تەسەۋۋۇپ دېگىنىمىز پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك ھاياتى بىلەن تاشقى ۋە ئىچكى جەھەتتىن پۈتۈنلىشىپ، چوڭقۇر بىر مۇھەببەت بىلەن بىر يەرگە كېلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زاھىرى-باتىنى، ئىچكى ۋە سىرتقى تەجەللىلىرى، يەنى ھالىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روھانىيىتىدىن پاي ئېلىش ۋە روھى جەھەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا تەسەۋۋۇپ ـــ ئىشىق مۇھەببەت بىلەن بىرلەشكەن ئىمان، ۋەجد (سۆيگۈ-مۇھەببەت) بىلەن ئادا قىلىنغان ئىبادەت ۋە گۈزەل ئىش-ھەرىكەتتۇر. قىسقىسى، تەسەۋۋۇپ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا «روھ (جان) كىرگۈزۈلۈشى» بىلەن باشلانغان بىر ئۇلۇغ نېسىۋىنىڭ ئاخىر زامان پەيغەمبىرىدىكى مۇكەممەل نامايەندىسىدىن مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەردە ئەكس ئەتكەن پەيز (مەنىۋى ئۇزۇق) شەبنەملىرىدۇر.
تەسەۋۋۇپنىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلغان بۇ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدىكى قەلبتىن قەلبكە، شەخستىن شەخسكە تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ مۇبارەك پەيغەمبەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىغا تولۇق نەزەر سېلىش لازىم .رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىبادەت، مۇئامىلات ۋە ئەخلاقتىكى زاھىرى ۋە باتىنى پەزىلەتلەرنىڭ مەركىزى ۋە يۇقىرى پەللىسىدۇر.مەككىدىكى ئون ئۈچ يىللىق تەبلىغ ۋە مەنىۋى تازىلاش جېڭىدىن كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭغا سەۋرى غارى كۆرسىتىلدى. بۇ يەردە بەزى تەجەللىلەرنى كۆردى. چۈنكى بۇ غار ئىلاھىي ھېكمەتلەرگە غەرق بولۇش ۋە قەلبىي ئىنكىشاف (مەنىۋى سىرلارغا ئېچىش) دەرسخانىسى ئىدى. ئۇنى بۇ غارغا ئەكىرىشتىكى مەقسەت ئۇنىڭغا ئىلاھىي سىرلارنى كۆرسىتىش ۋە ئۇنى مەنىۋى جەھەتتىن تاكاممۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە ئۈچ كېچە-كۈندۈز مىھمان بولدى. يالغۇز ئەمەس ئىدى، يېنىدا يېقىن دوستى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى رازىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى رازىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرلەردىن كېيىن كائىناتتىكى ئەڭ ئالىيجاناپ ۋە مەنىۋى جەھەتتە ئەڭ باي بىر كىشى ئىدى. ئۇ غاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۈچ كۈن ھەمراھ بولۇشتىن ئىبارەت شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىرىشتى. قۇرئانى كەرىمدە «ئىككى كىشىنىڭ ئىككىنچىسى» دەپ ئاتالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەزىز دوستىغا:
– غەم قىلما! ئاللاھ بىز بىلەن بىللە. (تەۋبە سۈرىسى -40ئايەت) دەپ ئۇنى خاتىرجەم قىلدى. ۋە ئاللاھ بىلەن بىللە بولۇشنىڭ رۇھى ھالىتىنى ئۆگەتتى.
تەسەۋۋۇپ ئەسلىدە دىننىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىشى جەھەتتىن ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلىنىپ، ئەسرى-سائادەت (پەيغەمبىرىمىز ۋە دەسلەپكى تۆت خەلىپە دەۋرى)گە قەدەر بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ھەر پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىدا تەسەۋۋۇپنىڭ نۇرغۇن دەستۇرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. لېكىن تەسەۋۋۇپنىڭ كۈنىمىزدىكى مەنىسى بىلەن بىر يول شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھىجرىيە 2-ئەسىردە باشلانغان.

ئەسرى-سائادەتتە كالام، ئېتىقاد ۋە فىقىھقا ئائىت مەزھەپلەر تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەزھەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئىلگىرىلا ئېتىقادى، فىقھى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھۆكۈملەر مەۋجۇت ئىدى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى ساھابىلەرگە تەلىم ۋە تەتبىق قىلغان ئىدى. لېكىن بۇلار ئىلمىي ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تېخى كىتاپلاشمىغان ئىدى. مۇئەييەن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مەسىلەن: «فىقىھ»ئىلمىدە نۇپۇزلۇق ھېساپلانغان چوڭ ئالىملارنىڭ ئىجتىھادلىرىنى تالىپلىرى قوبۇل قىلىپ سىستېمىلاشتۇرغان ۋە بۇ يەردىكى پەرقلىق ئۇسۇللارغا «مەزھەپ» ئىسمى بېرىلگەن ئىدى. مەزھەپلەر ئۇ چوڭ ئالىملارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىدى. ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكىي، ھەنبەلىي… دېگەندەك. بۇ مەزھەپلەر فىقھىي ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىشتا بىر ئوسۇل ۋە يول دەپ قارىلىپ، كەڭ خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
باشقا دىنىي ئىلىملەردە بولغىنىدەك، تەسەۋۋۇپ تەلقىن قىلغان زۈھد ۋە تەقۋا ھاياتىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەسرى-سائادەتتە مەۋجۇت ئىدى. ئارىدىن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بۇ خىل پەيزلىك ياشاشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ ھايات ئۇسلۇبىغا ئايلاندۇرغان ھەقتائالا دوستلىرى خەلقنىڭ دۇنياغا رام بولۇپ، غەپلەتكە چۆكۈپ كېتىشىنى توسۇش مەقسىتىدە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، غەپلەتتىن ئويغىتىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. بۇ زاتلارنىڭ چىغىر يول ئېچىش، تەرىقەت ياكى ياشاش ئۇسلۇبى مەيدانغا كەلتۈرۈشتەك بىر غايىسىمۇ يوق ئىدى. تۈپ غايىسى ــــ ئىسلامنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا گۈزەل ياشاش ۋە ئىبادەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتتە بىلدۈرۈلگىنى بويىچە تەئدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سۆھبەت ۋە نەسىھەتلىرىدىن نەپ ئېلىپ، ھاللىرىدىن ئۆزىگە بىر پاي ئالماق ئىستىگەن ئىنسانلار بۇ زاتلارنى ئۆزىگە بىرەر مەنىۋى رەھبەر ۋە ئۇستاز دەپ قوبۇل قىلغان. بۇ ئىنسانلار ئۇ زاتلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى، يەنى مۆمىننى روھى تاكامۇللۇققا ۋە ئىستىقامەتكە (توغرا يولغا) يېتەكلەيدىغان نەپسىي پاكىزلىق ۋە تەربىيە ئۇسۇللىرىنى مېتودلاشتۇرۇپ مەنىۋى ئىنتىزام ھالىتىگە كەلتۈرگەن. نەتىجىدە بۇ ئۇستازلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان تەرىقەتلەر مەيدانغا كەلگەن. قادىرىييە، مەۋلەۋىييە، نەقشىبەندىيە… ۋاھاكازالار.
ھەر تەسەۋۋۇپ يولىنىڭ بەندىنى ئاللاھقا يېتەكلەش، تەپەككۈر ۋە ئىھسان تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسلاردا قوللانغان ئۇسۇلى تەرىقەت دەپ ئاتالغان. تەرىقەتلەر مېتودلىرىغا ئاساسەن ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ:
تەرىقى-ئەخيار: ئىبادەت ۋە تەقۋا ئۈستىگە مەركەزلەشكەن تەرىقەتلەر؛
تەرىقى-ئەبرار: نەپسىنى رىيازەت ۋە خىزمەت بىلەن تەربىيىلەشكە بەكرەك كۈچەيدىغان تەرىقەتلەر؛
تەرىقى-شۇتتار: سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن مەقسەتكە يېتىشنى نىشان قىلغان تەرىقەتلەر؛
بۇ سەۋەپتىن ھەر مۆمىن مەنىۋى پاكلىق ۋە روھى تاكامۇللۇق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ئۇيغۇن كەلگەن بىرەر تەرىقەتكە كىرسە بولىدۇ. مىجەز پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەرىقەتلەرنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشىمۇ تەبىئىيدۇر
جانابى ئاللاھ قۇرئانى-كەرىمدە مۇنداق دېگەن:
«ھەر بىرىڭلارغا بىر خىل شەرىئەت ۋە «مىنھاج» تەيىن قىلدۇق.» (مائىدە سۈرىسى 48-ئايەت)
بۇ يەردىكى «مىنھاج» كەلىمىسى لۇغەتلەردە «مونەۋۋەر بىر يول، ئوچۇق يول» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جانابى ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتىدە سۈلۈك بولىدىغان قۇللۇق (بەندىلىك) يولى دېگەنلىكتۇر. تەسەۋۋۇپ ئۈلىمالىرى:
«جانابى ئاللاھقا بارىدىغان يوللار مەخلۇقاتلارنىڭ نەپەسلىرىنىڭ سانىدەك كۆپ» دېگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن قۇرئانىي ھۆكۈملەرئېتىقاد (ئەقىدە ئاساسلىرى)، فىقىھ، ئىبادەت دەپ ئۈچكە ئايرىلىدۇ؛ فىقھى ئىلمى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مۇئامىلات، ئوقۇبات (جازا)، ئەخلاق (فىقھى-قەلبى) مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.
فىقھى قەلبى دېگەنلىك ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، يەنى ئەخلاقتۇر. ئېتىقاد ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنىڭ باتىنىنى (ئىچكى قىسمىنى) تەشكىل قىلىدۇ. ئەمەللەر ئۇنىڭ بىلەن سەۋىيەگە ئېرىشىپ، «سالىھ ئەمەل» ھالىتىگە كېلىدۇ. قۇرئانى-كەرىمدە قەلبنىڭ مەقبۇل ھالىتىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم سۈپەتلەر: تەقۋا، زۈھد ۋە ئىھساندۇر.
تەقۋا: ئاللاھقا ئالدىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئىلاھىي ئەمىر-پەرمانلارنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاش ئارقىلىق قەلبنىڭ قوغدىلىشى دېگەنلىكتۇر.
زۇھد: ماسىۋا، يەنى ئاللاھتائالادىن باشقا ھەر قانداق شەيئىنىڭ قەلبتە ئىتىبارىنى يوقۇتۇشىدۇر.
ئېھسان: مۆمىننىڭ ئۆزىنى ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇشۇ تۇيغۇ ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇشىدۇر.

ھەدىس-شەرىفتە:
«ئىھسان ــــ ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر. چۈنكى سەن ئۇنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئەمما ئۇ سىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.» دېيىلگەن. (بۇخارى: «ئىمان»، 37؛ مۇسلىم: «ئىمان»، 1) يەنى ئىھسان دېگىنىمىز روھنىڭ ئاللاھتائالانىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى داۋاملىق ئاڭلىق ھالدا ھىس قىلىشى دېگەنلىكتۇر. قەلب سەۋىيەسىنىڭ يۈكسىلىشى ھەر ۋاقىت بۇ تۇيغۇ ۋە ئاڭ-سىزىم ئىچىدە تۇرۇش، بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى بۇ ئەقىدە بىلەن نىزامغا سېلىش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن قەلىب پاكلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن تەسەۋۋۇپ قەلبنىڭ ھۇزۇرغا ئېرىشىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
دىننىڭ غايىسى گۈزەل، روھى ساغلام، ئىچكى دۇنياسى پاك بولغان ئىنسان يېتىشتۈرۈشتۇر. بۇ بولسا ھەقتائالانىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىق ھىس قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىنسان (مۇكەممەل ئىنسان) ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان كىشىلەردۇر. بۇ غايىگە يېتىش يولى بولسا قەلبىي تەربىيە ئارقىلىق بولىدۇ.
قەلب جەۋھىرىنى پارلاق بىر ئەينەك كەبى ھەقتائالانىڭ تەجەللىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش قەلبتە زىكىرنىڭ ماكانلىشىشى ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. قەلبنىڭ بۇ گۈزەل ھال ئىلە ھەقتائالا تەرەپكە بۇرۇلۇشى ئىماننىڭ پارلاق نامايەندىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.
«زۈھد»، «تەقۋا»، ۋە «ئىھسان» ۋاستىسى بىلەن مەنىۋى تەرەققى قىلىش يولى ئوچۇق تۇتۇلماي، پەقەتلا زاھىرى (سىرتقى) ھۆكۈملەر بىلەن بولدى قىلىش كەسكىن ئەمىر قىلىنغان بولسا ئىدى، ئىستىداتلىق ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا ۋاسىل بولۇش ئىمكانى قولىدىن ئېلىنغان ۋە ئىنسانلارنىڭ ئاخىرقى نوقتىدىكى ئىستىداتىغا سەل قارالغان بولاتتى. بۇ تەقدىردە، ھەر ئىرادە ۋە ھەر ھۆكمىدە ھېكمەت ئىگىسى بولغان جانابى ئاللاھتائالانىڭ ئىلاھى تەرتىپكە سېلىشىدا ــــ (ئاللاھ بىزنى خاتالىشىشتىن ساقلىغاي!) ــــ نوقسانلىق بار دېگەندەك گەپ بولۇپ قالاتتى.
ئىپادە قىلغىنىمىزدەك، بەندىنىڭ رەببىنى ھەر دەقىقە كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، ھاياتىنى مۇشۇ تەرتىپتە ئۆتكۈزۈشى، ئاللاھنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىق ئاڭ-سىزىمىنىڭ قەلبىگە مەھكەم يەرلىشىشىدىن ئىبارەت بولغان «ئىھسان» بىر قاراشتا ئاللاھقا يېقىن بولغان بەندىلەرنىڭ روھ مېراجىدۇر. بۇ جەھەتتە ئىھسان مەنىۋى، روھى، سىرلىق ۋە ئىلاھىي ھەقىقەتتۇر. مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ نىشانى بولسا مۇشۇ ھەقىقەتكە يېتىشتۇر. بۇ بولسا ئاللاھ بىلەن باغلانغان روھى ۋە چوڭقۇر رابىتانى ئىپادىلەيدۇ. بۇ رابىتانى ساغلام ھالدا باغلىيالىغان كىشى رەببىنىڭ ۋەلى بەندىسى ھالىتىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كىشى ئىلاھىي ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلانغان بولىدۇ.
ئەمما بۇ ھەقىقەتكە يېتەلمىگەن ئەھۋالدا نىشانغا يېتىشكە كۈچى يەتمەيدىغان زاھىر (تاشقى كۆرۈنۈش) ۋە تەقلىد بىلەن قانائەت قىلغان پېتى قالىدۇ.
ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى ۋە ياشىغان روھى ھاياتىنى ساھابىلەر، تابىئىنلار ئۆرنەك قىلغان. بۇ ھاياتنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى، كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن قىسمى، ئىزاھلانغان ۋە ئىزاھلىنالمىغان نەتىجىلىرى ئىلگىرىكى نەسىللەردىن كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈلگەن. لېكىن بۇ خىل شەكىلدە داۋاملاشقان مەنىۋى ھايات پۈتۈن ئۈممەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھالدا بولۇپ، خۇسۇسىي بىر جامائەتكىلا مەخسۇس ئەمەستۇر.
ئىسلامنىڭ تۈپ قارىشى يۇقارقىدەك بولۇش بىلەن بىرلىكتە تەسەۋۋۇپنى ئەھلى سۈننەت قارىشىغا يات دەپ قارايدىغانلار ياكى مەنفى پۇزىتسىيە تۇتىدىغانلار ئۇنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
پەقەت تەلەپپۇزىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىغا قاراپلا تەسەۋۋۇپتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك پائالىيەت يۇنانچە «ھېكمەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدىغان «سوفوس» (sofos) دېگەن سۆزدىن كەلگەنلىكىنى سۆزلىگۈچىلەر بولغىنىدەك، ئۇنى ئىسرائىل (يەھۇدى نوقتىئنەزىرى) مەنبەسىدىن كەلگەن دېگۈچىلەردىن باشلاپ ھىند مىستىسىزمىگە باغلىغۇچىلارغا قەدەر خىلمۇ-خىل تۇتامى يوق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ چىققان. بۇلار سۆز ياكى مەزمۇندىكى كىچىككىنە ئوخشاشلىقنى تۇتۇۋېلىپلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا قاراشلاردۇر.

ھەقىقەتتە بولسا «تەسەۋۋۇپ» كەلىمىسىنىڭ قايسى تۇمۇردىن كەلگەنلىكى ھەققىدە ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدىكى قاراشلار ئۇنىڭ تامامەن ئىسلامىي مەنبەدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ خۇسۇستا خىلمۇ-خىل قاراشلار ئارىسىدا تەسەۋۋۇپنىڭ «پاكلىنىش»، «تاللىنىش» مەنىسىدىكى «ساپا»، «ساپۋەت» ۋە «ئىستىسفا» كەلىمىسىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلەر بولغىنىدەك، ئۇنىڭغا ئائىت ئۇسلۇبنىڭ تۇنجى نامايەندىسى بولغان «ئەھلى سۇففە» نامى بىلەن ياد ئېتىلگەن ساھابىلەردىن بەزى ئۇبباد (ئابىدلەر) ۋە زۇھھاد (زاھىدلەر) كىيگەن «سۈف» دېيىلىدىغان يۇڭ كيىمدىن كېلىپ چىققانلىق كۆز قارىشى ئۇمۇمەن قوبۇل قىلىنغان.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىم-ئىرپان ۋە مەنىۋىيەت تەھسىل قىلىش مەقسىتىدە مەسجىدى-نەبەۋىدە ئىقامەت قىلىدىغان «ئەھلى سۇففە» دەپ ئاتالغان بۇ ساھابىلەر جامائىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەشۋىقى بىلەن زۈھد ۋە تەقۋادا يۈكسەلگەن. ھەتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باي ساھابىلەردىن بۇ جامائەتنىڭ تۇرمۇش خىراجەتلىرىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەھۋال تەسەۋۋۇپى ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ئالدىدىكى ئورنىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرنىڭ تەستىقىغا تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر تارىخىي پاكىتتۇر.
ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ساھابىلەر نەسلى ئارىسىدا كېلىپ چىققان سىياسىي ئىختىلاپلار ئالدىدا «ئەھلى سۇففە»دىن ھايات بولغانلار ھېچبىر تەرەپكە يان باسماي بىتەرەپ قالغان ئىدى. ھەتتا بۇ ئىختىلاپلارنىڭ مۆمىنلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىدىن ئىبرەت ئېلىپ، زۈھد ۋە تەقۋادا تېخىمۇ ئىلگىرلەپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھالەت نەشۋەئى سۇفىييە (سۇپىلار ھىس قىلغان ئىلاھىي زەۋق)نىڭ زىيادىلىشىشىگە سەۋەپ بولغان. ئىختىلاپلارغا ئارىلىشىشنى مەنىۋى جەھەتتىن خەتەرلىك ھىس قىلغان باشقا ساھابىلەردىن بەزىلىرىمۇ ئەھلى سۇففەگە كېلىپ قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن زۈھد ۋە تەقۋا يولىنى تۇتقانلارنىڭ سانىدا كۆپىيىش مەيدانغا كەلگەن.
«سۇف» كەلىمىسىدىن «ئەھلى سۇففە»، ئۇلارنىڭ رىيازەت ۋە تەقۋادارلىقىدىن «تەسەۋۋۇپ» ۋە «مۇتەسەۋۋۇپ» كەلىمىسى تەدرىجى بارلىققا كېلىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن رەسمىي ئاتالغۇغا ئايلانغان.
ئىسلام ئالىملىرى قۇرئان ۋە سۈننەتكە باغلىق بولۇشنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن تەقۋا يولىدا ماڭغان مۇتەسەۋۋۇپلار ئوتتۇرىغا قويغان ئەسەرلىرىدە تەسەۋۋۇپى قاراشلارنى مۇجتەھىدلەرگە ئوخشاشلا شەرئىي دەللىللەر بىلەن دەلىللەپ كەلگەن ئىدى. بىراق بۇ يولدا رەھبەرلەر، يەنى ماشايىخلار زاھىرنى ھەزىم قىلغان ئىنسانلاردىن تاللانمىغان بىر قىسىم تەرىقەتلەردە «نەشۋەئى سۇفىييە»نىڭ غالىب كېلىشى سەۋەبىدىن بەزى ئېغىشلار سادىر بولغان. لېكىن تەرىقەتلەر ئارىسىدا شەيىخلىرى ئۇمۇمەن ھاجەگان، يەنى ئىلىم ئەربابى ئالىملاردىن، دىننىڭ زاھىرىنىمۇ ھەزىم قىلغان ئىنسانلاردىن بولغانلار بۇ خىل ئېغىشتىن خالىي قالغان. تەسەۋۋۇپ تەرىقىتى ئىچىدە قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن داۋاملاشقان نەقشىبەندىلىك ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلار تەرىقەتلەرنىڭ شەرىئەتكە سادىقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەرۇف (ھەممىگە مەلۇم) تەبىر بىلەن ئېيتقاندا:
«سىركۇلنىڭ مۇقىم تۇرىدىغان پۇتى شەرىئەتتۇر» دېگەن ھۆكۈم ھەممە كىشى بىلىدىغان بىر دەستۇر بولغان.
دەرۋەقە، ھەزرىتى مەۋلانا مۇنداق دېگەن:
«بىز سىركۇلغا ئوخشايمىز. مۇقىم تۇرىدىغان پۇتىمىز شەرىئەتتە، يەنە بىر پۇتىمىز بىلەن يەتمىش ئىككى مىللەتنى ئايلىنىپ يۈرىمىز.»
«شەرىئەت بىر شامغا ئوخشايدۇ، نۇر چاچىدۇ، يول كۆرسىتىدۇ. شامنى قولغا ئېلىش بىلەن يولغا چىققانلىق بولمايدۇ. ئەمما ئۇنى قولغا ئالماي تۇرۇپمۇ يولغا چىققىلى بولمايدۇ. شەرىئەتنىڭ نۇرىدا يولغا چىقىشقا باشلىغاندىن ئېتىۋارەن ماڭغان يولۇڭ تەرىقەت بولىدۇ.»
تەسەۋۋۇپ ــــ ماددى مەنىۋى كىرلەردىن پاكىزلىنىپ، گۈزەل ئەخلاق ۋە سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ، دىننى ماھىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ياشاشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت.
تەسەۋۋۇپنىڭ تەبىرى —-تەسەۋۋۇپ ياشىغانسىرى تەمىنى تېتىغىلى ۋە ئىدراك قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن، كەلىمىلەرنىڭ چەكلىك ئىمكانلىرى ئىچىدە كامىل بىر سۈرەتتە ئىزاھلاش مۈشكۈلدۇر. بۇ سەۋەپتىن ھەقتائالا دوستلىرى ئۇ تەسەۋۋۇپ كىرىستالىنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن ھەر پارچىسىدىن رەڭگارەڭ نۇرلار چاقنىغان بىر يۈزىنى نەزەرى ئىتىبارغا ئېلىپ، خىلمۇ-خىل تەبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
ھەقتائالا دوستلىرى ۋە بۇ مەنىۋى يولغا كىرگەنلەر ئىستىدات، ئىقتىدار ۋە قەلبىدە پەيدا بولغان ھال تەجەللىرى نىسبىتىدە مۇساپە ئالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن روھى ئالەمدىكى سۇنۇھات، يەنى قەلبىي ئىلھاملارنىڭ ئۆزىدىكى تەجەللىسىگە ئاساسەن تەسەۋۋۇپنى خىلمۇ-خىل چۈشەنگەن. لېكىن تەسەۋۋوپقا ئېنىقلىما بەرگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز كۆز قارىشى نوقتىسىدا توغرىدۇر. بىز بۇ خىل ئېنىقلىمىلارغا قاراپ تەسەۋۋۇپنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئۇمۇمىي كۆز قاراشقا ئىگە بولالايمىز.
بۇ خىل پەرقلىق ئېنىقلىمىلارنىڭ ئورتاق نوقتىلىرى ئىتىبارى بىلەن تەسەۋۋۇپ مۆمىنلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەنىۋى جەھەتتە تاكامۇللاشتۇرغۇچى، بەندىنى ئەخلاقى-ھامىد (مەدھىيىلەنگەن ئەخلاق)قا ئېرىشتۈرۈپ، ئاللاھتائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق مەرىپەتۇللاھقا يەتكۈزىدىغان بىر ئىلىمدۇر دېيەلەيمىز.
ھەقتائالا دوستلىرى ئۆزلىرى نائىل بولغان روھانىي تەجەللىلەرگە ئاساسەن تەسەۋۋۇپ ھەققىدە <تەسەۋۋۇپ گۈزەل ئەخلاق ۋە ئەدەبتۇر> ،<تەسەۋۋۇپ نەپس تەربىيىسى مېتودىدۇر> دىگەنگە ئوخشاش سان-ساناقسىز تەبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

ئىسلامى تەرىقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامىنىڭ مۇقەدەس سۇننەتلىرىنى مەنبە قىلىپ راۋاجلانغان بولۇپ، شەرىئەت بويرۇغان ئەمەللەرنى كامىلى ئۆزلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، خۇشۇ ھۇزۇر بىلەن ئېلىپ بېرىلدىغان نەپلە ئىبادەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش ئاساسىدا ، ئىنساننى ئىلاھىي ئىشىققا ئۇلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ…ئابابەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر قىسىم نەپلە ئىبادەتلىرىنى ئۆزىگە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەن بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭغا سالىمان پارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋارىسلىق قىلغان ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىسلامى تەرىقەت راۋاجلىنىشقا باشلىغان. تەرىقەتلەر ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى پىر كامىللارنىڭ باشلامچىلقىغىدا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ، بىر كۈچۈيۈپ، بىر ئاجىزلىشىپ ئىزچىل ئىلگىرلىمەكتە…..
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى ئىسلامى تەرىقەت پىكرى بويىچە قۇبۇل قىلغان بولۇپ ،سۇتۇق بۇغراخانىڭ ئىمان كەلتۈرىشىگە سەۋەپچى بولغان تۇنجى ئۇستازى سامانى شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانى ئىسلامى تەرىقەتتىكى مۇسۇلمان ئىدى.سۇتۇق بۇغراخانىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىگىگە ئالاقىدار ئىشلارنى ئەڭ بۇرۇن مۇسۇلمان تارىخچىسى سالامى خاتىرلىگەن، ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەن :« مۇھىم بىر چۈش كۆرگەندىن كېيىن ،ئۇ(سۇتۇق) ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە ئۆز خەلقىنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلغان.بۇ ئىش ھىجىريەنىڭ 315-يىلى ياكى 320-يىلى بولغان (مىلادى 927-يىلى ياكى 932-يىلى بولغان). سۇتۇق بۇغراخان 300 ئادىمى ۋە ئەبۇ ناسىر سامانى سەپەر ۋەر قىلىپ ئېلىپ كەلگەن پەرغانىلىق مۇسۇلمانلاردىن 700 كىشى بولۇپ 1000 ئۇشۇق كىشى ، ئۇغۇلچاق بۇغراغا قارشى سىياسى ئۆزگىرىش قىلىپ ،قاراخانىلار تەختىنى قايتۇرۋالغان. ئىسلامى ئىلىملارنىڭ كەمچىلىگى تۈپەيلى ، ئىسلامدىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلمىگەن پەقەت شەخسى ئېتىقات سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ئۇستازى داڭلىق ئىسلامى تەرىقەت پىكىر تەرغىباتچىسى ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەد كارامىتى نىشاپوردىن قەشقەر كېلىپ كەڭ كۆلەمدە ئىسلاملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلاندى 955-يىلى سۇتۇق بۇغراخان ۋاپات بولدى. جەسىتى ئاتۇش مەشھەتكە قويۇلدى، ئىسلامى تەرىقەت ئادىتى بويىچە قەۋرە قاتۇرۇلۇپ، مازار بەرپا قىلىندى ۋە ئۇنىڭغا مەخسۇس شەيخ تۇرغۇزۇلدى. بۇ زاتنىڭ تۆھپىسى ئەۋلاتىن- ئەۋلاد يات ئېتىلىپ كەلمەكتە. 955-يىلى سۇتۇق بۇغراخانىڭ ئۇغلى بايتاش (موسا) خان بولۇپ، ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەد كارامىتىنىڭ باش قىلىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقى تەۋەسىدە ئىسلام دىنىنى قاتتىق سىياسەت بىلەن يولغا قويۇپ، قاراخانلارنىڭ ھاكىميەت ئۇرگانلىرىنى، ئەدىليە ،قازىخانلارنى قۇرۇپ چىقتى. 960-يىلى ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى دەپ بېكىتىپ، شەرىئەت بويىچە ھاكىميەت يۈرگۈزدى، شۇ يىلى <<200 مىڭ چېدىرلىق تۈرك ئىسلام دىنىغا كىرگەن>> (ئىبنى كەسىر <<تارىخى ئومومىيە>>)961-يىلى مەشھۇر ئىسلامى تەرىقەت پىشۋاسى ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەت كارامىتى قاراخانىلار ئوردىسىدا ۋاپات بولغان. شۇندىن باشلاپ ئىسلامى تەرىقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىدا يېتەكچى ئەقىدە بولۇپ، پۈتكۈل مىللەتنى ئاللانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن يېتەكلەپ ماڭغان. 1006-يىلى قاراخانىلار خوتەن بۇددا دۆلىتىنى پەتىھ قىلىپ ،خانى چىكالو خالىخاننى ئۆلتۈرۈپ ،خوتەننى ئىسلاملاشتۇرۇش قەدىمىنى باشلىدى. خوتەننى پەتىھ قىلىش جەريانىدا 998-قارا خانىلار شاھزادىسى ئەلى ئارسلانخان يەكەن بىلەن يېڭىسار ئوتۇرسىدىكى چۆلدە شېھىت بولۇپ، ھازىرقى ئوردام مازىرىغا دەپىنە قىلىنغان . پۈتكۈل خوتەن پەتىھسى جەريانىدا مەشھۇر تۆت ئىمام شىھىت بولغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ مازارلىرى تىكلىنىپ خەلق ئىچىدە ھازىرغىچە خاتىرلىنىپ ، ئۇلۇغلىنىپ كەلمەكتە. 1062-1080 يىللاردا قاراخانىلار خاندالىقىغا مۇھەممەد توغرۇلخان خان بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇلار 40 مىڭ كىشلىك موسۇلمانلار قوشۇنىنى باشلاپ بۆكە بۇدراچ باشچىلىقىدىكى 700 مىڭ كىشلىك كوپپار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. .بۇ جەرياندىكى جىھاتلارغا ئەبۇ ناسىر سامانىڭ ئوغلى ئالىپ ئاتا يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ ، ئۇ تۇرپان ئاستانىدا شېھىت بولغان، ئۇ جايدا ئۇنى خاتىرلەش ئۈچۈن زىكىرى ئەلپەتەھ خوجام مازىر بەرپا قىلىنغان؛ بۇ مازار 1000 يىلار بېرى تۇرپاندىكى ئەڭ كاتتا زىيارەتگاھ بولۇپ كەلمەكتە.
غەربىي لياۋ(قىتانلار) پادىشاسى يوللىغ تاشىن 1128-يىلى قەشقەرگە بېسىپ كىرىپ ،قارخانىلار خانلىقىنى قارام قىلدى . نايمان سەردارى كۈچلۈك 1211-يىلى قىتانلارنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى يوللىغ جىرۇقنى تەختىن چۈشۈردى، قوشۇن ئەۋەتىپ قەشقەرنى ئىشغال قىلدى ھەم قارخانلار خانلىقىنى تامامەن يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن (840-1212)370 يىلدىن كۆپ ھاكىميەت سورىغان قارخانىلار دۆلىتى ئاياغلاشتى، 1128-يىلى يوللىغ تاشىن،1211-يىل كۈچلۈك، 1218-يىلى چىڭگىزخانىڭ سانغۇنى جەبەنويان 20 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن قەشقەرنى كۈچلۈكتىن تارتىۋالدى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار رايونى مۇڭغۇل ئىمپېريىسىگە ئۆتتى ، 1128-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلام دىنى ھۆكۈمرانلىق ئورنىدىن چۈشۈپ مەھەلىۋى دىنغا ئايلىنىپ قالدى. چىڭگىزخان ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشىغان زىمىنلارنى ئوغلى چاغتايغا سويۇرغا قىلىمپ بەردى. چاغىتاي ناھايىتى ۋەھشى كاپىر بولۇپ ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاتىغا ھۆرمەت قىلماي، مۇسۇلمانلارنى مۇڭغۇلارنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرغان…لېكىن ئۇگداي ئىسلامغا ئىللىق مۇئامىلە قىلغان . بۇنىڭغا چىدىمىغان مۇسۇلمانلار 1238- يىلى بۇخارادا داڭلىق تەسەۋوپچى مۇھەممەد تارابى باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتەرگەن، لېكىن قوزغىلاڭ دەھشەتلىك باستۇرۇلغان. 1266-يىلى ئۆرگىنەنىڭ ئوغلى مۇبارەكشاھ چاغاتاي ئەۋلادىن تۇنجى بولۇپ ئىمان ئېيتتى . 1266-يىلى مۇبارەكشاھ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى .ئۇ چاغاتاي سېستىمىسىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغان تۇنجى خان ، شۇنداقلا مۇڭغۇل ئىمپىراتورلىقىدىكى ئىمپىراتور قۇبلاي تەيىنلىمىگەن خان ئىدى. مۇبارەك شاھ قۇبلاينىڭ تەستىقىسىز تەختكە چىققانلىقى ئۈچۈن، قۇبلاي نەۋىرسى بۇراقنى ئەۋەتىپ ئۇنى تەختىدىن چۈشۈرۋەتتى. بۇ چاغلاردا ئىسلام دىنىنىڭ تەرەقىياتى شەھەرلەر،دېھقانچىلىق رايونلىرى، چارۋىچى ئاقسوڭەكلەرنىڭ ئاز ساندىكى ھۆكۈمران تەبىقىسى دائىرسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن. 1270- يىلى بۇراقخان ۋاپات بولدى ، ئۇنى كۇپپارلارنىڭ قائىدىسى ، يەنى مۇڭغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە تاغ ئۈستىگە دەپىنە قىلىدى. ئېيتىشلاردا بۇراقخانمۇ مۇسۇلمان ئىكەندۇق. چاغاتاي ئەۋلادىدىن ئىسلام ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ تۇنجى شېھىت بولغان خان ،سۇلتان تارماشىرىندۇر. ماراكەشلىك مۇسۇلمان سەيياھ ئبنى بەتۇتە سەمەرقەندكە كېلىپ تارماشىرىن خاننى كۆرگەن بولۇپ .ئۇ بۇنداق بايان قىلىدۇ.سۇلتاننى دىنغا ئەكىرگەن كىشى پىرىسىيىلىك داڭلىق ئىسلامى تەرىقەتچى ھىسامىدىن ياغى بولۇپ، ئۇ سۇلتانىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايدىغان دىنىي مەسلەھەتچىسى ئىدى.

ھېكايەت
بىر قېتىم دىگەر نامىزى ۋاقتىدا ،سۇلتان تەراھەت ئېلۋېلىش ئۈچۈن كېچىكىپ قالغان.لېكىن ئىمام ھىسامدىن ياغى<< بىز نامازنى ئاللا ئۈچۈن ئۇقۇيمىزمۇ ياكى تارماشىرىن ئۈچۈنمۇ>> دىگەن ۋە نامازنى باشلاۋەرگەن ،سۇلتان كېچىكىپ كىرگەن بولسىمۇ،يەنىلا ئىخلاس بىلەن دىگەر نامىزىنى تۇلۇقلاپ ئوقۇغان بۇ ئىمام ھەر قېتىم نامازدا ۋەز ئېيتىپ نەسىھەھەت قىلاتتى .سۇلتانغىمۇ ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپ ،يامان ئىشلارنى قىلماسلىقنى جېكىللەيتى.ئىمامنىڭ سۆزى قاتىق بولسىمۇ،سۇلتان يەنىلا قۇلاق سېلىپ ئاڭلايتتى ،ھەتتاكى كۆزلىرىدىن ياش تۆكىلەتتى.<<ئىبنى بەتۇتە ساياھەت خاتىرسى>>
تاماشىرىن چىڭگىزخانىڭ جاساق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ ،شەرىئەتنى يولغا قويغان .لېكىن 1334-يىلى موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى دولاي تېمۇرنىڭ بالىسى بۇزاننىڭ باشلىقىدا بۇنىڭغا قارشى توپىلاڭ قىلىپ،تاماشىر ۋە ھىسامدىن ياغىنى شېھىت قىلغان. بۇزاق ھاكىميەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا دەھشەتلىك جەۋىر سالغان؛ خىرىستىيان ۋە يەھۇدى دىنىنى يۆلىگەن؛ خىرىستىيان دىنىڭ مەركىزىنى چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ مەركىزىگە يۆتكەپ ، ئالمالىققا ناھايىتى چىرايلىق چېركاۋ سېلىپ بەرگەن. بۇ مەزگىلدە ئالمالىق موڭغۇل ئىمپېريىسىنىڭ خىرىستىيان دىننى مەركىزى بولۇپ، كاتولىك دىنىنىڭ فىرانسىس مەزھىپىدىكى مىسسىئونېر نىگۇلاس مۇڭغۇل ئىمپىريىسىنىڭ كاردىناللقىغا تەيىنلەنگەن، شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر يۇرتىغا غەرپنىڭ خىرىستىئان ئېپىسكوپىلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىغان. 1389 -يىلى ئۇگداينىڭ ئەۋلادى بولغان ئەلى سۇلتاننى ئەھلى تەرىقەت شەيخلىرى يۆلەپ تەختىگە چىقاردى؛ 1339-يىلى ئۇلارئالمالىقتىكى خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنى دەھشەتلىك قىرغىن قىلىپ، نەسلىنى قۇرىتىۋەتتى؛ ئۇغلى غازانخان ئۇنىڭغا ۋارىس بولدى؛ لېكىن كونا تۈرك ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئەمەلى ھوقۇقنى تارتىۋېلىندى. 1346-يىلى غازانخان ئۆلدى ، شۇنىڭ بىلەن پۇتۇن چاغاتاي ئۇلۇسى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى .پەرغانە ۋادىسى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان رايونلار قوشۇلۇپ شەرقىي چاغاتاي خانلىقى ، باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى غەربىي چاغاتاي خانلىقى بولدى.
1348-يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخان شەرققى چاغاتاي خانلىقىدا تەخت ساھىبى بولدى.1348-1514 يىلغىچە بولغان 136 يىللىق بۇ خانلىققنى مۇسۇلمان تارىخچىلىرى <<مۇغۇلۇستان خانلىققى >> دەپ ئاتايدۇ.جۇڭگو تارىخچىلرى <<شەرقى چاغىتاي خانلىققى >> دەپ ئاتايدۇ.شەرققى چاغاتاي خانلىقى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنى قۇبۇل قىلغاندىن باشلاپ گۈللىنىپ تەرەققى قىلىشقا باشلىغان. تۇغلۇق تۆمۈرخان سەرسانلىقتا يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا، بىر كۈنى ئوۋغا چىقىپ، ئاقسۇنىڭ ئايكۆل دېگەن جايىدا ئىستىقامەت قىلۋاتقان مەشھۇر ئالىم ھەفز كەبىرنىڭ ئەۋلادى خوجا جامالىدىن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، قىزغىن سۆھبەتتە بولىدۇ ھەمدە خان بولغاندىن كېيىن ئىمان ئېيتىشقا ۋەدە بېرىدۇ .لېكىن خوجا جامالدىن ئۇنى كۆرۈشكە نېسىپ بولالمايدۇ. خوجا جامالىدىن بۇخارادىكى تەرىقەت تەرەپىدىن مۇغۇلۇستانغا دىن تارقاتقىلى ئەۋەتىلگەن بولۇپ ، ئۇلار بۇ جايدا پۇرسەت كۈتۈپ ياتقان ئىدى. خوجا جامالىدىن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ تۇغلۇق تۆمۈرخانغا ئىمان ئېيتقۇزىشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىشىنى سوراپ ، بۇخارادىكى ئىسلامى تەرىقەت پىشۋالىرىغا خەت ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇخارىدىن بەش نەپەر دىن تەرغىباتچىسى كەلگەن، ئۇلارنۇرغۇن مەخپى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ مەقسەتكە يەتكەن. بۇ ئەھۋاللار بۇنىڭ مۇئەييەن رەھبەرلىك، تەشكىللىك ياردەم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان دىن تارقىتىش ھەركىتى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.(بۇ ئەھۋاللار يۈسۈپبەگنىڭ <<ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا تارقىلىشى>> دىگەن كىتابىدا تەپسىلى سۆزلەنگەن)
تۇغلۇق تۆمۈرخان مەۋلانە ئەرشىدىن خوجا ۋە بۇخارادىن كەلگەن خىزمەت داموللاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىسمىنى مۇھەممەد ئابابەكرى دەپ قويغان . ئۇنىڭغا ئەگىشىپ،داڭلىق ئەمىرلەردىن ئەمىر بولاجى ، ئەمىر تۆلەك، ئەمىر جالاسلار باشچىلىقىدا 160مىڭ مۇڭغۇل ئۇزۇن چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ مۇسۇلمان بولغان.
تۇغلۇق تۈمۈرخان يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ ،ئىسلام دىنىنى ھاكىميەت كۈچى بىلەن قولىغان .خوجا ئەرشىدىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە ،ئۇنىڭ 60 كىشلىك مۇھاپىزەتچىنىڭ ھەمرالىقىدا كۇچا كېلىپ كۇچا رايونىدا ئىسلامى تەشۋىقات بىلەن شوغولىنىشىغا قوشۇلغان . 1269-يىلى كۇچاغا ھىندىستانلىق تەرىقەتچى شېيخ نىزامدىن دەرۋىش كېلىپ ،(ئاشىقلار بېغى) دىگەن نامدا خانىقا بەنا قىلىپ دىن تارقىىشقا باشلىغان بولسىمۇ لېكىن بۇت پەرەسلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىدا نەتىجە قازىنالمىغان. خوجا ئەرشىدىن مەۋلانە كۇچاغا كېلىپ 50 كىشلىك ئىسلامى تەرىقەت بەرپا قىلغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى بۇخارادىكى تەرىقەت پىشۋالىرى ئەۋەتكەن كىشلەردىن تەركىپ تاپقان. بۇلارنى ئاساس قىلىپ ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇلغان ھەم شۇ ئاساستا دىن ، ئەدىلىيە، دىننى مائارىپ ۋە ۋەخپە مۈلۈكلەرنى باشقۇردىغان ئاپپاراتلارنى قۇرۇپ چىقان. بۇ تەشكىلات ھەر يىلى خانلىق خەزىنىسىدىن تەشۋىقات خىراجىتى ئۈچۈن مەخسۇس پۇل، قوي-كالا ئېلىپ تۇرغان. ئۇلار بۇ بايلىقلار ئارقىلىق ئاقسۇ، كۇچا، باي، شايار، قاراشەھەر قاتارلىق جايلاردا ئىسلام تارقاتقان ۋە قازىخانا ، مەدىرس قۇرۇپ، «قۇرئان كەرىم»، «سەھىھۇلبۇخارى »،«جاسۋە شېرىپ»لارنى تارقاتقان؛ بۇتخانىلارنى چېقىپ، كوچا -كوچىلاردا ئىسلام دىنىنى تارقىتىپ پۇتكۈل كۆسەن دىيارىنى ئىسلاملاشتۇرغان. بۇ ئورگانغا بۇخارادىكى تەرىقەت پېشۋالىرى ياردەم قىلغان. ئۇلار 1353-يىلى ئىمام پەتتارنى ئاقسۇ، بۈگۈرگە، سۇلايمان پارىسنى شايارغا دىننى ئىشلارغا رىياسەتچىلىككە ئەۋەتكەن. غەربىي لياۋ(قىتانلار) پادىشاسى يوللىغ تاشىن 1128-يىلى قەشقەرگە بېسىپ كىرگەندىن باشلاپ ، ھاكىميەت سېستىمىسىدىن چېكىنگەن ئىسلام دىنى ئىسلامى تەرىقەت پىكرىتىدىكى شەيخلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن1348-يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخان شەرققى چاغىتاي خانلىقىدا تەخت ساھىبى بولۇشى بىلەن، 220 يىلدىن كېيىن قايتىدىن ھاكىميەت سەھنىسىگە چىقتى. ئاقسۇدىن تارتىپ تۇرپان چېگرىسىغىچە بولغان يۇرتلار ئىسلام دىنىغا كىردى.
يەركەن سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، بۇ مۇڭغۇل خانلىرى خوجا ئەرشىدىن ۋەلىيۇللانىڭ جەمەتىدىن چۆچۈپ ، ئۆزلىرىگە ساداقەت بىلەن ھاكىميەت سوراشقا يانتاياق بولدىغان دىنىي يېتەكچىلەرگە ئېھىياجى چۈشۈپ، ئابدۇكېرىمخان ئىساق ۋەلىيۇللانى سەئىدىيە خانلىقىغا تەكلىپ قىلدى، لېكىن ئىساق ۋەلىيۇللا ئابدۇكېرىمخان ئويلىغاندەك يۇمشاق باش چىقماي قالدى…فەرغانە ۋادىلىرىدا نۇرغۇن خانلار بەيئەت قىلغان بۇ ئىشان ئابدۇ كېرىمخان تەرىپىدىن ھاقارەتلەندى، زىددىيەت شۇنددىن باشلاندى؛ قايسى جايدا ئىسلام خاراپلاشسا ،شۇ جايغا پىدايى بولۇپ بارىدىغان ،ھەرقانداق ھاقارەت، زۇلۇملارئاستىدىمۇ ئۆزلىكىنى يوقاتمايدىغان سوپى سالىھلارئۆزلىرىنىڭ يېڭى مەيدانىنى تاپقانىدى.

ئېنىقلىما:
تەسەۋۋۇپ- ئەيش-ئىشرەتكە چۈكۈشكە بولغان قارشىلىقنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە قاتتىق ئىبادەت قىلىشقا ۋە زاھىدلىققا چاقىرىدىغان شەخسى ئىنتىلىشلەر شەكلىدە ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىردە ئىسلام ئالەمىگە تارقالغان بىر خىل دىنىي ھەرىكەت. كېيىنچە بۇ خىل مايىللىقلار تەرەققى قىلىپ، سوپىزم نامى بىلەن تونۇلغان پەرقلىق تەرىقىلەرگە ئايلانغان. تەسەۋۋۇپچىلار شەرئىي ۋاسىتىلەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق ئەمەس، كەشىف (بايقاش) ۋە كۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى بىلىشكە يىتىش مەقسىتىدە نەپىسنى تەربىيلەش ۋە ئۇ ئارقىلىق يۈكسىلىشنى كۆزلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئايرىم يول تۇتقان ۋە تەرىقەتلىرى ھىندىستان، پارىس (ئىران)، يۇنان قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىمىغان بۇددىست پەلسەپىلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. زاھىدلىق بىلەن تەسەۋۋۇپ ئوقۇمى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى: زاھىدلىق شەرىئەت تەرىپىدىن بۇيرۇلغان بىر خىل ئەھۋال بولسا، تەسەۋۋۇپ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە تۇتۇپ ماڭغان ھەق يولدىن ئېغىشنىڭ مەركىزى نۇقتىسىدا ياتىدۇ.
قورۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى::
* پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ، توغرا يولدىكى خەلىپىلەر ھەتتا ھەسەن ئەلبەسرىي ۋاپاتىغىچە بولغان دەسلەپكى ئىككى ئەسىر جەريانىدا، سوپىزم نە ئىسمى، نە رەسىمى ۋەياكى سۈلۈكلىرى بىلەن تونۇلمىغان ئىدى. ئۇ دەۋردىكى ھەممىنى ئۆز ئىچىنى ئالىدىغان ئاتالغۇلار: مۇسۇلمانلار، مۆمىنلەر ياكى ساھابە، بەدر ئەھلى، بەيئەت ئەھلى، تابىئىن دېگەنگە ئوخشاش مەخسۇس ئىسىملاردىن ئىبارەت ئىدى.
ئۇ دەۋردە، ئايرىم كىشىلەرنىڭ نەپىسكە ئېغىرچىلىق سېلىش خۇسۇسىدىكى شەخسىي ئىنتىلىشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەمەلىي خۇداگۇيلۇق ياكى ئىلمى ئەقىدە پەرەستلىك ساھەسىدە بۇ دەرىجىدە رادىكاللىق يوق ئىدى. بۇ ئىشلاردىن ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قانچە يەردە چەكلىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتى توغرىسىدا سورىغان بىر گۇرۇپ كىشىلەرگە ئېيتقان سۆزىدۇر: «لېكىن مەن روزا تۇتىمەن ۋە روزىسزمۇ يۈرىمەن، مەن كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ناماز ئوقۇيمەن، بىر قىسمىدا ئۇخلايمەن ھەم ئاياللار بىلەن توي قىلىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈنىتىمدىن يۈز ئۆرىسە ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس.»
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستىكى، كېچە ئوقۇيدىغان نامىزىدا ئوخلاپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۆزىنى باغلاپ قويغان ھەۋلا بىنتى نۇۋەيتكە دېگەن سۆزىمۇ بۇنىڭ دەلىلى: «سىلەر تاقىتىڭلار يىتىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ سىلەر زىرىكمىگۈچە زېرىكىپ قالمايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل، ئاز بولسىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلغان ئەمەلدۇر.»
-ساھابە، تابىئىن ۋە تابىئىنلارنىڭ تابىئىنلىرىنىڭ دەۋرىدە مۇشۇ خىل ئۆلچەم بويىچە مېڭىشاتتى، ئىلىم بىلەن ئەمەلنى، ئىبادەت بىلەن نەپىس ۋە ئائىلىگە ھەمدەم بولۇشنى، ئىبادەت بىلەن جىھادنى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۇفە مەسچىتىدىكى كوللېكتىپ زىكىر قىلىش بىدئىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغىنى ۋە مۇئەززىد ئىبنى يەزىيد ئەلئەجلىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بەزى تاغلاردا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس يەر تۇتقانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇ ئىشتىن قايتۇرغانلىقىغا ئوخشاش، بىدئەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئارا مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىدى.
* ئابىدلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى: ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە، يەنى تابىئىنلار ۋە قالغان ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە، بىر گۇرۇھ ئابىدلار مەيدانغا كىلىپ، يالغۇزچىلىقنى، كىشىلەرگە ئارىلاشماسلىقنى ئەۋزەل كۆردى، ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆزلىرىنى ئىبادەتكە زورلىدى. ئۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى، بەزى ئىچكى پىتنىلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى، ئۇرۇش ۋە قان تۆكۈشلەرنىڭ كۆپىيىشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار، جەمئىيەتتىكى پىتنىلەردىن ئۆزلىرىنى ھېمايە قىلىش، دىنىي جەھەتتىكى ساغلاملىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئايرىم ياشاشنى ئەۋزەل كۆرۈشتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا دۇنيانىڭ ئېچىلىپ كېتىشى، بولۇپمۇ ئىسلامىي پەتھىلەرنىڭ كېڭىيىشى، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا بىرىلىپ كېتىشى ۋە ئەدەبسىز كىشىلەر ئارىسىدا ئەيش-ئىشرەت ۋە ھاياسىزلىقنىڭ يامراپ كېتىشى قاتارلىقلار بەزى ئابىدلاردا بولۇپمۇ بەسرە، كۇفە قاتارلىق جايلاردىكى ئابىدلاردا نارازىلىق پەيدا قىلدى. ئەمما، دەسلەپتىكى مېتودتىن ئېغىشنىڭ باشلىنىشى سۈلۈك قىسمىدىلا ئىدى.
-كۇفىلىكلەردىن بىر جامائەت چىقىپ، كىشىلەردىن ئايرىلىپ چىقتى، ھۇسەين ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەربالادا قەتل قىلىنىشىدىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقلىرىنى ئاشكارىلاشتى ۋە ئۆزلىرىنى كۆپ تەۋبە قىلغۇچىلار ياكى يىغلىغۇچىلار دەپ ئاتاشتى. يەنى، ئىبادەت ساھەسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىغان، دۆلەت ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىشتىن يىراق تۇرىدىغان بىر تەبىقە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار ئەمەل، پەزىلەت ۋە شەرىئەتنىڭ ئەدەب- قائىدىلىرىنى چىڭ تۇتۇشتا، كىتاب ۋە سۈننەتنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش بىلەن شوغۇللىنىشلاردىن باشقا، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، ھاۋايى- ھەۋەس ئەھلىلىرىگە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇردى. ئۇلاردا يەنە ئاللاھ تائالادىن قاتتىق قورقۇش، قۇرئان كەرىمنى ئاڭلىغاندا ھۇشىدىن كېتىش ۋە ۋاقىراپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئىشلار، يەنە شۇ دەۋردە قارىلار، زاھىدلار ۋە ئابىدلار، دېگەنگە ئوخشىغان لەقەملەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولدى، بۇ ئەھۋال ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكر، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير، مۇھەممەد ئىبنى سىيرىين ۋە باشقىلارغا ئوخشاش بىر قىسىم ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ رەت قىلىشلىرىغا ئۇچرىدى.

* ئېغىشنىڭ باشلىنىشى: ھەر قانداق ئېغىشنىڭ باشلىنىشى كىچىكىدىن باشلىنىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدرىجى كېڭىيىدۇ. زۇھد ئوقۇمى كۇفە، بەسرەلەردە، ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم، مالىك ئىبنى دىينار، بىشىر ئەلھافىي، رابىئەتۇل ئەدەۋىييە، ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيدكە ئوخشىغان زاھىدلارنىڭ چوڭلىرى ئارقىلىق بۇرۇنقى زاھىدلاردا كۆرۈلۈپ باقىمىغان تاماق يېمەسلىك ئارقىلىق نەپىسنى قىيناش، گۆش يېيىشنى ھارام قىلىش، سەھرا، تۈزلەڭلىكلەرگە ساياھەت قىلىش، ئۆيلىنىشتىن يىراق تۇرۇش قاتارلىق ئوقۇملارغا تەرەققىي قىلدى.
مالىك ئىبنى دىينار ”بىر كىشى ئايالىنى گويا تۇل ئايالغا ئوخشاش تاشلاپ قويۇپ، ئىتلارنىڭ زەمبىللىرىدە پاناھلانمىغۇچە، سىددىقىينلار دەرىجىسىگە يىتەلمەيدۇ“ دەيدۇ. بۇلارنى ھېچقانداق تايانچى ياكى كىتاب، سۈننەتتىن نەس بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما، ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بىرى، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئېيتقاندەك، ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىقى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن تۇترۇقسىز، رەزىللەرچە ئېيتىلغان سۆزلەر ئەشۇ زاھىدلارغا مەنسۇپ قىلىپ قويۇلغان ئەھۋاللارمۇ بار.
-كۇفىدە مۇئزەد ئىبنى يەزىيد ئەلئەجلىي ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىنى ئوخلىماسلىققا، نامازنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۆندۈرۈشكە باشلىدى. كۇفەنىڭ بىر تۈركۈم زاھىدلىرى ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭدى ۋە باشتا دېيىلگەندەك ئىبنى مەسئۇدنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي، ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن تاغلارغا چىقىپ كىتىشكە باشلىدى.
-ئۇلارنىڭ رابىئەتۇل ئەدەۋىييەگە ئوخشىغان بىر قىسىملىرىدىن، پەرۋەردىگار بىلەن بەندىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە، ئىلاھىي ئىشىق، سۆيگۈگە ئائىت ناتوغرا سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلارغا ئەگىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ «(رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى» دېگەن سۆزىگە خىلاپ ھالدا، ئىبادەت ھەققىدە «جەننەتنى تاما قىلماسلىق، جەھەننەمدىنمۇ قورقۇپ قىلماسلىق» دېگەندەك خاتا چۈشەنچىلەر مەيدانغا كەلدى.
شۇ باسقۇچتىكى بۇ خىل تەرەققىياتلارنى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مونۇ سۆزى ئارقىلىق خۇلاسىلەيدۇ: ”تابىئىنلار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇئتەزىلە، كالام ۋە تەسەۋۋۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ئېقىم مەيدانغا كەلدى: مۇئتەزىلە تەرەپدارلىرى كۇفەدە ئىدى. كالام ۋە تەسەۋۋۇپ تەرەپدارلىرى بەسرەدە ئىدى. ھەسەن ۋە ئىبنى سىيرىينلارنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئەمرۇ ئىبنى ئۇبەيد، ۋاسىل ئىبنى ئەتائ ۋە ھەسەن ئەلبەسرىينىڭ شاگىرتى ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيدنىڭ تالپىى ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئەلھۇجەيمىي (200ھ ۋاپات بولغان)لار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ قەدەر توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرى بار ئىدى. ئۇ ئىسلامدا تۈنجى بولۇپ، ئاڭلاش ۋە زىكىر قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتىن مۇستەقىل ھالدا بەسىرىگە سۇپىلار ئۈچۈن بىر خانىقا ياسىدى. ئۇلاردا مۇزىكىغا ئىشارە قىلىدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاش ئەھۋاللىرى شەكىللەندى. مەدىنىلىكلەر ئۇلارغا قارىغاندا سۆز ۋە ئەمەلگە يېقىنراق ئىدى. ئەمما شاملىقلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇجاھىدلار ئىدى.“
* شۇ دەۋردىن باشلاپ، تەسەۋۋۇپ بىر قانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى. ئۇلارنىڭ مۇھىملىرى:
-باشلىنىش ۋە مەيدانغا كىلىش: تەسەۋۋۇپ ۋە سوپىزم ئاتالغۇسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئاتالغۇ تۈنجى بولۇپ، پارىس ئېلىگە يېقىن بولۇش سەۋەبى ۋە تەرجىمە دەۋرىدىن كېيىن، يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئەھلى كىتاب راھىبلىرىنىڭ سۇلۇكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى يۈزىسىدىن كۇفىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۆلىما ۋە تارىخچىلار بۇ ئاتالغۇ بىلەن كىمنىڭ دەسلەپتە ئاتالغانلىقى مەسىلىسىدە ئۈچ خىل قاراشقا كەلگەن:
1-شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ۋە ئۇنىڭ قارىشىنى ئويغۇن دەپ قارىغانلار: تۈنجى سۇفىي، نامى بىلەن تونۇلغان كىشى ئەبۇلھاشىم ئەلكۇفىي (150ھ ياكى 162ھ ۋاپات بولغان) شامغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە تونۇلغان. ئۇ سۇفيان ئەسسەۋرىي بىلەن زامانداش ئىدى. سۇفيان ئۇنىڭ توغرىسىدا ”ئەبۇ ھاشىم بولمىغان بولسا، رىيانىڭ ئىنچىكىلىكلىرى تونۇلمىغان بولاتتى.“ دېگەن. ئۇ يەنە جەئفەر ئەسسادىق بىلەن ئەسىرداش ئىدى. ئۇ دەسلەپكى شىئەلەرگە مەنسۇپ بولۇپ، شىئەلەر ئۇنى سوپىزمنىڭ ئىجادچىسى، دەپ ئاتىشىدۇ.
2-بەزى تارىخچىلار ئەبدۇھك (ئابدۇلكەرىم ياكى مۇھەممەد) (210ھ ۋاپات بولغان) نىڭ سۇفىي، دەپ ئاتالغان تۈنجى كىشى، ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ. ھارىس ئەلمۇھاسىبىي ئۇنىڭ ئۆزىنى كۇفەدە تەسىس قىلىنغان سۇپىزمچىلار، دەپ ئاتىلىدىغان يېرىم شىئە تائىپىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەمما مەلتېي ئۆزىنىڭ“التنبيه والرد على أهل الأهواء والبدع“ ناملىق كىتابىدا ئەبدۇھكنىڭ، ”دۇنيانىڭ ھەممىسى ھارام، دۇنيادىكى ئۇزۇقلۇقتىن باشقا نەرسە ھېچكىمگە ھالال ئەمەس، توغرا يولدىكى ئىماملار دۇنيانىڭ ئادىل ئىمامسىز ھالال بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئادىل ئىمام بولمىغاندا ئۇ ھارامدۇر، ئۇنىڭ ئەھلى بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھارامدۇر،“ دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان زىندىقلار پىرقىسىنىڭ بېشى ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ.
3-فىھرەستتىكى ئىبنى ئەننەدىيم جەئفەر ئەسسادىقنىڭ شاگىرتى جابىر ئىبنى ھەيياننىڭ تۈنجى سۇفىي، دەپ ئاتالغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىئەلەر ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ چوڭلىرىدىن ھېسابلايدۇ ۋە پەيلاسۇپلارمۇ ئۇنى شىئەلەرگە مەنسۇپ دەپ قارايدۇ.
-ئۆلىمالار يەنە، سوپىزم سۆزىنىڭ كىلىپ چىقىشى مەسىلىسىدە بىر قانچە خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1- شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە، ئىبنى خەلدۇن ۋە كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار ، دەسلەپكى سۇپىلار تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەھلى كىتاب راھىبلىرىنىڭ چاچلىرىغا قارىتا، سۇف (يۇڭ)دىن تۈرلەنگەن، دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىلىرىگە ئاساسەن باشقا بارلىق تۈرلىنىش ۋە قاراتمىلىقلىرىنى يوققا چىقىدۇ. يەنە سۇپىلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابىلىرىنىڭ ئىچىدىكى كەمبەغەللەرگە مەنسۇپ، دېيىشكە ئۇرۇنۇشلىرى ياكى ئۆزلىرىنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ھەسەن ئەلبەسرىي، سۇفيان ئەسسەۋرىي قاتارلىقلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنۇشلىرىنىمۇ يوققا چىقىرىدۇ. بۇ يەردىكى مەنسۇپلۇق قارىشى دەلىلگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ھۆججەت، پاكىتلىرى تولۇق ئەمەس.
2-ئەبۇ رەيھان بىيرونىي (440ھ ۋاپات بولغان) ۋە يېقىنقى زاماندىكى فون ھامىر ۋە بۇ ئىككىسىدىن باشقىلار تەرىپىدىن كۈچلۈك، دەپ قارالغان باشقا بىر خىل كېلىپ چىقىش بولۇپ، ئۇلار ئۇنى يۇنانچىدىكى ھېكمەت مەنىسىنى بىرىدىغان SOHP (سۇف) سۆزىدىن كىلىپ چىققان، دەيدۇ. بۇ قاراشنىڭ ھېمايىچىلىرى ئۇنىڭ ساغلاملىقىنى ھىجىرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ئاكتىپلاشقان تەرجىمە ھەرىكىتىدىن كېيىن باغداد ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تارقالغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا ئىسلام ئالەمىنىڭ غەرب ۋە جەنۇبىدا بۇ ئاتالغۇ تونۇلمىغان. زامان ۋە ماكاندىن باشقا، سوپىزم ۋە يۇنانلارنىڭ نەزىرىدىكى پىكىرنىڭ ئەسلىدىمۇ ئوخشاشلىق بار. ھەر ئىككىلا گۇرۇپتا ”ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد“، ”ھۇلۇل“، ”ئىشراق“ ۋە ”فەيز“ پىكىرلىرى مانا مەن چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار بۇ قاراشنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە دەلىل قىلىپ، دىندىن چىققانلىقى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگەن سۇھرەۋەردىيگە ئوخشىغان سۇپىلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ ”بۇ يېقىن زامانلاردىكى سۈلۈكنىڭ نۇرلىرى فىيساگورسنىڭ خېمىر تۇرۇچىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ قېرىندىشىم ئەخمىيم ”زۇنۇن ئەلمىسرىي“ گە ئۇنىڭدىن سىيارىستىرىي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە كۆچتى.“ دېگەن سۆزلىرىنى دەلىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا شۇ دەۋردە يۇنانچىدىن تەرجىمە قىلىنغان پەلسەپە، مۇزىكا، مۇزىكىشۇناس، سەپسەتە ۋە ھىيولىي دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىمۇ ئىلاۋە قىلىپ، دەلىل قىلىشىدۇ.

* سوپىلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى كىشىلەر: ھىجىرىيە ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەسىردە تەسەۋۋۇپقا مەنسۇپ ئۈچ تەبىقە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار:
* بىرىنچى تەبىقە: كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ۋەسۋەسىگە سالغۇدەك دەرىجىدىكى زاھىدلىققا، دۇنيادىن يىراقلىشىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى ياشىغان ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەھۋاللارغا قارشى شەكىلدىكى ئىبادەت ۋە سۈلۈكتىكى ئېغىشقىلا ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى ئەسىردىكى ئابىدلارغىمۇ قارشى شەكىلدىكى ئېغىشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، ”سەمىمىيەت“ بىلەن مەشھۇر بولغان ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ، گەرچە جۇنەيدكە ئوخشىغان بەزىلىرىدىن ئۆلىمالار تەرىپىدىن توترۇقسىزلىق، دەپ قارىغان بەزى ئىبارىلەر رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ كۆپىنچىسىنىڭ ئەقىدىدە دۇرۇستلىقى، سۈننەت ۋە سەلەپلەرنىڭ مېتودىنى چىڭ تۇتۇش چاقىرىقىنى كۆپ قىلىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىدى. بۇ ئېقىمنىڭ تونۇلغان كىشىلىرىدىن:
-جۇنەيد: تولۇق ئىسمى، ئەبۇلقاسىم ئەلخەراز (298ھـ ۋاپات بولغان) بولۇپ، سوپىلار ئۇنى ”تائىپىنىڭ ئەپەندىسى“ دەپ ئاتىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. سوپىلار بولۇپمۇ تەۋھىد، مەرىپەت ۋە مۇھەببەتكە ئائىت مەسىلىلەردە ئۇنىڭ سۆز ۋە قاراشلىرىغا تايىنىدۇ. ئۇ زۇننۇن ئەننۇبىينىڭ قاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، شاگىرتى شىبلىي ئۇنى تەھقىقلەپ، توپلاپ تارقاتقان. ئەمما ئۇ، فەنا قارىشىدا زۇنۇن، ھەللاج ۋە بەستامىيلارنىڭ يوللىرىغا قارشى يول تۇتقان؛ ھۇشسىزلىقتىن سەگەكلىكنى ئەۋزەل كۆرىدۇ، تۇترۇقسىز قاراشلارنى رەت قىلىدۇ، فەنادىن بەقانى ياخشى، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ سوپىلاردىن شەرئىي مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ساقىت ئىكەنلىك قارىشىنى رەت قىلىدۇ. جۇنەيد تۈنجى بولۇپ تەسەۋۋۇپ بىلەن كالامنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن ئۇستازى ھارىس ئەلمۇھاسەبىي ۋە تاغىسى سىررىي ئەسسەقتېي (253ھ ۋاپات بولغان) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
بۇ تەبىقە ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلار يەنە، ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەتېييە ئەلئەنىي (205ھ ۋاپات بولغان)، ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ ئەلھەۋارىي، ھەسەن ئىبنى مەنسۇر ئىبراھىم ئەبۇ ئەلى ئەششەتاۋىي ئەسسۇفىي (بۇخارى سەھىھىدە ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان)، سىررىي ئىبنى مۇغلىس ئەسسەقتېي ئەبۇلھەسەن (253ھ ۋاپات بولغان)، سەھىل ئىبنى ئابدۇللاھ ئەتتەستەرىي (273ھ ۋاپات بولغان)، مەئرۇف ئەلكەرخىي ئەبۇ مەھفۇز (200ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن، شۇلارنىڭ تەرىقىلىرى بويىچە داۋام قىلغان ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسىلمىي (412ھ)، مۇھەممەد ئىبنى ھۇسەين ئەلئەزدىي ئەسسىلمىي، خەتىيبۇل بەغدادىينىڭ ئۇستازى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىبنى فەزىل ئىبنى ئەلئەبباس ئەبۇ يەئلا ئەلبەسرىي ئەسسۇفىي (368ھ) لارمۇ بار.
– بۇ تەبىقىنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مۇھىملىرى قاتارىدا، مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۆلىمالىرىدىن پەرقلىق تۇرۇشنىڭ باشلىنىشى، بەزىلىرىنىڭ سۆزلىرىدىكى ”ئىلمىمىز، مەزھىپىمىز، يولىمىز“ دېگەنگە ئوخشىغان كېيىنچە تەرىقەتلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە شارائىت ھازىرلايدىغان شەكىلدىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى قاتارلىقلار بار. جۇنەيد مۇنداق دەيدۇ: ”ئىلمىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن“. بۇ خىل مەنسۇپلۇق شەرئىي جەھەتتىن ھارام بولۇپ، بۇ بىدئەتكە، مەئسىيەتكە، ھەتتا شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تەرىقىسىدە مېڭىشنى مەقسەت قىلغانلارغا مال-دۇنياسىنى تاشلاش، تاماقلىرىنى كېمەيتىش ۋە سۈلۈك ئىچىدىلا بولغانكەن ئۆيلىنىشتىن يىراق تۇرۇش قاتارلىقلارنى شەرت قىلىدۇ.
– ئىلىم ۋە دىنىي چۈشەنچىسىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ۋەز- نەسىھەت ۋە قىسسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەھلى كىتابنىڭ ئىستىقامەتچىلىرى ۋە راھىبلىرىنىڭ سۈلۈكلىرىغا ئەگىشىۋاتقان بولغاچقا ساغلام شەكىلدىكى ۋەز- نەسىھەت ۋە قىسسىلەرنى ئۈگۈنىشتىن ھەزەر ئەيلەش كۆپەيدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئارا ئۇچىراشقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئىماملىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن يىراقلىشىشنى كۈچەيتىۋەتتى. ئاقىۋەت بۇ ئىشلار ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتىن باشقا ئورۇن تۇتۇش بىلەن نەتىجىلەندى؛ ئۇ يەرگە زاھىدلارنىڭ قەسىدىلىرى ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ماختاش مەقسىتىدە، كۆرۈنىشى غەزەلگە ئوخشايدىغان قەسىدىلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن توپلىنىدۇ. بۇ ئىش فىقھىي ئالىملىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك دۈشمەنلىككە سەۋەب بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە كەشىف (بايقاش)، ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارغا دائىر دەۋا قىلىشلار ۋە كالامىزمغا ئائىت بەزى سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ جەرياندا، ئەبۇ تالىب ئەلمەككىينىڭ كىتابى، ئەبۇ نەئىيم ئەلئىسفەھانىينىنڭ ”قوت القلوب و حلية الأولياء“ ناملىق كىتابى ۋە ھارىس ئەلمەھاسىبىينىڭ كىتابلىرىغا ئوخشىغان نۇرغۇن ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. ئىلگىرىكى ئۆلىمالار، مەۋزۇئ، مۇنكەر، ئىسرائىلىييات قىسسىلىرى ۋە ئەھلى كىتابلارنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كىتابلارنى ئوقۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئىمام ئەبۇ زەرئەدىن: بۇ كىتابلاردا ئىبرەت بارمۇ، دەپ سورالغاندا ئۇ: ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن ئىبرەت ئالمىغانلار ئۈچۈن بۇ كىتابلاردا ئىبرەت يوق، دەپ جاۋاب بەرگەن.
* تەسەۋۋۇپ مەزھەپلىرىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مۇھىملىرىنىڭ يەنە بىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىبادەت ۋە باشقا مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشتىكى پەرقلىق مېتودىنىڭ ئورتاق نوقتىسى بولغان ”زوق“ دەپ ئاتايدىغان نەرسىسىدۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كالامپايلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن سۇپىلىق ئۆزىنى بىرىكىپ كېتىش ياكى ئىسلامىي بولمىغان پەلسەپە ۋە ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرىگە يولۇقۇشتىن ھېمايە قىلىشقا قادىر بولالمىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ تەبىقىنىڭ يىمىرىلىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، رادىكاللىقى ۋە ئېغىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ۋە ئىككىنچى تەبىقىنىڭ تارقىلىشىنى كۈچەيتكەن.
* ئىككىنچى تەبىقە: زاھىدلىق باتىنىيلارنىڭ ئىبارىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئەمەلىي ئىش، رېئال سۈلۈك بولۇشتىن چىقىپ يالغۇز پىكىر يۈرگۈزۈش، نەزىرىۋىي سۆزلەر باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە، يالغۇزلۇق، فەنا، ئىتتىھاد (بىرلىشىش)، ھۇلۇل (كىرىش)، سۇكر (ھوشسىزلىنىش)، سەھۋ (سەگەكلىك)، كەشپ، بەقا، مۇرىد، ئارىپ ، ئەھۋال، ماقاملار دېگەنگە ئوخشىغان ئاتالغۇلار مەيدانغا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شەرىئەت بىلەن ھەقىقەتنى پەرقلەندۈرۈش، ئۆزلىرىنى ھەقىقەت ئىگىلىرى، باتىنىيلار، دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار بىلەن ئاتاش، ئۆزلىرىدىن باشقا فىقھىي ئالىملىرىنى زاھىرىيلار، دوگمىچىلار، شەكىلۋازلار دەپ ئاتاشلار كەڭ ئومۇملاشتى، بۇئىختىلاپ ئىككى تەرەپنىڭ ئاداۋىتىنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇلاردىن باشقا سەلەف-سالىھلار ۋە ”سائادەت دەۋرى“ دەپ تونۇلغان دەۋردىكى كىشىلەرگە، ھەتتا سوپىزمغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ بىرىنچى تەبىقىلىرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بۇلار ئۇنىڭ ئېغىشىنى ئاشۇردى. ئۇ دەۋر ھەقىقەتەنمۇ ھازىرغىچە شەكىللەنگەن تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ رېئال باشلانغۇچى بولۇپ قالغان ئىدى.
* بۇ تەبىقىنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرى: ئەبۇ يەزىيد ئەلبەستامىي (263ھـ ۋاپات بولغان)، زۇننۇن ئەلمىسرىي (245ھ ۋاپات بولغان)، ھەللاج (309ھ ۋاپات بولغان)، ئەبۇ سەئىيد ئەلخەزار (277-288ھـ)، ھەكىم ئەتتىرمىزىي (320ھ ۋاپات بولغان) ۋە ئەبۇ بەكر ئەششىبلىي (334ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار. بۇ يەردە ئۇلاردىن كېيىن ھازىرغىچە تەسىرى كۈچلۈك بولغانلارنىڭ تەرجىمە ھالى بىلەن كۇپايىلىنىمىز. مەسىلەن:
-زۇننۇن ئەلمىسرىي: تولۇق ئىسمى، ئەبۇلفەيز سەۋبان ئىبنى ئىبراھىم بولۇپ، ئەسلى مىسىر ئېگىزلىكىنىڭ ئەخمىيم يېزىسىدىكى نەۋبەلىك قىبتېيلاردىن. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 245-يىلى ۋاپات بولغان. ئىبنى خېللىكان ۋە ئابدۇرراھمان ئەلجامىينىڭ رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، ئۇ تەسەۋۋۇپنى شەقران ئەلئابىد ياكى ئىسرائىل ئەلمەغرىبىيدىن ئۆگەنگەن. شىئەلەرنىڭ كىتابلىرىدا ئۇنىڭ خېمىيەنى جابىر ئىبنى ھەيياندىن ئۆگەنگەنلىكىنى تەكىتلىنىدۇ، ئىبنى نەدىيممۇ ”ئەلفىھرىست“ ناملىق كىتابىدا ئۇلار بىلەن بىر يەردىن چىقىدۇ. ئىبنى خىللىكان ئۇنىڭ كىشىلەردىن تەقۋالىقىنى يۇشۇرۇپ، شەرىئەتنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارا قىلىپ يۈرۈيدىغان ”مەلامىتىييە“لەردىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھېكمەت ۋە پاساھەتتە مەشھۇر ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ.

سوپىزم يازغۇچىلىرى ئۇنى مەرىپەت ۋە سۆيگۈگە دائىر تەرىقىلىرىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى، مىسىردا ماقاملار، ئەھۋاللار توغرىسىدا دەسلەپ ئېغىز ئاچقان كىشى، دەپ ھېسابلىشىدۇ. ئۇ ”كەشپ“ ۋە شەرىئەتنىڭ زاھىرىي ۋە باتىنى بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قۇشەيرىي ئۆزىنىڭ رىسالىسىدە ئۇنىڭ تەۋھىدكە سوپىزم ئوقۇمى بويىچە ئېنىقلىما بەرگەن تۈنجى كىشى، ۋەجد ۋە ئاڭلاش (سوپىزمدىكى ئىككى خىل ئاتالغۇ-ت)نىڭ تۈنجى قېتىم ئېنىقلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئىپادىلەشتە تۈنجى قېتىم ئىشارە ئىشلەتكەن كىشى ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ. ئىسمائىلىييەلەرنىڭ باتىنى ئەقىدىسى ۋە ئىخۋانۇسسەفالار بىلەن بولغان كۈچلۈك ئالاقىسى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ تەىسىرىگە ئۇچرىغان؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل مەزھەپلىرىگە چاقىرىش جەريانىدا ئۆز ئارا ھەمكارلاشقان. ئۇنىڭ باتىنى ئىلىم، ئىلاھىي ئىلىم، ئىتتىھاد (بىرلىشىش) ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ ئەسلىنىڭ نۇرى مۇھەممەدىيگە قايتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى بار. ئۇنىڭ قېبتىي تىلىدىكى ئىلمى يېزىسىدىكى قېبتىيلارغا ئائىت ئىزلارغا سىزىلغان ئالامەتلەر، نەقىش چۈشۈرۈشلەرگە قەدەر تەسىرىنى كۆرسەتكەن. بۇ ئۇنىڭ پالچىلىق، سىھىر ۋە ئۆزى شۇغۇللانغان تىلسىمات ئىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئىمكان يارىتىپ بەرگەن. زۇننۇن مۇتەسەۋۋۇپلار ئىچىدىكى يۇنان مەدەنىيىتى، يېڭى ئەفلاتۇنچىلار مەزھىپى، بولۇپمۇ ئارىستوتىلنىڭ ئىلاھىيەتكە دائىر سىيولوگىيەسى قاتارلىقلار بىلەن دەسلەپ تۇنۇشقا كىشى، ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ مەرىپەت ۋە فەنا قارىشىدا گىنوسىيس (يۇنانچە مەرىپەت ئوقۇمىدا)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مەخسۇس مەزھىپى بار ئىدى.
– ئەبۇ يەزىيد ئەلبەستامىي:تولۇق ئىسمى، تەيفۇر ئىبنى ئىيسا ئىبنى ئادەم ئىبنى سروشان بولۇپ، بەستامدا ئەسلى مەجۇسىي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر سۆزلەر مەنسۇپ قىلىنغان بولۇپ، كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار بۇ خىل مەنسۇپلۇقنىڭ ساغلاملىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. مەسىلەن ئۇنىڭ ”مەن ھەقتىن ھەققە چىققىنىمدا، ماڭا: ”ئەي مەن سەن كىم ؟“ دەپ ۋارقىرىدى، مەن ئاللىقاچان ئاللاھتا فەناھلىق ماقامىغا ئېرىشتىم“، ”پاكلىقىم، مېنىڭ شەنىم نېمە دېگەن ئۇلۇغ!“ دېگەن سۆزلىرى. بۇ مەيلى مەسىت ياكى سەگەك ھالەتتە ئېيتىلغان سۆزلەر بولسۇن، ساھىبىنى كەچۈرگىلى بولمايدىغان سۆزلەردۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئۇنى بۇ تەبىقىنىڭ ئەسھابىلىرىدىن ھېسابلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ، دەپ قارالغان سۆزلەرنىڭ ساغلاملىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سۈننەتنى چىڭ تۇتۇدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان سۆزلەر بار. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئۆلىمالىرى ئىچىدە ئۇنى ھەللاج ۋە سەھرۇۋەردىيلار بىلەن بىر تەبىقىدە قويىدۇ.
– ھەكىم ئەتتىرمىزىي: تولۇق ئىسمى: ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەلھۇسەين ئەتتىرمىزىي (320ھـ ۋاپات بولغان) بولۇپ، ھامىيلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى توغرىسىدا تۈنجى ئېغىز ئاچقان كىشى. ئۇ بۇ ھەقتە كىتاب يېزىپ، ئۇنىڭغا ”ئەۋلىيالىقنىڭ ئاخىرلىشىشى“ دەپ نام بەرگەن. بۇ كىتاب ئۇنىڭ كاپىرلىق بىلەن ئەيىبلىنىشى ۋە يۈرتى تىرمىزدىن چىقىرىۋېتىلىشىگە سەۋەب بولغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئونىڭ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ”سۇپىلارنىڭ بىر تائىپىسى ”ئەۋلىيالىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى“نى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى ھەكىم ئەتتىرمىزىيغا ئوخشاش كىشىلەر چۇڭايتتى. بۇ ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ بىرى. كۆپ نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرىۋېتىدىغان ئىبنى ئەرەبىينىڭ ئەكىسىچە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ساغلامدۇر.“ يەنە ”پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى بولغاندەك، ئەۋلىيالارنىڭمۇ خاتىمىسى بولىدۇ“ دېگەن سۆز ئۇنىڭغا مەنسۇپ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ، ئىبنى ئەرەبىي، ئىبنى سەبئىين، ئىبنى ھۇد ۋە ئەتتىلمەسانىيغا ئوخشىغان سوپىزم پەيلاسۇپلىرىنىڭ ئالدىدا ”ئەۋلىيالار خاتىمىسى“ سۆزىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئۇنىڭ ماقامىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسىنىڭ ماقامىدىن ئەۋزەل، دەپ قارايدۇ.
* ئۈچىنچى تەبىقە: بۇ تەبىقىدە تەسەۋۋۇپ يۇنان پەلسەپىسى بىلەن يوغۇرۇلۇپ، ”ھۇلۇل“، ”ئىتتىھاد“، ”ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد“ ۋە پەيلاسۇپلارنىڭ سۆزلىرىگە ماسلاشقان ھالدا، ”ھەقىقىي مەۋجۇتلۇق ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى خىيالى، مەۋھۇم ۋە يالغان سۈرەتلەردىن ئىبارەت“ دېگەنگە ئوخشىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان. شۇنىڭدەك، غەزالىي، سۇھرەۋەردىيلەرنىڭ قولىدا ”ئىشراق“، ”فەيز“ نەزىرىيەلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۇ تەبىقە تەسەۋۋۇپ باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ خەتەرلىك تەبىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەبىقە ئەمەلىي بىدئەتلەردىن تەسەۋۋۇپنى ئىسلامدىن تامامەن چىقىرىپ تاشلايدىغان ئىلمى بىدئەتلەرگە ھالقىغان. بۇ تەبىقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىشىلىرىدىن، ھەللاج (309ھ ۋاپات بولغان)، سۇھرەۋەردىي (578ھ ۋاپات بولغان)، ئىبنى ئەرەبىي (638ھ ۋاپات بولغان)، ئىبنى ئەلفارىز (632ھ) ۋە ئىبنى سەبئېين (667ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن.
– ھەللاج: ئەبۇ مۇغىيس ئەلھۇسەين مەنسۇر ئەلھەللاج (244ھ – 309ھ)، ئىراندا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، زەردۇشت دىنىدىكى بىر كىشىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئۇ ئىراقنىڭ ۋاسىت شەھىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ، ”ھۇلۇل“ ۋە ”ئىتتىھاد“ چىلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرى. كاپىرلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك جىنايەت سەۋەبىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن:
قەرامىتەلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى.
”ئەنەلھەق“ دېگەن سۆزى.
ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۇنى ئىلاھىي، دەپ ئېتىقاد قىلىشى.
ھەج توغرىسىدىكى سۆزى. ئۇ ھەرەم بەيتىگە ھەج قىلىش ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان پەرزلەردىن ئەمەس، دەپ قارايتتى.
مەنسۇر ھەللاج رادىكال، جاھىل ۋە داۋراڭچى بولغىنىدىن سىرت، شەخسىيىتىدە غۇۋا تەرەپلەر مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭ ”تەۋاسىين“ ناملىق بىر كىتابى بولۇپ، ئۇنى فرانسىيىلىك شەرقشۇناس ماسنيون تەھقىقلاپ چىققان.
* بەزى تەتىقىقاتچىلار ھىجرىيەنىڭ ئۈچىنچى ئەسىرىدە بۇ تائىپىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بىر خىل باتىنى ئىلىمنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنى يوشۇرغانلار بولۇپ، ”مەن ۋە ھۇسەين ئىبنى مەنسۇر ئەلھەللاج بىر ئىدۇق، ئۇ ئاشكارىلىدى، مەن يۇشۇرۇپ قالدىم“ دېگەن سۆزنىڭ سۆزلىگۈچىسى شىبلىيدىن سىرت بىرىنچى تەبىقىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە، ئۇنى ئاشكارىلىغان، جار سالغانلار بار بولۇپ، ھەللاج ۋە ئۇنىڭ مەنسۇپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تۆمۈرنىڭ تەمىنى تېتىتتى. بۇ سۆزنى، فرانسىيىلىك شەرقشۇناس ماسنيوننىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، جۇنەيدنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەللەج دارغا ئېسىلغان چاغدا بىر ئايال ئېيتقان.

* تەرىقەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى:
ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسىلمىينىڭ شاگىرتى، ئەبۇ سەئىيد مۇھەممەد ئەھمەد ئەلمەيھەمىي ئەسسۇفىي ئەلئىرانىي (357ھ – 430ھ) ۋارىسلىق بويىچە زەنجىرسىمانلىق شەكىلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق سوپىزم تەرىقەتلىرىنىڭ تۈنجى تەرتىپ ئاپپاراتىنى ئورناتقان.
* بەشىنچى ئەسىر، ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسىلمىي (412ھ ۋاپات بولغان) نىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق راۋاجلانغان ئىلگىرىكى ئەسىرلەردىكى پىكىرلەرنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ئىبنى تەيمىييە ئۇنى مونۇ سۆزى بىلەن تەسۋىرلەيدۇ: ”ئۇنىڭ كىتابلىرىدا سەھىھ رىۋايەتلەر ۋە دىندا پايدىلىنىشقا بولىدىغان نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆزلەر بار. ئۇنىڭدا يەنە، ساغلام بولمىغان رىۋايەتلەر ۋە تەجرىبىسىز كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان رەت قىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەرمۇ بار. بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ رىۋايىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ.“ ئۇ سوپىزمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ھەدىسلەرنى توقۇيتتى.
* بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى بىلەن ئالتىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنى ئىسلامنىڭ ھۆججىتى، تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي (505ھ ۋاپات بولغان) زامانىدا تەسەۋۋۇپ ئەھلى سۈننەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئورنىنى تاپتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامىي بولمىغان پرىنسىپ ساھىبلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىنىڭ دەۋرى ئاخىرلاشقان بولدى. بۇ باسقۇچنىڭ زامانىمىزغا قەدەر سۇزۇلغان مەشھۇر كىشىلىرىدىن:
-ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي: مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەتتۇسىي (450ھ – 505ھ) بولۇپ، ئىسلامنىڭ ھۆججىتى، تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان. خۇراسان رايونىنىڭ تۇس شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىلمىي كالام، پەلسەپە، باتىنىييە ۋە تەسەۋۋۇپقا ئوخشىغان قاراش ۋە مەزھەپلەر كۆپ بىر مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن. بۇلار ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ۋە شەكلىنىش بەخشەندە قىلغان ۋە باغدادتا تۇرۇش جەريانىدا يۇقىرىدىكى تۆت مەزھەپنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈشكە ئېلىپ بارغان. جورجان، نىسابۇرلارغا بارغان. نىزامۇل مۇلكنىڭ يېنىدا تۇرغان. باغداتتىكى نىزامىييە مەدرىسىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. دەمەشق مەسچىتىنىڭ مۇنارىدا ئېتىكاپتا تۇرغان. قۇددۇسقا، ئۇ يەردىن ھىجازغا بېرىپ، ئاخىرىدا يۈرتىغا قايتقان. ئۇ بىر قانچە پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇلاردىن، ”تهافت الفلاسفة“، ”المنقذ من الضلال“ ۋە ئەڭ مۇھىمى ”إحياء علوم الدين“ ناملىق كىتابلىرىنى ساناش مۇمكىن. غەزالىي پارىس ئەسىللىك كىشىلەرنىڭ قولىدىن تەسەۋۋۇپنىڭ بايرىقىنى ئېلىپ، سۈننى ئەسىللىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان مەرىپەتتىكى كەشىپ مەدرىسىسىنىڭ رەئىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قۇتلۇقلاشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنىڭ بىرى، يۇنان پەلسەپىسىنى ۋەيران قىلىشى، ”المستظهري“ ياكع ”فضائح الباطنية“ ناملىق كىتابىدا باتىنىيلارنىڭ ئەپتى بىشرىنى ئىچىپ تاشلىشى بولدى. شاگىرتى ئابدۇلغافىر ئەلفارىسى ئۇنىڭ يۈرتى تۇسقا قايتقاندىن كېيىنكى، ئاخىرقى ھاياتىنى مۇنداق ھېكايە قىلىپ بىرىدۇ: ”ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ھەدىس تەرەپدارلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش، ئىسلامنىڭ ھۆججىتى ھېسابلىنىدىغان سەھىھۇلبۇخارىي ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدىن ئىبارەت ئىككى كىتابنى مۇتالىئە قىلىش بىلەن ئۆتتى.“ بۇ ئىشلار يۇرتىدا ئۇنىڭغا سەھىھۇل بۇخارىينى ئوقۇپ بەرگەن، ئەبۇ سۇھەيل مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلھەفسىي، سۇنەن ئەبۇ داۋۇدنى ئوقۇپ بەرگەن قازىي ئەبۇلفەتھ ئەلھاكىمىي ئەتتۇسىيلاردىن ئىبارەت ئەھلى ھەدىسلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن.
-بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىلمى كالام ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى ئەيىبلەپ ”إلحام العوام عن علم الكلام“ ناملىق كىتابىنى يازغان. سەلەپلەرنىڭ مەزھەپ ۋە مېتودلىرىنى ھېمايە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”سەلەپلەرنىڭ مەزھىپىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى، ئۇنىڭ قارشىسىنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىدۇر. بىدئەت گۇناھتۇر، ئازغۇنلۇقتۇر. ئاۋامنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ تەۋىلگە ئىچكىرلەپ كىرىشى بىدئەتتۇر، گۇناھتۇر. ئۇنىڭ قارشىسى گۈزەل سۈننەتلەر بىلەن كۇپايىلىنىشتۇر.“
-ئۇنىڭدا يەنە، كەشىفتىن، پەيغەمبەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئامىللىرىنى بايقاش، دېگەن سۆزلىرى ۋە كىشىلەرنى تىزگىنلەشتىن ئىلگىرىكى تەۋىل ياكى ئىسپاتلاشتا كەشىفكە تايىنىش، دېگەن قاراشلىرىدىن يانغان.
* ھىجرىيە ئالتىنچى ئەسىر سوپىزم تەرىقەتلىرىنىڭ ئەمەلىي باشلىنىشى ۋە تارقىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. چۈنكى بۇ دەۋردە سوپىزم ئىراندىن ئىسلام شەرقىگە يۆتكەلدى. يەنە بۇ دەۋردە ئابدۇلقادىر جەيلانىي (561ھ ۋاپات بولغان) غا مەنسۇپ ”قادىرىييە“ تەرىقىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ قىرىق توققۇز پەرزەنتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئون بىرى ئۇنىڭ تەلىماتىنى ئۈگەندى ۋە ئىسلام ئالىمىگە تارقاتتى. گەرچە ئۇ ھەسەن بىلەن ئۇچىرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپ ۋە خىرقەنى ھەسەن ئەلبەسرىيدىن، ئۇ ھەسەن ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبتىن ئالغان، دەپ دەۋا قىلىشىدۇ. بۇلاردىن باشقا غەيبنى بىلىش، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، كائىناتتا ئۆلۈك ياكى تىرىك بولسۇن خالىغىنى قىلىش دېگەنلەردىن ئىبارەت ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم قادىر بولالمايدىغان بۈيۈك ئىشلارنى ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلغاندىن سىرت، بىر يۈرۈش زىكىر، ۋىرد ۋە رەزىل سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئائىت، دېيىشىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشىدا دېگەن ”مېنىڭ بۇ پۇتۇم ئاللاھنىڭ بارلىق ئەۋلىيالىرىنىڭ بوينىدا“ سۆزىدۇر. ئۇ: ”كىمكى قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەندە، مەندىن مەدەت تىلىسە، قېيىنچىلىق ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈلۇپ كېتىدۇ. كىمكى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا مېنى چاقىرسا، ئۇنىڭدىن خالاس بولىدۇ، كىمكى ھاجىتىدە مېنى ۋەسىلە قىلسا، ئۇنىڭ ھاجىتى راۋا بولىدۇ“ دەيتتى. بۇ سۆزلەردىكى شېرىك ۋە پەرۋەردىگارلىقنى دەۋا قىلىش مانا مەن، دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
-سەييىد مۇھەممەد رەشىيد رىزا مۇنداق دەيدۇ: ”شەيخ جەيلانىدىن باشقا ھېچكىمدىن رىۋايەت قىلىنمىغان كارامەتلەر، ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار رىۋايەت قىلىنىدۇ. رىۋايەت ئەھلىنىڭ باھالىغۇچىلىرى بۇ تۈردىكى نەقىللەرنى تايىنىدىغان دەلىللىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قارشى ئېلىپ كەتمەيدۇ.“
* ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئەبۇلھۇسەين ئەررىفائىي (540ھ ۋاپات بولغان) غا مەنسۇپ ”رىفائىييە“ تەرىقىتى مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭغا يەنە ئىراقتىكى شېغىللىق بىر يېزىغا يېقىن بىر ۋىلايەتنىڭ ئورنىغا قارىتا ”بەتھائىييە“ (شېغىللىقچىلار) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇپىلارنىڭ يازغۇچىلىرى سۇپىزمغا مەنسۇپ باشقا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۆلىشىپ، ئەپسانە ۋە خۇراپاتلارنى توقۇيدۇ، ھەتتا ئۇنى پەرۋەردىگارلىق ئورنىغا كۆتۈرىدۇ. بۇ تۈردىكى سۆزلەرنىڭ بىرى: ”ئۇ زېمىندىكى قۇتۇبلارنىڭ قۇتۇبى ئىدى، كېيىن ئۇ ئاسمانلارنىڭ قۇتۇپلىقىغا كۆچتى، ئارقىدىن يەتتە ئاسمان ئۇنىڭ پۇتىدىكى ھالقىلارغا ئايلاندى.“
-رىفائىي بىر قانچە ئايال بىلەن ئۆيلەنگەن، ئەمما، پەرزەنتى بولمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەيخلىقىغا ئەلى ئىبنى ئوسمان (584ھ ۋاپات بولغان) ۋارىس بولغان، ئۇنىڭغا ئابدۇررەھىم ئىبنى ئوسمان (604ھ ۋاپات بولغان) ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ غەلىتە ئىش ۋە ئەھۋاللىرى بولۇپ، ئۇلارنى ھافىز ئىبنى ئەززەھەبىي زىكىر قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: ”ئەمما ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ياخشىلارمۇ، يامانلارمۇ بار.“

-يەنە بۇ ئەسىردە، پەلسەپەنى ئاساس قىلغان ئىشراقىييە مەدرىسىسىنىڭ ئاساسچىسى سۇھرەۋەردىي شىھابۇددين ئەبۇلفۇتۇھ مۇھيىددين ئىبنى ھەسەننىڭ زىندىقلىقى، جۆيلۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ مەدرىسىنىڭ ئاساسى قەدىمقى پارىسلارنىڭ دىنلىرى، ۋۇجۇدنىڭ ئىككىلىكى توغرىسىدىكى مەزھەپلىرىنىڭ قاراشلىرى بىلەن، يېڭى ئەپلاتۇنچىلىق شەكلىدىكى يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ فەيز، ئىزچىل كۆرۈنۇشلەرگە دائىر مەزھەپلىرىنى بىر يەرگە مۇجەسسەملەشتۈرۈشتىن شەكىللەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەلەب ئۆلىمالىرى ئۇنى زىندىقلىق، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى پاسسىپلاشتۇرۇش ۋە ئىشراقىييە پەلسەپىسى توغرىسىدىكى سۆزلىرى بىلەن ئەيىپلىگەن. بۇ ئۇلارنىڭ سۇلتان سالاھۇددين ئەييۇبىيغا ئۇنىڭ كاپىرلىقى ۋە زىندىقلىقى توغرىسىدا ماتېرىيال يوللىشىغا ئېلىپ بارغان. سالاھۇددين ئەييۇبىي ئۇنى دىندىن چىققانلىق جىنايىتى بىلەن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان. سۇھرەۋەردىييە تەرىقىتى ۋە ئۇنىڭ فەيز ياكى ئىزچىل كۆرۇنۇش دەپ ئاتالغان مەزھەپلەر ئۇنىڭغا مەنسۇپ، دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ”حكمة الإشراق“، ”هياكل النور“، ”التلويحات العرشية“ ؤة ”المقامات“ قاتارلىق كىتابلىرى بار.
³ بۇرۇنقى ئەسىرلەردىكى سوپىزم مەدرىسىلىرىنىڭ كۆپلىكىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىبنى ئەرەبىي، ئىبنى ئەلفارز ۋە ئىبنى سەبئىيلار ھەللەج، زۇننۇن ئەلمىسرىي ۋە سۇھرەۋەردىيلارنىڭ ئەقىدىسىنى قايتىلىدى.
* ھىجرىيە يەتتىنچى ئەسىردە تەسەۋۋۇپ ئەندەلۇسقا (ھازىرقى ئىسپانىيەگە) كىردى. ئىبنى ئەرەبىي ئەتتائېي ئەلئەندەلۇسىي سوپىزم كاتىۋاشلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى ۋە شەيخۇل ئەكبەر (ئەڭ چوڭ شەيخ) دەپ ئاتالدى.
– شەيخۇل ئەكبەر (560ھ – 638ھ)، تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان مۇھييىددين ئىبنى ئەرەبىي: ئۇ ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد مەدرىسىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۆزىنى ئەۋلىيالارنىڭ خاتىمىسى، دەپ ھېسابلايدۇ. ئىسپانىيەدە توغۇلغان، مىسىرغا سەپەر قىلغان، ھەج قىلغان، باغداتتا زىيارەتتە بولغان. دەمەشىقتە ئولتۇراقلاشقان، شۇ يەردە ۋاپات بولغان ۋە دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ ھازىر زىيارەت قىلىنىدىغان قەبرىسى بار. ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ ۋەھدانىييىتىگە تولۇق بىرىلىش مۇمكىن بولسىلا، بارلىق مەخلۇقاتلار ئىچىدىن پەقەت ئىنساندىلا بارلىق ئىلاھىي سۈپەتلەر تەجەللى قىلىشى مۇمكىن، دېيىشنى مەركەز قىلىدىغان كامىل ئىنسان نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرى بار، ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ ۋە كىتابچىلىرىنىڭ سانىنى 400گە يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ بەزىلىرى ھېلىھەم كونىيادىكى يۇسۇف ئاغا كۇتۇپخانىسى ۋە تۈركىيىنىڭ باشقا كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ مەشھۇر كىتاپلىرىدىن: : ”روح القدس“، ”ترجمان الأشواق“نى ۋە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى قاتارىدا ”الفتوحات المكية وفصوص الحكم“قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن.
– ئەبۇلھەسەن ئەششازىلىي (593ھ -656ھ): ئىلىم تەلەپ قىلىش مەزگىللىرىدە ئىبنى ئەرەبىگە يولداش بولغان، ئەمما كېيىن، ئەبۇلھەسەننىڭ كەشىپ مەسىلىسىدە غەزالىي مەدرىسىسىنى تاللىشى ۋە ئىبنى ئەرەبىينىڭ ھەللاج ۋە زۇننۇن ئەلمىسرىينىڭ مەدرىسىسىنى تاللىشى سەۋەپلىك ئايرىلىپ كەتكەن. ھەر ئىككىسىنىڭ ئايرىم مەدرىسلىرى شەكىللەنگەن، ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھازىرغىچە سوپىزم تەرىقەتلىرى ئىچىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بەزىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىككىسىنىڭ چۈشەنچىلىرى ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئەبۇلھەسەن ئەششازىلىي مەدرىسىسىنىڭ مەشھۇر شاگىرتلىرىدىن ئەبۇلئابباس ئەلمىرسىي (686ھ ۋاپات بولغان)، ئىبراھىم ئەددەسۇقىي، ئەھمەد ئەلبەدەۋىي (675ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن. بۇ مەدرىسە تەرەپدارلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىبنى ئەرەبىينىڭ سۆزلىرى ۋە مەدرىسىسىنى تەۋىل قىلىدىغانلىقى ۋە كۆپلەپ ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ.
* يەنە 13- ئەسىردە، تۈركىيەدىكى مۆۋلىۋىييە تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى جالالىدىن رۇمى (672ھ ۋاپات بولغان) ئوتتۇرىغا چىقتى.
* ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر ئىبنى ئەرەبىي، ئىبنى فارىز ۋە باشقىلارنىڭ كىتابلىرىنى شەرھىلەش، شاخلاندۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئۆتتى. بۇ دەۋرلەردە تەسەۋۋۇپتا يېڭى نەزىرىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. ھىجرىيە توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ گەۋدىلىك سىمالىرىنىڭ بىرى ھەر ئىككى مەدرىسىنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى بولدى. ھىجرىيە سەككىزىنچى ئەسىردە نەقشىبەندىييە تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى بەھائۇددين نەقشىبەندىي (791ھ ۋاپات بولغان) ئوتتۇرىغا چىقتى. ئونىنچى ئەسىرمۇ ئىبنى ئەرەبىينىڭ كىتابلىرىنى ئىزاھلاش، ئۇنى مۇداپىئە قىلىش بىلەن ئۆتتى. بۇ ئەسىردە تەسەۋۋۇپتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنىڭ ھاياتلىرىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئاشۇرۇپ مۇبالىغە قىلىش بىلەن تونۇلدى. ”الطبقات الصغرى والكبرى“ ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئابدۇلۋاھھاب ئەششېئرانىي (973ھ ۋاپات بولغان)بۇ ئەسىردىكى سۇپىزمغا ئائىت تەرجىمىھال يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى.
* كېيىنكى ئەسىرلەردە سوپىزمغا باشقا ئىشلار ئارىلىشىۋالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق ئومۇملاشتى. ھەر ئىككى مەدرىسىنىڭ پىكىرلىرى ئۆز ئارا كىرىشىپ كەتتى ۋە دەرۋىشلىك باسقۇچى باشلاندى.
– كېيىنكى ئەسىرلەردە ئاساسلىق كۆزگە چېلىققان ئىشلار: جەيناماز شەيخى (شيخ السجادە)، سوپىزم تەرىقەتلىرى شەيخلىرىنىڭ شەيخى، خەلىپە ۋە سۇپىلارنىڭ ئۆيلىرى (خانىقا) قاتارلىق تەخەللۇسلار پەيدا بولدى. خانىقالار بىر تەرىقەتنىڭ شۆبىلىرى بولۇپ، خەلىپىنىڭ خەۋەردارلىقى بىلەن نىسپىي مۇستەقىل ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. يەنە بۇ ئەسىرلەردە تەرىقەتلەرنىڭ مۇئەييەن مەجلىس ۋە ئىدارە كونتروللىقى ئاستىدىكى ئىنتىزاملىق قانۇن- تۇزۇملىرى مەيدانغا كەلدى. مىسىرنىڭ ۋالىسى مۇھەممەد ئەلى پاشانىڭ مۇھەممەد ئەلبەكرىينىڭ ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، بەكرىييە سەججادىسىگە تەيىنلىنىشى ۋە بارلىق مازارلىقى بار مەسچىتلەر، بولۇڭ- پۇچقاقلارغا رىياسەتچىلىك قىلىشى توغرىسىدا چىقارغان قارارى بىلەن مەجلىس باشلاندى. ئۇنىڭ يەنە ئۇنىڭدا بېرىلىدىغان دەرس پروگراممىلىرىنى تۈزۈش ھوقۇقىمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئەزھەرنىڭ شەيخى ۋە ئۆلىمالىرىنىڭ تەسىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇشلار ئىدى. ئۇنىڭ تۈزۈم ۋە قانۇنلىرى تەرەققىي قىلىپ، كېيىنچە، مىسىر سوپىزم تەرىقەتلىرى ئالىي كېڭىشى، دەپ تونۇلدى.
– كېيىنكى ئەسىرلەردىكى مەشھۇر كىشىلىرىدىن:
-ئابدۇلغەنىي ئەننابلىسىي (1050ھ – 1143ھ).
-ئەبۇسسۇئۇد ئەلبەكرىي (1812م ۋاپات بولغان): ئۇ غەيرى رەسمىي شەكىلدە مىسىردىكى سوپىزم تەرىقەتلىرى شەيخلىرىنىڭ شەيخى بولۇپ تونۇلغان.
-ئەبۇلھۇدا ئەسسەيادىي ئەررىفائېي (1220ھ- 1287ھ).
-ئۆمەر ئەلفۇتىي ئەتتۇرىي ئەسسىنغالىي ئەلئەزھەرىي ئەتتىيجانىي (1281ھ ۋاپات بولغان). ئۇنىڭ زىكىر قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى تەرىپى، بۇددىستلار ئارىسىدا ئىسلامنى تارقىتىشقا كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن لەشكەر تەشكىللەپ، بۇددىستلار بىلەن ئۇرۇشقان ۋە سىگو مەملىكىتى، ماسينھ شەھەرلىرىنى ئىگەللىگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن: ”سيوف السعيد“، ”سفينة السعادة“، ”رماح حزب الرحيم على نحور حزب الرجيم“قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن.
– مۇھەممەد ئوسمان ئەلمىيرغەنىي (1268ھ ۋاپات بولغان). بۇ كىشىنىڭ تەرجىمىھالى خەتمىييە تېمىسىدا بايان قىلىنىدۇ.
– ئەبۇلفەيز مۇھەممەد ئىبنى ئەبدۇلكەبىير ئەلكەتتانىي، قاراشلىرى پەلسەپىۋىلەشكەن فىقھىي ئالىمى. ماراكەشنىڭ فاس شەھرىدىن بولۇپ، ئۇ ”كەتتانىيە“ (1290ھ- 1327ھ) تەرىقىتىنى تەسىس قىلغان. فاس ئۆلىمالىرى ئۇنىڭ بەزى قاراشلىرىنى تەنقىد قىلغان ۋە ئېتىقادى بۇزۇق، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ كىتابلىرىدىن: ”حياء الأنبياء“، ”لسان الحجة البرهانية في الذب عن شعائر الطريقة الأحمدية الكتانية“ لەرنى ساناش مۇمكىن.
– ئەھمەد ئەتىيجانىي (1230ھ ۋاپات بولغان). بۇ كىشىنىڭ تەرجىمىھالى تىيجانىييە تېمىسىدا بايان قىلىنىدۇ.
– ”أرجوزة روض القلوب المستطاب في التصوف“ ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى ھەسەن رىزۋان (1239ھ- 1310ھ).
– سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلجەئفەرىي ئەسسادىقىي (1328ھ – 1399ھ): مىسىرغا بېرىپ ئەزھەرگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئەھمەدىييە ئىدرىسىييە تەرىقىتىگە كىرگەن. تەرىقەتنى شەيخ مۇھەممەد بەخىيت ئەلمۇتېيئېي، شەيخ ھەبىيبۇللاھ ئەششەنقېيتېي ۋە يۇسۇف ئەددەجۋىيلاردىن ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ ”الإلهام النافع لكل قاصد“، القضيدة التائية“ ؤة ”الصلوات الجعفرية“ قاتارلىق كىتابلىرى بار.

پىكىر ۋە ئېتىقادلار:
* ئىلىم ۋە ئەھكام قوبۇل قىلىدىغان مەنبەلىرى:
– كەشىف: سوپىزمچىلار ئىلىم ۋە مائارىپلاردا، بەلكى ئىبادەتلىرىنى غايىسىگە يەتكۈزۈشتە كەشفكە كۈچلۈك مەنبە سۈپىتىدە تايىنىدۇ. سۇپىلاردىكى كەشفنىڭ دائىرىسىگە شەرىئەت ۋە كائىناتقا دائىر تۆۋەندىكى بىر قاتار ئىشلار كىرىدۇ:
1-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئويغاق ياكى ئوخلىغان چاغدا بولسۇن ئۇنىڭ تەلىماتىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
2-خىزىر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىراشقانلىق، شەرئىي ھۆكۈم، دىنىي ئىلىم، ۋىرد، زىكىر، دۇئالارنى ئالغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلىرى ناھايىتى كۆپ.
3-ئىلھام: بىۋاستە ئاللاھ تائالادىن ئىلھام ئېلىش. بۇنىڭ بىلەن سوپىنىڭ ماقامىنى پەيغەمبەرنىڭ ماقامىدىن يوقىرى ئورۇندا قويىدۇ. ئۇلار ئەۋلىيا ئىلىمنى بىۋاستە ئاللاھ تائالادىن ئالىدۇ، ئەمما پەيغەمبەر ياكى ئەلچى ئۇنىڭ ۋەھيىنى ئېلىپ كىلىدىغان پەرىشتىدىن ئالىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
4-پاراسەت: بۇ روھنىڭ پىكرى ۋە سۆزلىرىنى بىلىشكىلا خاستۇر.
5-پىچىرلاش: خىتابنى ئاللاھ تائالادىن ياكى پەرىشتىلەردىن ياكى سالىھ جىندىن ياكى بىرەر ئەۋلىيادىن ياكى خىزىردىن ۋەياكى ئىبلىستىن ئۇيقۇدا ياكى ئويغاقلىقتا ۋەياكى ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا قۇلاق ئارقىلىق ئاڭلاشنى كۆزدە تۇتىدۇ.
6-ئىسرا ۋە مىراجلار: بۇنىڭدا ئەۋلىيانىڭ روھىنىڭ يۇقىرىقى ئالەمگە ئۆرلەپ، ئۇ يەردە كىزىشى ۋە تۈرلۈك ئىلىم ۋە سىرلارنى ئېلىپ چۈشىشى، دېگەننى كۆزدە تۇتىدۇ.
7-ھېسسىي كەشپ: قەلىب ۋە كۆزنىڭ كۆرۈش نوقتىلىرىدىكى ھېسسىي پەردىلەرنىڭ كۆتىرىلىپ كېتىشى بىلەن مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقەتلىرىنى كەشىپ قىلىش.
8-چۈش ۋە ئۇيقۇدىكى ئىشلار: بۇ ئەڭ كۆپ تايىنىلىدىغان مەنبەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار چۈشلىرىدە ئاللاھ تائالادىن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەياكى شەيخلىرىنىڭ بىرىدىن شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئائىت كۆرسەتمىلەرنى ئالىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ.
-زەۋق: بۇنىڭ ئىككى تۈرلۈك قاراتمىلىقى بار:
1- بارلىق ئەھۋال ۋە ماقاملارنى ئىنتىزاملاشتۇرىدىغان ئومۇمىي زەۋق. غەزالىي ئۆزىنىڭ ”المنقذ من الضلال“ ناملىق كىتابىدا، سۈلۈك تۇتقان كىشىنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەقىقىتىدىن زوقلىنىشى ۋە كۆرىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى بايقىيالىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.
2- ئۆزگىچە زەۋق بولۇپ، ئۇ زەۋق، ئارقىدىن ئىچىش (الشرب) بىلەن باشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىلىرىدا ئۇنىڭ دەرىجىسى پەرقلىق بولىدۇ.
-ۋەجد: بۇ ئۈچ مەرتىسىۋىسى بار:
ھازىر بولۇش (التواجد).
سۆيگۈ (الوجد).
ۋۇجۇد (الوجود).
– پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەيغەمبەرلەر ۋە قەبىرلەردىكى شەيخلىرىدىنمۇ تەلىمات قوبۇل قىلىش.
* سوپىزمنىڭ ئەقىدە ۋە پىكىرلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ ۋە تەرىقەت مەدرىسىلىرىنىڭ سانىغا كۆرە كۆپ بولىدۇ. ئۇلارنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلەش مۇمكىن:
– مۇتەسەۋۋۇپلار ئاللاھ تائالاغا ئوخشىمىغان ئەقىدىلەر بويىچە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەللاجنىڭ مەزھىپىگە ئوخشاش ھۇلۇلچىلار، ياراتقۇچى بىلەن مەخلۇقلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىماسلىقنى ياقلايدىغان ۋەھدەتۇل ۋۇجۇدچىلار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھ تائالانىڭ زاتى، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى مەسىلىسىدە ئەشئەرىييە، ماترىيدىييە ئەقىدىلىرى بويىچە ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار.
– ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەلگىلىمىدىن ھالقىپ مۇبالىغە قىلىدىغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ تۈرلۈك ئەقىدىلەر بويىچە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى ۋە ئەھۋالىغا يېتەلمەيدۇ ۋە ئۇنى، بەستامىينىڭ ”پەيغەمبەرلەر قىرغىقىدا توختاپ قالغان دېڭىزغا كىردۇق“ دېگەن سۆزىدىكىگە ئوخشاش تەسەۋۋۇپ كىشىلىرىنىڭ ئىلىملىرىنى بىلمەيدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كائىناتنىڭ مەركىزى، ئۇ ئەرشتە قارار ئالغان. ئاللاھ، ئاسمان-زېمىنلار، ئەرش، كۇرسىي ۋە بارلىق كائىنات ئۇنىڭ نۇرىدىن يارىتىلغان، ئۇ تۈنجى مەۋجۇتلۇق، دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار. بۇ ئىبنى ئەرەبىي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئەقىدىسى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە، يۇقىرىقىلار بويىچە ئېتىقاد قىلمايدىغان، ئۇلارنى رەت قىلىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ رىسالىسىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار. بىراق ئۇلار شۇنداق بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن شاپائەت تىلەيدۇ، ئۇنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىگە خىلاپ ھالدا ئاللاھ تائالاغا ۋاسىتە قىلىدۇ.
– ئەۋلىيالار مەسىلىسىدىمۇ سوپىزمچىلار ئوخشىمىغان ئەقىدىلەر بويىچە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەۋلىيا پەيغەمبەردىن يۇقۇرى، دەپ بىلىدىغانلار، ئەۋلىيانى بارلىق سۈپەتلىرىدە ئاللاھ تائالا بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قويۇپ، ئۇ يارىتىدۇ، رىزق بىرىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ، كائىناتتا خالىغىنى بويىچە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلار بار. ئۇلار ئەۋلىيالىقنى غەۋس، قۇتۇبلار، بەدەللەر، نۇجەبالار دېگەن مەرتىۋىلەر بويىچە تەقسىم قىلىدۇ. ئۇلار ھەر كېچىسى ھىرا غارىدىكى سارىيىدا توپلىنىپ، قەدەرلەرگە قاراپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ شەكىلدە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بولسىمۇ، ئەمما، ھايات ۋەياكى ئۆلگەندىن كېيىن بولسۇن ئەۋلىيالارنى ئۆزلىرى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئىسلامدىكى دىيانەت، تەقۋالىق، ياخشى ئەمەللەر، تولۇق شەكىلدە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغىلا يېلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەۋلىيالىق قارىشىغا ئويغۇن كەلمەيدۇ. ئەۋلىيا باشقىلار ئۇ ياقتا تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۆزلىرىگىمۇ پايدا- زىيان ئېلىپ كىلەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە خىتاب قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت اﷲ قادىر بولالايدۇ)»
– ئۇلار دىن شەرىئەت ۋە ھەقىقەتتىن ئىبارەتتۇر، شەرىئەت دىننىڭ ئاشكارا قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەممە كىشى كىرىدۇ، ھەقىقەت باتىن (يۇشۇرۇن) قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەقەت تاللانغان كىشىلەرلا كىرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
– تەسەۋۋۇپمۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تەرىقەت ۋە ھەقىقەتتىن تەركىپ تاپىدۇ.
– تەسەۋۋۇپتا، تەرىقەتنى باشقا بىر شەيختىن ئالغان بىر شەيخنىڭ ۋاسىتىسى بىلەنلا يىتىپ كىلىشى مۇمكىن بولىدىغان روھىي تەسىر بولۇشى لازىم.
– زىكىر قىلىش، روھىي پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەرگە زېھىنىنى مەركەزلەشتۈرۈش لازىم. ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ئەۋلىيالىق دەرىجىسى.
– سۇپىلار ئۆزلىرىنىڭ قارىشى بويىچە، پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارغا خاس ئىلاھىي ئىلىم ھەققىدە سۆز قىلىدۇ. ئۇ ئىلىم خىزىر ئەلەيھىسسالامغىمۇ بىرىلگەن ئىدى. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ئىلمىمىزنى (يەنى ئىلمىي غەيبنى) بىز بىلدۈرگەن بىر بەندىنى (يەنى خىزىر ئەلەيھىسسالامنى) ئۇچراتتى»
– فەنا: ئەبۇ يەزىيد ئەلبەستامىي بۇ پىكىرگە چاقىرغان ئىسلامدىكى تۈنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ. بەستامىي بۇنى شەيخى ئەبۇ ئەلى ئەسسۇندىيدىن نەقىل كەلتۈرگەن. فەنا، ئاللاھ تائالادا پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىش، ئاللاھدىن باشقا بارلىق نەرسىلەرنى، ھەتتا ئۆزىنىمۇ ئۇنتۇش، دېمەكتۇر. قۇشەيرىي مۇنداق دەيدۇ: ”باشقىلاردىن بىر كۆز، ئىز، رەسىم، جىسىمنى كۆرمىگۈدەك دەرىجىدە ھەقىقەت سۇلتانىنىڭ كونتروللىقىغا كىرگەن كىشى ئۈچۈن، پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىش، مۇمكىن بولىدۇ.“ فانى بولۇش دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا ”جەمئۇل جەم“ (كۆپلۈكنىڭ كۆپى) دېگەن نام بىرىلىدۇ. بۇمۇ ”بەندىنىڭ ھەقنىڭ بارلىقىدا ئۆزىنىڭ فەنالىقىنى پەرق قىلالمىغۇدەك دەرىجىگە كىلىشىدۇر.“
فەنا مەقامى, بۇ يولدىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ئىككى قارىمۇ قارشى قۇتۇب ئارىسىدىكى كېتىپ كىلىدىغان بىر خىل ئەھۋال بولۇپ، بۇ بىر تەرەپتە تەنزىيھ (پاك، دەپ تۇنۇش) ۋە تەجرىيد (بارلىق سۈپەتلەردىن زېھنىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۇزۇش)، يەنە بىر تەرەپتە ھۇلۇل ۋە تەشبىھتۇر.

* سۇلۇك دەرىجىلىرى:
– بۇ يەردە سوپى بىلەن ئابىد ۋە زاھىدنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى، مېتود ۋە غايىلىرى بار.
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى سۆيۈش سۈلۈك دەرىجىلىرىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، دەلىلى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگىشىشتۇر.
ئارقىدىن گۈزەل ئۈلگە: «سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر»
ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تەۋبە كىلىدۇ: بۇ، گۇناھدىن قول ئۈزۈش، ئۇنى قىلىپ سالغانغا پۇشايمان قىلىش، قايتا سادىر قىلماسلىققا قەتئىي ئىرادە باغلاش ۋە ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەھۋالدا ئۇلاردىن ئەپۇ سۇراش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.
– ماقاملار: ”سۈلۈك تۇتقۇچىنىڭ ئاللاھ تائالاغا يىتىش يولىدىكى مەنىۋىي مەنزىللەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە مۇئەييەن مەزگىل توختاپ، ئىككىنچى مەنزىلگە ئاتلىغانغا قەدەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.“ ئەمما، باشقا مەنزىلگە ئاتلاش ئۈچۈن جىھاد ۋە تەزكىيە (پاكلىنىش) مۇھىمدۇر. مۇرىد بىلەن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئوتتۇرىسىدا مال، مەرتىۋە، تەقلىد ۋە گۇناھدىن ئىبارەت، تۆت نەرسە توسالغۇدۇر، دەپ قارايدۇ..
ئەھۋاللار تالانتتۇر، ماقاملار كۈچ سەرپ قىلىپ ئېرىشىدىغان نەرسىدۇر. بۇنى ئۇلار ”ئەھۋاللار سۆيگۈنىڭ كۆزىدىن كىلىدۇ، ماقاملار كۈچ سەرپ قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ“ دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
– ۋەرئ: سۇلۇك تۇتقۇچىنىڭ شۇبھىلىك نەرسىلەرنى تەرك قىلىشىدۇر. بۇ سۆزدە، قەلبتە ۋە ئەمەلدە ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
– زاھىدلىق: كۆرۈنۈشتە دۇنيا بىلەن بولۇش، ئەمما قەلبى ئاللاھنىڭ قولىدىكى نەرسىلەر بىلەن باغلانغان بولۇش. ئۇلارنىڭ بىرى زاھىد توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ”پالانى توغرا ئېيتقان، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى دۇنيادىن يۇيۇۋېتىپ، كۆرۈنۈش ئېتىبارى بىلەن دۇنيانى ئۇنىڭ قولىغا بەرگەن.“ ئىنسان بىر ۋاقىتتا ھەم باي، ھەم زاھىد بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى زاھىدلىق پېقىرلىق دېگەنلىك ئەمەس، بارلىق پېقىرلار زاھىد بولمىغىنىدەك، بارلىق زاھىدلارمۇ پېقىر ئەمەس. زاھىدلىق ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ:
1- ھارامنى تەرك قىلىش، بۇ بارلىق كىشىلەرنڭ زاھىدلىقى.
2- ھالال نەرسىلەر ئىچىدىكى ئېھتىياجىدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى تەرك قىلىش، بۇ ئايرىم كىشىلەرنىڭ زاھىدلىقى.
3- بەندىنى ئاللاھ تائالانىڭ غەيرى بىلەن مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەرنى تەرك قىلىش، بۇ ئارىفلارنىڭ زاھىدلىقى.
– تەۋەككۇل: ئۇلار: تەۋەككۈل باشلىنىش، بويسۈنۈش ۋاسىتە، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچنىڭ نىھايىتى بولىدىغان بولسا، ھاۋالە قىلىش ئاخىرلىشىشتۇر، دېيىشىدۇ. سەھل ئەتتەستەرىي: ”تەۋەككۇل قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالاغا تەسلىم بولۇش، دېمەكتۇر“ دەيدۇ.
-مۇھەببەت: ھەسەن ئەلبەسىري (110ھ ۋاپات بولغان) مۇنداق دەيدۇ: ”مۇھەببەتنىڭ ئالامىتى سۆيگەن نەرسىسىگە ماسلىشىش، ھەر ئىشتا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇش، بارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش، ئۇنىڭ يولىغا ھەمدەم بولمايدىغان بارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.“
– رازىلىق (مەمنۇنلۇق): سۇپىلارنىڭ بىرى مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا بىلەن رازى بولۇش بەك ئۇلۇغدۇر. ئۇ، بەندىنىڭ قەلبىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمى ئاستىدا سۈكۈناتقا چۈمىشىدۇر.“ يەنە بىرى مۇنداق دەيدۇ: ”رازىلىق ماقاملارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسىدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن، قەلب ئىگىلىرى، غەيىبنى مۇتالىئە قىلغانلار، زىكىرلەرنىڭ ساپلىقى ۋە ئەھۋاللارنىڭ ھەقىقەتلىرىگە ئىگە بولغانلار داۋاملاشتۇرىدۇ.
– ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى، پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن خىيالنى قويۇپ بىرىدۇ، سۈلۈك تۈتقۇچى ئاخىرىدا ئەڭ ئىشەنچلىك نوقتىغا يىتىپ بارىدۇ. بۇ خىل كەسكىن ئىشەنچ ئۈچ مەرتىۋىگە بۆلىنىدۇ:
1- ئىشەنچلىك ئىلىم: بۇ، ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئېلىنغان ئەمەلىي دەلىللەر ئارقىلىق كىلىدۇ. «ئەگەر سىلەر راستلا ھەقىقىي بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار)»
2-كۆز بىلەن كۆرۈش: بۇ، كۆرۈش ۋە بايقاش ئارقىلىق كىلىدۇ: «ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر»
3- ئېنىق ھەقىقەت: بۇ زوقلىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ: «شەك – شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر. ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن»
– ئەمما ھۆكۈم، ھاكىمىيەت ۋە سىياسەت توغرىسىدىكى سوپىلارنىڭ تۇتقان مېتودى يامانلىققا ۋە ھاكىملارنىڭ يولسىزلىقلىرىغا قارشى تورۇشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىدۇر؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى خالىغىنى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان.
– سوپىزم شارائىتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك مەسىلە تەلىم- تەربىيەدىكى مېتودى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار، كىشىلەرنىڭ ئەقىللىرىنى كونتروللىقىغا ئېلىپ، ئۇنى كاردىن چىقىرىدۇ، بۇ ئۇلارنى تەدرىجى يولغا كىرگۈزۈش بىلەن كۆندۈرىشىدىن باشلايدۇ، ئارقىدىن تەسەۋۋۇپ ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرىنى ئۇلۇغلاش ۋە ھەيۋەتلىكلەشتۈرۈشكە كىرىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، بىر كىشىگە يېپىشتۇرۇشنى باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنى بىر – بىرلەپ تەسەۋۋۇپ ئىلىملىرىگە سۆرەپ كىرىدۇ، ئۇنىڭمۇ ئارقىسىدىن تەرىقەتكە باغلاپ، قايتىپ چىقىدىغان بارلىق يوللارنى ئىتىپ تاشلايدۇ.“

* سوپىزم مەدرىسلىرى:
– زۇھد مەدرىسىسى: ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى نۈسۈك تۇتقۇچىلار، زاھىدلار، ئابىدلار ۋە كۆپ يىغلىغۇچىلار (البكاېين) دىن تەركىپ تاپىدۇ. ئاساسلىق كىشىلىرى، رابىئەتۇل ئەدەۋىييە، ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ۋە مالىك ئىبنى دىنار قاتارلىقلار.
– كەشىف ۋە مەرىپەت مەدرىسىسى: بۇ مەدرىسە، يالغۇز ئەقلىي مەنتىقىگە تايىنىشنىڭ ئۆزىلا مەرىپەت ھاسىل قىلىش ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بايقاش ئۈچۈن يىتەرلىك ئەمەس، دېگەن ئاساسقا تايىنىدۇ. چۈنكى، ئىنسان نەپىس رىيازەتلىرى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ-دە، قەلىب كۆزلىرىدىن جاھالەت پەردىلىرى كۆتىرىلىپ كېتىدۇ ۋە ھەقىقەتلەرنى قەلىب ئەينىگىدە بىرمۇ بىر سەير قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ مەدرىسىنىڭ داھىسى ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي.
– ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد مەدرىسىسى: بۇ مەدرىسىنىڭ داھىسى مۇھيىددين ئىبنى ئەرەبىي، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”تەھقىق قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان مەسىلە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، مەۋجۇتلۇقتا بار بولغان نەرسە يالغۇز ئاللاھ تائالادۇر. ئەگەر بىز مەۋجۇت بولساق، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز پەقەت ئۇنىڭ بىلەندۇر. مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق نەرسە ھەقىقەتتۇر. مەۋجۇتلۇق ھەقىقەتتۇر ۋە يىگانىدۇر. ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىمۇ يوقتۇر. چۈنكى، ھەر قانداق چاغدا، بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان ئىككى مەۋجۇتلۇقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەستۇر.“
– ئىتتىھاد ۋە ھۇلۇل مەدرىسىسى: بۇ مەدرىسىنىڭ رەئىسى ھەللاج بولۇپ، بۇ مەدرىسىدە ھىندى ۋە خىرىستىيان تەسەۋۋۇپىنىڭ تەسىرلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. چۈنكى بۇ مەدرىسىدە سۇفىي ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ھۇلۇل (چۈشمەك) بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن ئاللىقاچان بىرلىشىپ (ئىتتىھاد) كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ”مەن ھەق“، ”جۇۋىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاللاھ بار“ دېگەنگە ئوخشىغان سۆزلەر ئۇلارغا ئائىتتۇر. ئۇلارنىڭ دەۋالىرىغا كۆرە، مۇشاھىدىلەر نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزلىرىنى ئۇنتۇش لەھزىلىرىدە تىللىرىدىن چىققان بۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا قالايمىقان سۆزلىرىمۇ بار.
* سوپىزم تەرىقەتلىرى:
– جەيلانىي تەرىقىتى: بۇ تەرىقەت ئابدۇلقادىر جەيلانىي (470ھ – 561ھ) غا مەنسۇپتۇر. ئۇ باغداتقا دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى تەۋەررۇك بىلگەنلىكى ئۈچۈن زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆز ئەسىرىنىڭ خېلى كۆپ ئىلىملىرى بىلەن تونۇشقان. يۇقىرىدا زىكىر قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان كارامەتلەرنى مەنسۇپ، دەپ قارايدۇ.
ئۇنىڭ تەرىقىتى ئافرىقىدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئىشلىرىدا كۆرىنەرلىك رول ئوينىغان، ئىسلام مەركەزلىرىنى قورۇشقا ھەسسە قوشقان ۋە مەغرىبكە باستۇرۇپ كىلىۋاتقان ياۋرۇپانىڭ تەسىرىگە قارشى چەكلىگۈچىلىك مەيداندا تۇرغان.
– رىفائىييە تەرىقىتى: ئەرەبلەرنىڭ رافىئىي قەبىلىسىدىن ئەھمەد ئەررافىئىي (580ھ ۋاپات بولغان) غا مەنسۇپ بىر تەرىقەتتۇر. بۇ تەرىقەتنىڭ جامائىتى كارامەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئوتقا كىرىش، قىلىچ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قوللىنىدۇ. شەيخ ئەلۇسىي ئۆزىنىڭ ”غايە الۆماني في الرد ىلۈ النبھاني“ ناملىق كىتابىدا ئۇلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ”بۇ ئەسىردىكى دىن ۋە دۆلەتكە نىسبەتەن خەتىرى ئەڭ قورقۇنلۇق كىشىلەر رىفائىييە بىدئەتچىلىرىدۇر. سىز مەنبەسى، كىلىپ چىقىشى ۋە ئېلىنىشى ئۇلارغا چېتىلمايدىغان بىدئەتنى ئۇچىرىتالمايسىز. ئۇلارنىڭ زىكىرلىرى ناخشا، ئۇسۇل، ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىگە تېۋىنىش ۋە شەيخلىرىغا ئىبادەت قىلىش ، ئەمەللىرى بولسا يىلانلارنى تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.“
رىفائىييە تەرىقىتى شىئەلەر بىلەن بىر قانچە ئىشتا بىر يەردىن چىقىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن جەئفەرنىڭ كىتابىغا بولغان ئىمانى، ئون ئىككى ئىمامغا بولغان ئېتىقادلىرى، ئەھمەد ئەررافىئېينى ئون ئۈچىنچى ئىمام دېيىشلىرى ۋە ئاشۇرا كۈنىدىكى قايغۇرۇش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىشلىرى قاتارلىق ئىشلىرى ۋەباشقىلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.
گەرچە بۇ تەرىقەتنىڭ شەيخى ئەھمەد ئەررافىئېينىڭ سۈننەتكە كۈچلۈك رىغبەتلەندۈرۈش ۋە بىدئەتتىن يىراقلىشىش توغرىسىدىكى سۆزلىرى رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ، تەرىقەت ئىچىدە يۇقىرىقى ئىشلار سادىر بولىۋاتىدۇ. رافىئىي مۇنداق دەيدۇ: ”سۈننەتنى ئېتىبارغا ئالىمىغان، بىدئەتكە سەل قارىغان قەۋمگە ئاللاھ دۈشمەنلەرنى ھاكىم قىلىپ قويىدۇ، سۈننەتكە ئەھمىيەت بەرگەن، بىدئەتنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىغان قەۋمگە بولسا،ئۆز پەزلىدىن ھەيۋەت بېغىشلايدۇ، ئۇلارغا ياردەم بىرىدۇ ۋە ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىدۇ.“
رىفائىييە تەرىقىتى غەربى ئاسىيادا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تارقالغان..
– دۇسۇقىييە تەرىقىتى: ئىبراھىم ئەددۇسۇقىي (633ھ -676ھ) غا نىسبەت بىرىلىدۇ. ئۇ مىسىرنىڭ دۇسۇق شەھرىگە دەپنە قىلىنغان. مۇتەسەۋۋۇپلار ئۇنى، بۇ كائىناتتىكى ئىشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى تاپشۇرۇلغان تۆت قۇتۇبنىڭ بىرى، دەپ دەۋا قىلىدۇ..
– ئەكبەرىييە تەرىقىتى: بۇ تەرىقەت شەيخ مۇھيىددين ئىبنى ئەرەبىيگە نىسبەت بىرىلىدۇ. ئۇنىڭ تەرىقىتى ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد، سۈكۈت، يالغۇزلۇق، ئاچلىق، كىچىسى ئۇخلىماسلىق ئەقىدىسى بويىچە ماڭىدۇ. بۇ تەرىقەتنىڭ ئۈچ خىل سۈپىتى بار: بالاغا سەۋر قىلىش، باياشاتلىققا شۈكۈر قىلىش ۋە قازا رازى بولۇش.
– شازىلىييە تەرىقىتى: ئەبۇلھەسەن ئەششازىلىي (593ھ- 656ھ) غا مەنسۇپ تەرىقەتتۇر. شازىلىي ماراكەشنىڭ مىرسىييەگە يېقىن جايدىكى ئەممارە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. تۇنىسقا كۆچۈپ بارغان. بىر قانچە قېتىم ھەج قىلغان. كېيىن ئىراققا كىرگەن. ئاخىرىدا ھەجگە مېڭىش يولىدا مىسىر ئېگىزلىكىدىكى ئەيزاب سەھراسىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ توغرىسىدا ”ئۇ تەرىقەتنى كىشىلەرنى قولايلاشتۇرۇپ بەردى“ دېيىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەرىقىتى تەرىقەتلەرنىڭ ئەڭ ئاسىنى ۋە ئەڭ يېقىنىدۇر؛ ئۇنىڭ تەرىقىتىدە كۆپ كۆچ چىقىرىش يوق. ئۇنىڭ تەرىقىتى مىسىر، يەمەن ۋە ئەرەب ئەللىرىگە تارقالغان. مۇخا شەھرىنىڭ ئەھلى ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلىيالىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ تەرىقىتى يەنە ماراكەش، ئالجىرىيەنىڭ غەربى، شىمالىي ئافرىقا ۋە غەربىي ئافرىقىغا ئومۇمەن تارقالغان.
– بەكتاشىيە تەرىقىتى: ئوسمانىيە تۈركلىرى بۇ تەرىقەتكە تەۋە ئىدى. بۇ تەرىقەت ھېلىھەم ئالبانىيەگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇ سۈننى تەسەۋۋۇپىغا قارىغاندا شىئە تەسەۋۋۇپىغا بەكرەك يېقىن. بۇ تەرىقەتنىڭ تۈرك ۋە موڭغۇللار ئارىسىدا ئىسلامنىڭ تارقىشىدا كۆرىنەرلىك رولى بولغان. ئەينى زاماندا ئوسمانىيە سۇلتانلىرىنىڭ ئۈستىدىمۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بار ئىدى.
– مەۋلىۋىييە تەرىقىتى: بۇ تەرىقەت پارىس شائىرى جالالۇددين ئەررۇمىي (672ھ ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان. ئۇ كونىيادا دەپنە قىلىنغان. بۇ تەرىقەتنىڭ ئۆزگىچىلىگى زىكىر ھەلقىلىرىدە رىتىم ئىچىدە ساما سېلىشىدۇر. تۈركىيە ۋە غەربىي ئاسىيادا تارقالغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تەرىقەتكە دائىر، تۈركىيە، ھەلەب ۋە بەزى شەرق ئەللىرىدىكى ئازغىنا ئەگەشكۈچىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن بىر نەرسە قالمىغان.
– نەقشىبەندىييە تەرىقىتى: بۇ تەرىقەتنىڭ قورۇلۇشى شاھ نەقشىبەند تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان شەيخ بەھائۇددين مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇخارىي (618ھ – 791ھ) غا مەنسۇپتۇر. بۇمۇ شازىلىييەگە ئوخشاش ئاسان تەرىقەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىران، ھىندىستان ۋە غەربىي ئاسىيادا تارقالغان.
– مەلامىتىييە تەرىقىتى: قۇرغۇچىسى ئەبۇ سالىھ ھەمدۇن ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەممار (271ھ ۋاپات بولغان) بولۇپ، قەسسار نامى بىلەن تونۇلغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى نەپىس بىلەن جىھاد قىلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا قارشى چىقىشنى ۋە كەمچىللىكلىرىگە قارشى كۆرەش قىلىشنى مۇباھ، دېگەن. يېقىنقى زامانلاردا بۇ تەرىقەتنىڭ رادىكاللاشقان مەنسۇپلىرى ھەممە نەرىسىگە ”ھېچ گەپ يوق“ قارىشى بويىچە بەڭۋاشلىق قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇلار بارلىق ئىشلارنى شەرىئەتنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى ئېتىبارغا ئالمىغان ئاساستا ئېلىپ بارغان.
بۇنىڭدىن باشقا قەننائىييە، قەيرەۋانىييە، مۇرابىتېييە، بەشبەشىييە، سەنۇسىييە، مۇختارىييە، خەتمىييە… ۋەباشقا نۇرغۇن تەرىقەتلەر بار. شەكىسزكى بۇ تەرىقەتلەرنىڭ ھەممىسى بىدئەت تەرىقەتلەردۇر.

*
بەزىلەر تەسەۋۋۇپنىڭ دائىرىسىدىن دەپ قاراپ، روھلارنى توپلاش يولىنى تۇتقان بولسا، يەنە باشقىلىرى سېھىرگەرلىك ۋە دەججالنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار گۈمبەز ۋە ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىلىرىنى ياساشقا، ئۇنىڭغا چىراق يېقىشقا، ئۇنى زىيارەت قىلىشقا ۋە ئۇلارنى سىلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمدە ئورنى بولمىغان بىدئەتلەردۇر.
– بەزىلىرى ئەۋلىيادىن شەرئىي مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ساقىت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ يەنى ئىبادەت قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمەس؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى ئادا قىلىشقا ئېھتىياج قالمىغان بىر ماقامغا يەتكەن؛ ئەگەر ئۇ شەرئىي ۋەزىپىلەر ۋە ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالسا، باتىنىنى ساقلاپ قېلىش تۈگەپ كېتىپ، زاھىر (ئاشكارا)نىڭ يۈزىدىن باتىنى (روھىي) پائالىيەتلىرىنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە سەل قارىلىپ قالىدۇ.
– غەزالىينىڭ مەغرۇرلۇق بېسىپ كەتكەنلەرنى تەنقىد قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى پىرقىلەر شەكلىدە سانىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
كىيىنىش، قىياپەت ۋە لوگىكا ئارقىلىق مەغرۇرلانغان پىرقە؛
مەرىپەت ئىلمىنى، ھەقنى كۆرۈشنى ۋە ئەھۋال، ماقاملاردىن ھالقىش دەۋاسىنى قىلغان پىرقە؛
ھەرقانداق نەرسىنى مۇباھ سانايدىغان، شەرىئەتنىڭ بىساتىنى چۆرۈپ تاشلىغان، ئەھۋاللارنى رەت قىلغان ۋە ھالال بىلەن ھارامنى ئوخشاش كۆرگەن پىرقە؛
4- بەزىلىرى مۇنداق دەيدۇ: بەدەن ئەزالىرى بىلەن قىلغان ئەمەلنىڭ قىممىتى بولمايدۇ، مۇھىم بولغىنى قەلبتۇر. بىزنىڭ قەلبىمىز ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى بىلەن تولغان، ۋە ئۇنىڭ مەرىپىتىگە يەتكەندۇر. بىز قوللىرىمىز بىلەن دۇنياغا كىرىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنسەكمۇ، قەلبىمىز پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئېتىكاپتىدۇر. بىز قەلبلىرىمىز بىلەن ئەمەس، پەقەت تاشقى قىياپىتىمىز بىلەن شەھۋەتكە بىرىلىپ كەتكەندەك كۆرىنىمىز.
– ئىبنى ئەرەبىيدىن ئىلگىرى مۇتلەق بىرلىك مەزھىپىنىڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئىسلامدا ۋۇجۇدى يوق ئىدى. ئىبنى ئەرەبىي ئۇنىڭ ئاساسىنىڭ تۇرغۇزغۇچىسى، مەدرىسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەنە، مەقسەتلىرىنىڭ ئىزاھلىغۇچىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ ”“فصوص الحكم“ (ھېكمەت ھالقىلىرى) ، ”الفتوحات المكية“ (مەككىنىڭ فەتھىسى) ۋە باشقا كىتابلىرى بار.
– ئەمما، ھەللەج ئىتتىھاد ۋە ھۇلۇل مەدرىسىسىنىڭ ساھىبى سانىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەر تۈرلۈك سۆزلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن:
فإذا أبصرتني أبصرته
وإذا أبصرته أبصرتنا
مېنى كۆرگىنىڭ ئۇنى كۆرگىنىڭ،
ئۇنى كۆرگىنىڭ، بىزنى كۆرگىنىڭ.
:ئۇنىڭ يەنە مۇنداق سۆزىمۇ بار
مزجت روحك في روحي كما تمزج الخمرة في الماء الزلال
فإذا مسك شيء مسني فإذا أنت أنا في كل حال
،روھىمىز يۇغۇرۇلۇپ كەتتى
.گويا سۇدا يۇغۇرۇلغان خېمىردەك.
سېنى تۇتقان نەرسە مېنىمۇ تۇتار،
. ئەگەرسەن بولساڭ دائىم مېنىڭدەك
– سوپىلار ”غەۋس“ ۋە ”غەيياس“ (مەدەت تىلەش) كەلىمىلىرىنى قوللىنىدۇ. ئىبنى تەيمىييە ”مجموى الفتوۈ“ ناملىق كىتابىنىڭ 437-بېتىدە مۇنداق پەتىۋا بىرىدۇ: ”غەۋس ۋە غەيياس كەلىمىلىرى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمگە لايىق ئەمەس. ئۇ مەدەت سورىغۇچىلارنىڭ مەدەتكارى، ھېچكىمگە ئاللاھ تائالادىن باشقا مەيلى يېقىن پەرىشتە ياكى پەيغەمبەر بولسۇن بىرسىدىن مەدەت تىلىشى جائىز ئەمەس.“
– بارلىق سوپىزم تەرىقەتلىرى زىكىرنىڭ زۆرۈرلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. نەقشىبەندىييەلەرنىڭ نەزىرىدە زىكىر پەقەت ئاللاھ لەفزىدۇر، شازىلىييەلەرنىڭ نەزىدە ”لا ئىلاھە ئىللەللاھتۇر. باشقىلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئىستىغپار ئېيتىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام يوللاش بىلەن يۇقىرىقىلارغا ئوخشاش لەفىزلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زىكىر ئەۋجىگە چىققاندا ”ھۇۋە، ھۇۋە“ يەنى ”ئۇ، ئۇ“ دەپ كىشىلىك ئالماشنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى تەيمىييە ئۆزىنىڭ ”مجموى الفتوۈ“ ناملىق كىتابىنىڭ 229-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئايرىم كىشىلەرنىڭ، ئارىفلارنىڭ زىكرى بولغىنىدىن سىرت، مەيلى ئاشكارا، مەيلى يۇشۇرۇن شەكىلدە ئىپادىلەنسۇن، زىكىردا يالغۇز ئىسىم بىلەن كۇپايىلىنىشنىڭ ئەسلى يوق بولۇپ، ئۇ تۈرلۈك بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقلارغا ۋاسىتە، ئىتتىھادچىلار ۋە دىننى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋاللىرىغا ئائىت يولىسز تەسەۋۋۇرلارغا يول ئاچىدۇ.“
ئۇ يەنە يۇقىرىقى كىتابنىڭ 228-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: ”بىر كىشى زىكىر ئەسناسىدا ”ياھۇ، ياھۇ“ ۋەياكى ”ھۇ، ھۇ“ غا ئوخشاش بىر نەرسىلەرنى دېسە،بۇ يەردىكى ئالماش پەقەت قەلب تەسەۋۋۇر قىلغان نەرسىگە ئائىت بولىدۇ. قەلب توغرا يولدا بولۇشىمۇ، خاتامۇ يولدا بولۇشىمۇ مۇمكىن.“

– تەسەۋۋۇپقا مەنسۇپ بەزى كىشىلەر ئادەمنى ھەيران قالدۇرىغان ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە ئىبنى تەيمىييە يۇقىرىقى كىتابنىڭ 494-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ”باشلارنى ئېچىش، چاچلارنى ئۆرۈش ۋە يىلانلارنى كۆتۈرۈش سالىھ كىشىلەرنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئىشى ئەمەس. ساھابىلەرنىڭ، تابىئىنلارنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ شەيخلىرىنىڭ، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئالىملارنىڭ ھەتتا ئەھمەد ئىبنى ئەررىفائېينىڭ قىلغان ئىشى، تۇتقان يولىمۇ ئەمەستۇر. بۇ ئىشلار شەيخنىڭ ۋاپاتىدىن ئۇزۇن مەزگىل كېيىن پەيدا قىلىنغاندۇر.“
– ئۇ يەنە 504-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەرلەر، شەيخلەر ۋە باشقىلاردىن ئۆلگەنلەرگە ياك ئۇلارنىڭ قەبىرلىرىگە ۋەياكى قەبىرلىرى ئەتراپىدا ئولتۇرغانلار ئۈچۈن نەزىر قىلىش ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر، ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكتۇر.“
– يەنە شۇ كىتابنىڭ 506-بېتىدە: ”يەنە، ئاللاھ تائالادىن باشقا پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، مەشايىخلار، پادىشاھلار ۋە باشقىلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش بولسا، چەكلەنگەندۇر.“ دەيدۇ.
– يەنە شۇ كىتابنىڭ 505-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: ”يات ئەر- ئاياللارنىڭ ئۆز – ئارا بۇرادەر بولۇشى، ئۇلار بىلەن يالغۇز قېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن زىننەتلىرىگە بېقىشلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىككە كىلىشى بىلەن ھارامدۇر. كىمكى شۇ ئىشلارنىڭ بىرىنى دىننىڭ ئىچىدىن سانىسا، ئۇ شەيتانلارنىڭ بۇرادەرلىرىدىندۇر.“
– فەنا مەقامىدىكى ئاللاھتىن باشقا نەرسىنى كۆرمەسلىك، دېمەك، ئىرادىنىڭمۇ فەنالىقى دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە كىتابىنىڭ 337-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: ”فەنانىڭ بۇ ئەھۋالىدا مۇرىد: ”مەن ھەقمەن“، ”مەن نېمە دېگەن ئۇلۇغ!“ ۋە ياكى ”جۇۋىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاللاھ بار“، دېگەنگە ئوخشىغان سۆزلەرنى دېيىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ بۇ نوقتىدا كۆرۈش بىلەن ئەمەس، كۆرۈنگەن نەرسە بىلەن، ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەس، مەۋجۇد نەرسە بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۇنىڭدا فەنا بولىدۇ. بۇ خىلدىكى فەنالىقتا، ئىماننىڭ ھۇزۇرى بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئەۋزەللىكىنى يوقىتىپ قويىدىغان بىر تۈرلۈك مەستلىككە دۇچار بولىدۇ. گويا ھاراقنىڭ ۋە سۈرەتلەر ئىشقىدىكى مەستلىكتە يۈز بىرىدىغان ئىشلارغا ئوخشاش. ئۇلارغا مۇنداق ھۆكۈم بىرىلىدۇ: ئەگەر ئەقىللىرىنىڭ كېتىشىگە ھارام بولمىغان بىر نەرسە سەۋەب بولغان بولسا، ئۇلاردىن سادىر بولغان ھارام سۆز ۋە ئىش- ھەرىكەتلەرى گۇناھ ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئەكىسىچە، ئەقىلنىڭ كېتىپ قىلىشىغا ھارام ئىشلار سەۋەب بولغان بولسا، گۇناھ بولىدۇ. ھالال ئىشلار ئارقىلىق ئەقلىدىن كېتىپ قالغاندا قىلغان ئىش- ھەرىكەتلىرىگە گۇناھ بولمىغاندەك، ئۇ سۆزلەرنى نەقىل قىلىشقا، ئىشلىرىنى توغرا، دەپ قاراشقا ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشكە بولمايدۇ. ئېنىق شەرئىي مەسئۇلىيەتلەردە ئۇلار غاپىل ۋە مەجنۇنلار قاتارىدا ئايرىم مۇئامىلە قىلىنىدۇ.“;
* ھازىرقى دەۋردە سۇپىزمغا مەنسۇپ بەزى كىشىلەرنىڭ بەلگىلىمىلەردىن ھالىقىپ كېتىشى:
– سوپىزمنىڭ خاتالىقى، دەپ قارىلىۋاتقان شېرىككە ئائىت ئەڭ گەۋدىلىك ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە چەكتىن ئېشىپ كېتىش؛
ھۇلۇل ۋە ئىتتىھاد؛
ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد؛
ئەۋلىيالار توغرىسىدا چەكتىن ئېشىپ كېتىش؛
نۇرغۇنلىغان يالغان دەۋالىرى. ۋەھيىنىڭ توختىمىغانلىقى ۋە ئۇلارغا قىلىنىدىغان دۇنيا- ئاخىرەتلىك سائادەت ؛
6- ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇش دەۋاسى بىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشقا ھەمكارلىشىش ۋە ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشنى تاشلاپ قويۇش. ئەمما، ئەمىر ئابدۇلقادىر ئەلجەزائىرىيغا ئوخشىغان مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى مەدھىيەلەشكە تېگىشلىك مەيداندا تۇرغانلىرىمۇ بار؛
تەسەۋۋۇپقا تەۋە بەزى كىشىلەر كۆپىنچە ئەھۋاللاردا شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى چىڭ تۇتۇشقا سەل قارايدۇ؛
شەيخلەرگە بولغان تائەتلىرى، ئۇلارغا باش ئىگىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىشلىرى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مازارلىرىنى سىيلاشلىرى قاتارلىقلار؛
زىكىر دەپ ئاتاپ، ئاللاھ تائالا بۇيرىمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە بەلگىلىمىدىن ھالقىپ كېتىش. مەسىلەن، بەدەننى تىترىتىپ، ئوڭ ۋە سولغا قېيىش، ھەر قېتىمدا يالغۇز ئاللاھ كەلىمىسىنىلا تەكرارلاش، مەشايخلارنىڭ قەلىب كۆزلىرى ئېچىۋېتىلگەن، دەپ دەۋا قىلىش، ھاجەتلىرىنىڭ راۋا بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ۋەسىلە قىلىش ۋە ھايات ۋە ئۆلگەن كېيىن ئاللاھ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ ماقاملىرى بىلەن دۇئا قىلىشقا ئوخشىغان مەسىلىلىرى بار؛
پىكىر ۋە ئەقىدىلەرنىڭ يىلتىزلىرى:
– سوپىزم ئەقىدىسى بويىچە كۈچ چىقىرىش مەسىلىسى، ئىنساننىڭ نەپسىنى چېنىقتۇرۇش، ھاۋايى- ھەۋەسلىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلىشكە بولغان ئىھتىياجنى ھېس قىلغان ناھايىتى قەدىمىي زامانلارغا سۇزىلىدۇ؛
– سوپىزم چاقىرىۋاتقان زاھىدلىق، تەقۋالىق، تەۋبە ۋە رازىلىق… قا ئوخشىغان ئىشلارنىڭ ئىسلام دىنىدىن ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئىسلام ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشقا ۋە شۇلار ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەمما، سوپىزم بۇ مەسىلىدە ئىسلام چاقىرغان نوقتىلارغا خىلاپلىق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى تۇتقان يولنىڭ ئەكسىچە، بۇ ئاتالغۇلار ئۈچۈن ئوقۇم ۋە سۇلۇكلارنى پەيدا قىلىشتى؛
ھۇلۇل، ئىتتىھاد، فەنا ۋە كۆپلىگەن كۈچ سەرپ قىلىش يوللىرىنىڭ بەزى مۇرىتلىرى يىتىپ بارغان بىر قاتار مەسىلىلەر بولسا، ھىندۇزم، جاينىيلىق، بۇددىزم، ئەپلاتۇنچىلىق، زەردۇشت ۋە خىرىستىيانچىلىققا ئوخشاش، ئىسلامنىڭ سىرتىدىكى مەنبەلەردىن سىزىپ كىرگەن مەسىلىلەردۇر. تەسەۋۋۇپنى تەتقىق قىلغان بىر قاتار تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار:
– شەرقشۇناس ماركوسقا كۆرە، تەسەۋۋۇپ شام راھىبلىرىدىن كەلگەن.؛
– شەرقشۇناس جونس ئۇنى ھىندىستان ۋىداسىغا قايتۇرىدۇ؛
– نىكولسونغا كۆرە، ئۇ شەرق دىنلىرى بىلەن يۇنان پىكرىنىڭ بىرلىشىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ياكى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا: يېڭى ئەپلاتۇنچىلىق پەلسەپىسى، خىرىستىيانچى دىنلار ۋە گانۇسى مەزھىپىنىڭ بىرلىشىشىدىن تۈرەلگەن؛
– ھەللاجنىڭ ”ھۇلۇل“ ۋە ئىبنى ئەرەبىينىڭ ”كامىل ئىنسان“ توغرىسىدا ئېيتقانلىرى خىرىستىيانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى مەزھىپىگە ماس كىلىدۇ.
– توغرا يولدىن چىققان تەسەۋۋۇپ ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ئىشىك ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىغا سۆرەلمىلىك، پاسسىپلىق، ئىنساننىڭ سالاھىيىتىگە سەل قاراش، شەيخنىڭ سالاھىيىتىنى يوقىرى بىلىش ۋە بۇنىڭدىن باشقا ساھىبىنى ئىسلامدىن چىقىرىپ تاشلايدىغان نۇرغۇن بىدئەت ۋە ئازغۇنلاردىن ئىبارەت كۆپلىگەن شۇملۇقلار ئېقىپ كىرگەن؛

تارقىلىشى ۋە نۇپۇز دائىرىسى:
سوپىزم تەرىقەتلىرى ھىندىنوزىيە، ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسمى ۋە باشقا يىراق يەرلەردە، ”جەزب“ دەپ ئاتىشىدىغان بىر خىل روھىي تەسىر كۈچلىرى ئارقىلىق ئەسكەرلەر تەرىپىدىن فەتھى قىلىنمىغان نۇرغۇن جايلاردا ئىسلامنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىغان؛
تەسەۋۋۇپ زامان بويلاپ تارقىلىپ، ئىسلام ئالەمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئۇلارنىڭ پىرقىلىرى مىسىر، ئىراق، ئافرىقىنىڭ غەربى شىمالى ۋە ئاسىيانىڭ شەرق، ئوتتۇرا ۋە غەرب قىسىملىرىدا مەيدانغا كەلدى ۋە كېڭەيدى؛
ئۇلار شېئىر، نەسىر، مۇزىكا، ناخشا ۋە غەزەل تۈرلىرىدە مۇھىم ئىزلارنى قالدۇردى. ئۇلارنىڭ قونالغۇ ۋە راباتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىمۇ ئىزلىرى بار؛
غەربلىك ماددا پەرەستلەرنى ئىسلامغا جەلىپ قىلىشتىمۇ سوپىزم روھانىيىتىنىڭ تەسىرى بولدى. مارتىن لىڭس بۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”مەن ياۋرۇپالىقمەن، روھىمنىڭ قوتۇلىشى ۋە نىجاتلىقىنى تەسەۋۋۇپتا ئۇچىراتتىم“. غەربلىكلەرنىڭ تەسەۋۋۇپ روھانىيىتىگە بىرىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپ توغرىسىدا ئىزاھ ۋە نەزىرىيەلەرنى يازغان ماددىي ئىنتىلىشلىرىگە بولغان ھەيرانلىقلىرىدىن باشقا، غەربلىكلەر ۋە غەرب، شەرق ئۇنۋېرسىتىتلىرىدىكى شەرقشۇناسلىق مەركەزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇپقا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ئادەمنى شەكلىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يەردە شەرقشۇناسلار، ئاكادېمىك مۇئەسسەسەلەر ۋە ئومۇمەن غەربلىكلەرنىڭ تەسەۋۋۇپقا كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا سەۋەپلەرمۇ بار. بۇ سەۋەپلەر:
تەسەۋۋۇپتا بار بولغان پاسسىپلىق ۋە تەسلىمىيەتكە ياتىدىغان تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق ئۇنى ئىسلام، دەپ تەسۋىرلەش؛
تەسەۋۋۇپتا خىرىستىيان راھىبلىقلىرى بىلەن بىر يەردىن چىقىدىغان تەرەپلەر بولۇپ، ئۇنى شۇ خىل ئېقىمنىڭ داۋامى، دەپ قاراش؛
– ئازغان مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ بارلىق دىنلارنى قوبۇل قىلىشقا بولغان مايىللىقى ۋە ئۇنى روھىي تەربىيەنىڭ ۋاسىتىسى، دەپ ھېسابلىشى. غەربتە ئۆزىنى مۇتەسەۋۋۇپ دەپ ھېسابلايدىغان، مۇسۇلمان بولماستىنلا، بىر قىسىم ئىسلامىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىدىغان، ئىسلامىي سۈلۈكلارنى ئېلىپ بارىدىغان كىشىلەر بار. ئۇلار يەھۇدىي، خىرىستىيان، بۇددىزىم ۋە باشقا دىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىچىدىن چىققان؛
– سوپىزم ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چىكىنىشكە باشلىدى. گەرچە بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى ھەممە جەھەتتىن ئىسلامنى تەتبىقلاشتا مۇسۇلمانلارنى قوزغىتىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى سۈپىتىدە ئۇلارغا يارىدەم بېرىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى نوپۇزى كۆپ قالمىدى؛
يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى: تەسەۋۋۇپ ئۇزۇن تارىخى بويىچە ئىلىم، ئەمەل، جىھاد، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ئۈممەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە دىننى تارقىتىشلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىسلام قىزىقتۇرغان سۈلۈك يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن مېتودتىن ئېغىپ كەتكەن بىر ئېقىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى توسقان. كېيىنكى دەۋرلەردە ھىندى، يۇنان پەلسەپىلىرى ۋە خىرىستىيان راھىبلىقلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن چاغدا بۇ خىل ئېغىش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. ھالال رىزق تېپىپ يىيىش يولىدىكى ھەرىكەتلىرى كەملەپ، ئىلمىي دەسمايىلىرى ئازلاپ كەتكەنلەرنىڭ ئارىسىدىن چىققان سىھىرگەر ۋە دەججاللارنىڭ تىجارىتىگە ئايلانغان چاغدا ئىش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن. بۇنى ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى بايقاپ، تەسەۋۋۇپ ئارقىلىق ئىسلامنى ئىچكى قىسىمدىن خۇنۇكلەشتۈرۈش، ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ ساپلىقىنى يوقىتىپ تاشلاش ۋە مۇسۇلمانلارنى مەڭگۇ مىدىرلىماس شەكىلدە پاسسىپلىققا ئەسىر قىلىپ قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن؛

ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلنىش مەنبەلىرى:
– ئەھمەد تەۋفىق ئەيياد:التصوف الإسلامي -ئەنگىلو ئەلمىسرىييە، 1970م.
– ھۆججەتۇل ئىسلام ئەلغەزالىي: المنقذ من الضلال- د.ئابدۇلھەلىيم مەھمۇدنىڭ تەسەۋۋۇپقا دائىر تەتىقاتلىرى، ھەسسان باسمىخانىسى- قاھىرە.
– ئىبنى تەيمىييە:مجموع فتوى، 11-جىلد، تەسەۋۋۇپ توغرىسىدا، 10-جىلد سۈلۈك توغرىسىدا،1398ھ نەشرى.
– د.ھەسەن ئىيسا ئابدۇززاھىر:الدعوة الإسلامية في غرب أفريقيا، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئۇنۋېرسىتىتى كىتابچىلىرى، 1401ھ/ 1981م.
– د.ئېرفان ئابدۇلھەمىيد فەتتاھ: نشأة الفلسفة الصوفية وتطورها، ئىسلامىي كىتابخانا- بېيرۇت، 1394ھ/1974م.
– ئەبۇلئەلا ئەفىيفىي: في التصوف الإسلامي وتاريخه.
– نېيكلسون: الصوفية الإسلامية، شەرىيبە تەرجىمىسى.
– ئىمام غەزالىي:إحياء علوم الدين، ئەرەب كىتابلىرىنى جانلاندۇرۇش نەشرىياتى، 1957م.
– شەيخۇل ئەكبەر مۇھيىددين ئىبنى ئەرەبىي: الفتوحات المكية ، بېيرۇت- سادر نەشرىياتى، چىسلاسىز.
– ھەللاج: كتاب الطواسين ، بۇ كىتابنى لويس ماسنيون 1913-يىلى پارىژدا نەشىر قىلدۇرغان.
– أخبار الهلاج ، بۇنى لو.م سىراب، نوينسام س.ش لار نەشىر قىلدۇرغان.
– ديوان الحلاج، بۇ كىتابنى لويس ماسنيون 1931-يىلى پارىژدا نەشىر قىلدۇرغان.
– ئەبۇ نەسىر ئەسىسىراج ئەتتۇسىي: كتاب اللمع، (بۇ كىتابنى د.ئابدۇلھەلىيم مەھمۇد ۋە تاھا ئابدۇلباقىي سۇرۇرلار تەھقىق قىلغان)، يېقىنقى زامان كىتابلىرى نەشىرىياتى- قاھىرە، 1960م.
-ئەبۇلقاسىم ئىبنى ئابدۇلكەرىم ئىبنى ھەۋازن:الرسالة القشيرية،مۇھەممەد ئەلى سۇبەيھ كىتابخانىسى-قاھىرە، 1957م.
– ئارنولد رىنولدز نىيكلسون: في التصوف الإسلامي وتاريخه، (بىر يۇرۇش ماقالىلار بولۇپ، د.ئەبۇلئەلا ئەلئەفىيفىي تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان) – قاھىرە، 1947م.
– ئابدۇلھەكىيم ئابدۇلغەنىي قاسىم: المذاهب الصوفية ومدارسها.
– ئابدۇرراھمان ئابدۇلخالىق: الفكر الصوفي في ضوء الكتاب والسنة.
– سادىق سەلىيم سادىق: المصادر العامة للتلقي عند الصوفية.
– ئابدۇرراھمان دەمەشقىييە: أبو حامد الغزالي والتصوف.
– ئېھسان ئىلاھىي زەھىير: دراسات حول التصوف.
– مۇھەممەد ئەلئەبدۇھ، تارىق ئابدۇلھەلىيم: الصوفية.
– مۇھەممەد ئەلھەسەن: المذاهب والأفكار في التصور الإسلامي.
– ئابدۇللاھ ئەلئەمىين: دراسات في الفرق والمذاهب القديمة والمعاصرة.
– زەكىي مۇبارەك، د.ئابدۇرراھمان بەدەۋىي: التصوف والأدب.
– د.ئابدۇرراھمان بەدەۋىي: تاريخ التصوف.
چەتئەل مەنبەلىرى:
– Nicholson. R. A. Studies in Islamic Mysticism, Combridge 1961.
– Spencer Trimingham. T. The Sufi Orders of Islam, Oxford 1971.
– Arberry. A.J. An Interduction to the History of Sufizm, Oxford 1942.
– Nicholson: Literary History of the Arabs.
– Macdonald: Development of Moslem Theology
– Sufizm: An Account of the Mystics of Islam, London 1956.
– Fazlur Rahman: Islamk London 1966.
– Encyclopedia of Religion anda Ethics 1908. The Articles: Soul- Pantheism Sufis.
– Encyclopedia of Islam. The New Edition. The Articles: Al-Hallaj -ibn-Arabi Al-Bistami- Asceticism.

باھا يېزىش