ئىلىم ھەققىدە
1. غايىسىز بولما، غايىسىزلىك ئوت-چۆپتەك قەدىرسىز بولۇش دېمەكتۇر. نېمە مەقسەتتە يارىتىلغانلىقىڭ ھەققىدە ئويلان. كائىنات ئىچىدە ئىنساننىڭ، ئىنسان ئىچىدە سەن مەنسۇپ بولغان ئۈممەتنىڭ، ئۈممەت ئىچىدە ئۆز شەخسىيىتىڭنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈز. ئالىدىغان رولۇڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى ياخشى ئوينىيالمايسەن.
2. ئۆزەڭنى تونۇ. ھەممە ئىش سەندىن باشلىنىدۇ. مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ئالىيسى، ئوق مەركىزى ئىكەنلىكىڭنى ئۇنۇتما. ئىنسان ھەم يول، ھەم يولۇچىدۇر. يولۇچى ئاۋۋال ئۆزىنى تونۇپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى، ئارتۇقچىلىقلىرى، كەمچىلىكلىرى، مەسئۇلىيىتى، ھەقلىرى…نى بىلىپ، ئاندىن ئۆز يولى، نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك.
3. ئىنساننىڭ قانداق مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغانلار ئۆگىنىش قابىلىيىتىنىڭ ئىنساننى ئىنسان قىلىدىغان تۈپ ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى بايقىيالايدۇ. باشقا بارلىق ئارتۇقچىلىقلارنىڭ”بىلىش، بىلمەك“كە باغلىق ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆرەلەيدۇ.
4. جاھىلىيەتتىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچ. ئىلىم ھەقىقىي ئارتۇقچىلىقتۇر. ئىمانمۇ ئىلىم بىلەن، مەرىپەتۇللاھ (ئاللاھنى بىلىش، ئاللاھنى تونۇش) بىلەن باشلىنىدۇ. سېنى ھەقىقەتكە يەتكۈزەلەيدىغان ئىلىم مەنبەلىرىنى ئىزدەپ تاپ، بۇ ”ئوقۇماق“ بىلەن مۇمكىندۇر. ”ئوقۇ“ دېگەن بۇيرۇق ئەڭ باشتا نازىل قىلىنغان بىرىنچى ئايەتنىڭ بىرىنچى سۆزى بولۇپ، بىزگە كەلگەن بىر مۆجىزىدۇر. كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، دىل، زېھىن، قەلب، روھ… لار تامامەن ئوقۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەزالاردۇر. ھالبۇكى، ئوقۇش ھەر خىل بولىدۇ.
5. بىلىمگە ئىگە بولۇش دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا، ئەڭ ياخشى ئىگىدارچىلىقتۇر، چۈنكى بىلىم بىر ئارتۇقچىلىقتۇر.
6. ئەڭ باشتا ئۆزەڭگە كېرەكلىك ئىلىمنى ئۆگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە ھەر قېتىم بىر نەرسە ئۆگىنىشنى باشلىغاندا” بۇ بىلىم ماڭا پايدىلىقمۇ؟“ دەپ سورىشىڭ كېرەك.
7. ئىلىمنى دىنىي ۋە دۇنياۋى ئىلىم دەپ ئىككىگە ئايرىش بىزنىڭچە توغرا ئەمەس. بىر مۇئمىننىڭ دۇنياسى ئۇنىڭ دىنىدىن، ئۇنىڭ دىنى بولسا دۇنياسىدىن ئايرىلمايدۇ. كەسپىي بىلىمىڭ سېنىڭ ”ئىلمى ھالىڭ“(ھاياتىڭغا تەتقبىقلانغان دىنىي بىلىملەر) بولۇپ، ئاخىرەتلىكىڭگە ئائىت بىلىملەرگە ئوخشاشلا زۆرۈر ۋە پايدىلىقتۇر.
8. بىلىم ئىسراپچىلىقىدىن جاھىلىيەتتىن قاچقاندەك قاچ. شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا سىغىنىپ پايدىسىز ئىلىمدىن ساقلىنىشنى تىلىگەن. پايدىسىز ئىلىم زېھنىيەتكە يۈك، ئۇنى تاشلىۋېتىش كېرەك. زېھنىيەتكە چۈشكەن تاش ئۆتكە چۈشكەن تاشتىنمۇ خەتەرلىك . ئۆتكە چۈشكەن تاشنى لازىر نۇرى ئارقىلىق پارچىلىغىلى بولىدۇ، ئەمما زېھنىيەتكە چۈشكەن تاشنى پارچىلاش تەس. ئىلىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئالىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار بىلەرمەنلەر بىلەن ھەقىقىي ئالىمنى، مەمەدانلار بىلەن ئىلىم تەلەپكارىنى ئايرىيالمايدۇ. ھەقىقىي ئىلىم ۋە ئالىمنىڭ سۈپىتىنى ” ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە پەقەت ئالىملارلا ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقىدۇ“ دېگەن ئايەت بويىچە تونۇغىن.
(مۇستاپا ئىسلامئوغلىنىڭ «تەۋسىيەلەر»ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى)

باھا يېزىش