سۆرەلمىلىك توغرىسىدا

دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك، دائىم كۆرۈلىدىغان، ئەمما ئەڭ ئاسان سەل قارىلىدىغان بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك سۆرەلمىلىك. ئۇ بەلكىم سىزدىكى چۈشكۈنلۈك، غەم-ئەندىشە ۋە نېرۋا قالايمىقانچىلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.

پىسخولوگ ئاندىرى خوفمان بۇ كېسەللىكنى ئۈزۈل-كېسىل يېڭىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان يەتتە باسقۇچلۇق ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەتقىقاتچىلار ئۇزۇن مۇددەتلىك سۆرەلمىلىكتە كۆرۈلىدىغان قورقۇنچلۇق ئالامەتلەرنى بايقىدى. ئۇ بولسىمۇ يۇقىرى قان بېسىمى، ئىمونىتېت سىستېمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى، ئېغىر دەرىجىدىكى چۈشكۈنلۈك. ئەمما بۇنىڭغا دىققەت قىلغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق بىر قىزىقارلىق تەجرىبە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ئاددىي بىر رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنى ئويناشقا بۇيرۇيدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ ئويۇننىڭ پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، دەرھال قول سېلىپ ئويناشقا باشلايدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ ئويۇننىڭ بىر زېھىن سىناش ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا بولسا، توساتتىن سۆرەلمىلىك قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

سىزنىڭ مېڭىڭىز ھورۇن ئەمەس، ئۇ پەقەت سىزنى قوغدايدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، كىشىلەر باشقىلار تەرىپىدىن «ئانچە تىرىشمايدۇ» دەپ قارىلىشىنىمۇ، «ئىقتىدارى يەتمەيدۇ» دەپ قارىلىشىنىمۇ خالىمايدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ ھەمىشە ئۇششاق ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ھەقىقىي مۇھىم ئىشلارغا ئالدىرىماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.

مەسىلىنىڭ ھەقىقىي قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى، تەتقىقاتچىلار سۆرەلمىلىكنىڭ ناچار بىر دەۋرىيلىك شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ: كىشىلەر ئۆزىنى راھەت، ئازادە ھېس قىلىش ئۈچۈن سۆرەلمىلىك قىلىدۇ؛ ئەمما بۇ  كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ مېڭىسى بۇ بېسىمنى (ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى) تېخىمۇ خەتەرلىك كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ داۋاملىق سۆرەلمىلىك قىلىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭ سالامەتلىكى بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ.

سۆرەلمىلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى نېمە؟ يۇقىرىقى ناچار دەۋرىيلىكنى بۇزۇپ تاشلاش. «جاراھەت چاپلىقى»نى سويۇپ تاشلاپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىش. سوغۇق سۇغا سەكرەيمۇ-سەكرىمەيمۇ دەپ ئىككىلىنىپ تۇرغانچە، قورقۇنچىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى دېمەك ئاسان، قىلماق تەس. شۇنداقتىمۇ، بۇ يەردە بىر قىزىقارلىق بايقاش مەۋجۇت.

تەتقىقاتچىلار كىشىلەرنىڭ قىسقىغىچە ھۇزۇر ئىزدەپ، سۆرەلمىلىك قىلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ سۆرەلمىلىك ئارقىلىق غەم-ئەندىشىلىرىنى يەڭگىللىتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغىنىدا، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار دەرھال ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ.

سىزنىڭ مېڭىڭىزدە مەسىلە يوق، ئۇ پەقەت كەيپىيات ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان. ئۇنداقتا بۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش مۇمكىن؟

تەتقىقاتچىلار ھەر خىل چارىلەرنى سىناپ، قايسىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىگە قاراپ باقىدۇ:

تەپسىلىي پىلان تۈزۈش ئاقمايدۇ.

قىلىدىغان ئىشلار تىزىملىكى تۈزۈشنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ.

ئۆزىنى مەجبۇرلاشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ناچار بولىدۇ.

ئەمما ئۇلار ئاخىر مەلۇم بىر چارىنىڭ ئىشقا يارايدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىدۇ: ئۆزىنى كەچۈرۈشنى ئۆگىنىش.

ئاڭلىماققا قۇلاققا خۇش ياقىدىغان گەپ. ھالبۇكى تەتقىقاتلار ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ:

بۇرۇنقى ئىمتىھانلاردا ئۆزىنىڭ سۆرەلمىلىك قىلغانلىقىنى ئەپۇ قىلغان ئوقۇغۇچىلار، كېيىنكى ئىمتىھانلاردا سۆرەلمىلىك قىلىشنى ئازلىتىدۇ. سۆرەلمىلىكتىن نومۇس قىلىش كىشىنى ناچار دەۋرىيلىككە سۆرەپ كىرسە، ئۆزىنى كەچۈرۈۋېتىش ئۇ ناچار دەۋرىيلىكنى بۇزۇپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

يەنە بىر مۇھىم بايقاش شۇكى، سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىز كەلگۈسىدىكى سىزنى ناتونوش ئادەم دەپ قارىۋالىدۇ. مانا بۇ سىزنىڭ ھەمىشە ئىشنى ئەتىگە سۆرەپ، ۋەزىپىنى ئەتىدىكى «مەن»گە ئىتتىرىپ قويۇشىڭىزنىڭ، ئەتە-ئۆگۈن قىلساممۇ ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ قارىشىڭىزنىڭ بىر سەۋەبىدۇر. تەتقىقاتچىلار قارىماققا غەلىتە، ئەمما ئاجايىپ ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇلنى بايقايدۇ: ئۇلار تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارغا كەلگۈسىدىكى ئۆزلىرىگە خەت يېزىشقا بۇيرۇيدۇ. خەتنىڭ مەزمۇنى سۆرەلمىلىك قىلغاندىن كېيىنكى ھېسسىيات، سۆرەلمىلىك ئېلىپ كەلگەن بېسىم، ئىشنى ۋاقتىدا تۈگىتىشنىڭ خۇشاللىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەتىجە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ: كىشىلەر كەلگۈسىدىكى ئۆزلىرىنى ئېنىق تەسۋىرلىگەن چاغدا، ئۇلارنى ھەرگىز يىراقتىكى ناتونوش ئادەم دەپ ھېس قىلمايدۇ، بەلكى سۆرەلمىلىك قىلمىشىنى ئاتمىش پىرسەنت ئازلىتىدۇ.

بۇ ھەقتىكى  يەنە بىر چوڭ بايقاش، مېڭىنى سكانېرلاش تەجرىبىسىدىن كېلىدۇ. سىز قاتتىق ھارغىنلىق ياكى كۈچلۈك بېسىم ھېس قىلغان ھەم نېمە قىلىشىڭىزنى بىلمەي قالغان پەيتتە ئالدى مېڭىڭىز (مېڭىنىڭ ئەقىل بۆلۈمى) ھىسسىي مېڭىڭىزگە (نېرۋا ئۇچلىرى سىستېمىسىغا) ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، سىزگە سۆرەلمىلىك قىلدۇرىدۇ.

شۇڭا «ئىرادە كۈچى»گە تايىنىپ سۆرەلمىلىككە قارشى تۇرغاندىن، مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ ھەرىكەت قىلغان ياخشى.

تەتقىقاتلاردىن كۆرۈلدىكى، بالدۇر يېتىپ سەھەر قوپقانلار ئىچىدە چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن ئىلگىرى سۆرەلمىلىك قىلىش تېخىمۇ ئاز بولغان. كېچىسى ئۇخلىمايدىغانلارنىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن كېيىنكى ھالىتى ئەڭ ياخشى بولغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەسىلە ئۆزىڭىزنى زورلاشتا ئەمەس، بەلكى كاللىڭىز ئەڭ ياخشى ئىشلەيدىغان پەيتنى تاللاپ ھەرىكەت قىلىشتا.

تەتقىقاتچىلار يەنە شۇنى بايقىغانكى، سۆرەلمىلىك قىلغۇچىلار خىيالپەرەس كېلىدۇ، سۆرەلمىلىك ئادىتىنى ئوي-پىكىر ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ھالبۇكى ئويلىنىش سۆرەلمىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئۇنى ھەل قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھەرىكەت ۋە ئۇنىڭغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش. ھېچ بولمىسا ئىككى مىنۇت سەرپ قىلىپ ھەرىكىتىڭىزنى باشلىسىڭىز، مېڭىڭىزنىڭ شۇ ۋەزىپىگە قارشىلىق كۆرسىتىش تۇيغۇسىنى خېلىلا پەسكويغا چۈشۈرەلەيسىز.

بۇ تەتقىقاتنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، سۆرەلمىلىك بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس. ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلغىنىغا ئۈچ مىڭ يىلدىن ئاشتى. ئەمما بىز بۈگۈن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشنىڭ يولىنى تاپتۇق. ئۇ بولسىمۇ،  ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، كونا خاماننى سورىماسلىق، كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا پۈتۈن دىققىتىنى بېرىش.

سۆرەلمىلىكنىڭ ھەقىقىتى شۇكى، ئۇنىڭ ھورۇنلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق.  ئۇ يۇمشاق دېتال ياكى بىرەر ئەپچىل چارە بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. ئۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا، مېڭىڭىزنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشتۇر.

تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سۆرەلمىلىكتىن غالىب كېلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ھەرىكەتنى دەرھال باشلاش. ھېچ بولمىسا بۇنىڭغا ئىككى مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىڭ-دە، سۆرەلمىلىكنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇڭ.

باھا يېزىش