دىيەت
ئۆمەر سەيفىدىن(تۈركىيە)
تار ئىشىكىدىن باشقا ھېچقانداق يېرىدىن يورۇقلۇق كىرمەيدىغان دۇكاندا ئۆزى يالغۇز، كېچە-كۈندۈز ئوت چاچرىتىپ تۆمۈرچىلىك قىلىدىغان ئېلى چوڭ كىشىگە گويا قەپەزگە سولانغان، كۆندۈرۈلگەن شىرنى ئەسلىتەتتى. بويى ئېگىز، مۈرىسى كەڭ، بىلىكى توم، ئالقىنى يوغان بىر پالۋان ئىدى. ئون يىلدىن بېرى قاراڭغۇ ئۆيدە خام تۆمۈردىن سوققان قىلىچلىرى ئاناتولىيە، رىم دىيارىدا داڭ قازانغانىدى. ھەتتا ئىستانبۇلدىمۇ يېڭى ئەسكەرلەر سېتىۋالغان شەمشەر، خەنجەر، قىلىچلىرىنىڭ ئۈستىدىن ”ئەلى چوڭ سوققان“ دېگەن مۆھۈرنى ئىزدەيتتى. ئۇ پولاتقا ”ئىككى تامچە سۇ“بېرىش ھۈنىرىنى بىلەتتى. ئۇ سوققان ئۇزۇن قىلىچلار تۈگۈل، قىسقا پىچاقلار قاتلىنىپ قالسىمۇ ھەرگىز سۇنمايتتى. ”ئىككى تامچە سۇ بېرىش“ سەنئىتى ئۇنىڭ خاس ھۈنىرى ئىدى. ئۇ شاگىرت ئالمايتتى، بىر كىم بىلەن ئارتۇق گەپلەشمەيتتى، دۇكىنىدىن چىقماي ئىشلەۋېرەتتى؛ بويتاق ئىدى، بۇ يەرلىك بولمىغاچقا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمۇ يوق ئىدى. قىلىچ، تۆمۈر، پولات، ئوتتىن باشقا گېپى يوق ئىدى، باھا تالاشمايتتى، خېرىدارلىرى نېمە بەرسە شۇنى ئالاتتى. پەقەت ئۇرۇش بولۇپ قالسا دۇكىنىنىڭ ئوتىنى ئۆچەتتى، ئۇ دۇكىنىنى تاقاپ يوقاپ كېتىپ ئۇرۇشتىن كېيىن پەيدا بولاتتى. شەھەردە ئۇ توغرۇلۇق سۆز-چۆچەك تولا ئىدى. بىرسى ئۇنى” جاللاتنىڭ قولىدىن قاچقان بەگزادە“ دېسە، بىرسى ئۇنى ”سۆيگۈنى ئۆلگەچكە دۇنيانى تەرك ئەتكەن بىر غېرىپ“ دەيتتى. قاپقارا، شاھانە كۆزلىرىدىكى ئۈستۈن نەزەرىدىن، ئېسىل ئىش-ھەرىكىتىدىن، غۇرۇر ۋە تەمكىنلىكىدىن، گەپ-سۆزلىرىنىڭ دۇرۇسلىقىدىن ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى. بىراق ئۇ كىم؟ نەلىك؟ قەيەردىن كەلدى؟ بۇنى بىلىدىغان ئادەم يوق ئىدى. خەقلەر ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، شەھەردە مۇشۇنداق داڭلىق بىر ھۈنەرۋەننىڭ بولغىنىدىن ھەممىسى پەخىرلىنەتتى.
−بىزنىڭ ئەلى…
−بىزنىڭ ئۇستا ھۈنەرۋەنىمىز…
− زۇلپىقارنىڭ سىرى ئۇنىڭدا…. − دېيىشەتتى.
ئەلى چوڭ ئەڭ توم، ئەڭ قاتتىق تۆمۈرلەرنى قوناقنىڭ قۇلىقىدەك نېپىزلىتىپ، قەغەزدەك يۇمشىتىۋېتدىغان ھۈنەرنى ھېچكىمدىن ئۆگەنمىگەن، ئۆزى تاپقانىدى. 12 ياش چېغىدا بەگلەرنىڭ بېگى بولغان چۇس مىجەز ئاتىسى ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇ يېتىم قالدى. تاغىسى پۇل مېلى كۆپ، ئابرۇيپەرەس باي ئىدى. ئۇنى يېنىغا ئالدى، ئوقۇتماقچى بولدى، بەلكى ئۇنى دۆلەت ئارقىلىق تەربىيىلىتىپ، چوڭ مەرتىۋىلەرگە ئېرىشمەكچى بولغانىدى. ئەمما ئەلى ”بىر كىمنىڭ ئۆتكۈزۈپ قويۇشى“دىن بەك ئازابلىناتتى، ”بىراۋغا يېلىنمايمەن“ دېدى. بىر كېچىدە تاغىسىنىڭ قورۇسىدىن قاچتى. نام-نىشانسىز جاھانكەزدىدەك تاغ-داۋانلار ئاشتى، دەريالار كەچتى. ئىسمىنى بىلمەيدىغان يۇرتلارنى كەزدى، ئاخىرىدا ئەرزۇرۇمدا بىر قېرى تۆمۈرچىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئوتتۇز يېشىغىچە ئاناتولىيىدە ئۇ بارمىغان شەھەر قالمىدى، ھېچكىمگە بويۇن ئەگمىدى، ھېچكىمدىن قەرزى قالمىدى، تەر تۆكۈپ جاپالىق ئىشلەپ ئۆز نېنىنى تېپىپ يېدى. كۆپ تىرىشتى، ئاجايىپ ئىشلارنى قىلدى. ئاز تاپسىمۇ بارىغا شۈكرى قىلدى، قەلبىدە ئىشتىياق يالقۇنى بولغان كەشپىياتچىدەك پۇل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھۈنەر-سەنئەتنىڭ پەيزى ئۈچۈن ئىشلەيتتى. ”پولاتقا ئىككى تامچە سۇ بېرىش“ كە ئاشىق ئىدى. ئۇرۇشقا خۇشال بارغان چاغلىرىدا يېڭى ئەسكەرلەر، ئاتلىق ئەسكەرلەر، قاراۋۇللار ئارىسىدا ”ئەلى ئۇستا“ ھۈنىرىنىڭ مەدھىيىسىنى ئاڭلىغىنىدا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىققا چۆمەتتى. تا ئۆلگىچە مۇشۇنداق توختىماي ئىشلىسە، نەچچە مىڭ غازىغا سۇنماس قىلىچلار، قالقانلارنى پارچىلايدىغان پولات شەمشەرلەر، ساۋۇت-دوبۇلغىلارنى كېسىدىغان ئېغىر زۇلپىقارلارنى سوقاتتى. بۇنى ئويلىغىنىدا كۈلۈمسىرەيتتى، يۈرەكلىرى ئوينايتتى، روھىدىن ئۇرغۇپ تاشقان بىر سوقۇش بىلەن تەڭ سەندەلدە ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچرايتتى.
−تاق!
−تاق، تاق!
− تاق، تاق!
مانا بۈگۈن ئۇ بامدات نامىزىدىن باشلاپ ئون سائەت تىنماي ئىشلىدى. سوققان ئەگرى قىلىچنى سەندەلنىڭ يېنىدىكى سۇ سوغىسىغا تىقتى. ئوچاقنىڭ ئۆچۈشكە باشلىغان ئوتىغا قارىدى. بولقىنى تاشلىغان قولىدا تەرلىرىنى سۈرتتى. ئىشىككە ماڭدى. ئۇدۇلدىكى مەسچىتتە خۇپتەنگە مۇڭلۇق ئەزان چىقىۋاتاتتى، تۇرخۇندىكى ئۇۋىدا قاقىرلار توختىماي پالاقلايتتى. ئۇنىڭ ئەسىرگە ئالغان تاھارىتى تېخى بۇزۇلمىغاچقا پەقەت قولىنى يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، يەڭلىرىنى چۈشۈرۈپ، چاپىنىنى مۈرىسىگە ئارتىپ سىرتقا چىقتى. ئىشىكىنى چىڭ تارتىپ ياپتى، قۇلۇپلاپ يۈرمەيتتى. ئۇزۇن مەيداندىن مەسچىتكە ئۇدۇل ماڭدى. شەھەرنىڭ چېتىدىكى بۇ ئاددىي مەسچىتكە دائىم پېقىر-مىسكىنلەر كېلەتتى. ئەزان مۇنارى كوچىغا قارايدىغان كىچىك بىر دېرىزىدىن ئىبارەت ئىدى، مەزىن بۇ يەردىن بېشىنى چىقىرىپ ئەزان توۋلايتتى.
ئەلى چوڭ مەسچىتكە كىرىپ جامائەتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئادەتتە ئۈچ قەندىل يېقىلاتتى، ئەمما بۇ ئاخشام رامىزان ئايلىرىغا ئوخشاش بارلىق قەندىللەر ياندۇرۇلغانىدى. ناماز سەپلىرى تېخى تىزىلمىغانىدى، ئۇ ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، يېنىدا بوش ئاۋازدا پاراڭلىشىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى، كونيادىن ئىككى دەرۋىشنىڭ كەلگەنلىكىنى، خۇپتەن نامىزىغىچە مەسنىۋى ئوقۇيدىغانلىقىنى ئاڭلىدى.
خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن جامائەتنىڭ بىر قىسمى چىقتى.
ئەلى چوڭ ئورنىدىن قوپمىدى، بېشى بىر ئاز ئاغرىۋاتاتتى، ”مەسنىۋى ئاڭلىسام ئوڭشىلىمەن“ دېدى. راھەت ئىلكىدە ئىككى غېرىپ دەرۋىشنىڭ قەلبنى زىل-زىلىگە سالىدىغان نەغمىلىرىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇپ كەتتى. ھەر ئاشىققا ئوخشاش ئۇنىڭ كۆڭلىدىمۇ ئەسەبىي خۇشاللىق، ھاياجان، غەليان بار ئىدى. ئەڭ كىچىك ۋەسىلىدىن شادلىناتتى. مەنىسىنى بىلمىگەن بۇ تىلنىڭ ئاخىرەتلىك مۇڭ رېتىمى ئۇنىڭ قېنىنى چوڭقۇر قاينامغا ئوخشاش قايناتتى. ۋۇجۇدى قانداقتۇر بىر تەۋرىنىش ئىلكىدە تىترەيتتى؛ بوغۇزىغا بىر يىغا كەپلىشىپ، ھېلىلا ئۆكسۈپ يىغلايدىغاندەك قىلاتتى. خۇپتەن نامىزىدىن يېنىپ مەسچىتتىن چىققان ھامان ئۇ دۇكىنىغا كىرمەي بىر ياققا ماڭدى، ئۇيقۇسى قاچقانىدى. بۇ ئىللىق، يۇلتۇزلۇق بىر ياز كېچىسى ئىدى، ئاقار يۇلتۇزلار ئالتۇن رەڭ توز-تۇماندىن شەكىللەنگەن بۇلۇتلاردەك ئاسماننىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە ئاقاتتى. ئۇ ماڭدى، ماڭدى، شەھەردىن قىشلاققا بارىدىغان يولنىڭ تاختا كۆۋرۈكىگە كېلىپ تۇتقۇچىغا تايىنىپ تۇردى. كەڭ دەريانىڭ سۈيىدە جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلار گۆھەر تاشلاردەك پارقىرايتتى، شىرىلدايتتى. دەريا بويىدىكى قاراڭغۇ، توپ سۆگەتلەردە بۇلبۇللار سايرايتتى. ئۇ بۇلارغا بېرىلىپ سائەتلەردە مىدىرلىماي تۇردى. بايا ئاڭلىغان نەغمىلەرنىڭ كۈي-ئاھاڭلىرىنى خىيالەن تىڭشاپ، گويا مەسچىتتە ئولتۇرغان ھالدا ئۆزىنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئارقىسىدىن بىرسى:
− كىم ئۇ؟− دەپ ۋاقىرىدى.
−…
ئۇ شىرىن خىيالدىن ئويغىنىپ، ئارقىسىغا قارىدى، كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئىككى-ئۈچ قارا سايە كېلىۋاتاتتى. ئىختىيارسىز جاۋاب بەردى:
− بۇ يەردە باشقا ئادەم يوق!
− كىمسەن؟
− ئەلى…
− قايسى ئەلى؟
سايىلەر يېقىنلاشتى. بىر قەدەم قالغاندا ئۇنى كىيىمىدىن تونۇدى:
− ئەلى چوڭ…ئەلى چوڭ دېگىن…
− …
− ئەلى ئۇستا دېگەن سەنمۇ؟
− مەن شۇ!
− بۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە نېمە ئىزدەيسەن؟
− ھېچنېمە…
− ھېچنېمە دەيسەنغۇ؟ بولقاڭنى سۇغا چۈشۈرۈۋەتتىڭمۇ يا؟
−…!
بۇلار شەھەر ئەمىنىيەت بېگىنىڭ ئادەملىرى، قەلئە قاراۋۇللىرى بولۇپ، ئەتراپنى چارلاۋاتاتتى. ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. كېچىلىرى ئەپيۇن چېكىدىغان بۇ ئابداللار كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئوغرى-قاراقچى ۋە زېدى پەسلەردىن قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۆزىدىن باشقا ئايلىنىپ يۈرگەن بىرسىنى تۇتۇۋالسا ئۆلگىچە دۇمبالايتتى. ئەمما ئۇنىڭغا يامان مۇئامىلە قىلمىدى، پاششاپ:
− ئەلى ئۇستا، سەن ساراڭ بولدۇڭمۇ نېمە؟− دېدى.
− ياق…
− يېرىم كېچىگە ئاز قالغاندا ئەمەس، ھەتتا خۇپتەندىن كېيىن كوچىدا بىرسىنىڭ بۇنداق بىخارامان ئايلىنىپ يۈرۈشىگە ھۆكۈمدارىمىزنىڭ رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟
− بىلىمەن.
− ئەمىسە نېمە ئىزدەيسەن بۇيەردە؟
− ھېچنېمە…
− ھېچنېمە دەيسەنغۇ؟
ئەلى چوڭ يەنە جاۋاب بەرمىدى. قاراۋۇللار ئۇنىڭ دۇرۇس ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ئۇرمىدى، پەقەت:
− بولدى كەت، بۇ يەردە ئايلىنىپ يۈرمە…− دېدى.
كەلگەن يولىدىن تېز-تېز قايتىۋاتقان ئەلى چوڭ بايا ئاڭلىغان كۈيلەرنى ئىچىدە تەكرارلايتتى. بۇلبۇللار چاڭ-چاڭ سايرايتتى، قىشلاقتىكى ئىتلار يىراقتىن ھاۋشىيتتى. ئۇ كوچىدا ھېچكىمگە ئۇچرىمىدى، دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇپ قالدى. مورىسىنىڭ ئۈستىدىكى قاقىرلار تېخى ئۇخلىمىغان، سىرلىق بىر خىيالەتتەك تىك تۇرۇشاتتى. دۇكان ئىشىكى ئوچۇق ئىدى، ئۇ باياتىن دۇكاندىن چىققاندا ئۇنى چىڭ تاقىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ:
− توۋا، شامال ئېچىۋەتكەن ئوخشايدۇ!− دېدى.
دۇكىنىدا سەندەل بىلەن بولقىدىن باشقا پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىسى يوق ئىدى. بۇلارمۇ ئوغرىلاپ كەتكۈدەك نەرسىلەر ئەمەس ئىدى، ئوغرىلاپ كەتسىمۇ ھېچكىمگە يارىمايتتى، ئۇنىڭغا زىيان سالالمايتتى…
ئۇ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى، قاراۋۇللارنىڭ ئوساللىقى ئىچىنى سىقىۋەتكەنىدى. شەھەردە ياشاش دېگەنمۇ ئەمەلىيەتتە قۇل-ئەسىر بولۇش دېگەنلىك ئىدى. ئەمما تاغدا، يېزىدا ئۇنىڭ ھۈنىرى ئاقمايتتى. ئۇ بىردىنلا ھارغىنلىق تۇيدى، قەندىلىنى يېقىشقا ئېرىندى، ئوچاقنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى سۇپىنى سىلاشتۇرۇپ ئۈستىگە چىقىپ، كۆرپە قىلىۋالغان يوغان ئېيىق تېرىسىدە ياتتى.
* * *
ئۇ چاچراپ ئورنىدىن قوپتى، ئىشىكى قېقىلىۋاتاتتى. ئۇيقۇچان ئاۋازدا:
− كىم ئۇ! − دەپ ۋاقىرىدى.
− ئىشىكنى ئاچ، تېز بول…
…
تاڭ ئاتقانىدى، ئىشىك يوچۇقىدىن تال-تال نۇرلار چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇ ئادەتتە تاڭ ئاتماستا قوپۇپ بولاتتى، ھەرگىز بۇنداق ئۇخلاپ قالمايتتى، كىيىمىنى تۈزەشتۈرۈپ سۇپىدىن ئاتلىدى. ئايىغىنى كىيمەيلا ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ تاقاقنى ئاچتى، ئىشىك ئېچىلىشى بىلەنلا دۇكان يورۇپ كەتتى، بۇ يورۇقتا شاپ بۇرۇتلۇق، ئۇزۇن تۇماقلىق پاششاپنى كۆردى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا تىۋىت تۇماقلىق، قوش خەنجەر ئېسىۋالغان ياش چاپارمەنلىرى تۇراتتى. ئۇ ”نېمە بولدى؟“ دېگەن تەرزدە ئۇلارغا قارىدى. پاششاپ:
− ئەلى ئۇستا، دۇكىنىڭنى ئاختۇرىمىز!- دېدى.
ئەلى چوڭ ھەيران بولۇپ سورىدى:
− نېمىشقا؟
− كېچىدە پۇتاق بەگنىڭ قوتىنىدىن مال يۈتۈپتۇ.
− ئۇنىڭ مەن بىلەن نېمە ئىشى؟
− شۇڭا دۇكىنىڭنى ئاختۇرىمىز.
− ئۇ ئوغرىلىق بىلەن مېنىڭ نېمە ئىشىم؟
− ئوغرىلار ئوغرىلىغان پاقلاننىڭ بىرىنى كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا بوغۇزلاپتۇ. كۆن خالتىدىكى پۇللارنى ئېلىپ، بىرسىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قويۇپتۇ.
− بۇنىڭ مەن بىلەن نېمە ئالاقىسى؟
− بىر خالتىنى بۈگۈن سەھەردە سېنىڭ دۇكىنىڭنىڭ ئالدىدىن تاپتۇق، قارا ئىشىككە، قان داغلىرى بار!
ئەلى چوڭ كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ ئىشىككە قارىدى، ئىشىكتە راستىنلا ئالقاندەك چوڭلۇقتا قان داغلىرى بار ئىدى. ئۇ قىزىل داغلارغا قاراپ قېتىپ قالغاندا شاپ بۇرۇت پاششاپ:
− ئاخشام كېچىدە تېخى كۆۋرۈكتە تۇرغىنىڭنى كۆردۈم. ئۇ يەردە نېمە ئىزدەۋاتاتتىڭ؟- دېدى.
ئەلى چوڭ يەنە جاۋاپ بېرەلمىدى، ئالدىغا قاراپ:
− قېنى ئىزدەڭلار…− دەپ بىر چەتتە تۇردى. پاششاپ ۋە ئۇنىڭ چاپارمەنلىرى دۇكانغا كىردى. سەندەلنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان چاپارمەنبېشى ۋاقىرىدى:
− قاراڭلار، مانا، مانا…
−!…
ئەلى چوڭ ئۇ قارىغان تەرەپكە نەزەر سالدى. يېڭى سويۇلغان بىر تېرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. چاپارمەنلەر تېرىنى يەردىن ئېلىپ ئاچتى، تېرە تېخى ھۆل ئىدى. چاپارمەنلەر بىر دەم باشلىقىنىڭ يۈزىگە، بىر دەم ”جىنايەتچى“نىڭ يۈزىگە قارايتتى. پاششاپ غەزەپ بىلەن سورىدى:
− ئوغرىلىغان پۇلنى نەگە تىقتىڭ؟
− مەن پۇل ئوغرىلىمىدىم.
− يالغان سۆزلىمە، پاقلاننىڭ تېرىسى مانا دۇكىنىڭدىن چىقتى.
− بۇ تېرىنى بۇ يەرگە مەن ئەكەلمىدىم.
− ئەمىسە كىم تاشلاپ قويدى؟
− بىلمەيمەن.
…
ئەلى چوڭ گەپنى جىق قىلالمايتتى. ئەمىنىيەت ھاكىمىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلغاندا ئۇ كېچىدە كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە نېمىشقا تۇرغىنىنى چۈشەندۈرەلمىدى. چارلىغۇچىلار تاپقان بارلىق ئىسپاتلار ئۇنى قارىلايتتى. پۇتاق بەگ ساتقان 500 قوينىڭ پۇلى ئۇنىڭ قىشلىقىدىن ئوغرىلانغانىدى. ئىككى كۈچتۈڭگۈر ئوغرى قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان چوپاننى مەھكەم باغلاپ ئۆلگۈدەك ئۇرغان، ھەتتا قىيىن-قىستاققا ئېلىپ بىر قولىنى سۇندۇرۇۋەتكەنىدى. ئەتىسى بۇ چوپان ھاكىمنىڭ ھۇزۇرىدا ئوغرىلاردىن بىرىنى ئەلى چوڭغا ئوخشىتىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. كېچە خېلى ۋاققىچە دۇكىنىغا كەلمەسلىكى، تېرىنىڭ دۇكىنىدا، پۇل خالتىسىدىن بىرىنىڭ دۇكىنى ئالدىدا تېپىلىشى ئەلى چوڭغا جىنايەت ئارتىشقا يېتەرلىك ئىسپات بولدى. ئۇ ھەر قانچە ئوغرىلىق قىلمىدىم دېسىمۇ گېپى ئاقمايتتى. ئەسلىدە ھۆكۈمەتمۇ ئۇنىڭ نەدىن كېلىپ قالغانلىقىنى، نەلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
سول قولى كېسىلسۇن دەپ جاكارلاندى.
ئەلى چوڭ بۇ ھۆكۈمنى ئاڭلاپ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم تاتىرىپ سارغايدى، كالپۇكىنى چىشلىدى. قازاغا رىزا بولماقتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى… سەنتۈرۈلۈپ ئورنىدىن قوپۇپ ھاكىمغا كەسكىن تەرزدە:
− قولۇمنى قويۇپ كاللامنى ئېلىڭلار،− دەپ تەلەپ قىلدى. ئۆمرىدە بىرىنچى قېتىم مۇشۇنداق تەلەپ قىلىۋاتاتتى. ئەمما قېرى ھاكىم ناھايىتى ئادىل ئىدى.
− ياق ئوغلۇم،−دېدى ھاكىم،− سەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىڭ. ئەگەر چوپاننى ئۆلتۈرگەن بولساڭ كاللاڭ كېتەتتى. جىنايەتكە قاراپ جازا بېرىلىدۇ. سەن پەقەت ئوغرىلىق قىلدىڭ، قولۇڭ كېسىلىدۇ. ھەقتائالا شۇنداق بۇيرۇغان. شەرىئەت بويىچە كەسكەن يەر ئاغرىمايدۇ…
ئەلى چوڭنىڭ قولى كاللىسىدىنمۇ قىممەتلىك ئىدى. پولاتقا ”ئىككى تامچە سۇ“نى بۇ ئىككى قولى بىلەن بېرەتتى، بۇ ئىككى قولى بىلەن چېگرا بويىدا سوقۇشۇۋاتقان نۇرغۇن غازىلارغا پولات قالقانلارنى سۇندۇرىدىغان، ئېغىر ساۋۇتلارنى يىرتىدىغان، تۆمۈر دوبۇلغىلارنى ئىككى پارچە قىلىۋېتىدىغان يەڭگىل قىلىچلارنى سوقاتتى، پۇل ئۈچۈن ئەمەس، ئىشقى زەۋقى ئۈچۈن سوقاتتى.
ئۇنى گازارمىدا قاراۋۇللارنىڭ ياتىقى ئاستىغا قامىدى، جازا كۈنىنى مەشەدە كۈتەتتى. ئۇ بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمەيتتى، چولاق بولۇپ قالغاندىن كېيىن سەندەلنىڭ بېشىدا تۆمۈر سوقمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئېغىر ماتەمگە چۆكۈپ ئولتۇراتتى. قولىنىڭ دىيەتىنى بەرگۈدەك پۇلى يوق ئىدى، مۇشۇ ۋاققىچە پۇل ئۈچۈن تىرىشمىغانىدى.
پۈتۈن شەھەر خەلقى ئەلى چوڭدەك ئۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولىنىڭ كېسىلىدىغانلىقىغا ئېچىندى. بۇنداق قاملاشقان، مەرت، ئىشچان، كۈچتۈڭگۈر، ياخشى بىر ئادەم ئۆلگىچە مېيىپ بولۇپ قالسا بۇنىڭغا ھەر قانچە ۋىجدانسىز ئادەممۇ چىداپ تۇرالمايتتى.
ھەممە ئادەم ئۇنى ياخشى كۆرەتتى.
ئاتلىق ئەسكەرلەر ئۆزلىرىگە ئەرزان قىلىچ سوقۇپ بەرگەن بۇ ئادەمنى قۇتقۇزۇشنى مەسلىھەتلەشتى.شەھەرنىڭ ئەڭ چوڭ بېيى بولغان ھاجى مەھەممەتكە مۇراجىئەت قىلدى؛ بۇ ئادەم قارۇندەك كاتتا باي بولغان بىلەن ناھايىتى بېخىل ئىدى. شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىدە بىر كىچىك دۇكاندا قاسساپلىق قىلاتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئويلاندى، خىيال سۈردى، غىلجىڭشىپ باقتى، چىرايىنى پۈرۈشتۈردى، بېشىنى چايقىدى، ئەمما ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن ياخشى ئۆتمىسە بولمايتتى.
− سىلەر شۇنداق دېگەندىكىن،− دېدى ئۇ − مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دىيەت بېرىمەن، ئەمما بىر شەرتىم بار…
− نېمە شەرت؟− دەپ سورىدى ئۇلار.
−بېرىپ ئۆزىگە دەڭلار، ئەگەر مەن ئۆلگىچە ماڭا خىزمەت قىلسا، شاگىرت بولسا…
− بولىدۇ، بولىدۇ…
ئەسكەرلەر گازارمىغا بېرىپ ھاجى قاسساپنىڭ تەكلىپىنى ئەلى چوڭغا يەتكۈزدى. ئۇ باشتا قاسساپلىقنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى. ئەسكەرلەر: ” قىززىق-دە سەن! قاسساپلىق دېگەنمۇ ئىشمۇ؟ نۇرغۇن جەڭ قىلدىڭ، قىلىچ چاپتىڭ، ئەمدى تەييار باغلاقلىق قوينى يەرگە ياتقۇزۇپ بوغۇزلىيالمامتىڭ؟“ دېيىشتى. ”قۇلغا قۇل بولۇش“، پانىي دۇنيادا ”بىرسىگە قەرزدار قېلىش “ ئەڭ ئېغىر ئازاب ئىدى.
ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا ۋەزىر تاغىسىنىڭ ياردىمىنىمۇ قوبۇل قىلماي، ئۇنىڭ مىننەت قىلىشىدىن قېچىپ سەرسان سەرگەردان بولغانىدى. مانا ئەمدى كاج تەلەينىڭ ئۇنى يەنە بىرسىگە قۇل قىلماقچى بولغىنىنى كۆرمەمدىغان؟ ئەسكەرلەر: ”ھاجىنىڭ يېشى يەتمىشتىن ئاشتى، يەنە قانچىلىك ياشايدۇ دەيسەن، ئۇ ئۆلگەن ھامان سەن ئەركىنلىككە چىقىسەن، بىزگە قىلىچ سوقۇپ بېرىسەن. ئەمدى كۆپ ئويلانما ئۇستا، ئويلانما“ دەيتتى.
* * *
ھاجى قاسساپ كېسىلىدىغان قولنىڭ دىيەتىنى ھاكىمغا تۆلىگەن كۈنى ئەلى چوڭنى ئارقىسىغا سېلىپ دۇكىنىغا ئەكەلدى. ئۇ ناھايىتى چۈپەي، تەرسا، ئوسال قېرى ئىدى. بىكار تۇرماي ۋالاقلايتتى، پىخسىقلىقىدىن ھازىرغىچە بىرەر خىزمەتچى، شاگىرت ئالمىغانىدى. ئەلى چوڭغا ئىگە بولغان ھامان ئۇنى دۇكىنىغا ئاپىرىپ، بىر بۇلۇڭنى ياتىدىغان جاي قىلىپ بەردى. بېرىپ ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ، ھەممە ئىشىنى ئەلى چوڭغا قىلدۇرۇشقا باشلىدى، ھەممە ئىشنى… ھەر كۈنى بامداتتىن بەش سائەت بۇرۇن شەھەرگە ئىككى سائەتتە كېلىدىغان قىشلاقتىن شۇ كۈنى سېتىلىدىغان قويلارنى ئۇنىڭغا ئەكەلتۈرەتتى، ئۇنىڭغا بوغۇزلىتاتتى، ئۇنىڭغا سويدۇراتتى، ئۇنىڭغا پارچىلىتاتتى، ئۇنىڭغا ساتتۇراتتى… تاكى شام ۋاقتىغىچە ئۇنى توختىماي ئىشقا بۇيرۇيتتى. ئۇ بىچارىگە پەقەت كېپەك ئومىچى بېرەتتى. بەزىدە ئۆزىدىن ئېشىپ قالغان ئوماچنى ئۇنىڭغا ئىتقا بەرگەندەك بېرەتتى. كېچىلىرى دۇكىنىنى ئۇنىڭغا باشتىن ئاياغ يۇغۇزاتتى، ئەتىسى سەھەردە قوينى ئەكىلىپ بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئۇخلىغىلى قويماي قىشلاققا ماڭغۇزاتتى. ئوتۇنىنىمۇ ئورماندىن ئۇنىڭغا كەستۈرەتتى، سۈيىنى ئۇنىڭغا توشۇتاتتى، ھەر ئىشىنى ئۇنىڭغا قىلدۇراتتىكى، ھەتتا ئۆيىنىڭ بېغىدىكى گەندىنىمۇ ئۇنىڭغا تارتقۇزاتتى.
ئەلى چوڭ كېپەك ئومىچى ئىچسىمۇ بۇ مۇشەققەتلەرگە چىداپ كېتەتتى، ئەمما ھاجى قاسساپنىڭ ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا:
− ھوي ئەلى، قولۇڭنىڭ دىيەتىنى مەن بەردىم، بولمىسا چولاق بولۇپ قالاتتىڭ!− دەپ مىننەت قىلىۋېرىشىدىن ئۆلگۈدەك بىزار بولدى.
بىر كۈن، ئىككى كۈن چىشىنى چىشلەپ توختىماي ئىشلىدى، كېچىسى ئۇخلىمىدى، كۈندۈزى پالاقلىدى. خوجايىنىنىڭ ئالدىدا قول باغلاپ تۇردى. ھاجى قاسسساپ يەنە دەۋەردى:
− قولۇڭنىڭ دىيەتىنى مەن بەردىم.
−…
− بولمىسا ھازىر چولاق بولۇپ قالاتتىڭ جۇمۇ…
−…
− مەن بولغاچقا قولۇڭ بار.
−…
ھاجى قاسساپ”يارايسەن“ دېيىشنىڭ ئورنىغا مۇشۇنداق ئەزۋەيلەيتتى.بۇيرۇغان ئىشىنى قىلىپ بولسا كىر ساقال، سەت، ئاۋاق يۈزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كۆك، ئورا كۆزىدە ئۇنىڭغا باشتىن ئاياغ سەپسېلىپ ”ئېسىڭدە بولسۇن، سەن ماڭا قۇل“ دېگەندەك قىلىپ ئۇنىڭغا بەرگەن دىيەتىنى ئېسىگە سالاتتى. ئەلى چوڭ گەپ قىلمايتتى، يۈرىكى يېرىلىپ كۆكرىكىگە ئىسسسىق بىر نەرسىنىڭ يامراۋاتقانلىقىنى، ئېڭەكلىرىنىڭ تىترەپ، ئىككى چېكىسىنىڭ لوقۇلداۋاتقانلىقىنى سېزەتتى. كېچىلىرى ئۇخلىيالمايتتى، كۈندۈزى ئىشلەۋاتقاندا، قىشلاققا بېرىپ كېلەشىدە، قۇشخانىدا قوي سويۇۋاتقاندا، خېرىدارلارغا گۆش كېسىۋاتقاندا ”قانداق قىلسام بولار؟ قانداق قىلسام بولار؟“ دەپ ئويلايتتى، بىرەر قارارغا كېلەلمەيتتى. جاھاندا ھېچكىمگە يېلىنماي، غۇرۇر سائادىتى ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقاندا بۇ بالا-قازاغا نېمە دېگۈلۈك؟
قېچىپ كېتىشكە غۇرۇرى يول قويمايتتى، ئۇنداقتا ئوغرىلىق قىلغان بولاتتى. ئەمما بۇ قېرىنىڭ ھە دېسە قىلغان ئىشىنى پېشانىسىگە قويۇۋېرىشىگە تاقەت قىلالمايۋاتاتتى، بۇ ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىنمۇ قاتتىق، ئۆلۈمدىنمۇ ئېچىنىشلىق، ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر تۇيۇلاتتى.
ھاجى قاسساپقا قۇل بولغىلى ھەپتە توشقان بىر جۈمە كۈنى ئۇ يەنە سەھەردە قىشلاققا بېرىپ قوي ئەكەلدى، قوينى قۇشخانىدا سويۇپ دۇكاندىكى ئاسمىغا ئاستى. شىرەنىڭ سول تەرىپىدىكى يوغان، ياغلىق قارا تاشتا پىچاقلارنى بىلەۋېتىپ ” قانداق قىلسام بولار، قانداق قىلسام بولار؟“ دەپ ئويلايتتى، كالپۇكىنى چىشلەيتتى. خوجايىنى تېخى كەلمىگەنىدى، پىچاقلارنى بىلەپ بولۇپ قىڭراقلارنى بىلەشكە باشلىدى. ”قانداق قىلسام بولار، قانداق قىلسام بولار؟“ دېگەن خىيالغا شۇنچىلىك بېرىلىپ كەتكەن ئىدىكى، قاسساپنىڭ كەلگىنىنى تۇيمىدى. قېرىنىڭ توساتتىن چىققان بوغۇق ئاۋازىدىن يۈرىكى ئاغزىغا كەپلەشتى:
− نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن ھوي؟
ئارقىسىغا قارىدى، خوجايىنى بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ غاڭزىسىنى شوراۋاتاتتى.
− پىچاقلارنى بىلەۋاتىمەن…− دېدى ئۇ.
− ھەي ھورۇن، ھەي لەقۋا… ئەتىگەندىن بېرى نېمە ئىش قىلدىڭ؟
ئۇ جاۋاب بەرمىدى، قاپاقلىرى ساڭگىلىغان بۇ كىچىك، خائىن، يىلان كۆزلەرگە تىكىلىپ قارىدى. قېرى كۈتۈلمىگەن بۇ نەزەردىن ئاچچىقلاندى:
− نېمىگە قارايسەن؟
−…
ئەلى بىر ھەپتە ئىچىدە بەش يىللىق ئىشنى ئۇخلىماي، ئارام ئالماي قىلغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق يەنە نومۇس قىلماي ئۆزىنى ”ھورۇن، لەقۋا“ دەۋاتقان بۇ پەسكەش ئادەمگە قەھرى بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى. يۈرىكى يەنە يېرىلغاندەك، كۆكرىكىگە ئىسسىق بىر نەرسە يامرىغاندەك بولۇۋاتاتتى، ئېڭەكلىرى تىترەيتتى، ئىككى چېكىسى لوقۇلدايتتى. بۇ تىترەشلىرى تۇيۇقسىز توختىدى، كۆزلىرىنى ئاچتى. بىر ھەپتىدىن بېرى بۇنىڭغا قانداق چىدىغان بولغىيدى؟ ھەيران قالدى. ھاجى قاسساپ غاڭزىسىنى يېنىغا قويۇپ، خىزمەتكارىنىڭ بۇ سۈرلۈك نەزەرىدىن قۇتۇلۇپ كەتكەندەك غۇدۇڭشىدى:
− قولۇڭنىڭ دىيەتىنى مېنىڭ بەرگىنىمنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسەن، مەن بولمىغان بولسام قولۇڭ بۇ چاغقا چولاق بولۇپ قالاتتى…
ئەلى چوڭ يەنە جاۋاب بەرمىدى، ئاچچىق كۈلۈمسىرىدى، قىزاردى، ئاندىن رەڭگى ئۆچتى، تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ بايا بىلىگەن قىڭراقنىڭ ئەڭ چوڭىنى ئالدى. ياغلىشىپ كەتكەن قولىنى گۆش چانايدىغان ئېگىز كۆتەككە قويدى، قىڭراقنى كۆتۈرۈپ قولىنى شۇنداق چاپتىكى، شۇ ئان ئۈزۈلگەن قولىنى ئېلىپ، بۇ ھالنى كۆرۈپ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كەتكۈدەك چەكچەيگەن ھاجى قاسساپنىڭ ئالدىغا پىقىرىتىپ تاشلىدى:
− دىيەتىنى بەرگەن نەرسەڭنى ئالە مانا!
ئاندىن كىيىمىنىڭ قولسىز قالغان يېڭىنى تۈگۈپ، دۇكاندىن چىقىپ كەتتى.
ئۇنىڭ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغىنىنى بۇ شەھەردە ھېچكىم بىلمىگەندەك، قانداق كېتىپ قالغىنىنىمۇ ھېچكىم بىلمەي قالدى.
(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى)

باھا يېزىش