاخىرەتلىكىڭ ياخشىراق بولامدىكىن دەيمىز. خۇدايىم تۆۋە قىلىۋالسۇن دەپ بەندىسىگە مۇشۇنداق كېسەل، بالا-قازانى بېرىدۇ. سەن تېخى بۇنى ئۇقماي، نامازمۇ ئوقۇماي ئۇخلايسەن، شەيتان سېنى دوزاخقا كىرسۇن دەپ گەدىنىڭنى ياستۇققا ئاشۇنداق مىخلايدۇ. ئىمانىڭ بولسا، خۇدايىمدىن قورقساڭ، خۇدايىم بۇيرۇغان ئىشنى قىلىسەن، ئورنىڭدىن سەھەر قوپۇپ تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيسەن، تۆۋە قىلىسەن، دۇئا قىلىسەن… مەن ساڭا يامان بولسۇن دېدىممۇ؟
سەمەت ئاچچىقتىن، ناقايىللىقتىن تېرىكتى، تەپەككۇرى قۇيۇندەك چۆگىلەپ، سەپرادىن بوغۇلدى :
— بولدى، بولدى، سەن ماڭا گەپ قىلما، بېشىمغا كەلگەن بۇ ئىشتىن خوش بولىدىغان بولساڭ، مەن بۇ يەردىن كېتەي، مەسچىت دېگەن كۇلىدىمۇ بار. كۇلىنىڭ مەسچىتلىرى بۇ يەردىكىدىن پاكىز، ئازادە. نەگىلا بارساق خۇدايىمغا تۆۋە قىلىۋالالايمىز. مەن زادى بۇ يۇرتقا سىغمايمەن، خۇدايىم رىسقىمنى نەگە چاچقان بولسا شۇ يەردە ياشاي، رىسقىم بولسا ياشارمەن، بولمىسا شۇ يەردە ئۆلۈپ شۇ يەردە ياتارمەن، ھەممىسى خۇدانىڭ يېرى…
— كەتسەڭ كەت!—دېدى ئىنىسى بوغۇق، كەسكىن تەلەپپۇزدا، ئۇنىڭمۇ ئاچچىقى قاتتىق كەلگەنىدى، سەۋر قىلالمايۋاتاتتى،— توغرا گەپ قىلسام ئاڭلمىساڭ، ئەمدى مەن نېمە دەيمەن، كىم سېنىڭ بېشىڭغا كەلگەن ئىشتىن خوش بوپتۇ، ئادەمنى ئۇنداق ناھەق قارىلىما، خۇدا ئالدىدا قارا يۈز بولۇپ كېتىسەن. مەن پەقەت بۇ ئىشنى خۇدايىمنىڭ بىر سىنىقى، خۇدايىمنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرىدا يامانلىق يوق دېدىم. بۇنىڭغا قايىل بولمىساڭ ئۆزەڭنىڭ ئىشى. ئىشقىلىپ خۇدايىم دىلىڭغا ئىمان، ئىنساپ بەرسۇن، خوتۇنىڭغىمۇ ئىمان بەرسۇن، بولمىسا…- ئىنىسى گەپنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمىدى، ئەمما كاللىسىسدا پىكىر ئېنىق ئىدى: بولمىسا، كۇلىدا ئۆلۈپ قالساڭ تېپىلمايدۇ جىنازا، خەق نامىزىڭغا بارمايدۇ، قەبرەڭنى يوقلاپ دۇئا قىلىپ قويىدىغان بىر ئىنسان چىقمايدۇ…
— يۇرت، جامائەت دەپ كەلسەم ھالىڭلا چاغلىقكەن. مەسچىت قوپقۇرۇق، ئىمام مۈگدەپلا ئولتۇرغان، تەرىتى سۇنۇپ كەتسىمۇ تۇيمامدىكىن دەيمەن. خەق شۇنىڭغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇيدىكەن، ئەۋلىيادەك چوڭ بىلىدىكەن. بىر ھەپتە شۇلار بىلەن بولدۇم، بىر كىم ماڭا ئوچۇق چىراي ئېچىپ باقمىدى. خوتۇنۇمنى دەپ مېنى مۇسۇلمان قاتارىدا كۆرمىدى. ئۆلسەممۇ نامىزىمنى چۈشۈرمەيدىغان ئوخشايدۇ. ھەتتا سەنمۇ ئاخىرەتنىڭ سوتچىسىدەك گەپ قىلىپ زىتىمغا تېگىپ يۈرۈيسەن، كۆزۈڭگە سىغمىغان بولسام كېتەي، خوتۇنۇم تەتەي بولغاندىكىن كۇلىدىلا ياشاي. بۇ يەردە ئىت-ئېشەكتەك تۈگۈلۈپ، خەقلەرگە سەت كۆرۈنۈپ يۈرگەندىن كەتكەن ياخشىكەن. خوتۇنىڭ ئىككىڭ ئاران-ئاران چىداۋاتىسەن، قالغان خەق قانداق چىدايدۇ؟… شۇڭا بۇ يەردىن ئاستا كېتىپ جايىمىزنى تاپايلى.
— ئاران قالغان ئادەم مەن ئەمەس، سەن، خوتۇنىڭ ئەلۋەتتە كۆنەلمەيدۇ، ئۇنىڭغا بېقىپ سەنمۇ كۆنەلمىدىڭ. بىر باھانە ئىزەپ كېتىدىغانلىقىڭنى كۆڭلۈم تۇيۇپ قالغانىدى. دېگەندەك بولدى، مەيلى، كېلىش-كېتىش ئىختىيار. كەلسەڭ مانا يۇرت، مانا ئۆي. كەتسەڭ، كۇلىمۇ تەييار، ئىشىكى داغدام. بىز سېنى توسمايمىز ھەم توسالمايمىز. بىزدە ئۇنچىلىك ماغدۇر يوق. كەمبەغەل بولساقمۇ، مۇشۇنچىلىك غۇرۇ بىلەن ياشاۋاتىمىز. قېيداپ كېتىمەن دېسەڭ ھەرگىز توسمايمىز. سەن يامانلىغۇدەك بىز ھېچقانداق ئىش قىلمىدۇ. خۇدا ئالدىدا ئىككى ئېغىز توغرا گەپ قىلدۇق شۇ…
— توغرا گەپ قىلدىڭ، خۇدا ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ نەق ئۆزى. بەش يىل ئالدىدا بىر بوتۇلكا ھاراق ئالدىغانغا پۇل يوق، ساغىرىپ يۈرگەن مەمىتاخۇن سىلە ئىدىڭلا، مانا ئەمدى ساقالنى قويۇۋېلىپ موللام بولاپ كەتكەن گەپ.
— ئۇ دېگەن ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان بىلىدىغان ئىش. كۇلىدا تۇرۇپ ئىچىڭ قېتىپ كېتىپتۇ.
— قېتىپ كەتتى، قېتىپ كەتمىسە ياشىغىلى بولمايدۇ. سىلەر مەشەدە مۇسۇلمان بولۇپ جەننەتكە كىرىپ كېتىڭلار، بىز كۇلىغا كېتىپ كاپىر بولۇپ كېتەيلى…
— ئۇنداق دېيىشىپ كەتمەيلى ئەمىتىكا، چىرايلىق كەلگەندىكىن چىرايلىق ئۇزىتىپ قوياي.
— ھاجىتى يوق، ئۆزىمىز كەلگەن، ئۆزىمىز كېتىۋېرىمىز. خۇدايىمنىڭ يولى بىزگە ھەر ۋاقىت ئوچۇق.
— كەلگىنىڭگە پۇشايمان قىلىپ كېتىدىغان بولدۇڭ، بەك تېز يامانلاپ كەتتىڭ.
— يامانلىغا ئىش يوق، كېسىلىمنى داۋالاتمىسام بولمايدۇ، بېيجىڭدىكى بىر بۇرادەر تولا تېلېفون قىلىپ كەتتى. ئاشخانىدىن بىرەر چاتاق چىققان ئوخشايدۇ. كەلگىنىمگە پۇشايمىنىم يوق، ئاتا-ئانامنىڭ قەبرىسىنى يوقلۋالدىم، دۇئا قىلىۋالدىم. لېكىن بۇ مازار بەك خاراپلىشىپ كېتىپتۇ، قەبرىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. مەشەگە كېلىۋېتىپلا توپا بوران چىقىپ كۆزنى ئاچقىلى بولمىغانىدى، بەلكىم بىر نېمىنىڭ بېشارىتى بولغىيمىدىكىن. ياراتقۇچى خۇدا، ئىشىمىزنى ئاسان قىلغايسەن.
شۇنداق قىلىپ سەمەت خوتۇنىنى ئېلىپ، ئىنىسىنىڭ ئۆيىدىن، يۇرتىدىن كۆڭۈلسىز خوشلاشتى.
11
يۇرتتىن كېتىۋاتقاندا ھاۋا تولىمۇ ئوچۇق، مەنزىرىلەر سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى.ياپيېشىل ئېتىزلار، تېرەكلەر، ئۆستەڭلەر، يوللاردا بازارغا كېتىۋاتقان ھارۋىلار، ھارۋىغا قېتىلغان سۆلەتلىك ئات-ئىشەكلەر، بوينىدىكى قوڭغۇراقنىڭ جىرىڭلاشلىرى… ئەمما سەمەتنىڭ بۇلاردىن زوقلانغۇدەك ھەپسىلىسى يوق ئىدى. ناھىيە بازىرىدىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان ئاپتوبۇسقا چىققاندىمۇ سەمەت خۇددى باشقا بىر يۇرتتىن ئكز يۇرتىغا كېتىۋاتقاندەك ئازادە بىر تۇيغۇغا چۆمدى. جان ئاز ھەم ئاران قېلىۋاتقاندا قانغا ئارام بېغىشلايدىغان ھەر قانداق ئىش ئۇنى مەھلىيا قىلاتتى. ئۈرۈمچىگە بارغىچە ئۇ جۇ خۇڭنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ، يۈرىكىنى پات-پات چىشلەپ قويىدىغان ۋەھىمە چاشقانلىرىنى چۈشىدە كۆرۈپ ياتتى. ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئۇنىڭ مىجەزى بۇزۇلۇشقا باشلىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ يۇرتىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندىلا تېنىنىڭ ئېغىرلىشىپ، ئاشقازان، ئۈچەيلىرىدىكى بىئاراملىقنىڭ سۇس كۈچيىۋاتقانلىقىنى سەزگەنىدى. ئۈرۈمچىنىڭ شۇنچە ئېسىل، چىرايلىق رېستۇرانلىرى، گۈزەل كۈتكۈچى قىزلىرى، مېزىلىك تاماقلىرىمۇ ئۇنى ھوزۇرلاندۇرالمىدى. بۇ يەردىكى رېستۇرانلارنىڭ بېزەكلىرى، زېرەكلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇرۇلمىلىرى، نەپس پەردىلىرى ئالدىدا سەمەتنىڭ ئاشخانىسى بەكلا چېنىپ قالاتتى. كېسەل شۇنچە ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتسىمۇ سەمەت خۇددى ئاكوپ ئىچىدە يېتىپ سۆيگۈنىنى ئەسلەۋاتقان ئەسكەردەك باشقا، ئارامبەخش نەرسىلەرنى خىيال قىلىپ ئولتۇراتتى. ئەمما تەننىڭ زۇلۇمى روھنى ئازابلايدۇ، خىيالنىڭ بېلىگە تېپىدۇ، ھەتتا ئۇنى خالىغانچە خىيال سۈرگىلىمۇ قويمايدۇ، تىرىكلىكتە روھ تەننى مەركەز قىلىپ ئۇنىڭ تېشىغا چىقىپ كېتەلمىگەچكە، نېرۋىلار جەڭگە كىرىپ روھ بىلەن تەننى Jگەپ. ئىنسان ۋۇجۇدى بۇ ئۇرۇشقا كىرمەي قۇتۇلالمايدۇ، يا ئۆلىدۇ ياكى يەيدىغان رىسقى بولسا ساقىيىپ قالىدۇ. سەمەت تاماق يېيەلمىدى، سويۇق نەرسىنىمۇ تەسلىكتە يۇتتىيۇ، ئىچىنى مۈشۈك تاتلىغاندەك بىئارام بولۇپ قورۇلۇپ كەتتى.راك، راك، خۇددى دېڭىزدىكى سەكسەن پۇت ھاشارەتلەردەك سەمەتنىڭ قورسىقىغا كىرىپ، بىر نەرسىلىرىنى شۈلۈپ يەۋاتقاندەك قىلاتتى. سەمەت بىر دەمدىلا ئۆزگىرىپ ھالسىراپ قالدى. جۇ خۇڭ ئۇنى دەرھال تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت دوختۇرخانىسىغا ئاپاردى. مۇتەخەسىس دوختۇر كۆرۈپ، جۇ خۇڭنى چاقىرىپ: راك ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ، بىر نەچچە ئايلا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆپكىسىدىمۇ مەسىلە بار، بەدىنى بەك ئاجىزلاپ كېتىپتۇ، ئوپىراتسىيە قىلسا بىر نەچچە ئاي مۇقىم يېتىپ داۋالانسا بولىدۇ، پۇل جىقراق كېتىپ قالىدۇ. بېيجىڭ ياك شاڭخەيگە ئاپىرىپ داۋالىتىپ بېقىڭ…» دېدى. جۇ خۇڭ: «بىز بېيجىڭدىن كەلدۇق، شۇ يەردىمۇ داۋالاتمىغان، ئەمدى بارساق…» دەپلا قالدى، كۆزى يەنە ياشلاندى، غەم-قايغۇسى باشلاندى، سەمەتنىڭ يېنىغا كېلىپ تىترەپ كەتتى. سەمەت ھالسىز، كۈچسىز، ئايانچلىق بىر ئاۋازدا لەۋ يالاپ ئىڭرايتتى: «كېتەيلى، ئۆيگە كېتەيلى، بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىمەن. توۋا… ئىككى كۈن ئالدىدا ئوبدانلا ئىدىم. كېسەل دېگەن دەھشەت بىر نېمىكىنا… ۋاي ئاناڭنى، ئۈچەيلىرىمنى بىر كىم كېسىپ ئۇلاۋاتقاندەك..
شۇ ئەسنادا سەمەتنىڭ يانفونىغا جو چۈنگاڭدىن تېلېفون كېلىپ قالدى. سەمەت قۇ خۇڭغا سەن ئال دەپ بۇيرۇدى. سەمەتنىڭ كۆزىگە ئۈرۈمچىدىكى ھەممە دوىتۇرىانا، ئاشخانا، ئۇيغۇرلار، قىزلار… يات، سوغۇق بىركەيپياتتا كۆرۈندى. ساغلام ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھەسرىتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىۋەتتىكى، سەۋر-تاقەت، چىدام-غەيرەت دېگەنلەرنى تامامەن ئۇنتۇپ قالدى. ئاغرىق ئازابى كۈچەيگەندە روھىي ئازابلىرى، ئىزتىراپلىرى، پات-پات سوغۇق تەرلىتىپ قويىدىغان ۋەھىمىلىرى تەڭلا قورشاپ كېلەتتى-دە ئۇنى تىتما تالاڭ قىلاتتى: نېمىشقا 50 كە بارماي تۇرۇپلا بۇ نىجىس كېسەلنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىمەن؟ نېمىشقا قېرىشقاندەك ماڭىلا كېلىدۇ بۇ ئىش؟ » يەنە بىر ياقتىن بايا دوختۇرخانىدا كۆرگەن، جىددي قۇتقۇزۇلۇۋاتقان كېسەللەرنى ئويلاپ، خەقلەرغىمۇ كېلىدىغۇ، ئۇلارمۇ ئۆلىدىغۇ… دەپ ئۆزىگە سەل-پەل تەسەللىي بېرەتتى. ئەمما خەق بىلەن ئكزىنى ھەر ۋاقىت تەڭ-باراۋەر سېلىشتۇرۇپ كېتەلمەيتتى. ھېسداشلىقتىن كۆرە شەخسىيەتچىلىك يامان ئىدى. ئەلەكمۇللا دەيدىغان ئىنسان ئىدىغۇ بۇ سەمەت. قېنى ئۇ مەھەللىسىدىكى، مەسچىتتىكى سەۋرچانلىقلىرى؟ قېنى ئۇ تەقدىرگە رازى بولىدىغان ئىمان، قېنى ئۇ ئۈمىدۋارلىق؟ ئۈرۈمچىنىڭ قايناق كوچىلىرى ئۇنى يەنە دۇنياغا مەھكەم باغلىۋەتتىمۇ، ئىچىنى قان-زەرداپ قىلىۋەتتىمۇ؟ ئاداپ كەتتىغۇ ئۇنىڭ ئىچى؟
جۇ خۇڭ جو چۈنگاڭنىڭ چاڭىلداق گەپلىرىگە پەس ئاۋازدا، ھەتتا يىغلامسىراپ جاۋاب بېرەتتى، ئەمدى يوشۇرغىدەك ھېچنېمە يوق ئىدى، سەمەتمۇ ئەمدى ئۆزەڭ بىلىپ بىر نېمە دېگىن دەۋاتقاندەك قاراپ تۇراتتى.
— سەمەت راك كېسىلى بولۇپ قاپتۇ…بىر نەچچە ئايلا ياشىيالىغۇدەك…
— نېمە؟ چاقچاق قىلما يەڭگە!
— چاقچاق قىلمىدىم، ساڭا دېمىگەنتۇق.
— تېلېفوننى سەمەتكە بەر، ئۆزەم سۆزلىشىمەن.
— ئۇنىڭ گەپ قىلغۇدەك مادارى يوق.
— ۋەي دەپ بەرسىمۇ ھېساب، تېلېفوننى بەر.
جۇ خۇڭ سەمەتكە قارىدى، سەمەت بىر پەس ئىككىلىنىپ، سەكراتتىكى بوۋاينىڭ قولىدەك جانسىز قولىنى تېلېفونغا ئۇزاتتى. بۇ زامانىۋى ئوقەتنى ئاز كۈندىن كېيىن تىنچىيدىغان قۇلىقىغا يېقىن ئەكەلدى.
— ۋەي سەمەت، نېمە دەۋاتىدۇ يەڭگەم، ھېچ ئۇقالمىدىم.
— تىلىڭ بىر تۇرۇپ…نېمىنى ئۇقالمايسەن؟
— راك بىر نېمە دەپ يۈرۈيدىغۇ سېنى، مانا بىر ئوبدانلا كېلىۋاتىدىغۇ ئاۋازىڭ…
— ئاۋازىم… يوقاپ كەتسە بولامتى گۇي…سەنچۇ،، سەن قانداق…
— ياخشى، ئاشخاناڭنى ئاۋات قىلىۋەتتىم، كەلسەڭ كۆرىسەن.
— رەھمەت ساڭا،..
— سەن راستىنلا راكمىكەنسەن؟
— ھە… ئۈچەي، كاناي، ئاشقازان…نىڭ ھەممىسى تۈگەپتۇ…
— راستما؟ قاچاندىن بېرى؟ بۇ زادى نېمە گەپ؟
— سېنى چاقىرتىشنىڭ ئالدىدا… تۈزۈك تاماق يېمىگىلى خېلى بولغان، ئاشىانىنىڭ پۇرىقىدىن تويۇپ قالسام كېرەك… تاماق دېگەننى قاچان يەۋالسام بولىۋېرىدۇ… دەپ يۈرۈپتىكەنمەن. ئەسلىدە راك ئىكەنمەن…ئەمدى… كۈنۈم ئاز قاپتۇ- سەمەتنىڭ چىرايى، ئاۋازى، تىترەپ تۇرغان قولى، سۆلىتىنى يوقاتقان تېلېفونى…شۇنداق بىچارىلىشىپ كەتكەنىدى، بىر كىمگە بۇنچىلىك زەئىپ ھالدا دەرت تۆكمەيدىغان ئادەم قىينىلىپ تۇرۇپ دەرتلىرىنى سۆزلەۋاتاتتى، كىگىزچى يۇڭ ئاتقاندەك بوڭ-بوڭ چىقىدىغان زۇۋانى پەسلەپ، تىنىقلىرى قالايمىقانلىشىپ، گەپلىرى ئۈزۈلۈپ چىقىۋاتاتتى. ھەتتا بۇنى جۇ خۇڭمۇ ھېس قىلىپ، ئىچى ئېچىشىپ، كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش قۇيۇلدى.
— نېمىشقا سەي يېمەي توختىماي تاماكا چېكىدىكىن دېسەم ئەسلىدە شۇنىڭدىنكەن-دە، بەك ھاماقەت، دۆت نېمىكەنسەن، شۇ ۋاققىچە سەزمەي، دوختۇرغا كۆرۈنمەي يۈردۈڭما؟ سەن شۇنچە ئالدىراشما؟ ۋاقتىڭ چىقمامدا؟ يا جالاپ ئوينىمىساڭ، يا سىرتلاردا ساياھەت قىلمىساڭ، قاسماق ئاشخاناڭدا جوزا بېقىپ، چىۋىن قورۇپ ئولتۇرۇپمۇ ئىچىڭدىكى ئاغرىقنى سەزمەي يۈردۈڭما؟ قاشاڭ نېمىكەنسەن، ئۆتۈپ كەتكەن قاشاڭ! ھاراق، تاماكا سېنى مەست قىلىپ، ئاغرىقىڭنى سەزمەس قىلىۋەتكەنمۇ يا؟! دىققەت قىلمىساڭ، كېسەل ئاشۇنداق تۇيدۇرماي كېلىپ جايلايدۇ، ئۇقتۇڭمۇ! مەن سەندەك دۆت ئەمەس،50 كە بارماي تۇرۇپلا جاننى سېلىپ بەرمەيمەن، پۇل تاپقاندا ھەر كۈنى سەتەڭ جالاپتىن بىرنى ئوينىمىسام ھېساپ ئەمەس. ئۆلسەڭ تۈگەيسەن دېگەن گەپ، نېمەڭ قالىدۇ؟ سېنى تېخى نوچى ئاغىنەم دەپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئۆتۈپ كەتكەن يارىماس نېمىكەنسەن! مانا ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟ جىمى دەسمىيىڭنى قۇرۇتساڭمۇ جېنىڭنى قۇتقۇزالامسەن؟! كۆتۈڭنى بالدۇرراق كۆتۈرسەك بولمامدۇ؟! بىر يېرىڭ ئاغرىغان بولسا دەردىڭنى ماڭا دەپ قويساڭ بولمامدۇ؟ ۋاي سېنى، ئېشەكنى بوش قويمىغان شىنجاڭلىق، جېنىغا ھايۋانچىلىك ئىچى ئاغرىمايدىغان شىنجاڭلىق…
— ئادەمنى تىللاۋەرمە گۇي… ئاغرىق مېنى قىيناۋاتىدۇ.
— تازا قىينىسۇن، ۋاقتىدا بايقىمىغاندىكىن كېسەل ئەمدى كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتسۇن! پات ئارىدا ئۆلسەڭ كۆمۈپ قويىمىز. تېلېفون نومۇرۇڭنى سەن ئۆلگەن ۋاقىتتىلا ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. سەمەت دېگەن ئادەم شۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ يوقىلىدۇ!
— سەن گۇي… دىنغا ئىشەنمەيسەن، مەڭگۈ … يوقىلىدۇ… دېمە، بىزنىڭ ئاخىرەتلىكىمىز بار…
— نېمىلا بولسا بولسۇن، ئىشقىلىپ سەن ئۆلگەن كۈندىن باشلاپ سەندەك بىر نېمىنى ئۇنتۇپلا كېتىمەن. شىنقاڭلىق دېگەن بىلەنمۇ ئىككىنچى ئارىلاشمايمەن. ئېشەكنىڭ نومۇسىغا تەگكەن دۆت ئەبلەخ!…
— تىللىما… پاشۋاز گۇي..ئۆلەي دەۋاتسا تېپەي دەمسەن؟ ياخشى گېپىڭ بولسا دە، بولمىسا.. كۆتۈڭنى قىس. بىز بارغاندىن كېيىن ھېسابىڭى ئۆتكۈزۈپ… ئاندىن نەگە بارساڭ بار. ئاغىنەم دېمىسەڭ دېمە، سەن مەخلۇقنى ئاخىرەتكە بىللە ئېلىپ كەتكىلى بولامتى؟ ۋاي ئاناڭنى، قويدۇم تېلفوننى…- سەمەت تېلېفوننى زەردە بىلەن بېسىۋەتتى.
سەمەتكە بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسە يات، يېقىمسىز كۆرۈنۈپ، ئىچى دەھشەتكە، مالىمانچىلىققا تولدى.
— نېمە دەيدۇ ئۇ؟ نېمىلەرنى دېيىشىپ كەتتىڭلار؟
— ساراڭ گۇي!- دېدى سەمەت تېلېفوننى جۇ خۇڭغا تۇتقۇزۇپ،- بىر ئېغىز ياخشى گېپى يوق.
— بولمىسا كۆڭلىدە كىشىگە يامانلىقى يوق، دائىم تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى دوكلات قىلىپ تۇراتتى… بۇگۈنكى گەپ تۇيۇقسىز تۇيۇلدى بولغاي، قوبۇل قىلالمىدى.
— نېمىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، ئۇ ئۆلمەيدىغان ئادەممىكەن؟ ئۇ بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئەيدىز يۇقۇپ، ئۆلۈكى تالادا قالمىسا مانا مەن…
— ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە، ئۇنى چۈشەن..
— بۈگۈنلا ئايروپىلان بېلىتى ئالايلى!- دېدى سەمەت بۇ شەھەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇسى يوقتەك تاقەتسىزلىك بىلەن.
— ئاينۇر بىلەن كۆرۈشۈپ ماڭمامدۇق؟
— كۆرۈشسەكقۇ بولاتتى، ئۇنىڭ ئالدىدا ئېچىلىپ ئولتۇرغىدەك مىجەزىم يوق، چىرايىممۇ ساغىرىپ كەتتى ھەقىچان… ئون نەچچە كۈن ئالدىدا كۆردۈققۇ؟ بولدى، بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئۇقمىغىنى ياخشى.
— شۇنداقتىمۇ كۆرۈشۈپ ماڭساق بولاتتى.
— بولدى قىل، كۆرۈشكەنگە نېمە بولماقچى؟ بەرىبىر سىلەر قالىسىلەر مەن كېتىمەن. قارىساملا كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ، مېنى ئاخىرقى ئۆمرۈمدە ئازادە قوي.
— شۇنداق قىلىپ سەمەت قىزى بىلەنمۇ كۆرۈشمەي، ئەزا باھالىق ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ،خوتۇنىنىڭ بىلىكىگە چىڭ ئېسىلىپ .ئايروپىلانغا چىقتى. بۇ ئايروپىلان 100 نەچچە كىشىلىك كىچىك ئايروپىلان ئىدى، يولۇچىلار شۇنچە بىخارامان ئولتۇراتتى. توساتتىن بىر ھادىسە يۈز بېرىپ، ھەممىسى يەرگە چۈشۈپ كۈكۈن تالقان بولسا…
سەمەت ئۆزىنى ھەممىدىن قورقماس، تەمكىن ھېس قىلاتتى. ئۆلۈمى ئېنىق ئادەم ئۇ ئۆلۈم ئالدىدا شۇنچە باتۇرلىشىپ كېتەمدىغاندۇ؟
12
جو چۈنگاڭ باھارگۇلگە قاراپ ئولتۇرۇپ سەمەتنىڭ ئەمدى بۇ قىزنىمۇ تاشلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىچى تېخىمۇ ئاغرىپ كەتتى. سەمەت ئاشخانىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ كەتكەندە ئۇ مۇشۇ قىزنى دېمىگەن بولسا بەلكىم ئالدىراپ ماقۇل دېمەيتتى. چۈنكى ئۇ بىر يەردە مۇقىم ئولتۇرۇشنى خالىمايتتى. ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ تۇرمىسا، كۆزلىرى خوتۇن-قىزلارنى ۋە باشقا رەڭگا رەڭ نەرسىلەرنى تىمىسقىلاپ تۇرمىسا كۆڭلى ئۇنىمايتتى. ھەي سەمەت، ياش تۇرۇپلا جاھان لەززىتىدىن قۇرۇق قالىدىغان بولدۇڭ. خوتونۇڭمۇ تېخى ياش ئىدىغۇ؟ كۆزۈڭنڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈپ تۇرىدىغان بۇ چىرايلىق قىزمۇ بار ئىدىغۇ تېخى! ئىككى ئېغىز چىرايلىق ھۇجراڭ، پۇل تېپىپ بېرىدىغان ئاشخاناڭ، ئىچىدىغان پىۋاڭ قالدىغۇ سەمەت… جو چۈنگاڭنىڭ بۇ ئاشخانىدا بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇسى كەلمىدى، ئەمما ئۆزىنى بېسىۋالدى. سەمەت بىلەن دائىم بىللە ئىچىشىدىغان جوزىدىكى خېرىدارنى بۆلەك جوزىغا قوپۇرىۋېتىپ، ئۆزى ئامراق ئورۇندۇققا يۆلەندى، ئالدىدىكى ئورۇندۇق قۇرۇق بولسىمۇ سەمەت باردەك ھېس قىلدى. ئۇ باھارگۇلنى ئىككى قۇتا پىۋا، بىر تەخسە خاسىڭ ئەكىلىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. باھارگۇل چىۋەر قىز ئىدى، پىۋىنى، بىر ئىستاكاننى ئەكىلىپ ئاغزىنى ئاچتى. پىۋا كۆپۈكلىرى بۇژۇلداپ چىقتى، جو چۈنگاڭ بۇ كۆپۈكلەرگە ۋە يېنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان چىرايلىق قىزغا قاراپ ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە بۇ گۈزەللىكتىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان سەمەتنى ئويلاپ ئىچى ئاچچىق بولدى. ئۆلەي دېگىچىمۇ دوختۇرغان كۆرۈنمىگەن گەپ، كاللىسى نېمىشقا ئىشلىمەيدۇ، جېنىغا نېمىشقا كۆيۈنمەيدۇ؟ مۇشۇ ئاشخانىنىڭ ماي-قاسماقلىرى، ئىس تۈتەكلىرى يەتمىگەندەك يەنە تاماكا چېكىشلىرى، سەي يېمەي ھاراقلا ئىچىشلىرى تېخى، پالچە بوۋايدەك بىر جايىدىلا ئولتۇرۇۋالىدۇ، ھەرىكەت قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن باشقا ياش قىزلارنى ئويناپ جېنىنى ياشارتىپ تۇرمايدۇ، ئايدا بىرەر قېتىم سۇ ئۈزگىلى بارمايدۇ ياكى باغچىغا بېرىپ، تاغقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالمايدۇ… تامىقىنىڭ ھەممىسى ماي، سوغۇق سەيلەرگە قاراپمۇ قويمايدۇ، مېۋە-چىۋە يېگىنىنى ئەسلا كۆرگىلى بولمايدۇ، قولىدا پەقەت تاماكا، ھاراق… خېلى بولدى، گۆش يىگىنىنىمۇ كۆرمىدىم، خوتۇنىنى قانداق رازى قىلغانلىقى نامەلۇم. جۇ خۇڭمۇ ساددا خوتۇن، ئېرىدىكى ئۆزگىرىشنى ئۇمۇ ۋاقتىدا بايقىمىغان گەپ، تېنىنىڭ تەپتى، كۈچى قانداق؟ قۇۋۋەت نەگە كېتىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمىگەن گەپ. ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىگەن ۋاقتىدا تارتىنماي سورىسا، سەمەت چوقۇم چۆچۈپ بولسىمۇ دوختۇرغا كۆرۈنەتتى. ئىشلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كالۋا خوتۇن، مانا ئەمدى ئېرىدىن ئايرىلسا بۇ ئاشخانىنى قانداق باشقۇرار؟ مەنمىغۇ يېقىن تۇرىمەن، لېكىن بۇ يەڭگە ماڭا ئۇنچە قىزغىن ئەمەس، سەمەت بولمىسا ئۇنى دەپ بۇ ئاشخانىغا ئايدا-يىلدا بىر قېتىم كېلىمەن، بولمىسا يوق. سەمەتنىڭ بۇ كېسىلىگە زادى چارە چىقماسمۇ؟ راك كېسىلىنى جۇڭيىچە داۋالاپ ساقايتىدىغان بىر دوختۇرنى گېزىتتە تونۇشتۇرۇۋاتاتتى، بۇ ئېلان يالغان بولمىسىلا سەمەتنى كۆرسىتىپ بېقىش كېرەك…
جو چۈنگاڭ پىۋىنى ئالدىرىماي قۇيۇپ ئىچىشكە باشلىدى، تىنماي خىيال سۈرەتتى، ئاشخانىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ، ئاشپەز ئۇستىلارنىڭ كالتە-كۆسەي پاراڭلىرىمۇ قۇلىقىغا كىرمەيتتى.
— باھارگۇل، ئاۋۇ دېرىزىنى چوڭراق ئېچىۋېتىڭە، كۆزۈم ئېچىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئازراق چېكىشمەيدۇ تاماكىسىنى بۇ خەق…
جو چۈنگاڭ باھارگۇلنىڭ دېرىزە ئالدىدىكى قامىتىگە زەن سالدى. سىرتتىن ئاشخانىغا چۈشۈۋاتقان يورۇقلۇقتا قىزنىڭ زىلۋا بەدىنى، بوينى، بېشى باشقىچە نامايەن بولاتتى.
— ئەمدى ماڭا چىلىغان تەرخەمەكتىن بىر تەخسە ئەكىلىۋېتىڭ.
باھارگۇل ھايال ئۆتمەي ئۇنىمۇ ئەكەلدى.
— ئەمدى بىللە ئىچىشىپ بەرسىڭىز بولاتتى،-دېدى جو چۈنگاڭ قىزنىڭ چىرايىغا قارىماي.
— كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، مەن ئىچەلمەيمەن.
قىز ھارغىن كۆرۈنسىمۇ يەنىلا روھلۇقىنى يوقاتماي كۈلۈپ تۇراتتى.
باھارگۇل سەمەتنىڭ ئورنىغا كېلىپ قورۇنۇپ ئولتۇردى. جو چۈنگاڭ بىلەن سەمەتنىڭ دائىم مۇشۇ بۇلۇڭدىكى جوزىدا ئىچىشىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرەتتى. ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى تۈگىمەيتتى، كۈلكىسى ئۈزۈلمەيتتى. بەزىدە بىر گەپنى تالاشقاندەك قىلاتتى، لېكىن تاكاللىشىپ قالغىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى. سەمەت تەمكىن ئولتۇراتتى، جو چۈنگاڭ كۆپرەك ۋاتىلدايتتى.
— كېلىپ بۇ جوزىدا ئولتۇرۇشۇپ بېرىڭ ئەمىسە
— مەن بۇ جوزىغا ماس كەلمەيمەن.
— ماس كەلمەيدىغان ئىش يوق، مېڭىۋېرىدىغان ئادەم ئولتۇرۇشنىمۇ، ئارام ئېلىشنىمۇ بىلىشى كېرەك.
— مېنىڭغۇ بىر دەم ئولتۇرۇۋالغۇم بار، ما ئىشنى قانداق قىلىمەن؟
— ھەممە ئىش قالىدۇ، ئۆلۈپ كېتىدىغان جاھان بۇ، كېلىڭ ئولتۇرۇڭ.
— ياق بولدى، سىز ئىچىۋېرىڭ، مەن يا ھاراق ئىچمىسەم
— سىزنى ھاراق ئىچىڭ دېمەيمەن، خاسىڭ، تەرخەمەك يەپ ئولتۇرۇپ بېرىڭ، سىزگە دەيدىغان ئىككى ئېغىز گېپىم بار.
— مېنى قىستىمىسىڭىز، ئاشپەز ئۇستاملار كۆرسە نېمە دەپ قالىدۇ؟!
— بىر ئىشقا بۇيرۇۋېتىپتۇ دەيدۇ. خەقنى دەپلا ياشامسىز بۇ جاھاندا، مۇستەقىللىقىڭىز يوقمۇ؟
— لېكىن، شۇ دىققەت قىلمىساق بولمايدىكەن… سەمىتىكام كەلسە ياخشى ئەمەس…
— نېمىشقا ياخشى ئەمەس، بىز نېمە قىپتۇق؟ بىللە ھاراق ئىچتۇقمۇ؟ بىر يەرگە بېرىپ ئويناپ كەلدۇقمۇ؟ سەمەت مېنىڭ ئاغىنەم، ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدىغان ئىشنى مەن ھەرگىز قىلمايمەن. لېكىن مەن شۇنى چۈشەنمەيمەن، سىز ئاشخانىدا كۈندە شۇنچە ئادەمنى، ھەر خىل ئادەمنى كۆرۈپ يەنە نېمانچىلا ئەنسىز؟ سىزەە بۇ ئادەملەردىن بىر نەرسە تەسىر قىلمامدا؟
— نېمە تەسىر قىلدۇ؟ مەن ھېچنېمىنى چۈشەنمىدىم…
— سەمەت نېمىشقا ماڭا ئىشىنىدۇ، بىلەمسىز؟
— كونا ئاغىنىسى بولسىڭىز كېرەك.
— يەنىچۇ؟ باشقا بىر نەرسىمۇ، بار، بولمىسا كونا-يېڭى ئاغىنە دېگەن پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.
— ئەمىسە بىر-بىرىڭلارغا ئىشىنىدىكەنسىلەر.
— ئىشىنىشلا ئەمەس، بىز –بىر-بىرىمىزدىن زوقلىنىمىز… كۆڭلىمىز يېقىن، بەكلا يېقىن!
— گېپىڭىزنى ئاڭلاپ بەرسەمغۇ بولاتتى، تاڭجاڭلىق قىلمىسام يەنە…
— مەن ئولتۇرۇڭ دېگەندىكىن ئولتۇرۇڭ، شياۋ سۇڭمۇ يېتىشىپ كېتىدۇ.
— سەمەت بۈگۈن كېلىدۇ، ئاشخانىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن. سىز ئوقۇغان قىزكەنسىز، بۇنداق ئاشخانىدا سىچۈەننىڭ بىر يېزىسىدىن كەلگەن ساۋاتسىز قىزمۇ ئىشلەپ كېتەلەيدۇ. مەن سىزنىڭ بىلىمىڭىزنى ھۆرمەتلەيمەن. ئىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن. يەنە كېلىپ سىز چىرايلىق قىز، شىنجاڭلىق قىزلارغۇ ئاساسەن چىرايلىق كېلىدۇ. لېكىن ھەم بىلىملىك ھەم چىرايلىق قىزنى تاپماق تەس. مەن سىزدىن باشقا بىر مۇنچە شىنجاڭلىق قىزنى تونۇيمەن. كۆپىنچىسىنىڭ بىلىم-ساپاسى يوق، تۇرقىدىن ئوينايدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق قىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ. مەنمۇ بۇ شەھەرگە مۇساپىر، مەنمۇ مۇشۇنداق قارا ئىشلارنى قىلغان، لېكىن بۇنىڭغا ھەرگىز رازى بولمىغان. ىەقلەر كاللىسىنى ئازراق ئىشلىتىپ قويۇپلا بىر دەمدە بىر مۇنچە پۇلنى تېپىپ راھەتتە ياشايدىكەن، ئۆي، ماشىنا ئېلىپ، داچىدا ئولتۇرۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىپ ئوينايدىكەن. مەن نېمىشقا قىلالمايمەن دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ياقتىن قارا ئىش قىلغاچ، بىر ياقتىن گېزىتتىن ئۇچۇر ئىزدىدىم. سودا ئۇچۇرى، مەبلەغ سېلىش تۈرىگە خېرىدار چاقىرىش ئېلانى… دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ كىچىك گېزىت چىقىرىدىغان بىر شىركەتنىڭ گېزىت ساتقۇچىسى بولدۇم. ئارىدا شەندۇڭلۇق بىر يۇرتلۇقۇم بىلەن تونۇشۇپ چاي سودىسى قىلدۇق. مەن ئۇ شىركەتنىڭ بېيجىڭدىكى ئادەتتىكى ىادىمى ئىدىم، بۇ شىركەت چوڭىيىپ ئۆتكەن يىلى ىەلقئاراغا ئېكىسپورت قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. مەن ئۇ شىركەتنىڭ بېيجىڭدىكڭى ۋاكالەت ئورنىنىڭ جىڭلىسى بولۇپ قالدىم. شەندۇڭنىڭ چېيى داڭلىق ئەمەس، لېكىن بىز يۈننەن، گۇاڭشى دېەەندەك يەرلەرنىڭ ئەرزان چايلىرىنى چەككىلەپ ئىشلەيمىز. ئۇلاردا ماتېرىيال تەييار، بىزدە تېخنىكا، ئۈسكۈنە بار. ئەمەلىيەتتە جاپانى ئۇلار تارتىدۇ، بىز پايدىسىنى كۆپرەك كۆرىمىز. ئىككى ھۇجرا، بىر سالونلۇق ئۆيدە ئولتۇرىمەن، ئۇ ھەم ئىشخانام ھەم ئۆيۈم. لېكىن مۈلك ھوقۇقى شىركەتنىڭ، ئكزەمنىڭمۇ بىر قانچە يەردە ئەرزا ۋاقتىدا ئېلىۋالغان ئۆيۈم بار. ىەقلەر ئىجارە تۆلەپ ئولتۇرۇۋاتىدۇ. ئىش ھەققىم ئكسكەندىن كېيىن مەن پاي چېكى ئويناشى باشلىدىم، كۈندە گېزىت كۆرىمەن، مشۇۇ ۋاققىچە چوڭ زىيان تارتىپ باقمىدىم، لېكىن پايدام نەچچە ھەسسە قاتلاندى، پو ئاتقىنىم ئەمەس، مېنىڭ پاي چېكى ئويناپ تاپقان پۇلۇمغا سەمەتنىڭ بۇ ئاشخانىسىدەك ئاشخانىدىن ئوننى سېتىۋالغىلى بولىدۇ…
باھارگۇل ئۇنىڭ گەپلىرىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي قىالدى، قارىسا خېلى تۈزۈكلا بىر ئادەم ئىدى، خەنزۇلارنىڭ قېشى شالاڭ بولاتتى، ئەمما قو چۈنگاڭنىڭ قېشى خېلى قويۇق بولۇپ، كۆزىمۇ ئۇنچە كىچىك ئەمەس ئىدى، بويى يەنە سەل ئىگىزرەك بولۇپ كەتكەن بولسا بۇ قىياپىتى بىلەن خەنزۇلار ئىچىدە قامەتلىك، كېلىشكەن ئەر ھېسابلىناتتى. ئۇ ئىتتىك گەپ قىلغاندا باھارگۇل بەزىدە ئۇنىڭ شەندۇڭ تەلەپپۇزىدىكى قىسمەن سۆزلىرىنى ئۇقالماي قالاتتى. جو چۈنگاڭ نېمىشقا بۇلارنى دەپ بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ نېمە مەقسىتى بار؟ ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ قايسىسىسىغا ئىشەنگىلى بولىدۇ؟ كېتىش ئالدىدا نېمىلەرنى دەپ، نېمىلەرنى تاما قىلىپ يۈرۈيدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى جو چۈنگاڭ ئاخىرى ئۆزى چىقاردى:
— بۇ ئاشخانىدا سىز زايە كېتىسىز، ماي پۇرىقى، خېرىداردىن چىققان ئىس، ھاراق پۇرىقى سىزنى زەھەرلەيدۇ، ئاغرىپ قالىسىز. خالىسىڭىز بىزنىڭ شىركەتتە ئىشلەڭ. گەپ ئېنىق بولسۇن، مەن سىزنىڭ بىلىمىڭىزنى، چاققانلىقىڭىزنى ھۆرمەتلەيمەن، گۈزەللىكىڭىز ئۇ باشقا گەپ، ئۇنىڭ قەدرىنى يەنىلا ئۆزىڭىز قىلىۋېلىڭ…
باھارگۇل نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي جو چۈنگاڭغا ئەندىكىپ قارىدى، شەھلا كۆزلىرى باشقىچە چاقناپ، جو چۈنگاڭنىڭ يۈرىكىنىمۇ جىغىلدىتىپ ئۆتتى.
— گېپىمگە ئىشەنمىگەن بولسىڭىز، ۋاقتىڭىز چىققاندا سىزنى ئايرىم ئاپىرىپ كۆرسىتەي، ئەلۋەتتە، ئەگەر خالىسىڭىز… ماڭا ئىشەنسىڭىز.
باھارگۇل ئۇنىڭ گەپلىرىگە بارغانچە قايىل بولۇپ قالدى. جو چۈنگاڭ تۇرقىدىنمۇ ئۇنداق كەلسە-كەلمەس شالدىمىنى قۇيۇپ پوچىلىق قىلىدىغان ئادەمگە ئوخشىمايتتى.
— سىز بايكەنسىز، شىركەتنىڭ جىڭلىسىكەنسىز، ھەقىچان چوقۇم ئالدىراش، لېكىن نېمىشقا بۇ يەردە يۈرۈيسىز؟
— ئەقىل بىلەن قىلىدىغان ئىشلارغا كۈندە چېپىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. سىلەردە بەك ئېسىل بىر گەپ بار ئىكەنغۇ «كاللا ئىشلىمىسە پۇت-قولغا ئارام يوق» دەيدىغان. سەمەت بۇنى دەپ بېرىۋىدى، قەغەزگە يېزىۋېلىپ جوزامدىكى ئەينەك ئاستىغا قىستۇرۇپ قويدۇم. لېكىن سەمەت ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي ئاخىرى ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقتى..
— نېمە بولدى؟-دېدى باھارگۇل ھەيران قېلىپ.
— ھېچنېمە،- دېدى جو چۈنگاڭ دېمەيدىغان بىر گەپنى دەپ سالغان ئېغىزىغا پىۋا ئاپىرىپ، ئۇ پىۋىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن سۈمۈردى، ئاللىقانداق بىر ئەلەمدىن ھەم پىۋىنىڭ كەيپىدىن كۆزلىرى يۇمۇلدى.
— دېمەك، ھازىرقى زاماندا بىر دېھقان ياكى ئىشچىنىڭ بىر ئۆمۈر يىغقان پۇلىنى بىر كۈن ئەمەس، بى سائەتنىڭ ئىچىدە تاپقىلى بولىدۇ. بۇ زامان ئاجايىپ بىر زامان، كاللىڭىنزى ئېچىپ نوچى ياشايدىغان زامان. ئىش دېگەن ئىشخانىدىلا بولمايدۇ، مەن ماڭغان-تۇرغان يېرىمنىڭ ھەممىسىدىلا پۇل تېپىشنىڭ كويىغا كىرىمەن، كوچا، بازار دېگەن چوڭ بىر ئۇچۇر مەيدانى. قەيەردە قانداق چاي دۇكانلىرى بار، نېمە چايلار ئېقىۋاتىدۇ، ئاشىانىدا قايسى چايلار بەكرەك ئىچىلىۋاتىدۇ، قايسى چايغا قانداق باھادا پۇل ئېلىۋاتىدۇ… بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇقۇپ تۇرمىسام بولمايدۇ. مانا ماۋۇ سەمەتنىڭ ئاشخانىسىدىكى مولىخۇا چاينى مەن تەمىنلىگەن، بۇرۇن قاراچاي ئىشلىتىپ خېرىدارنى قاچۇرۇپتىكەن، مەن بۇ چاينى ئەكىلىپ بەرگەندىن كېيىن مېھمانلىرى كۆپىيىپ كەتتى. بىز ساختا چاينى ھەرگىز ساتمايمىز. ئازغىنە پايدىنى دەپ ئىناۋەتتىن، چوڭ پايدىدىن قۇرۇق قالساق بولمايدۇ، ئالدامچىلىقنى جاھاندىكى ئەڭ دۆت، پەسكەش ئادەم قىلىدۇ…بىز خېرىدارغا بەك سەمىمىي مۇئامىلە قىلىمىز، شۇلارنىڭ پايدىسىغا بەزىدە زىيىنىغا سودا قىلىپ بولسىمۇ ئىناۋەت تىكلەيمىز..
— نېمىشقا بۇ يەردە يۈرۈيسىز دېسىڭىز، بايا مەن دەپ ئۆتتۈم. سەمەت مېنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنەم. شۇڭا ماڭا ئىشىنىپ بۇ ئاشخانىنى ھەم سىزنى ماڭا تاپشۇردى. بۇنىڭغا ھەيران قالماڭ. سىزگە ئۇ بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. مېڭىش ئالدىدا ئالاھىدە تاپىلاپ كەتتى. مەن بۇ يەردە بىكارغا ئىشلىمەيمەن. ئىلگىرى بىكارغا يېگەن تاماق، ھاراقنىڭ پۇلىنى تۆلەۋاتىمەن. بۇ يەردىمۇ مەن سەمەتنىڭ ئورنىدا بىر لاۋبەن، بۇ لاۋبەنلىك قانداق بولىدۇ، بىر بىلىپ باققۇم كەلدى. مەن بۇ يەردە بىكار قاراپ ئولۇتۇرۇۋاتمايمەن، شىنقاڭ ئاشخانىسىنىڭ قانداق بازار تاپىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمەن، خېرىدارلار قوشۇنىنى كۆزىتىۋاتىمەن. كېيىنچە مېنىڭمۇ چوڭ تىپتىكى بىر شىنجاڭ رېستۇرانى ئېچىش پىلانىم بار. شۇنىڭغا ئالدىن تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. تەجرىبە ئۆگىنىۋاتىمەن. چۈنكى ھازىر شىنجاڭ تاماقلىرى تېخى ھېچقانداق شەخس ئالاھىدە پاتېنت ھوقۇقى ئالالمىغان داڭلىق ماركا، بۇنىڭدىن ھازىر شىنجاڭدىن چىققان خەنزۇ، خۇيزۇ لاۋبەنلەر بەك پايدىلىنىۋاتىدۇ. سۈپەتكە، مۇلازىمەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالىساق ھەرگىز زىيان چىقمايدۇ، بىر يىلدىن كېيىنلا پايدىغا ماڭىدۇ. ئەگەر مەن رېستۇران ئاچام ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ قىلسام قىلىمەنكى، خەقنى دوراپ قىلمايمەن، داڭلىق ئۇيغۇر ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھەققىنى يۇقىرى بېرىپ، بېيجىڭلىقلارغا ھەقىقىي شىنجاڭ تەمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قويىمەن. مۇلازىمەتچىلىككە سىزدەك چىۋەر-چاققان، چىرايلىق قىزلارنى قويىمەن. پەسىلگە، كۈنلەرگە، جەمئىيەت كەيپىياتىغا قاراپ ھەر تۈرلۈك يېڭى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى پەيدا قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ خېرىدارلارنى ئاخىر بۇ رېستۇرانغا نۆۋەتلىشىپ كىرىدىغان، ئورۇننى بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن ئالدىن بېكىتىپ قويمىسا ئورۇن تەگمەيدىغان قىلىۋېتىمەن. مەن ئەزەلدىن شۇنداق، بىر ئىشنى قىلسام تۈزۈك قىلىمەن، ھەرگىز جانباقتىلىق قىلىپ ئۆزەمنى ئالدىمايمەن، ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلمايمەن، كۈچۈمنى بىھۇدە خوراتمايمەن…
باھارگۇل ئۇنى پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇپ پوچىلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىمىدى، ئەمما ئۇنىڭ كېيىنكى ئەمەلىيىتى ھەممىدىن مۇھىم ئىدى.
— قانداق، گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسىز؟ بىزنىڭ شىركەتتە ئىشلەمسىز؟
— ھازىر بىر نەرسە دېيەلمەيمەن،-دېدى باھارگۇل خىجىللىق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ،-كېيىن بىر گەپ بولار، ئەگەر چوڭ رېستۇران ئېچىپ قالسىڭىز شۇ يەردە ئىشلىسەممۇ بولىدۇ.
— بولىدۇ، لېكىن ئۇ بىر پىلان. ئەگەر شۇنداق قىلىپ قالسام سىزنى جىڭلى قىلىمەن.
— ئەمدى كېتىپ ئىشىمنى قىلسام بولامدۇ؟-دېدى باھارگۇل ئورنىدىن قوپۇپ.
— بولىدۇ، لېكىن گەپلىرىمىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
جو چۈنگاڭ ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىككى بوتۇلكا پىۋىنى ئىچىپ بولدى، شىركەيىپلىكتە يېنىك دەسسەپ تالادىكى ھاجەتخانىغا ماڭدى، ھاجەتىانىدا ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى تېرىپ سېتىپ خېلى ھاللىنىپ قالغان ھېلىقى ئەرزخور قېرىنى كۆرۈپ گەپ سورىدى:
— كۈنۈڭ قانداق بوۋاي؟
— يامان ئەمەس،-دېدى ھاراق ئىچىۋالسا سەپرالىقى شوخلۇقىغا ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئۇ قېرى.—
— فاڭدۇڭ موماي بىلەن چىقىشىپ قالغاندەك كۆرىمەنغۇ سېنى؟
بوۋاي يېشىغا ماس كەلمىگەن بىر قىلىق قىلىپ بېشىنى گىلدىڭلاتتى:
— نېمىسىنى دەيسەن، ئۇنداق ئىش يوق. بىر ئېغىز ئۆيىنى ماڭا بېرىپ تۇردى شۇ.
— سېنى ياقتۇرۇپ قالغان گەپ، خوتۇن قىلىۋالساڭ بولمامدۇ، يەنە 20 يىل ياشايتتىڭ.
— باي خوتۇن تۇرسا مېنى يارىتامدۇ؟
— شوخلۇقۇڭ ئۇ مومايغا يارايدۇ.
— بۇ موماينىڭ تەكتى بىزنىڭ يۇرتتىن چىقىپ قالدى، لېكىن گەپلىرى بېيجىڭلىق بولۇپ كېتىپتۇ.
— شۇنداق بولىدۇ-دە، ھەممە ئادەم سەن جاھىل قېرىدەك ئەمەس، 100 يىلدىمۇ گېپىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان.
— سەنچۇ، بويتاق لاۋبەن، جا لاۋبەن، شەندۇڭلۇق تىلىڭ شۇ پېتى تۇرمامدۇ؟
— مەن چىققىلى تېخى ئاران يەتتە يىل بولدى.
— يەتتە يىل-دە، يامان نېمىكەنسەن، ياخشى ۋاقىتتا تۇغۇلۇپ قالغان ئىتنىڭ بالىلىرى-دە…
— چىدىماسلىق قىلما قېرى، گۇڭچەنداڭنىڭ ياخشى زامانىغا ئۈلگۈرۈپ كەلگىنىمىزگە سەندەك قېرىلار پەقەت چىدىمايدۇ-دە، ئۆزىنىڭ بالىسى بولسا باشقا، سېنىڭ بالاڭ يوقما؟
— يوق، ھەر راست، سەندىن سوراي دەپ تۇرغان، سەمەت قاچان كېلىدىكەن، ئۇقتۇڭمۇ؟
— بۈگۈن كەچتە كېلىدۇ.
— ئالدىغا چىقامسەن؟
— ياق، كەچتە ئوينايدىغان يەرگە بېرىپ تازا ئوينىمىسام بولمايدۇ..
— بۇ شەھەردە سەنلا ياشايدىكەنسەن-دە… بىزدەك قېرىلارنى ئۇنتۇپ قالمىساڭ بولاتتى…
— ئۇنتۇمايمىز، سەمەتكە دەپ قويغان، ساڭا ئوبدان قارايدۇ…
— گېپىنى تېخى… ۋاي ھىلىگەر گۇي
ئىككىسى تەڭلا ھاجەتخانىدىن چىقتى. قېرى دېھقان خېلىلا يەرلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى، بۇرۇنقىدىن روھلۇق ئىدى. موماينىڭ كۈچى دەپ ئويلىدى جو چۈنگاڭ. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يەنە كونا خۇمارى تۇتتى. ئاشخانىدىكى ئىشلارنى باھارگۇلگە تاپىلاپ قويۇپ كوچىغا چىقتى. تاكسىدىن بىرنى توسۇپ، بېيجىڭدىكى رۇسلار، شەرقىي ياۋروپالىقلار ۋە ئوينايدىغانلارنىڭ ئاۋات جايى بولغان ياباۋلۇغا كەلدى. بۇ يەردە رۇس قىزلىرى قىلىق چىقىرىپ شەھۋانى ئۇسسۇل ئوينايدىغان بىر كەچلىك كۇلۇب بار ئىدى. جو چۈنگاڭ ئۇ سەتەڭلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ئۈلگۈرۈپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى، سەينا خىلمۇ خىل ئادەملەر بىلەن تولغانىدى. ياشلار، پۇلدارلار، كۈچلۈكلەر، سەتەڭلەر…نىڭ گۇڭگا چىراغ ئاستىدىكى چىرايلىرىدا ئەسەبىي بىر شادلىق، تەلپۈنۈش، ھاۋايى ئىستەك ئەلەڭگىيتتى. ھەممە ياقتىن ئەبجەش بىر پاراڭ، كۈچلۈك ئەتىر، تاماكا ئىسى، قەھۋەنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. ئويۇن باشلىنىپ، كۈندە بىر ھەرىكەتنى تەكرارلاپ زېرىكمەيدىغان بىر سەتەڭ رۇس قىزى سېرىق ئۇسسۇلىنى باشلىدى. جو چۈنگاڭ ئەڭ ئالدىدا ئۇ سەتەڭنىڭ چىرايلىق پاچاقلىرىغا، ھەر تىترىشىدە شەھۋانىيلىقنى قوزغىتىدىغان ساغرىلىرىغا تىكىلىپ، سەمەت بۇلارنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغان دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى غەش ئىدى، شۇنداقتىمۇ بۇ غەشلىكنى مۇشۇ سەتەڭلا تۈگىتەلەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. ئاخىرىدا بۇ سەتەڭ قىلىقىنى ئەۋجىگە چىقاردى، سەھنىدىكى پولات تۈۋرۈكنى قۇچاقلاپ دىكىلەشكە، ئاغزىنى قولىنى تىقىپ جىنسىي ئەزايىنى ئارانلا يېپىپ تۇرغان كۇسىرىغا ئاپىرىشقا باشلىدى. بۇ پەيتتە جو چۈنگاڭ سەمەتنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتتى، كۆڭلىدە شەھۋەتتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى. قالغان نومۇرلارنىڭ ئەمدى قىززىقى قالمىغاندەك قىلاتتى. بىر سەتەڭ چىقىپ جاراڭ-جۇرۇڭ، تاقىر-تۇقۇر جاز مۇزىكىسىغا كەلتۈرۈپ ناخشا ئوقۇشقا باشلىدى. جو چۈنگاڭغا رۇسلارنىڭ بۇ «ئاراشو…ستراچ.. پاچ..پاچ»دېگەندەك ئاڭلىنىدىغان ۋاقىراق ناخشىلىرى پەقەتلا ياقمايتتى، شۇڭا ئارقا تەرەپكە ئۆتۈپ ئەتراپتىن ئولجا ئىزدىدى. رۇس قىزى تاپسا بولاتتى، بولسا ئۇسسۇل ئوينىغان ھېلىقى سەتەڭنىڭ ئۆزى بولسا بولاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر كېچىلىكى پالانى پۇل ئىدى. ئۇ پۇلغا خەنزۇ قىزلاردىن نەچچىسى كېلەتتى. جو چۈنگاڭ ئاخىر خېلى تۈزۈك كۆرۈنگەن بىر خەنزۇ قىزىنى تاپتى-دە، ئۇنى باشلاپ ياتاق ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.
13
سەمەت دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىلى بىر ئايدىن ئاشتى، پۇل بۇزمايمەن دەپ تۇرۇپ يەنە 80 مىڭ يۈەن پۇلنى دوختۇرخانىغا تۆلەپ بولدى. بۇ پۇلنى تۆلىمىگەن بولسا بەلكىم بۇنچىلىك ياشىيالماس ئىدى. دەسلەپتە كەلگەندە سەمەت جوچۈنگاڭ تاپقان جۇڭيى دورىلىرىنى ئىچتى، بۇ دورىلار قىرتاق، پۇرىقى يامان بولۇپ، چىداپ ئىچىشكە توغرا كېلەتتى. بۇ دورىلارنى قاينىتىپ ئىچىپ بىرەر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىنمۇ سەمەتنىڭ كېسىلى ياخشىلانمىدى. سەمەت ئاخىر ئۇ دورىنى ئىچمىدى. جو چۈنگاڭ كەلگەندە ئۇنىڭغا ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇرغان ئاچچىق چىرايىدا قارىدى، جو چۈنگاڭ ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى بۇ ھەسرەت، بىئاراملىق ۋە شىكايەتلىرىنى بەك چۈشىنەتتى، سەمەتكە ئېچىنىش، ئىچ ئاغرىتىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى، سەمەتنىڭ تېنى بوشاپ، ئاۋازى زەئىپلىشىپ كەتكەنىدى:
— مېنى بالدۇرراق ئۆلسۈن دەمسەن… گۇي، نېمەڭ ئۇ، دورا ئەمەس، سېسىپ پۇراپ قالغان چېيىڭنى.. ئەكىلىپ بەردىڭمۇ ماڭا… ئۆزەڭ ئىچ.. مەن ئىچمەيمەن… زەھەركەن… زەھەر… جۇ خوڭ، ماڭ سەن بېرىپ ئا دورىنى، ئا… قۇم قازاننى كۆزۈمدىن يوقات…
— مەن بۇ دورىنى تەستە تاپقان، ئىشەنچلىك يەردىن ئالغان،-دېدى جو چۈنگاڭ،- جۇڭيى دورىسى دېگەن شۇنداق بولىدۇ، ئاستا-ئاستا تەسىر قىلىدۇ
— قاچان… پايدا قىلىدۇ، ئۇ پايدا قىلىپ بولغىچە مەن… ئۆلۈپ كېتىمەن… مەن ئۆلۈپ كېتىمەن…
— ئەمىسە سېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى، ئەھۋالىڭ بەك ئېغىركەن، بۇنداق چاغدا جۇڭيى دورىسىمۇ كار قىلمايدۇ… ئۆزەڭ يا دوختۇرخانىغا ئالدىرىمىدىڭ… ئەمدى ئاپارمىساق بولمىغۇدەك.
— بۇ كېسەلدىن ساقايمايمەن… ئەمما جېنىم بەك… قاقشاپ كېتىۋاتىدۇ… خۇدا، تۆۋە خۇدا…- سەمەت ئەلەم بىلەن بېشىنى بىر يانغا قىيسايتتى، كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. سەمەت ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرغان، خوتۇنى بىلەن قۇچاقلىشىپ بىللە ھوزۇر سۈرىدىغان بۇ قوش كىشىلىك كارىۋات ئەمدى ئاجايىپ بىچارە، خاراپ كۆرۈنەتتى. سەمەتنىڭ ئازابتىن ئېغىرلاشقان تېنىنى كۆتۈرەلمەي ئاخىر سۇنۇپ چۈشىدىغاندەكلا قىلاتتى. سۇجۇنىڭ قىزىل، گۈللۈك يىپەكلىرىدىن تاشلىق ئىشلەنگەن يۇمشاق، چىرايىلىق، پاكىز يوتقان-كۆرپىلەر، سەمەتكە ۋاقتىنچە ئارام بېرىپ تۇرغان چوڭ-چوڭ مامۇق ياستۇقلار، يەنە نۇرغۇن ئارامبەخش ئەشيالار، كۆڭۈللۈك ئىشلار سەمەتنىڭ داۋاملىق ھوزۇرلىنىشىغا ئەمدى نېسىپ وبلمايتتى. جو چۈنگاڭ ككزىياش يۇقى، چىرايى قايغۇلۇق ھالدا سەمەتنىڭ ئەتراپىدا پەرۋاناىدەك ئايلىنىپ يۈرگەن جو خڭغا قاراپ، ئۇنى ئۆتكەندە كۆگەندىن بىر نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدى. سەمەت بۇ خوتۇنىنى بەك رازى قىلىۋەتكەن گەپ… قېنى ئەمدى شۇ كۈچلۈك بەدەن، قېنى شۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان جاراڭلىق، شوخ، قىززىق گەپلەر، كۈلكىلەر… سەمەت ئاجايىپ بىچارىلىشىپ كەتكەنىدىكى، ئۇنىڭ قېشىدا 15 مىنۇتتتىن ئارتۇق تۇرۇپقالسا جو چۈنگاڭمۇ چىدىمايتتى. «نېمىشقا بالدۇرراق قوڭاڭنى كۆتۈرۈپ دوختۇرغا كۆرۈنمەيسەن؟ ئۆزەڭگە ئۆزەڭ قىلدىڭ» دېگەندەك كايىشلار كونىراپ ئېغىزغا ئېلىنماسلا بولدى. جو چۈنگاڭ گاھىدا سەمەتنىڭ تەقدىر شۇنداق دېگەنلىرىگە قايىل بولمايتتى. كاللىنى، كۆڭۈلنى سەگەڭ تۇتۇشنىڭ، تەقدىرنى يارىتىشتا ھەم تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتە ئاكتىپ بولۇشنىڭ زكرۈرلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى، سەمەتنى باشتىلا نادانلىق قىلدى، ھېلىھەم نادانلىق قىلىۋاتىدۇ، مەيلى قانچە كۈن ئۆمۈر كەۆرسە كۆرسۈن، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك، نېمىشقا داۋالانمايدۇ، پۇلى يوقمۇ ئەمەس، ئۇنچىلىك پېتىر-پىخسىقمۇ ئەمەس، لېكىن پۇلنى وچڭ بىلمەيدۇ، پەقەت ھاجەتتىن چىقىپلا بەرسە بولدى دەيدۇ، ئۇنداقتا داۋالىنىشى كېرەك، نەچچە پۇل كەتسىمۇ جېنىنى ئارام تاپقۇزۇشى كېرەك، جان ئۈزسىمۇ قىيىنالمايراق جان ئۈزۈشى كېرەك. لېكىن شۇنىڭغىمۇ ئالدىرىمايدۇ، پۇلنىڭمۇ مۆجىزە يارىتالايدىغانلىقىغا مەندەك ئىشەنمەيدۇ… دەپ ئويلايتتى. بۇ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئاخىرى: ھەي ھاماقەت، ساڭا قاراپ مېنىڭمۇ شۇ تاپتا ئىچىم بوغۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ… دېگەندەك ئاچچىق كايىش بىلەن تۈگەيتتى.
— دوختۇرخانىدا داۋالانغىن، پۇلۇڭ يەتمىسە مەن بار،- دېدى جو چۈنگاڭ يەنە قەتئىيىلىك بىلەن،- بۇ يەردە يىغلاپ ياتقاندىن دوختۇرخانىدا مەغرۇر ياتمامسەن، پۇل دېگەننى نېمىگە تاپىدۇ ئادەم؟ پۇل بىلەن ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگىلى بولمايدۇ، لېكىن قالغان ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. ئۆلەي دەپ قالغانلارمۇ پۇلنىڭ كۈچى بىلەن نەچچە يىل،ھېچ بولمىسا نەچچە ئاي ياشاۋاتمامدۇ؟
جو چۈنگاڭغا جۇ خۇڭمۇ ئاۋاز قوشتى:
—شياۋجۇنىڭ گېپىنى ئاڭلا، دوىتۇرخانىدا داۋالىتىلى، بۇنداق ياتساڭ قانداق بولىدۇ؟ پۇل كەتسە كېتەر، كەتسە يەنە تاپقىلى بولىدۇ. پۇل سېنىڭ قېنىڭدىنمۇ مۇھىممىدى؟-.. جۇ خۇڭنى يەنە يىغا تۇتۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى.
سەمەت كۆزىنى يۇمۇپ بىر دەم تۇرۇۋالدى، ئاندىن جايىدىن سەل قىمىرلاپ، ياستۇققا يۆلەنمەي ئولتۇردى.
— ھازىر تامىقى قانداق؟-دەپ سورىدى جو چۈنگاڭ.
— شىفەننى ئاران يۇتۇملاپ ئىچىدۇ،-دېدى جۇخۇڭ،- ئىچىپ بولغىچە بىر قورۇلۇپ قېنى قاقشاپ كېتىدۇ، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن مەيدىسىنى، قورسىقىنى چاڭگاللاپ تولغىنىپ ياتىدۇ، ئادەمنى ھېچنېمە يېگۈزمەيلا ئۆلتۈرىدىغان كېسەل ئوخشايدۇ بۇ…
— ئۇنداق قىلماي داۋالان، سەمەت، دوختۇرخانا دېەن يەنىلا دوختۇرخانا، سەندىن نامرات ىەقمۇ قەرزگە بوغۇلۇپ يۈرۈپ داۋالىنىدۇ. جان دېگەن ئاشۇنداق تاتلىق. دوختۇرخانىدا ياتساڭ ھېچ بولمىسا بىر نەچچە ئاي قىينالماي ياشايسەن، ياخشىلىنىپ قالساڭ تېخى شىفەندىن قۇتۇلۇپ بىرەر زىخ كاۋاپ يېيەلىشىڭ، بىرەر رۇمكا پىۋا ئىچەلىشىڭ مۇمكىن. نىمىدېگەن پەيزى-ھە! مەن يېنىڭدا ئولتۇرۇپ ئىچىشىپ بېرىمەن، كۈندە يېنىڭغا كېلىپ پاراڭ سېلىپ بېرىمەن.
سەمەت ئېغىر ئۇھ تارتىپ جو چۈنگاڭغا قارىدى:
— كېسەلنىڭ دەردىنى… ئۆزى بىلىدۇ. مەن تۆۋە قىلالماي ياتسام… سەن تېخى… يەنە ئىچىمىز … دەيسەنغۇ… خۇدا نېسىپ قىلىپ ياخشىلىنىپ قالسام… ئەڭ باشتا… تۆۋە قىلىپ…
— ئۇنىمۇ قىلىۋالىسەن، مېنىڭ دېگىنىم، مەيلى نېمىلا بولسۇن، سېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
— مەيلى ئەمىسە… — دېدى سەمەت بېشىنى ساڭگىلىتىپ.
شۇنداق قىلىپ، سەمەت بىرەر ھەپتە ياتقان ھۇجرىسىدىن 304 دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلدى. كېسەل نەگىلا بارسا دەرت، ئاغرىق تارتىدىغان ئىش. ئەھۋال جو چۈنگاڭنىڭ دېگىنىدەك بولمىدى، سەمەت بۇ يەردە يەنىلا قىينالدى، دورىنىڭ پۇرىقى، قېتىقتەك ئوكۇللارنىڭ نەچچە كۈنلەپ چۈشۈپ بولالماسلىقى، تولا ئىشپىرىس تىقىلىپ ساق يېرى ئاز قالغان بىلەكلىرنى مىدىرلىتالماسلىقى ئۇنىڭ جېنىنى خېلىلا قاقشاتتى. ئازاب تارتقاندا ۋايساپ: شۇڭا مەن دوختۇرخانا، دوختۇر، ئوكۇل دېگەنلەرگە ئۆچ… ئاناڭنى، پۇل خەجلەپ قىينىلىىدىغان ئىشكەنغۇ دەپ ئويلايتتى، جېنى ئارام تاپقاندا: ئۇھ، خېلى ئارام تېپىپ قالدىم، ئەمدى مۇشۇنىڭ بىلەن ساقىيىپ بۇ يەردىن چىقىپ كەتسەم، ئۆيگە قايتسام، ھۇجرىدىكى كارىۋاتتا قېنىپ بىر ئۇخلىۋالسام، خوتۇننىڭ قوينىدا بىر كېچىنى بولسىمۇ ئۆتكۈزۈپ، ئەتىسى يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇپ، ئاندىن ئاشخانىغا چىقىپ ناشتىلىق قىلسام… دېگەندەك ئارزۇلۇق خىياللارنى سۈرەتتى. جۇ خۇڭ كۈندە دېگۈدەك كېلىپ تۇرسىمۇ، ئاشخانىغا قارىمىسا بولمىغاچقا، بەزىدە سەمەتنى يالغۇز تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولاتتى. ئەمما جۇ خۇڭ بىلەن تېلېفوندا ۋاقتىنى كېلىشىپ قويغان جو چۈنگاڭ جۇ خۇڭ كېتىشى بىلەن ئۇزاق ئۆتمەي دوختۇرخانىدا پەيدا بولاتتى. سەمەتنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇراتتى. تاغدىن-باغدىن پاراڭ سوقاتتى، سەمەت بۇرۇنقىدك بىر ئېغىز گەپكە بىر ئېغىز قاۋاب بېرەلمىسىمۇ، ئاڭلاپ يېتىپ بەرسىلا جو چۈنگاڭ خۇشال بولاتتى. سەمەتنى بىئارام بولۇپ قالمىسۇن دەپ، ئۇ ئكزىنىڭ كۈن ئاتلاپ ئويناپ تۇرىدىغان ئىشلىرىنى دېمەيتتى. ئەمەلىيەتتە، جو چۈنگاڭ سەمەتنىڭ كېسىلىدىن ئىچى پۇشۇپ، ھاياتنى قىسقا، تايىنىسىز، مەنىسىز دەپ ئويلاپ، بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئۇ ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇرىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى. ئويۇنچى سەتەڭلەرگە باشتا سىلىق گەپلەرنى قىلىپ، ئىشنى باشلىۋالغاندىن كېيىن ۋەھشىلىشىپ كېتەتتى، شەھۋەتتىن، قانماس ھاياتىدىن ئۆچىنى ئېلىۋاتقاندەك ھاراق ئىچىپ، بەزىدە دورا ئىشلىتىپ، قوپال، سەت ھەرىكەتلەرنى قىلاتتى، نەپسى قانغاندىن كېيىن ھاقارەتلىك گەپلەرنى قىلىپ ئاندىن پۇلىنى بېرەتتى. بىر قېتم ئۇ «ئۇزاق ئويناپ كەتتىڭ» دەپ ئارتۇق پۇل تەلەپ قىلغان جالاپنىڭ قوڭىغا تېپىپ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقاردى. ھاياتنىڭ مەنىسى يېڭىلىقتا، يېڭىلاپ تۇرۇشتا دەپ ئويلاپ قالغان جو چۈنگاڭ بىر ئويناپ بولغان پاھىشىگە ئىككىنچى قارىمايتتى. ئۇ سەمەتكە قارىغاندىن باشقا ۋاقىتتا شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى كاللا ئىشلىتىپ قىسقا ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك ئورۇنلاپ، قالغان ۋاقىتتا ئۆزىنى كۈچەيتىشنىڭ كويىغا كىردى، ئالىي رېستۇرانلاردا ياخشى ئوزۇقلىنىشقا، چېنىقىش كۇلۇبلىرىدا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا باشلىدى، ئويۇن ئەڭ قىززىيدىغان ياكى يېڭى ئېچىلىپ داڭقى چىققان كەچلىك كۇلۇب، مەيخانا، دېسكوخانىلارغا قاترىدى… ئۇ نەگىلا بارسا كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان سەمەتنىڭ ئازابلىق، بىچارە چىرايىنى خىيالىدىن نېرى قىلالمايتتى، ماڭا بۇ گۇينىڭ جىنى چاپلاشتى، ھەي، پۇل تاپقان بىلەن ئەقىل ئىشلىتىشنى بىلمىگەن ئەخمەق. كۇلىغا چىققىلى 20 يىل بوپتۇ، يەنە شۇ پېتى ياشاپتۇ، تاپقان پۇلى تايىنلىق. ئاشخانا لاۋبىنىمەن دەپ ئىككى ئادەمنى باشقۇرۇپ، كېرىلىپ ئولتۇرۇپ چىش كوچىلاپ نەچچە يىلنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەن گەپ. مەن بولىدىغان بولسام 20 يىلدا بېيىپ تىقىلىپ كەتكەن بولاتتىم…
سەمەت دوختۇرخانىغا كىرىپ بىر ئايدىن ئاشقاندا كېسىلى ئېغىرلىشىپ گەپ قىلالماس ھالغا چۈشۈپ قالدى، جۇ خۇڭغا ئىما-ئىشارەت بىلەن بىر نەرسىلەرنى دەيتتى. جو چۈنگاڭ كەلسە قولىنى تۇتۇپ، يۈزىنى ئۇ تەرەپكە قىيسايتىپ، ئىپادىسىز، ئېغىر، قايغۇلۇق ھالدا قاراپ تۇرۇپ قالاتتى، چاپاقلىشىپ قالىدىغان كۆزلىرىدىن دائىم ياش ئەگىپ تۇراتتى. جو چۈنگاڭنىڭ قەلبىمۇ زىل-زىلىگە كېلىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تەۋرىنىپ تۇرۇپ قالاتتى. خوتۇن كىشىدەك يىغلاي دېسە تېخى، بۇ قىسمەتنى كىمدىن كۆرگۈلۈك؟ ئۆلۈمنى سەمەت ئۆزى تاپتىمۇ؟ سەمەت ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان تەقدىر دېگەن بۇ گەپ زادى توغرىمۇ؟ جو چۈنگاڭ سەمەتنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئۇنىڭ خۇداسىنى، تەقدىر دەپ خاتىرجەم ياتقاندىكى ھالىتىنى، تۆۋە قىلىۋاتقاندەك ياكى باشقا بىر نېمە دەۋاتقاندەك ئۆمەللىتىپ تۇرغان ئېغىزىدىكى ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى ئۆزىنىڭ تېخى تۈزۈك چۈشىنىپ بولالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
بىر كۈنى سەھەردە جۇ خۇڭ جو چۈنگاڭغا تېلېفون بەردى، گەپ قىلمايلا يىغلىدى. جو چۈنگاڭنىڭ يۈرىكى ئېغىر-ئېغىر سوقۇپ كەتتى: سەمەت قازا قىلغانىدى.
جو چۈنگاڭ سەمەتنىڭ جەسىتىنى، يۈزىنى كۆرۈشنى خالىمىدى. ئۇ سەمەتنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خۇشپېئىل چىرايى، بوم، ئەمما راۋان زۇۋانى، ئۇدۇل، قىززىق گەپلىرى، ئىنچىكە، ئېدىتلىق ھەرىكەتلىرى… نى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. جۇ خۇڭ يىغلاپ ئېقىپ كەتكەنىدى. ئاشخانىدىكى ئۇستىلار، باھارگۇلمۇ، سىچۈەنلىك ساۋاتسىز قىزمۇ بۇ ئۆلۈمگە قايغۇرۇپ ياش تۆكۈشتى. جۇ خۇڭ بىر ياقتىن يىغلاپ، بىر ياقتىن سەمەتنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىرىشكە كىرىشىپ كەتتى. سەمەتنىڭ تەۋسىيىسى ۋە ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن تېلېفون نومۇرلىرى بويىچە بىر قانچە تونۇش ئۇيغۇرنى تېپىپ، ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە دەپنە قىلىش ئىشىغا ئاتلاندى. تونۇش ئۇيغۇرلار يەنە بىر مۇنچە ناتونۇش ئۇيغۇرلارنى باشلاپ سەمەتنىڭ ئاشخانىسىغا يىغىلدى. ئۇلار مېيىتنى دوىتۇرخانىنىڭ جەسەت ساقلاش ئىسكىلاتىدىن بىۋاسىتە ھالدا خۇيزۇلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا يۆتكەش ئىشىنى مەسلىھەتلەشتى. قەبرىستانلىقنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ دەپنە قىلىش مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولۇپ، ماشىنا ئەۋەتىپ مېيىتنى قەبرىستانلىققا ئېلىپ كېلىش، مېيىتنى يۇيۇپ كېپەنلەش، نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىكىگە قويۇشقىچە ھەممىنى تەرتىپلىك، بىر تۇتاش بېجىرەتتى، بۇنىڭغا 5000 يۈەندەك پۇل كېتەتتى. جو چۈنگاڭ بۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
— بۇنداق قىلساڭ قانداق بولىدۇ شياجو-دېدى جۇ خۇڭ رازى بولماي،- بىزنىڭ پۇلىمىز تېخى تۈگەپ كەتكىنى يوق.
— مەن بىلەن تالاشما يەڭگە، بۇ مېنىڭ سەمەتنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا بولغان ھۆرمىتىم، ئازغىنا كۆڭلۈم…
— كۆڭلۈڭنى بىلىمەن، رەھمەت، سەن بۇ ئىشلارغا يېقىن تۇرمىساڭ بولمايدۇ…
— نېمىلەرنى دەيدىغانسەن يەڭگە، ئۇنچە تۈزۈت قىلىپ كەتمە، سېنىڭ ئىشلىرىڭ ئەمدى مېنىڭ ئىشلىرىم. مېنى يېقىن ئىنىڭدەك كۆرسەڭ بولىدۇ ئەمدى، نېمە قىيىنچىلىق بولسا دەيسەن، ئەگەر مېنى ئەمدى يات كۆرىدىغان بولساڭ، بۇ ئاشخانىنى ۋەيران قىلىپ، سەمەتنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرىمەن….
— تولا ئۇنداق گەپ قىلما، سەمەتمۇ ماڭا دېگەن، سەن دېمىسەڭمۇ مەن بىلىمەن. يەنە بىر ئىش، سەمەت ماڭا ئۇنى يەرلىككە قويۇپ بولغاندىن كېيىن قەبرە تېشى تىكلەپ، ئۈستىگە ئۇيغۇرچە ئىسىم-فامىلىسىنى، تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتىنى يېزىپ قويۇشۇمنى تاپىلىغانىدى.
— بۇنى شۇ قەبرىستانلىققا بارغاندا ئۇقۇشۇپ بىر نېمە دەيلى
سەمەتنىڭ ھۇجرىسى جايلاشقان كىچىككىنە ھويلىدا فاڭدۇڭ موماي ئىككى كۈندىن بېرى يوقاپ كەتكەن ئەرزخور قېرىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ ئېچىلىپ كەتتى:
— نەگە كەتتىڭ ئازغۇن قېرى، ئەجەپ ئەنسىرەتتىڭ ئادەمنى، تېلېفون قىلىپ قويۇشنى يا ئۇقمايسەن، دېھقان دېگەننىزە..
— ھېلىقى ئەرزنىڭ ئىشىدا ئازراق ئۈمىد پەيدا بولۇپ قالغانىدى، بىر كېچە سىرتتا تۈنەپ ئىشىمنى پۈتتۈرۈۋالدىم.
— يەنە تېخىچە شۇ ئەرزنىڭ كويىدىمۇسەن، بولدى قىل، ئۇنتۇپ كەت ئەمدى، جاھاندا نېمە ئىشلار بولمايدۇ؟! ئۆلۈپ كېتىدىغان جاھان بۇ! ئاڭلىدىڭمۇ، سەمەت ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
— ئۆلۈپ كېتىپتۇ، قاچان؟
— بۈگۈن سەھەردە
— مەن كىرىپ كۆرۈپ چىقاي
— نەگە بارىسەن ئەخمەق قېرى، ئۇ ھۇجرىسىدا يوق، جەسىتى دوختۇرخانىدا.
— نېمىشقا تېخىچە ئەكەلمەيدىكەن؟
— ئۇ دېگەن مۇسۇلمان، شۇ يەردىن ئۇدۇل ئاپىرىپ يەرگە كۆمىدىكەن.
— مەنمۇ بارسام بولامدىغاندۇ؟ ھەي، نېمانچە تېز ئۆلۈپ كېتىدۇ ئۇ!
— شۇڭا دەيمەن ئەخمەق قېرى، مۇشۇ كۈنۈڭگە شۈكرى قىلىپ ياشا، ئاز كۈندە سەنمۇ بارار جايىڭغا بارىسەن..
قېرى دېھقان بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى، ئاشخانىغا كىرىپ جۇ خۇڭغا تەسەللىي بەردى. قەبرىستانلىققا ئۆزىنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىشىنى ئۆتۈندى. چۈشتىن كېيىن خۇيزۇ قەبرىستانلىقىدىن ئەۋەتىلگەن ماشىنىنىڭ دوختۇرخانىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان جۇ خۇڭ ئاشخانىنى تاقاپ، ماشىنا كىرالاپ نامازغا بارىدىغان ئۇيغۇرلارنى، ئاشخانىدىكىلەرنى ۋە ھېلىقى قېرى بوۋاي-موماينى ئېلىپ ئاۋۋال دوختۇرخانىغا، ئاندىن قەبرىستانلىققا ماڭدى. مېيىت ماشىنىسىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇلار بىر سائەتچە يول ماڭغاندىن كېيىن بىر تۆپىلىككە جايلاشقان، ياپيېشىل قەبرىستانلىققا كەلدى. قەبرىستانلىق بىر باغچىدەك چىرايلىق بولۇپ، رەت-رەت قەبرە تاشلىرىغا ئۆلۈكلەرنىڭ ئىسىملىرى، ياشىغان ۋاقتى ئويۇلغانىدى.
سەمەتنىڭ مېيىتى خۇيزۇ ئاخۇنلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلار مېيىتنى شىلانكا بىلەن پاكىز يۇيۇپ، تەييار تىكىلگەن ئاقۇش كېپەنلىككە ئوراپ، سىرتمىسىنى ئەتتى، ئارقىدىن نامىزىنى چۈشۈردى. نامازغا پەقەت ئۇيغۇر جامائەتلا قاتناشتى. نامازدىن كېيىن جامائەت جىنازىنى كۆتۈرۈپ، بەزىلىرى قولىغا ئۇچلۇق گۈرجەك ئېلىپ، يەرلىك كۆرسىتىپ بەرمەكچى بولغان خۇيزۇنىڭ ئارقىسىدىن خېلى ئۇزۇن ماڭدى. چەترەك بىر جايدىكى ئىككى قەبرىنىڭ ئارىلىقىدىن ئادەم پاتقۇدەك بىر گۆرلۈك كولاپ قويۇلغانىدى، سەمەتنىڭ مېيىتى توپىسى نەم گۆرلۈككە ئاۋايلاپ چۈشۈرۈلدى، بېشى بىر تۆشۈككە تىقىلدى، ئىچ گۆرلۈك پەقەت مۇشۇ ئىدى، بېشىنىڭ تۆۋەينىگە مۇزدەك سوغۇق بىر بېتون تاختا يېپىلدى. جامائەت قول-قولغا توپا تاشلاشقا باشلىدى، بىر خۇيزۇ قارىم يۈكۈنۈپ قىرائەت قىلىشقا باشلىدى.
— ئۆلۈكنى كۆرسەتمىدا؟-دېدى قېرى دېھقان يېنىدىكى مومايغا،-مەن تېخى كۆرۈۋالارمەن دەپتىم.
— شۈك تۇر، بۇ ئۇلارنىڭ قائىدىسى.
— ھەي، ياشلا ئۆلۈپ كەتتى بۇ سەمەت!…-دېدى قېرى ياش تۆكۈپ
توپا بىر دەمدە تاشلىنىپ بولدى، نەمخۇش توپىنىڭ پۇرىقى ئەتراپقا تارالدى. جامائەت خۇيزۇ قارىمنىڭ باشچىلىقىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن قوپۇپ تارىلىشتى. جۇ خۇڭ، جو چۈنگاڭ، باھارگۇل يانمۇيان كېتىۋاتاتتى. جو چۈنگاڭ مېيىت دەپنە قىلغۇچى مۇلازىملاردىن قەبرە تېشىنىڭ ئىشىنى ئۇقۇشتى. ئۇلار خەتنى يېزىپ بەرسە قەبرە تېشىنى ئويۇپ تىكلەپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن بىر ئىشخانىغا كىرىپ ئۇ خەتنى مەسلىھەت بىلەن يېزىشقا باشلىدى. جۇخۇڭ سەمەتنىڭ كىملىكىنى چىقىرىپ سۈرىتىگە قاراپ يەنە يىغلاپ سالدى. باھارگۇل بىر ئاق قەغەزگە موي قەلەم بىلەن چوڭ قىلىپ ئۇيغۇرچە يېزىشقا باشلىدى:
مەرھۇم سەمەت ھوشۇر، 1963-يىلى شىنجاڭدا تۇغۇلغان، 2005-يىلى 7-ئايدا بېيجىڭدا ۋاپات بولغان. مەرھۇمنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز: ئايالى جۇ خۇڭ، قىزى ئاينۇر، دوستى جو چۈنگاڭ.
ياندىكى بوش يېرىگە تىك قىلىپ خەنزۇچىمۇ يېزىپ قويساق بولامدىكىن؟-دېدى جۇ چۈنگاڭ،- بىر خېتىگە قانچە پۇل ئالىدىكىن؟
— قىممەت ئەمەس، ئۇنى ئويلىماي يېزىۋېرىڭلار،-دەپ قويدى مۇلازىم.
— شۇنداق قىلايلى،- دېدى جۇخۇڭ.
جو چۈنگاڭ خەنزۇ خەتتاتلىرىنى دوراپ ئەستايىدىللىق بىلەن « بۇ كىشى بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات» دەپ چىرايلىق يېزىپ قويدى.
ھەممەيلەن قەبرىستاننىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ شەھەرگە— قايناق ھايات جۇش ئۇرۇپ تۇرغان يەرگە مېڭىشتى. جو چۈنگاڭ كەينىگە بىر قاراپ قويدى. تۆپىلىكتىكى يېشىللىق بارا-بارا كىچىكلەپ يوقاپ كەتتى. بىر سائەتتىن كېيىن شەھەر قۇچاق ئاچتى. ياشاڭلار، يايراڭلار دەيتتى ھەممە نەرسە. جو چۈنگاڭ ھەسرەتلىك كۈلۈپ قويدى، ئەمما كۆڭلى بۇزۇلدى، ئىچى قوپقۇرۇق ئىدى. ئۇ سەمەتنىڭ ئاشخانىسىغا بارماي ئۇدۇل ئۆيىگە كەتتى. ئىشخانىسى ھەم ياتىقى بولغان بۇ ياسىداق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېتىپ، غېرىبلىق باسقان ھەممە نېمىسىگە بىر قۇر قاراپ چىقتى. بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن ئۇ باھارگۇلنى ئىشخانىسىغا ئەكىلىپ كۆرسەتتى، شىركىتىنى تونۇشتۇردى ۋە ئۇنى 2500 يۈەن ئېلىپ ئىشلەيدىغان كاتىپلىققا رەسمىي تەكلىپ قىلدى. باھارگۇل توختامغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قول قويدى.
(تۈگىدى)
2006-يىل بېيجىڭ

باھا يېزىش